توققۇزىنچى قۇيرۇق
ئەركيار
رىۋايەت قىلىنىشچە بارلىق ھايۋانلار ئەۋلىيا بولالايمىش،ئەلۋەتتە مۆشۈكمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.ھەر 20يىل ئىبادەت قىلسا مۆشۈككە بىرتال قۇيرۇق ئۆسەرمىش،قۇيرۇقى توققۇزغا يەتكەندە ئاندىن ئەۋلىيالىق ماقامىغا يېتەرمىش.مۆشۈك ئەۋلىيا بولغاندا باشقا ئەۋلىيالارمۇ ئۇنىڭغا تازىمغا كېلەرمىش. ئەمما،مۆشۈكنىڭ توققۇزىنچى قۇيرۇققا ئېرىشمىكى شۈنچىلىك تەسمىش.مەشىق قىلىپ سەككىزىنچى قۇيرۇقى چىققاندا غەيىپتىن بىر سادا كېلىپ بىرئادەمگە ياردەم قىلىپ ئۇنىڭ ئارزۇسىنى ئۇرۇنداپ بېرىشكە بۇيرۇلارئىكەن.ئەمما،ئارزۇ ئورۇندىلىشىغىلا بىر قۇيرۇق ئۆسۈپ چىقىپ يەنە بىر ئىلگىرىكى قۇيرۇقى چۈشۈپ كېتىدىكەن. مۇشۇنداق غەلىتە تەكرارلىنىش ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپتۇ،مۆشۈك مەيلى قانداق قىلسىمۇ توققۇزىنچى قۇيرۇققا ئېرىشەلمەپتۇ. مۆشۈكلەرنىڭ ئىچىدە ناھايىتى ئىخلاسمەن بىر مۆشۈك بارئىكەن،نەچچە يۈز يىل ئىبادەت قىلىپتۇ،ئۆزىنىڭ قانچە ئادەمگە ياردەم قىلغىنىنى ئۆزىمۇ بىلەيدىكەن. ئەمما، بۇ مۆشۈكمۇ سەككىز قۇيرۇقلۇق ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تەڭرىدىن ئۆزىنىڭ زادى قانداق ئىبادەت قىلسا ئاندىن توققۇزىنچى قۇيرۇققا ئېرىشەلەيدىغىنىنى سوراپ ئىلتىجا قىلىپتۇ.تەڭرى ئۇنى يەنىلا داۋاملىق ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇپتۇ. بىر كۈنى ئۇ قاتتىق ياغقان يامغۇردا ئۆزى تۇرىدىغان كەنتكە قايتىپ كەپتۇ.قارىسا بىرتوپ بۆرە بىر بالىنى قورشىۋالغان،شۇ ماقامغا يەتكەن مۆشۈك قىلچە كۈچىمەيلا بۆرىلەرنى ھۈركۈتۈپ قورقۇتۇپ بالىنى قۇتقۇزىۋاپتۇ.قارىسا بۇ بالا مۆشۈكنىڭ بىرىنچى خوجايىنىنىڭ بالىسى تۇرغان.مۆشۈك كۆڭلىدە قائىدە بويىچە بۇ بالىنىڭ ئارزۇسىنى ئۇرۇنداپ بىر قۇيرۇقنى ئاۋۇتۇپ بىر قۇيرۇقنى تاشلاشتەك تەكرارلىقنى داۋاملاشتۇرماقچى بوپتۇ. مۆشۈكنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بالا ناھايىتى خۇشال بوپتۇ،چۈنكى توققۇز قۇيرۇق مۆشۈكنىڭ رىۋايىتى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تارقىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ،بالا بۈگۈن ئۆزىنىڭ بۇ خاسىيەتلىك سەككىز قۇيرۇق مۆشۈكنىڭ خوجايىنى بولۇپ قالغىنىدىن قاتتىق ھاياجانلىنىپتۇ. مۆشۈك بالىدىن قايتا سوراپتۇ:ئارزۇيۇڭ نېمە؟ھەرقانداق ئارزۇيۇڭنى ئورۇندايمەن. بالا دەماللىققا بىرنېمە دېمەپتۇ.خاسىيەتلىك مۆشۈك ئاددى مۆشۈككە ئايلىنىپ بالا خوجايىنى بىلەن ئۆيگە قايتىپتۇ. نەچچە كۈن ئۆتۈپتۇ،قارىسا بالا ئۆزىدىن بەكلا ئېھتىيات قىلغۇدەك.بالا مۆشۈكنىڭ توققۇز قۇيرۇق ھەققىدىكى بايانلىرىنى ۋە كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن خاسىيەتلىك مۆشۈككە ناھايىتى ئىچى ئاغرىپتۇ.خاسىيەتلىك مۆشۈك بالىنىڭ كۆزىدىن دۇنيا ھەقىقىتىنى چۈشىنىپ يەتكەندىن كېيىنكى خۇرسىنىش ۋە ئادىمىزات دۇنياسىغا چۆككەندىكى ئازابلارنى كۆرگەندەك بوپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپ بىر كۈنى سەككىز قۇيرۇق مۆشۈك سەۋىر قىلىپ بولالماي بالىدىن زادى نېمە ئارزۇسى بارلىقىنى سوراپتۇ.بالا ئويلىنىپ تۇرۇپ كېتىپ،سوراپتۇ:«قانداقلا ئارزۇ بولسا بولامدۇ؟»،خاسىيەتلىك مۆشۈك بالىغا مەنسىتمىگەندەك ھومىيىپ قاراپتۇ. "ئۇنداق بولسا..."دەپتۇ-بالا،«مېنىڭ ئارزۇيۇم شۇكى،سېنىڭ توققۇزىنچى قۇيرۇقۇڭ بار بولسۇن...»خاسىيەتلىك مۆشۈك بالىغا قاراپ گاڭگىراپ تۇرۇپلا قاپتۇ ۋە بىرئازدىن كېيىن ئىپادىلەش قىيىن بولغان بىرخىل مىننەتدارلىق بىلەن بالىنىڭ قوللىرىنى يالاپ،بالىغا سۈركىلىپ ئىللىق ئەركىلەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بالىغا چىرايلىق توققۇزىنچى قۇيرۇق ئۆسۈپ چىقىپتۇ ھەم ھەقىقى ئەۋلىياغا ئايلىنىپتۇ.بالىمۇ بىر ئۆمۈر بەخىتلىك ياشاپتۇ. ھېكايە مۇشۇ يەردە تۈگەيدۇ. بۇ ھېكايىمىز كۆرسىتىپ ئۆتىدۇكى ،ئارزۇسىنى ئورۇنداشقا كۈچ چىقىرىدىغانلار بولغاچقىلا خاسىيەتلىك مۆشۈك توققۇزىنچى قۇيرۇققا ئېرىشەلىدى.ئۇنىڭ ئالدىدا ئۇچرىغانلار شەخسىيەتچىلىك بىلەن ئۆزىنىلا كۆزلەپ ،ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنىلا ئېيتىپ خاسىيەتلىك مۆشۈكنىڭ ئارزۇسى بىلەن كارى بولمىغان ئىدى.ئۇلار خاسىيەتلىك مۆشۈكنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇسىنى ئورۇنداپ بېرىشىنى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى دەپ ئويلىۋېلىشقان بولۇپ،سەككىز قۇيرۇق مۆشۈكنىڭ ھېسياتىنى،ھەربىر قۇيرۇق ئۈچۈن قانچە يىللار ئىبادەت قىلغىنىنى ئويلاشمىغان ئىدى.مەيلى ئالاۋىدىننىڭ سېھىرلىك چىرىقى بولسۇن ياكى باشقا چۆچەكلىرىمىز بولسۇن كىشىلەر ھەمىشە ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنىڭ ئورۇنلىنىشىنىلا ئۆز غايىسى قىلىپ كەلگەندەك قىلاتتى...
|