- تىزىملاتقان
- 2015-11-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3022
- نادىر
- 0
- يازما
- 275
ئۆسۈش
34.07%
|
كەلگۈسى پۇلدارلارغا مەنسۇپ ئەمەس، ئەلۋەتتە كەمبەغەللەرگىمۇ مەنسۇپ بولمايدۇ. كەلگۈسى ئىجابىي كۈچكە ئىگە ئادەملەرگە مەنسۇپ!
سىزنى خورىتىدىغان ئادەم بىلەن بىر يولدا مېڭىپ قالماڭ. پاسسىپ تەسىر تارقىتىدىغان ئادەملەردىن يىراق تۇرۇڭ. بولمايدىكەن، ئۇلار بىلىپ-بىلمەي ئارزۇلىرىڭىزنى ئوغۇرلاپ كىتىدۇ-دە، سىز بارا-بارا ئادەتتىكى ئادەمگە ئايلىنىپ، نورماللىق ئىچىدە ئۈن- تىنسىز يوقىلىپ كىتىسىز.
سىزگە ئىجابىي كۈچ بىرەلەيدىغان ئادەمنى ياخشى كۆرۈڭ. ھەممە ئادەمنىڭ تۇرمۇشى ئوخشاش، سىنچىلاپ قارىسىڭىز ھەممىلا يەردە كۆڭۈلنىڭ قىرىلغان، سۇنغان پارچىلىرى، يىراقتىن قارىسىڭىز ھەممە ئادەم دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدەۋاتقاندەك، ۋاقىتنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا بەخىت ئىزدەۋاتقان. قىسقىسى، ئۆزىنى بەخىتلىك، خوشال قىلالايدىغان سالامەتلىك، تىنچلىق، ماددى بايلىق، شان-شەرەپ، مۇۋاپپىقىيەت دېگەندەك ھەرقانداق نەرسىنى جان تىكىپ ئىزدەۋاتقان.
بەخىتلىك بولاي دىسىڭىز، ئۇنداقتا سىزگە بەخىتنى ھېس قىلدۇرالايدىغان ئادەمنى ئىزدەڭ ۋە ئۇنى ياخشى كۆرۈڭ.
مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى بىلمەيدىغان، قىزىقىش- ھەۋىسى بولمىغان ئادەم بىلەن بىرگە ياشىماڭ. بۇ خىلدىكى ئادەملەر داۋاملىق تۇمانلىق ئائىلە مۇھىتى بەرپا قىلىپ توختىماستىن ئاھ ئۇرۇپ قاقشاپ، ھاياتنىڭ مەنىسزلىكىدىن ئاغرىنىپلا يۈرىيدۇ. ئۇلار پەقەت تىلۋىزورنى ئېچىپ، توختىماي قانال يۆتكەشتىن باشقا ھىچقانداق كۆڭۈللۈك ئىش تاپالمايدىغاندەك تېلېۋىزور كۆرۈپلا ئولتۇردۇ. ئۇلار دۇنيادا تېلۋىزور كۆرۈشتىنمۇ ئارتۇق خوشاللىق ئىشلارنىڭ بارلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيدۇ.
ئىجابىي كۈچكە ئىگە كىشىلەر بولسا نۇرغۇن ئىشلارغا قىزىقىدۇ. قانداقلا يىڭى نەرسە بولسۇن، قانداقلا يىڭى مۇھىتقا ئۇچىرشىدىن قەتئىينەزەر ھەرخىل يىڭىلىقلارنى ھېس قىلىپ بېقىشقا ئامراق بولىدۇ. توختىماي نىشانىنى يىڭىلاپ تۇرىدۇ. پىدائىيلار دەل مۇشۇنداق قايناق ھىسياتقا تولغان، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى بىلىدىغان، ئىجابىي تەسىر تارقىتالايدىغان ئادەملەردۇر. پىدائىيلىق قىلىشنىڭ بىرخىللا قېلىپى بولمايدۇ. ئۇلار ۋېلىسپىت مىنىش، تاققا چىقىش، يىراق دالالارغا، ئۇزاق مۇساپىلەرگە مېڭىش قاتارلىق رەڭگارەڭ مول ۋە مۈرەككەپ پائالىيەتلەر ئارقىلىق مىھىر-مۇھەببەتنى، ئېللىقلىقنى قەلىبلەرگىچە سىڭدۈرەلەيدۇ. ھەممەيلەن ئىجابىي كىشىلەرنى قوياشقا ئوخشايدۇ، قەيەرگە نۇرى چۈشسە شۇ يەرنى يورۇتالايدۇ دىيىشىدۇ. پىدائىيلارمۇ دەل ئۆزىنىڭ ئەڭ قالتىس ھاياتىنى يارىتىش بىلەن بىرگە ،ئۆزىنىڭ قابىلىيىتى ، تۆلىگەن بەدىلى ھەم ھېس قىلدۇرغان ئىللىقلىقى ئارقىلىق ئەتراپتىكىلەرنىمۇ نۇرلاندۇرالايدۇ.
ئۇنىڭغا يىقىنلاشقان ۋاقتىڭىزدا سىز دۇنيانىڭ تىخىمۇ گۈزەل، تىخىمۇ كەڭ، مۈكەممەل ئىكەنلىكىنى، توختىماي بارلىقىڭىز ئارقىلىق بۇ خىل تۇيغۇنى ھېس قىلىپ بېقىشقا قىزىقىۋاتقانلىقىڭىزنى بايقايسىز.
بىخەتەرلىك تۇيغۇسى يوق ئادەملەر بىلەن ئارلاشماڭ. ئۇلار داۋاملىق يۈز بېرىش ئىھتىماللىقى بولغان بەخىتسىزلىكلەرنى ھەم كەلگۈسىدە يۈز بىرىدىغان غەم-قايغۇ، خاپىلىقلارنىلا تەخمىنلەپ، كەلگۈسىدىن ئەنسىرەپلا يۈرىيدۇ. ئۇلار دائىم قانداق قىلىش توغۇرلۇق ۋايىم يەپلا يۈرىيدۇ.
ئىجابىي كۈچكە ئىگە كىشىلەر تۇرمۇشقا خوشال كەيپىيات بىلەن باقالايدۇ. ئۆزىگە ئىشىنىدۇ، يۈزلىنەلەيدۇ. پىدائىيلارغا سوغۇق تىگىدىغان ئادەملەرمۇ بولىدۇ. پىدائىلارنىڭ تىرىشچانلىقلىرىنى ، تۆلىگەن بەدەللىرىنى تەستىقلىمايدىغان ئادەملەرمۇ بولىدۇ. ئەمما پىدائىيلارنىڭ ھاياتى ھەم باغرى دېڭىزدىن چوڭقۇر، زىمىندىن كەڭ بولىدۇ. گۇمانلىنىشقا ئۇچىراپ باشقىلار خاتا چۈشەنگەندە ياكى نۇرغۇن مۇدھىش سۇئاللارغا يولۇققاندا، پىدائىيلار ھىچبىرزامان ئالدىراپ-تىنەپ زاكونلاشمايدۇ، چۈشەندۈرمەيدۇ. پەقەت ئەمەلىي ھەركىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ئىسپاتلايدۇ. ئۆزىدىكى ئاقكۆڭۈللۈك ،مىھرىبانلىق بىلەن باشقىلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتىدۇ. چۈنكى ئۇلار پىدائىيلىق خىزمىتىنىڭ قەلىبكە يول ئالغان ئۇزاق مەزگىللىك مارافونچە يۈگىرەش مۇساپىسى ئىكەنلىكىنى، ھەرگىزمۇ تېز نەتىجە بىرىپ، ھازىرلا ھوسۇل ئالغىلى بولمايدىغانلىقىنى، پەقەت ئاستا -ئاستا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتەلىگەندىلا، تاما-تاما كۆل بولار دىگەندەك تېخىمۇ مول ئىنىرگىيە توپلىغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
ئىجابىي كۈچگە ئىگە ئادەم ئەقىللىق بولىدۇ. ئۇلار ئاق بىلەن قارىنى، ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىيالايدىغان، دۇنيانىڭ رەپتارىنى چۈشىنەلەيدىغان كىلىدۇ. ھەرگىزمۇ ھاياتلىق يولىدا تۈگمەن تېشىدەك بىر ئىزىدا چۆگىلەپلا يۈرمەيدۇ. ئېقىنى بولمىغان سۇلاردەك چېچىلىپ قىممەتسىز ئېقىپ تۈگەپ كەتمەيدۇ. ئۇلار ئىشلارنىڭ سەلبىي تەرىپىنى كۆپتۈرۋەتمەيدۇ. ئۇلار دۇنيانىڭ ھەركەت قانۇنىيىتىنى چۈشىنىدۇ. ھەممە ئادەمنىڭ مۈكەممەل بولمايدىغانلىقىنى بىلىشىدۇ. ئۇلار سىز ئىھتىياجلىق ۋاقىتتا سىزگە ئەڭ توغرا، دەل جاۋاپنى ۋە ياخشى مەسلىھەتنىمۇ بىرەلەيدۇ. قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن ھالدا تېخىمۇ يىڭىلىق يارىتىپ، ئۆز پىكىرىنى ساقلاپ قالالايدۇ ھەم نەسىھەتنىمۇ قوبۇل قىلالايدۇ.
ئاسانلا ۋاز كىچىدىغان ئادەم بىلەن بىللە ياشىماڭ. بۇنداق ئادەملەردە ئىتقاد بولمايدۇ. گۈزەل ئارزۇ-ئارمان، يۈكسەك نىشان بولمايدۇ. بۇنداق ئادەملەر قىيىنچىلىققا ئۇچىرغاندا تۇنجى ھەم ئاخىرقى تاللىشى قىيىنچىلىقتىن قېچىش بولىدۇ. بەلكىم پۈتۈن دۇنيادىن ۋاز كىچىۋېتىشى مۇمكىن.
ئىجابىي كۈچگە ئىگە پىدائىيلار مۇستەھكەم ئىتقادقا ۋە ھاياتلىق نىشانىغا ئىگە بولغان بولىدۇ. ئۆزىنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. شۇ نىشانى ئۈچۈن توختىماي تىرىشىدۇ، ئىزدىندۇ. قىيىنچىلىققا ئۇچىرغاندا، ئۇلار بۇنى ئۆزلىرىگە كەلگەن قىيىنچىلىق-توسالغۇ دەپ بىلمەي، بەلكى ئۇنى ھەل قىلىشقا تىرىشىدۇ، قىيىنچىلىقتىن قاچمايدۇ. چۈنكى ئۇلار تاغنىڭ كەينىدە تېخىمۇ گۈزەل مەنزىرلەرنىڭ بارلىقىنى بىلىدۇ.
ئەڭ قىيىن مۇھىتنى- شارائىتنى تاللاشتىكى سەۋەپ، يىراق يىزا-قىشلاقلاردىكى شۇ بالىلارنىڭ ئوقۇتۇش -مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن ئازراق بىر ئىشلارنى قىلىپ بېرىش ئۈچۈندۇر!
قىيىنچىلىق ئالدىدا كۆكرەك كېرىپ ئالدىغا چىقىشتىكى سەۋەپ، باشقىلارغا ۋە ئۆزىگە «دۇنيادا يەڭگىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىق يوق، بىز كۈچلۈك يەلكىمىز بىلەن بارلىق مەسئۇلىيەتنى ۋە مەجبۇرىيەتنى ئۈستىمىزگە ئالالايمىز» دەيدىغان بىر نوقتىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشتىن ئىبارەت .
شۇنداق ! دادىل ھالدا ئىجابىي تەسىر تارقىتالايدىغان ئادەمنى ياخشى كۆرۈڭ.
ئۇلار سىزگە خوشاللىق بىغىشلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خوشاللىقنىمۇ تەڭ ھېس قىلدۇرالايدۇ. ئۇلار سىزنىڭ ھاياتلىق سەپىرىڭىزدىكى بارلىق ئەگرىلەرنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ھاياتىي قىممىتىڭىزنى تونۇشىڭىزغا ياردەم بىرەلەيدۇ.
ئەگەر سىز ئەسلىدىنلا ئىجابىي كۈچ كەمچىل ئادەم بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىزگە شۇنى تەۋىسىيە قىلىمىزكى، ئىجابىي كۈچگە ئىگە ئادەملەرنى ياخشى كۆرۈڭ. بۇ ھەرقانداق مول بايلىقتىن بەكرەك قەلبىڭىزنى ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ ئاسرىيالايدىغان ئۇزۇن مۇددەتلىك كاپالەتتىن ئىبارەت.
ھاياتلىق تاللاش جەريانىدىن ئىبارەت. قانداق ئادەم بىلەن بىللە ھايات كەچۈرۈش ھاياتلىقتىكى ئەڭ مۇھىم تاللاشلارنىڭ بىرى. قانداق ئادەم بىلەن بىرگە خىزمەت قىلىش، قانداق ئادەملەر بىلەن دوستلىشىش ، قانداق ئادەم بىلەن توي قىلىش، قانداق ئادەملەردىن ئۆگىنىش دىگەندەك..... سىزنىڭ قانداق ئادەم بىلەن بىرگە يۈرىشىڭىز سىزنىڭ كەلگۈسىڭىزنى بەلگىلەيدۇ. "توغرا ئادەم"نى تاللىسىڭىز تېخىمۇ قالتىس ئادەمگە ئايلىنالايسىز. دۇنيارىڭىزنى بىيىتىش بىلەن بىرگە، ئاجايىپ پايانسىز كەڭ رەڭگارەڭ يىڭى دۇنياغا ئېرىشەلەيسىز. پىدائىيلارنى ئۆزىڭىزگە تاللاپ، تېخىمۇ گۈزەل بولغان ھاياتقا ئېرىشىڭ !
- مەنبە خەلىق گىزىتى
|
|