خوتەندىكى رەڭدارلىققا تولغان كىيىملەر
ئەل ئابىدە خوتەن ساخاۋەت فوندى بۇ يىل قىش كىرىشى بىلەن، ھەر تەرەپتىكى ساخاۋەتچىلەرنىڭ ماسلىشىشى ئارقىسىدا 7300 يۈەن يىغىپ، 20 يەشىك ئىللىقلىق بوغچىسى سېتىۋالغان بولۇپ، بىرسوم فوندى (壹基金)نىڭ ئىئانە قائىدىسىگە ئاساسەن بۇنىڭغا ئۈچ ھەسسىلەپ 80 يەشىك 29200 يۈەن قىممىتىدىكى ئىللىقلىق بوغچىلىرى 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى خوتەنگە يېتىپ كەلدى.
بۇ يەشىكلەرنىڭ ئىچىدە چاپان، ئاياغ، شارپا، پەلەي ۋە ئۇقۇش قۇراللىرى قاتارلىق 13 خىل بۇيۇم بار. يەشككە قاچىلانغان بۇ ئىللىقلىق بوغچىلىرى خوتەن شەھەرنىڭ بەش يېزىسىدىن تاللانغان 60 نەپەر ئۇقۇغۇچىغا 12-ئاينىڭ 1-كۈنى خوتەن شەھەرئىلچى مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپتە تارقىتىپ بېرىلدى.
نەق مەيداندا بالىلار خۇشال ۋە ھاياجانلانغانلىقىدىن ئۆزلىرىنىڭ سەنئەت نۇمۇرلىرىنى كۆرسۈتۈش ئارقىلىق ساخاۋەتچى پىدائىلارغا ئۆزلىرىنىڭ رەخمىتىنى بىلدۈرۈشتى. پائالىيەتنى تېخىمۇ يۇقىرى كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن، دىيارىمىزدىكى داڭلىق سەنئەتكار چولپانلارمۇ ئۆز ماھارەتلىرىنى كۆرسۈتۈپ، پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ زور ئالقىشغا ئېرىشتى. بۇ پائالىيەت خوتەن ۋىلايىتى 2015-يىلى بىرسوم فوندى ئىللىقلىق بوغچىسىنى تارقىتىش ، باشلاش مۇراسىمى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، پائالىيەتنى تەشكىللىگەن ئۇرۇن ئەل ئابىدە خوتەن ساخاۋەت فوندى، قاتناشقان ئەترەتلەر ۋە ئۇرۇنلار: خوتەن شەھەرلىك مائارىپ ئىدارسى، ئەنجۈرساخاۋەتچىلىگى، يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى، بىلىپ ئۈمۈد ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كوللىكتىۋى، ئون يۈەن مىھرىبانلىق فوندى، گۇما بىلىپ ئۈمۈد ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كوللىكتىۋى، تاغداشلار قۇتقۇزۇش چوڭ ئەترىتى، ئاسپرانت تايانچ ئۇقۇتقۇچىلار ئۈمىگى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
2015-يىلى 12-ئاينىڭ1-كۈنى
|