- تىزىملاتقان
- 2012-2-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-5-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4790
- نادىر
- 0
- يازما
- 261
ئۆسۈش
93%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا matimatika تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-8 17:24
سابىق سۆۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن 1991-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۇنى مۇستەقىل بولغان قازاقىستان دۇنيادىكى يەر مەيدانى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتىگە ئايلاندى. قازاقىستان بىرلىككە كەلگەن ، دىندىن مۇستەسنا، پارلامىنت تۈزۈمىدىكى كاپىتالىستىك دېمۇگراتىك دۆلەت. قازاقىستاندا قازاق، روس،ئۆزبېك،ئۇيغۇر، ئوكرايىن،نېمىس،كۇرىي،تاتار قاتارلىق 130 مىللەت ئىتتىپاق ياشايدۇ.17 مىليۇن 100مىڭدىن ئارتۇق نوپۇسى بار، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلار 65% ، ئۇيغۇرلار 1.4% (تەخمىنەن 240مىڭ) ؛جۇڭگۇنىڭ قازاقىستانغا سالغان مەبلىغى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىچىدە 80%نى تەشكىل قىلىدۇ.1999-يىلى ب د ت مائارىپ ،ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى قازىقىستان پايتەختى ئاستانىغا "دۇنياۋى شىەھەر" دېگەن نامنى بەرگەن . قازاقىستانلىق قازاقلار تۆۋىندىكى ئىشلار تۈپەيلى ئۆزلىرىنى ناھايىتى پەخىرلىك ھېس قىلىدۇ:
1) قازاقلار دۇنيادىكى بىردىنبىر تىلەمچى چىقمايدىغان مىللەت؛
2)قازاق تىلى دۇنيادىكى بىردىنبىر شېۋىلەرگە بۆلۇنمەيدىغان تىل؛
3)قازاق تىلى دۇنيادىكى 40 نەچچە تۇركىي تىللار ئىچىدە ئەڭ ساپ تۈركىي تىل؛
4)قازاق مىللىتى تۈنجى بولۇپ ئالەم بوشلۇقىغا چىققان تۈركىي مىللەت بولۇپ ، قازاقلار تۆت قىتىم ئالەم بوشلىقىغا چىقىپ ، «قۇرئان كەرىم»، دۇمبۇرا ، «ئاباي يولى» نى ئالەمگە ئىلىپ چىقتى؛
5)قازاقىستان دۇنيادىكى تېررىتورىيىسى ئەڭ چوڭ ئىسلام دۆلىتى؛
6)قازاقىستان تېررىتورىيىسى دۇنيادا 9-ئورۇندا تۇرىدۇ ؛
7)دۇنيادىكى بىردىنبىر دۆلەت نامى بىلەن ئاتالغان يۇلتۈز «قازاقىستان يۈلتۈزى»دۇر ،كائىناتتا يەنە قازاقىستان ئالىمى ساتپايىۋ نامىدىكى يۈلتۈز بار؛
8)قازاق تىلى ئىنسانىيەت ئالەم بوشلىقىىدا قوللانغان 4-تىلدۇر؛
9)2-جاھان ئۇرۇشىدا گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھرىنى ئىگىلەپ ، ئوغاق -بولقا بەلگىلىك قىزىل بايراقنى گېرمانىيە دۆلەت مەجلىسى بىناسىغا قادىغان قوشۇن قازاق دېۋىزىيىسىدۇر؛
10)قازاقلار تىنىچلىق سۆيەر مىللەت بولۇپ ، سابىق سۆۋېت ئىتتىپاقىدىن قالغان يادرو قۇراللىرىدىن ئۆزلىكىدىن ۋاز كەچكەن، بولمىسا ئۇ دۇنيادىكى 4-چوڭ يادرو چوڭ دۆلىتىگە ئايلانغان ئىدى.
ئۇنىڭدىن باشقا ، قازىقىستاندا ھازىر 60 دىن ئارتۇق ساپ ئۇيغۇر تىلىدا دەرىس ئۆتىلىدىغان مەكتەپلەر بولۇپ ، جۇڭگۇدىن باشقا دۆلەتلەر ئىچىدە ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئەڭ كۆپ دۆلەت .
قازىقىستاندا 42 نەپەردىن كۆپ داڭلىق ئۇيغۇر دوكتۇرلار ، 4 نەپەر دۆلەت ئاكادېمىكى بار ، بۇ دۇنيادا ئەڭ كۆپ ئۇيغۇر ئاكادېمىك بار بولغان دۆلەتتۇر (بىزنىڭ جۇڭگۇدا پەقەت بىرلا ئۇيغۇر ئاكادېمىك بار) .
قازاقىستان پىرېزىدىنتى نۇرسۇلتان نەزەربايىۋ مۇنداق دېگەن : مۇستەقىل قازاقىستان كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، بۇنىڭ ئىچىدە قازاق بىلەن ئۇيغۇر تومۈرى بىر تۇركىي خەلق ، بىزنىڭ ناخشا ئۇسۇلىمىز مۇ ، تىلىمىزمۇ يېقىن، شۇنداقلا ئەسىرلەر داۋامىدا بىللە ياشاپ كىلىۋاتىدۇ؛ مەن شەخسەن ئۆزۇم ئۇيغۇر خەلقىگە ھۆرمەت بىلەن قارايمەن، ئۇلار قازاق خەلقى بىلەن يانمۇ- يان تۇرۇپ ،ئىلىمىزنىڭ ھەم ئىقتىساد ھەم مەدەنىي تەرەققىياتىدا مەلۇم تۆھپىلەرنى قوشۇپ كېلىۋاتىدۇ، .....( 2002-يىلى 1-ئۆكتەبىر )
مەنبە: «تەڭرىتاغ ئېكرانى»، 2013-يىلى3-سان، 10~21-بەتلەر.
«دوستلۇق ئەلچىسى- قازقىستان قۇددۇس غوجامنىيارۇ نامىدىكى جەمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرى» ناملىق ماقالا ، ئاپتۇر ۋارىس ئابابەكرى ئاۋازۇپ.
|
|