قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 5555|ئىنكاس: 219

[ياردەم]پىتنە توپلايمەن

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

22

تېما

84

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24182
يازما سانى: 910
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 49
تۆھپە : 3358
توردىكى ۋاقتى: 735
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-11 13:44:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[ياردەم]پىتنە توپلايمەن
ئابدۇۋەلى قەشقەرى

      ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم دوستلار ياخشىمۇسىلەر !
   مەقسەتكە قايتىپ كەلسەم مەن بۈگۈندىن باشلاپ راستتىنلا پىتنە توپلايمەن ،ھەم بۇ پىتنىلەرنى مەخسۇس خاتىرە قىلىپ ساقلىشىڭلارنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمەن !باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇ تېمىنى ئالاھىدە يورۇتۇپ قويۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن !رەھمەت ! مەن بىلەن بىللە ھەمكارلىشىپ پىتنە توپلىشىپ بېرىدىغانلارنىڭ ھەم پىتنىلەرنى پىتنە ئەمەس دەپ رەددىيە بېرىپ ئىسپات كۆرسىتىدىغانلارنىڭ  دۆلىتى ،دىنى ئېتىقادى ،مىللىتى ،جىنسى ،يېشى ۋە ياكى ئۇنۋانى چەكلەنمەيدۇ ،ھەتتا بۇ تېمام ئاشۇ پىتنىنى توقۇيدىغان كىشىلەرنىمۇ قىزغىن قارشى ئالىدۇ !ئەمىسە پىتنە توپلاش مەندىن باشلانسۇن .مەن توپلىغان پىتنىلەر ئىچىدىن بىر قەدەر داڭلىق پىتنىلەر تۆۋەندىكىچە :
   1.قەشقەردە بۇ يىل قىشتا قەتئىي قار ياغمايدۇ .
   مەن تۆت-بەش يىل بۇرۇن قەشقەردە مۇنداق پىتنىنى ئاڭلىغان ،يەنى :قەشقەر شەھەرلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىدا بىر قىز تۇغۇلۇپلا تىلى چىقىپ <<بۇ يىل قىشتا قەشقەردە قار ياغمايدۇ.>> دېگەن بېشارەتنى قالدۇرۇپ ئۆلۈپ كېتىپتۇ .شۇڭا بۇ يىل قىشتا ھازىرغىچە قار ياغمىدى دەپ ،پىتنە تارقالغان .مەن بۇنى قىپ-قىزىل يالغانچىلىق ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇماڭلار ھەم تارقاتماڭلار !دېسەم بەزىلەر مېنى <<ئاللاھنىڭ مۆجىزىسىگە ئىشەنمەمسەن ؟ئاشۇ ئاللاھنىڭ مۆجىزىسى بولسىچۇ ؟سەم مۇناپىق بولماقچىمۇ ؟>> دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ مېنى يامان سۆزلەر بىلەن ئەيىبلىگەن .لېكىن شۇ يىلى قىشتا قىش ئاخىرىدىراق قەشقەردە راستتىنلا قار خىلى كۆپ ياققان .ئەمما پىتنىچىلەر گەپنى يەنە ئۆزگەرتىپ :ھېلىقى قىز ئەسلى <<بۇ يىل قىشتا قار ياغمايدۇ ،ئەمما قىش ئاخىرىدا ياغىدۇ .بۇ ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى !>> دېگەن دەپ تېخىمۇ ئەزۋەيلىگەن .
   2. 2012-يىلى 12-ئايدا قىيامەت قايىم بولىدۇ
   بۇ پىتنە ئەسلى مايالىقلارنىڭ دىنىدىكى قانداقتۇر بىر خاتىرىلەردە خاتىرىلەنگەن بىر خاتىرە بولۇپ(ئۇنىڭ توغرىسىدا تولۇق مەلۇمات بىلمەيمەن ) ،بەزى كىشىلەر(تور بېتىنىڭ چېكىلىشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن .) بۇنى ئۇلغايتىپ ھەقىقىي ۋەقە بىلەن بىرلەشتۈرۈپ نادان كىشىلەرنى ساراسىمىگە سالىدىغان ھەقىقىي ۋەھىمىلىك پىتنىگە ئايلاندۇرغان ،ھەتتا بۇ شۇ يىلى كىنو قىلىپ قويۇلغان .بەزى كىشىلەر راستتىنلا بۇ پىتنىگە ئالدانغان ،ھەتتا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان .ئەمما ھەممىمىز بىلگىنىدەك ئۇ يىلى ھېچ خەتەرسىزلا ئۆتۈپ كەتتى .
   3.ئۈرۈمچىدە غەلىتە مەخلۇققا ئايلانغان قىز
   بۇنى ھەممىمىز بىلىمىز بۇ پىتنىدە مۇنداق دېيىلگەن (مىنىڭ ئاڭلىغىنىم):بىر ئايال رېستوراندا بۇزۇقچىلىق قىلىپ ھەشەمخورلۇق قىلىپ باشقىلار ئۇنىڭغا ئىسلام دىنى ئەھكاملىرى بويىچە نەسىھەت قىلسا ،ئۇ ئايال <<خۇدا يامان بولسا مېنى ھازىرلا جازالىمىسۇنمۇ ؟>> دەپ ئاغزىدىن كۇپۇرلۇق چىقىپ كەتكەن ،شۇنىڭ بىلەن نەقمەيداندا شۇنداق بىر غەلىتە مەخلۇققا ئايلىنىپ قالغان ،بۇ ئاللاھنىڭ جازاسى دېگەن .ھەم بۇ توغرىلىق ھېلىقى ساختا كۆرۈنۈشلەر پۈتۈن ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە پەيدا بولغان .ھەم نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ساختا مۆجىزىگە ئىشەنگەن .مەن دەسلەپتە ئاڭلاپ راستتىنلا نېمە دېيىشىمنى بىلەلمىگەن .كىيىن ئۇلاردىن :بۇ قايسى رېستوراندا ياكى قايسى جايدا يۈز بېرىپتۇ ؟بۇنىڭغا ئايلىنىپ قالغان ئايال كىمكەن ؟بۇنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن شاھىتلار بارمىكەن ؟دەپ سورىسام ھېچقايسىسى جاۋاب بېرەلمىگەن ؟مەن ئۇلاپلا نېمە ئۈچۈن شۇنچە ۋەھشىي گۇناھلارنى قىلغان ئادەم شۇ مەخلۇققا ئايلىنىپ قالماي بۇ ئايال ئايلىنىپ قالىدۇ ؟ دېسەم ئۇلار <<سەن تەپ تارتماستىن ئاللاھنىڭ ئوچۇق مۆجىزىسىنى ئىنكار قىلىۋاتامسەن ؟ۋاي مۇناپىق !>> دەپ تىللىغان .كىيىن بۇنىڭ پەقەت بىر كىرىشتۈرمە ئىكەنلىكى بۇ فىلىم تۈركىيەدە قاتتىق سەتچىلىككە سەۋەب بولغانلىقى ئاشكارىلاندى .شۇچاغدا بەزىلەر نومۇس قىلماي <<ئاللاھنىڭ يولىدا ئىماننى چىڭ قىلىش ئۈچۈن يالغان سۆزلەش پىتنە تارقىتىش گۇناھ ئەمەس ئەكسىچە ساۋاب.>> دېيىشكەن (گىگانت ئادەم ۋەقەسىمۇ مۇشۇنىڭ بىلەن ئوخشاش) .
   4.مەككىگە چۈشكەن پەرىشتە :
   مەككىگە چۈشكەن پەرىشتە توغرىلىق كوت-كوت ۋە ئۈندىدارلاردا ھەرخىل ئويدۇرما سۆزلەر تىز سۈرئەتتە تارقالغان .بۇنىڭغا ئىشەنگەن ھەم جان دەپ تارقاتقان ئادەمنىڭ قاتتىق بېيىپ كەتكەنلىكى ،ئىشەنمىگەن تارقاتمىغان ئادەمنىڭ قولىنىڭ قۇرۇپ نامراتلىشىپ كەتكەنلىكى ياكى بالىلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدە جۆيلىمە بىر نېمىلەر يېزىلغان .بۇنى بەزى ئىسلام دىنىدىكى نادان مۇسۇلمانلار كۆرۈپ ئارقا-ئارقىدىن تارقاتقان ،ۋە تارقاتماسلىقتىن ئىنكار قىلىشتىن قاتتىق قورققان .مانا ھازىرمۇ ئۇ پىتنە تەرەققىي قىلماقتا .مەسىلەن پالانى شىركەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ مانچە يىللىقى تەبرىكلەندى تارقاتسىڭىز مانچە يۈەن مۇكاپات ،مۇكاپات كەلمىسە مۇنۇ نومۇردىن سۈرۈشتە قىلىڭ .ئىشەنمىسىڭىز سىناپ بېقىڭ .دېگەندەك ،بۇلارنىڭ يالغانلىقى ئاللى بۇرۇن ئايدىڭ بولغان بولسىمۇ يەنىلا بەزى كىشىلەر ئېشىنىۋاتىدۇ ھەم ئىشەنمەكتە .
   5.تۆمۈرخان ھۇ ھايۋان ! نارەسىدە قىزنىمۇ بوش قويماپتۇ توختىماي تارقىتىڭ !
   بۇ پىتنىنىڭ مەزمۇنى مۇنداق :تۆمۈرخان ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ قايتىشىدا بىر كىچىك قىزغا پەسكەشلىك قىلىپ تۈرمىگە كىرىپ كېتىپتۇ !شۇڭا ئۇنى ئۇچراتمىدۇق .تۇغقانلىرى ھەم تونۇشلىرى ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىغا نالەت ئوقۇپتۇ . تېخى يېقىندىلا بۇ تەرەققىي قىلىپ :<<تۆمۈرخان بۇ لەنەتكە چىدىماي تۈرمىدە تامغا ئۈسۈپ ئۆلۈۋاپتۇ .>>.دېگەندەك پىتنىلەر تارقاپ نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭغا راستتىنلا ئىشەنگەن ئەمما تۆمۈرخاننىڭ ھاياتلىقى پىتنىچىلەرنى يەنە بىر قېتىم لەت قىلدى .مانا ھازىر سالونلاردا پىتنىلەر يالغان مەزمۇنلار يامغۇردەك كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ .
   6.ھاۋا بىلەن سۇ بىلەن ماڭىدىغان ماشىنا ياسالدى ،ئۇيغۇر بولسىڭىز تارقىتىڭ !
   مەن بۇنى ھازىرغىچە پىتنە دەپ بىلىمەن خالاس ،چۈنكى بۇلار ھەقىقەتتە مۇنداق نەرسىنى ياسىغىنى يوق .شۇ توغرىسىدا چىقارغان كۆرۈنۈشلىرى يالغان ،ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئۇلار نېمىشقا پاتېنت ئىلتىماس قىلمايدۇ ؟نېمىشقا دۇنيا شۇنچە ئېنېرگىيە تېجەش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ يۇ بۇلارنىڭ شۇ ئىجادىيەتلىرى بازارغا سېلىنمايدۇ ھەتتا بىرەر كارخانىنىمۇ جەلپ قىلالمايدۇ ؟دۇنيادا مانچە ئادەم ياسىغان كەشپىيات ئۇيغۇرمۇ ياسىدى دەيدىكەن .كىچىككىنە يىڭنىچىلىك كەشپىياتتىن چوڭى ھەر تېخنىكىلىق كەشپىياتقىچە بوش قويماي تالىشىدىغان ئاتامان شىركەتلەر نېمىشقا بۇ توغرىسىدا ھېچنېمە دېمەيدۇ ؟
    مىنىڭ توپلىغان داڭلىق پىتنىلىرىم تۈگىدى ،ئەگەر سىلەردىمۇ شۇنداق پىتنىلەر بولسا ئىنكاس شەكىلدە يوللىۋىتىڭلار ،ئەگەر بۇ تېمىغا چۈشكەن پىتنىلەرنى ھەقىقەت دەپ ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغانلار بولسا دەلىلىنى كەلتۈرسۇن ھەقىقەتەن ھەممەيلەننى يېتەرلىك قايىل قىلالىسا بىز ئۇنى پىتنە دېمەي ھەقىقەت دەپ بىلەيلى .
   قېرىنداشلار يۇقىرىقى پىتنىلەرنى كۆردىڭلار بەزىلەر 2016-يىلنى ئۇيغۇردا نېمە يىلى قىلساق بولار دەپ ئويلۇنىۋىتىپسىىلەر ،بۇ ياخشى ئويلىنىش بولۇپتۇ .مەن دەيمەنكى 2016-يىلنى ئۇيغۇرلاردا <<پىتنىچىلەرنىڭ سىسىىش يىلى>> قىلساق .ھەمدە شۇ پىتنە تارقىتىپ كۆڭۈل خۇشى قىلىدىغانلارغا باش تىققۇدەك ئورۇن دەسسىگۈدەك يەر بەرمىسەك !چۈنكى پىتنىچىلەر دىننىڭ نامىنى ،ئاللاھنىڭ نامىنى ،مىللەت سۆيەرلېكىنى ،دىن سۆيەرلېكىنى ،بىر قىسىم مەشھۇرلارنىڭ ۋە دۆلەتنىڭ نامىنى سۈيئېستىمال قىلىپ جەمئىيەتنى ۋە بىزنى پاراكەندە قىلماقتا .پىتنىنى  تارقاتقان ئادەمنىڭ بېشىنى تاپماق بەكمۇ مۈشكۈل بولماقتا .شۇڭا بىرەر خەۋەر ئاڭلىساق ئاسانلا ھاياجانلانماي تەگ مەنبەسىنى ھەقىقىي سۈرۈشتە قىلىپ ئىشەنسەك ياكى تارقاتساق ،ھەتتا نۆۋىتى كەلسە شۇنداق يالغان پىتنە تارقاتقانلارنى تېپىپ چىقىپ ،جامائەتچىلىك ئالدىدا رەسۋا قىلساق !

2015-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى(جۈمە)

uyghuray
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

3

دوست

4698

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   89.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35151
يازما سانى: 345
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1436
توردىكى ۋاقتى: 401
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-11 15:42:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىڭى -پىتىنلەر  تىخى يۇققۇ ؟  بار بولسا ئايىمايتم

22

تېما

84

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24182
يازما سانى: 910
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 49
تۆھپە : 3358
توردىكى ۋاقتى: 735
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-11 16:15:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kimliktiki يوللىغان ۋاقتى  2015-12-11 15:21
ئۇلۇغ جۈمە كۈنىدە مۇشۇنداق تىمىلار يوللانسا،،،،،توۋا

ئۇلۇغ جۈمە كۈنىدە بۇ تېمىنى نەرى سىىزگە ياقماي قالدى
uyghuray

22

تېما

84

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24182
يازما سانى: 910
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 49
تۆھپە : 3358
توردىكى ۋاقتى: 735
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-11 16:38:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۇنكى يوللىغان ۋاقتى  2015-12-11 15:42
يىڭى -پىتىنلەر  تىخى يۇققۇ ؟  بار بولسا ئايىمايتم

مەيلى كونا ياكى يىڭى بولسۇن ،جامائەت بىلىپ قالسۇن .يوللاۋىرىڭ ،مۇشۇ پىتنىگە ئەگىشىپ خاتالاشقانلار باشقىلار بىلەن قان بولۇشۇپ كەتكەنلەر ئارىمىزدا ئاز ئەمەس ھىلىمۇ .

0

تېما

3

دوست

994

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   98.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30840
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 300
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-11 16:38:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆمۈرخان روزىنىڭ ‹‹سەتچىلىكى›› يالغانكەندە مەن تېخىغىچە راس دەپ يۈرىپتىمەن بولسا مۇشۇ توغىرسىدا تەپسىلىيرەك ئۇچۇر بەرگەن بولسىڭىز.

22

تېما

84

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24182
يازما سانى: 910
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 49
تۆھپە : 3358
توردىكى ۋاقتى: 735
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-11 16:47:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇزدىل يوللىغان ۋاقتى  2015-12-11 16:38
تۆمۈرخان روزىنىڭ ‹‹سەتچىلىكى›› يالغانكەندە مەن تېخىغ ...

مەن ئۇ توغرىسىدا ئىنىق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس .ئەمما بۇنىڭ يالغانلىقىنى تۆمۈرخان ئۆزى ئىسپاتلاپ بولدى .

0

تېما

3

دوست

994

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   98.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30840
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 300
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-11 16:50:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زىرەك يوللىغان ۋاقتى  2015-12-11 16:47
مەن ئۇ توغرىسىدا ئىنىق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس .ئەمما بۇ ...

تۆمۈرخان قانداق ئىسپاتلاپ بولدى تەپسىلىيرەك دەپ بەرگەن بولسىڭىز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )