قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1941|ئىنكاس: 14

ئەلتۇغ: كىتاب، سەن-نېمىتىڭ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

1

دوست

1237

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   23.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  46219
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 396
توردىكى ۋاقتى: 65
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-23 13:02:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   eltugh-yarkant تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-23 13:13  

كىتاب، سەن-نېمىتىڭ؟

ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەدئەلتۇغ

   بەزىلەر مەلۇم سورۇنلاردا كىتاب ئوقۇش ھەققىدە گەپ بولغاندا بەكمۇ ئوڭايسىزلىنىدۇ، گەپ تەشكۈچىنىڭ تۆت ئېغىز دەككىسىنى بەرمەكچى بولىدۇيۇ، مۇۋاپىق گەپ تاپالماي ئىچى ئاچچىق بولىدۇ،  ۋە ياكى ئۆزىنىڭ كىتاب ئوقۇمايدىغانلىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئەپچىل باھانە ئىزدەپ تولىمۇ بىئارام بولىدۇ. شۇڭا، مۇشۇنداق بىئارام بولۇپ كېتىۋاتقانلارغا تۆۋەندىكى بىر نەچچە تۈرلۈك ئۇسۇلنى سوۋغا قىلاي. بۇ ئۇسۇللاردىن بىرەرسى ئەپچىل بىر جايدا ئەسقېتىپ قالسا ئىشلەتكۈچىنىڭ چوقۇم مېنى ئەسلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
1.خىزمەت ئالدىراشلىقىنى باھانە قىلىڭ.
    بۇنداق بولغاندا، قارشى تەرەپ سىزنىڭ ئالدىبىلەن ئۆيدە كىتاب بولمىسىمۇ، ھامان بىر ۋاق غىزانىڭ غېمىنى قىلىش ئۈچۈن سىزنىڭ جان تىكىپ ئىشلەۋاتقانلىقىڭىزنى ھېس قىلىپ، سىزگە ھېسداشلىق قىلىش بىلەن بىرگە، كىتاب ئوقۇمىغانلىقىڭىزنى توغرا چۈشىنىدۇ ھەم سىزنىڭ ھامان بىر كۈنى كىتاب ئوقۇيدىغان ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى جەزملەشتۈرىدۇ. مىڭنى قىلسا، كىتاب ئوقۇغانغا قورساق تويمايدۇ-دە! بۇنىڭ بىلەن باشقىلارنىڭ كىتاب ئوقۇمايدىكەن دېگەن بەدنامىدىن قۇتۇلۇپ قېلىشقا خېلى ياردىمى بولىدۇ.
2.مەلۇم كىتابنىڭ يامان گېپىنى قىلىڭ.
ئىلگىرى ئېزىپ - تېزىپ ئوقۇپ قالغان بىرەر پارچە كىتابنىڭ قايسى جايلىرىنىڭ سىزگە يارىماي سىزنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىڭىزنى سوۋۇتۇۋەتكەنلىكىنى، قايسى
  بىر چاغدا دەرس ۋاقتىدا پارتىنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇپ كىتاب ئوقۇۋاتقان ۋاقتىڭىزدا مۇئەللىمنىڭ قۇلىقىڭىزنى سوزۇپ سىزنى تازا تەنقىد قىلىپ سىزنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىڭىزغا سوغۇق سۇ سەپكەنلىكىنى، ياكى قەيەردىندۇر ئاڭلىۋالغان مەلۇم كىتاب توغرىسىدىكى تېتىقسىز ئۇچۇر، شۇ كىتاب تەنقىد قىلىنغان ئوبزۇرنى دەستەك قىلىۋېلىپ، سورۇندىكىلەرنى كىتاب ئوقۇشقا ئۈندىگەن ھېلىقى كىشىنىڭ ئېغىزىغا تىقىپ بېرىڭ. مۇنداق قىلسىڭىز ئۇ غىڭ قىلالماي قالىدۇ.
3.مەلۇم يازغۇچى ياكى شائىرنىڭ قايسىدۇر بىر ئەسەرنى قايسىدۇر بىرسىنىڭ ئەسىرىگە تەقلىد قىلغانلىقى ياكى قايسىدۇر بىر يېرىنى قايسى كىتابتىن كۆچۈرۈۋالغانلىقىنى، مۇنداق قىلىشنىڭ تولىمۇ ئەخلاقسىز قىلمىش ئىكەنلىكىنى، يازغۇچى - شائىرلارنىڭ كۆچۈرمىكەشلىك قىلىدىغانلىقىغا دائىر جىڭغا توختىغۇدەك پاكىتلار بىلەن كۆرسىتىپ قويسىڭىز، سىزگە نەسىھەت قىلماقچى بولغان ئاقىلنىڭ ئېغىزى تۇتۇلۇپلا قالىدۇ. زۆرۈر تېپىلسا، «ئىشەنمىسەڭلار پالانچىنى پالانچىم مۇنداق دەپ كالتەكلىگەن!» دەپ بىرەر پاكىتنى ئوتتۇرىغا تاشلىسىڭىز، ئىشىنىمەنكى، چوقۇم قاقاقلاپ كۈلگەن ئىللىق بىرسورۇن مەنزىرىسى بارلىققا كېلىدۇ.
4. كىتابلارنىڭ قايتا نەشرىنىڭ يامان گېپىنى قىلىۋېرىڭ.
بۇ خىل ئۇسۇلدا، قارىسىغىلا «بۇ كىتابنىڭ 1-نەشرى بەك ئېسىل يېزىلىپتىكەن، كىيىنكىقېتىم نەشر قىلغان چاغدا بەزى جايلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىپتۇ» دەۋېرىڭ. بۇنداق چاغدا سىزگە كىتاب ھەققىدە گەپ ئاچقان ھېلىقى كىتاب خالتىسى سىزنى قايىل قىلغۇدەك گەپ تاپالماي ئاۋارە بولىدۇ. چۈنكى، ئۇمۇ ئوخشاش كىتابنىڭ ئىككى خىل نەشرىنى سېلىشتۇرۇپ باققان بولۇشى ناتايىن. بۇ خىل ئۇسۇلدا ئۇنى مات قىلىپلا قالماي، يەنەئۇنى ئوخشاش كىتابنىڭ ئىككى قېتىملىق نەشرىنى قايتا-قايتا سېلىشتۇرۇپ چىقىشتەك ئاۋارىچىلققا دۇچار قىلالايسىز.
5.ئامالنىڭ بارىچە چەتئەل تىلىدىكى كىتابلارنى ماختاڭ.
بۇ خىل ئۇسۇلدا، سىز مەيلى كىتاب ئوقۇڭ ياكى ئوقۇماڭ، مەلۇم بىر چەتئەلچە كىتابنىڭ دۇنياۋىي سەۋىيەدە يېزىلغانلىقىنى، ئۆز تىلىمىزدا ئەسەر يېزىۋاتقانلارنىڭ مەھەللىۋىي دائىرىدىن ھالقىپ كېتەلمەي، دۇنياۋىي سەۋىيەگە لايىق ئەسەر يازالمايۋاتقانلىقىنى تازا مەسخىرە قىلىڭ. بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ پايدىلىق يېرى شۇكى، ھېچكىم ئۆزىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى دۇنياۋىي سەۋىيەگە يەتتى دەپ كېسىپ ھۆكۈم قىلالمايدۇ. ئەگەر ئۇ كىشى ئەتراپىدا ياشاۋاتقان ئون مىليون كىشىنىڭمۇ ئۆزىگە خاس بىر دۇنيا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالمىغان بولسا تېخىمۇ ياخشى، ئۇنىڭغا دوق قىلىپ، بىر پۈتۈن كىتابلىرىمىزنى ئاسانلا ئىنكار قىلىپ، قورساق كۆپۈكىڭىزنى چىقىرىش مەقسىتىگە يېتەلەيسىز.
6.ئۈندىدار، چ چ چاپلاقلىرى ۋە قىسقا ئۇچۇر خاراكتېرلىك نەرسىلەردىكى مەزمۇنلارنى ڭتوم - توم كىتابلاردىكى مەزمۇنلاردىن ئېسىل ھەم ئوقۇشقا قۇلاي ئىكەنلىكى توغرىسىدا پاكىت كەلتۈرۈڭ.
  بۇ خىل ئۇسۇلدا، ئۈندىدار، چ چ چاپلاقلىرى ۋە قىسقا ئۇچۇر خاراكتېرلىك يازمىلارنىڭ ئۆزى قىسقا، مەزمۇنى سەرخىل، تەسىرلەندۈرۈش كۈچى يۇقىرى، ئوقۇش ۋە كۆرۈش، تارقىتىش قۇلاي ئىكەنلىكىنى، يانفۇنىڭىزدا بىر كۈندە مۇنداق نەرسىلەردىن كەم دېگەندەك ئون - يىگىرمىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىڭىزنى، خالىسىڭىز ھەتتا دوستلار چەمبىرىكى ۋە ئۈندىدار، چ چب وشلۇقلىرىغا قويغىلى بولىدىغانلىقى، ئۈندىدار، چ چ توپلىرىدا تارقاتقىلى بولىدىغانلىقىدەك ئارتۇقچىلىقىنى نۇقتىلىق گەۋدىلەندۈرۈپ، كىتابلارنىڭ ھەجىمىنىڭ چوڭ، ۋەقەلىكلىرىنىڭ ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى، ھەتتا بەزى مەنزىرە تەسۋىرى، بايانلارنىڭ ئادەمنى زېرىكتۈرۈدىغانلىقىنى، ھە دېسىلا ئۇنى بىللە ئېلىپ يۈرۈشنىڭ قۇلايسىز ئىكەنلىكىنى، مۇنداق ئۇزۇن يازمىلارنى ئوقۇشنىڭ ۋاقىتنى تولىمۇ ئىسراپ قىلىدىغانلىقىنى ئەزۋەيلەڭ. ئاندىن سوئال سورىغۇچىدىن ئىشەنمىسە يانفۇنىنى كۆرۈپ بېقىشنى ئېيتىڭ. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ يانفۇنىدىمۇ مۇنداق قىسقا يازما، ئەقلىيە سۆز ۋە رەسىملىك شېئىرلاردىن كەم دېگەندىمۇ 20 نى تېپىپ، ئۇنى خېلىلا تەرلىتەلەيسىز.
7. مەلۇم بىر يازغۇچى-شائىرنىڭ غەيۋىتىنى تارتىنماي قىلىڭ.
   بۇ خىل ئۇسۇلدا، مەلۇم بىر يازغۇچى ياكى شائىرنىڭ يازغىنى بىلەن قىلغىنىنىڭ ئوخشاش ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ قايسىدۇر بىر چاغدا سورۇندا تازا ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ قېلىپ، ئۆيىنى تاپالماي كوچىدا يېتىپ قالغانلىقىنى، قايسى بىر ئەدىبنىڭ ئۆز نامىنى ساقلىماي تاكسىنى قىممەت كۆرۈپ قاراپاي ئاۋامدەك كوچا ئاپتوبۇسىغا چىقىپ يۈرگەنلىكىنى، قايسى بىر ئوبزورچىنىڭ كىملەرنىڭدۇر بىر قاچا تامىقى ئۈچۈن ناچار كىتابلارنى تازا ماختاپ، يالغاندىن كۆككە ئۇچۇرغانلىقىنى، كىتابىغا تىراژ توپلايمەن، كىتاب چىقىرىمەن دەپ كىملەرگىدۇر يالۋۇرۇپ قانداق خۇشامەت قىلغانلىقىنى، تېخى كىتابىنى ساتىمەن دەپ نەمۇ نە مۇناسىۋەت ئىزدەپ يۈرگەنلىكىنى... تارتىنماي دەۋېرىڭ. بۇ خىل ئۇچۇرلارنى ئاڭلىماي دېسىڭىزمۇ، بىرەر تور بەت ياكى مۇنبەرگە كىرىپلا قالسىڭىز، ھەممىلا جايدىن ئاسانلا ئېرىشەلەيسىز. يازغۇچىنىڭ ئىسمىنى ۋە ھېلىقى ۋەقەلىكنىڭ قىسقىچەجەريانىنى بىلىۋالسىڭىزلا كۇپايە. قېنى، سىزنى كىتاب ئوقۇشقا زورلىغان ھېلىقى ئاقىل نېمە دەيدىكىن؟
8. كېنو كۆرۈشنى قولدىن بەرمەڭ.
بەزى مەشھۇر ئەسەرلەر، داڭلىق كىتابلار سىنارىيەلەشتۈرۈلۈپ، كېنو قىلىپ ئىشلىنىۋاتىدۇ. ئۆيدە سافاغا يانپاشلاپ ياتقىنىڭىزچە، د ۋ د، ۋ غ د لاردا شۇ كېنولارنى كۆرۈش ئارقىلىقمۇ كىتابنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىدىن، ۋەقەلىكىدىن خەۋەر تاپالايسىز. بۇ يەردە شۇ ئەسەرنىڭ تىلىدىكى گۈزەللىكى، ئاپتورنىڭ بايان قىلىش ماھارىتى دېگەنلەردىن زوقلىنىمەن دەپ ئارتۇق ئاۋارە بولۇپمۇ يۈرمەيسىز. زۆرۈر تېپىلغاندا، سورۇنلاردا بۇ كېنو ھەققىدە گەپ بولغاندا، ئىككىلەنمەي 4-5 ئېغىز گەپ قاتالايسىز. ھەتتا، «كىتابىدىن كېنوسى ئېسىل ئىشلىنىپتۇ» دېسىڭىزمۇ، رەت قىلغۇدەك ئادەم ئۇچراپ يۈرمەيدۇ.
9. ئاۋازلىق نۇسخىسىنى ئاڭلىدىم دەڭ.
ھازىر نۇرغۇنلىغان داڭلىق ئەسەرلەرنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسى چىقىپ بولدى. سىز ماشىنىڭىزنى ھەيدىگەچ ياكى كومپىيۇتېردا ئويۇن ئوينىغاچ مەلۇم ئەسەرنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىنى قويۇپ ئاڭلاپ قويۇڭ. بىر ياقتىن ئاڭلىغاچ، بىر ياقتىن ئەسەرنىڭ مەلۇم بۆلەكلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقالايسىز. بۇ كىتاب ئوقۇغاندىن كۆپ قۇلاي. بولۇپمۇ، بۇ يەردە كىتابنى قاتلاپ قويۇپ ئويلىنىش، مەلۇم بىر يېرىگە سىزىۋېلىش، مەلۇم بىرۋەقەلىكنى ئىچىڭىزگە ئېلىپ كېتىپ بىرەر - يېرىم دەم بىئارام بولۇش ياكى قاتتىق ھاياجانلىنىپ، كىتابنى يۈزىڭىزگە يېپىپ بىر دەم تۇرۇۋېلىش... دېگەندەك ئاۋارىچىلىقلارغا دۇچ كېلىپمۇ يۈرمەيسىز.
  ۋاقتى كەلسە سورۇنلاردا ئەسەرنىڭ ئۇ يەر - بۇ يېرىدىن تۇتۇۋالغان پارچە - پۇرات يەرلىرىدىن بولسىمۇ گەپ تېشىپ، ھەر ھالدا ئۆزىڭىزنىڭ يامان ئەمەس بىر كىتابخۇمار ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدۈرۈش مەقسىتىڭىزگە يېتەلەيسىز.
10. ھېچكىم چۈشەنمەيدىغان ۋە ئىشەنمەيدىغان بىرەر ئېقىمنى بولۇشىغا ماختاڭ.
بۇ خىل ئۇسۇلدا ھازىر چىقىۋاتقان ئەسەرلەرنىڭ ئىنساننىڭ ئەڭ ئىچكى ماھىيىتىنى يورۇتۇپ بېرەلمەيۋاتقانلىقىنى، سىزگە يارىغۇدەك ئەسەرلەرنىڭ چىقمايۋاتقانلىقىنى، مەزمۇنىنىڭ پۇچەك، ۋەقەلىكىنىڭ بەكلا ئاددىي، تىلىنىڭ كونا ھەم قېلىپلىشىپ قالغانلىقىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ، بىر نەچچە غەلىتە ئىسمى بار نامالۇم چەتئەللىكلەرنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ھازىر دۇنيادا تولىمۇ قارشى ئېلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى تىلىمىزغا تەرجىمە قىلىنىپ كىرىدىغان بولسا بىزنىڭ يازغۇچىلىرىمىزنىڭ قاتتىق ھەسرەتلىنىپ، يازمىلىرىدىن قاتتىق نومۇس قىلىپ ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشى مۇمكىنچىلىكى ھەققىدە ئانچە - مۇنچە گەپ تەييارلىۋېلىڭ. بۇنداق ئۇچۇرلارنىمۇ مۇنبەر ئارىلىسىڭىز خېلى ئۇچرىتىپ قالىسىز. ئەلۋەتتە، مۇنداق ئەھۋالدا ئۆزىڭىزگە دوست تارتىشىپ بېرىدىغان يېقىن بۇرادەرلىرىڭىز چىقماي قالمايدۇ. زۆرۈر تېپىلسا، ئۇلارغا بىر –ئىككى رومكا «خوش كەتتى!» قىلىسىز ياكى تەخسىسىگە بىر-ئىككى چوكا قورۇما سېلىپ قويسىز. ئىشىنىمەنكى، بۇنىڭ چوقۇم ئۈنۈمى بولىدۇ، سىز ھەرگىزمۇ يالغۇز قالمايسىز...
11. يېڭى سېتىۋالماقچى بولغان ئۆيىڭىزگە مەخسۇس كۇتۇپخانا ياسايدىغانلىقىڭىزنىمۇ قوشۇپ قويۇڭ.
  بۇ خىل ئۇسۇلدا، ھازىرقى ئولتۇرۇۋاتقان ئۆيىڭىزنىڭ سەل تارچىلىقىنى،  ئىلگىرى ئۆي بېزىگەن چاغدا كۇتۇپخانا چىقىرىشقا قۇلايسىز بولغانلىقىنى، بالىلىرىڭىز كىچىك بولغاچقا كىتابلارنى قالايمىقان يىرتىپ ئارام بەرمىگەنلىكىنى، شۇڭا پات ئارىدا چوڭ ھەم يوغان بىر يۈرۈش بىنا ئۆي ياكى داچا  سېتىۋېلىپ، مەخسۇس بىر ئېغىز ئۆينى كۇتۇپخانا قىلىپ بېزەيدىغانلىقىڭىزنى تارتىنماي دەۋېرىڭ. بىر يۈرۈش ئۆينى ئالماق ئاسان ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچكىمنىڭ سىزگە ئۆتكۈزۈپ قويغىنى يوق.  كۆرسەتكەن بۇ باھانىڭىزغا مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئادەم قايىل بولىدۇ ھەم ھېچكىممۇ سىزنىڭ يېڭى ئۆينى قاچان ئالىدىغانلىقىڭىزنى سۈيلەپ يۈرمەيدۇ. بۇ خىل باھانە 10-20 يىل ئەسقاتىدۇ. سىزمۇ كۇرسىڭىزدىن چۈشۈپ يۈرمەيسىز...
يۇقىرىقى ئۇسۇللارنىڭ تولۇق بولۇشى ناتايىن. يەنە ئۆزىڭىز ئەمەلىيىتىڭىزدە چىقىش قىلىپ تەييارلىغان ئۆزگىچە ئېسىل ئۇسۇللارمۇ بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئۇسۇللارنى مۇۋاپىق گىرەلەشتۈرۈپ قوللانسىڭىزمۇ، ئايرىم-ئايرىم قوللانسىڭىزمۇ بولىدۇ. يەنىلا سۆزلەيدىغان مۇھىت ۋەئوبيېكىتنىڭ ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، ئامال بار پاساھەتلىكراق، كىتابىي تىل بىلەن سۆزلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى، سىزدەك كىتابخۇمار، زىيالىي، ئىلىم -مەرىپەتلىك كۆرۈنمەكچى بولغان ئادەمگە قاراپاي ئاۋام تىلى ئىشلىتىش تازا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ- دە!
               2015-يىلى 11-ئاينىڭ22-كۈنى. يەكەن.
uyghuray

12

تېما

2

دوست

5287

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   5.74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23987
يازما سانى: 352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 1622
توردىكى ۋاقتى: 352
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-23 22:42:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتاب ئوقۇش .

0

تېما

27

دوست

2263

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35121
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 688
توردىكى ۋاقتى: 144
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-24 03:26:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىڭىزغا رەھمەت !
ئەگەر ، سىز كىتاب ئوقۇمايدىغان بىرەيلەن بولسىڭىز ، بىزگە تۈزلا قېلىپ ، كىتاب ئوقۇمايمەن دەۋىرىڭ . ھېچقىسى يوق . بىز توغرا چۈشىنىمىز .
كىتاب ئوقۇش ـ ئاتا ـ ئانىدىن بالىسىغا مېراس قالىدىغان ئىش ئەمەس .
ئۇ ـ شۇ ئادەمنىڭ تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئائىلە مۇھىتى ، ئائىلە تەربىيسى ، مېجەز ـ خاراكتېرى  بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ، نازۇك ئىش .

0

تېما

1

دوست

1526

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   52.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30197
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 470
توردىكى ۋاقتى: 79
سائەت
ئاخىرقى: 2015-11-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-24 03:42:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا ھازىر كىتاب ئەمەس پۇل كېرەك.
uyghuray

0

تېما

3

دوست

2146

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21573
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 662
توردىكى ۋاقتى: 84
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-24 03:51:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر باھانە قوشۇپ قوياي،يەكەندە ياخشىراق شەخسىي كىتابخانا يوق،شىنخۇا كىتابخانىسى بىز ئىشتىن چۈشكەندە تاقىلىپ بولىدۇ،شەنبە يەكشەمبە تېخى ئالدىراشچىلىق












دىگەن بىر دوستۇم

0

تېما

0

دوست

3526

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   50.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27927
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1118
توردىكى ۋاقتى: 153
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-24 10:58:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز كىتاپ ئوقۇدۇق دەپ، سورۇنلاردا ئوقۇغان كىتاپلىرىمىز توغرۇلۇق كۈچەپ سۆزلەپ كېتىدىغان كىتاپلىرىمىز ساپلا ئەدەبىي كىتاپلار ياكى تارىخىي كىتاپلار.بىز بۇ كىتاپلارنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، بىرەر سورۇندا شۇ كىتاپ توغرۇلۇق ئازراق بىر پىكىر قىلىۋالساق،چوڭ ئىش قىلغاندەك، ئۆزىمىزنى ناھايىتى بىلىملىكتەك ھېس قىلىپ ھوزۇرلىنىپ كېتىمىز، شۇنىڭ بىلەن ئوقۇغان كىتاۋىمىزنىڭ ۋەزىپىسى تۈگەپ، ئاخىرىدا ئاستا-ئاستا ئۇنتۇشقا باشلايمىز ھەم ئاخىرىدا ئۇنتۇپ كېتىمىز. كەسپىي كىتاپلارنىڭ سۆزى سورۇنلاردا ئاساسەن بولۇنمايدۇ، ھەم بولۇنۇپ قالغان ھالەتتىمۇ ھېچكىم ئاڭلاشنى خالىمايدۇ.جىم ئولتۇرىدىغانلار بەلكىم رومان، ھىكايە ئوقۇماي، ئۆز كەسپىگە دائىر كىتاپلارنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغانلاردۇر بەلكىم، شۇڭا، مېنىڭچە سورۇنلاردا جىم ئولتۇرغانلارنى كىتاپ ئوقۇمايدىكەن دەپ ئويلۇساق بولمايدۇ، بىزدە «يېرىم چېلەك سۇ ئاسان چايقىلىدۇ» دېگەن بىر سۆز بار، شۇڭا بىز ئۆزىمىزنى بىلىملىك ھېساپلىساق مەيلى، لېكىن، باشقىلارنىڭ سۆزلىمىگىنىگە قاراپلا ئۇنى كىتاپ ئوقۇمايدىغان، بىلىمسىز ئادەمگە چىقىرىۋەتسەك بولمايدۇ.

4

تېما

10

دوست

8670

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   73.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35433
يازما سانى: 757
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 2620
توردىكى ۋاقتى: 684
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-24 11:23:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر بىرىدىن ئۆزگىچە چارىلىرىڭىز بارىكەن،ئوبدان ئوقۇۋالسام بولغۇدەك................

يازمىساممۇ بولا؟

0

تېما

0

دوست

725

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   45%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  45150
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 222
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-24 16:32:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mukam804 يوللىغان ۋاقتى  2015-11-24 03:51
يەنە بىر باھانە قوشۇپ قوياي،يەكەندە ياخشىراق شەخسىي ك ...

ما گەپنى مەن  ۋەھشى قوللايمەن ، ئەسلى بار ئىدى ، ئەمما كىيىن شۇ .....
نىم بولدىكىن تاقاپ قويۇپتۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )