قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 899|ئىنكاس: 7

[بىلىمدان] تاساددىپىي بايقاش ۋە نوبېل مۇكاپاتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

61

تېما

50

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15531
يازما سانى: 463
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى: 213
تۆھپە : 3490
توردىكى ۋاقتى: 1124
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-8 06:57:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاساددىپىي بايقاش ۋە نوبېل مۇكاپاتى

تۇرسۇنجان بىلگە تەرجىمىسى

ئاپتور: Barry Toiv
مەنبە: جونىز خوپكىنىز ئۇنىۋېرستېتى HUB گېزىتى

نېرۋافىزىيولوگلىرى تورستېن ۋايسېل ۋە دەيۋىد ھۇبېلنىڭ مۈشۈكنىڭ ئېكراندىكى قارا چېكىتكە تىكىلىپ تۇرۇشى توغرىسىدىكى تۇنجى تەتقىقاتلىرى بىزنىڭ مېڭىنى چۈشۈنىشىمىزدىكى زور ئىلگىرلەشلەر ۋە بالىلاردىكى كۆزگە ئاق چۈشۈش كېسىلىنى داۋالاشتىكى مۇھىم نەتىجىلەرنىڭ سەبچىسىدۇر. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ تەتقىقاتى كۈنىمىزدىكى كومپىيۇتېرلارنى سۈرەتلەرنى ئادەم مېڭىسىگە ئوخشاش بىر تەرەپ قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرگەن تەتقىقاتلارنى ئاساس بىلەن تەمىنلىگەن.

ئەمما ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئالاھىدە مەبلىغىگە ئېرىشكەن تەتقىقاتلىرى ئەڭ دەسلەپ تەجىرىبخانىدىكى ئاسلانلار بىلەن بولغان بىر تاساددىپىيلىقتىن باشلانغان: بىرەيلەن ئاسما پروجېكتېرنىڭ ئەينەك ۋاراقچىسنى بەك يېراققا قويۇۋالغان.

بۈگۈن مۇكاپات تەسىس قىلغۇچىلار ۋايسېل ۋە ھۇبېلنىڭ نەچچە ئون يىللىق تەتقىقاتى ۋە ئۇلارنىڭ تاساددىپىي بايقاشلىرىنىڭ 2015-يىللىق "ئالتۇن غاز مۇكاپاتى"غا تاللانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئالتۇن غاز مۇكاپاتى دۆلەت مەبلىغىدە ئېرىشىلگەن، تۇنجى قارىماققا غەلىتە ۋە چۈشىنىكسىز بىلىنگەن، ئەمما كېيىن جەمئىيەتكە پايدىلىق زور بايقاشلارغا سەۋەب بولغان تەتقىقات نەتىجىلىرىگە بېرىلىدۇ.

«ئىككى ئالىمغا، ھۆكۈمەت تەتقىقات مەبلىغىگە ۋە تەجىرىبخانىدىكى بىر خاتالىق ۋە تاساددىپي بايقاشقا رەھمەت. ئۇلارنىڭ تۆھپىسى بىلەن بىز ئىنسان مېڭىسى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى قانداق ئاشۇرۇش توغرىسىدا نۇرغۇن يېڭى بايقاشلارغا ئېرىشتۇق» دەيدۇ، ئالتۇن غاز مۇكاپاتىنى تەسىس قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىسى پارلامېنىت ئەزاسى جىم كۇپىر.  

مەرھۇم كېڭەش پالاتا ئەزاسى ۋىلىيام پروكىسمىر ئەينى ۋاقىتتا ھۆكۈمەت مەبلىغىنى ئىسراپچىلىق بىلەن ئىشلىتىشكە قارشى «ئالتۇن قوي يۇڭى مۇكاپاتى»نى بارلىققا كەلتۈرۈپ، غەلىتە بىلىنىدىغان ئىلمىي تەتقىقاتلارغا قارشى تۇرۇشقا باشلىغاندا، جىم كۇپىر «ئالتۇن غاز مۇكاپاتى»نى يولغا قويۇش ئويىغا كەلگەن. چۈنكى پارلامېنت ئەزاسى كۇپىر ئاڭلىماققا-غەلىتە تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ پايدىسى يوق، دېگەن خاتا قاراشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن شۇنداق بىر مۇكاپاتنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكەن.  

1960-1950 يىللاردا، دۆلەتلىك ساغلاملىق ئىنىستىتۇتى ۋە ھاۋا ئارمىيىسى ئىلمىي تەتقىقات باشقارمىسى ھۇبېل ۋە ۋايسېلنىڭ تەتقىقاتنى قوللىغان، ئۇ چاغلاردا ئۇلار مۈشۈك ۋە مايمۇن كۆرۈش مەركەزلىرىنىڭ ئاددىي غىدىقلاشلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىۋاتاتتى. جونىز خوپكىنز ئۇنىۋېرستېتى مېدىتسىنا ئىنىستىتۇتىدا باشلىنىپ كېيىن خارۋارد مېدىتسىنا ئىنىستۇتىدا داۋاملاشقان 20 يىللىق ھەمكارلىقنىڭ نەتىجىسىدە، بۇ ئىككى ئالىم ئاخىرقى ھېسابتا "نوبېل مۇكاپاتى" غا لايىق غايەت زور بايقاشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇلار بىلىنگەن پاكىتلار ئاساسىدا تەتقىقاتنى باشلىغان ئىدى: نۇر كۆز ئالمىسىدىكى نۇر سەزگۈچى ھۈجەيرىلەرنىڭ قوبۇللىغۇچىلىرىنى غىدىقلايدۇ ۋە ئوخشىمىغان قوبۇللىغۇچى ھۈجەيرىلەر كۆز ئالمىسىنىڭ كۆرۈش ئارىلىقىدىكى ئوخشىمىغان قىسىملىرىغا ئىنكاس قايتۇرىدۇ. بېراق ھۇبېل ۋە ۋايسېل نېرۋا ھۈجەيرىلىرى، يەنى نېۋرونلارنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئىلگىرى تەتقىق قىلىنىمىغان يۈكسەك ئالاھىدىلىككە ئېگە مېڭە بۆلەكلىرىگە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرگەن. ئەپسۇسكى، بۇ مېڭە بۆلەكلىرى ئاددىي غىدىقلاش، يەنى نۇر نۇقتىسى ياكى پىروجىكتېر ئىكرانىغا چۈشۈرۈلگەن ئەينەك ۋاراقچىدىكى قارا چېكىتكە قارىتا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان. ئاندىن، مۈشۈكلەر ئىكرانغا قاراۋاتقاندا، تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرى ئېھتىياتسىزلىقتىن ئەينەك ۋاراقچىنى بەك يېراققا يۆتكەپ سالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ۋاراقچىنىڭ نۇرسىز ياقىسى ئىكرانغا ئۇدۇل كېلىدۇ. ئاندىن مۈشۈكنىڭ ھېلىقى مېڭە بۆلەكلىرى تۇيۇقسىز قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇشقا باشلايدۇ.

كېيىنكى بىر قانچە ئايدا، ھۇبېل ۋە ۋايسېل بىزنىڭ كۆرۈش سەزگۈسىگە بولغان چۈشىنىشىمىزنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدىغان ئاچقۇچلۇق بىر قەدەمنى ئالىدۇ. ئۇلار چاشقان ۋە مايمۇن كۆرۈش مېڭە قاسرىقى، يەنى مېڭىدىكى كۆرۈش ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل يەردىكى نېۋرونلارنىڭ بىر نۇر نۇقتىسىغا ئەمەس، بەلكى نۇر دەستىلىرىگە، بولۇپمۇ مەلۇم يۆنىلىشتىكى نۇر دەستىلىرىگە قارىتا سەزگۈر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بەزى نېۋرونلار گورزىنتال يۆنىلىشتىكى نۇرغا، يەنە بەزىلىرى ۋىرتىكال نۇرغا، يەنى بەزىلىرى ئارىلىقتىكى نۇرلارغا ئىنكاس قايتۇرغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار يەنە ئىككىلى كۆزدىن كەلگەن سېگنالغا ئىنكاس قايتۇرىدىغان نېۋرونلارنىڭ بارلىقى، ئەمما كۆپىنچە ئىككىسىدىن بىرىگە بەكرەك كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى بايقايدۇ.

كېيىنكى بىر قانچە يىلدا، ھۇبېل ۋە ۋايسېل تونۇشىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ ۋە تېخىمۇ ئېنىق توغرىلىق بىلەن مۈشۈكسىمانلار ۋە پىرىماتلارنىڭ كۆرۈش سەزگۈسى مەركىزى خەرىتىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇلار كۆرۈش مېڭە قاسرىقىنىڭ كۆز ئېتىبارى ۋە يۆنىلىشكە بولغان ئىنكاسىغا ئاساسەن تار سېلىندىرسىمان تۈزۈلۈشكە ئېگە ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. ئۇلار بۇ ئىككى خىل تۈزۈلۈشنى «كۆز ئۈستۈنلۈك سېلىندىرى» ۋە «يۆنلىش سېلىندىرى» دەپ ئاتايدۇ. ئۇلار بىرلىكتە ھايۋاننىڭ ئىككىلى كۆزىدىن يېتىپ كەلگەن مۇرەككەپ ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان نېۋرونلارنىڭ كۆركەم فۇنكىسىيىلىك خەرىتىسىنى تېپىپ چىقىدۇ.

ئۇلار ئەسۋابىنى تەڭشۋاتقاندا، بىر كۈنۈمىزدىكى تەتقىقاتنى كومپىيۇتېرلارنىڭ سۈرەتلەرنى ئىنسانلارغا ئوخشاشراق بىرتەرەپ قىلىش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىنلىدى. بىر دەستە نۇر مەلۇم بۇلۇڭ بىلەن ئىكراندىن سىيرىلىپ ئۇ تەرەپكە ئۆتىدۇ. بۇ مۈشۈك نېۋرونلىرىنىڭ قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىككى ئالىم بىر تاق نېۋروننى ئۇدا توققۇز سائەت تەتقىق قىلىشنى باشلىۋىتىدۇ. بۇ تەتقىقات 1959-يىلىدىكى بۆسۈش خاراكتىرلىك تەتقىقات نەتىجىسى ۋە 1981-يىلىدىكى كالىفورنىيە تېخنىكا ئۇنىۋېرستېتىدىكى روجېر سپېررىي بىلەن بىرلىكتە ئېرىشكەن نوبېل فىزىيولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتىنىڭ سەۋەبچىسى بولۇپ قالىدۇ. نوبېل كومېتىتى ئۇلارنىڭ تۆھپىسىنى ئالاھىدە ئايرىم تىلغا ئالىدۇ: «مېڭىنىڭ ئەڭ ياخشى قوغدالغان مەخپىيەتلىكلىرىنىڭ بىرى: مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆزدىن تاپشۇرۋالغان مەخپىي شىفىرلارنى قانداق يېشىدىغانلىقى»نى ھەل قىلغان.

ھۇبېل 2013-يىلى 22-سېنتەبىر ماسساچۇسېتىسنىڭ لىنكولىن شەھرىدە بۆرەك زەئىپلىشىشى تۈپەيلىدىن 87 يېشىدا ئۆلۈپ كەتتى. ئۇ 1951-يىلى كانادا مىكجىل ئۇنىۋېرستېتى مېدىتسىنا ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن ۋە پىراكتىكىدىن كېيىن 1954-يىلى ئامېرىكا جونىز خوپكىنىز ئۇنىۋېرستېتىغا كەلگەن. ئۇ نېرۋولوگىيە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ۋولتىر رىد ئارمىيە تەتقىقات ئىنىستىتۇتى مېڭە روھىي كېسەللىرى بۆلۈمىدىكى ئامېرىكا ئارمىيە دوختۇرى بولۇپ قالغانلىقتىن تەتقىقاتى باشقا يۆنىلىشكە يۆتكەلگەن. ئۇ يەردە ئۇ تۇنجى قېتىم بىر ئىلمىي تەتقىقات تاماملاپ مېڭە قاسرىقى يەككە ھۈجەيرىسىنىڭ ئۇخلاۋاتقان ۋە ئويغاق مۈشۈك مېڭىسىدە قانداق قىلىپ ئاڭسىز ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ھۇبېل جونىز خوپكىنىزغا قايتىپ شۇ ۋاقىتتا ئاللىقاچان نىرۋا ئىلىمى ئاتىسى، دەپ ئېتىراپقا ئېرىشكەن ۋىرنون ماۋۇنتكاسېل تەجىرىبىخانىسىدا تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرماقچى بولغان. ئەمما ماۋۇنتكاسېل تەجىرىبىخانىسى شۇ چاغدا تەجىرىبخانىنى يېڭىلاۋاتقان بولغاچقا، ئۇ پروفېسسور سىتىۋىن كافلىرنىڭ ۋىلمىر كۆز ئىنىستىتۇتىدىكى يېڭى كەلگەن شىۋىتسىيەدە تۇغۇلغان ۋايسېل بىلەن ھەمكارلىشىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان. شۇنداق قىلىپ 6 ئايلىق مۇددەت بىلەن باشلانغان بۇ تەتقىقات ھەمكارلىقى چارەك ئەسىر داۋاملاشقان بولۇپ، 1959-يىلى كافلىر خارۋاردنىڭ تەكلىپىنى تاپشۇرۋالغاندا، ئۆز تەجىرىبىخانىسىدىكى 9 ئەزا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ خارۋارد ئۇنىۋېرستېتى يەرلەشكەن ماسساچۇسېتىس شىتاتىغا كۆچۈپ بارغان. خوپكىنىزدىن خارۋاردقا كۆچۈپ بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، يېڭىدىن مېڭىنىڭ تەشكىلىي تۈزۈلۈشىنى بايقىغان ھۇبېل ۋە ۋايسېل بىيولوگىيەدىكى مەڭگۈلۈك بىر سوئالغا جاۋاب تاپماقچى بولغان: تەبىئەتمۇ، مۇھىتمۇ؟

ھۇبېل ۋە ۋايسېل ئىشنى كۆرۈش سەزگۈسىنى تېخى باشتىن كەچۈرمىگەن يېڭى تۇغۇلغان ھايۋانلارنى تەجىرىبە قىلىشتىن باشلىغان. ئۇلار مۈشۈكلەر ۋە پىرىماتلارنىڭ كۆركەم فۇنكىسىيىلىك خەرىتىسى يەر-يېرىگە ئورۇنلاشقان كۆرۈش مېڭە قاسرىقى بىلەن تۇغۇلىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇلار نېۋرونلارنىڭ پەقەت بىرلا يۆنىلىشتىكى غىدىقلاشقا ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى، ئەمما ئىككىلى كۆزنىڭ شۇ خىل غىدىقلىشىنى سېزىدىغانلىقىنى تاپىدۇ. شۇنىڭدىن ئۇلار تەبىئەتنىڭ كۆرۈشنىڭ ئىككى ئاساسىي ئىنكاس خۇسۇسىيىتى ئۈچۈن نېرۋا ئۇلانمىلىرىنى تەمىنلەيدىغانلىقىنى خۇلاسىلىغان.

ئۇنداقتا مۇھىتنىڭ نورمال مېڭە يېتىلىشىدىكى رولىچۇ؟ ئۇ ۋاقىتتا ئاق كېسەل بىلەن تۇغۇلغان بالىلارنىڭ كۆزىدىكى ئاق تۇغۇلۇپ بىر نەچچە يىلدىن كېيىن ئېلىۋىتىلسىمۇ ئۇلارنىڭ يەنىلا كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ نورمال بولمايدىغانلىقى كىلىنىكىلىق پاكىتلاردىن بىلىنگەن ئىدى. فىزىكىلىق توسالغۇ ئېلىۋېتىلسىمۇ، نېمە ئۈچۈن كۆرۈش قۇۋۋىتى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلمەيدۇ؟ ھۇبېل ۋە ۋايسېل تۇغۇلغاندا نېرۋا ئۇلانمىلىرى بولۇشىنىڭ زۆرۈلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

تەتقىقاتچىلار بۇ سوئالغا يېڭى تۇغۇلغان مۈشۈك ۋە مايمۇن بالىلىرىنىڭ بىر كۆزىنى ئوچۇق قويۇپ، يەنە بىر كۆزىنى تېڭىپ قويۇش ئارقىلىق جاۋاب تاپىدۇ. ئۇلار خۇددى ئاق كېسىلى ئوپراتسىيە قىلىۋىتىلگەن بالىلارغا ئوخشاشلا بۇ ھايۋانلارنىڭ خۇددى بىر كۆزى تۇغما قارغۇدەك ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى كۆزىتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى كۆرۈش مېڭە قاسرىقىنىڭ پەقەت بىر كۆزدىن كەلگەن سېگنالغا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇپ، يەنە بىر ئەسلى تېڭىۋىتىلگەن كۆزدىن كەلگەن ئۇچۇرغا قارىتا قايتا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمايدىغانلىقى بولۇپ چىقىدۇ. ئىككى ئالىم بايقىغان نەپىس تۈزۈلۈشكە ئىگە كۆز ئۈستۈنلۈكى سېلىندىرىنىڭ پۈتۈنلەي غايىب بولغانلىقى، پەقەت نورمال كۆرىدىغان كۆزنىڭ بارلىق كۆرۈش قاسرىقىنى ئىگىلىۋالغانلىقى بايقىلىدۇ. بىر قاتار تەجىرىبىلەردىن كېيىن، ئۇلار مېڭىنىڭ تاشقى غىدىقلاش (ياكى غىدىقلاشنىڭ كەمچىل بولۇشى) قا قارىتا ئۆز تۈزۈلۈشىنى ماس ھالدا ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىنى بايقايدۇ. بۇ ھادىسە نېرۋا ئەۋرىشىملىكى دەپ ئاتىلىدۇ ۋە بۇ مېڭىنىڭ بۇ خىل ئىقتىدارى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئاجىزلىشىپ ماڭىدۇ.

بۇ خىل كىچىك ۋاقىتتىكى غىدىقلاشنىڭ كۆرۈش مېڭە قاسرىقى تۈزۈلۈشىدە مۇھىم ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت تونۇش دەرھاللا تەجىرىبخانىدىن كىلىنىكىغا كۆچۈرۈلىدۇ چۈنكى دوختۇرلار كۆزىدە ئاق بىلەن تۇغۇلغان ۋە بىر كۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان بالىلارنى داۋالاش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتاتتى. ھۇبېل ۋە ۋايسېلنىڭ يېڭى بايقاشلىرى بىلەن، دوختۇرلار بالىلارنى ئىمكانقەدەر ئەڭ بالدۇر داۋالاشقا تىرىشىپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىدۇ.

ھۇبېل ۋە ۋايسېل كۆرۈش سەزگۈسىنىڭ ئاۋانگارتلىرى، ئۇلار ھايۋانلارنىڭ كۆرۈش سەزگۈسىنىڭ فىزىيولوگىيەسى ھەققىدە ئىزدىنىش ئارقىلىق ئۆز مېڭىمىزنىڭ قانداق ئىشلەيدىغانلىقى ھەققىدە كۆپ بىلىملەرنى ئۆگەتتى. ئۇلارنىڭ بايقاشلىرى بۈگۈنكى كۈندىكى كومپىيۇتېر تېخنىكىسىدا ئاچقۇچلۇق ئورۇندا تۇرىدۇ. بەزى ئىشلاردا، مەسىلەن چوڭ سانلارنى فاكتورلاش ۋە ھېسابلاشتا، بۇ سىلتىسىي ئەسۋاب بىزنىڭ«ھۆل مېڭىمىز»نى ئاسانلا ئۇتۇۋالىدۇ، ئەمما كۆرۈش سەزگۈسىگە ئوخشاش مۇرەككەپ ۋەزىپىنى ئورۇنداشتا ماشىنىلار تېخى ئەمدى ئىنسان مېڭىسىگە يېتىشۋىلىش ئالدىدا تۇرىدۇ. بۇ ھەرگىز كىچىك ئىش ئەمەس، كومپىيۇتېرلارغا بىزنىڭ مېڭىمىزنىڭ قانداق ئىشلەيدىغانلىقىنى ئۆگىتىش بىر بۈيۈك ئىشتۇر. «ماشىنا كۆرۈش سەزگۈسى» بازىرى كېيىنكى بىر قانچە يىلدا، نەچچە ئون مىليارد دوللار تېپىش ئالدىدا تۇرۋاتىدۇ. ھۇبېل ۋە ۋايسېلنىڭ تەتقىقاتلىرى بۇ بېخلىنىۋاتقان ساھە ئۈچۈن ئالاھىدە مۇھىم.

مۈشۈك ئىكراندىكى سۈرەتلەرنى كۆرۈۋاتقاندا قولنىڭ تېيىلىپ كېتىشىدىن بالىلار كۆرۈش كېسەللىكلىرىنى ياخشىراق داۋالاش ۋە كومپىيۇتېرغا سۈرەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆگىتىش - ئىلىم پەننىڭ قانداق قىلىپ ئەڭ كۈتۈلمىگەن ئۇسۇللار بىلەن جەمئىيەتنى ئالغا باستۇرىدىغانلىقىنىڭ پولاتتەك ئىسپاتىدۇر.

مەنبەلەر:
http://hub.jhu.edu/2015/07/14/golden-goose-award-wiesel-hubel


ئەسكەرتىش: بۇ ماقالە بىلىمدان ژۇرنىلىنىڭ 6ـ سانىدا ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر ماقالىنىڭ PDF نۇسخسىنى بىلىمدان مەخسۇس سەھىپىسىدىن (http://www.okyan.com/index.php?m ... x&a=lists&catid=322) چۈشۈرۋالالايسىز. بىلىمدان تور ژۇرنىلىمىزدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ماقالىلەرنى رۇخسەتسىز تارقاتسىڭىز بولىدۇ. تارقاتقاندا بىلىمدان تور ژۇرنىلىدىن ئېلىندى دەپ ئەسكەرتىڭ ۋە ماقالە ئاپتورىنى چۈشۈرۈپ قويماڭ. رەھمەت.


uyghuray

0

تېما

6

دوست

3293

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   43.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36190
يازما سانى: 250
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3
تۆھپە : 1000
توردىكى ۋاقتى: 376
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-8 09:07:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك بىلگەجان ئالىم ، ياخشى تېما يوللاپسىز. تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي.

adimilik ayrilmas hamrahing&a

4

تېما

29

دوست

6464

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   29.28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9336
يازما سانى: 504
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 456
تۆھپە : 1638
توردىكى ۋاقتى: 137
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-8 11:11:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىلىرىڭىزنى كۆرۈپ تۇرغايمىز ،قېرىندىشىم ،سىزگە زور ئ‍ۇتۇقلار يار بولغاي ،پەن -تېخنىكا ساھەسىدە ئ‍الەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قازىنىشىڭىزغا ئ‍ىنتىزارمىز .

2

تېما

0

دوست

535

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  49992
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 158
توردىكى ۋاقتى: 55
سائەت
ئاخىرقى: 2015-12-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-8 11:52:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەپەككۇر.....
uyghuray

13

تېما

18

دوست

2918

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  48758
يازما سانى: 273
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 858
توردىكى ۋاقتى: 98
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-8 12:29:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

نىجات

3

تېما

0

دوست

3587

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   52.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9247
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 136
تۆھپە : 1008
توردىكى ۋاقتى: 132
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-8 13:01:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدىنمۇ مۇكاپات ساھىبلىرى چىقىدۇ ئاللا خالىسا بىر كۈنى .

13

تېما

18

دوست

2918

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  48758
يازما سانى: 273
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 858
توردىكى ۋاقتى: 98
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-8 20:48:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوقۇم چىقىدۇ
8#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )