- تىزىملاتقان
- 2013-9-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-5-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 20713
- نادىر
- 1
- يازما
- 352
ئۆسۈش
26.78%
|
توغراق سۈيى
ھېكايە
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، قانداق ئەھۋاللىرى، ئوي ئىچى تىنچلىقتۇ؟ مالنىڭ مەرەشلىرىنىڭ دەستىدىن سىلىنى ئاۋازلىرىدىن تونۇيالمىدىمغۇ؟-دېدى گايىت بېلىق تېتىرلىقتا بىر قوتان ئۆچكىنى ئوي سايىىنغا ھەيدىگەچ يانفوندا قارشى تەرەپكە جاۋابەن.
-ھە، ئەمدى تونۇدۇم، ئوزاقى يىللىرى ھاشىم ئوتۇنچى بىلەن كەلگەن بالىسى شۇمۇ سىلى، ھاشىمئاخۇن تىنچلىقمۇ؟ بۇ يەردىكى قاقشالمۇ تۈگەپ كەتكىلى نەۋاق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئورماندىكىلەر ئوتۇن ئالغىلى قويمايدۇ، دەريانىڭ سۈيى تارتىلىپ كەتكەچكە بۇرۇنقى يۇلغۇن-سوكسوكلەرمۇ تىنجىرەپ قالدى.
-ئالدىنقى يىلى تۈگەپ كەتتى دېدىڭىزما، ھەي ئۇكام، شۇ بۇ-ئالەم، ئۆتنە ئالەم ئىكەن، بۇ جاننى ئىگىسى ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن ئالىدىكەن، رېماتىزم بولۇپ قالدى دەپ ئاڭلىغان، بۇرۇن قىشمۇ-ياز زەيلىك-ئۆستەڭ ھاشارلىرىغا ئىشلەپ، قاقشال-كۆتەك توشۇپ يامان كوپ جاپا تارتقان، ئېسىل، تىرىشچان ئادەم ئىدى، ئاسىيخان ئاچىڭىزغىمۇ قازا يېتىپ كېتىپ قېلىپ، مەنمۇ شۇ يالغۇز قالدىم. سەبىر قىلىلى، قانداق قىلىمىز ئەمدى. ياتقان يېرىنى جەننەت قىلسۇن.
-ھە، ئۇكام، ھازىر شۇ بۇرۇن كەلگەن جىنلىقتا مال بېقىپ جاننى-جان قىلىپ كېتىپ بارىمىز، بۇرۇنقىدەك باسىدىغان كەلكۈن يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن سۇ قۇدۇقى كولانغان بولغاچقا كېلىدىغان زەي سۇمۇ ئازلاپ كەتتى، يەر قۇرغاقلىشىپ كەتتى، ئوت-چۆپمۇ جىق يوق، يىلسېرى ئازلاپ كېتىۋاتىدۇ، مالنىڭ ئېتىمۇ بوش، ئانچە-مۇنچە ئايرىپ باقمىساق، جىن چاپلاشقاندەك شىلىملا چىقىدىغان بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.
-بېلىق تۇتۇۋاتامسىز دېدىڭىزما؟ نەدىكى بېلىقنى تۇتىدۇ دەيسىز، بېلىق تۇتمىغىلى نىزىمۇر، بۇرۇنقىدەك دەريادا پىلتىڭلاپ موللاق ئاتىدىغان بېلىقلارمۇ قالمىدىغۇ ئاخىر، خەق گايىت بېلىق دېسە شۇ زامانلاردا تۇتقان يوتامدەك، بىلىمدەك بېلىقلار كۈزۈمگە كۆرۈنۈپ كېتىدۇ .
-ھە، سىز رېستورانلاردا يېگەن دەريا بېلىقىنى دەمسىز، نامدا دەريا بېلىقى دېگەن بىلەن دەريا ياقىسىغا يانئۆستەڭ ئېلىپ، كۆرە كومەستە دەريادىن سۇ تارتىپ ئۆستەڭدە، ئوچۇقراقى كۆلدە باققان بېلىقلار ئۇ.
-توغراق بۇلىشى بار ، بىزنىڭ قوتاننىڭ ئەتراپىدىمۇ سىز كۆرگەن توغراقلار بار، لېكىن كەسكىلى قويمايدۇ، جازاسى بەك ئېغىر ئۇنىڭ .
-توغراقنى كەسمەيمىز دەمسىز، توغراقنىڭ سۈيىنى نېمە قىلىدىكەن، نەچچە پۇل ئىكەن ؟
-كۆرۈڭ ما ئىشنى، بۇ شەھەرلىكلەرنىڭ راھەت كېسىلى نېمانداق تولا، ھېلى چۈچۈكبۇيا-قارىقات، ھېلى جىگدە-زىرىق، ھېلى كەكلىك-كېلە دورا بولۇپ قېلىۋاتقان، ئۇ نەرسىلەر قالمىدىغۇ ھازىر، بولسىمۇ ئاندا-ساندا قالدى. توغراق سۈيى قان بېسىمىنى چۈشۈرۈدىكەن دەڭ. پىرىم، يەنە كېلىپ كىلوسى ئەللىك كوي دەڭ، قۇتىسى بەش مىڭ كويلۇق ھاراق ئىچىدىغانلار بار دەپقۇ ئاڭلىغان، ئەللىك كويلۇق توغراق سۈيىنى ئىچەرمۇ؟ قانچىلىك لازىم ؟
-قانچىلىك بولسا شۇنچىلىك لازىم دېدىڭىزما ؟ .ئۇنداق بولسا ياخشى ئىش ئىكەنغۇ؟ قوتاننىڭ ئورنى بەكرەك ئىچكىرىدە، شۇڭا توغراقلارمۇ جىق، قانچىلىك لازىم بولسا شۇنچىلىك ئالساق بولىدۇ .
-ئەتە كەلسىڭىز بەش كىلولۇق، ئون كىلولۇق بوشكىدىن جېقىراق ئالغاچ كەلسىڭىز، يەنە بىر ئىش، باش بارماق، چىمچىلاق قولدەك تومۇر تۇرۇبىنىڭ بىر تەرىپىگە ئۈچ چىقىرىپ، ئۈچ چىقىرىلغان تەرەپكە ھەرە كۆنەگېسىدەك ئۇششاق تۆشۈك تېشىپ ئەكەلسىڭىز. بۇنى جېقىراق ئەكەلسىڭىز، بۇلارمۇ؟
-نېمە قىلاتتۇق، تۆشۈكلۈك تۇرۇبا مىخنى نېفىتتىكىلەر تۆشۈك تۇرۇبىنى يەرگە قېقىپ نېفىت ئالغاندەك توغراقنىڭ يۈرىكىگە چەنلەپ تۇرۇپ قاقساق توغراق سۈيى توروببىدىنلا چۈشىدۇ، ھا، ھا ھا، مەن توغراق سۈيى بورغىلايمەن، سىز سۇ قىلىپ بېرىسىز.
-ھە ماقۇل، ئۆگۈنلۈككە كەلسىڭىزمۇ مەيلى، بىزنىڭ <<بورغىنى>> ياسىتىشقىمۇ ۋاقىت كېتىدۇ دە.
........
كۈز، بىمەھەل سارغايغان، غازاڭ تاشلاۋاتقان توغراقزارلىقتىكى گايىت بېلىقنىڭ بۇرۇنقى قوتانلىق ئوي ئورنىدا خىش-ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئۇيى يېڭىدىن قەد كۆتۈردى، ئۇنىڭ يېشى ئاتمىشقا ئولاشقاندا گايىت بېلىق دېگەن <<نامى» مۇ بارا-بارا ئەل ئاغىنىلىرى ئارىسىدا ئەستىن كۆتۈرۈلۈپ <<گايىت باي>> ، <<گايىت قىز >> دېگەندەك ناملارغا ئالمىشىپ ئۈلگۈردى .
......
ئىككىنچى يىلى، چاقماقلىق يامغۇر ياققان كۈننىڭ ئەتىسى ياتوقاي يېزىسىدا گايىت بېلىقنىڭ قوتىنىغا توغراقلىققا چۈشكەن چېقىلغاندىن ئوت تۇتۇشۇپ كۈل بولۇپ كېتىپتۇ، گايىت توقيىدىكى توغراقلار قۇرۇپ قالغاچقا، ئوت بەك كۈچلۈك بولۇپ، يامغۇرمۇ ئۆچۈرەلمەپتۇ. يۇلغۇن-توغراق تۈگۈل، مال-ۋاران، توشقان-تورشانلارنىڭ ھەممىسى كاۋاپ بولۇپ كېتىپتۇ ، ئوت يەنە نەچچە كۈن كۈيەر ئىكەنتۇق ، ناھىيەلىك ئوت ئۇچۇرۇش ئەترىتى، ياتوقاي يېزىسى ۋە قوشنا يېزا-بازارلاردىن تەشكىللەنگەن دېھقانلار بىرلىشىپ تەستە ئۈچۈرۋېلىپتۇ، ھاكىممۇ نەقمەيدانغا بېرىپتۇ، ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىلغان گايىت بېلىق ساراڭدەك بولۇپ قاپتۇ...دېگەندەك گەپلەر تارالدى.
..............
باش كۈز.
بىر توپ بالىلار قارىماققا يەتمىش-سەكسەن ياشلارغا كىرگەن قىپيالىڭاچ ئەرنىڭ كەينىدىن قوشاق توقۇماقتا ئىدى:
گايىت بېلىق، گايىت باي ،
توغراقلىقتا ياتقان باي،
توغراق سۈيى سېتىپ ،
كەلگۈلۈكنى تاپقان باي.
گايىت بېلىق، گايىت باي.
كېيىك-جەرەن ئاتقان باي،
دەرياغا تور سېلىپ ،
يىلان، بېلىق تۇتقان باي ،
گايىت بېلىق، بېلىق باي ،
سالتاڭ-ساراڭ قاتقان باي ،
توغراققا مىخ قېقىپ ،
جان قىساسىغا پاتقان باي .
|
|