قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 3520|ئىنكاس: 3

يەنە تۇرپاننىڭ تارىختىكى ناملىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

2

دوست

6377

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   27.54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28327
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 2162
توردىكى ۋاقتى: 365
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-22 01:34:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ahmatjantarimi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-22 14:02  

يەنەتۇرپاننىڭ تارىختىكى ناملىرى توغرىسىدا

ئەخمەت مۆمىن تارىمى(نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئىنستىتۇتىنىڭ دوكتۇرانتى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى)

تۇرپان ــــ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ماكانلىرىدىن بىرى. بۇ ماكاندا ئەجداتلىرىمىز قەدىمدىن تارتىپ ياشاپ ، ئاۋۇپ كەلگەن. بۇ ماكان يىپەك يولىدىكى مۇھىم تۈگۈن بولۇش سۈپىتى بىلەن دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىققا باب كېلىدىغان ئەۋزەل تەبىئىي شارائىتى، ئەتراپتىكى رايونلارنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان مۇھىم ئىستىراتېگېيىلىك ئورنى ۋەجىدىن ئۇزاق تارىختا باشقا خەلقلەرنىمۇ ئۆزىگە جەلىپ قىلغان ھەم ئەتراپىدىكى ھاكىمىيەتلەرنىڭ تالىشىش ئوبېكتى بولۇپ قالغان. مۇشۇ بىر قاتار ئامىللار ۋەجىدىن بۇ ماكان تارىختا ھەرخىل ناملار بىلەن ئاتالغان. بۇ ناملار توغرىسىدا ئۇزاق يىللاردىن بېرى نۇرغۇن تەتقىقاتلار قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما تەتقىقات ئۇسۇلى، خاھىشى، يۆنىلىشى جەھەتتىكى پەرقلەر تۈپەيلىدىن بۇ توغرىدا ئوخشاش بولمىغان قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. كونكىرىتراق ئېيتقاندا، بەزى ناملار توغرىسىدا پىكىر بىردەك بولسىمۇ، ئەمما بەزى ناملار توغرىسىدا پىكر بىردەك ئەمەس. يەنە كېلىپ بىردەك بولمىغان پىكىرلەرئوتتۇرىسىدا خېلىلا زور ئىختىلاپلار مەۋجۇت. بۇ، كىشىدە تۇرپاننىڭ تارىختىن بۇيانقى ناملىرىغا قارىتا گاڭگىراش پەيدا قىلىپ قويىدۇ. ئەمەلىيەتتە، تۇرپاننىڭ تارىختىكى ناملىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش يالغۇز يەر نامى ئۈستىدىكىلا ئىزدىنىش بولماستىن، بەلكى تېخىمۇ مۇھىمى مۇشۇ ماكاندا ياشىغان خەلقلەر، مۇشۇ ماكاندا پەيدابولغان مەدەنىيەت، مۇشۇ ماكاندا قۇرۇلغان ياكى مۇشۇ ماكانغا ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكەن ھاكىمىيەتلەر ئۈستىدىمۇ ئىزدىنىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تۆۋەندە تۇرپاننىڭ تارىختىكى ناملىرى، بۇ جەھەتتىكى بەزى قاراشلار ۋە بۇ توغرىدىكى خۇلاسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمىز.
ئۇزاق يىللاردىن بۇيان تەتقىقاتچىلار تۇرپاننىڭ تارىختا «تۇرپان» دەپ ئاتالغاندىن باشقا، «قوش»(姑师)، «قۇچۇ»(火州،霍州،和卓،和州،和绰)،«قارا قۇچۇ»(哈剌和卓)،«گاۋچاڭ»(高昌)،«شىجۇ»(西州)، «ئىدىقۇت» دەپ ئاتالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇلارنىڭ بۇھەقتىكى قاراشلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. «تۇرپان» قەدىمكى خەلق تۇخارلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ سۆز تۇخارچە «چوڭ شەھەر» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، دېگەن قاراش. بۇ پىكىرنى ئەركىن ئىمىننىياز قۇتلۇق ئەپەندى «تۇرپاننىڭ تارىختىكى ناملىرى ۋە قۇچۇ ئاتالغۇسى توغرىسىدا يېڭىچە ئىزدىنىش» دېگەن ماقالىسىدەئوتتۇرىغا قويغان(1). مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان يەنە بىر قاراشنى ئابلىكىم ئابدۇرەشىد ئەپەندى ئۆزىنىڭ «تۇرپان نامىنىڭ ئېتىمولوگىيەسى توغرىسىدا قايتا ئويلىنىش» دېگەن ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ توغرىدا مۇنداق دېگەن:« …پروففېسور بېيلېي(HaroldBailei):  ‹ سىتايىل خولىستايىن پۈتۈكى › دە ئۇچرايدىغان‹تۇرپانا› (Turpana) دېگەن نام druva-pana دىن ئۆزگەرگەن، بۇنىڭ مەنىسى ‹ بىخەتەر قوغدىلىنىدىغان، تام بىلەن قورشالغان › دېگەن بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. مېنىڭچە بۇ بىر ناھايىتىمۇ ئەھمىيەتلىك كۆز قاراش .... خوتەن ساك تىلىدا druva      (پۇختا، مۇستەھكەم ) دېگەن سۆز بار بولۇپ ،بۇ سۆز ‹ ئاۋستا› دا dra  , drvatat   شەكلىدە ئۇچرايدۇ... خوتەن ساك تىلىدا  ‹تۇرپان › (Tur-pan) دىكى  pan بىلەن ئاھاڭداش بولغان  vana دېگەن سۆز بار بولۇپ ، مەنىسى ‹ئولتۇراق جاي›دېگەن بولىدۇ، بۇ سۆزنىڭ تومۇرى van  بولۇپ، مەنىسى  ‹ قورشىماق، ئورىماق›، بۇ سۆز  ‹ ئاۋستا› دا    vana    ( قورشالغان، ئورالغان) شەكلىدە ئۇچرايدۇ...ئەگەر بىز يۇقىرىقى مەنبەلەردىكى druva  (پۇختا، مۇستەھكەم ) بىلەن   vana   (ئولتۇراق يەر،قورشاۋ،تام) نى بىرلەشتۈرسەك ،ئۇھالدا  dru-van   ‹ بىخەتەر تۇرالغۇ،مۇستەھكەم تام، بىخەتەر قورشاۋ› دېگەن خۇلاسىگە ئىگە بولىمىز....‹ تۇرپان› نامى تارىم ۋادىسىدا ياشىغان قەدىمكى خەلقلەردىن بولغان تۇخارلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ياكى فونىتىكا جەھەتتىن تۇخار بىلەن بىردەكلىككە ئىگە بولۇپ، ...سىمانتىكىلىق مەنىسى ‹بىخەتەر تۇرالغۇ، مۇستەھكەم قورغان، بىخەتەر شەھەر› دۇر»(2) .ئەمەلىيەتتە ئەركىن ئىمىننىياز قۇتلۇق ئەپەندى بىلەن ئابلىكىم ئابدۇرەشىد ئەپەندى«تۇرپان» نامىنىڭ مەنىسى ئۈستىدە ئوخشاش دېگۈدەك يەكۈن چىقارغان.
2. «قوش» تۇرپاننىڭ ئەڭ قەدىمكى نامى بولۇپ، بۇنىڭدىن تەخمىنەن 2500 يىل ئىلگىرى بۇ يەردە ياشىغان خەلقلەر ــ قوشلار قوش خانلىقىنى قۇرۇپ، مىلادىيە 450-يىلى تارىخ سەھنىسىدىن چۈشكەن، ئۇلارنىڭ بۇ تەۋەررۈك نامى تۇرپانغا مىراس قالغان، دېگەن قاراش. بۇ پىكىرنى قاسىم خوجا ئەپەندى «تۇرپان تارىخىدىكى بەزى يەر ناملىرى توغرىسىدا» دېگەن ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان(3) .
3. «قۇچۇ ـــئۇيغۇرشەھەرلىرىدىن بىرىنىڭ ئېتى، بەزىدە ئۇ يەردىكى شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى شۇ نام بىلەن ئاتىلىدۇ» دېگەن قاراش. بۇ پىكىر ئۇلۇغ تىلشۇناس ئالىم مەھمۇد كاشغەرىنىڭ «دىۋانۇلۇغاتىت تۈرك» تە ئوتتۇرىغا قويۇلغان(4).ئەپسۇسكى ئالىم ئەسىرىدە «قۇچۇ»دېگەن نامغا ئىزاھات بەرمىگەن.
4. «گاۋچاڭ» ـــ تۇرپاننىڭ قەدىمكى خەنزۇچە نامى بولۇپ، مىلادىيەدىن بۇرۇن غەربىي خەن سۇلالىسى لەشكەرلىرى ھەربىي ئېھتىياج تۈپەيلىدىن بۇ يەردە بىر قورغان ياسىغان، بۇ قورغان«گاۋچاڭ قورغىنى»(高昌壁)دېيىلگەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ يەر «گاۋچاڭ» دەپ ئاتالغان، «قۇچۇ» دېگەن نام مۇشۇ نامدىن كېلىپ چىققان، دېگەن قاراش. بۇ پىكىر تيەن ۋېيجياڭ ئەپەندىنىڭ «قۇچۇئۇيغۇرلىرى تارىخى» دېگەن ئەسىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان(5). قاسىم خوجا ئەپەندىمۇ «تۇرپان تارىخىدىكى بەزى يەر ناملىرى توغرىسىدا» دېگەن ماقالىسىدە بۇ قاراشنى قۇۋۋەتلىگەن.
5. «ئىدىقۇت» ـــ قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئالىي ھۆكۈمرانىنىڭ نامى بولۇپ، «مۇقەددەس بەخت ئىگىسى»دېگەن مەنىدە، تۇرپان ئەينى ۋاقىتتا ئىدىقۇت شەھىرى دەپ ئاتالغان، بۇ نام ئەمەلىيەتتە يەر نامى ئەمەس، دېگەن قاراش. بۇ پىكىرنى قاسىم خوجا ئەپەندى «تۇرپان تارىخىدىكى بەزى يەر ناملىرى توغرىسىدا» دېگەن ماقالىسىدە ناھايىتى ئىشەنچلىك دەلىل - ئاساسلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان(6) .
ئۇنداقتا، بۇ ناملارنىڭ قانداق تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى بار؟ بۇ ناملار تۇرپاننىڭ تارىخىي مۇساپىسىگە ماس كېلەمدۇ؟ بۇ ناملار ئارىسىدىكى باغلىنىش زادى قانداق؟
شۇنىسى ئېنىقكى،مەلۇم بىر مىللەت ياكى يەر نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى سۈرۈشتۈرۈشتە، مۇنداق ئۈچ تەرەپنى، يەنى شۇ يەردە ياشىغان مىللەتنىڭ ئەسلى ئاتىشىنى، باشقىلارنىڭ ئاتىشىنى ۋە بۇ ئىككى خىل ئاتاشنىڭ يىغىندىسىنى نەزەرگە ئېلىش كېرەك. لىن مېيسۇننىڭ «  تۇخارلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە كۆچۈشى  »ناملىق ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويغىنىغا قارىغاندا، ھازىرغىچە بايقالغان تارىخىي يازما ماتېرىياللاردىن ۋە ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلما ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مىلادىيەنىڭ ئالدى – كەينىدە شەرىقتەئوردۇس دالاسى، كۆكنۇر (چىڭخەي)، گەنسۇ، قۇمۇل، تۇرپاندىن غەربتە قارا شەھەر،كۇچاغىچە بولغان جايلاردا تۇخارلار ياشىغان. تۇرپان ئويمانلىقىدىكى غۇزلار تۇخارلاردىن بولۇپ (7)،ئۇلار يەنە «قوشلار» دېيىلگەن. «قوشلار» بىلەن «غوزلار» بىر خىل نامنىڭ خەنزۇ تىلىدىكى ئوخشاش بولمىغان ئىپادىلىنىشى بولۇپ، قەدىمكى دەۋردىكى تەلەپپۇزى ئوخشاش ئىدى(8). بۇنىڭدىن بىلگىلى بولىدۇكى، تۇرپان ئويمانلىقىدا ئەڭ دەسلەپ تۇخارلار (جۈملىدىن غوزلار) ياشىغان ئىكەن، بۇ جاينىڭ دەسلەپكى نامىمۇ چوقۇم تۇخارچە بولىدۇ. مۇشۇنىڭدىن قارىغاندا، يۇقىرىدىكى بىرىنچى خىل قاراشنى، يەنى  «تۇرپان قەدىمكى خەلق تۇخارلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ سۆز تۇخارچە ‹چوڭ شەھەر› دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ»، «تۇرپان نامى تارىم ۋادىسىدا ياشىغان قەدىمكى خەلقلەردىن بولغان تۇخارلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ياكى فونىتىكا جەھەتتىن تۇخار بىلەن بىردەكلىككە ئىگە بولۇپ،...سىمانتىكىلىق مەنىسى ‹بىخەتەر تۇرالغۇ، مۇستەھكەم قورغان، بىخەتەر شەھەر› دۇر»دېگەن پىكىرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. شۇنداقلا «تۇرپان» دېگەن نامنى مۇشۇ يۇرتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى نامى، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ نام يەنە 9-،10- ئەسىرلەرگە تەئەللۇق بولغان قەدىمكى ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەردە men turpan-liγ (مەن تۇرپانلىق) دېگەن شەكىلدەئۇچرايدۇ(9). يەنە تۇرپاندىن تېپىلغان ئىجتىمائىي- ئىقتىسادىي ھۆججەتلەردىمۇ turpan شەكلىدەئۇچرايدۇ(10) .
«قوش ـــ تۇرپاننىڭ ئەڭ قەدىمكى نامى بولۇپ، بۇنىڭدىن تەخمىنەن 2500 يىل ئىلگىرى بۇ يەردە ياشىغان خەلقلەر ــ قوشلار قوش خانلىقىنى قۇرۇپ، مىلادىيە 450-يىلى تارىخ سەھنىسىدىن چۈشكەن، ئۇلارنىڭ بۇ تەۋەررۈك نامى تۇرپانغا مىراس قالغان» دېگەن ئىككىنچى خىل قاراشقا كەلسەك، بۇ يەردە ئۆز- ئۆزىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرۇپتۇكى، قوشلار، يەنى غۇزلار (تۇخارلار) يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك تۇرپان ئويمانلىقىدا مىلادىيەنىڭ ئالدى – كەينىدە (مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇنىڭدىن تەخمىنەن 2500 يىل بۇرۇن) ياشىغان خەلقنىڭ نامى بولۇپ، ئۇ قانداقتۇر تۇرپاننىڭ نامى، يەنە كېلىپ ئەڭ قەدىمكى نامى ئەمەس. پەقەت تارىخنامىلەردە، جۈملىدىن خەنزۇچە تارىخنامىلەردە تۇرپاننىڭ نامى شۇ يەردە ياشىغان خەلقنىڭ نامى بىلەن «姑师»(غۇز) دېيىلگەنلىكى ئۈچۈن، كېيىنكىلەرگە بۇ نام خۇددى تۇرپاننىڭ يەر نامىدەك تەسىرات بېرىپ قويغان. ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا، جۈملىدىن شىنجاڭدىكى تارىخىي يەر ناملىرىدا مىللەت ياكى خەلق، قوۋم ناملىرىنى يەر نامى سۈپىتىدە قوللىنىدىغان ئەھۋال مەۋجۇت. «姑师»ـــ «غۇز»نىڭ خەنزۇچە تەلەپپۇز قىلىنىشى بولۇپ، كېيىنكىلەر بۇنى خاتا ھالدا «قوش» دەپ تەلەپپۇز قىلىۋېلىپ، تارىختا زادىلا مەۋجۇت بولمىغان بىرنامنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، شۇنىڭغا ئۇلانغان بىر قاتار خاتا ناملارنىڭ، جۈملىدىن«قوشلار»، «قوش بەگلىكى» ياكى «قۇسلار»، «قۇس بەگلىكى» دېگەندەك ناملارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەبچى بولغان ( بۇ خاتالىق ھازىرغىچە تۈزىتىلمەيۋاتىدۇ ).
  «قۇچۇ ـــ ئۇيغۇر شەھەرلىرىدىن بىرىنىڭ ئېتى، بەزىدە ئۇ يەردىكى شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى شۇ نام بىلەن ئاتىلىدۇ» دېگەن ئۈچىنچى خىل قاراشقا كەلسەك، بۇ يەردىمۇ ئۆز- ئۆزىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرۇپتۇكى، «قۇچۇ» بىرىنچىدىن تۇرپان ئويمانلىقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ (يەنى مەھمۇد كاشغەرىنىڭ نەزەرىدىكى مۇسۇلمان بولمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ) بىر شەھىرىنىڭ نامى، ئىككىنچىدىن شۇ شەھەر ئەتراپىغا ئۇيۇشقان بارلىق شەھەرلەرنىڭ نامى بولغان. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ نام كەڭ مەنىدە بىر ئەلنىڭ نامىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن. بۇ نامنىڭ  « دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك » تە بىر ئەلنىڭ نامى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغىنىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ مەھمۇد كاشغەرى مۇشۇ ئەسەرنى يازغان11-ئەسىردىن ئىلگىرىلا مەۋجۇت نام ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.  ۋەھالەنكى، «قۇچۇ» دېگەن نامنىڭ نېمە مەنىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى تىلشۇناس ئالىم مەھمۇد كاشغەرى « دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك » تە ئىزاھلىمىغان . ئەمەلىيەتتە ، تارىخىي ماتېرىياللاردا قەدىمكى ئۇيغۇرچە (تۈركچە)«قۇت» ۋە «چۇر» دېگەن سۆزلەر ئۇچرايدىغان بولۇپ، «قۇت» دېگەن سۆز «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» تە مۇنداق ئىزاھلانغان: «قۇت ـــ بەخت، دۆلەت. قۇتلۇغ سۆزىمۇ شۇنىڭدىن ياسالغان»(11). «چۇر» دېگەن سۆز بولسا قەدىمكى تۈركچە ـ ئۇيغۇرچە مەڭگۈ تاشلاردا ۋە خەنزۇچە كونا ، يېڭى«تاڭنامە »دە تىلغا ئېلىنغان . ئۇ « ئۇرقۇن ئۇيغۇر خانلىقىدىكى ھەربىي مەنسەپ بولۇپ، بۇ مەنسەپكە كۆپىنچە قاغان جەمەتىدىكىلەر تەيىنلەنگەن. چۇرلار بەزىدە قاغانغا ۋاكالىتەن خانلىققا تەۋە مەلۇم قەبىلە ۋە ئۇلۇسلارغىمۇ رەھبەرلىك قىلغان. مەسىلەن، ئۇرقۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ مىلادىيە 747-يىلىدىن 759- يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان مەشھۇر قاغانى تەڭرىدە بولمىش ئەل ئەتمىش بىلگە  قاغاننىڭ ئەسلى ئىسمى مويۇنچۇر(ياكى بايانچۇر)بولۇپ، تەتقىقاتچىلار ‹مويۇن›(ياكى بايان) باي ، باياشات، بەخىت دېگەن مەنىدە، ‹چۇر› تۈرك ۋە ئۇيغۇرلاردىكى ئەمەلدارلىق نامىنى كۆرسىتىدۇ ، دەپ ھېسابلىغان . ... ‹تاڭنامە›دىكى ئۇيغۇرلارھەققىدىكى خاتىرىلەردىمۇ ‹چۇر› بىلەن ئاتالغانلارنىڭ ئىچىدە قوشۇن باشلاپ جەڭگە ئاتلانغانلار بولغان. ‹كونا تاڭنامە . ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى› دە، مىلادىيە 842-يىلى شەرىقتىكى قىتانلارغا جازا يۈرۈشى قىلىش ئۇرۇشىدا ئۆلگەن ئۇيغۇر قوشۇنىنىڭ قوماندانىنىڭ ‹تېكىن قۇۋۇ چۇر› ئىكەنلىكى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭدىكى ‹تېكىن›ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى، ‹قۇۋۇ› ئۇنىڭ ئىسمىنى، ‹چۇر› بولسا ئۇنىڭ ھەربىي ئەمىلىنى كۆرسىتىدۇ. ‹تاڭنامە›دىكى خاتىرىلەرگە قارىغاندا، چۇرلار يەنە قاغان ئوردىسىنىڭ يېقىن ئەتراپىدا تۇرۇشلۇق  قوشۇنلارنىڭ قوماندانى بولغان. مەسىلەن ،  ‹كونا تاڭنامە . ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى› دە، ئۇرقۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ قىرغىزلار تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىنكى جەنۇبقا كۆچكەن تارمىقى ھەققىدە توختالغاندا :‹ ئۇكا سىڭلىسىنى سىبىرلارغا (يەنى شىرۋىلارغا) ياتلىق قىلىپ ئۇلارغا بېقىندى،ئۇيغۇرلارنىڭ بۇيرۇقى، ھوقوقدارى يىگىنچۇر ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرلاپ ئۇكانى ئالتۇنتاغدا ئۆلتۈرگۈزۈپ، ئۇنىڭ ئىنىسى ئۇكېنىر تېكىننى قاغان قىلىپ تىكلىدى › دېيىلگەن»(12).ئەگەر بىز  «قۇت» ۋە «چۇر» دېگەن بۇ ئىككى سۆزنى بىرىكتۈرسەك، بۇنىڭدىن « بەخت – سائادەتلىك بەگ» دېگەن مەنە چىقىدۇ. «چۇر» ئۇرقۇن ئۇيغۇر خانلىقىدىكى ھەربىي مەنسەپ بولغانىكەن ھەم چۇرلار بەزىدە قاغانغا ۋاكالىتەن خانلىققا تەۋە مەلۇم قەبىلە ۋە ئۇلۇسلارغىمۇ رەھبەرلىك قىلغانىكەن، ئۇ ھالدا ئەينى زاماندا ئۇرقۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تەۋەلىكىدە بولغان ، خانلىقنىڭ غەربىي يۇرتتىكى مۇھىم دىنىي ، سىياسى مەركىزى بولغان(13)قۇچۇ ، يەنى تۇرپاننىڭ ھۆكۈمدارلىرىنىڭمۇ  چۇرلاردىن بولۇشىنى ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ«قۇتچۇر» دېگەن ھۆرمەت نامىنى قوللانغانلىقىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.بۇ يەردە شۇنىڭغا دىققەت قىلىش لازىمكى ، مىلادىيە 699-يىلى قۇرۇلۇپ 739 –يىلى يوقالغان تۈركەش خانلىقىنىڭ بىر قاغانىنىڭ ئىسمىمۇ دەل « توقسان قۇتچۇر» دېيىلگەن(14). بۇنىڭدىن «قۇتچۇر»دېگەن نامنىڭ خېلى بۇرۇنلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. قارىغاندا، «قۇچۇ»دېگەن نام ئېھتىمال «قۇتچۇر» دېگەن نامنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلى بولۇشى، يەنى «قۇتچۇر»دېگەن نام  تىل ئىستېمالى جەريانىدا«ت»ۋە«ر» ھەرپى چۈشۈپ قېلىپ «قۇچۇ» بولۇپ قالغان بولۇشىمۇ مۇمكىن . «قۇتچۇر» دېگەن سۆز مەنە جەھەتتىن قەدىمكى ئۇيغۇرچە «ئىدىقۇت» دېگەن سۆز بىلەن سەل يېقىنلىشىدىغان بولۇپ ،  «ئىدىقۇت»دېگەن بۇ نام «مۇقەددەس بەخىت » مەنىسىدە كەلگەن،  «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تە ئۇ باسمىللارنىڭ ئاقساقىلىنىڭ نامى دەپ ئىزاھلانغان. ئېھتىمال تۇرپان رايونىدىكى باسمىللار ئۆز ئاقساقىلىنىڭ بۇ نامىنى ئۇرقۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ داۋامى سۈپىتىدە مىلادىيە 866 – يىلى ھازىرقى تۇرپان، جىمىسارنى مەركەز قىلىپ قۇرۇلغان ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئالىي ھۆكۈمدارىغا بەرگەن بولسا كېرەك (15). «ئىدىقۇت»دېگەن نامنىڭ مۇشۇ خانلىقىنىڭ ئالىي ھۆكۈمدارلىرىنىڭ ھۆرمەت نامى بولۇپ قېلىشىغا كەلسەك، ئېھتىمال «قۇچۇ» دېگەن نام خۇددى مەھمۇد كاشغەرى ئېيتقاندەك ئەل نامىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن بولۇشى، «ئىدىقۇت» دېگەن نام بولسا خاننىڭ ھۆرمەت نامىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، بىر ئەلنى ياكى يۇرتنى شۇ ئەلدىكى پادىشاھ ـــ خاننىڭ ياكى پادىشاھلىق، خانىدانلىقنىڭ نامى بىلەن ئاتاشمۇ تارىختا كۆپ كۆرۈلىدىغان ئەھۋال. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، «قارا قۇچۇ»(«قارا قۇچۇ» دېگەن نامدىن كېيىن «قارا غوجا» دېگەن نام ئۆزگىرىپ كەلگەن) دېگەن سۆزمۇ «قارا قۇتچۇر»دىن ئۆزگىرىپ كەلگەن بولۇپ ، «ئۇلۇغ بەخت – سائادەتلىك بەگ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، دەپ قاراش مۇمكىن. مۇشۇنداق قارىغاندا،  «قۇچۇ»نى «قوچو» ، «قوچۇ» ياكى «قوجو»،«قوجۇ»«قۇجۇ» دەپ ئاتاش توغرا بولمايدۇ. ۋەھالەنكى، «قۇچۇ» دېگەن نامنىڭ زادى قانداق بولۇپ «قۇتچۇر»دىن كەلگەنلىكى توغرىسىدا ھازىرچە ئېنىق بىر مەنبە بولمىغان ئەھۋالدا، پەقەت بۇنىڭ مۇمكىنلىكىنىلا ئېيتقىلى بولىدۇكى ، كېسىپ ئېيتقىلى بولمايدۇ.
«گاۋچاڭ ـــ تۇرپاننىڭ قەدىمكى خەنزۇچە نامى بولۇپ، ... قۇچۇ دېگەن نام مۇشۇ نامدىن كېلىپ چىققان» دېگەن تۆتىنچى خىل قاراشقا كەلسەك، مۇشۇ قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلار ۋە ئۇنى قۇۋۋەتلىگۈچىلەرنىڭ مۇشۇ خۇسۇستىكى بايانلىرىدىمۇ بىر – بىرىگە زىت پىكىرلەرئوتتۇرىغا قويۇلغان. دەرۋەقە، تۇرپان ئويمانلىقىدا مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 102 – يىلى غەربىي خەن سۇلالىسى سانغۇنى لى گۇاڭلى فەرغانىگە يۈرۈش قىلغاندا يارىدارلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش يۈزىسىدىن ئەڭ دەسلەپ قورغان بەرپا قىلغان بولۇپ، بۇ قورغان «گاۋچاڭ قورغىنى» (高昌壁)دەپ ئاتالغان. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ قورغان غەربىي خەن سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ غەربىي يۇرتتىكى مۇھىم ئېكىنچىلىك بازىسىغا ئايلانغان (كېيىنكى دەۋرلەردىمۇ بۇ قورغان ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى سۇلالىلەرنىڭ غەربىي يۇرتقا سىڭىپ كىرىشىدىكى مۇھىم ئىستېراتېگىيەلىك بازا بولۇپ قالغان). مۇشۇ ۋەجىدىن تۇرپان خەنزۇچە تارىخنامىلەردە«ۋېينامە» دىن باشلاپ «گاۋچاڭ» دەپ ئاتالغان ۋە كېيىنكى تارىخنامىلەردىمۇ شۇنداق ئاتىلىپ كەلگەن. مەسىلەن، «ۋېينامە»دە :«گاۋچاڭ(تۇرپان) ئەسلىدە ئالدى قوش (غۇز)خانلىقىنىڭ زېمىنى ئىدى...خەن سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ يەردە گاۋچاڭ قورغىنى بار بولغاچقا، گاۋچاڭ ئەل نامى بولۇپ قالغان» دېيىلگەن(16) . بۇنىڭدىن بىلىشكە بولىدۇكى، گاۋچاڭ ئەمەلىيەتتە غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە خەن لەشكەرلىرى تەرىپىدىن تۇرپاندا بەرپا قىلىنغان بىر قورغاننىڭ نامى بولۇپ، قانداقتۇر پۈتكۈل تۇرپاننىڭ ئومۇمىي نامى ئەمەس، يەنە كېلىپ دەسلەپكى نامىمۇ ئەمەس. پەقەت خەنزۇچە تارىخنامىلەردە بۇ نام ئوزاققىچە تىلغا ئېلىنىپ كەلگەنلىكى سەۋەبلىك، ئۇ كېيىنكىلەرگە خۇددى تۇرپاننىڭ ئومۇمىي نامىدەك تەسىرات بېرىپ قويغان. ئۇنداقتا،ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكىلەرنىڭ تۇرپاننى «گاۋچاڭ» دەپ ئاتىشىدىن بورۇن بۇ يۇرتنىڭ ئۆز نامى يوقمىدى؟ بار، مېنىڭچە ئۇ بولسىمۇ يۇقىرىدا تىلغا ئالغاندەك تۇخارچە (غۇزچە)«تۇرپان» دېگەن نامدىن ئىبارەت (ئالدىنقى مەزمۇنلاردا تىلغا ئالغىنىمىزغا ئوخشاش،تۇرپان خەنزۇچە تارىخنامىلەردە ئوخشاش مەزگىلدە يەنە شۇ يەردە ياشىغان غۇزلارنىڭ نامى بىلەن «姑师»دەپ ئاتالغان، جۈملىدىن «姑师»دېگەن نام بىر ئەلنىڭ نامى سۈپىتىدە بۇرۇنراق، «高昌» دېگەن نام كونكرېت يەر نامى سۈپىتىدە كېيىنرەك تىلغا ئېلىنغان).توخارچە «تۇرپان» دېگەن نامنىڭ «بىخەتەر تۇرالغۇ، مۇستەھكەم قورغان، بىخەتەرشەھەر» دېگەن مەنىسى بىلەن خەنزۇچە «گاۋچاڭ» (高昌 ياكى 高墙)دېگەن نامنىڭ «ئېگىز قورغان» دېگەن مەنىسىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرسەك، ئۇلارئوتتۇرىسىدا ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغان باغلىنىشنىڭ بارلىقىنى(17)،شۇنداقلا «گاۋچاڭ» قورغىنى بەرپا بولۇشتىن بورۇن، غۇزلارنىڭ بۇ يەردە بىرمۇستەھكەم چوڭ شەھەر قۇرغانلىقىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس. ئۇنداقتا، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكىلەر ئەينى زاماندا بۇ يۇرتنىڭ «تۇرپان» دېگەن نامىنى خەنزۇچە مەنىداش ھالدا «高昌» دەپ تەرجىمە قىلغانمۇ ياكى ئۆزلىرى بەرپا قىلغان قورغانغا «高昌» دەپ ئىسىم قويۇپ مۇشۇ مەنىنى ئىپادىلىگەنمۇ؟ بۇ توغرىدا ئەلۋەتتە چوڭقۇرلاپ ئىزدىنىش زۆرۈر.
ئەمدى « ‹قۇچۇ›دېگەن نام ‹گاۋچاڭ› دېگەن نامدىن كېلىپ چىققان» دېگەن پىكىرگە كەلسەك، بۇ روشەنكى ئىككى تىلدىكى سۆزنى تاۋۇش جەھەتتىن يېقىنلاشتۇرۇشنىڭ نەتىجىسى. ئەمەلىيەتتە،يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك، «گاۋچاڭ» بىلەن «قۇچۇ»نىڭ مەنىسىمۇ ئوخشىمايدۇ ھەم ئۇلارنى تاۋۇش جەھەتتىن يېقىنلاشتۇرۇشمۇ قىيىن. ئەگەر بۇ ئىككى نامنى بىر –بىرىدىن كېلىپ چىققان دېيىشكە توغرا كەلسە، «قۇچۇ»نىڭ «گاۋچاڭ»دىن ئەمەس، بەلكى«گاۋچاڭ»نىڭ «قۇچۇ»دىن كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش مۇمكىن. بۇ توغرىدا گېرمانىيەلىك مەشھۇر ئۇيغۇرشۇناس گابائىن خانىم «قۇچۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشى» دېگەن ئەسرىدە مۇنداق يازغان: «... تۇرپانغا كەلدۇق (خەنزۇچە ‹高昌› دېيىلىدۇ، خەنزۇ تىلىنىڭ باشقا بىر شېۋىسىدە Kō – CHō ،يەنى Qoco دەپ ئوقۇلىدۇ). بۇيەرنىڭ خەنزۇچە نامى ھېچكىم بىلمەيدىغان بولۇپ كەتكەن تىلدىكى ئىنتايىن قەدىمكى يەرلىك بىر نامنىڭ يېزىلىشى بولسا كېرەك»(18). بۇنىڭدىن«گاۋچاڭ»نىڭ «قۇچۇ»دىن كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن (ئەلۋەتتە بۇ خۇسۇستا چوڭقۇرلاپ ئىزدىنىش زۆرۈر). يەنە فىرانسىيەلىك ئالىم پائول پېللىئوتنىڭ «قەدىمكى ئۇيغۇرچە يازمىلاردىكى يەر ناملىرى» دېگەن ئەسرىدىكى مۇنۇ بايانلار دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ: « ‹گاۋچاڭ› بىلەن ‹قۇچۇ› بىر شەھەرنىڭ ئىككى خىل ئاتىلىشى بولۇپ، بىرى خەنزۇچە، بىرى تۈركچە (قەدىمكى ئۇيغۇرچە) ئاتىلىشىدىن ئىبارەت ... تاڭ سۇلالىسىدىن كېيىن ... ئۇيغۇرلار ‹قۇچۇ› دەپ ئاتاشنى داۋاملاشتۇرغان، خەنزۇلار ئۇيغۇرچىدىن ئېلىپ قايتا ‹火州،和卓› دەپ ئاھاڭ تەرجىمىسى قىلغان»(19). بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرپاننى  «قۇچۇ» دەپ ئاتاپ كەلگەنلىكىنى، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكىلەرنىڭ بولسا تاڭ سۇلالىسىدىن ئىلگىرى «گاۋچاڭ» دەپ، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن كېيىن «قۇچۇ»(ياكى «قارا قۇچۇ») دەپ ئاتاپ كەلگەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ (تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن «شىجۇ» ‹西州›، يەنى‹ غەربىي ئايماق› دېگەن نام بولسا بىر جۇغراپىيەۋى _مەمۇرىي نام بولۇپ، ئۇ مىلادىيە 640-يىلى تاڭ سۇلالىسى قۇچۇ ئېلىنى ئاغدۇرۇپ، قۇچۇ شەھىرىنى مەركەز قىلىپ قۇرغان بىرئايماقنىڭ نامىدىن ئىبارەت(20)، بۇ نام ھەرگىزمۇ تۇرپاننىڭ يەر نامى ئەمەس).
يۇقىرىقىلارنى خۇلاسىلىگەندە تۆۋەندىكىدەك يەكۈن چىقىرىش مۇمكىن:
بىرىنچى، «تۇرپان» ـــ تۇرپان رايونىنىڭ تۇخار (ئوغۇز،تۈرك)چە ئەڭ بورۇنقى نامى بولۇپ، «چوڭ شەھەر»، «مۇستەھكەم قورغان، بىخەتەر شەھەر»دېگەن مەنىدە. بۇ نام مىلادىيەنىڭ ئالدى – كەينىدىن تەخمىنەن 9- ئەسىرگىچەئىشلىتىلگەن بولۇشى مۇمكىن.
ئىككىنچى، «قوش» ـــ خەنزۇچە تارىخنامىلەردىكى «姑师»(غۇزلار) دېگەن خەنزۇچە نامدىن پەيدا قىلىنغان خاتا ياسالما نام بولۇپ، بۇ نام تۇرپاننىڭ يەر نامى ئەمەس. ئەگەر ئۇنى بىر نام دەپ قاراشقا توغرا كەلسە، ئەسلىسىگە ياندۇرۇپ «غۇز» دېيىش كېرەك ھەم ئۇنى بىر خەلق نامى سۈپىتىدە قوللىنىش كېرەك.
ئۈچىنچى، «قۇچۇ»،«قارا قۇچۇ» ـــ بۇنىڭ «بەخت – سائادەتلىك بەگ»، «ئۇلۇغ بەخت – سائادەتلىك بەگ » دېگەن مەنىدە بولۇشىنىڭ ئېھتىماللىقى چوڭ بولۇپ ، ئۇرقۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى تۇرپان ھۆكۈمدارلىرىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرچە ھۆرمەت نامى بولۇشى مۇمكىن. «ئىدىقۇت» ــــ ئېنىقكى قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ خانلىرىنىڭ  ھۆرمەت نامى بولۇپ ، بۇناملار ھېچبولمىغاندا مىلادىيە 10- ئەسىردىن مۇشۇ خانلىق يوقالغۇچە قوللىنىلغان. ئۇ تۇرپاننىڭ يەر نامى ئەمەس.
تۆتىنچى، «گاۋچاڭ»،«شىجۇ» ـــ تۇرپاننىڭ خەنزۇچە تارىخنامىلەردىكى خەنزۇچە ئاتىلىشى بولۇپ،ئالدىنقىسى «ئېگىز قورغان»، كېيىنكىسى «غەربىي ئايماق» دېگەن مەنىدە. ئالدىنقىسى يەر نامى سۈپىتىدە مىلادىيەنىڭ ئالدى – كەينىدىن باشلاپ قوللىنىلغان، كېيىنكىسى جۇغراپىيەۋى - مەمۇرىي نام سۈپىتىدە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ قوللىنىلغان.«قۇچۇ»دېگەن نامنىڭ«گاۋچاڭ»   دېگەن نامدىن كېلىشى شۈبھىلىك ، شۇنداقلا ئۇ «ئىدىقۇت»دېگەن نامنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسىمۇ ئەمەس. تۇرپاننى يەرلىك خەلقلەر «تۇرپان»،«قۇچۇ»، «قارا قۇچۇ» دەپ ئاتاپ كەلگەن بولسا، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكىلەر ئۆزئالدىغا «گاۋچاڭ»، «شىجۇ» دەپ ئاتاپ كەلگەن. ھالا بۈگۈنكى كۈندە تۇرپاننىڭ ئەسلىي قەدىمكى ئاتىلىشى بويىچە ئۇيغۇرچىدا «تۇرپان» دەپ ئاتىلىشى ۋە خەنزۇچە «吐鲁番» دەپ ئاھاڭداش تەرجىمە قىلىنىپ ئاتىلىشى تارىخىي ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇپ، بۇ رايونىمىزدىكى ئەسلىي نامىدا ئاتالمايۋاتقان يەر ناملىرىنى تۈزىتىشتە ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

پايدىلانمىلار:
(1) ئەركىن ئىمىننىياز قۇتلۇق :«تۇرپاننىڭ تارىختىكى ناملىرى ۋە قۇچۇ ئاتالغۇسى توغرىسىدايېڭىچە ئىزدىنىش»،«تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ(ئۇيغۇرچە)2004-يىللىق1-سانى.
(2) (9) (10) (17)   ئابلىكىم  ئابدۇرەشىد :  « تۇرپان   نامىنىڭ ئېتىمولوگىيەسى توغرىسىدا قايتا ئويلىنىش»،«تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ(ئۇيغۇرچە) 2010-يىللىق1-سانى.
(3) (6) (18) (19)قاسىم خوجا : «تۇرپان تارىخىدىكى بەزى يەر ناملىرى توغرىسىدا»،   « شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى »   ژورنىلىنىڭ (ئۇيغۇرچە) 2011-يىللىق1-سانى.
(4)  مەھمۇد كاشغەرى؛ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» 3-توم302-بەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1984-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى.
(5) تيەن ۋېيجياڭ : «قۇچۇ ئۇيغۇرلىرى تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2006-يىلى خەنزۇچە نەشرى.
(7) لىن مېيسۇن :«  تۇخارلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە كۆچۈشى  »،  «غەربىي يۇرت تەتقىقاتى » ژورنىلىنىڭ  (خەنزۇچە)2003-يىللىق3-سانى.
(8) ئادىل مۇھەممەت : ‹‹قەدىمكى تۇرپان ››191-بەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2008-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى.
(11) مەھمۇد كاشغەرى؛ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» 1-توم 420-بەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1980-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى.
(12) (13)ئەھمەد سۇلايمان قۇتلۇق: ‹‹ئۇرقۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى ››174 - ، 219-220  -بەتلەر، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى2006 -يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى.
(14) ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنسا سىدىق : ‹‹شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى ››367-بەت،  مىللەتلەرنەشرىياتى1991 -يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى.
(15) ئاننى مارىيە ۋون گابائىن(گېرمانىيە): ‹‹قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى(مىلادىيە 850-1250-يىللار) ››، گېڭ شىمىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان، ‹‹شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى›› نىڭ(خەنزۇچە) 1980-يىللىق 2-سانى.
(德〕葛玛丽(A.V.Gabain):《高昌回鹘王国(公元850年—1250年)》,耿世民译,《新疆大学学报》(哲学社会科学版)1980年第2期。
(16) ۋېي شۇ : ‹‹ ۋېينامە ›› تەرجىمىھال89 ،جۇڭخۇا كىتابچىلىق ئىدارىسى 1974-يىلى خەنزۇچە نەشرى.
(20) ئەھمەد سۇلايمان قۇتلۇق :‹‹ يىپەك يولى ۋە ئۇيغۇرلار ›› 329-بەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2010-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى.

(ئىلاۋە: بۇ ماقالە«شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» ژورنىلىنىڭ 2011-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان)


uyghuray

0

تېما

7

دوست

1444

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   44.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35632
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 454
توردىكى ۋاقتى: 110
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-22 20:06:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تېما، تېما ئىگىسىگە كۆپ رەخمەت

2

تېما

3

دوست

6684

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   33.68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  38188
يازما سانى: 809
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1942
توردىكى ۋاقتى: 131
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-22 23:22:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن   

7

تېما

6

دوست

5139

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   2.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5979
يازما سانى: 262
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 277
تۆھپە : 1415
توردىكى ۋاقتى: 292
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-25 10:41:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز.

ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر !
uyghuray
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )