بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kadirdolan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-11-20 17:26
خەلق پۇلىدىكى مەسىلە زادى نەدە؟ رۇسوڭ دولان تەرجىمىسى بۈگۈنكى جۇڭگودا، كۆپساندىكى كىشىلەر نەزىرىنى خەلق پۇلى SDR كىرەلەمدۇ-يوق، SDR كىرىپ خەلقئارادا ئاقىدىغان پۇلغا ئايلىنىپ، خەلق پۇلىغا بولغان ئىشەنچنىڭ ئېشىشىنى ئۈمۈد قىلماقتا، راستىنلا مۇشۇ مەقسەتكە يەتكىلى بۇلامدۇ؟ بۇناھايىتى چوڭ گۇمانىي مەسىلە، SDR كىرگەن ياپونىيە يىننىڭ يېقىنقى 3 يىلدىن بۇيان %50 يېقىن قىممىتى چۈشۈپ كەتتى، ياۋرۇنىڭ بۇيىل زور ھەجىمدەقىممىتى چۈشتى، SDR كىرمىگەن شىۋېتسارىيە فرانكى، ئۆتكەنكى نەچچى ئون يىل ئىچىدەئىزچىل قىممىتى مۇقۇم پۇل دەپ قارىلىپ ھەرقانداق ۋاقىتتا تولۇق ئىشەنچكە ئىگەبولدى. چەتئەللىكلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىدىغىنى پۇلنىڭ قىممىتى، پۇل قىممىتىنىڭ مۇقۇم بولۇش-بولماسلىقى، بۇ نوقتىدىن قارىغاندا، چەتئەللىك بىلەن جۇڭگولۇقنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق، ئەجنەبىيلەر ئېتىراپ قىلغان پۇلنىڭ قىممىتى مۇقۇملىقىقا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئەكسىچە، ئىچكى قىممىتى تۇراقسىز بولسا، ئەجنەبىيلەر تۆكمە قىلىپ ساتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، SDR كىرىشنىڭ ئابرۇيپەرەسلىكتىن باشقا ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق،نۆۋەتتە ھەلقىلىشقا تىگىشلىكى خەلق پۇلىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مەسىلە، ئىچكى مەسىلەھەلبولغاندىن كېيىن، ئاندىن خەلقئارا پۇل-فوندى تەشكىلاتىغا كىرەلەيدۇ. دۆلەت تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىشىچە « 2015-يىلى ئالدىنقى 3 پەسىلدە، ئىلىمىزنىڭ دائىملىق ھېساباتتىكى ئاكتىپ بالانىس 396 مىليارد 700 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۇدائىككى پەسىل تۆۋەنلىگەن ( 1-پەسىلدىكى ئاكتىپ بالانىس 463 مىليارد 700 مىليون يۈەن، 2-پەسىلدىكى ئاكتىپ بالانىس 447 مىليارد يۈەن )؛ كاپىتال ۋە پۇل مۇئامىلە ھېساباتىدىكى پاسسىپ بالانىس 396 مىليارد 700 مىليون يۈەن بولغان ( 1-پەسىلدىكى پاسسىپ بالانىس109 مىليارد 900 مىليون يۈەن، 2-پەسىلدىكى پاسسىپ بالانىس 248 مىليارد 200 مىليون يۈەن)؛ بۇيىل كىرگەندىن بۇيان ئۇدا ئىككى پەسىل كېڭەيگەن، بۇنىڭ ئىچىدە، غەيرىي زاپاس خاراكتىرلىك پۇل-مۇئامىلە ھېساباتىدىكى پاسسىپ بالانىس 1 تىرلىيون 401مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇپ، زاپاس مۈلۈك 1 تىرلىيون 4 مىليارد 600 مىليۇن يۈەن ئازايغان. 2015-يىلى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، ئىلىمىزنىڭ دائىملىق ھېساباتتىكى ئاكتىپ بالانىس 1 ترلىيون307 مىليارد 500 مىليۇن يۈەن، كاپىتال ۋە پۇل مۇئامىلە ھېساباتىدىكى پاسسىپ بالانىس 754 مىليارد 800 مىليون يۈەن بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە، غەيرىي زاپاس خاراكتىرلىك پۇل-مۇئامىلە ھېساباتىدىكى پاسسىپ بالانىس 2 تىرلىيون 173 مىليارد 800مىليون يۈەن بولۇپ، زاپاس مۈلۈك 1 تىرلىيون 416 مىليارد 900 مىليۇن يۈەن ئازايغان. دوللاربۇيىچە ھېساپلىغاندا، 2015-يىلى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، ئىلىمىزنىڭ دائىملىق ھېساباتتىكى ئاكتىپ بالانىس 63 مىليارد400 مىليۇن دوللار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، سودا ئاكتىپ بالانىسى 1 تىرلىيون 590مىليارد 100 مىليون دوللار، مۇلازىمەت پاسسىپ بالانىسى 66 مىليارد 400 مىليون دوللار، تۇنجى كىرىم پاسسىپ بالانىسى 23 مىليارد 600 مىليون دوللار، ئىككىلەمچى كىرىم پاسسىپ بالانىسى 5 مىليارد 700 مىليون دوللار بولغان. كاپىتال ۋە پۇل-مۇئامىلە ھېساباتىدىكى پاسسىپ بالانىس 63 مىليارد 400 مىليون دوللار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، كاپىتال ھېساباتى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭلاشقان، غەيرىي زاپاس خاراكتىرلىك پۇل-مۇئامىلە ھېساباتىدىكى پاسسىپ بالانىس 2 تىرلىيون 230 مىليارد 900مىليون دوللار بولۇپ، زاپاس مۈلۈك 1 تىرلىيون 60 مىليارد 500 مىليۇن دوللارئازايغان. ھازىرقى مەسىلىنى تەھلىل قىلىپ باقايلى: جۇڭگونىڭ خەلقئارا كىرىم-چىقىم تەڭپۇڭلىقىدىكى ئاساسلىق ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى سودا تۈرى،ئالدىنقى 3 پەسىلدە، سودا ئاكتىپ بالانىسى 4 تىرلىيون 150 مىليارد 700 مىليون دوللار بولغان، بۇنىڭدا خەلقئارا باھا چۈشۈشنىڭ كۆپ يارىدىمى بولغاچقا،ئىمكانىيەتلىك سىجىل ھەرىكەت ھىساپلانمايدۇ؛ ئۇندىن باشقا، جۇڭگو ئىقتىسادىي ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرىش شەكلىدە بولغاچقا، تۈزۈلمە ئاستىدا شەكىللەنگەن سودا ئاكتىپ بالانىسى چەكلىك بۇلىدۇ ۋەئېكىسپورت تۇۋارلىرىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ھەقىقى ئەكىسئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. مەسىلەن،بۇيىل كىرگەندىن بۇيانقى پۇلات-تۆمۈر ئېكىسپورتنىڭ ئېشىشىنى مىسالغا ئالساق، بۇيىل كۆپ قىسىم پۇلات-تۆمۈر كارخانىسى زىيان تارتقان بولسىمۇ، لىكىن ئېكىسپورت ئاشتى،بۇ پۇلات-تۆمۈر كارخانىسىنىڭ رىقابەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرغانلىقىدىن ئەمەس بەلكى ھۆكۈمەتنىڭ يارىدەم پۇلى تىرەك بولغانلىقىنى، ئېكىسپورتنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق بىرقىسىم ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەلقىلغاندىن باشقا، كارخانىغا ئەمەلىي پايدا ئېلىپ كەلمىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، شۇڭا سودا ئاكتىپ بالانىسىدىن خۇشال بۇلۇشقا ئەرزىمەيدۇ، بۇ خەلقئارادىكى ھەقىقى رىقابەت كۈچىنى ئەكىس ئەتتۇرمەيدۇ؛ بۇخىل ئاكتىپ بالانىس مالىيە بېسىمىنى ئاشۇرۇپ، پۇلنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مەسىلىنى ئاشۇرۋېتىدۇ. مۇلازىمەت ۋە كاپىتالدىكى پاسسىپ بالانىسنىڭ شەكىللىنىشى ئوخشاش. بىر دۆلەت مۇلازىمەت تۈرىنىڭ ئاكتىپ بالانىس شەكىللەندۈرىشى ۋە شەكىللەندۈرەلمەسلىكى،جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسى ۋە باشقۇرۇش سەۋىيەسىگە باغلىق بۇلىدۇ؛ ئالدىنقى3 پەسىلدە، مۇلازىمەت پاسسىپ بالانىسى 1 تىرلىيون 600 مىليارت 900 مىليون دوللاربولغان بولسا، 3-پەسىلدىكى مۇلازىمەت پاسسىپ بالانىسى 66 مىليارد 400 مىليون دوللار بولۇپ، داۋاملىق كېڭىيىشكە يۈزلەنگەن. پۇقرالارغابىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغان ساياھەتچىلىكنى مىسالغا ئالساق، جۇڭگو ۋە چەتئەلدىكى مەشھۇر ساياھەت نوقتىللىرىنىڭ ئىشىك بېلىتىدىكى باھا پەرقى ۋەمۇلازىمەت-باشقۇرۇشتىكى يۇچۇقلار ئاللىقاچان ناھايىتى ئېنىق بولدى ( دانىسى 30يۈەنلىك چوڭ راك بۇنىڭغا مىسال بۇلالايدۇ )؛ ئەگەر يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئادىمىيەت ۋەجۇغراپىيىلىك مەنزىرە نوقتىسىدىكى مونوپوللىق ئەۋزەللىگىگە تايىنىپ داۋاملىق باھائۆستۈرۈپ، ئەكسىچە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ياخشىلىمىسا، پاسسىپ بالانىس يەنە كېڭىيىدۇ. بۇنىڭ تۈپكى سەۋەبى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھوقۇقى زىيدە چوڭ، خالىغانچە باھا ئۆستۈرىدۇ، پەقەت قانۇننى ئۆلچەم قىلغان مۇكەممەل بولغان ئىسپات ئاڭلاش تۈزۈمىنى تۇرغۇزۇپ، باھائۆستۈرىش بىلەن مۇلازىمەت سۈپۈتىنى ئۆستۈرىشنى ئۆزئارا باغلاپ، 3-تەرەپنىڭ باشقۇرىشىنى يولغا قويغاندا، ئاندىن ھوقۇقنىڭ قول تىقىشىنى چەكلەپ، رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرغىلى بۇلىدۇ. كاپىتالغاقاراپ باقايلى، نېمە ئۈچۈن كاپىتال ئېقىپ كىتىدۇ؟ گەرچە ئېكىسپورتتا ئاكتىپ بالانىس بولسىمۇ، بىراق بۇ تۇۋارنىڭ خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ،كۈرىۋاتقىنىڭىز بۇرمىلانغان ھادىسە؛ نۇرغۇنلىغان پۇقراۋى كارخانا ۋە چەتئەل مەبلەغ كارخانىسىغا مالىيە يارىدىمى يوق، تۇۋارلىرى خەلقئارادىكى رىقابەت كۈچىنى يۇقاتقاچقا، كاپىتال ئېقىپ كەتمەكتە. كاپىتال ئېقىپ كەتكەندىن كېيىن، ھۆكۈمەت مالىيە تۇلۇقلىمىسى ئارقىلىق ئېكىسپورتنى قوللىسىمۇ، بىراق ئاخىرىدا مالىيە بەرداشلىق بېرەلمەي، خەلق پۇلىغا ئېغىر بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ، بۇخىل ئۇسۇل ئىنتايىن خاتا. پەقەت ئېكىسپورت قىلىدىغان تۇۋار ئادىل، تەڭپۇڭ، يېتەرلىك رىقابەت ئاستىدا شەكىللەنگەن سودا ئاكتىپ بالانىسىنىڭ ئەھمىيىتى بۇلىدۇ، بۇۋاقىتتا تەتۈر ئايلىنىشچان كاپىتال ئېقىپ كىتىدۇ. كاپىتالنىڭ ئېقىشى، ماھايەت جەھەتتە تۇۋارنىڭ خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى يۇقاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بۇۋاقىتتىكى سودا ئاكتىپ بالانىسى ( مالىيە تۇلۇقلىمىسى ۋە باھا چۈشۈش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە شەكىللەنگەن ) بۇ نوقسانلارنى ياپالمايدۇ. بەزى دوستلار، دۆلەت ئىچىدىكى خەلقئارا كاپىتال ( كەسپ تۈرلىرى ۋە پۇل-مۇئامىلە تۈرلىرى) ئېقىپ كەتسە، مەركىزىي بانكا تاقابىل تۇرالماي، پەقەت ئالتۇن سېتىشتەك پاسسىپ ۋەزىيەتكە دۇچار بۇلارمۇ؟ دەپ گۇمان قىلماقتا. ئەمەلىيەتتە،بۇمەسىلە ئۇنچە مۇرەككەپ ئەمەس، دۆلەت ئىچىدە قانچىلىك خەلقئارالىق كەسپ كاپىتالى ۋە پۇل-مۇئامىلە كاپىتالىنىڭ بارلىقىنى، مەركىزىي بانكا ئېنىق بىلىدۇ، سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق قۇلىدىكى خەلقئارا ھەركەتچان زاپاس كاپىتال ئارقىلىق لاھىيە تۈزگەچكە،ئادەتتە ئېغىر ۋەزىيەت كۆرۈلمەيدۇ، پەقەت مەركىزىي بانكا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئارىفمېتىكىلىق ھېساپلاش ئۇسۇلىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويغان خالاس. ئەڭ ئېغىرمەسىلە شۇكى، خەلقئارا كاپىتالنىڭ ئېقىشى، دۆلەت ئىچىدىكى تۇۋار ۋە مۇلازىمەتتىكى ئېكىسپورت رىقابەت كۈچىنىڭ يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى، كاپىتال سېلىنما پايدىسىنىڭ زىيادە تۆۋەن ئىكەنلىكىنى، خەلق پۇلى كاپىتالىنىڭ خالىغان ۋاقىتتا ئېقىپ كىتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ؛ مەركىزىي بانكا دۆلەت ئىچىدىكى مۈلۈك باھاسى ۋەئىقتىسادىي ئېھتىياجنى قوغداش ئۈچۈن، دۆلەت ئىچىدىكى خەلق پۇلىنىڭ ئېقىشچانلىقىنى ساقلاشقا توغرا كىلىدۇ ۋە ئۆزىدىكى خەلقئارا زاپاس كاپىتال كۈچلۈك زەربىنى شەكىللەندۈرىدۇ، بىرتەرەپتە غايەت زور خەلق پۇلىنىڭ ساقلىنىشى، يەنە بىرتەرەپتەچەكلىك خەلقئارا كاپىتالنىڭ ساقلىنىشى، كەلگۈسىدىكى مەسىلىنىڭ مەركىزىي نوقتىسىدۇر. بۇ خەلق پۇلى كاپىتالىنى، بىرقانچە قىسىمغا ئايرىشقا بۇلىدۇ، بىرىنچىسى خەۋپتىن ساقلىنىش كاپىتالى، نۇرمال كىرىمنى خەۋپتىن ساقلاشنىڭ ئەيىپلىگۈچىلىكى يوق،بۇنى قانداقتۇر ۋەتەنپەرۋەرلىك نوقتىسىغا كۈتۈرىشنىڭ زۈرۈرىيىتىمۇ يوق. ئىككىنچىسى قارا كاپىتال، مەسىلەن خىيانەت قىلغان، پارا ئالغان پۇللار، بۇقىسىم كاپىتالغازەربەبىرىشتە چۇقۇم قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. ئۈچۈنچىسى سانائەت كاپىتالى، پۇقراۋى كارخانا كاپىتالىنىڭ ئېقىشىغا زەربە بەرمەي چەك قۇيۇش كېرەك، زەربە بەرسەك بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ كىلىش مەنبەسى قانۇنلىق بولغاچقا،ئۇنى ھەلقىلىشنىڭ چارىسى مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ياخشىلاشتۇر، ناۋادا زەربە بەرسەك باشقا يوللار ئارقىلىق ئېقىپ كىتىدۇ. باشتىن ئۆتكەن ئەمەلىي مىساللارنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، 1945-يىلى فابى پۇلى (1935-يىلدىن كېيىن گومىنداڭ تارقاتقان قەغەز پۇل ) نى ۋەيران قىلغىنى قانداقتۇرخەلقئارا كاپىتال ئەمەس بەلكى پۇلنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغۇچىلاردۇر؛ رۇبلىنى ۋەيران قىلغىنى خەلقئارا كاپىتال ئەمەس بەلكى ئۆزدۆلىتىدىكى رۇبلىنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغۇچىلاردۇر. ھەرقانداق دۆلەتنىڭ مەركىزىي بانكىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، خەلقئارا كاپىتالغا تاقابىل تۇرۇش باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئارىفمېتىكا ھېساباتىدەكلا ئاددىي بولسىمۇ بىراق دۆلەت ئىچىدىكى پۇلنى ئۆز ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغۇچىلارغا نىسبەتەن دېففېرېنسىئال ۋەئىنتېگرالدەك مۇرەككەپ، ئەينى ۋاقىتتا سوڭ زىۋېن ئەپەندى، زۇڭتوڭ مۇگابى ۋە يولداش پۇتىنلار مۇشۇ مەسىلىدە يېڭىلگەن ئىدى. بۇۋاقىتتا، بەزى ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەر ئايرىباشلاش نىسبېتىگە چەك قويۇش ئارقىلىق ئېغىر ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرغان بولسىمۇ بىراق قاراڭغۇ بازارنىڭ پەيدا بۇلىشى پۇلنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغۇچىلارنى ساراسىمىگە سالغان ئىدى، ئاقىۋېتى قانداق بولدى؟سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، 2009-يىلدىن بۇرۇنقى زىمبابۋې ۋە 1945-يىلدىكى جاڭ جېشىغاقاراپ باقايلى، قانداق ئاقىۋەتكە قالغانلىقىنى بىلەلەيمىز. شۇڭا، بەزى ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ ھېسىياتقا بېرىلىپ ھۆكۈمەتنى تاشقى پېرېۋۇتنى باشقۇرشقاتەۋسىيە قىلىشى ئىچكى مەسىلىنى ھەلقىلالمايدۇ، ئۇلارنىڭ بۇخىل تەكلىپنى بېرىشى ۋەتەنپەرلىكمۇ ياكى شەخسىيەتچىلىكمۇ بېلمىدىم، ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ قىلغىنى دۆلەتنى ۋە ھۆكۈمەتنى تۇيۇق يولغا باشلايدۇ. شۇڭلاشقا،بۈگۈنكى مەسىلە شۇكى، SDR كىرىش-كېرەلمەسلىك مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى تاشقى پېرېۋوتنى مۇۋاپپىق باشقۇرۇپ، جەمئىيەت باشقۇرۇش سەۋېيىسىنى ياخشىلاپ، مۇلازىمەت ۋە تۇۋارنىڭ خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش مۇھىمنىڭ مۇھىمى، شۇنداقلا خەلق پۇلىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرىشنىڭ تۈپ ئاساسىدۇر؛ پېقىر باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇمەسىلىگە ئەھمىيەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، مەسىلىنى توغرا ھەلقىلىش، دۆلەت ئۈچۈن بەخت.
|