قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 903|ئىنكاس: 7

ساخاۋەت يولىدىكى قۇتلۇق قەدەملەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

18

دوست

3022

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   34.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  48758
يازما سانى: 275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 892
توردىكى ۋاقتى: 104
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-8 23:27:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساخاۋەت يولىدىكى قۇتلۇق قەدەملەر

گۈلمىرە ئۆمەر (ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى مۇخبىرى)



ساخاۋەت - ئىنسانىيەت بېغىنىڭ ھوسۇلدار دەرىخى، ساخاۋەت - ئادىمىيلىك مەملىكىتىنىڭ مەۋىجلىك دېڭىزى. ساخاۋەتسىز ئەر يېغىنسىز باھار بۇلۇتىغا ۋە پۇراقسىز ئىپارغا ئوخشايدۇ، مېۋىسىز دەرەخ ئوتۇنغا، يېغىنسىز بۇلۇت تۈتۈنگە ئوخشايدۇ. ساخاۋەتسىز كىشىنىڭ گۆھەرسىز سەدەپتىن، ئۆلۈپ قۇرۇغان تاشپاقىدىن پەرقى يوق. ساخاۋەت پاك نىيەتلىك كىشلەرگىلا خاستۇر. ساخاۋەت ئادەمنىڭ بەدىنى، ئۇنىڭ جېنىدۇر. ھىممەت ئەھلىنىڭ مەرتىۋىسى يۈكسەك ۋە پارلاق، ئەمما ساخاۋەتنىڭ مەرتىۋىسى تېخىمۇ يۈكسەك ۋە پارلاقتۇر (نەۋايى «مەھبۇبۇل قۇلۇب» تىن).     
«يېزا مەكتەپ پىدائىي مۇلازىمەت خىزمىتىنى بىلمەسلىكتىن بىلىشكە، بىلىشتىن ئىچكىرىلەپ ئىزدىنىشكە ئۆتتۈم، ھازىر خەير - ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش تۇرمۇشۇمنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى. ساخاۋەتمۇ بىر كەسىپ، مەن دەل يېزا مەكتەپ پىدائىي خىزمىتىنى قىلىشقا ماس كېلىدىغان ئادەم». مانا بۇ تۇرقىدىن ئاددىي - ساددا، خۇشخۇيلۇقى چىقىپ تۇرىدىغان يالقۇن ئوسمان ھەر ۋاقىت ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان سۆزلەر. شۇنداق ئۇ يېزا مەكتەپلىرى ئۈچۈن قىلغان سانسىز خەير - ساخاۋەت ئىشلىرىنى ئالدىراپ تىلغا ئېلىشنى خالىمايدىغان، ھاياتىنىڭ مەنىسىنى ئەجىر - مېھنەتتىن، ئوقۇشسىز قالغان بالىلارغا ئىللىقلىق ئاتا قىلىشتىن تاپىدىغان ئىنسان. ئۇ زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يولدا تارتقان جاپالىرىنى پەقەتلا تىلغا ئالمىدى.
- مېھىر - مۇھەببەت ئىنسان ھاياتىنى ئەھمىيەتلىك مەنىلەرگە، گۈزەل كەچمىشلەرگە ئىگە قىلىدىغان مەنىۋى بايلىق. ھەربىر ئادەمنىڭ زىممىسىدە باشقىلارغا نىسبەتەن باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇشتا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدىغان مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بولۇش ناھايىتى زۆرۈر. ئەگەر ئۆزىمىزنى ئادىمىي پەزىلەتكە ۋە مېھىر - مۇھەببەتكە تويۇنغان قەلبكە ئىگە دەپ قارايدىكەنمىز، ئەتراپىمىزدىكى مېھىر - مۇھەببەتكە تەشنا، موھتاجلىق ئوتىدا پۇچۇلىنىۋاتقان كىشىلەرگە ياردەم قولىمىزنى سۇنۇشىمىز كېرەك، - يالقۇن ئوسماننىڭ مىننەتدارلىققا تولغان يۈرىكىدىن چىققان بۇ ساپ ۋە سەمىمىي سۆزلەر ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىمنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى.     
- 2007- يىلى نويابىردا ئاغىنەم بىلەن بىرلىشىپ قارا شەھەر ناھىيەسىدىكى بىر نامرات يېزا مەكتىپكە ئوقۇتۇش ئەسلىھەسى ئىئانە قىلغانىدۇق، - دېدى يالقۇن ئوسمان خەير - ساخاۋەت مۇساپىسىنىڭ تۇنجى كارتىنىلىرىنى ئەسلەپ، - شۇ كۈنى مەكتەپتىكى بالىلار يېڭى پارتا - ئورۇندۇقلارنى قۇچاقلاپ، سىيلاپ دەرستىن چۈشكەندىن كېيىنمۇ خېلىغىچە ئۆيىگە قايتمىدى. ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۇ چاغدىكى نۇرلانغان چېھرى ھازىرغىچە كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ؛ كەنتتىكىلەرگە قۇدۇق قازدۇرۇپ بەرگىنىمدە، يۇرتداشلار سۈپسۈزۈك قۇدۇق سۈيىنى ئىچىپ قانمىدى. ئۇلار كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا قولۇمنى قىسىپ تۇرۇپ: «بۇ ياخشىلىقىڭىزنى مەڭگۈ ئونتۇمايمىز!» دېگەن سۆزلىرى ماڭا قاتتىق تەسىر قىلدى...     
شۇنداق قىلىپ يالقۇن ئوسمان 2007- يىلى يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى ئەترىتىنى قۇردى، بۇ ئەترەت 2009- يىلى مايدا شىنجاڭ پىدائىيلار جەمئىيىتىگە بىۋاسىتە قاراشلىق باش ئەترەت بولۇپ قالدى. ئۇ يەنە 2008- يىلى ئاۋغۇست ۋە 2009- يىلى ئاۋغۇستتا خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە ساخاۋەت تور بەتلىرىنى، 2011- يىلى ئاۋغۇستتا خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ساخاۋەت مىكرو بىلوگلىرىنى، 2014- يىلى مارتتا ساخاۋەت ئۈندىدار سۇپىسىنى ئاچتى، شۇنىڭدىن كېيىن يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىنىڭ ساخاۋەت مۇلازىمەت ئۇقۇمى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە تارقىلىشقا باشلىدى، پىدائىيلار ئەڭ دەسلەپكى بىر، ئىككى ئادەمدىن ھازىر 200 نەچچە ئادەمگە كۆپەيدى. يالقۇن ئوسمان سەككىز يىلدىن بۇيان، يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىنىڭ ئىشلىرىنى ئۆز ئىشى دەپ بىلىپ، تۈرلۈك پائالىيەتلەردە ئىزچىل تەشكىللىگۈچى ۋە يولباشچى بولۇپ كەلدى. يېڭى ئەزالارنى قوبۇل قىلىشتىن ساخاۋەتچى كارخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىش، شۇنداقلا ياردەمگە موھتاج مەكتەپلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈشكىچە بولغان ھەربىر ئىنچىكە ھالقىلارغا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قاتناشتى.



يەتتە يىلدىن بۇيان، ئۇنىڭ قەدىمى شىنجاڭ، گەنسۇ، چىڭخەي، نىڭشيا، گۇيجۇ، خۇنەن شياڭشى ۋە يۈننەن قاتارلىق جايلاردىكى يېزىلار ۋە يېزا مەكتەپلىرىگە يەتتى، ئۆزى بىلەن بىر نىيەتتىكى دوستلىرى بىلەن 2 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئىئانە يىغىپ، 74 يېزا مەكتىپىگە ئېلېكتىرونلۇق ئوقۇتۇش سىنىپى ۋە دەرس تەييارلاش سىنىپى قۇرۇپ بەردى، 756 دانە كومپيۇتېر ئىئانە قىلدى، يەنە يېزا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى 300 قېتىم تەربىيەلىدى.
2010- يىلى ئۆكتەبىردە يالقۇن ئوسمان باشچىلىقىدىكى ئەترەت يولغا قويغان «ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى يېزا مەكتەپلىرىدە ئېلېكتىرونلۇق ئوقۇتۇش سىنىپى قۇرۇش ساخاۋەت تۈرى» جۇڭگو مائارىپ تورى بىلەن جۇڭگو مائارىپ لىنىيەسى باھالىغان «2010- يىللىق جۇڭگودىكى 10 چوڭ مائارىپ ساخاۋەت تۈرى» قاتارىغا كىردى؛ 2013- يىلى دېكابىردا ئەترەت يولغا قويغان «يېزىلاردىكى كىچىك كۆلەملىك مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش چاتما تۈرى: شىنجاڭ» نى مەركىزىي ئىتتىپاق كومىتېتى مۇنەۋۋەر ياشلار - ئۆسمۈرلەر تۈرى قاتارىغا كىرگۈزۈپ، 2013- يىلى 4- ئۆكتەبىر گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن 3- نۆۋەتلىك پىدائىيلار بايرىمىدا كۆرگەزمە قىلدى. 2011- يىلى ئۆكتەبىردە ئۇ يېتەكلىگەن ئىككى پىدائىيلار ئەترىتى (ئۈرۈمچى تاموژنا پىدائىيلار جەمئىيىتى بىلەن يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى) گە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى «2011- يىللىق مۇنەۋۋەر پىدائىيلار ئەترىتى» دەپ نام بېرىپ، ئىككى ئەترەتتىكى توققۇز پىدائىيغا «مۇنەۋۋەر پىدائىيلار» مۇكاپاتى بەردى؛ 2012- يىلى ئاپرېلدا بۇ توققۇز پىدائىيغا مەركىزىي مەدەنىيلىك ئىشخانىسى «بەش يۇلتۇزلۇق تۈمەن پىدائىي» دەپ نام بەردى؛ 2013- يىلى ئۆكتەبىردە ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى «يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى» غا «شىنجاڭدىكى ئەڭ تۆھپىكار پىدائىي ئەترەت» دەپ؛ 2014- يىلى ئىيۇندا «بەش يۇلتۇز دەرىجىلىك ياش ئىجتىمائىي تەشكىلات» دەپ نام بەردى.     يالقۇن ئوسمان 2010- يىلى ئۆكتەبىردە ئاپتونوم رايونىمىزدا ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك «10 ياخشى ساخاۋەتچى شەخس» قاتارىغا كىردى؛ 2010- يىلى نويابىردا مەركىزىي ئىتتىپاق كومىتېتى ئۇنىڭغا «مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر پىدائىي»؛ 2011-يىلى ئۆكتەبىردە مەركىزىي مەدەنىيلىك ئىشخانىسى «جۇڭگودىكى 100 مۇنەۋۋەر پىدائىي»؛ 2013- يىلى ئاۋغۇستتا ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات بۆلۈمى «مۇنەۋۋەر ئاتا»؛ 2013- يىلى ئىيۇندا ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيلىك ئىشخانىسى «مېھرىبان شىنجاڭلىق»؛ 2014- يىلى مايدا ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى «شىنجاڭدىكى مۇنەۋۋەر ياش»؛ 2014- يىلى ئىيۇندا مەركىزىي ئىتتىپاق كومىتېتى «ياشلارغا ئىلھام بەرگەن شەخس» دەپ نام بەردى.   



تېخىمۇ كۆپ يېزا مەكتەپلىرىگە ياردەم بېرىش، شۇنداقلا ئەترەتنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتى ئۈچۈن، يالقۇن ئوسمان «بىر يۈەن فوندى (壹基金)»، بېيجىڭ «ھەقسىز چۈشلۈك تاماق» فوندى، بېيجىڭ «مېھىر كىيىم ئىشكاپى» فوندى، بېيجىڭ «غەربىي دىيار قۇياش نۇرى يېزا تەرەققىيات فوندى»، بېيجىڭ «ۋاڭ بو مېھىر - مۇھەببەت پىلانى»، «شىنجاڭ پىدائىي ساخاۋەت قۇتقۇزۇش بىرلەشمىسى» قاتارلىق داڭلىق ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى بىلەن چوڭقۇر ئالاقە ئورناتتى؛ 2009- يىلىدىن 2014- يىلىغىچە ئۇ مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ماسلاشتۇرۇشى ئارقىسىدا دوستلىرى ۋە باشقا ساخاۋەت ئەترەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، تۆت فوندى جەمئىيەتنىڭ ساخاۋەت تۈرى (2 مىليون 50 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ساخاۋەت مەبلىغى) نى شىنجاڭغا ئېلىپ كىردى، يېزىلاردىكى 7300 ئوقۇغۇچىلىرى بۇ تۈردىن مەنپەئەتلەندى.     
- «ھەقسىز چۈشلۈك تاماق»، «بىر يۈەن فوندى» قاتارلىق ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلاشقاندىن كېيىن، سىز يەنە «سۆكسۆك پىلانى» نى يولغا قويۇپ، شىنجاڭدىكى يەرلىك ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىغا ياردەم بەرمەكچى بولدىڭىز، سىز بۇنىڭدىن كېيىن ساخاۋەت ئىشلىرى ھەققىدە قانداق نىشانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولۇۋاتىسىز؟ - دەپ سورىغىنىمدا يالقۇن ئوسمان سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دىدى:
- ئەترىتىمىز ئەل ئىچى ساخاۋەت تەشكىلاتى، بۇنداق ئەترەتلەرنىڭ جاپاسى تولا. «سۆكسۆك» پىلانى بولسا كۆۋرۈك پىلانىنىڭ ۋارىيانتى، ساخاۋەتچىلەرنى يېتىلدۈرۈش پىلانى. مەن ئۇدا ئىككى قېتىم «كۆۋرۈك» پىلانىنىڭ ھەمكارىلاشقۇچىسى بولۇپ، 2013- يىلى 50 مىڭ يۈەن، 2014- يىلى 60 مىڭ يۈەنلىك ياردەمگە ئېرىشكەن؛ ھەتتا ياردەمگە موھتاج ۋاقتىمدا ئېتىراپ قىلىنىشقا، قوللاشقا ئېرىشكەنىدىم. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەل ئىچى ئەترەتلىرى، ئۇلارنىڭ ئىچكىرىدىكى تەشكىلاتلاردەك مەبلەغ جەلپ قىلىش ۋە تەسىر كۈچى زور بولمىغاچقا، تۈرلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى قىيىن. سۆكسۆك شىنجاڭدىلا ئۆسىدىغان ئۆزگىچە قۇملۇق ئۆسۈملۈكى، پەقەت ئازراق سۇ بولسىلا يىلتىز تارتىپ كۆكلەيدۇ، شۇڭا شىنجاڭدا «سۆكسۆك» پىلانى ساخاۋەت تۈرىنى يولغا قويۇشنى ئويلاشتىم، بۇ پىلاننىڭ ئەل ئىچى ساخاۋەت تەشكىلاتىغا پايدىسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، يەنە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بۇ ئىشتا مېنى قوللىغان ساخاۋەتچى دوستلارغا رەھمەت ئېيتىمەن. مەن ئۆزۈم 150 مىڭ يۈەن تەييارلاپ، شىنجاڭدىكى يەرلىك ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ قىسمەن راسخوتىنى ھەل قىلىشنى ئويلاشتىم. دۆلىتىمىز ساخاۋەت ساھەسىدە باشلامچىلىق رولىنى ئويناۋاتقان مۇتەخەسسىس ۋە ئەدىبلەرنى «سۆكسۆك» پىلانىنىڭ باھالاش ھەيئىتى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن «ۋاقىتلىق خىزمەتچى» بولۇشقا تەكلىپ قىلدىم، ئۇلار پىدائىي بولۇشقا ماقۇل بولدى. «سۆكسۆك» پىلانى ھازىر شىنجاڭدا نۇرغۇن ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ئىككى شىركەت بۇ پىلاننى ئۇزاققىچە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھازىر مەن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئائىت ماقالىلەرنى تەرجىمە قىلدۇرۇپ، ساخاۋەت ئىدىيەسى ۋە ھازىرقى زامان ساخاۋەت ئېڭىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تارقاتماقچى بولۇۋاتىمەن. مەملىكىتىمىزنىڭ يېزا مەكتەپلىرىنىڭ شارائىتى شەھەر مەكتەپلىرىنىڭكىدىن كۆپ ناچار، شۇڭا مەن بەش يىل ئىچىدە چەت يېزا - قىشلاقلاردىكى يېزا مەكتەپلىرىگە ئىقتىسادىي جەھەتتە ياردەم بېرىپ، ئېلېكتىرونلۇق ئوقۇتۇش ئىشخانىسى قۇرۇپ بېرىشنى پىلانلاۋاتىمەن.     



شۇنداق، بىز قول تۇتۇشۇپ مۇھەببەتلىك باغ ياسىساق، مېھىر - مۇھەببەتكە تەشنا دىللار يايرايدۇ. يوقسۇزلۇق ئىلكىدە غال - غال تىترەۋاتقان نىمجان تەنلەر، ئوقۇشسىز قالغان بىچارە سەبىي بالىلار، ھاياتلىقتىن ئىبارەت يۈكسەك تېمىدىن بەھر ئالىدۇ. قولنى - قولغا تۇتۇپ، ئازلىقتىن كۆپىيىپ، يوقلۇقتىن زورىيىپ، مۇھەببەتكە تولغان ئىللىق ئائىلە بەرپا قىلساق يۇقسۇزلۇق، نامراتچىلىق دەردىدىن ئالىي بىلىم يۇرتىدىن ۋاز كەچكەن، يېتىملىك ئىلكىدە مېھىر - مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەي ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قاغجىرىغان قەلبى ئىللىيدۇ. جەمئىيەت ئىنسانپەرۋەرلىك بىلەن ئىللىق ھەم نۇرلۇق، ھايات مېھىر - مۇھەببەت بىلەن گۈزەل ھەم قىممەتلىك.









مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

uyghuray

0

تېما

1

دوست

1673

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   67.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26995
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 492
توردىكى ۋاقتى: 101
سائەت
ئاخىرقى: 2016-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-9 14:40:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپ ئۈچۈن جان كۆيدۇرۋاتقان ساخاۋەتچىلەرنىڭ قولىدىن گۈل ئۈنسۈن!

4

تېما

1

دوست

1237

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   23.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  46219
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 396
توردىكى ۋاقتى: 65
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-9 14:44:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
12-ئاينىڭ 8-كۈنى، يالقۇن ئاكا باشچىلىقىكى يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى جەمئىيىتى يەكەن ناھىيەسىدىكى 100دىن ئارتۇق بالىغا داڭلىق كىنو چولپىنى لى لىيەنجى قۇرغان «بىر سوم» فوندىنىڭ ئىللىقلىق سومكىسىنى تەقدىم قىلدى...

13

تېما

18

دوست

3022

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   34.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  48758
يازما سانى: 275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 892
توردىكى ۋاقتى: 104
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-9 16:34:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
eltugh-yarkant يوللىغان ۋاقتى  2015-12-9 14:44
12-ئاينىڭ 8-كۈنى، يالقۇن ئاكا باشچىلىقىكى يېزا مەكتەپ پى ...

سىزمۇ ‹‹يىزا مەكتەپ  پىدائىيلىرى ››دىنمۇ
uyghuray

4

تېما

1

دوست

1237

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   23.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  46219
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 396
توردىكى ۋاقتى: 65
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-9 17:38:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
SeWRim يوللىغان ۋاقتى  2015-12-9 16:34
سىزمۇ ‹‹يىزا مەكتەپ  پىدائىيلىرى ››دىنمۇ

-ھەئە!

0

تېما

0

دوست

543

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   8.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27199
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 168
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-9 18:42:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپ ئۈچۈن جان كۆيدۇرۋاتقان ساخاۋەتچىلەرنىڭ قەدەملىردىن گۈللەر ئۈنسۈن. بايلىقلىرى بەرىكەتلىك بولسۇن !

1

تېما

1

دوست

6129

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   22.58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24648
يازما سانى: 418
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1888
توردىكى ۋاقتى: 190
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-9 19:50:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپقا كۆڭۈل بۆلگەنلىك پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە كۆڭۈل بۆلگەنلىكتۇر

0

تېما

0

دوست

3666

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   55.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10070
يازما سانى: 191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 645
تۆھپە : 698
توردىكى ۋاقتى: 121
سائەت
ئاخىرقى: 2016-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-10 11:53:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپقا كۈڭۈل بۈلگەن ئوغلانلىرىمىزغا ئاپىرىن !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )