قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 941|ئىنكاس: 11

ناسادىكى مۇسابىقىگە تەييارلىغان قۇشۇمچە تۈر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

21

تېما

44

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   26.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 2044
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 47
تۆھپە : 6112
توردىكى ۋاقتى: 2515
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-27 16:55:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
u=4254844215,2713185150&fm=21&gp=0.JPG


u=1701761813,3898919959&fm=21&gp=0.jpg


u=4180400386,2153544246&fm=21&gp=0.jpg




  مەن بۇ يىل 6-ئايدا ناسادىكى خەلقارالىق يىڭى تېخنىكا مۇسابىقىسىگە ئۆزەم ئويلىغان ئىككى تۈرنى تەييارلىغانتىم، مەلوم سەۋەپلەر تۈپەيلى مۇسابىقىگە قاتنىشالمىدىم، شۇ چاغدىكى قۇشۇمچە تۈر بولغان ئىنىرگىيە تىجەش تۇغرىلىق تۈرۈمنى تورداشلار ھۇزورىغا سۇندۇم. بۇ تۈر بىۋاستە قول سىلىپ تەجىربە قىلىشتىن ئۈتكەن. ئەسلىمۇ تۇراقلىق توكلۇق گىنراتورنىڭ ئىش ئۈنىمىنىڭ ئۆزگىرىشچان توكلۇق گىنراتورنىڭكىدىن يۇقىرى بۇلىدىغانلىقى ئېتراپ قىلىنىدۇ.  ئۆزگىرىشچان توكلۇق گىنراتورنىمۇ بەش فازىلىق ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ فازىلىق قىلىپ تەييارلاپ ھەر-بىر ئورامنىڭ توكىنى كۆۋرۈكسىمان ئىككى قۇتۇپلۇق لامپىدا رەتلىسەك ئوخشاشلا تۇراقلىق توكلۇق گىنراتورغا ئوخشاش توك چىقىرىدۇ.
    نۇۋەتتە ھەممە دۆلەتلەردە ئادەتتە ئىشلىتىۋاتقان ئۇتتۇرا ۋە چوڭ تىپتىكى گىنراتورلار بولسۇن ياكى چوڭ تىپتىكى ئىلىكتىر ئىستانسىلېرى بولسۇن ھەممىسىدە ئىلىكتىرماتورنى قوزغىتىش مەسلىسى تۈپەيلى ئۈچ فازىلىق گىنراتورلاردا توك چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن توك ھاسىل بۇلۇش دەۋرىلىكىدە يەنى فازا ئالمىشىش جەريانىدا بىر فازىدا ھاسىل بولغان توك ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەندە ئۇنىڭ بىلەن ئارقىمۇ-ئارقا ئۇلىنىدىغان يەنە ئىككى فازىدا بىرىدە توك يېرىم %50لىك ھالەتتە،يەنە بىرىدە 0 بۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلانغان  ھەر-قانداق يۈكتىن ئۈتكەندىمۇ-ئارقا ھالەت شەكىللىنىدۇ، شۇڭا ئادەتتە ئۈچ سىمنىڭ ئۇتتۇرا نۇقتىدىن ئىلىنغان يەر سىمىغا نىسبەتەن بىسىمى (220 ياكى 110 ۋولىت) توك ھەسسىلەنمەي (440 ياكى 220 بولماي) 1.727 ھەسسىسى بۇلىدۇ. يەنى گىنراتورغا ئۇلانغان يۈك قانچە چوڭ بولغاندا ئىچكى ئۈنۈمسىز خوراشمۇ شۇنچە كۆپ بۇلىدۇ. شۇڭا گىنراتورنىڭ ئىش ئۈنۈم نۇقتىسىدىن ئالغاندا تەبئى ماگىنىتلىق ئۈچ فازىلىق (ئۈچ سىملىق) گىنراتورنىڭ ئۈچ ئورام گۇرۇپپىسىنى ئايرىم-ئايرىم كۆۋرىكسىمان ئىككى قۇتۇپلۇق لامپىدا رەتلەپ بىرلەشتۈرۈپ  تۇراقلىق توك قىلىپ ئىشلەتكەندە ياكى ئۈچ ئورام گۇرۇپپىسىدىن ئايرىم 6 ئۇچ چىقىرىپ ئىلىكتىرماتورنىڭ ئۈچ ئورام گۇرۇپپىسىنى ئايرىم-ئايرىم 6 تال توك سىمى بىلەن توك تەمىنلىگەندە ئىش ئۈنىمى ئادەتتىكىلېرىدىن %25 كىچە يۇقىرى بۇلىدۇ. ئادەتتە ئىشلىتىۋاتقان ماشنىلارنىڭ گىنراتورىنىلا مۇشۇنداق ئۆزگەرتىپ ئىشلەتكەندىمۇ دۇنيا مىقياسىدىكى ماشنىلاردا ئورۇنسىز ئىسراپ بۇلىدىغان غايەت زور ئىنىرگىيە تىجەپ قىلىنىدۇ.
   چوڭ ئىلىكتىر ئىستانسىلېرىدا ھەر-بىر فازا ئايرىم ئىككى سىملىق تىرانسىفورماتوردا بىسىم ئاشۇرلۇپ ئاندىن چىقىش توكى ئۈچ فازىلىق قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ. ئەمما يەنىلا تەمىنلەش باسقۇچىدىكى تىرانسىفورماتورلاردا ئادەتتىكى ئۈچ فازىلىق تىرانسىفورماتور ئىشلىتىلگەچكە (ئابونتلارغا تەمىنلىگۈچى تىرانسىفورماتورغا) بۇ يەردە شەكىللىنىدىغان ئورۇنسىز قارشىلىق ئىندوكسىيلىك ئۇسولدا گىنراتورغا يۈكلىنىدۇ.
   مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندا ئۈچ فازىلىق گىنراتوردىن ئىككى فازىلىق گىنراتورنىڭ ئىش ئۈنىمى يۇقىرى بۇلىدۇ، ئەمما مۇقىملىقى ۋە ئىش ئۈنىمى ئۈچ فازىلىق گىنراتورنىڭ تۇكىنى ئايرىم-ئايرىم تۇراقلاشتۇرغانغا يەتمەيدۇ.
2 رەسىم
u=3879484458,2920462553&fm=21&gp=0.jpg
u=2902935686,603220174&fm=21&gp=0.jpg


  ئۈچ فازىلىق ئىلىكتىرماتورلاردا بولسا ئۈچ فازا ئارسىدىكى يۇقارقىغا ئوخشاش خوراش يەنە مەۋجۈت بۇلىدۇ، شۇڭا تۇراقلاشتۇرۇلغان توك بىسىمىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەبئى ماگىنىتلىق  چۇتكىلىق ياكى چۇتكىسىز تۇراقلىق توك ئىلىكتىرماتورلېرىغا بېرىپ ئىش ئىشلىگەندە ئاز دىگەندىمۇ %30 ئىنىرگىيە تىجەپ قالغىلى بۇلىدۇ. كەپشەرلەش-كىسىش ماشنىلېرى ۋە سانائەتتە ئىشلىتىدىغان ئىلىكتىرىك پېچلار ، ئادەتتىكى ئائىلە ئىلىكتىر سايمانلېرىدىن تىلۋىزور ۋە زەرەتلىگۈچلەر، توك ئۇچاقلېرى ئاللىبۇرۇن تۇراقلىق توك ئىشلىتىش شەرتىنى ھازىرلاپ بولغان. شۇڭا ئىلىكتىرماتور ۋە تىرانسىفورماتورلار تۇراقلىق توك ئىشلىتىش شەرتىنى ھازىرلىسىمۇ ياكى 6 تال سىملىق تەمىنلەنسىمۇ ۋە ياكى گىنراتورلار تۇراقلىق توك ھاسىل قىلىپ، تۇراقلىق توكنى ئادەتتىكى ئىلىكتىرماتورلاردا چاستوتا ئۆزگەرتكۈچ ئارقىلىق قوزغىتىدىغان قىلغاندىمۇ بىۋاستە مەنبە بولغان گىنراتوردا خورايدىغان ئىنىرگىيە ھەسسىلەپ دىگۈدەك تىجىلىپ قالىدۇ.
  ئادەتتىكى بىسىم ئۆزگەرتكۈچ ۋە توك ئۇزىتىش سىملېرىغا كەلسەك تۇراقلىق توك ئۇزىتىشتا  ئىنىرگىيە ئىسراپچىلىقىدىن ساقلىنىش ئىقتىدارى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ بولغان ھەم كۆپ يەرلەردە تۇراقلىق توك ئۇزىتىش سىناق تەرەققىسىدە يولغا قۇيۇلغان بولغاچقا بۇ ھەقتە ئارتۇقچە تۇختالمىدىم.

   مەن ئاپتۇموبىل گىنراتورىدىن ئىككىنى تەييارلاپ  6 تال ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا ئىشلەتكىنى بىلەن 12 تال ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا ئىشلەتكىنىنىڭ ئىش ئۈنىمىنى سىلىشتۇرىدىغان قۇرۇلمىنى قۇراشتۇرۇپ ، 1.5 كىلوۋاتلىق ئۈچ سىملىق ئىلىكتىر ماتوردا ئايلاندۇرۇپ سىناق قىلغاندا يۈكسىز ھالەتتىكى مەنبەگە نىسبەتەن پەرىق يوق، 12ۋولىت 100ۋاتلىق لامپۇچكىنى توك چىقىرىدىغان ئىككى خىل گىنراتورغا ئايرىم-ئايرىم چاتقىنىمدا ھەقىقەتەن مىنىڭ ئويلىغىنىم ئىسپاتلاندى. يەنى ئادەتتە ئىشلىتىۋاتقان ئاپرۇموبىل گىنراتورىغا يۈك ئۇلانغاندا 380 ۋولىتلىق ئۈچ فازىلىق ئىلىكتىرماتوردىن ئۈتىدىغان توك ئىقىمى بىر ئامپىر بولغان بولسا 12 تال ئىككى قۇتۇپلۇق لامپىدا تۇراقلاشتۇرىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىپ ئىشلىگىنىمدە 0.8 ئامپىر ئەتراپىدا بولدى.

   u=3341679237,1559813555&fm=21&gp=0.jpg
u=183597525,227503171&fm=21&gp=0.jpg
u=721001747,2636107558&fm=21&gp=0.jpg
u=2527498157,1604431322&fm=21&gp=0.jpg
uyghuray

0

تېما

3

دوست

1244

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   24.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33337
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 392
توردىكى ۋاقتى: 57
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-28 13:59:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلىمىتكا مۇشۇنداق تېمىلارنىمو يوللاپ تۇرۇپ ،دەماللىققا چۈشۈنۈپ كىتەلمىسەكمۇ يەنىلا پايدىلنىش قىممىتى بار، مۇشۇنداق تېمىلار يوللانسا سېسغىزخاندەپ تۇختىماي گەپ ساتدىغانلارنىڭ ئېغىزى تىكلىپ قالامدىكىن ئىنكاسنىمۇ بەك ئاز يازدىكەن.

0

تېما

0

دوست

242

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   80.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  46629
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 78
توردىكى ۋاقتى: 26
سائەت
ئاخىرقى: 2015-12-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-28 15:07:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ياخشى بايقاشكەن ، ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن ...

21

تېما

44

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   26.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 2044
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 47
تۆھپە : 6112
توردىكى ۋاقتى: 2515
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-28 15:26:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
75dream يوللىغان ۋاقتى  2015-11-28 15:07
بۇ ياخشى بايقاشكەن ، ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن ...

مەن يەنە ئىككى كۈن ساقلاپ باقاي، كەسىپتىكىلار بىر ئاددى ئۇسولنى ئۇتتۇرغا قويمىسا ئاندىن ئىنكاس شەكلىدە ئۇتتۇرغا قۇيىمەن.
uyghuray

21

تېما

44

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   26.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 2044
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 47
تۆھپە : 6112
توردىكى ۋاقتى: 2515
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-28 15:27:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
andy4930 يوللىغان ۋاقتى  2015-11-28 13:59
ئابلىمىتكا مۇشۇنداق تېمىلارنىمو يوللاپ تۇرۇپ ،دەمالل ...

مىنىڭ كۈتكىنىم باشقىلارنىڭ ئاغزى تىكىلىشى ئەمەس، بەلكى كەلگۈسىدە تەبئى پەن تىمىلېرىدىمۇ مۇنازىرە كۈپىيىشى...

0

تېما

5

دوست

3522

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   50.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34035
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1110
توردىكى ۋاقتى: 331
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-28 16:41:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئابلىمىتكا
  يۇقىردىكى تۇرلەرنى چۈشەنمىسەممۇ ئەمما سىزنىڭ بۇندىن كىينكى ئىجادىيەتلەر بىلەن تولغان ھاياتىڭىزغا ئۇتۇق نەتىجىلەرنى تىلەيمەن .
     مەسلەن : ئويدە توكنى ئۆچۈرمەي چېقىپ كىتىپ قالساق  توك بىز كەلگۈچە يىنىق تۇردىغان گەپ ، مۇشۇنىڭغا ئاپتۇماتىك ئۆچۈپ قالدىغان تېخنىكا قوشقىلى بولارمۇ ؟ياكى بۇ خىلدىكى چىراق بازاردا بارمۇ ؟
    2. چوڭ كۈركەم بولغان خىرستال ئاسما چىراقلار  زالغا ئورۇنلاشتۇرلۇپ بىر ۋاقىتلا ئۈتكەندىن كىين بەزەن لامپۇچكىسى بۇزلۇپ قالسا ياكى مەينەت بولۇپ سۈرتۈش توغرا كىلىپ قالسا تولىمۇ ئەۋەرچىلىك ئىكەن .
   مۇشۇ خىلدىكى چوڭ چىرقلارنى ئاپتۇماتىك بەسكە چۈشرۇپ چىقارغىلى بولىدىغان قىلىپ لاھىلسە قولايلىق بولىدىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم .
   

21

تېما

44

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   26.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 2044
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 47
تۆھپە : 6112
توردىكى ۋاقتى: 2515
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-28 22:48:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زىلبا يوللىغان ۋاقتى  2015-11-28 16:41
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئابلىمىتكا
  يۇقىردىكى تۇرلەرنى  ...

  سىزنىڭ لاھىيڭىز ياخشى بولغۇدەك، ئۇ قىسمىنى تەھرىرلىۋىتىپ ئۆزىڭىزلا قىلسىڭىزمۇ بەك ئاددى نەرسە ئۇ قۇرۇلما. نەچچە كۈندىن بۇيان سىزنىڭ ئىنكاسىڭىز مىنى بەك ئىچىلدۇرىۋەتتى.
كەشپىيات، ئەمىلى قوللىنىشچان يىڭى تېخنىكىلىق مەھسۇلات پاتىنتى دىگەندە ئۆزىڭىز ياشاۋاتقان دۆلەتتە خەق قىلمىغان لازىملىق نەرسە بولسىلا قىلسا بۇلىدۇ، تېخنىكىسى چۇقۇم يۇقىرى بۇلىشى شەرت ئەمەس.

0

تېما

5

دوست

4177

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   72.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33156
يازما سانى: 274
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1286
توردىكى ۋاقتى: 266
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-29 00:38:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، سىز بىر ياخشى تىما يوللاپسىز ، ھەقىقەتەن سىز دىگەندەك توك خوراش بولىدىكەن ، مەنمۇ كىچىك تەجرىبىسىنى ئىشلەپ باققان ، ھەقىقەتەن شۇنداق ، ئەگەر سىز تولۇق بىر تەجرىبە نەتىجىسىنى يۇقىرىغا سۇنسىڭىز بەلكىم پانتىت ھوقۇقى ئالالىشىڭىز مۇمكىن ، ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )