- تىزىملاتقان
- 2015-11-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-12-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 45
- نادىر
- 0
- يازما
- 1
ئۆسۈش
15%
|
دۇنيا ئەر دەيدىكەن ئەر ساداقەت دەيدىكەن
بۇرۇن بىر ئەر ئايال ئۆتكەن ئىكەن يىگىت قىزنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىكەن ئارىدىن بەش يىل ئۆتۈپتۇ ھەم ئۇلارمۇ ئىككى قىز پەرزەنتلىك بوپتۇ بۇ ئارىدا يىگىت تىرشىپ ئىشلەپ ياخشى بىر ئائىلە قۇرۇشنىلا ئويلاپتۇ لىكىن ئىشلار يىگىت ئويلىغاندەك بولماپتۇ ،بىر كۈنى يىگىتنىڭ دوستى ئاجايىپ بىر ئىشنى كۆرگەنلىكىنى ئىيتىپتۇ يىگىت بۇلارنى ئاڭلاپ بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەي تۇرغان چاغدا يانا بىريىقىن دوستى يىگىت بىلەن تىزدىن كۆرەشمەكچى بولغانلىقىنى ئىيتىپ تىلفۇن ئۇرۇپتۇ يىگىت دوستى بىلەن ئۇچراشماقچى بولغان جايغا بىرىپتۇ نىھايات يىگىت ئۆز كۆزىگە ئىشەنمەپتكى ئالدىدا تۇرغان بۇ ئىبلىسنىڭ مەسۇم باللىرىننىڭ ئانىسى بولماستىن باشقا بىرسى بولۇپ قىلىشىنى تولىمۇ ئۈمۈت قىپتۇ ئەفسۇس كۆرگىنى دەل ئۆزى نەچچى يىلدىن بىرى ھەممىدىن كىچىپ ئۆزىدىن بەكرەك ئىشىنىپ ئاسراپ قوغداپ كەلگەن ئايالى ئىدى بىچچارە يىگىت شۇ دەقىقىدە بەش يىل ئاۋالقى بىر كۈننى ئىسىگە ئاپتۇ ئۇ كۈنى يىگىت قىزنڭ كۆز ياشلىرىغا ۋەدە قەسەملرىگە قايتا ئىشەنگەن ،قىزنىڭ باشقىلار تەرپىدىن تاشلىۋىتىلگەن قىز ئىكەنلىكىگەبىلگەن قىزغائىچى ئاغرىپ ئۇنىڭغا قايتىدىن ھاياتىلىق ئاتا قىلىشقا نىيەت قىلغان ھەم قىزنى جاھاندىكى بەخىتلىك قىز قىلىشقا بەل باغلىغان كۈن ئىدى . يىگىتنىڭ كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشتى بىر ئەر ئۈچۈن ئۆزى ئىشەنگەن ياخىشى كۆرگەن ئايالىنىڭ تالاغا قارىشىدىن ئۆز ئىرىگە خىيانەت قىلىشىدىنمۇ ئارتۇق ھاقارەت بولمىسا كىرەك .يىگىت بۇ ھاقارەتتىن قاتتىق ئازاپلىنىپتۇ ئىچى ئۆرتۈنۈپتۇ بەش يىل ئاۋالقى شۇ قىز ئۈچۈن ھەممىدىن كەچكەنلىرىگە ئاتا ئانىسىنىڭ ئۇرۇق تۇققان دوس يارەنلىرىنىڭ قىلغان نەسھەتلىىرىگە قۇلاق سالماي قارىغۇلارچە باسقان قەدەملىرىگە پۇشايمان قىپتۇ ھەتتا ئۆزىگە ئۆلۈمنى ئەۋزەل كۆرۈپتۇ .ياش يىگىت بۇ سەتچىلىكى ھىچكىمگە تىنماپتۇ دىيىشكىمۇ تىلى كۆيۈپتۇ چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا ھىشنىمىگە قۇلاق سالماي مەيدە قىقىپ ئالغان ئايال تۇرسا كىممۇئۇنىڭ گىپىگە قۇلاق سالسۇن يىگىت ئەلەمدە تولغۇنۇپتۇ ئاجىرشىپلا كىتەي دىسە ئىككى قىزىنى يىتىم قىلغۇسى كەلمەپتۇ ئاجراشماي دىسە بەش يىلنىڭزى ئۆزىگە خىيانەت قىلىپ كەلگەن ئايالغا نەپرەتلىنىپتۇ ئۇنى كۆرسىلا بولغان ئىشلار كۆز ئالدىدا نامايەن بولۇپ يۈركى پىچاقتا تىلىغاندەك ئاغرىپتۇ ئايالىنىڭ ئاۋازى ئەمەس ئىسمىنى ئاڭلىسىمۇ خۇددى بەدىنىگە بىرسى قوقاس چاچقاندەك ئاغرىيدىغان ھالەتكە كەپتۇ بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر قورقۇنۇشلۇق چۈش بوپ قىلىشىنى نەقەدەر ئۈمۈت قىپتۇ ئەجىبا ياخشىلىق ئۈچۈن قىلغنلىرىمنىڭ جاۋابى مۇشۇ بولدىمۇ دەپ كۆككە نالە قىلىپ يىغلاپتۇ يىگىت ۋىجدانىغا يۈز كىلەلمىگەندەك ھىس قىلىپ نىمىلا بولمىسۇن ئايالدىن قەتئى ئاجىرشىش قارارىغا كەپتۇ ،ئەمما ئايال ئاجراشقىلى ئۇنىماپتۇ ئەقىلسىز ئايال يا خاتالىقىنى تۈزەتمەپتۇ يا ئەر بىلە ئاجىراشقىلى ئۇنىماپتۇ ئىشەنچ قالمىغان تۇرمۇشنىڭ نىمە لەززىتى بولسۇن ياش يىگىت كۈندە ئازاپ ئىچىدە ياخشىلىقىغا خىيانەت قىلغان ئايال بىلەن بىر ئۆيدە دوزاق ئازابىنى تارتىپ ياشاپتۇ .كۆزدىن ئايرىغان خۇدايىم ھاسسىدىن ئايرىماپتۇ دىگەندەك شۇ كۈنلەردە يىگىت بىر ئاق كۆڭۈل قىز بىلەن تونۇشۇپ قاپتۇ بارا بارا يىقىن دوسلاردىن بولۇپ قاپتۇ يىگىت ھىچكىشىگە دىمىگەن ھەم دىيىشكە پىتىنالمىغان دەرتلىرىنى شۇ ئاقكۆڭۈل قىزغا تۆكۈپتۈ .قىزنىڭ يۈرىكى ئاچچىق بوپتۇ ھەم ئاشۇنداق بىر تۇزكورنىڭ مۇشۇنداق بىر ساددا قەلبى پاكىز بالىنى مۇشۇ كۈنگە قويغىنىغا نەپرەتلىنىپتۇ يىگىتنىڭ دەردىنى چۈشەنگەن قىز يىگىتكە تەسەللى بىرىپتۇ قايتا بىر قىتىم پۇرسەت بىرىشىنى كەچۈرۋىتىشىنى سوراپتۇ ئەمما يىگىت بەش يىلدىن بۇيان ئالدانغانلىقىنى ھىلىھەممۇ ئالدىنىپ كىلىۋاتقانلىقىنى ئىيتىپتۇ
شۇ كۈنلەردە ئايال يىگىتنىڭ ئاق كۆڭۈل قىز بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋىتىنى بىلىپ خەلىق ئالەمگە ئىرىم ئاشنا تۇتىۋالدى شۇ سەۋەپلىك مەن بىلەن ئاجراشماقچى دىگەن قالپاقنى كەيدۈرۈپ قويۇپتۇ .ئاقكۆڭۈل قىزنى بولسا تىللاپ ئۇرۇپ قىزنىڭ ئاتا ئانىسىغا ۋەز ئىيتىپ خەلىق ئالەم ئالدىدا يۈزىنى كۆتۈرگۈسىز قىلىپ قويۇپتۇ .ئەجىبا يىگىت رەزىل ئىپلاس ئايالنى شەرمەندە ھالىتىدە تۇتىۋىلىپمۇ ئىككى نارەسىدىنىڭ ئانىسى ئىكەن دەپ ھىچكىمگە تىنمىغان ئىدىغۇ …رەزىل ئايال ئۆز قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ھەر قاندا ۋاستىنى قوللىنىپتۇ يىگتنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرىمۇ ھەممە ئەيىپنى يىگىتتە قويوپتۇ ھەممە ئاق كۆڭۈل قىزغا بىر ئائىلىنى بۇزغان دەپ نەپرەت كۆزىدە قاراپتۇ يىگىت قان قىرىنداشلىرىنىڭ يۈرىكىنى قەلبىنى دەردىنى چۈشەنمىگەنلىكىگە قاراپ ئەپسۇسلىنىپتۇ ھەم قايتا چۈشەندۈرۈشنىمۇ خالىماپتۇ ئايال ئاخىرى رەزىل مەخسىتىگە يىتىپ ئۆزىنى ئاپئاق بىر ۋاراق قەغەزدەك قىلىپ يىگىتنى بولسا ئائىسىنىڭ بەختىنى قارا قىلغان ئىككى قىزننىڭ يىتىم قىلىشىغا سەۋەپ بولغان ۋاپاسىز دادا مەسئىۇلىيەتسىز ئەر سۈپىتىدە قالدۇرۇپ ھەممە شارائىتنى تەل قىلدۇرۇپ ئاجىرشىپتۇ رەزىل ئايال بولسا ھەممە يەردە ئىرىم ئاشنا تۇتتى ئاشنىسنى دەپ مەندىن باللىرىمدىن كەچتى دەپ ئولتاغان قوپقان يىرىدە سۆزلەپ ئولتۇردىكەن . ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىنى ھىچكىم بىلمىسىمۇ ھەق ئىگىسىنىڭ بىلىدىغانلىقىنى ھەقىقەتنىڭ ئىگىلىدىغان سۇنمايدىغانلىقى بىلمەمدىغاندۇ …… نەگە بارسا ئاجىز ئاياللىقىنى پەش قىلىپ ئەر كىشى ئاق قىلدى ئەر كىشى كۆك قىلدى دەپ سۆزلەپ يۈرۈپ جاھاننىڭ رەپتارىغا كىرۋىـلىـپ يۈرگەن ناكەس ھامان بىركــــۈنى ساختا نىقابى يىرتىـلـىپ شەرمەندەـ بولىــدىغانلىقىنى ئويلىمامدىغاندۇ ،…
مەنبەسى : ئۆز قەلىمىم
|
|