قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2403|ئىنكاس: 3

دېڭىز ئاستىدىكى جەسەتلەر نىمىشقا چىرىپ كەتمىدى؟؟؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

51

تېما

3

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   8.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  66
يازما سانى: 554
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 3031
تۆھپە : 2094
توردىكى ۋاقتى: 1828
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-22 23:43:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         1980-يىلى،نورۋىگىيە دىڭىز ياقىسىدىكى بىر يېرىم ئارالدا، بىرقېتىملىق قىيىنلىق دەرىجىسى يوقىرى بولغان تىك ياردىن سەكرەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى .بۇئارالنىڭ ئۈچ تەرىپى دېڭىز،بىرتەرىپى تىك يار بولۇپ ،يار ئاستىدىكى سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى پەرەز قىلماق تەس ئىدى .
         تاپانچىنىڭ ئېتىلغان ئاۋازى بىلەن تەڭ 30نەپەر سۇغا سەكرەش ماھىرى بىرلا ۋاقىتتا ھەرخىل بوشلۇق ماھارىتى كۆرسۈتۈپ سۇغا شۇڭغۇدى .تاماشىبىنلار ئۇلارنىڭ ماھارىتىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى.بىراق، بىرقانچە مىنۇت ئۆتۈپ كەتتى، يېرىم سائەت ئۆتۈپ كەتتى، ئەمما ماھىرلاردىن بىرەرسىمۇ سۇ يۈزىگە چىققىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. كىشىلەر ئالاقزادە بولۇشقا باشلىدى. مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرغۇچىلار دەرھال قۇتقۇزۇش كېمىسى ۋە غەۋغاسلارنى تەنھەركەتچىلەرنى قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتتى. لېكىن نەچچە سائەتتىن كېيىن دېڭىزغا قۇتقۇزۇشقا چۈشكەنلەرمۇ غايىپ بولۇپ كەتتى.
         ئىككىنچى كۈنى بىر تەجرىبىلىك غەۋغاس بېلىگە ئارغامچا باغلاپ، ئوكسىگىن شىلانكىسىنىڭ ياردىمىدە چوڭقۇر دېڭىز ئاستىغا تەكشۈرۈشكە چۈشتى. بىخەتەرلىك ئارغامچىسى ئەمدىلا بەش مېتىر ئۇزۇتىلىشىغا بىر كۈچلۈك ئېقىم غەۋغاسنى ئارغامچا، ئوكسىگىن يەتكۈزۈش شىلانكىسى ۋە قۇتقۇزۇش كېمىسى ئۈستىدىكى غەۋغاسلىق ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىراقلا چوڭقۇر دېڭىز ئاستىغا غەرق قىلىۋەتتى. مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرغۇچىلار يەنە شىۋىتسىيە جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپراتلىرىدىن ياردەم سورىدى، شىۋىتسىينىڭ بىر كىچىك تىپتىكى تەكشۈرۈش سۇئاستى كېمىسى بۇيەرگە كېلىپ تەكشۈرۈشكە باشلىدى. كىشىنى ھەيران قالدۇردىغىنى بۇ سۇئاستى كېمىسىمۇ شۇ كىرگىنىچە قايتىپ چىقالمىدى. ئامالسىز قالغان كېشىلەر ئاخىر ئامرىكىنىڭ تەكشۈرۈشكە ياردەملىشىشىنى تەلەپ قىلدى. ئامرىكىمۇ بىر دېڭىزئاستى تەكشۇرۇش كېمىسىنى دەرھال ئەۋەتتى ۋە ئەينى چاغدىكى گىئولوگ خوكسۇن بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشكە قوماندانلىق قىلدى. خوكسۇن تېلىۋىزىيىلىك تەكشۈرۈش ئاپپىراتى ئالدىدا دېڭىز ئاستىنى كۈزىتىۋاتاتتى، تۇيۇقسىز ئۇلار كېمىدىن يىراق بولمىغان جايدا كۈچلۈك بىر يوشۇرۇن ئېقىننى بايقاپ قالدى. يوشۇرۇن ئېقىن ئىچىدە 30نەپەر سۇغا سەكرەش ماھىرى، ئىككى قۇتقۇزۇش خادىمى ۋە سۇئاستى كېمىسى ھەممىسىنى بايقىدى. ئۇيەردە يەنە بۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتسىز باشقا كىشىلەرنىڭمۇ جەسىدى بايقالدى. بۇ جەسەتلەرنىڭ پۇتى زەنجىر بىلەن باغلانغان ئىدى.
         نىمە ئۈچۈن سۇغا سەكرەش ماھىرلىرى، غەۋغاسلار سۇ يۈزىگە قايتىپ چىقالمايدۇ؟ پۇتى زەنجىر بىلەن باغلانغان جەسەتلەر نەدىن كەلگەن؟ ئۇلار كىم؟ ئۇجەسەتلەر نىمىشقا چىرىمىغان؟ بۇ يىشىش قىيىن بولغان سىرلار كىشىلەرنى بىر مەھەل گاڭگىرتىپ قويدى.
       خوكسۇن تەكشۈرۈش ئارقىلق بۇ سىرلارنىڭ جاۋابىنى تاپتى. بۇ دېڭىز ئاستىدا ئىسسىق-سوغاق ئىككى خىل ئېقىم قوشۇلۇش ئارقىلىق كۈچلۈك بىر ئېقىن ھاسىل قىلغان، بۇئېقىن ئەتراپىدىكى نەرسىلەرنى شوراپ ئەكىرىپ كەتكەن، سۇغا سەكرەش ماھىرلىرىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، بۇ جاينىڭ سۈيى ناھايىتى ساپ بولۇپ مىكرو جانلىقلارنىڭ ياشىشىغا ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلارمۇ يوق، شۇڭا جەسەتلەرمۇ چىرىماي ئۆزپېتىچە ساقلىنىپ قالغان.
       كىيىن خوكسۇن تارىخىي ماتىرىياللارغا ئاساسەن پۇتىغا زەنجىر باغلانغان جەسەتلەرنىڭمۇ سالاھىيتىنى ئېنىقلاپ چىقتى. ئەسلى بۇ يېرىم ئارالدا بىر چوڭ تۈرمە بار بولۇپ 200يىلنىڭ ئالدىدا بىر قېتىملىق يەر تەۋرەشتە ۋەيران بولغان، تۈرمىدىكى مەھبۇسلار ۋە گوندۇپايلارنىڭمۇ ئىزدېرىكى بولمىغان. بۇلارغا ئاساسلانغاندا بۇ جەسەتلەر دەل شۇ مەھبۇسلاردۇر.


مەنبە: «بالايى ئاپەتلەر سىرلىرى» دىن تەرجىمە قىلىندى

297

تېما

34

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3183
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14516
تۆھپە : 12052
توردىكى ۋاقتى: 4346
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2011-1-23 00:36:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىرلىق كەن ئاۋۇ گۇندىپاي بىلەن جىنايەتچىلەرنىڭ ئوخشاش قازاسى بىر قارا يۇمۇر بوپتۇ
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

230

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   76.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  271
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 55
تۆھپە : 33
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2011-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-23 01:01:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىنايەتچىلەرنىڭ جەسىتىمۇ بۇ گۇندىپايلاردىن ھەم ئۇلارنىڭ زەنجىرىدىن قۇتىلاماپتۇ................
ئۇيغۇر بىز!!!

0

تېما

0

دوست

7260

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   45.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  275
يازما سانى: 326
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1734
تۆھپە : 1040
توردىكى ۋاقتى: 56
سائەت
ئاخىرقى: 2013-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-23 14:23:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيادا ئاجايىپ سىرلىق ئىشلار بولىدىكەن ھە ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )