قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 2055|ئىنكاس: 11

قەيسەر مىجىت: بايبول قوزغاتقان يانداش پىكىرلەر -(2)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

120

تېما

37

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   14.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 64
مۇنبەر پۇلى: 1012
تۆھپە : 5611
توردىكى ۋاقتى: 336
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-21

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا تېما ماھىرى نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2015-11-29 11:32:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   lawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-29 19:59  

2014-يىلى ياز پەسلىدە بايبول چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتى مۇنداق شۇئار بىلەن دۇنياغا كۆز ئاچتى.

"Born In Australia, Grows in North America, Travels to The Globe"

مەنىسى: ئاۋسترالىيەدە كۆز ئاچتى، شىمالى ئامىرىكىدا تەرەققى قىلىدۇ، دۇنيانى كېزىدۇ.

    گويا بوۋاق، ھەمرىيى بىلەن بىللە چۈشكەندەك، شوئار بىلەن ھەركەتمۇ تەڭ مەيدانغا كەلدى. بايبول شىركىتى تۇنجى ئىشنى ئاۋسترالىيەنىڭ پۇل- مۇئامىلە بازىرىغا مەبلەغ سىلىشتىن باشلاپ، مۇئارىپ مۇلازىمىتىنى ئۇنىڭغا پاراللىل ھالدا يۈرگۈزۈش بىلەن بىرلىكتە، زامانىۋى تور ئالاقە ئۇچۇر ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئىقتىساد ۋە پۇل مۇئامىلە بىلىملىرىنى ھەمدە دۇنيانىڭ، جوڭگۇنىڭ ئىقتىسادىغا ئائىت يىڭى- يىڭى ئۇچۇرلارنى مۇتەخەسسىلىرىمىزنىڭ ئاغزى ئارقىلىق زاغرا تىل بىلەن بايبول بايلىق بۇلىقىغا ئەزا بولغان ئوقۇغۇچى، ئىشچى- خىزمەتچى، تىجارەتچى ۋە كارخانىچى، جۈملىدىن ئىگىلىك تىكلەپ باي بولۇشقا قىزىقىدىغان زامانىۋى ئاڭغا ئىگە، بايبولغا ئىشەنچ باغلىغان كەڭ جامائەتكە يەتكۈزۈپ ئۇلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى.

   نەتىجىدە، بايبوللۇقلارنىڭ ئارزۇسىغا ماس ھالدا ئۇلارنىڭ تەشەببۇسى ۋە قوللىشى بىلەن  ئاۋسترالىيەدىكى بايبول چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى شۆبىسىنى يەنى "بايبول مەبلەغچىلىك شىركىتىنى" بۇ يىل يازدا قۇرۇپ چىقتى.  بۇ ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلەش يولىدا ئىزدىنىۋاتقان ياش ئىنى- سىڭىللىرىمىزغا بىلىم ئىلىش، كەسپ تاللاش ۋە خىزمەت پۇرسەتلىرىنى تىپىش جەھەتلەردىن يول كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇلارغا ئۈمىت ۋە ئىلھام بىرىشكە ، تىجارىتىدە ۋە كارخانىچىلىق ئەمىلىيىتىدە مەسىلىلەرگە يولۇققان تىجارەتچىلىرىمىزگە ۋە كارخانىچىلىرىمىزغا ئەقلى مەسلىھەت بىرىشكە باشلىدى.
   بايبول شىركىتىنى قۇرغۇچىلارنىڭ  بىرى  بولغىنىم ئۈچۈن بايبول مىنىڭدە دائىم يىڭى- يىڭى پىكىرلەرنى پەيدا قىلىپ تۇرىدۇ. بۇندىن بىر يىل بۇرۇن، مەن بۇ ھەقتىكى تۇنجى پىكرىمنى جامائەتچىلىكنىڭ ھوزۇرۇغا سۇنغان ئىدىم. ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەن ۋە بايبولنىڭ تارىخىغا يىڭى مەزمۇنلار قوشۇلۇپ، يىڭى ھىكايىلەر يىزىلىۋاتقان، يىڭى پىرسۇناجلار قوشۇلۇۋاتقان مۇشۇنداق شارائىتتا، بايبول مىنىڭدە يەنە يىڭىچە پىكىرلەرنى قوزغاتتى.
    ھەسسىدارلىق شىركىتى بولغان ئىكەن، شىركەتنىڭ قۇرۇلىشىدا، ھەمكارلىق ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ. ھەمكارلىق ھەقىقى مەنىدە بولۇپ ھەمكارلاشقۇچى تەرەپلەر يىتەرلىك ھەسسىسىنى قوشقاندىلا شىركەت تەرەققى قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە ھەمكارلىقتا سەمىمىيەتسىزلىك، ئالا كۆڭۈللۈك ۋە شىركەتتىكى مۇھىم خادىملارنىڭ ئىچى-تىشى بىر خىل بولمىغاندىن كىيىنلا شىركەت ۋەيران بولىدۇ.  ئەلۋەتتە چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركەتتە ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭ مەسۇلىيىتىمۇ چەكلىك بولىدۇ.
    بايبول دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن بۇيانقى بۇ بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە، ئاۋسترالىيەدىكى باش شىركەت، شىركەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشىشى ۋە ئۇلارنىڭ مەبلەغ سىلىش پۇرسىتىنى توغرا تاللىشى نەتىجىسىدە قىسقا مۇددەتلىك مەبلەغ سالغۇچىلارغا يىلىغا ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 15% لىك پايدا ئايرىغان بولسا، چەتئەل ئالى مەكتەپلىرىدە ئوقۇش ئۈچۈن ئالاقە قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامىرىكىدا ئوقۇش تەلىۋىنى قاندۇرۇش تەلىۋىنى يەنى مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش نىسبىتىنى 83.33% يەتكۇزدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە  بىر ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىنىڭ ھىكايىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئىلىشقا ئەرزىيدۇ. يەنى ئۇنىڭ بايبول ئارقىلىق چەتئەل مۇئارىپىغا سالغان مەبلىغى 677% لىك پايدا ياراتتى.

بايبولنىڭ ئىش بىجىرىشتە تايىنىدىغان پرىنسىپلىرى مۇنداق:
   بىز بىلەن ئالاقە قىلغان ھەرقانداق بىر كىشى بىزنىڭ قىرىندىشىمىز. ئۇنىڭ بىز بىلەن ئالاقە قىلغىنى بىزگە ئىشەنگىنى. بىز قابلىيىتىمىزنىڭ يىتىشىچە ئۇنىڭ ئىشەنچىنى يەردە قويماسلىققا تېرىشىمىز.
   شىركەتلەر ئادەتتە ئىقتىسادى ئۈنۈمنى قوغلىشىدۇ، پۇل تېپىشنى ئاساسى ئورۇنغا قويىدۇ. ئەمما بايبول، بايبولنىڭ پىشىنى تۇتقان كىشىلەرنىڭ بايبولنى بىلىپ قالغىنى، تونۇپ قالغىنى، ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىپ بىر سەپتە ماڭغىنى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھاياتتا خوشاللىققا ۋە ئۈمىتكە تولۇشىنى، سودا، تىجارەتتە روناق تېپىپ بېيىشىنى ئىستەيدۇ ۋە شۇ مەقسەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ.
   ئەلۋەتتە، ئاشقازانغا كىرەك بولىدىغىنى بۇغداي گەپ ئەمەس، بۇغداي نان. شۇنداق ئىكەن بايبولغا ئىشەنچ باغلىغان كىشىلەر ۋە كارخانىچىلار چوقۇم بىر ئەمىلى نەپ كۆرۈشى كىرەك.  شۇڭا بەزىلەر سورىشى مۈمكىن:
زادى بايبولغا ئەگەشكەن بايبوللۇقلار ئەمىلى نەپ كۆردىمۇ- يوق؟
   ھەرقانداق ئىشتا پاكىتنى ئاساس قىلىپ سۆزلىشىمىز كىرەك شۇندىلا ئۇ قايىل قىلارلىق بولىدۇ. سەن بىراۋنى ئىسپاتسىزلا ئوغرىلىق بىلەن ئەيىپلىسەڭ، قارشى تەرەپكە تۆھمەت قىلىۋاتقان بولۇشۇڭ مۈمكىن ۋە ھەتتا ئۇنىڭ قانۇنى ھوقۇق مەنپەئەتىگە دەخلى تەرۇز قىلغان بولۇشۇڭمۇ مۈمكىن.  ئوخشاشلا، سەن ئۆزۈڭنى لىللا، دۇرۇست، سەمىمى، ئىچى تىشى بىردەك ئادەممەن دەپ ئويلاپ ھەم ئۆزۈڭنى شۇنداق ماركا بىلەن ئىجتىمائى سورۇنلارغا سىلىۋاتقان بولساڭ، قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭدا، ئۆزۈڭ سۈپەتلىگەن بۇ خاراكتىرلار، مەزمۇنلار ئەكس ئىتىشى كىرەك. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، سەن ئاتىلار ئىيتقان "ئاغزىدا كۈلكە- چاقچاق، قوينىدا پالتا پىچاق" دىگەن سۆزنىڭ ھازىرقى زاماندىكى ۋارىيانتىنى ياراتقان بىرسى بولغان بولىسەن. بۇنى خىسلەت دىمەيمىز، ئىللەت دەيمىز. بۇ خىل ئىللەت بىلەن ھامان بىر كۈنى ئادەمدەك ئادەملەرنىڭ قاتارىدىن، كەسكىن بازار رىقابىتىدىن شاللىنىپ قالىسەن.
    ھازىرغا قەدەر، قەيسەر ھاجى ئىككىمىزگە يىتىپ كەلگەن ئىنكاسلاردىن قارىغاندا بايبول شىركىتىنىڭ ئىقتىسادى ۋە مۇئارىپ مۇلازىمىتىدىن نەپ ئالغان كىشىلىرىمىز ئاز ئەمەس. مەن ۋەكىل خاراكتىرلىق ھالدا مۇنداق بەش خىل مىسالنى سۆزلەپ ئۆتەي.

  1) ئوخشاش كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىككى كارخانىچى ،قېرىندىشىمىز بولۇپ بايبولغا قاتنىشىشتىن ئىلگىرى بۇ ئىككىسى بىر بىرىنى دۈشمەندەك كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا گەپ قىلىشمايدىغان، ھەتتا بىر بىرىگە گۇمان ۋە سوغۇق كۆز بىلەن قارايدىغان ھالدا ئىكەن، بايبول لىكسىيەلىرىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ ھاياتقا تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە تىجارەتكە تۇتقان ئۇسۇلىدا باشقىچە ئۆزگىرىش بولغان. يەنى بۇ ئىككىسى بىر ئادەم ئۈچۈن ھاياتتا، ئادىمىلىكنىڭ، قوسىغى كەڭ بولۇپ ياشاشنىڭ، قېرىنداشلىق مېھىر مۇھەببەتنىڭ مۇھىملىغىنى تونۇپ يەتكەن بولسا، تىجارەتتە ھەمكارلىق ۋە سەمىمىلىكنىڭ مۇھىملىغىنى تېخىمۇ چوڭقۇر دەرىجىدە چۈشەنگەن. ھازىر ئۇلار سەپەرلەردە بىللە مىڭىپ، ياتاقلاردا بىللە يىتىشىپ ئۆزئارا بىر بىرىدىن ئۈگۈنىدىغان ۋە بىر بىرىگە ياردەم قىلىشىدىغان ياخشى بۇرادەرلەردىن بولۇپ قىلىشقان.
  2) قەيسەر ھاجىنىڭ پاي چېكى ھەققىدىكى مەسلىھەتى بويىچە ئىش كۆرگەن بىرەيلەن پاي چىكىدىن ئالغان پايدىسىنىڭ بىر ئايدا  200% ئۆسكەنلىگىنى مەلۇم قىلدى.
  3) قەيسەر ھاجى ۋە مەردان تۇرغاننىڭ تاشقى پىرىۋوت ھەققىدىكى مەسلىھەتى بويىچە ئىش كۆرگەن بىرەيلەن بىر نەچچە كۈن ئىچىدە  40000 يۇئەن پايدا ئالغانلىغىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
   4) بايبولدىكى باشقا كارخانىچىلار بىلەن تونۇشۇپ ئۇچۇر ئالاقە قىلىشقان ۋە ئۇلارنىڭ ياردىمىگە ئىرىشكەن بىر قىرىندىشىمىزنىڭ زاۋۇت قۇرۇش ئىشلىرى تىز يۈرۈشۈپ ئۆزلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى چەتئەل بازىرىغا سالالايدىغان ھالەتكە يەتكەن.
   5) بايبول شىركىتىنىڭ مۇئارىپ مۇلازىمىتىدىن مەنپەئەت كۆرگەن بىر ئانا، خاتا قارار چىقىرىپ سىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىپ ئۆزىنىڭ توغرا بولغان ئىجتىمائى ۋە ئىقتىسادى تاللاشنى ئىلىپ بارغانلىغىنى ۋە شۇ ۋەجىدىن بايبولدىن مىننەتدار ئىكەنلىگىنى ئۆز ئاغزى بىلەن يەتكۈزدى. ..

ئەلۋەتتە، بۇنداق مىساللار خىلى كۆپ....
   خۇددى بىرسى، "مەن مەس ئەمەس، يول ئىگىز پەس" دەپ يازغىنىدەك، بايبولنىڭ  يولىمۇ تۈز بولماي قالدى.
    مەن بايبولغا ۋاكالىتەن ئىنتايىن ئەپسۇسلىنارلىق ئىچىدە شۇنى ئىيتىمەنكى، بايبولنىڭ نامىنىڭ كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ بۇنى سۇيىستىمال قىلىشقا ئۇرۇنغان نومۇسسىز كىشىلەرمۇ بارلىققا كەلدى.بىزنىڭ مەقسىدىمىز، كارخانىچىلىرىمىزنىڭ، ئىستمالچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئاساس قىلغان، جەمىيەتنىڭ قانۇنى تۈزۈمىگە ئاڭلىق رۇئايە قىلىدىغان، زامانىۋى كارخانىچىلار قوشۇنىنىڭ مەيدانغا كىلىپ يۇرتىمىزنىڭ ئىقتىسادىنىڭ كۆتۈرۈلىشىگە ھەسسە قوشۇش ئىدى.ئادەتتە ئىشەك مىنسەڭمۇ، ئۇچۇلۇقنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى بار. ئۆزۈڭ بىلگەنچە ئولتۇرساڭ، يامان يىرىڭنى يىغىر قىلىۋىلىپ ھەرەج تارتىسەن.
    لىكىن ئايرىم كىشىلىرىمىزدىكى سەمىمىيەتسىزلىك، ئالدامچىلىق، نومۇسسىزلىق ۋە ئادىمىسىزلىك بىزنى غەزەپلەندۇرۇشتىن كۆرە ئىچىندۇرغان بولسا، نىمىنىڭ راست نىمىنىڭ يالغان ئىكەنلىگىنى بىلمەيئۇلارغا ئاسانلا ئالدىنىپ قالغان كىشىلەرنىڭ مەۋجۇتلىغى بىزنى ئەپسۇسلاندۇردى. نىمىنىڭ راست نىمىنىڭ يالغانلىغىنى بىلىپ تۇرۇپ راستقا كۆز يۇمۇپ يالغانغا ھە- ھۇ دىيىشىپ بەرگەنلەرنىڭ بولغانلىغى بىزنى چۆچۈتتى....
   مەسىلەن، بايبول ئەڭ دەسلەپتە يۇرتتا ئۆزىنى تونۇشتۇرۇشقا باشلىغاندا بىز بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقە قىلغان بىر ياشقا بىز ئىشىنىپ ئۇنىڭغا پۇرسەت بەردۇق، ۋە مۇئەييەن دائىرىدە مەلۇم ۋەزىپىلەرنى يەنى تورغا ماقالە ئىلان قىلىش ۋە تورنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى  ھەق بىرىپ تاپشۇردۇق. شۇ ئارىلىقتا بىزگە بۇ ھەققىدە  سەلبى ئۇچۇرلار كەلسىمۇ بىز ئۇنىڭغا ئىشەندۇق ۋە يەنىلا پۇرسەت بەردۇق. لىكىن ئۇ ئۆز ئەمىليىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئاللىقانداق سەۋەبلەر تۇپەيلىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتىنى ئۆتكۈزۈش گىرداۋىغا بىرىپ قالغان بىرسى ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلىغاندىن كىيىن يەنى پاكىتقا ئىرىشكەندىن كىيىنلا ئۇنىڭدىن قولىمىزنى يۇيدۇق. كىيىن ئۇقساق،  ئۇ بايبولنىڭ نامىنى سىتىپ ئايرىم شەخسلەرنى قاقتى-سوقتى قىلىپ ئەخلاقسىز، نومۇسسىز ۋە جىنايەتلىك قىلماشلارنى تۇغدۇرۇپتۇ.
   مەزكۇر يازمىنى ئوقۇۋاتقان جامائەت، بىر نەرسە سەمىڭلەردە بولسۇن: بىز يەنى مەيلى مەن ياكى قەيسەر ھجى ھەرگىزمۇ باشقىلارغا بايبول ئۇچۇن مەبلەغ يىغىشنى ھاۋالە قىلمىدۇق ھەم قىلمايمىز. مەلۇم تۈر ئۇچۇن مەبلەغ يىغىشقا توغرا كەلسە ياكى قەيسەر ھاجى ياكى مەن (قەيسەر مىجىت) ئوچۇق ئاشكارا ھالدا چۇشەندۇرۇش ۋە سەپەرۋەرلىك  قىلمىغۇچە باشقا ھەرقانداق ئادەمنىڭ بايبولغا ۋاكالىتەن مەبلەغ يىغىش ۋە مەبلەغنى ئىشلىتىش ھوقۇقى بولمايدۇ. ئەگەر ئالدىنىپ قالساڭلا ئۇنىڭ سەۋەبىنى ئۆزۈڭلاردىن كۆرۈپ، جاۋاپكارنىڭ قانۇنى مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلساڭلار بولىدۇ.  جەمىيەتتە مەۋجۈت ئايرىم ساندىكى ئادەملەرنىڭ نومۇسسىزلىغى بىزنى مۇشۇنداق دىيىشكە مەجبۇر قىلدى.
   بىزنى ئەپسۇسلاندۇرغان يەنە بىر ئىش،  بايبولنىڭ نامىنى تالىشىدىغان ۋە سۈيىستمال قىلغۇچىلارنىڭ مەيدانغا كىلىشى. ۋوي سادىغاڭ كىتەي، شىركەت قۇراي، ماركا ئالاي دىسەڭ، ئىسىملەر كۆپقۇ؟ ئاۋۇسترالىيەدە ۋە ئۈرۈمچىدە بايبول دەپ تىزىمغا ئالدۇرغان قانۇنى رەسمىيىتى بار بىر شىركەتنىڭ ئىسمىنى تالاشمىساڭمۇ ئىسىملار كوپقۇ؟ مۇشۇنداق ئەھۋالدا بىز نىمىنىڭ راست نىمىنىڭ يالغانلىغى ئىنىق تۇرسىمۇ ھەر ئىككى خىل تاللاشنى قىلغانلارغىمۇ دىققەت قىلدۇق. بۇنداق كىشىلەردىن پۇرسەتپەرەسلىك ۋە قۇۋلۇق پۇرايدىكى ئەقىل پاراسەت ۋە سادىقلىق ئۇلاردىن يىراق تۇرىدۇ. ئۇلار ئاخىرقى ھىساپتا، ئۆزىنىڭ مەغلۇبىيەتلىك تارىخىنى ئۆزلىرى يازىدۇ، خالاس.
   بايبول شىركىتىمىز بايبولغا ئەگەشكەن قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەقىقى مەنىدە باي بولۇشىنى قولغا كەلتۇرۇشكە تېرىشىدۇ. بىزگە شۇ نەرسە ئىنىق- ھازىرقى شارائىئىتتا پۇل تىپىش ئوڭاي ئەمەس. شۇنداق ئىكەن ھەرقانداق مەبلەغچىلىك شىركىتى چوقۇم خىرىدارلىرىنىڭ مەبلىغىغە مەسئۇل بولۇشى كىرەك. شۇڭا بىز ئىش بىجىرگەندە ئوچۇق يورۇق بولۇپ خىزمەتلىرىمىزدە يىتەرسىزلىك ۋە كەمچىللىك كۆرۇلگەندە مەسۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن ئۆز ئۈستىمىزگە ئالىمىز. چۇنكى بىزگە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ تۈتۈن چىقارمىسا بولمايدىغان مورىسى بار، ئەمەلگە ئاشۇرمىسا بولمايدىغان ئارمانلىرى بار، بىسىپ تۈگەتمىسە بولمايدىغان ئۇزۇن يوللىرى بار..
    بىز ئۆتكەندە بايبول شىركىتى يىتەكچىلىگىدە  بىر تۈرنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان ئىدۇق. مەن بايبول شىركىتىگە ۋاكالىتەن ئۇ تۈرنى بايبوللۇقلارغا چۈشەندۇرۇپ پاي قوشۇش چاقىرىقىنى قىلغان ئىدىم. ئاق كۆڭۈل، ئەمىليەتچىل بايبوللۇقلارغا رەھمەت. كۆزلىگەن مەبلەغ قىسقا ۋاقىتنىڭ ئىچىدە يىغىلىپ بولغان بولسىمۇ ئەپسۇس بۇ تۈرنى ئەمىلى ئىجرا قىلىش باسقۇچىغا ئۆتكەندە، بىز مەبلەغ سىلىش مۇھىتىنى ئانالىز قىلغاندا مەبلەغ يىغىشتىن ئاۋال ئويلاپ يەتمىگەن، ئۆزىمىزگە بىقىنمايدىغان ئامىللار كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان خەتەرنىڭ مەۋجۇتلىغىنى ھىس قىلىپ بۇ تۈرنى ئىجرا قىلىشتىن دەرھاللا ۋاز كەچتۇق ھەمدە مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئۆزىمىزنىڭ ئۆزرىسى بىلەن قوشۇپ مەزكۈر تۈرگە سالغان مەبلىغنى بىر سىنىت كەم قالدۇرماي ياندۇرۇپ بەردۇق ھەمدە ياندۇرۇپ ئالمىغانلارنى كەينىدىن قوغلاپ  "پۇلۇڭلارنى" ئىلىۋىلىڭلار دەپ يۇرۇۋاتىمىز.  نىمىشقا؟ چۈنكى بىز، "قوي گۆشى كۆرسىتىپ، ئۆچكە گۆشى ساتىدىغانلار" دىن ئەمەسمىز.
    بىز ھەرقانداق ئىشنى سەمىمى نىيىتىمىز بىلەن باشلايمىز. مۇبادا يىقىلىپ قالساق، يىتىپ قالمايمىز. ئورنىمىزدىن دەس تۇرىمىز.
    بىز بايبوللۇقللار، مېھر-مۇھەببەتكە، ئادىمىلىككە تەلپۈنىمىز. پەن-مەدىنىيەتكە، يىڭىلىق ۋە ياخشىلىققا ئىنتىلىمىز ھەمدە ئالدى بىلەن ئۆزئارا ياخشى ھەمكارلىشىپ جەمىيەتنىڭ ياخشى بولۇشىغا ھەسسە قوشۇش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ ئىنسانلىق قىممىتىزنى تاپىمىز، پۇقرالىق مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلىمىز.
قىسقىسى بىز ياخشىلىق بىلەن ياشاش مۇھىتلىرىمىزنى ياخشىلاپ ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ ياشاش بوشلۇقلىرىنىڭ كىڭىيىشىگە ھۇل سىلىشنى ئويلايمىز.

   بايبول شىركىتى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى قىسقا مەزگىل ئىچىدە بىزنىڭ ئەتراپىمىزغا ھەر ساھە كىشىلەر توپلاشتى. بۇ يىل 20-ئىيۇل بايبولنىڭ تارىخىدىكى بىر ئۇنتۇلغۇسىز كۈن بولدى.  ئۇ كۈنى بايبولنىڭ ئەتراپىغا توپلاشقان سۆيۈملۈك كىشىلىرىمىز ، بايبول شىركىتىمىز ئورۇنلاشتۇرغان  بايبول شىركىتىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى، ئاۋسترالىيەدىن ئۈرۈمچىگە بارغان دوكتۇر قەيسەر ھاجى ئەپەندى بىلەن ئۇچرۇشۇش چېيىمىزغا داخىل بولدى. گەرچە مەن بارالمىغان بولساممۇ، شۇ كۈنىدىكى پائالىيەتكە ئاتاپ تۆۋەندىكى تەبرىكنى ئەۋەتتىم:

********************************
‏بايبوللۇقلارغا مەدھىيە...
‏********************************
‏(20-ئيۇل كۈنى بايبول شىركىتىمىز ئۇيۇشتۇرغان كارخانىچىلىرىمىز بىلەن ئەسرالىشىش ساياھەت-سۆھبەت دالا مەشرىپىگە قاتناشقان بايبوللۇقلارغا بىغىشلايمەن!)
‏***************
‏ئىيۇلنىڭ تازا ئىسسىق بىر كۈنىدە،
‏تەڭرىتىغىنىڭ باغرىدىكى سالقىن يەرگە،
‏جەم بولدى بايبوللۇق كارخانىچىلار،
‏داستان يىزىلدى ئۇ يەردە ئاڭلاڭلار:
‏كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالغۇدەك ئىشلار!
‏تونۇشماي تۇرۇپ قۇچاقلىشىشلار،
‏سەمىمى سىردىشىشلار ۋە ئۇسۇل ئويناشلار!
‏قەيسەر ھاجىنىڭ ئۇسۇلىنى كۆردۈڭمۇ،
‏بىشىنىڭمۇ ئويناپ كەتكىنىنى كۆرۈپ كۈلدۈڭمۇ؟
‏ئاقبۇلۇت خانىم كەيدۈرگەن دوپپىنىڭ،
‏پالگانغا ياراشقاندەك ياراشقىنىنى بىلدىڭمۇ؟
‏يالقۇن روزى ئاكىنىڭ لىكسىيەسىدىن،
‏ئىلىشقا تېگىشلىك نەپنى ئالدىڭمۇ؟
‏قاتنىشالمىغانلارنىڭ يۈرەك-سۆزلىرىنى ئاڭلىدىڭمۇ؟
‏شوركاڭ باراتتى «پالاش-پالاش» دەپ،
‏ئەمما كىلىشمەسلىك كىلىپ قاپتۇ.
‏ۋارىسجان خېنەندە زاۋۇتىدا،
‏بارالماي ھەسرەت چىكىپ «ئىسىت» دەپتۇ.
‏مەردان تاغدا ھاشارەتلەپ كەتكەن يوتقىنىنى،
‏يۇيىمەن دەپ مەشرەپكە بارالماپتۇ.
‏ئاينۇر كىلەلمىدى ئاۋسترالىيەدىن.
‏خالمىرە بارالمىدى فىنلاندىيەدىن،
‏مەرغۇبە مىدىرلىمىدى فرانسىيەدىن.
‏ھەبىب كىچەلمىدى روسىيەدىن،
‏ئارسلان قوپالمىدى ئىتالىيەدىن،
‏مەن، ئۇچالمىدىم بوستوندىن.
‏ئەمما بىز ھەممىمىز يوللىدۇق،
‏سىلەرگە بولغان ئوتلۇق سۆيگۈمىزنى،
‏ئەي «يۇرتۇم» نىڭ سۈيىنى ئىچىپ،
‏«قار لەيلىسى» نىڭ ئاپتوۋوزىغا چىقىپ،
‏«ئەلنۇرى» نىڭ ئۇنىدا تاماق ئىتىپ،
‏«ئەقىدە» قاشتېشىنى ئىسىپ،
‏ئاق بۇلۇت بوپ لەيلەپ،
‏چاقماق بوپ چېقىپ،
‏ياكى رېۋايەت بوپ ئىيتىلىپ،
‏ياكى چەۋەنداز بوپ چېپىپ،
‏قارلۇقنى، مىسرانىمنى، مەمەتجان روزىنى،
‏«كارۋان» قىلىپ بىللە چىققان بايبوللۇقلار!
‏«ھايات» نى ئىمپورت قىلىپ يۈرمەي،
‏قۇتلۇق شۇ كۈندە ئۇنى بەرپا قىلغان بايبوللۇقلار!
‏«ئارزۇ» دىن «بوستان» دا «قايدۇ» نىڭ
‏سۈيىنى باشلاپ گۈل ئۈندۈرۈپ،
‏قۇياشتەك نۇرلۇق ياشايدىغان بايبوللۇقلار!
‏ھە، توغرا ئافرىقىغا نان ئەۋەتىپ،
‏ئالماس ئالسا دىلى ئارام تاپىدىغانلار،
‏ئەتراپقا چۈچۈك بۇيىنى چىچىپ،
‏ياكى ئورمانلىقتا تۇنجى نۇر توخۇسىنى بىقىپ،
‏ساتالمىسا، ئۆزى يىۋىلىپ سەمىرىۋالىدىغانلار،
‏بايبول توپىنى دائىم قىزىتىدىغانلار....
‏ئۇسۇلنى پېچەت ئويناپ،
‏«ۋاي رازىيەي» دىگۈزىدىغان مۆھتەرەملەر
‏«باغداش» نىڭ مىھرىدە،
‏مىرزىكام ۋە مەزىناخۇنكامنىڭ تەربىيىسىدە،
‏بىر سۈپەتلىك چوڭ بولغان ياشلار،
‏ئەكبەرجان، مەمەتتۇرسۇن، ئابدۇللا،
‏تەمكىنلىگى بىلەن مەزمۇت تۇرىدىغان،
‏باتۇرجان، ئاكىلىرىمىز ئىمىنجان ھەم مۇتىللا!
‏ئاكا-ھەدە، ئىنى-سىڭىل قىرىنداشلار،
‏شۇنداق بىر ياخشى پەيتتە، ياخشى يەردە،
‏يەنە ئۇچرىشىشقا نىسىپ قىلغاي جانابى ئاللاھ!





uyghuray

0

تېما

0

دوست

305

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   2.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  44406
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 80
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2015-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-29 18:53:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت

1

تېما

0

دوست

377

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   38.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17444
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 118
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-29 20:45:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەيسەر مىجىت ئاكا قانداق ئەھۋالىڭىز ، مەن سىزنى ئىقتىزاد ئىلمى ۋە سودا جەھەتتە بىلىمى ئىنتايىن مول ئادەم دەپ ھۆرمەتلەيمەن،

مەن بۇيەردە سىزنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىمىزنىڭ چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئىشلىرىغا قوشۇۋاتقان تۆھپىڭىزگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن ۋە داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىڭىزنى تىلەيمەن.

ھازىر دىيارىمىزنىڭ ئىقتىزادى ئىنتايىن كاساتلىشىپ كېتىۋاتىدۇ، مەن ئايالچە كىيىم كېچەك دۇكىنى ئاچىمەن ، بۇيىل تىجارەت ئىنتايىن كاسات ھەتتا بۈگۈنكىدەك يەكشەنبە بازار كۈنىدىمۇ دەسلەپ قىلالماي دۇككاننى يىغدۇق.
يالغۇز مەن ئەمەس نۇرغۇن دۇككان قوشنىلىرىمىز نىڭ مۇ ئەھۋالى ئىنتايىن خاراپ ، مەن ھازىر كورلا شەھرىدە دۇكان ئاچىمەن ، بۇيىل كېپەز باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى نەشپۈتلۈكنىڭ تەبئى ئاپەتنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغىنىنى ئاز دىگەندەك نەشپۈت باھاسىنىڭمۇ چۈشۈپ كېتىش دېھقانلىرىمىزنىڭ ئىقتىزادىغا ئېغىر دەرىجىدە زەربە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ تىجارەتلىرىمىزمۇ تەسىرگە ئۇچرىدى(ئەلۋەتتە بۇ ئۆزەمنىڭ ئويلىغىنىم )
شۇڭا ئەمدى سىزگە بىرىدىغان تەكلىپىم،
بولسا بىزگە ئوخشاش شېركىتى يوق ئۇششاق سودىگەر لەر مۇشۇنداق ھەرخىل ئىقتىزادى كىرزىس لارغا يولۇقساق قانداق قىلىشىمىز كېرەك .
قانداق قىلغاندا تىجارىتىمىزنى روناق تاپقۇزالايمىز؟
بىزدە سىلەرنىڭ شېركەتكە ئەزا بولغۇدەك ئىقتىزاد ۋە ئىقتىدار يوق ،

شۇنداق بولسىمۇ سىزنىڭ بىزدەك ئاددى ئادەملەر ئۈچۈنمۇ ئازراق كاللا قاتۇرۇپ قويۇشىڭىزنى بىزگە قانداق قىلساق مۇشۇنداق ئىقتىزادى كىرزىس يۈزبىرىۋاتقان ھالەتتىمۇ پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقى ۋە قانداق قىلغاندا پۇل تېپىش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ تېزراق باي بولالايدىغانلىقىمىز توغرىىسدا بىر قىممەتلىك تەكلىپ بىرىشىڭىزنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن
ھۆرمەت بىلەن : باغداش مۇنبىر ئەزاسى مەزھەپسىز

0

تېما

0

دوست

364

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   32%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  41801
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 102
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-29 22:02:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەيسەر ئاكا ياخشىمۇسىز؟؟؟  سىزنىڭ شىركىتىڭىزدە ئازراق مەبلەغ سېلىپ پۇل تاپقىلى بولىدىغان ئىش(تۈر) بارمۇ ؟ ئۆزۈم ئوقۇغۇچى يىغقان 5000 يۈەن پۇلۇم بار ئىدى ، ئۆزۈم ئوقۇغاچ بىرەر ئىش قىلاي دەپ ئويلىغان .
باشقا تورداشلارمۇ مەسلىھەت بەرسەڭلار!
uyghuray

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

13

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   38.66%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1960
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 6193
توردىكى ۋاقتى: 1644
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-29 22:09:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەيسەر ئۇستاز ،رەسىملەر بولسا قوشۇپلا يوللاپ  قويسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بۇلار ئىكەن.

4

تېما

10

دوست

8248

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   64.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35433
يازما سانى: 731
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 2488
توردىكى ۋاقتى: 656
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-30 00:05:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوبدان يازمىكەن،كۆپ رەھمەت.........

18

تېما

8

دوست

5177

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   3.54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16206
يازما سانى: 226
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 1630
توردىكى ۋاقتى: 519
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-30 00:05:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىركەتنىڭ ورنى نەدىدۇ؟ بىزدەك كىچىك تىقارەتچىلەرگە پاي قوشىدىغان پۇرسەت بارمۇ?

پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭى

3

تېما

8

دوست

8567

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   71.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12516
يازما سانى: 685
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 609
تۆھپە : 2199
توردىكى ۋاقتى: 358
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-30 00:09:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )