قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1297|ئىنكاس: 0

ئۇلۇغ زات ، ئانا دەريا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

65

تېما

0

دوست

3462

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   48.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  128
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى: 792
تۆھپە : 519
توردىكى ۋاقتى: 51
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-22 19:45:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
              ماۋزېدوڭ خۇاڭخې دەرياسىغا پەۋقۇلاددە مۇھەببەت باغلىغان.ئۇ<<چىنيۈەنچۈن.قار>>دېگەن شېئىردا ھەيۋەتلىك خۇاڭخې دەرياسىنى زوق-شوق بىلەن تەسۋىرلىگەن. يەنئەندىكى ۋاقتىدا، سىنو ئۇنىڭدن:<<ناۋادا سىز داھىيلىقتىن ئىبارەت بۇ مۈشكۈل ۋەزىپىدىن خالاس بولسىڭىز، نېمە ئىشلارنى قىلىسىز؟>>دەپ سورىغاندا، چارچاشنى ئۇنتۇپ ۋەتەن، خەلىق ئۈچۈن قان- تەر تۆكۈۋۈتقان بۇ ئۇلۇغ پىرولتارىيات داھىيسى لى بەي ماڭغان يوللار بىلەن خۇاڭخې دەريا ۋادىسىنى زىيارەت قىلىشتىن ئىبارەت شائىرانە ھېسياتنى قىلچە يۇشۇر ماستىىن دەرھاللا :<<خۇاڭخې دەريا ۋادىسىنى ئاتلىق تەكشۈرىمەن>>دەپ جاۋاب بەرگەن.


خۇاڭخې دەرياسىنى كۆزدىن كەچۈرۈش

       1952-يىل10-ئاينىڭ25-كۈنىدىن11-ئاينىڭ1-كۈنىگىچە، يولداش ماۋزېدوڭ مەركىزى كومتېت تەستىقلىغان دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ پايتەخىتىىن يولغا چىقىپ، شەندوڭ بىلەن خېنەن چېگراسى ئىچىدىكى خۇاڭخې دەرياسى يارئېلىپ كۆپ تاشقىن يۈز بېرىدىغان خەتىرى چوڭ بۆلەكلىرىنى تەكشۈرگەن.
          10-ئاينىڭ27-كۈنى، ماۋزېدوڭ شۇ جايدىكى رەھبەرلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا جىنەندىكى تارىختىن بېرى كۆپ قېتىم يار ئېلىپ كېتىپ،ئېغىر زىيانلارنى پەيدا قىلغان لۇكۇشىيەن قۇرۇلۇش ئورنىنى كۆزدىن كەچۈرگەن. ئۇ توسمىدا تۇرۇپ ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان خۇاڭخې دەرياسىغا نەزەرتاشلاپ، چوڭقۇر ئويلانغاندىن كېيىن:<<خۇاڭخې دەرياسى جىنەن شەھىرىدىن قانچىلىك ئېگىز لىكتە؟>> دەپ سورىغاندا، ھەمراھ بولۇپ كەلگەنلەردىن بېرى:<<ئالتە، يەتتە مېتىر ئېگىزلىكتە>> دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇ سەمىمى كۆڭۈل بۆلۈپ:<<توسما ۋە تۇغانلارنى مۇستەھكەملەڭلار، قەتئى چاتاق چىقمىسۇن!>>دېگەن ھەم توسمىنى بويلاپ ماڭغاچ، ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ، توسما ۋە تۇغانلارنى قانداق مۇستەھكەملەش، يامغۇر مەزگىلىدە ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ بولسىمۇ توسمىنى قوغداش، زۆرۈر بولغاندا ئازادلىق ئامىيە كوماندىر-جەڭچىلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ بولسىمۇ توسما، تۇغانلارنى قەتئى قوغداش، چاتاق چىقىپ قالماسلىق توغرىسىدا يوليۇرۇق بەرگەن.
          ماۋزېدوڭ توسمىنى بويلاپ داۋاملىق ئالدىغا ماڭغاچ، توسمىنىڭ سىرىتقى يۈزىنىڭ شورلىشىپ كەتكەن يەرلىرىنى كۆرۈپ، بۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبىنى سورىغان. ھەمراھ بوۇپ كەلگەنلەردىن بىرى :<<ئېقىن ئورنى ئېگىز، توسمىنىڭ سىرىتقى يۈزى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەچكە، كىچىك دەريا ئېقىنلار ئۇزۇندىن بېرى چېپىلماي تىنىپ كېتىپ، سۇلار راۋان ئاقماي، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ شورلىشىپپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇ سەۋەبتىن ھوسۇل ئېلىشىمىز تەسىرگە ئۇچرىغاچقا، خەلق ئارىسىدا،<باھاردا قىروۋلار تۇرىدۇ بېسىپ، كۈز پەسلى گىياھسىز، قاقىر ھەممە ياق. ياڭيۇمۇ بىخلىنىپ تارىتمايدۇ پېلەك، دان تۇتماس ھەتتاكى تېرىغان پۇرچاق>دېگەن قوشاق تارقالغان. شۇ سەۋەبتىن بۇ جايدىكى 150مىڭ مو يەردە زىرائەت ئۈنمىگەچكە، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا ئۆتىدۇ>>دەپ جاۋاب بەرگەن.
          ماۋزېدوڭ بۇگەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن:<<مەن خۇاڭخې دەرياسىدىكى كەلكۈننىڭ زىيىنىنى ئوبدان بىلىمەن. دەريانىڭ ئىككى قاسنىقىدىن سىرغىپ چىققان سۇ خەلىققە ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ، سىلەر يىغىلىپ قالغان بۇ سۇدىن پايدىلىنىپ شال تېرىپ، كىچىك دەريا ئېقىنلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاممىنى تاتلىقياڭيۇ يەۋەرمەي، گۈرۈچ يېيەلەيدىغان قىلساڭلار بولمامدۇ؟>>دەپ سورىغاندا، ئۆلكە رەھبىرىدن بىرى:<<بۇ جەھەتتە تەجىربىمىز كەمچىل، بۇجەھەتتە چوقۇم سىناق ئېلىپ بارىمىز>>دەپ جاۋاب بەرگەن.
         خېنەندە، ماۋزېدوڭ لەنكاۋ ناھىيەسىنىڭ ياڭجۇاڭ دېگەن يېرىدە كەلكۈندىن مۇداپىيەلىنىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خەتەرلىك قۇرۇلۇشلارنى كۆزدن كەچۈرگەن. ئۇ9-نۇمۇرلۇق دامبدا تۇرۇپ قۇرۇلۇش ئەھۋالى ۋە سۇ رايىنى تەكشۈرگەن. يولداش ماۋزېدوڭ خۇاڭخې دەرياسى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش كومتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ خۇايۈندىن:<<|خاڭخې دەرياسىنىڭ سۈيى ئۆرلەپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟>> دەپ سورىغاندا ھەمدە ئۇنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ قايسى خەتلەردىن تەركىپ تاپقانلىقىنى سوراپ ئۈلگۈرۈپ ، يۇمۇرلۇق قىلىپ:<<يىلنىڭ يېرىمى بۇلۇتلۇق، يېرىمى يامغۇرلۇق بولسا ناھايىتى ياخشى بولاتتى>>دېگەن.
         ماۋزېدوڭ خۇاڭخې دەرياسى لىيۇ يۈەن ئېغىزىدىكى سۇ ئورنىنىڭ كەيفېڭ شەھىرىدىن ئۈچ،تۆت مېتىر ئېگىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ خورسىنغان ھالدا :<<مانا بۇ پەلەكتىن چۈشكەن دەريا>>دېگەن. ئۇ يەنە كۆپچىلىككە :<<لى بەي خۇاڭخې دەرياسىنىڭ مەنبەسى پەلەكتە دەپتىكەن، مەن ئېشەككە مىنىپ پەلەككە چىقىپ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ باش مەنبەسىدىن تاكى دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىغىچە بېرىپ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ زادى قانداق سىرى بارلىقىنى بىلگۈم كېلىۋاتىدۇ>>دېگەن.
       ئۆمرىدە جۇڭگو ئىنقىلابى ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا ھەتتا سۇنى تىزگىنلەش ئىشلىرىدا خۇددى جاھاننى لەرزىگە سالغۇدەك قارارلارنى جاكارلىغان ماۋزېدوڭ تۇسۇن ئاتتەك شاش خۇاڭخې دەرياسىغا قاراپ تۇرغاندا ئازراق ئەيمىنىش ۋە ئېھتىياتچانلىق ئالامەتلىرى ئەكىس ئەتكەن بولسىمۇ، ئۇ<<تۈپ يىلتىزىدىن ئوڭشاش>>دېگەندەك دەبدەبىلىك سۆزلەرنى قىلماي، ۋاڭ خۇايۇن قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرگە سەمىمىيلىك بىلەن:<<خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئىشلىرىنى چوقۇم ياخشى بىر تەرەپ قىلىڭلار>>دەپ تاپىلىغان.

دەريانى تىزگىنلەش ھەققىدە

       1953-يىلى 2-ئايدا ماۋزېدوڭ مەخسۇس پويىزدا مەخسۇس پويىزداۋاڭ خۇايۇن بىلەن سەنمېنشىيا سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىنىڭ باشلىنىش ۋاقتى، سۇ ئامبىرى رايۇنىدىكى ئاممىنى كۆچۈرۈش، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ يۇقىرى ۋەئوتتۇرا ئېقىنىدىكى سۇ ۋە تۇپراقنى ساقلاپ قېلىش، ھەتتا جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يۆتكەش قاتارلىق ئىشلار ئۈستىدە مۇزاكىرلەشكەندىن كېيىن، ئەھۋالدىن مەمنۇن بولغان ھالدا:<<ئىنقىلاب غەلبە قىلدى، ئىشلار ئاسانلاشتى، ئىلگىرى خۇاڭخې دەرياسىنى تىزگىنلەش ھەل قىلغىلى بولمايدىغان بىر مەسلە ئىدى، ئەمدىلىكتە تەييارلىقىمىز بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇنى ھەل قىلالايدىغان بولدۇق>>دېگەن ئىدى.
        1953-يىلى 5-ئايدا، ۋاڭ خۇايۈەن ئەسلى نامىدىكى ئەينى ۋاقىتتىكى مەمۇرى ئىشلار كېڭىشىنىڭ سۇ-ئىنشائات ئىشلىرىنىڭ مەسئۇلى مۇئاۋېن زۇڭلى دېڭ زىخۇيغا:<<خۇڭخې دەرياسىنىڭ ئاساسلىق ئەھۋالى ۋە ئۇنى تىزگىنلەش توغرىسىدا بىر قانچە پىكىر>>ۋە <<خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئەھۋالى ۋە نۆۋەتتىكى ئاساسى ئەھۋالى ۋە نۆۋەتتىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش توغرىسىدا>>دېگەن ئىككى دوكىلاتنى سۇنغان. دېڭ زىخۇي دوكىلاتىنى ماۋزېدوڭغا سۇنغاندىن كېيىن، ماۋزېدوڭ دوكىلاتنى ئوقۇپ كۆرۈپ ئىنتايىن مەمنۇن بولغان.
1959-يىلى ماۋزېدوڭ جىنەننىڭ لوكۇ دېگەن دېگەن يېرىدە خۇاڭخې دەرياسىنى يەنە بىر قېتىم كۆزدىن كەچۈرگەن ھەمدە چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ:<<كىشىلەر خۇاڭخې دەرياسىغا بارمىغان كىشى ئارماندا قالىدۇدېيشىدىكەن، ئەمما مەن خۇاڭخې دەرياسىغا كېلىپمۇ يەنىلا ئارماندا قالدىم>>دېگەن.
          1961-يىلى 8-ئايدا لۇشەندە ئىلگىرىكى مۇھاپىزەتچىسى جاڭ شەنپىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ ئوتۇرۇپ، خۇرسۇنغان ھالدا<<مېنىڭ ئۈچ ئارزۇيۇم بار، بىرىنچىسى، تۆۋەنگە چۈشۈپ، بىر يىل سانائەت بىلەن، بىر يىل دېھقانچىلىق بىلەن،يېرىم يىل سودا-سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىپ بېقىش. بۇنداق بولغاندا كۆپرەك تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىپ، تۆۋەننىڭ ئەھۋالىنى بىلەلەيىتىىم. ئىككىنچىسى،خۇاڭخې ۋە چاڭجىياڭنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى رايۇنلاردا ئاتلىق نەق مەيدان تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش مېنىڭ يەرنىڭ گىئولوگىيىلىك تۈزۈلۈش جەھەتتىكى بىلىمىم ئانچە مۇكەممەل ئەمەس. شۇڭد، بىر گىئولوگ،بىر تارىخشۇناس، بىر ئەدىبنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلاربىلەن بىرگە بارسام دەيمەن.ئۈچىنچىسى، ھاياتىم توغرىسىدا بىر كىتاب يېزىش>>دېگەن.
مەن بۇ ئۈچ ئارزۇ ئىچىدىكى خۇاڭخې دەرياسى بڭيىدىكى نەق مەيدان تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىشتىن، ماۋزېدوڭنىڭ خۇاڭخې دەرياسىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى كۆزۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، پۈتۈتۈن مەملىكەت خەلىقنىڭڭ ئۇلۇغ داھىيىسى بولغان ماۋزېدوڭنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرى چېچىدىنمۇ كۆپ ۋە مۇرەككەپ بولۇپ، نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆزى مۇلاھىزە قىلمىسا بولمايىتتى. بۇ ئارزۇلار قارىماققا ئاددى تەلەپلەردەك  كۆرۈنگەن بىلەن، ئەمما بۇ ئۈچ ئارزۇ ئۇنىڭ ئالاھىدە ئارزۇلىرى ئىدى.

قوغداش بۆلۈمى باشلىقى باش بولۇپ تەكشۈرۈش

        1963-يىلى كۈزدە، ماۋزېدوڭ جۇڭنەنخەيدىكى فېڭزىيۈەن باغچىسىدا تەۋرەمە ئورۇندۇقتا كۆڭلى ناھايىتى ئازادە ئولتۇرغان يېنىدىكى ۋاڭ دۇڭشىڭدىن خۇاڭخې دەرياسىنىڭ باش مەنبەسىگە بېرىش ئىشىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى سۈرۈشتۈرگەن. ئىككىنۋى يىلى باھاردىن كېيىنلا ئازادلىق ئارمىيە بش سىياسى بولۈمى قوغداش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى گېنرال سەي شۈنلى ئىچكى مۇڭغۇل سەرنى رايۇنى قوغداش بۆلۈمىگە ئىككى كۈن ئىچىدە باش سىياسى بلۈم قوغداش بۆلۈمىگە مەسئۇل يولداشتن بىرنى دەرھال ئەۋەتىش توغرىسىدا جىددى ئۇختۇرۇش قىلغان. ئەينى چاغدا ئىچكى مۇڭغۇل ھەربى رايۇنى قوغداش بۆلۈمنىڭ باشلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان يولداش خۇي ۋۇخې بۇ ۋەزىپىنى قوغداش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى تۈمەن بىرگوتقا تاپشۇرغان. ئىككىنچى كۈنى سەي شۈنلى تۈمەن بىرگودنى باشلاپ جۇڭنەنخەيگە بارغان. ۋاڭ دۇڭشىڭ ۋەزىپىنى تۈمەن بىرگودقا تاپشۇرۇپ ، مۇتلەق مەخپى تۇتۇشنى تەلەپ قىلغان.
        شۇيىلى ئىككىنچى ئايدا قابىل بىر كىچىك ئەترەپ تەشكىللەپ، ئات ۋە ماشىنىنى قاتناش ۋاستىسى قىلىپ ، ئىچكى مۇڭغۇل چېگراسى ئىچىدىكى 18ناھىيەنە تەكشۈرگەن. ئۇلار خۇاڭخې دەريا ۋادىسىنىڭ يەر شەكلى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، تاارىخى، شارائىتى ، كىشىلىك مۇناسىۋەت رايى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپلا قالماي يەنە جەمىيەت ئەھۋالى، يول، ئاھالىلەرنىڭ تەركىبى، سىياسى مۇھىت قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەردىن ئىنچىكە تەكشۈرگەن. نۇرغۇن جاپا مۇشەققەتلەرنى تارتىپ ئېرىشكەن بۇ بىرىنچى قول ماتىرياللاردەرھال جۇڭنەنخەيگە يوللانغان. ھەش-پەش دېگۈچە ياز پەسلىمۇ كەلگەن، بىر تۈركۈم مۇتەخەسىس، ئالىملار تەكلىپ قىلىنىپ كەسپى ۋە ئىلمى نوقتىدىن سېستىمىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېرىشكەن ماتىرىياللار دەرھال جۇڭنەنخەيدىكى ۋاڭ دۇڭشىڭغا دوكىلات قىلىنغان.
         تۈمەن بىرگوت بۇ مەزگىلدە، ياخشى ئات ۋەماھىرچەۋەندازلارنى تاللپ، بېيجىڭغا ئاپىرىپ ماۋزېدوڭغا ئات مىنىشنى ئۆگەتكەن. يەنە مەخسۇس ئاتلىق ئەسكەرلەر قىسىمىدىن چامباشچىلىق، ئات مىنىش ماھارىتى يۇقىرى، جاسارەتلىك ياىشى ئەسكەرلەردىن ئاتلىق قوغدىغۇچىلار ئەترىتىنى تەشكىللەپ، بىر تەرەپتن جۇڭنەنخەينىڭ يوليۇرۇقىنى كۈتكەچ، يەنە بىرتەرەپتىن ئۇلارنى قاتتىق مەشىقلەندۈرگەن.
         1966-يىلىغا كەلگەندە، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ماۋزېدوڭ خۇاڭخې دەرياسىنى تەكشۈرۈش ئويىدىن ئامالسىز ۋاز كەچكەن. ئەمەلىيەتتە، ماۋزېدوڭ كۆپ قېتىم خۇاڭخې دەرياسىدىن ئۈزۈپ ئۆتۈشنى ئويلىغان.1958-يىل8-ئاينىڭ7-كۈنى جېڭجۇدىكى لەنفېڭ شەرقى توسمىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، خۇاڭخې دەرياسىدىن ئۈزۈپ ئۆتمەكچى بولغان، ئەمما قوغدىغۇچىلارنىڭ قايتا-قايتا يېلىنىپ توسۇشى بىلەن ماۋزېدوڭ ئاخىر بۇ ئويدىن ۋاز كەچكەن. 1959-يىل9-ئاينىڭ21-كۈنى، ماۋزېدوڭ شەندوڭنىڭ لوكۇشىيەن بۆلىكىدە تەكشۈرۈشتە بولغان چېغىدا، شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتىكومنىڭ بىرىنچى شۇجىسى شۇ تۇڭغا :<<پۈتۈن مەملىكەتتىكى دەريالارنىڭ ھەممىسىدىن ئۈزۈپ ئۆتۈپ بېقىپتىمەن، مۇشۇ خۇاڭخې دەرياسىدىنلا ئۆتۈپ باقمىدىم، كېلەر يىلى يازدا جىنەنگە كېلىپ، خۇاڭخې دەرياسىدىن ئۈزۈپ ئۆتىمەن>>دېگەن. ئەمما ماۋزېدوڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە خۇاڭخې دەرياسىدىن ئۈزۈپ ئۆتۈش پۇرسىتىگە نائىل بولالمىغان. بۇ ماۋزېدوڭ ۋە خۇاڭخې دەرياسىغا نىسبەتەن ئوخشاشلا ئەپسۇسلىنارلىق ئىش.

   (<<شەھەر ئىستىمالى سەھەر گېزىتى>> دىن قۇدىرەت يۈسۈپ تەرجىمىسى)
   شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلى 2010-يىلى 7-ئايلىق سانى  

    مەزكور ئەسەر باغداش تورى تەرىپىدىن كۆچۈرۈلۇپ تور يۈزىگە يوللاندى ، ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىڭ           
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )