قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1015|ئىنكاس: 0

بىرىنچى ئەۋلاد ۋاڭ ئەبەيدۇللا  ( 4 )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

38

تېما

0

دوست

3137

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   37.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  220
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 744
تۆھپە : 465
توردىكى ۋاقتى: 444
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-21 20:31:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                       1 . پارگىراف . بىرىنچى ئەۋلاد ۋاڭ ئەبەيدۇللا 


       بىرىنچى ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى ئەبەيدۇللا  ( 1697 - يىلىدىن 1709 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان ) .  ئەبەيدۇللا  ۋاڭلىققا تەيىنلىنىپ ئىككىنچى يىلى ( 1698 - يىلى ) چىڭ ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ قۇمۇلدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ، ۋاسساللار مەھكىمىسىنىڭ ئەمەلدارى بورسەي ئارقىلىق ئۇنىڭغا قۇمۇلنى ئىدارە قىلىش تامغىسىنى ئەۋەتىدۇ ھەمدە يامبۇ ، قىزىل تۇغ قاتارلىقلارنى ئىنئام قىلىدۇ . ئەبەيدۇللانىڭ چوڭ ئوغلى گوپا بەگنى 2 - دەرىجىلىك جاساقلىققا تەيىنلەپ ، خوشۇن ئىشلىرىغا ياردەملىشىشكە ، 100 ئەسكەر بىلەن سۇجۇدا تۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ ،  ئەبەيدۇللانىڭ ئىككىنچى ئوغلى
بەچى بەگنىمۇ  2 -  دەرىجىلىك جاساقلىققا تەيىنلەيدۇ . خوشۇندا ، زەڭگى ، ئورۇنباسار زەڭگى ، جارائېرجىن ، سومۇن  زەڭگى ، چەۋەنداز چېرىك دېگەنگە ئوخشاش ئەمەلدارلارنى قويىدۇ . سۇجۇغىمۇ بىر  سومۇن  زەڭگى تەيىنلەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن قۇمۇل خوشۇنىنىڭ تەسكىلىي ئورگانلىرى تەسىس قىلىنىپ بولىدۇ . شۇ يىلى 12 - ئايدا ئەبەيدۇللا بېيجىڭغا سالامغا بارىدۇ .
      كاڭشىنىڭ 39 - يىلى ( 1700 - يىلى ) سېۋىن ئارۇبدان قەشقەرگە قايتا يۈرۈش قىلىپ ، ئاق تاغلىقلارنىڭ باشلىقى مەخمۇتنى مەنسىپىدىن ئېلىپ تاشلاپ ، قارا تاغلىقلارنىڭ باشلىقىنى خان قىلىپ تىكلەپ ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ . ئۇ ، كۆڭلىدە قۇمۇلغا باشتىن - ئاخىر ئۆچمەنلىك ساقلاپ ، قۇمۇلدىن تۇرپانغا بارىدىغان سودىگەرلەرنىڭ مال - دۇنياسىنى دائىم تالان - تاراج قىلىدۇ . قۇمۇل گەرچە چىڭ ھۆكۈمىتىگە ئەل بولغان بولسىمۇ ، لېكىن ئاجىز بولغاچقا ، جۇڭغارلارنىڭ چاڭگىلىغا قايتا چۈشۈپ قېلىش خەۋپى ھەرقاچان مەۋجۇت ئىكەنلىكى چىڭ ھۆكۈمىتىگە ئايدىڭ ئىدى . شۇڭا ئۇ ، بىر تەرەپتىن ،  سېۋىن ئارۇبدانغا قۇمۇلغا پاراكەندىچىلىك سالماسلىق توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرسە ، يەنە بىر تەرەپتىن ، ئەبەيدۇللانىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن ، قۇمۇل سودىگەرلىرىنىڭ گەنسۇ بىلەن سودا = ئالاقە قىلىشىغا يول قويۇپ ، ئۇلارنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقىسىنى كۈچەيتىدۇ .
        كاڭشىنىڭ45 - يىلى ( 1706 - يىلى ) ئەبەيدۇللا ئىچكىرىدىن خەنزۇ ھۈنەرۋەنلەرنى تەكلىپ قىلىپ ، ۋاڭ ئوردىسىنى قايتا ياسىتىدۇ . كاڭشىنىڭ 48 - يىلى ( 1709 - يىلى ) ئەبەيدۇللا ۋاپات بولىدۇ .


              داۋامى بار
   
           مەنبە : قۇمۇل ناھىيىسى تەزكىرىسى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )