- تىزىملاتقان
- 2014-12-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8291
- نادىر
- 0
- يازما
- 840
ئۆسۈش
65.82%
|
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يىزا تاشيوللىرى ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇغىدا ئاسفالىتلاشتۇرۇلۇپ كەڭ دېھقان ئاممىسىغا زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. بۇ ھەقتە پارتىيە-ھۆكۈمەتكە قانچە رەھمەت ئېيىتساق ئەرزىيدۇ. ئەمما بۈگۈن كونىشەھەر ناھيىسىنىڭ زەمىن يىزىسىغا مەلۇم تونۇشۇمنىڭكىگە تويغا چىقتىم، قايتىشىمىزدا قەشقەر دەريا باشقارمىسىنىڭ لەڭگەر سۇ تەقسىملەش پونكىتىدىن ئۆتۈپ شەرىققە سوزۇلۇپ قەشقەر شەھرىگە تۇتاشقان يىزا يولى بىلەن كەلدۇق. سەپەر داۋامىدا قەشقەر پاختەكلە يىزىسىنىڭ 4-كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىدىن ئۆتكەندىن كىيىن يولنىڭ ھەر يۈز مېتىرىغا سۈنئىي تېزلىك كېمەيتىش توساقلىرىنمىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىغىنى بايقىدۇق. توساقلار پارچە - پۇرات كىسەك پارچىلىرى، شاخ-شۇمبا، تاش- توقماقلاردىن ھاسىل قىلىنغان ئىدى. ماشىنا ھەيدەۋېتىپ ئەڭ ئاخىرىقى توساققا كەلگەندە، قارشى تەرەپتىن كەلگەن ماشىنىنىڭ كۈچلۈك چىراق نۇرىدا ماشىنامنىڭ ئالدى بالونى ئ.اشۇنداق كىسەك پارچىسىدىن ھاسىل قىلىنغان توساققا ئۇرۇلۇپ يېرىلىپ كەتتى، ماشىنىمى تېز ئەمەس ئىدى. بىز دەرھال شۇ ئەتراپتىكى دېھقان ئايالدىن ئەھۋال ئىگەللىسەك كەنت ئاھالىلار كومىتېتىدىكىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن قويۇلغانلىغىنى ئېيىتتى، بىز كەينىمىزگە ئىككى كىلومېتىرچە قايتىپ كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى قوروسىغا كىردۇق، بىزنى پاختەكلە يىزىسىنىڭ 4-كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكىرتارى كۈتۈپ ئالدى، ھەمدە ئىنكاس قىلغان ئەھۋالغا قارىتا بۇ ئىشنى بىر سائەت بۇرۇن يىزىلىق مۇقۇملۇق ئىشخانىسىدىن ئورۇنلاشتۇرغانلىغى سەۋەپلىك شۇ توساقلارنى ھاسىل قىلغانلىغىنى ئېيتتى. بىز قايتىپ پاختەكلە يىزىلىق ھۆكۈمەتكە كېلىپ دەرۋازا ئالدىدىكى ئامانلىق ساقلىغۇچىلارغا ئېيىتقاەندىن كىيىن يىزا رەھبەرلىرى ئالدىمىزغا يىزىنىڭ شوپۇرىنى چىقىرىپتۇ، بىز ئەھۋالنى ئېيىتقاندىن كىيىن بۇ ئىشنى يىزىلىق مۇقىملىق ئىشخانىسىغا ئىنكاس قىلىشىمىزنى نئېيىتتى، ھەمدە ئالاقىدار خادىمنىڭ ئىشخانىسىنى كۆرسىتىپ قويدى. ئىشخانىغا كىرسەم شىياۋ فامىلىلىك مەسئۇل يولداش بار ئىكەن ، مەن بولغان ئەھۋالنى ئېيتىپ تۈز يولغا شۇنداق يوشۇرۇن توساق پەيدا قىلىشقا كىم رۇخسەت قىلدى؟ دەپ سورىسام 2008-يىلى شۇ يولدا قاتناش ھادىسسى يۈز بەرگەن شۇڭا مەن شۇنداق ئورۇنلاشتۇرغان دەپ مېنى قايىل قىلدى. شۇنى سوراپ باقسام: مۇشۇنداق ئەمەلدارلار ئادەتتە پەۋقۇلئاددە ئەھۋال يۈز بەرمىگەن شارائىتتا كەنت يوللىرىغا خالىغانچە شۇنداق توساقلارنى قۇرۇش ھوقوقىغا ئىگىمۇ؟ مېنىڭ يېرىلىپ كەتكەن بالونۇمنى ئۇلار تۆلەمدۇ يوق؟
|
|