- تىزىملاتقان
- 2011-1-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-10-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 601
- نادىر
- 0
- يازما
- 26
ئۆسۈش
20.2%
|
يەلپۈنۈپ ئۆتكەن تاڭ شاماللىرى
بىردەم قېشىمدا توختاپ ئۆتۈڭلار،
يۈرەك زارىنى، ئاھ ۋە دەردىنى
مەرھەمەت ئەيلەپ ئاڭلاپ ئۆتۈڭلار!
ئېشىپ تاغلاردىن بېرىپ يەتكەندە
تەڭرى تېغىنىڭ ئېتەكلىرىگە،
يىپەك رومالدەك قولۇڭلار تەگسۇن
دەرت يېشى تامغان ئېڭەكلىرىگە.
تەسەللى ئوقۇپ،دەردىگە دەرمان،
غەيرەت قوشۇڭلار غەيرەتلىرىگە،
مۇڭلۇق سالاملار بېرىپ ئېيتىڭلار
دەردمەن گۈللەرنىڭ چېچەكلىرىگە!
تاڭ ئاتىدۇ دەڭ،چېلىش قاينىغاچ،
ئىلى سۇلىرى دولقۇن ياسىغاچ.
دولقۇنغا ئېيتىڭ توختىماي ئۇرسۇن،
دولقۇننىڭ ۋاقتى قاراپ تۇرمىسۇن.
يىللاردىن بېرى تەۋرىگەن دېڭىز،
ئەمدى ۋاقتىدۇر ئوبدان ئېيتىڭىز.
قۇربانسىز دەۋا بولمىغاچ ھېچ چاغ،
بىز دەۋاقىلىپ،قانمىغان ھېچ چاغ.
مەنمۇ ياسايمەن تېلەكلىك دولقۇن،
ئۆزەمگە لايىق سالىمەن شاۋقۇن.
شائىر تىلەيدۇ شۇنداق تىلەكنى،
خيالدىكى ئۇ بىر كېلەچەكنى.
يەلپۈنۇپ ئۆتۈڭ تاغلار بېشىدىن،
تاغلاردىن ئۆتكەچ جەڭچى قېشىدىن.
مەنمۇ راسلىدىم ئۆتكۇر قىلىچىم،
ئۆتەشكە تەييار ئۇلۇغ بۇرچۇم!
1945-يىلى 15-ئىيۇن ، لەنجۇ
ئابدۇرېھىم تىلەشوپ ئۆتكۈر |
|