قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 807|ئىنكاس: 3

يۈكسىلىش ۋە ئىنتىلىش : تەقدىر قانداق ئۆزگىرىدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

3

دوست

1478

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   47.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31176
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 24
تۆھپە : 460
توردىكى ۋاقتى: 26
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-22 22:01:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈكسىلىش ۋە ئىنتىلىش : تەقدىر قانداق ئۆزگىرىدۇ؟

ئابدۇغوپۇر ئابدۇرەھمان(فىلولوگىيە ماگىستىرانتى)

(بۇ يىل ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان بارلىق ئۆگەنچىلەرگە بېغىشلايمەن)

      لوتپۇللا مۇتەللىپ يېرىم ئەسىر ئىلگىرىلا «يورغا يىللار...» دېيىش ئارقىلىق ۋاقىتنىڭ  قانداق ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىنى دەل سۈپەتلەپ بەرگەنىدى. تاڭنىڭ ، ئاققان سۇلارنىڭ، ئېتىلغان ئوقنىڭ قايتىلانمايدىغانلىقىمۇ بىزگە چۈشنىشلىك.  تەبىئەتتىكى نۇرغۇن نەرسىلەر تەبىئەتنىڭ تەبىئىي قانۇنىيىتى بويىچە خۇددى بىر تال يوپۇرماقتەك بىردە گۈزەللىشپ بىردە خۇنۇكلىشىپ ئۆزگىرىپ بارىدۇ. ئەمما  ئۇلاردا قانچىلىك ئۆزگىرىش بولدى بۇنى دەمال ھېس قىلماق ئوڭاي ئەمەس. شۇ كەبى  ۋاقىتنىڭ ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىلا بىزنىڭ نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئىرىشكىنىمىزنى بىلدۈرمەيدۇ. ئەگىر توقايلىقنىڭ مەھسۇلى بولمىش سۇدەك ئۆتكەن كەتمىشلىرىمىزدە نۇرغۇن خاتىلىرىمىز، ھازىرقى ھالىتىمىزنىڭ خىمىرتۇرۇچلىرى ساقلانغان. كەلگۈسىنىڭ قوينىغا قانداق يۈكسىلىشلەر بىلەن بارىدىغىنىمىز، نېمىلەرگە ئېرىشىدىغىنىمىز ھامان پىچەتلەگلىك سىر پىتى تۇرىۋاتىدۇ.  بىلىدىغىنىمىز پەقەت، كۈچلۈك بىر تەۋرەنمەس ئىرادىنىڭ تۈرۈتكىسى بىلەن ئالدىغا ئىنتىلگىنىمىزدە ھامان بىر يۈكسىىلىشنىڭ بولىدىغانلىقى، نارازى بولىۋاتقان ياشاش شەكلىمىزنىڭ قاسراق تاشلىغىنىچە يېڭى شەكىلدە ئۆزگىرىدىغىنىدۇر. ھەربىر ئادەمنىڭ تەقدىر چولۋۇرى شۇ ئادەمنىڭ قولىغا چىڭ باغلانغان دەپ بىلگىنىمىزدە، ئۇنىڭ قانداق ياشىشى، نېمە كۈنلەرنى كۆرىشىمۇ ئۆزىنىڭ كۆرسەتكەن ئىجتىھاتىغا يۈكلەنگەن بولىدۇ. ۋاقىتمۇ ئۆتىۋېرىدۇ «يورغىلىغىنىچە»، جەريان تەرەققىي قىلىپ جۇغلانما مەلۇم باسقۇچقا بارغاندا ئۆزگىرىشنىمۇ كۆرۈپ قالىمىز.
    بىزنى كۈتىۋاتقان ئاداقى بەتلەرگە يېتىش ئۈچۈن ھەرقانداق قىيىنچىلىققا بوي بەرمەيدىغان بىر روھنىڭ بولىشىنى كۆپ ئاڭلاپ كەلدۇق. لېكىن ئۇنىڭ تېگىدە قانچىلىك ھېكمەتنىڭ يوشۇرۇنۇپ ياتقانلىقىنى قانچىلىكىمىز  ھۇجۇدىمىزنى بېرىپ ئويلاپ باقتۇق؟ بۇنى بىلمەك تەس. ئۆز مىرادى ، تاللىشى ئۈچۈن رازى بولۇپ، قەتئىي پوزۇتسىيە بىلەن ئىنتىلىش ھالىتىگە كىرىپ بولغان بىر تۈركۈم ئۆگەنچىلەرگە نىسبەتەن بۇ تېخىمۇ مۇھىم ھىسابلانسا كېرەك. دەۋەقە، ئاشۇنداق بىر ئىنتىلىشنىڭ بولىشى ئۆگىنىش، يارىتىش، ئېرىشىش ئەڭ ئاخىردا ئومۇمىيۈزلۈك يۈكسىلىشنىڭ پەيدا بولىشىدا تۈرۈتكىلىك رول ئوينايدۇ.
   قۇرداشلىرىمغا (20ياشتىن ـ 30ياشقىچە بولغان) قاراپ شۇنى ھېس قىلىپ قالدىم. ھازىرقى ئەھۋالىمىزدا ئىككى خىللا تۈركۈمگە تەبىئىي بۈلۈنۈپ قاپتۇق: بىرى مەكتەپ مائارىپ  مۇھىتىغا باغلىنىپ-ئاقارتىش ئۈچۈن تىرىشۋاتقانلار، يەنە بىرى ئۆز جېنى-ئائىلىسى ئۈچۈنلا ياشاۋاتقانلار. بۇنداق بۈلۈشنىڭ يېتەرلىك توغرا بولغان بولمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلالمىساممۇ، مائارىپ مۇھىتىغا باغلانغان (مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) ياكى مەكتەپ بىلەن ھېچ ئالاقىسى بولمىغان ئاشۇ قۇرداشلىرىمنىڭ ھامان بىر مەقسەت ئۈچۈن ئىنتىلىۋاتقانلىقىنى سىزىپ تۇرىمەن. بۇلار ئىچىدىكى بىر تۈركىمى بولمىش  مائارىپ ــ ئۆگىنىشنى تاللىغۇچىلار گەرچە جىسمانى ئەمگەكنىڭ زوراۋانلىقىغا چىڭ ئۇچۇرمىسىمۇ، ئەقلى ئويلىنىش، ھېس قىلىش نوقتىسىدىن يېتەرلىك چارچايىتتى. ئەمما ئۇلاردا ئۆزى ئۆگىنىۋاتقان ياكى تاللىغان يولىغا قارىتا ئىنتىلىش بار، ئۇلار ھامان ئۆزلىرىنىڭ كۆپ نەرسىلەرنى چىداپ ئۆگەنسە مەلۇم بىر يۈكسىلىشلەرگە ئېرىشىپ تەقدىرىنىڭ گۈزەل بولىدىغانلىقىغا ئىششىنىدۇ. ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ئۇلار شۇڭا سەزمەيمۇ قالىدۇ.
      مائارىپ سىستېمامىزنىڭ بۆلەكلەرى بويىچە قاراغاندا ھازىر بىز قوللىنىۋاتقان مائارىپ ئوقۇتۇش باسقۇچىلىرى مۇنۇلار بولىۋاتىدۇ، يەسلىگە كىرىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق ئوقۇتۇشى، يەسلى باسقۇچى، باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا، تولۇق كۇرۇس، ماگىستىر ئاسپىرانىتلىق، دوكتۇر ئاسپىرانتلىق. دوكتۇر ئاشتى. بۇلار ئىچىدە تولۇق كۇرۇسنى پۈتتۈرگەنلىرى ھازىر ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن سانىلىۋاتىدۇ. مانا شۇلار ئارىسىدا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن دېگەن ئاتاققا قانائەت قىلىشنى خالىمايدىغان بىر تۈركۈملەر يېتىشىپ چىقىپ، ماگىستىرلىق ئوقۇشىغا بىركىم زورلىمىسىمۇ ئىشتىياق باغلىغانلار بار. ئالغا ئىنتىلىشنى، ئۆزىنى يەنىمۇ يۈكسەلدۈرۈشنى ئىستىمەكچى بولغان ـــ ئاشۇلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا بىلىم ئېلىشنىڭ ، بىر نەرسىنى چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىش، چۈشنىشنىڭ مۇھىملىقى جەمئىيەتكە بالدۇر چىقىپ، توي قىلىپ تۇرمۇشقا ئېرىشىشنىڭ ياكى خىزمەتنىڭ مېھرىنى بېسىپ چۈشكەنىدى. تولۇق كۇرۇس مائارىپ سىستېمىسىدا تەربىيەلىنىپ پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان بىر ئۆگەنچىنىڭ باشقا يوللارنى تاللاش ئېھتىمالىنىڭ تامامەن بولىشىغا قارىماي ئۆز تەقدىرىنى تىرىشچانلىقى، ئىنتىلىشچانلىقى، ئىلىمخۇمارلىقى ئارقىلىق ئۆزگەرتمەكچى بولىشى ئەجىبا ھۆرمەتكە سازاۋەر روھ ئەمەسمۇ؟ ئەگەر يەنە باشقا تەھلىل بويىچە، بۇنىڭدىنمۇ ياخشى ياشىغىلى بولاتتى، دەپ قارالسا بۇ ھەركىمنىڭ ئويلىغىنىچە بولسا بولىۋەرسۇن. ئەمما داۋاملىق ئالغا ئىنتىلىشنى ، مائارىپ ــ تەربىيە ئارقىلىق ئەقلى ۋە تەپەككۇر، مەدەنىيەت، ئىلمىي قىياپەت جەھەتتىن  يۈكسىلىشنى تاللىغۇچىلار ئۆزىنىڭ تاللىشىدىن ھەرگىز پۇشايمان يېمەيدۇ.
    بۇ يىللار ئىنتىلىش –يۈكسىلىش، ئىزدىنىش ، بىلىم ئېلىش يىللىرى بولىشنى قاتتىق تەقەززا قىلىۋاتقان پەيىتتە، مۇشۇنچىلىك بىر ھەقىقەتنى تونۇپ يېتىپ داۋاملىق يۇقىرلاپ ئوقۇشنى كۆڭلىگەن پۈككەن ھەربىر ئۆگەنچىگە ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
     تەقدىرنىڭ ئۆزگىرىشى ھەرگىز ھەۋەپسىز بولمايدۇ، ئەمما قانداق ئۆزگىرىدىغىنىنى بىز بىر ئىش ئۈچۈن پۈتۈن ھۇجۇدىمىزنى بەرگەندە بىلىپ قالىمىز. كەلگۈسىگە ئىنتىلىشنىڭ بىزگە بېرىدىغىنىنىمۇ  ھازىر تولۇق كۆرۈپ يېتەلمەسلىكىمىز ئېھتىمال، ئەمما تۈرلۈك بېسىم، ئازاب، چېچىلىش، قېينچىلىققا بىر قولى چىدىغىنىمىزدا، ئۆزىمىز ئويلاپ باقمىغان گۈل گۈل يۈكسىلىشنىڭ  ئومۇمىي ھاياتىمىزدا يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى تەبىئىيلاپ بىلىپ قالىمىز.
    ۋاقىتنىڭ تورمۇزى يوق، ياكى تۇتىۋالالمايمىز. دىققىتىمىزنى بەرگەن ئۆگىنىش نوقتىمىزغا تىكىلىپ قادالساقلا ھامان ۋاقىتنىڭ گىلىغا سالما سىلىپ، ئالدىمىزدىن ئۆتكەن ھەربىر« يىللارنىڭ بوينىغا ئىز تامغىمىزنى»باسالايمىز دەپ ئويلايمەن.
   ئاسپىرانىتلىق ئوقۇشىنى تاللىغان ھەربىر ئۆگەنچىگە  (ياكى ئوقۇشقا كىرىپ بولغان قۇرداشلىرىمغا) شۇنداق بىر قەيسەرلىك، جاسارەت تىلەيمەن. بىزنىڭ تەقدىرىمىز ھامان ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى، غايىمىزنىڭ يۈكسەكلىكى بەدىلىگە ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىر ئىجتىھاتىمىزدىن ئاز ئازدىن جۇغلىنىپ بىزنى ئاخىر  ئەڭ يۈكسەلگەن چوققىغا ئاپىرالايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئازابىغا، جاپاسىغا، ھىجىرانىغا چىدىشىمىز كېرەك.
    تۇرمۇشىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان تۈرلۈك ئىزىقىش، گاڭگىراش، تاللاشقا دۇچ كېلىشلەر بىزنى ھالسىرىتىپ قويمىسۇن. ئەڭ باشتا ئاسپىرانىتلىققا كىرىشتە كۆڭلىمىزگە پۈككەن جەڭگىۋار پىلانىمىز قانداق بولسا، ئاشۇ چاغدا پەيدا بولغان شۇ ئوتلۇق تۇيغىمىزنى ساقلاپ قالساق ياكى نەچچە ھەسسە كۈچەيتەلىسەك مانا شۇ بىزگە يېتەرلىك. بارلىق ئىنتىلىشلىرىمىز، يۈكسىلىشنىڭ قىممەتلىكلىكى بىر نۆۋىتى يېغىلىپ تەقدىرىمىزنىڭ ئۆزگىرىشىگە ھامان تەسىر قىلغۇسى.
ھەممە نەرسىنىڭ ئايغا ئوخشاش گۈزەللىكى ۋە خۇنۈكلىكى ، نان يېيشىكە ئوخشاش جاپاسى ۋە راھىتى بولىدۇ.

بۇ يىل ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا قاتناشماقچى بولغان بارلىق ئۆگەنچىلەرگە مۇۋاپىقىيەتلەر تىلەيمەن.
2015.11.22

uyghuray

15

تېما

8

دوست

4926

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   97.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29515
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 35
تۆھپە : 1582
توردىكى ۋاقتى: 201
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-23 14:00:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋېتىپ پۇشايمانغا يىغلاپ كەتكەن ھەمشىرە قۇرداشلىرىمنىڭ كۆرۈپ بېقىشىنى ،ھەم ئاسپىرانىت ئاتىلىپ يەلكىمىزىدىكى مەسئۇلىيىتىمىز ۋە مەجبىرىيىتىمىزنى ئۇنتۇپ قلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.ھەم قەلەم ئىگىسىسى غۇپۇرجانغا رەھمەت ئېيتىمەن.

1

تېما

2

دوست

4837

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   94.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30232
يازما سانى: 320
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1490
توردىكى ۋاقتى: 338
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-23 20:33:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما باش ماۋزۇنى يورىتالمىغاندەك بىلىندىماڭا ،ھەرھالدا نېمە دېمەكچى بولغىنىڭىزنى ئازراق چۈشەندىم

7

تېما

6

دوست

5798

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   15.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25765
يازما سانى: 363
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 1792
توردىكى ۋاقتى: 636
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-24 11:50:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت ئىلىم-ئېرپان ئارقىلىق  ئاھۇنادامەتتە قېلىشنىڭ سەۋەبلىرىنى تونۇغىلى بولىدۇ......
uyghuray
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )