- تىزىملاتقان
- 2015-10-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1064
- نادىر
- 0
- يازما
- 39
ئۆسۈش
6.4%
|
ئابدۇسالام ئابدۇۋەلى
ئويلىغانلىرىم ، ھىس قىلغانلىرىمنىڭ بەزىلىرى رىئاللىقنىڭ ، رىئال شەخىسلەرنىڭ بىرلا تەرىپى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىشقا باشلىدىم. يۇرتقا قايتىدىغان ۋاقىتنىڭ يىقىنلىشىشغا ئەگىشىپ ئەتراپىمدىكى بەزى نىقابلانغان ساختىلىقلارنىڭ نىقابلىرى بارا-بارا يىرتىلىپ ئەسلىدىكى ھالىتىنى ئاشكارلىشىغا سەۋەب بولدى.
بۇ مەكتەپنى ھەر تەرەپتىن ، ھەر جەھەتتىن مۇنەۋۋەر ھىس قىلىشقا تىرىشاتتىم. ماڭا بەرگەن بەزى بىر تەسىراتلىرىنى يۇرتتا ھىس قىلىپ باقمىغاچقىمۇ بۇ يەرنىڭ بەزى يەرلىرى ماڭا ناھايىتى يىقىشلىق تۇيغۇ بەرگەنىدى . لىكىن يەنە شۇ يىقىندا يۈز بەرگەن بىر قاتار ئىشلار بۇ يىقىشلىقلارغا مۇنەۋۋەرلىكلەرگە بىر قەۋەت قىلىن توپا قوندۇرۇپ قويدى.
مەكتىپىمىزنىڭ ياتاقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشى ئۆزگىچە ، ھەر بىر ياتاقتا( ئىچكىردىكى كىشىلەرنىڭ تىلىدىكى ئۇيغۇرلار) بىردىن شىنجاڭلىقلار بار ئىدى . مەيلى ئالتە كىشىلىك ياكى تۆت كىشىلىك ئىشقىلىپ ھەربىرىدە بىرلا ئۇيغۇر . باشقا مىللەت باللىرى قانچە بولاپ كىتىشىدىن ھەتتا ئالتە كىشىنىڭ ھەممىسى بىر مىللەت بولاپ كىتىشىدىن قەتئىي نەزەر ئۇيغۇر چوقۇم بىر بولۇشى كىرەك. دىيارىمىزدىن كەلگەن بالىلارغا مەسئۇل ئوقۇتقۇچىدىن ياتاق يوتكىلىشنى ئلتىماس قىلىپ كىرسەم، پەقەت شىنجاڭلىق بالا يوق ياتاققىلا يوتكەلسەم بولىدىغانلىقى ئىيتتى ، بۇنى مەكتەپنىڭ دىدىمۇ ياكى ئاپتونۇم رايوننىڭ دېدىمۇ ئىشقىلىپ بىرسىنىڭ چىقارغان بەلگىلىمىسىكەن. بۇنىسى ماڭا قاراڭغۇ بوپ قالدى. ئانا تىلغا ئىچىرقاپ ئالمىشىمەن دېسەم ئىچىرقىشىمنى بۇ بەلگىلىمە ۋەھشىلەرچە ئوققا تۇتقان بولدى. ھەمدە ئالمىشىشنىڭ ئورنىمۇ قالمىغانىدى . لىكىن بىزنىڭ سىنىپ مەسئۇلىمىز ، باشقا رەھبەرلەر يىغىندا ھىچ قايسى مىللەت ئالاھىدە ياكى باشقا ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە ئەمەس دېگەنىدى ، مەيلى قەيەردىن كەلسۇن چوقۇم ئىتتىپاقلىقنى ساقلاش كىرەك دەپ ئەسكەرتكەن ئىدى ، لىكىن يۇقارقى مىسالدا بىز شىنجاڭلىقلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ياكى مەكتەپنىڭ ئالاھىدە بەلگىلىمە بىلەن مۇئامىلە قىلىشى گەۋدىلىنىپ قالغاندەكمۇ قىلاتتى.
بۇ يەرگە كىلىپلا يۇرتقا بولغان سۆيگۈم بىراقلا ھەسسىلەپ ئىشىپ كەتتى ، كۈندە سىغىندىم ، ئانامنىڭ ئاۋازىدىن ، دادامنىڭ ئاۋازىدىن ، بۇرادەرلىرىمنىڭ ئاۋازىدىن يۇرتنىڭ پۇرۇقىنى ئازراق بولسىمۇ پۇرىغان بولدۇم ، ئۇيغۇرچە مىدىيالارغا قاراپ قاراپ تويمايتىم ، بۇلار مەندىكى تەشنالىقنى ئازراق بولسىمۇ قاندۇرغاندەك قىلاتتى. تۇيۇقسىز بۇ يەردىكى ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھاۋا رايىغا بەك ئەھمىيەت بىرىدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم دە قەشقەرنىڭ ھاۋارايى مەلۇماتىغا كۈندە دىققەت قىلىدىغان بولدۇم. مىنى قاتتىق ئازاپلىغان نەرسە شۈ بولدىكى قەشقەرنىڭ pm2.5كۆرسەتكۈچى 150نىڭ تۆۋىنىگە چۈشۈپ باقمىدى ، بۇ 150 ئوتتىرا دەرىجىدە بولغۇنۇشقا كىرىدىكەن . مەن تۇىۋاتقان بۇ شەھەردە ئەڭ يۇقىرى بىر قىتىم 150گە چىقتىغۇ دەيمەن ، شۇ چاغدا ئوقۇتقۇچى ئوقوغۇچى ھەممىسى ھاۋادىن قاقشىدى ، ئىغىزلىرىغا ماسكا تارتتى، لىكىن كۇندە ئىغىر، ئوتتىرا ، يىنىك بولغۇنۇش ئىچىدە ياشاۋاتقان ئاتا ئانام ، قىرىنداشلىرىم ، دوست بۇرادەرلىرىم ھىچ قاخشىغاندەك قىلمايتى ، مەنمۇ ھەم قاقشاپ باقمىدىم ، نىمە ئۈچۈن ؟ بىز قاقشاۋىرىپ قاقشاشتىن زىرىكتىقمۇ ياكى بىزنى بىقىپ ئوستۈرگەن زىمىننىڭ ئاچچىق ئۇھسىراشلىرىنى، ھالسىراشلىرىنى ئاڭلىماسقا سىلىپ قۇلاق يوپۇرۇپ ئولتۇرۇۋالدۇقمۇ؟! ئەگەر راس بۇنداق بولىدىغان بولسا بىز ئىغىر گۇناھنى بوينىمىزغا يۈكلىگەن بولىمىز. ئەزىزانە قاشقەر دىيارى ، ئانا يۈرتۈم ، كىندىك قىنىم تۆكۈلگەن تۇپراق قاتتىق ھالسىراشقا بەنت ئىدى ، قەشقىرىمنىڭ ئۆپكىسى ئۇزاق يىل تاماكا چەككەن كىشىنىڭ ئۆپكىسىدەك قارىدىغان ، قەشقەر ئەسلىدىكى چەبدەس ، چىدامچان ھالىتىنى ھەم يوقاتقان ، خۇددى تارىخقا شاھىد بولغان قەدىمىي دەريا تۇمەن دەرياسى پاسكىنا سۇ بىلەن بۇلغۇنۇپ ئەسلىدىكى جەزبىسىنى يوقاتقىنىدەك . بىز ئانىمىزدىن ، ھەم ئانىلىرىمىزدىن ھەردائىم مەنپەئەت ئىلىپ كىلىۋىتىپتۇق. تىرىك ۋاقتىمىزدا تۇپراق ئانىمىز بىزنى كۆتۈرۇپتۇ ، تۇققان ئانىمىز بىزنى قاتارغا قوشۇپتۇ ، تەبىئەت ئانىمىز بىزنى ئۆزىدىن مەنپەئەتلەندۇرۇپتۇ، ئۆلگەندە بىزنى ھەم ئۆز قوينىغا ئاپتۇ ، ئانا يۇرتىمىزنىڭ قوينىدا ياغنىڭ ئارىسىدىكى بۆرەكتەك ئۆسۈپ چوڭ بوپتۇق، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپتۇق ، ئىچ باغرىنى كولاپ ھەرخىل بايلىقلارنى ئاپتۇق ، بىز ئۇنى خورىماس كان دەپ ئويلاپتۇق ، ئۇنىڭ ئۆمرى، كۆز يېشى ، كۆلكىسى ، خۇشاللىقى ھەققىدە ئويلاشقانلار كۆپ بولماپتۇ ، رەھمەت ئىيتقانلار تىخىمۇ شۇنداق. ئۆزىنى باققان ، پەرۋىش قىلغان ، يات ئالدىدا بويۈن قىستۈرمىغان يۇرتغا ، ئۆزىنى ھەر ۋاقىت ياتلىمايدىغان ئانا تۇپرىقىغا رەھمەت ئىيتىشنى بىلمىگەنلەر رەببىگە رەھمەت ئىيتىشنى ھەم بۇلمەيدىكەن. بىز ھەقىقەتەن بىخۇدلۇقتا قاپتىمىز ، بۇ گالۋاڭلىقىمىز رەسۇلىمىزنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش ئىماننىڭ جۇملىسىدىن دىگەن تەلىمىگە قارشى چىقىپ قالامدۇ قانداق؟
ھەج قىلىپ مەككىگە بارساڭ مۇبادا ،
تۇيۇلار يۇرتۇڭدا قالغاندەك خۇدا.
- ئادىل تۇنىياز
|
|