- تىزىملاتقان
- 2015-1-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 12855
- نادىر
- 0
- يازما
- 1240
ئۆسۈش
7.14%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا putin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-7 16:24
سىزگە باشقىچىراق پىكىر بىرىشنى ئويلاپ قالدىم .
سىزنىڭ دىمەكچى بولغان ياشلارنىڭ كىتاب ئوقۇشى - بىز زادى كىتاب ئوقۇشقا قانچىلىك مۇھتاج ؟سىز بۇ ھەقتە تەپەككۈر قىلىپ باقتىڭىزمۇ ؟يەنە زادى قانداق كىتابلارنى ئوقۇش ؟كىملەر كىتاب ئوقۇش ھەققىدەق تەھلىل قىلىپ باقتىڭىزمۇ ؟
مىنىڭچە جەنۇپتىكى قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۈگىنىدىغان ،يەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەبىيلىنىدىغان ئىشلىرى مىنىڭچە يىتەرسىز ئەمەس .سىزنىڭ دىھقانلارغا كىتاب ئوقۇشتىن بەھىرلىنىش ئارزۇسى ئۈچۈن مۇشۇ تېمىنى يىزىپسىز ،سىزدەك ئەمەلىي خىزمەت كىلىش كاللىسى بار ئۇيغۇر كادىرلىرى ئىنتايىن ئاز .بىراق ،بىز ياخشى ئىدىيە ياكى ياخشى ئىش دەپلا يىتەكلەش ياكى چاقىرىق قىلساق بولمايدۇ .دىھقانلار نىمىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ بۇنى بىلەمسىز ؟دىھقانلار ئىتىزىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ .ئىتىزدىن چىققان نەرسىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ .بۇ ھەقتىكى تىخىنىكىلىك بىلىملەرنى سىز كىتابتىن ئوقۇپ بىرەسىز، چۈشەندۈرەلەمسىز ؟بۇ يەنىلا يۈزەكى يىتەكلەشمۇ قانداق ؟
بۇ يىل كىتاب ئوقۇش يىلى بولۇپ ئۇيغۇرلار ئىجدىمائى تۇرمۇشىغا يۈز يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن ئىجدىئائى ئىش دىسەك بولىدۇ .ئۇيغۇر يىڭى مائارىپى غەلبىە بىلەن ئۇيغۇرلارنى زامانىۋى جەمىئەتكە كىرگۈزدى .كىتاب ئوقۇش يىلى بىزنى مەدەنىي جەمىئەتكە تىخىمۇ يىقىنلاشتۇردى .بىز مۇشۇنداق ئىجدىمائى چاقىرىقلار ئارقىلىق مېللىتىمىزنى ئىتىپاقلاشتۇرۇپ ،ساپاسىنى ئۆستۈرەلەيمىز .ئەمدى ،مەسىلە كىتاب ئوقۇسىلا ساپا ۋە مەدىنىيەت ساھىپى بولالامدۇ ؟
سىز مائارىپ باغۋىنى بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن ،سۆزلىرىمنى ئۇدۇل دەۋەردىم .ياسالمىلىق قىلمىدىم .مىنىڭچە سىزمۇ مىنىڭ دىمەكچى بولغانلىرىمنى بىلىپ بولدىڭىز .
سىزنىڭ ئامال بار دىھقانلار بىلىم ۋە نەپ يەتكۈزىدىغان ،ياشلارنىڭ ئوقۇشقا ،ئىقتىساد تىپىشقا ،سىرتقا چىقىپ ،ئىقتىساد ۋە تونۇش ھاسىل قىلىشقا دەۋەت قىلدىغان ،تۈرتكە بولىدىغان ئەمەلىي ۋە تېز ئۈنۈمى كۆرىدىغان ئىشلار ھەققىدە كۆپ ئويلۇنۇپ ،مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە ۋىجدانىڭىز يەرگە قارىمايدىغان ،خەلقىم ،مېللىتىم دەپ دىيەلەيدىغان خىزمەت قىلىپ ،بىر يىلنى كىتاب ئوقۇش يىلىدەك ئۆتكۈزۈڭ .سىزنىڭ بۇ كىتاب ئوقۇش ھەققىدىكى قارىشىڭىزغا بۇنداق سوغۇق مۇئامىلە قىلىشىم ،يەنىلا ئۇيغۇر ياشلىرى جەنۇپ ياشلىرىنىڭ <كىچىك ياشلىرى >،<تەڭرىتاغ مۇنبىرى >دىن كىيىنكى تەشۋىقات خاراكتىرى كۈچلۈك ئىجدىمائى كىتابلارغا باغلىنىپ ،يۇرتتىن چىقارغۇزمايدىغان بىر تۈرنىڭ كۆپىيىسىنى ئانچە ئۈمىد قىلمىغانلىقىم ئۈچۈن . |
|