- تىزىملاتقان
- 2013-12-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 11073
- نادىر
- 0
- يازما
- 910
ئۆسۈش
2.68%
|
دەن ھۇرلىيغا رەددىيە !
ئابدۇۋەلى قەشقەرى
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم تۇرسۇنجان بىلگە ئەپەندىم ياخشىمۇسىز !تەرجىمە ماقالىڭىزنى ھەم دەرسىڭىزنى كۆرۈپ چىقتىم ،مەن مەزكۇر ماقالە توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك دەلىللەر بىلەن رەددىيە بەرمەكچىمەن .
ئانا چاشقان بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇلارغا قارىغىنىچە مۇنداق دەپتۇ: "ھەي تالانت ئىگىلىرى! دەڭلارچۇ، ئوغلۇم قانداقسىگە مۇشۇنداق بولۇپ قالدى؟"
"ناچار ئىرسىيەت" دەپتۇ، دارۋىن.
"ناچار ئانا تەربىيەسى" دەپتۇ، فىرۇئىد.
مەن دەيمەنكى بۇ بىيولوگىيە نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ناچار ئىرسىيەت ۋە گېننىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشى ۋە ياكى باشقىچە ئىپادىلىنىپ چىقىشى دەيمىز .ئەلۋەتتە تەربىيەمۇ يۈكسەك ئورۇندا تۇرۇشى مۇمكىن ،چۈنكى ياخشى گىن ئوخشىمىغان مۇھىتتا ئوخشىمىغان ئىپادىلىنىپ چىقىشى مۇمكىن .بىز بۇنى ئەمدى بىيولوگىيە نۇقتىسىدىن ئىنچىكە تەھلىل ئىلىپ بارايلى ،زادى مومىسىنىڭ كەچۈرمىشى بالىغا ئىرسىيەت قالامدۇ يوق ؟ھەممىمىز بىلىمىز جانلىقلار بەدىنى سانسىزلىغان ھۈجەيرىدىن تەركىب تاپقان ،شۇ ھۈجەيرە بۆلۈنۈپ كۆپېيىشتە گىن شىفىرىنىڭ قوماندانلىقىغا تايىنىدۇ .
ئۇنداقتا گىن شىفىرى دېگەن نېمە ؟ئۇ قايسى يەردە قانداق ساقلىنىدۇ ؟
گىن شىفىرى دېگىنىمىز ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا جانلىقلار بەدىنى بۇيرۇق پىروگراممىسىنىڭ يىغىنچاقلانما ھۆججىتى بولۇپ ئۇ پۈتكۈل ھاياتلىقنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىسىگە قوماندانلىق قىلىدۇ .ئۇ يۇقىرى دەرىجىلىك جانلىقلارنىڭ DNA ۋە RNA مولكولا قىسمىدا ساقلىنىدۇ .تۆۋەن دەرىجىلىك (ۋىرۇس قاتارلىق) جانلىقلاردا بولسا پەقەت ۋە پەقەت RNA مولكولاسىدىلا ساقلىنىدۇ .گەپنى ئۇزارتمايلى (قىزىققۇچىلار ئايرىم خەت قالدۇرسا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب قالدۇرىمەن .).
ئىرسىيەت قانداق قالىدۇ ۋە ئىپادىلىنىدۇ ؟
تۆۋەن دەرىجىلىك جانلىقلاردا مۇكەممەل گىن ئىرسىيەت ئامبىرى بولمىغانلىقى ئۈچۈن جانلىقلاردا ئىرسىيەت دېگەن ئۇقۇم بولمايدۇ ئۇ ئۆزگىرىپ مۇھىتقا كۆنۈشنى ئاساس قىلىدۇ ئۆزگىرىشچانلىقى يۇقىرى ھەم تىز بولىدۇ .چۈنكى ئۇلاردا ئەۋلاد قالدۇرۇش بولمايدۇ ،يەنى ياكى بۆلۈنۈپ ئىككىگە ئايلىنىدۇ(بالا ياكى ئاتا-ئانا بولمايدۇ) ياكى ئۆلۈپ نەسلى قۇرۇيدۇ .مەسىلەن ئالايلۇق ۋىرۇس ئۇ بۆلۈنۈپ كۆپىيىدۇ ،ئۇ داۋاملىق گىن ئۆزگەرتىپ تېخىمۇ كۈچلۈك ئىككى ۋىرۇسقا ئايلىنىدۇ .شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى ۋىرۇسنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بۆلۈنۈش ۋاقتى ۋە دەۋرى ناھايىتى قىسقا بولىدۇ ،شۇڭا ئاغرىپ قالسىڭىز ئانتىبىيوتىك دورىلارنى (يەنى غەرب دورىسى) شۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئوكۇلنى ئامال بار ئىشلەتمەسلىكىڭىزنى تەشەببۇس قىلىمىز .چۈنكى ئانتىبىيوتىك ماددا بولسا بىر ھۈجەيرىگە خاس ياسالغان پەقەتلا يىلتىزدىن قۇرۇتۇشنى مەقسەت قىلغان ۋەھشىي دورا بولۇپ ئەگەر ئۇنى ئادەتتىمۇ ئىشلىتىۋەرسىڭىز ،بەدىنىڭىزدىكى ۋىرۇسلار تېخىمۇ كۈچلۈك نۇسخىلىنىدۇ دە ئاخىرغا بارغاندا مىليون يۈەنلىك دورىمۇ كار قىلمايدىغان ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .ئەمما شەرق تېبابىتى ئۇنداق ئەمەس ئۇ بەدەننى كۈچلەندۈرۈپ ئاستا ئەمما ئۇزاق ئۈنۈم بېرىشنى كۆزلەيدۇ .ھەم مۇنداق داۋالاشتا قورقۇنچلۇق كېسەللەر پەيدا بولمايدۇ .
يۇقىرى دەرىجىلىك جانلىقلار بولسا ئاساسلىقى مۇقىم بولغان مۇكەممەل بىر گىن ئامبىرىغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئۆزگىرىشنى قوشۇمچە ئىرسىيەتنى ئاساسلىق قىلىپ تۇرۇپ كۆپىيىدۇ ۋە ئەۋلاد قالدۇرىدۇ .
ئۇنداقتا ئىرسىيەت قانداق شەكىلدە ئاتا-ئانىدىن بالىغا مىراس قالىدۇ ؟
ئىرسىيەت بولسا ئەر ۋە ئايالنىڭ ئۆز-ئارا يېقىنچىلىق قىلىپ شۇ جەرياندا ئاتىنىڭ ئۇرۇقى ئانىنىڭ تۇخۇمدىنى بىلەن بىرىكىپ مۇكەممەل بىر ھۈجەيرىنى شەكىللەندۈرۈپ كۆپىيىشكە تەييارلىق قىلغان ھالىتى ئاتا-ئانىنىڭ بالىسىغا ئىرسىيەتنى مىراس قىلىنىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ .
مىراس قالغان گېننىڭ ھەممىسى بالىدا ئىپادىلىنەمدۇ نېمىشقا ؟
مىراس قالغان گېننىڭ ھەممىسىنىڭ بالىدا ئىپادىلىنىشى ناتايىن ،چۈنكى گىن بالىغا مىراس قالدى ،ئۇنىڭ ئىپادىلىنىشى ياكى ئىپادىلەنمەسلىكىدە تۆۋەندىكىدەك شارائىت چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ .
1.گېننى ئىلىپ يۈرگەن ھۈجەيرە بۆلۈنۈش جەريانىدا توساتتىن ئۆزگىرىش ياسىماسلىقى لازىم .يەنى گىن سىرتقى تەسىردە توساتتىن ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى كېرەك .مەسىلەن :خىمىيەلىك يېمەكلىكنىڭ تەسىردە ،ھورمۇنلۇق يېمەكلىكنىڭ تەسىرىدە ،كۈچلۈك بولغان دورا-ئوكۇللارنىڭ تەسىرىدە ،زىيانلىق نۇرلارنىڭ تەسىرىدە گىن توساتتىن ئۆزگىرىپ كېتىشى مۇمكىن .(غەيرى تالانتلىق ئادەم ياكى غەيرى گىن كېسەللىكى بار ئادەم دەل گېننىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشىنىڭ نەتىجىسى) .
2.گىن ئىپادىلىنىشى ئۈچۈن يېتەرلىك ساغلام بولغان ئوزۇقلىنىشقا موھتاج ،شۇڭا ئانا چوقۇم يېتەرلىك ئەمما ئۆلچەملىك ئوزۇقلىنىشى ھەم شۇ ئوزۇقلۇقنىڭ ياخشى ھەزىم بولۇشى ئۈچۈن ساغلام كەيپىياتنى ساقلىشى كېرەك .
شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى :راك ھۈجەيرىسىنى پەيدا قىلغۇچى گىن بەدىنىمىزدە تا ئەزەلدىن بار بولۇپ بىر يۇقىرىدا دېيىلگەن زىيانلىق نۇر رادىيو ئاكتىپ ماددا ۋە خىمىيىۋىيەلىك ماددىلارنىڭ زىيانكەشلىكى جەريانىدا ساغلام ھۈجەيرە راك ھۈجەيرىسىگە ئۆزگىرىپ كېتىدۇ (ئەيدىزمۇ شۇنداق يەنى قان مەينەتلىكى) .شۇڭا ساغلام ئىستېمال ۋە نورمال تۇرمۇش ئادىتىنى ساقلاش ھەممىدىن مۇھىم .
ئەمدى ئەسلى مەن رەددىيە بەرمەكچى بولغان تېمىغا كېلەي ،كەچۈرمىش ئىرسىيەت قالامدۇ ؟
جاۋابى ياق ،چۈنكى بايام دېگىنىمىزدەك ئۇرۇق ئىرسىيەت قالدۇرىدۇ ،ئۇرۇقتىكى DNA ئىرسىيەت گېنىنى ساقلايدىغان گىن ئىنىقىنى ئېيتقاندا خىروموسۇم ئىرسىيەت ساقلايدۇ ۋە ئىرسىيەتنى بەلگىلىرىنى ئىلىپ يۈرۈيدۇ .خىروموسۇم بولسا كەچۈرمىش ياكى ئادەتلەرنى ئىلىپ يۈرىدىغان ھەم ئىرسىيەت قالدۇرىدىغان ئاقسىل ئەمەس ئىلىم-پەن كىشىلەرنىڭ ھېسسىياتىغا ئەمەس پولاتتەك پاكىتقا ھۆرمەت قىلىدۇ .بەلكى بەلگىنى ئىلىپ يۈرىدىغان ۋە ئىرسىيەت قالدۇرىدىغان ئاقسىل .
ئەمىسە نېمە ئۈچۈن ئەۋلاد ئاتلاپ تەكرارلانما قايتا ئىپادىلىنىش كۆرۈلىدۇ ؟
بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى ئۇرۇق گېننى ساقلايدۇ ۋە ئىپادىلەيدۇ ،بەلكىم بوۋا-مومىڭىزدىن ياكى ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى گىن ئاتا-ئانىڭىزدا ئىپادىلەنمىگەن بولۇشى مۇمكىن لېكىن بۇ سىزدە ئىپادىلەنگەن بولسا بۇ شۇ گېننى قوزغايدىغان يەنە بىر گېننىڭ سىزنىڭ ھۈجەيرىڭىزدە بار بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ .بىز بۇ بۇنى تۆۋەندىكىدەك سەۋەبلەرگە بۆلۈمىز .
1.بىز يۇقىرىدا يۇقىرى جانلىقلارنىڭ گېنى ئاساسلىقى DNA بەلگىلەيدۇ دېگەن ئىدۇق .DNA قوش زەنجىرلىك خىروموسۇمدىن تەركىب تاپىدۇ .بەزى بەلگىلەر ( كېسەللەر ياكى ئالاھىدە ئىقتىدارلار) تاق ھالەتتە ئىپادىلىنىۋېرىدىغان بولسا بەزى (كېسەللەر ياكى ئىقتىدارلار) شۇ ئادەمنىڭ بالىلىرىدىن باشلاپلا شۇ گېننى ئىلىپ يۈرسىلا ئىپادىلىنىۋېرىدۇ (يەنى دادا تەرەپتىكى ئەرلىك گېنى كېسەل بولسا ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى كېسەل بولغاندەك. ).بەزى گېنلار شۇ ئۆزى لازىملىق گىن بىلەن ئۇچراشقاندىلا ئاندىن ئۆزىدىكى (كېسەلنى ياكى ئىقتىدارنى) ئىپادىلەيدۇ .مانا مۇشۇ دەل ئەۋلاد ئاتلاپ ھەتتا نەچچە ئەۋلاد ئاتلاپ بەلگىنىڭ قايتىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
2.ئەگەر داۋاملىق ئالاھىدە گىن ئىپادىلنىۋېرىپ بىر ئەۋلاددا ئىپادىلەنمىگەن بولسا ،شۇ كىشىدە بۇ جەمەت بەلگە گېننىڭ ئىپادىلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقتىن بولغان بولىدۇ .ئەمما بۇ گېننىڭ ئۇنىڭ بالىسىدا ئىپادىلىنىش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ .
3.ئەگەر بۇ ئالاھىدە بەلگىنى ئىپادىلەيدىغان گىن توساتتىن ئۆزگەرسە (ئۇرۇقتىن) بۇ گېننىڭ ئىپادىلىنىشى شۇ ئەۋلادتىن باشلاپ توختايدۇ .
بۇلاردىن شۇنى يەكۈنلەپ چىقىرىشقا بولىدۇكى موماينىڭ كەچۈرمىشىنىڭ بالىغا يۈكلىنىشى مۇمكىن بولمايدىغان بىر ھادىسە ئەمەلىيەتكە توغرا كەلمەيدىغان تەسەۋۋۇر .لېكىن ئالدىنقى ئەۋلادلارنىڭ گىن بەلگىسىنىڭ كىيىن ئەۋلاددا ئىپادىلىنىشى بۇ تامامەن مۇمكىن بولىدىغان ھادىسىدۇر.
ئەگەر تۇرسۇنجان بىلگە ئەپەندىمنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ مۇشۇ توغرىسىدا ئىلمىي قاراشلىرى بولسا ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ۋە چىرايلىق سۆھبەتكە داخىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .ھەم مۇشۇ توغرىسىدا قىزىقىدىغان نۇقتا بولسا تارتىنماي سوراڭلار قۇربىم يەتسە سىلەر ئۈچۈن ھەرۋاقىت تەييارمەن .
2015-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى
ئابدۇۋەلى قەشقەرى
|
|