قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 2087|ئىنكاس: 6

نەسىھەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

30

تېما

0

دوست

1863

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   86.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  48536
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 65
تۆھپە : 598
توردىكى ۋاقتى: 43
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-26 16:04:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەسىھەت

(ھېكايە)

ئابدۇراخمان سادىق



تەلئەت ئاكامنىڭ مىلىشمال دۇكىنىنىڭ ئالدى دائىم ئاۋات بولۇپ ، دۇكاننىڭ ئىككى يېنىغا يۆلەپ قۇيۇلغان ئىككى ئۇزۇن ، لىكاڭشىپ تۇرغان ئورۇندۇققا مەھەلىدىكى بىچارىلەر ئولتۇرۋىلىپ قۇرۇق پاراڭ قىزىتىپ دۇكانغا ھەقسىز 《ئېلان-سەنئەت》يۈرگۈزۈپ بىرىشەتتى. قۇرۇق پاراڭنى تازا ۋايىغا يەتكۈزدىغانلاردىن بىرسى قۇشنىمىز ئاۋۇت بويتاق ئىدى . ئاۋۇت بويتاق  ئىگىز ،كېلەڭسىز ، تەتۈر ئۇستىخان ئادەم بولۇپ ،لاپ ئېتىشنى ياخشى كۆرەتتى ، يەتمىش ياشلارغا كىرىپ قالغىنىغا قارىماي مۇشتەككە تاماكا سانجىپ چېكىشكە ھېرىسمەن ئىدى . ئۇنىڭ ئۆيى تەلئەتكامنىڭ دۇكىنىنىڭ ئۇدىلىدىكى قورودا بولۇپ ، بىر دېرىزىسى دۇكانغا قاراپ تۇراتتتى ، ئاۋۇت بويتاق ھەر كۈنى ئاشۇ دېرىزىدىن مائاراپ ، دۇكان ئالدىغان ئادەم دوپلاشقاندا ئاندىن چىقاتتى . بۇلۇپمۇ مىنى كۆرمىسە ھەرگىز چىقمايتتى .
   ئاۋۇت بويتاق مايلىشىپ ، رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن چۇچىلىق تاماكا خالتىسى ، غاڭزا سىياقىدىكى ئەگرە بىر مۇشتكى بولۇپ ، ئۇلارنى باشقىلاردىنمۇ كۆرە ماڭا جىقراق كۆز-كۆز قىلاتتى . ئۇ تاماكا خالتىسىنىڭ يىپىنى چىمەلتىكىگە ئورىۋىلىپ يوغان باشلىق مۇشتىكىنى خالتىغا سېلىپ  تۇرۇپ تاماكىغا تولدۇراتتىدە، كېيىن مۇشتەكنى خالتىدىن چىقىرىپ باشمالتىقى بىلەن تاماكىنى چىڭدىغاچ:
-ماڭا قارا ، ھاشىمجان ئۇكا ، ئەينى يىللىرى بوۋام تىجارەت قىلىپ رەسيىگە(روسىيە) بارغاندا ،پادىشاھ نىكولاي مۇشۇ خالتا  بىلەن  مۇشتەكنى كۆرۈپ قىلىپ تالىشىپتىكەن ،-دېيىشىنى ئۇنۇتمايتتى . ئۇ ئۆزىنىڭ ئاتقان لاپلىرىغا مۇشۇ مەھەلىدە پەقەت  مېنىڭ ئۇنى –بۇنى دېمەي كۆلۈمسىرەپ ئاڭلايدىغانلىقىمنى بىلەتتى .
-ھە ، شۇنداق قىلىپ ..... دېدىم بۈگۈنمۇ ئاۋۇت بويتاق مىڭ قىتىم ئاتقان لاپىغا ئىشەنگەندەك ۋە بىرىنچى قىتىم ئاڭلىغاندەك كۈلۈمسىرەپ .
-شۇ ، مۇشۇ تاماكا خالتاڭ بىلەن مۇشتىكىڭنى ماڭا بەرگىن، مەن ساڭا ئالتۇندىن تاقىلىغان ئاتلىرىمنى ھەم كلاسكىنىمۇ بېرەي دەپتۇ ..
-خوش ، بوۋىڭىز نېمە دەپتۇ ئاۋۇت ئاكا ؟
دېدىم مەن ئەتەي چۆچىگەندەك .
-بوۋام ، ئەپۇ قىلسىلا، بۇ خالتا بىلەن مۇشتەك دادمدىن قالغان يالدامد دەپتۇ ، راست !
نىكولاي مەيلى دەپتىما ؟،-سوراپ قويدۇم ، ئاۋۇت بويتاق مەنمۇ نىكولاينى نىكولاي دەپ .
-ئۇمۇ نوچى پادىشاھكەن ،« ئۇنداق بولسا مەيلى تالاشماي »دەپتۇ .
ئاۋۇت بويتاق مىنى ئىشەنمەيۋاتامدۇ دېگەندەك سەل ئېڭىشىپ كۆزۈمگە قاراپ قويۇپ:
-بوۋاممۇ ئوغۇل بالىدە ، نىكولايغا 《بۇ قىتىم غۇلجىدىن كەلگەندە بىرنى ئالغاچ كېلەي》دەپتۇ،- دەپ قوشۇپ قويدى .
بىز پاراڭلىشۋاتقاندا يېنىمىزغا مەھەلىنىڭ تۆۋەندىكى ھېكىم ئەلەس كەلگەنىدى . شۇ تاپتا ئۇ ماڭا بىر كۆزىنى قىسىپ قويۇپ گەپكە ئېغىز ئاچتى .
-ۋۇي .....راستلا، ئاۋۇت ئاكا ، مەن بىرچاغلاردا پادىشاھ نىكولاينىڭ غاڭزا چىشلەپ تۇرغان ئالامەت ھەيۋەت سۈرىىتىنى كۆرگەندەك قىلغان، شۇنى داداڭ نىكولايغا ھەدىيە قىپتىكەندە، ھە؟
ئاۋۇت بويتاق بىر پەس جىم بولۇپ قالدى، ئاندىن مۇشتىكىگە چىڭداپ تاماكا بېسىپ ، سەرەڭگە ياقتى -دە،ئىسنى ئىچىگە كۈچەپ شورىدى.كېيىن قويۇق ئىسنى ھېكىم ئەلەس  تەرەپكە  ئۇزاق پۈۋلەپ ئاندىن ماڭا قارىدى.
-ماڭا قارا ، ھاشىمجان ئۇكا ، مۇشۇ تاماكا دىگەنمۇ جاھاننىڭ ھۇزۇرى دېگىنە ، بىراق سەن چەكمەيسەن؟
-چەككەن –دېدىم مەن .
-خېلى يىل بولدى تاشلىۋەتتىم.
-نېمە دەيسەن ھوي ، ياپياشلا تۇرۇپ خېلى يىل بولدى دەيسەن؟ زاكاڭدىلا چەككەنمىدىڭ؟ لېكىن تاماكا دىگەن يالغۇز قالغان ، ئىچىڭ سىقىلغان چاغلاردا ئىچ پۇشۇقىڭنى چىقىرىدۇ!
  ئۇنىڭغا  جاۋابەن بىر نېمە دەپ ئاغزىمنى گەپكە ئۇمەللەپ تۇرىۋدىم ، ھېكىم ئەلەس ئاغزىنى ئېچىپ قالدى.
-ئاۋۇت ئاكا ، ئاڭلىسام تاماكىنى چېكىيۋەردىڭ دەپ ئايالىڭ سىنى ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرىپتىكەن ، ھە ؟
ئاۋۇت بويتاق ئاغزىدىكى بولۇتتەك ئىسنى يەنە ھېكىم تەرەپكە پۈۋلىدى ۋە بىر قىزىرۋىلىپ:
-نېمە دەيدۇ؟ خۇتۇن ھەيدەپ چىقارمىدى، ئۆزەم چاپىنىمنى دۇلامغا تاشلاپلا يېنىپ چىققان –دېدى ، كېيىن ماڭا لەپپىدە قاراپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى
- سەۋەبىنى بىلگۈڭ بارمۇ ھاشىمجان؟ ئۇ تازا ياش ۋاقىتلىىمىزئۇتتۇز ئوغۇلنىڭ بىر گۈلى بولۇپ ، ناخشىنى بۇلبۇلدەك ئېيتيىدىغان چاغلار ئىدى، دېگىنە يەنە مۇشۇخالتا بىلەن مۇشتەك ئۇخلىساممۇ بېشىمدا ئېدى . بىر كۈنى قارسام يەڭگەڭ خالتا بىلەن مۇشتەكنى ئوتقا تاشلىۋىتىمەن دەپ قولىغا ئېلۋاپتۇ، جان –ئىمانىم چىقتى . خالتام بىلەن مۇشتىكىكىم پاتمىغان ئۆيدە بىزمۇ يوق دەپلا خۇتۇننىڭ قۇلىدىن خالتا بىلەن مۇشتەكنى تارتىۋىلىپلا ئۆيدىن يېنىپ چىققانمەن.
- تاماكا خالتا بىلەن مۇشتەكنى دەپ بويتاق ئاتىلىپ كېتىپكەنسەندە؟-دېدى ھېكىم ئەلەس يەنە ماڭا كۆزىنى چىمچىقلىتىپ قويۇپ، مەن نېمە دېيىشىمنى بىلمەي چەتكە قارىۋالدىم، ئاۋۇت بويتاق گەدىنىگىچە قىزىرىپ ، غۇدۇڭشىدى:
- بۇ خالتا بىلەن مۇشتەك بوۋام بىلەن دادامدىن مىراس قالغان نېمە دەيمەن ، ھېكىماخۇن  ،جۇغ جەمىئىي بىرەر يۈز يىللىق يالداما بۇ ، شۇنىڭغا ئاچچىق قىلغان گەپ!
ھېلىلا مۇشتىكىنى بەتىنكىسىنىڭ پاشنىسىغا قاققان ئادەم، تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن مۇشتىكىنى تاماكىغا پاتتۇردى، ئاڭغەچە ھېكىم ئەلەسنىڭ يانچۇقىدىكى تېلفۇنى جىرىڭلاپ قىلىۋدى ، ئۇ يان تېلفۇننى قولىقىغا يىقىپ يۈرۈپ كەتتى.
ئادەمنى بەزىدە يوقلا خومارلا تۇتۇپ قالىدۇ. ھېلىقى پاراڭدىن كېيىن نېمىشقىدۇر قولدا ياسالغان كۆك موخۇركىنى غاڭزىغا بىسىپ ، شوراپ –شوراپ چەككۈم كېلىدىغان بولۇپ قالدى. كۆز ئالدىمغا ئاۋۇت پوچىنىڭ مۇشتىكىنى سىڭايان چىشلىۋىلىپ، تەلئەت ئاكامنىڭ دۇكىنى ئالدىدا غادىيىپ تۇردىغان سىياقى كېلىۋالاتتى . ئاخىر ئادەم چوڭ بولسۇن، كىچىك بولسۇن ، ھەتتا سەل غەيرى بولسۇن ، ئويلىغىنىنى ئىشقا ئاشۇرىشى ، ئارزۇسىغا يېتىشى كېرەكقۇ! شۇ ئىستەك ، خىيالىم نەچچە كۈنلەرگىچە بېسىقماي ئاخىرى بىر كۈنى ھويلىنىڭ ئالدىدىكى لاي سۇۋاق ئورۇندۇقتا غاڭزىسىنى چىشلەپ خىيالچان ئولتۇرغان ئاۋۇت پوچىنىڭ يېنىغا بېرىپ سالاملاشتىم .
-ئاۋۇت ئاكا ، مۇشۇ سېنىڭكىدەك غاڭزا مۇشتەكنى نەدە ساتىدۇ؟
ئاۋۇت بۇيتاقىنىڭ كۆزلىرى چەكچەيدى ، ئاغزىدىكى مۇشتەكنى ئالمايلا كىشىنىدى:
نېمە ؟ نېمە دېدىڭ ؟ نەدە غاڭزا ساتىدۇ دەمسەن؟ نېمە قىلسەن ئۇنى؟
-مەنمۇ سەندەك قىڭغىر چىشلەپ موخوركا چىكەيمىكىن دەيمەن!
-ما بالىنى ! ئاۋۇت بۇيتاق ئەمدى مۇشتىكىنى قولىغا ئېلىپ ماڭا ، تېخى كۆرۈپ باقمىغاندەك قاراپ كەتتى. كېيىن خالار –خالىماس غۇدۇڭشۇپ قويدى:
قاراپ باقمامسەن ، بىدە بازىرىدىكى چىش دوختورخانىسىنىڭ يېنىدا بارمىكىن ،  موخۇركىچىلار شۇ يەردىغۇ!
-ئەمسە مەن شۇ ياققا بېرىپ باقاي- مەن باشقا نېمىگە ئىرەن قىلمايلا بۇرۇلۇپ ماڭدىم .كەينىمدىن ئاۋۇت بۇيتاقنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى:
-ھەي ، ھەي ھاشىمجان، توختاپتۇرغىن، توختاپ.....گېپىمنى ئاڭلا!
-نېمە گەپ ئاۋۇت ئاكا ؟ دېدىم كەينىمگە قايرىلىپ ،ئاۋۇت بۇيتاق مۇشتىكىگە تازا بىر قاراپ كېتىپ :
-ئالدىرماي تۇرغىنا، بولدى بۈگۈنچە بارما ، ئەتە مەن شۇ ياققا ئۆتىمەن ، بىللە بارايلى ، مەن تاللىشىپ بېرەي، ھەر خىللىرى بارچۇ؟ -دېدى.
-ئەمسە تېخى ياخشى، دېدىم ، مەن سەپىرىمدىن يالتىيىپ، ئاۋۇت ئاكا ، ئەتە چۈشكىچە ئىشلەيمەن ، چۈشتىن كېيىن ساڭا يولۇقاي!
ئەل ياتقۇغا يېقىن دەرۋازىمىز تاراقلاپ كەتى ، بىر تەرىپىمدىن ئەنسىرەپ، بىر ھەيران بولۇپ يېرىم يالاڭغاچ دېگۈدەك تالاغا يۈگۈردۈم.
دەرۋازىنى ئاچسام پۇتلىرىنى كىرەدەپ  ئاۋۇت بۇيتاق تۇرۇپتۇ، مېنىڭ چىقىشىمغا ئۇ گېپىنى باشلىدى:
-ھاشىمجان ئۇكا ، ئەتىگىچە تەخىر قىلالمىدىم. سەن نوچى بالا ، بىراق ھېلىقى نىيىتىڭدىن يانغىن جۇمۇ!
-ق....قايسى نىيتىمدىن؟-دېدىم ئويلاپ يادىمغا ھېچنىمە كەلمىدى.
-ھېلىقىچۇ، بۈگۈن ماڭا دېگەن غاڭزا سېتىۋالدىغان خىيالىڭدىن-ئاۋۇت بۇيتاق خىرىلداپ تۇرۇپ بۇ سۆزنى داۋام ئەتتى – بايقىسام تاماكىنى باشلاش نىيىتىگە كەلگەندەك قىلسەن! نېمە قىلاتتىڭ ، ئۇكا ئاران قۇتۇلغان مەينەتنى يەنە يۇقتۇرۋېلىپ؟ بىزلەر قۇتۇلالمايۋاتساق!
-نېمە دېدىڭ ؟ ئاۋۇت ئاكا؟ دېدىم ھەيران بولۇپ ، خالتا بىلەن مۇشتەك سېنىڭ ئامرىقىڭ ئەمەسمىدى؟
-دەپ قويغان گەپ دېگىنە!- ئاۋۇت پوچى گىرىمسەندە بېشىنى چايقىدى، بىر ئۆمۈر شۇنىڭ كىسىلىنى تارتتىمغۇ مەن ، ئۆپكىمۇ تۈگىدى، ئۆيمۇ يوق بولدى، كانايدىكى غىژ-غاژلا قالدى .
-سېنى مۇنداق دەر دېمەپتىكەنمەن ئاۋۇت ئاكا –دېدىم، نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي كۈلۈپ –مەنغۇ چاقچاق قىلىپ قويغان، تاماكىنىمۇ چېكىپ كەتمەيمەن، بىراق سېنىڭ گېپىڭ ئاجايىپ بولدى!
-ئۇنداق بولسا ياخشى، دېدى ئاۋۇت پوچى كۈلۈمسىرەپ قاراپ تۇرۇپ :
-بىر مەرەزنى يۇقتۇرۋالمىسۇن دېدىمچۇ، دەردىنى مەنلا تارتىپ كېتەي!
ئاۋۇت بۇيتاق گەپ –سۆز قىلماي ئارقىغا ئۆرۈلدى، ئىككى – ئۈچ قەدەم بېسىپ ،توختىدىدە:
-سەن ياخشى بالىچۇ ھاشىمجان ، گەپكە قۇشۇق سالمايسەن، ھېكىم ئەلەسكە بۇنداق گەپنى قىلمايمەن مەن! دەپ قويۇپ يۈرۈپ كەتتى.
ئارىدىن بىر نەچچە ئايلار ئۆتۈپ مەھەلىدە 《ئاۋۇت بۇيتاق دوختۇرخانىدا يېتىپ قاپتۇ》دېگەن پاراڭ تارقالدى. بىر كۈنى ئىشتىن يېنىپ تەلئەت ئاكامنىڭ مىلىشمال دۇكىنىغا كەلسەم، ھېكىم ئەلەس ئەتراپىدىكىلەرگە سۆزلەۋىتىپتۇ:
-دېسەم – دېسەم ئۆپكىنىڭ ئىشى ،تاماكىنى نان يېگەندەك يەيتى ئەمەسمۇ ئۇ پوچى ، كاردىن چىقتى دەڭلار!
مەن ھېكىم ئەلەسكە يامان كۆزۈم بىلەن بىر قارىۋېتىپ ، ئاۋۇت ئاكامنى  يوقلاپ كېلىش ئۈچۈن،ئۈن چىقماي بازار تەرەپكە  ماڭدىم.
uyghuray

0

تېما

0

دوست

13

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   4.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  48952
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 4
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2015-11-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-26 18:03:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەيىب ئەيبلىنىشى كېرەككى ئەيىبلىك ئادەم ئەيىبلەنمەسلىكى كېرەك.تاماكا چەككۈچى خالىغان ئادەمگە قارىتىپ تۈتۈن پۈركىسە ئۇ ئۇنىڭ ئەركىنلىكى،جامائەت ئىتتىپاقلىق ئۈچۈن ئۇ بەڭگىنى يوقلىشى كېرەك.مەسچىت ئالدىدىمۇ تاماكا چەكسە تامامەن بولىدۇ،ھېچكىم ئەيىپلىمەسلىكى كېرەك.ساغلاملىق ئۇنىڭ ،ساغلاملىقىنى ئاسرىماسلىق،مۇسۇلمان ئاممىسىنى ھۆرمەتلىمەسلىك ئەركىنلىكى بار.بۇ قىممەت قاراشقا قوشۇلمايدىكەنسە ئالتە ئاي ئوقۇيسەن،دەۋرگە ماسلىشىسەن،دېنىي ئاشقۇنلارنىڭ دۈشمىنى سېنىڭ دوستۇڭ بولىشى شەرت.ئەدەبىيات دەۋرگە ماسلىشىپ مېڭىشى كېرەك.باشقىچە پىكىرقىلساڭ پىتنە ئىغۋاچىسەن.خالىساڭ خۇدانى بىرمۇنچە تەڭرى قىلۋەت،ئىسمىنى ئۇنۇتما ،دىگىنى نۆلگە تەڭ.تاماكا قاپلىرىدا ئەسكەرتىگلىك چىكەمسە چەكمەمسە ئىختىيار.مۇچ شىمالى ئامرىكىدىن كىرگۈزىلگەن سىچۈەنلىكلەرنىڭ پاتنىتىدىكى مەھسۇلات،تاماكا سەككىزدۆلەت ئارمىيسى بىلەن تەڭ كىرگەن زەھەر،باشلىققا تاماكا تەڭلەش پارى بېرىشقا كىرمەيدۇ.تاماكا سورۇنلىقى بار مەھسۇلات،ھېچ بولمىغاندا يانجۇقىڭدا ئىككى قاپ تاماكا ساقلا،بىرى ئالى ماركىلىق ئۇنى ئالىيجانابلارغا ئاتاپ ئۆزۈڭمۇ چەكمە،ئادەتتىكىسىنى ئۆزۈڭ دوسلىرىڭ بىلەن چەك.

  قىممەت قاراشلىرىمىز تۈپتىن ئۆزگىرىدىغان ئوخشايدۇ.مىنىڭ تاماكا چېكىشىمنى ئاقلىغان ھېكايىكەن،ئەمما يازغان ھېكايىڭىز بىرقىسمىلا تۇيۇلدى ماڭا.نەسىھەتمۇ چىن بولسىكەن،ئەدەبىياتنىڭ ھاۋاسى مەخسەتلىك بولغانمىسكەن دەيمەن.خالىغانلار چەكسۇن ئەمما ئەدەبىيات چەكمىسۇن،سۈنئى ھاۋا شەكىللەندۈرگىلى بولمايدۇ،ھاۋانى بۇلغىمايلى!

2

تېما

23

دوست

6367

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   27.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  46508
يازما سانى: 375
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1981
توردىكى ۋاقتى: 137
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-26 18:43:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاماكا چىكىش سالامەتلىككە زىيانلىق ! سالامەتلىكىڭىزگە كۆڭۇل بۆلۇپ قۇيۇڭ !

9

تېما

37

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   15.45%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20919
يازما سانى: 1776
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 28
تۆھپە : 4797
توردىكى ۋاقتى: 1012
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-26 19:29:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەپسۇس، ھازىرقى ئادەملەر نەسىھەتكە قايىل بولمايدۇ.
uyghuray

30

تېما

0

دوست

1863

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   86.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  48536
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 65
تۆھپە : 598
توردىكى ۋاقتى: 43
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-26 22:38:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋىسال ئەپەندى؛ ھىكايىنى ئوقۇغىنڭىزغا رەخمەت! ھىكايا ئۈزۈن ئەمەس ئىدى چارچاپ قاپسىزمۇ نىمە،ھىكايە ۋەقەلىگى تۇرمۇشىمىزدىكى ئىشلار ئەينەن بايان قىلىنغان،بۇ يەردە ھاۋا بۈلغۇنىش مەۋجۈت ئەمەس،«مەسجىد»ۋە«خۇدا»نى ئىغىزغا ئىلىش تىخىمۇ ھاجەتسىز. ئچەمسىز چىكەمسىز  خۇدانىڭ سىزبىلەن ئىشى يۇق ،شۇ نۇقتىنى چۈشىنىشىڭىز كىرەك، تاماكا ۋەھاراق ۋە ھەرقانداق كەيىپ سالامەتلىككە زىيان،تاماكىنى قەيەردە چىكىشكە كەلسەك سىزنىڭ ساپايىڭىزغا باغلىق.بىر بىرىمىزنى توغرا بولمىغان ئىشلاردىن توساش ئادىمىلىكنىڭ مىزانى،ھىكايىدە سۈنئى ھاۋا ۋە ھاۋا بۈلغىنىش مەۋجۈت ئەمەس.بىرىلگەن...........

0

تېما

0

دوست

2685

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   22.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43724
يازما سانى: 219
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 822
توردىكى ۋاقتى: 175
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-27 00:09:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەندەك بۇرۇن ياللۇغى بارلارنىڭ يېنىدا چەكمەڭلار ،سىلەر ھۇزۇرلانغان بىلەن تاماكىنىڭ ئىسى بۇرنۇمغا كىرسە بېشىم ئاغرىپ كېتىدىكەن

0

تېما

0

دوست

3151

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   38.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6101
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 189
تۆھپە : 873
توردىكى ۋاقتى: 548
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-27 13:13:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاماكا تاشلاش بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنى ئاسىراشقا دەۋەت قىلىنغان ياخشى مەزموندىكى ھېكايە ئىكەن .ئۆزىمىزنىڭ ھەم ئائىلىمىزنىڭ بەختى ئۈچۈن تاماكىدىن يىراق تۇرايلى ،چىكىپ بېقىش ئارزۇسىدا بولغانلار بۇ نىيەتتىن يالتىيايلى ،چىكىپ ئۆگۈنۈپ قالغانلار  بۇ مېرەزدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆسىتەيلى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )