قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3697|ئىنكاس: 18

ئىمتىھان مائارىپى ۋە ئەقىل ئىسراپچىلىقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

10

دوست

1510

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   51%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27179
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 514
توردىكى ۋاقتى: 51
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-11 23:32:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىمتىھان مائارىپى ۋە ئەقىل ئىسراپچىلىقى

تۇرسۇنمۇھەممەت توختى

(قورغاس ناھىيەلىك تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن)



دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە دۆلەت ئەھۋالىنىڭ ئوخشىماسلىقى ئۇلارنىڭ مائارىپىدىكى تۈرلۈك پەرقلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. قانداق تۈزۈلمىدىكى مائارىپ بەرپا قىلىش − بىر دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، پەن - تېخنىكا جەھەتلەردىكى تەرەققىيات سەۋىيەسىگە، سىياسىي تۈزۈلمىسىگە، جايلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە، خەلقنىڭ ئومۇمىي ساپاسىغا باغلىق. مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ مائارىپى قانچە ئىلغار بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنى ئۆز ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلماي ئۆلۈك ھالدا قوبۇل قىلغاندا، خۇددى تېنى ئاجىز ئادەمگە كۈچلۈك تاماق  ئېغىر كەلگەندەك ئەھۋال كېلىپچىقىشى مۇمكىن. ئەمما، باشقىلارنىڭ ئىلغار تەجرىبىلىرىنى ئۆگەنمىگەندە، ئىلغار تەرەپلىرىنى ئۆز ئەمەلىيىتىگە ماسلاشتۇرۇپ ئىجادىي قوبۇل قىلىشنى بىلمىگەندە دۇنيانىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە ماسلىشىپ ماڭغىلى بولمايدۇ. سېلىشتۇرۇش بولمىغاندا بىر دۆلەت ئۆزىنىڭ قايسى سەۋىيەدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلەلمەيدۇ، ئىجابىي تەسىرگە ۋە رىقابەت ئېڭىغا ئىگە بولالمايدۇ. ئەنئەنىگە جاھىللىق بىلەن يېپىشىۋېلىش شۇ ئىجتىمائىي توپنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويسا، قارىقويۇق قوبۇل قىلىش كىملىكنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. شۇڭا، قوبۇل قىلىشتا ئىجادىي بولۇش، ئۆز ئەمەلىيىتىگە جانلىق تەتبىقلاش لازىم. تۆۋەندە مەن فىنلاندىيە مائارىپىنى كۆزىتىشتىن ئېرىشكەن ھاسىلاتلىرىمنى كەسىپداشلارنىڭ ئويلىنىشىغا سۇنىمەن.
فىنلاندىيە دۇنيادىكى «مائارىپى ئەڭ سەرخىل دۆلەت» شەرىپىگە ئۇدا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان دۆلەت. فىنلاندىيەدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلىق ئەڭ ئەتىۋارلىق كەسىپلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىشتا، ئالدى بىلەن ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئوقۇتقۇچىلىققا ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن 10 پىرسەنت ئەتراپىدا سەرخىللىرى تاللىنىدۇ، ئۇلار يەنە بەش يىللىق مۇنتىزىم تەربىيەلىنىشكە قاتنىشىپ، ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن كېيىن ئاندىن ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشەلەيدۇ. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاشى دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ مائاشىدىن بىر ھەسسە، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىككى ھەسسە ئارتۇق. فىنلاندىيە مائارىپى باشلانغۇچتىن ئالىي مەكتەپكىچە ھەقسىز بولۇپ، دۆلەتنىڭ مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئاجرىتىدىغان خىراجىتىمۇ كۆپ. ئادەتتە ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرگىچە ئوقۇغۇچىلاردىن ئىمتىھان ئېلىنمايدۇ، پەقەت ھەر مەۋسۇمدا ئاتا - ئانىلارغا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتى ۋە ئەخلاق - پەزىلىتى ھەققىدە بىر قېتىم دوكلات بېرىلىدۇ. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا، مەملىكەتلىك بىرتۇتاش ئىمتىھان  تەسىس قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەملىكەتلىك بىرتۇتاش ئىمتىھانى بولمىغاچقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈش ئىمتىھان نەتىجىسى بىلەن قوشۇمچە ئىمتىھاندىكى چەت ئەل تىلى نەتىجىسى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تاللاشتىكى مۇھىم ئاساس قىلىنىدۇ. ئادەتتە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن 66 پىرسەنت ئوقۇغۇچى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇيالايدىغان بولۇپ، بۇ جەھەتتە ياۋروپا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. فىنلاندىيەدە ئىمتىھان نەتىجىسىگە ئاساسەن ياكى باشقا مەزمۇنلار بويىچە ئوقۇغۇچىلارنى، مەكتەپلەرنى سېلىشتۇرۇپ باھالايدىغان، رەتكە تۇرغۇزىدىغان ئەھۋال ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس. مائارىپنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا «ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ۋە مەكتەپلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ياخشى، باھالاشنىڭ ھاجىتى يوق»، «بالىلارغا ئەڭ ياخشى ۋە باراۋەر مائارىپنى ئاتا قىلغانلىق − ئۇلارغا ئەڭ ياخشى ھايات ئاتا قىلغانلىق» دەپ قارايدۇ. دېمەك، بۇ دۆلەتتە ئەلاچى ئوقۇغۇچى بىلەن ناچار ئوقۇغۇچىنىڭ پەرقى يوق دېيەرلىك.
فىنلاندىيە ھۆكۈمىتى 1987- يىلىدىن بۇيان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە «سىنىپسىز دەرس ئۆتۈش تۈزۈمى»نى يولغا قويغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇقىم سىنىپى بولمايدىغان ئەھۋال شەكىللەنگەن، ھەتتا يىللىقلار ئۇقۇمىمۇ سۇسلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن. زال، كارىدورلارغا كىچىك ئۈستەل، ئورۇندۇقلار، ئۈستىگە كومپيۇتېر قويۇپ قويۇلىدىغان بولۇپ، بۇ يەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسلىق دەرسخانىسى ھېسابلىنىدۇ. فىنلاندىيەدە تەكشۈرۈش ۋە ئېكسكۇرسىيەدە بولغانلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى ئورۇندۇقتا ئولتۇرسا، بەزىلىرى يەردىلا ئولتۇرىدىكەن، بەزىلىرى كىتاب كۆرۈپ، تاپشۇرۇق ئىشلىسە، بەزىلىرى تورغا چىقىدىكەن، ئوقۇغۇچىلاردا ئۆگىنىشكە نىسبەتەن بېسىم تۇيغۇسى يوق بولۇپ، ناھايىتى ئەركىن - ئازادىلىك ئىچىدە ئۆگىنىش قىلىدىكەن. ئادەتتە 50 نەپەر ئوقۇتقۇچىسى بار بىر مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى 200 خىلدىن ئارتۇق دەرس بىلەن تەمىنلىيەلەيدىكەن. دەرس تەسىس قىلىشتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشى ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشقا ماسلىشىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدىكەن. دەرس مەزمۇنلىرى ناھايىتى مول بولۇپ، ئۇنى جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى تەمىنلەيدىكەن. ئوقۇغۇچىلار شوپۇرلۇق، رېمونتچىلىق، فوتو سۈرەتچىلىك، ئۇسسۇل قاتارلىق ئەمەلىيەتچانلىقى كۈچلۈك مەزمۇنلار بىلەن تەربىيەلىنىدىكەن. مەكتەپ ئىچى ۋە جەمئىيەتتىكى دەرس بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىكەن. تولۇق ئوتتۇرىغا چىققان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇنجى قىلىدىغان ئىشى دەرس تاللاش پىلانى تۈزۈش بولۇپ، دەرسلەرنى ئەركىن تاللايدىكەن. قايسى ۋاقىتتا دەرسكە كىرىش، قايسى مۇئەللىمنىڭ دەرسىنى ئاڭلاش ئوقۇغۇچىنىڭ ئىختىيارىدا بولىدىكەن، ئوقۇغۇچى ھەتتا مەكتەپ پۈتكۈزۈش قەرەلىنىمۇ ئۆز ئالدىغا تاللىسا بولىدىكەن. ئادەتتە 10 ئوقۇغۇچى مەلۇم بىر خىل دەرسنى تاللىسا مەكتەپ شۇ دەرسنى تەسىس قىلىدىكەن، ئادەم سانى 30 دىن ئاشسىلا سىنىپقا ئايرىيدىكەن. ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ھەربىر قەۋىتى مۇناسىپ پەنلەرگە ئايرىپ بېرىلىدىكەن. ئالايلۇق، تىل تۈرىدىكى پەنلەر بىرىنچى قەۋەتتە، گۇمانىتار تۈرىدىكى پەنلەر ئىككىنچى قەۋەتتە، تەبىئىي پەنلەر ئۈچىنچى قەۋەتتە دېگەندەك. دەرسلەرنى ئەركىن تاللاش ھوقۇقى فىنلاندىيەلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغاپلا قالماي، يەنە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىمۇ كۈچەيتكەن. ئۇلار ئۆگىنىشنىڭ قۇللىرىغا ئەمەس، بەلكى ئۆگىنىشنىڭ غوجايىنىغا ئايلىنالىغان. فىنلاندىيەنىڭ مائارىپ مىنىستىرى ئىمتىھان مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ: «بىز بىرتۇتاش ئىمتىھاننىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيمىز. ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشلانغۇچتىن تارتىپ ئوتتۇرا مەكتەپكىچە بولغان 12 يىلى ئۇلارنىڭ دەرس نەتىجىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ، پەقەت كېيىنكى ئۆگىنىشى ئۈچۈن ياخشى تەييارلىق قىلىۋېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بىردىنبىر ئىمتىھان پەقەت ئالىي مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن ئېلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنى ئىمتىھاندىن ئازاد قىلىش ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت بىلەن تەمىن ئېتىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرى ياقتۇرغان ۋە ئۆگىنىشنى خالايدىغان نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيدۇ. بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ھەرگىزمۇ ئىمتىھان ئۈچۈن دەرس ئۆتمەيدۇ، ئوقۇغۇچىلارمۇ ئىمتىھان ئۈچۈن ئۆگەنمەيدۇ. بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىز تولۇق خۇشاللىققا تولغان ئۆگىنىش مەيدانى» دېگەن. فىنلاندىيەدە بىر سىنىپتا 16 نەپەر ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى ئوقۇيدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك دەرس سائىتى ئىنتايىن ئاز بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا ناھايىتى كەڭ بوشلۇق بېرىلگەن. ھەتتا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدىلا دەرستىن چۈشىدىغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار بوش ۋاقىتلىرىنى ئۆزلىرى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دەرس ئارىلىقىدا 75 مىنۇت دەم ئالىدۇ (ئامېرىكىدا 27 مىنۇت). ئوقۇغۇچىلارغا تاپشۇرۇق ناھايىتى ئاز بېرىلىدۇ، تەتىللىك تاپشۇرۇقلارمۇ بېرىلمەيدۇ، تەتىل ۋاقىتلىرىدا تەكرار قىلىش سىنىپلىرىنىڭ ئېچىلىشىغىمۇ يول قويۇلمايدۇ. فىنلاندىيەدە ھەر 250 ئادەمگە بىردىن كۇتۇپخانا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلگەن.
ئويلىنىش ۋە مۇلاھىزە:
* بەزىلەر «ئىمتىھانسىز مائارىپ مائارىپ ئەمەس» دېسە، بەزىلەر «ئىمتىھاننىڭ پايدىسىغا قارىغاندا زىيىنى كۆپ» دەپ قارايدۇ. «ئىمتىھانسىز مائارىپ مائارىپ ئەمەس» دېگۈچىلەر، پات - پات ئىمتىھان ئېلىنىپ تۇرسا، بۇ خىل بېسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ ئىمتىھانغا ماسلىشىش، ئىمتىھان بېرىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق دەپ قارايدۇ. دېمىسىمۇ تاپشۇرۇقنى كۆپ بەرگەن، ئىمتىھاننى كۆپ ئالغان، ئوقۇغۇچىلارنى تەقلىدىي ئىمتىھان سوئاللىرىغا كۆندۈرگەن مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتۈش نىسبىتى ھەقىقەتەن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولۇپ، بۇ پاكىتقا كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ. بۇ خىل قاراشتىكىلەر ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى بىلەن ئۆلچەيدۇ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە «ئاق مۈشۈك، قارا مۈشۈك، چاشقان تۇتسىلا ياخشى مۈشۈك»، قايسى مەكتەپ داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرگە قانچە كۆپ ئوقۇغۇچى ماڭدۇرالىسا، شۇ نوچى دەپ قارايدۇ. ئېلىمىزدە نومۇر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىقتىدارىنى سىنايدىغان ئەڭ ئالىي ئۆلچەم قىلىنىپ كەلمەكتە. نومۇر ئېڭى يەسلىدىن تارتىپ ھەربىر ئادەمنىڭ ئېڭىغا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان، يەنە كېلىپ ئىمتىھان نەتىجىسى بىر ئادەمنىڭ ئىستىقبالىغا ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسەتكەچكە، پەرزەنتىنى كۆڭۈلدىكىدەك بىرەر ئالىي مەكتەپكە ئۆتكۈزۈۋېلىش ھەربىر ئاتا - ئانىنىڭ كۈچلۈك ئارزۇسىغا ئايلانغان. «چاشقان تۇتقان مۈشۈك»نى كىممۇ نوچى ئەمەس دېيەلىسۇن؟ بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ قارىشىنىمۇ خاتا دېيىشكە بولمايدۇ.
ئىمتىھانغا گۇمان بىلەن قارايدىغان، ئۇنى زىيانلىق دەپ بىلىدىغان كىشىلەر: ئىمتىھان ئوقۇغۇچىلارغا روھىي بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ، بولۇپمۇ جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئادەمنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىمتىھان تۈزۈمى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۇرغۇن ۋاقتى ۋە زېھنىنى ئىسراپ قىلىپلا قالماي، ئېچىنىشلىقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈرلۈك ئىقتىدارلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى چەكلەپ قويىدۇ، ئىجادچانلىق تۇيغۇسىنى ئۆلتۈرىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ ئۆگىنىشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتىنى پەيدا قىلىدۇ. ئىمتىھاننى مەقسەت قىلىپ ئۆگەنگەن بىلىمنىڭ ھېچقانداق ئەمەلىي قىممىتى بولمايدۇ. يۇقىرى نومۇر ئالغان بىلەن، قولىدىن ئىش كەلمىسە نېمە پايدىسى دەپ قارايدۇ. بۇ خىل قاراشتىكىلەر كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنى ئەمەس، يىراقنى كۆزدە تۇتقان بولۇپ، بۇ خىل قاراشنىمۇ خاتا دېگىلى بولمايدۇ. ئەمما، ئۇمۇ توغرا، بۇمۇ توغرا بولسا، مەنتىقىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئالدىنقى قاراشنى توغرا دېيىش ئامالسىزلىقتىن بولسا، كېيىنكى قاراشقا مايىل بولۇش ئىلمىيلىكنى ئېتىراپ قىلىشتىن بولىدۇ.
ئىمتىھاننىڭ تۈرلۈك شەكىللىرى بولىدۇ، ئېلىش ئۇسۇلىمۇ ئوخشاشمايدۇ. بۇ يەردىكى ھالقىلىق مەسىلە قانداق مەقسەتنى چىقىش قىلىپ ئىمتىھان ئېلىشتا (نىيەت ۋە مۇددىئانىڭ توغرا بولۇشىدا) ۋە توغرا ئۇسۇل قوللىنىشتا. ئەگەر ئىمتىھان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈرلۈك ئىقتىدارلىرىنى سىناپ كۆرۈشنى ۋە شۇنىڭغا قارىتا تەدبىر بەلگىلەشنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چىقىش قىلسا، ئىزدىنىش، يېڭىلىق يارىتىش، يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى نامايان قىلىشقا تۈرتكە بولالىسا، ئاكتىپلىقىنى قوزغىيالىسا، بۇنداق ئىمتىھان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن پايدىلىق بولىدۇ. ئەگەر ئىمتىھان نوقۇل ھالدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھانغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلسا، ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان ئۈچۈنلا ئۆگەنسە، ئوقۇتقۇچىلار ئىمتىھان ئۈچۈن ئۆگەتسە، بۇ خىل ئىمتىھاننىڭ ئوقۇغۇچىلارغا كەلتۈرىدىغان زىيىنى مۆلچەرلىگۈسىز بولىدۇ. بىزنىڭ ئېڭىمىزغا ئىمتىھان مائارىپىنىڭ ئىدىيەسى چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەچكە، مۇبادا ئىمتىھان تۈزۈمى بىردىنلا بىكار قىلىنسا، ئىشلار پۈتۈنلەي ئاستىن - ئۈستۈن بولۇپ كېتىدىغاندەك ھېسسىياتتا بولىمىز. باشلانغۇچتىن تولۇقسىزغا ئوقۇغۇچىلارنى ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىش، ئاساس مائارىپتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىنىپتا قېلىش نىسبىتىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بىر قىسىم كىشىلەر «بۇ تۈزۈم ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىكى مۇھىم بىر سەۋەب» دەپ قاراشتى. مېنىڭچە، بۇنداق قاراش ئوقۇتۇش ۋە ئۆگىنىش قارىشىنىڭ دۇرۇس بولمىغانلىقىدىن، ئىمتىھان مائارىپى ئىدىيەسىنىڭ ئاسارىتىدىن كەلگەن.  
جۇڭگودا نوپۇس كۆپ، قورساق بېقىش رىقابىتى ناھايىتى كەسكىن، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشى تولىمۇ جاپالىق بولغاچقا، كىشىلەرنىڭ ئوقۇپ «كادىر» بولۇش ئارزۇسى شۇ قەدەر كۈچلۈك. شۇڭا، بىز ئىقتىدار بىلەن ئانچە ھېسابلىشىپ كەتمەيمىز، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلار كەلگۈسىدە مائاشلىق بولۇشنى، شۇ ئارقىلىق تۇرمۇشىنى بىخەتەر، خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشنى ئالىي نىشان قىلىپ ئوقۇيدۇ. بىر ئادەم بۇ خىل مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن قاتمۇقات ئىمتىھانلاردىن ئۆتۈشى، ئىمتىھان ئېلىنىدىغان مەزمۇنلارنى چىقىش قىلىپ ئۆگىنىشى كېرەك. نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئوقۇغان كەسپىگە ماس كېلىدىغان خىزمەتكە ئېرىشەلمەيدۇ، بەزىلەر ئېرىشكەن تەقدىردىمۇ يول مېڭىپ باشقا كەسىپلەرگە ئالمىشىپ كېتىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇلار قايسى ئورۇندا ئىشلىسە ئوخشاشلا «لاياقەتلىك» خىزمەتچى بولالايدۇ. چۈنكى، بىزنىڭ نۇرغۇن كەسىپلىرىمىز ئىشچى - خىزمەتچىلەردىن بىلىم ۋە ئىقتىدار تەلەپ قىلمايدۇ، ھەقىقىي ئۈنۈم ئانچە ئېتىبارغا ئېلىنىپ كەتمەيدۇ، ئورۇنلاشتۇرۇشلارغا كىم ئاكتىپ ماسلاشسا، شۇ «ئىقتىدارلىق» ھېسابلىنىدۇ، يەنە كېلىپ «ئايىغى چاققان»لار، ئىشنىڭ ئېپىنى بىلىدىغانلار ئاسانلا كۆزگە كۆرۈنىدۇ، تېز ئۆسەلەيدۇ. دېمەك، خىزمەتكە چىققاندىن كېيىنمۇ كىشىلەر ئىمتىھان مائارىپىنىڭ زىيىنىنى يەنىلا ھېس قىلىپ كېتەلمەيدۇ (بىز بۇ يەردە ئىمتىھاندىكى ساختىلىقلار ھەققىدە ئېغىز ئاچمايمىز). بۇ خىل رېئاللىق جۇڭگونى ئىمتىھان مائارىپى پاتقىقىغا پاتۇرۇپ قويغان. ئون نەچچە يىلدىن بېرى ساپا مائارىپى كۈچەپ تەكىتلىنىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ جەھەتتە ھېچقانچە ئىلگىرىلەش بولمىدى. قارىغاندا، بۇ پاتقاقتىن چىقىپ كېتىش ھازىرچە مۇمكىن ئەمەستەك قىلىدۇ.
ئەگەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھازىر ئۆگىنىۋاتقانلىرى كېيىنكى ئۆگىنىشلىرى ئۈچۈن خېمىرتۇرۇچ بولالىسا، بالىلارنى ئوراپ تۇرغان مۇھىت تەپەككۇرغا نىسبەتەن ئاكتىپ غىدىقلىنىش پەيدا قىلالىسا، ئوقۇش ۋە ئۆگىنىشتىكى مەقسەت «ئىمتىھان ئۈچۈن»دىن «ئادەمنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن»گە يۆتكەلسە، ئاندىن مائارىپنىڭ قىممىتى گەۋدىلىنىشكە باشلايدۇ. نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئۆگىنىشتىن خۇشاللىق ھېس قىلالمايدۇ، ئۆگىنىشنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرەلمەيدۇ؟ چۈنكى، ئۇلار مەكتەپتىن، دەرسلىك كىتابلاردىن ئۆزى قىزىقىدىغان بىلىملەرگە ئېرىشەلمەيدۇ، مەكتەپ ئۆز خاھىشى بويىچە تەييارلىغان «تاماق»نى ئۇلارغا مەجبۇرىي يېگۈزگەچكە، بالىلار ئىشتىھاسىغا قارىتا «تاماق» يېيەلمەيدۇ، تۇرمۇش بىلەن ئانچە باغلىنىشى بولمىغان نەزەرىيەۋىلىكى ۋە ئابستراكتلىقى كۈچلۈك دەرسلىك كىتابلار، دىمىق ۋە زېرىكىشلىك دەرسخانا مۇھىتى، قاتتىق باشقۇرۇش تۈزۈملىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېسىم تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى باش پەللىدىلا تالجىقتۇرۇپ قويىدۇ ھەم ئۆگىنىشتىن زېرىكىش خاھىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇ تۈپەيلى ھەتتا بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىن چېكىنىپ كېتىدۇ.
«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق چارىسى»نىڭ 19 - ماددىسىدا، «ئىمتىھان قېتىم سانىنى قاتتىق كونترول قىلىش كېرەك. باشلانغۇچ مەكتەپلەر ھەر ئوقۇش مەۋسۇمىدا بىر قېتىم مەۋسۇملۇق ئىمتىھان ئالسا بولىدۇ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ھەر ئوقۇش مەۋسۇمىدا ئالىدىغان ئىمتىھانى ئىككى قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. تولۇق ئوتتۇرا 3 - يىللىقتىن باشقا يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن پىرىنسىپ جەھەتتە رايون خاراكتېرلىك بىرتۇتاش ئىمتىھان ياكى تەقلىدىي ئىمتىھانلارنى ئېلىشقا بولمايدۇ»؛ 20 - ماددىسىدا «ئوقۇغۇچىلارغا باھا بېرىشتە ئىمتىھان نەتىجىسىنى بىردىنبىر ئۆلچەم قىلىشقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئاشكارا ئېلان قىلىشقا، ئوقۇغۇچىلارنى، مەكتەپلەرنى ئىمتىھان نەتىجىسى بويىچە رەتكە تۇرغۇزۇشقا يول قويۇلمايدۇ. ئۆگىنىشتە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى كەمسىتىشكە، چەتكە قېقىشقا بولمايدۇ. ئوقۇغۇچىلارنى سىنىپقا ئايرىش ۋە ئورنىنى بېكىتىشتە ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئاساس قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ»؛ 21 - ماددىسىدا «مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا يۇقىرىلاپ ئوقۇش كۆرسەتكۈچى چۈشۈرۈشكە، مەكتەپ ۋە ئوقۇغۇچىلارنى باھالاش ھەم مۇكاپاتلاشقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە يۇقىرىلاپ ئوقۇش نىسبىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ھەرقانداق شەكىلدە تەشۋىق قىلىشقا بولمايدۇ» دېيىلگەن. لېكىن، بىز يىللاردىن بېرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلمىي نەتىجىسىنى ئىشلىگەندە، تاپشۇرۇق نومۇرى، ئايلىق سىناق نومۇرى، چارەكلىك ۋە مەۋسۇملۇق ئىمتىھان نەتىجىسى قاتارلىقلارنى نىسبەتلەشتۈرۈپ نەتىجە ئىشلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ كەلدۇق. نەتىجىگە ئاساسەن سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى، ھەتتا پاراللېل يىللىقلاردىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارنى دەرىجىگە تۇرغۇزۇپ، شۇنىڭغا ئاساسەن كۆرسەتكۈچ ئىشلىدۇق، سىنىپلارنىمۇ ئىمتىھان نەتىجىسىگە ئاساسەن دەرىجىگە تۇرغۇزۇپ مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش ئېلىپ باردۇق، نەتىجىنى ئاتا - ئانىلار يىغىنى ئېچىشتىكى كوزىر مەزمۇن قىلىپ كەلدۇق، بالىلارنىڭ ھېسسىياتى ۋە غۇرۇرى بىلەن ئانچە ھېسابلىشىپ ئولتۇرمىدۇق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا مىللىي ۋە خەنزۇ مەكتەپلەرنى بىرلەشتۈرۈش سىياسىتى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ نومۇرغا نىسبەتەن سەزگۈرلۈكى تېخىمۇ ئېشىپ كەتتى. چۈنكى، تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش، ئىمتىھان ئېلىش، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنى باھالاشقا نىسبەتەن يېڭىچە تەلەپلەر قويۇلۇۋاتقان بولسىمۇ، ماھىيەت يەنىلا ئۆزگەرمىدى، ئەكسىچە ئىمتىھاننىڭ نوپۇزى تېخىمۇ كۈچىيىپ بارماقتا. نومۇر مەكتەپلەرنى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى باھالاشتىكى ئاساسلىق ئۆلچەم بولغاچقا، يۇقىرى نومۇر ئالغانلار «ئۆگىنىشتە ياخشىلار»، تۆۋەن نومۇر ئالغانلار «ئۆگىنىشتە ناچارلار» دەپ قارالدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىيىتىگە «ياخشى»، «يامان»، «دۆت»، «ئۇستا» دېگەندەك تامغىنى ئۇرۇشنىڭ  خەتەرلىك يېرى شۇكى، ئەگەر «ناچار» دېگەن ئاڭ ئىدىيەگە ئورنىغاندا، بۇ خىل ئىدىيەۋى چۈشەك چوقۇمكى شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارلىرىنى چەكلەپ قويىدۇ، ئۆزىگە نىسبەتەن ئىشەنچىسىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، ئاكتىپ، تەشەببۇسكار پوزىتسىيەدىن مەھرۇم قالدۇرىدۇ. ھەرقانداق بىر مەغلۇبىيەت ئالدى بىلەن ئاڭدىكى مەغلۇبىيەتتۇر، ھەرقانداق بىر ئۇتۇق ئالدى بىلەن ئاڭدىكى ئۇتۇقتۇر. ئېڭىدا ئۆزىنىڭ «ناچار»لىقىنى، «ۋەيران بولغان»لىقىنى ئېتىراپ قىلغان ئادەمگە نىسبەتەن چېكىنىشتىن باشقا يول قالمايدۇ. بۇنداق ئادەم ئىرادە جەھەتتە بوشىشىپ ئاسانلا بەل قويۇۋېتىدۇ، يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى نەزەردىن ساقىت قىلىدۇ، ئالاھىدىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىيالىدا بولمايدۇ، ئۆگىنىشتىن تېخىمۇ سوۋۇپ چىقىش يولىنى باشقا تەرەپلەردىن ئىزدەشكە مەجبۇر بولىدۇ.
ئىمتىھانغا ئەھمىيەت بېرىلگەنسېرى نېمىشقىدۇر بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھانغا پەرۋاسىز قارايدىغان، ئىمتىھان مەيدانىدىن چىقىش ۋاقتىغا چەك قويمىسا سوئالنى ئاق تاپشۇرۇپ چىقىپ كېتىدىغان يامان بىر ئەھۋال شەكىللىنىشكە باشلىدى. بۇ ھەقتە ئىمىنجان كېرىم ئاقشەھىرى «موھتاجلىق كىرىزىسىدىن ھاسىلاتلار» ناملىق ماقالىسىدە: «تېخى يېقىندىلا ئاپتونوم رايون بويىچە بىرتۇتاش ئېلىنىدىغان تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈش ئىمتىھانى ئېلىندى. ناھىيە بازىرىدىكى ئۈچ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى مىللىي ئوقۇغۇچىلار بىر ئىمتىھان نۇقتىسىدا ئىمتىھان بەردى. مەن كومىسسىيە بولۇپ، بەش پەندىن ئېلىنغان بەش قېتىملىق ئىمتىھاننىڭ ھەربىرىدە بىردىن ئىمتىھان مەيدانىغا كىرىپ، ئىمتىھان ئالدىم. مەيلى تىل - ئەدەبىيات ئىمتىھانى بولسۇن، مەيلى خەنزۇ تىلى ئىمتىھانى ياكى باشقا پەنلەردىكى ئىمتىھان بولسۇن، ھەربىر ئىمتىھان مەيدانىدا كۆرگەنلىرىم ئوخشاشلا بىر خىل ئەھۋال بولدى. ئىمتىھان باشلىنا - باشلانمايلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېرىمى دېگۈدەك جاۋاب يازمايلا ئىمتىھان قەغىزىنى تاپشۇرۇپ چىقىپ كەتتى. ھەربىر مەيداندا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 4 - 5 ئوقۇغۇچى، ھەتتا ئىمتىھان كىنىشكىسىدىكى ئىسىم - فامىلىسىنىمۇ كۆچۈرۈپ يېزىشنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن مەن بىرمۇبىر يېزىپ بېرىشكە مەجبۇر بولدۇم» دەپ يازىدۇ.
بىر چاغلاردا «ئاق قەغەز تاپشۇرۇش نومۇس» دەپ، ئاق قەغەز تاپشۇرغان جاڭ تيېشىڭ راسا تەنقىد قىلغانىدۇق. ھازىر بۇنداق جاڭ تيېشىڭلار كۆپىيىپ كەتتى. بۇرۇن ئىمتىھاننىڭ ھەرھالدا سۈرى بار ئىدى، ھازىر خېلى كۆپ سانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھانغا شۇ قەدەر پەرۋاسىز مۇئامىلىدە بولۇشىنىڭ قانداق ئارقا كۆرۈنۈشى، ئوبيېكتىپ سەۋەبلىرى بار؟ بۇ ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە. قارايدىغان بولساق، كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلىرىمىزدا كۆچۈرۈش ئارقىلىق يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشىش خاھىشى كۈچلۈك. ئەمەلىيەتتە، كۆچۈرمىكەشلىك قىلىش ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپقانلىق ھېسابلىنىدۇ. مۇشۇنىڭ ئۆزىلا ئۇلارنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئۆگىنىش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى، ئۆگىنىش مۇددىئاسىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار خۇددى ئاتا - ئانىسى، ئوقۇتقۇچىسى ياكى مەكتەپ ئۈچۈنلا ئوقۇيدىغاندەك ئۆگىنىشكە تولىمۇ پاسسىپ مۇئامىلە قىلىشىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەر مائارىپىمىزدىكى ئېغىر نۇقسانلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. بەلكىم فىنلاندىيەلىكلەر بىزنىڭ ئىمتىھانغا شۇ قەدەر ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىمىزنى، شۇنچە كۆپ ۋاقىت ۋە زېھنىمىزنى ئىمتىھان ئۈچۈن خورىتىدىغانلىقىمىزنى كۆرسە بۇ ئىشلارنى ئىدىيەسىدىن ئۆتكۈزەلمەسلىكى، ھەيرانلىقىنى ئىپادىلىشى مۇمكىن. چۈنكى، ئۇلار بىرتۇتاش ئىمتىھاننىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيدۇ. ئۇلاردا ئىمتىھانسىز مائارىپ ئەندىزىسى ئاللىقاچان شەكىللىنىپ بولغان. ئەلۋەتتە، ئىمتىھان تۈزۈمىنى يوق قىلىش بىلەنلا ئىمتىھانسىز مائارىپ روياپقا چىقمايدۇ، بۇنداق ئەندىزىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ، ئىمتىھان مائارىپىدىن ئىمتىھانسىز مائارىپقا ئۆتۈش ئۈچۈن خېلى ئۇزۇن جەريان كېتىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا بىر مەسئۇلىيەتچان ئوقۇتقۇچى نېمە قىلىشى كېرەك؟ مېنىڭچە، قېيىدىغان، بەل قويۇۋەتكەن بىلەن زىياننىڭ چوڭىنى تارتىدىغىنى يەنىلا بالىلار بولىدۇ. ئۈمىدسىزلىك بىلەن مەغلۇبىيەتنىڭ ئارىلىقى تولىمۇ يېقىن. شۇڭا، بىز رېئاللىققا يەنىلا ئۈمىدۋار قارىشىمىز، ئىمكانىيەت يار بېرىدىغان دائىرىدە قولىمىزدىن كېلىدىغان ئىشلارنى قىلىپ كۆرۈشىمىز، بولۇپمۇ دىققىتىمىزنى دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى ئەلالاشتۇرۇشقا قارىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرىنى يېڭىلاشقا، ئۇلارنى پىكىر قىلالايدىغان، ھاياتىغا، نېمە ئۈچۈن ياشاۋاتقانلىقىغا سوئال قويالايدىغان ئادەملەردىن بولۇشقا كۈچ چىقىرىشىمىز، قەلبىگە ئىزدىنىپ ياشاشنىڭ ئوتىنى تۇتاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك.
ھەر يىلى بىر قېتىم ناھىيەمىزدە ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى تەرىپىدىن داغدۇغىلىق ھالدا ئىمتىھان ئانالىز يىغىنى ئېچىلىپ، مەكتەپلەرنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى پەنلەر بويىچە سېلىشتۇرۇلۇپ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىگە باھا بېرىلىدۇ. مەكتىپىمىزدىمۇ مەۋسۇمدا ئىككى قېتىم ئىمتىھان ئانالىز يىغىنى ئېچىلىپ، ھەربىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆتۈۋاتقان پېنىنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى يىللىق، مەكتەپ ۋە ناھىيەنىڭ شۇ پەندىكى نەتىجىسىگە بىرمۇبىر سېلىشتۇرۇلۇپ تەھلىل قىلىنىدۇ. بۇنداق توقامدا بىر گىرافىنى تەييارلاش ئۈچۈن ئىلمىي بۆلۈم خادىملىرىنىڭ بىر - ئىككى ھەپتە ۋاقتى سەرپ بولىدۇ. نەچچە ئاي ئىلگىرى بىز تولۇقسىزنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئىرادىنامە بىلدۈرۈش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتۇق. ئالدى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىق ئىرادىسىنى بىلدۈرۈشتى. ئۇلارنىڭ قەسەمنامىسىدە تىرىشىپ ئۆگىنىپ ئۆرلەش ئىمتىھانىدا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغانىدى. ئايرىم سىنىپلارنىڭ قەسەمنامىسىدە «ئىمتىھانغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ...» دېگەندەك ئىبارىلەر بار ئىدى.  ئاندىن ھەرقايسى سىنىپ مۇدىرلىرىغا تەتۈر ساناق تاختىسى تارقىتىپ بېرىلدى، تاختىغا ئىمتىھانغا يەنە 93 كۈن قالغانلىقى يېزىلغانىدى. مەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، شۇ قېتىمقى يىغىندا مەكتەپ رەھبەرلىرىگە ۋاكالىتەن ئوقۇغۇچىلارغا ئىمتىھانغا قانداق مۇئامىلە قىلىش، قانداق نىشان تىكلەش، ئۆز قىممىتىنى قانداق يۇقىرى كۆتۈرۈش، نۆۋەتتىكى رېئاللىققا قانداق يۈزلىنىش دېگەندەك مەسىلىلەر ھەققىدە قاراتمىلىق پىكىر بايان قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى روھىي جەھەتتىن ئازراق تەسەللىگە ئىگە قىلغاندەك بولدۇم. مەن بىر مەكتەپ رەھبىرى، يەنە كېلىپ بۇ ساھەدە ئىزدىنىۋاتقان قەلەم ئىگىسى تۇرۇپ، مەكتەپ ئىچىدە ئىمتىھان شامىلىنىڭ بورانغا ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى توسىيالمايۋاتقانلىقىمغا ئىچىم ئاچچىق بولاتتى. بۇ بىر ئومۇمىي ئېقىم بولۇپ، بورانغا بىر تۈپ دەرەخ دال بولالمايتتى، بوران ۋاقىتلىق ھادىسە بولۇپ، ھامان ئۆزلۈكىدىن توختايتتى. مەكتىپىمىز ناھىيەمىز تەۋەسىدىكى كۆلىمى چوڭ، شارائىتى ياخشى، كۆزنەك مەكتەپ تۇرۇپ باشقا مەكتەپلەرنىڭ كەينىدە قالسا ئىناۋەت تۆۋەنلەيدىغان، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار ئالدىدا تىل قىسقىرايدىغان ئەھۋال كېلىپچىقىدۇ - دە! باشقىلار نومۇرنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، مەكتەپنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتسا، مەن ئىمتىھانغا قارشى تۇرسام ئىدىيەمدە مەسىلە بار ئادەمگە ئايلىنىپ قالىمەن شۇ! شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئىرادە بىلدۈردى، توغرىسى يۇقىرى نومۇر ئېلىش ئۈچۈن قەسەم بەردى. بىز نەتىجە ۋە شان - شەرەپنى كۆزلەپ ئۇلارنىڭ بىر كۈندىكى سەككىز سائەت دەرس ۋاقتىنى توققۇز سائەتكە كۆتۈردۇق، تەكرار ۋاقتىنى ئۇزارتتۇق، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتى قاتارلىق نومۇر بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى بولمىغان، قوشۇمچە پەن دەپ قارىلىدىغان دەرسلەرنى قىسقارتتۇق. بۇنداق ھالقىلىق چاغدا ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئانچە ئويلىشىپ كەتمىدۇق. قىلىۋاتقان قىلىقلىرىمىز ئۆزۈمگىمۇ كۈلكىلىك تۇيۇلدى، بىردە ئۆزۈمنى كاللامنىڭ سۈيى باردەك ھېس قىلسام، بىردە ئۆزۈمنى غەلىتە بىر دۇنيادا ياشاۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم. ئىمتىھاننىڭ قۇربانلىرىغا ئايلىنىپ كېتىۋاتقان ئاشۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىچارە ھالىتىگە ئىچىم ئاغرىدى، تەقدىرىدىن ئەندىشىلىك خىياللاردا بولدۇم. چۈنكى، مەن بۇ يولنىڭ ھامان قىسمەتكە تۇتىشىدىغانلىقىنى بىلىمەن.
فىنلاندىيە مائارىپى ئوقۇغۇچىلاردىن ئىمتىھان ئالمايمۇ «ئەڭ سەرخىل مائارىپ» شەرىپىگە ئېرىشەلىدى؟ چۈنكى، ئۇلار ئوقۇغۇچىلارنى باراۋەر ئۆگىنىش پۇرسىتى بىلەن تەمىن ئەتكەن، ئىمتىھاندىن ئازاد قىلىپ ئۆزلىرى ياقتۇرغان نەرسىلەرنى ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان ھەم ئۆگىنىشنى خۇشاللىق ئاتا قىلىدىغان ئىشقا ئايلاندۇرغان. بالىلارنىڭ ئىشتىھاسىغا ئاساسەن «تاماق» بېرەلىگەن، ئۆگىنىشنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئايلاندۇرغان. ئوقۇغۇچىلارغا كەڭ ئەركىنلىك بېرىلگەن بولۇپ، ئۇلاردا بىر كۈندە 7 - 8 سائەتلەپ سىنىپتا ئولتۇرىدىغان ئىش ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس. قايسى ۋاقىتتا دەرسكە كىرىش، قايسى مۇئەللىمنىڭ دەرسىنى ئاڭلاش ئوقۇغۇچىنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا ناھايىتى ئەركىن دەرس تاللاش ھوقۇقى بېرىلگەن. قىسقىسى، ئۇلار ئىمتىھان ئۈچۈن ئەمەس، ئۆزىگە كېرەكلىك نەرسىلەرگە ئېرىشىش، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۆگىنىشنىڭ مەقسىتىگە ئايلاندۇرغان.
* فىنلاندىيەنىڭ مائارىپقا مەسئۇل باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ «ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ۋە مەكتەپلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ياخشى، باھالاشنىڭ ھاجىتى يوق» دېگەن سۆزىدىن، فىنلاندىيەدە مەكتەپلەرگە قارىتا تۈرلۈك تەكشۈرۈش ۋە باھالاشلارنىڭ يوقنىڭ ئورنىدا ئىكەنلىكىنى، بىر - بىرىگە ئىشىنىدىغان سەمىمىي ئىجتىمائىي كەيپىياتنىڭ تۇرغۇزۇلغانلىقىنى ھېس قىلىشقا بولىدۇ. مېنىڭچە، نىيەت دۇرۇس بولمىغاندا، مەنپەئەتپەرەسلىك خاھىشى كۈچىيىپ كەتكەندە، ئالا كۆڭۈللۈك قۇتراپ تىل بىلەن دىل بىرلىكى يوقالغاندا، ۋۇجۇد يالغانچىلىق ئىللەتلىرى بىلەن يۇقۇملانغاندا، شۇنداقلا بۇ خىل كەيپىيات ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلانغاندا كىشىلەر بىر - بىرىگە، تۆۋەندىكىلەر يۇقىرىغا، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەنگە ئىشەنمەيدىغان ئەھۋال كېلىپچىقىدۇ. ھەقنى سۆزلىمەسلىك، ھەقىقەتنى سەپسەتىنىڭ كىيىمى بىلەن بېزەش، شۆھرەتپەرەسلىك، خۇشامەتچىلىك، ياخشىچاق بولۇش ئىدىيەلىرى شەكىلۋازلىق، ياسالمىلىق، ئالدامچىلىق ئىللەتلىرىنىڭ يامرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەتتە ساپالىق، پەزىلەتلىك كىشىلەر سەمىمىي كېلىدۇ، باشقىلارغا ئىشىنىدۇ، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىدۇ. لېكىن، ساپاسىز، پەزىلەتسىز كىشىلەر بۇ خىل سەمىمىيلىكنى نادانلىق، ئەخمەقلىق دەپ چۈشىنىپ قېلىپ، ئۇلارنىڭ بۇ خىل «ئاجىزلىقى»دىن پايدىلىنىپ قويمىچىلىق قىلىشنىڭ قەستىدە بولۇشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇنداقلار ئۆزىنىڭ ياغاچ قازان ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ، كۆز ئالدىدىكى ئازغىنا نەپنى دەپ چوڭ مەنپەئەتتىن زىيان تارتىدۇ، باشقىلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ. دېمەكچىمەنكى، ئۆزئارا ئىشىنىشتىن ئىبارەت ئىجتىمائىي كەيپىيات ساغلام جەمئىيەتنىڭ ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ. ئىشەنچسىزلىك بىر - بىرىگە نىسبەتەن نازارەتنى، ئېھتىيات قىلىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ.
بىزنىڭ مائارىپىمىزدا مەكتەپلەرگە قارىتىلغان تەكشۈرۈشلەر زىيادە كۆپ. بىر قىسىم مەكتەپ رەھبەرلىرى يۇقىرىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇشلارغا «ئىجادىي ئىش قوشۇپ»، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئەسلىي چېكىت بىلەن ئاخىرلاشقان جۈملە تۆۋەنگە چۈشكەنسېرى ئۈندەشلىك جۈملىگە ئايلىنىدۇ، داۋرىڭى ۋە داغدۇغىسىمۇ شۇنچە كۈچىيىپ بارىدۇ. شۇڭا، بىزنىڭ ھازىرقى مائارىپىمىز يەنە بىر جەھەتتىن «تەكشۈرۈشلەرگە تاقابىل تۇرۇش» مائارىپىغا ئايلىنىپ قالماقتا. تەكشۈرۈش زىيادە كۆپ، باھالاش مەزمۇنلىرى زىيادە ئىنچىكە، ئورۇنلاشتۇرۇشلار قاتمۇقات بولۇپ كەتسە، مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دىققەت - ئېتىبارى تەبىئىي ھالدا تەكشۈرۈشتىن قانداق ئۆتۈش مەسىلىسىگە مەركەزلىشىدۇ. ئەگەر تەكشۈرۈش ساغلام يۆنىلىشتە ئېلىپ بېرىلمىسا، تەكشۈرۈش مەزمۇنلىرى ماھىيەتلىك مەسىلىلەرگە قارىتىلمىسا، ئۇسۇل توغرا بولمىسا، تەكشۈرۈشنىڭ يېتەكلەش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش، قوزغىتىش رولى بولمىسا، تەكشۈرۈش ۋە باھالاشتا چىرىكلىشىش ھادىسىلىرى كېلىپچىقسا، بۇنداق تەكشۈرۈشنىڭ ئۈنۈمى بولمايلا قالماي، خىزمەتلەرگە پاسسىپ تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. يەنى تەكشۈرۈشكە قارىتا بىر توقاي ساختا  ماتېرىياللارنى تەييارلاشقا، مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار ئىشلارنى سۈنئىي ئورۇنلاشتۇرۇشقا، ساختا مۇھىت يارىتىشقا توغرا كېلىدۇ. بىلىپ تۇرۇپ پايدىسى يوق، ئۈنۈمسىز ئىشلارنى قىلىش، كۆزنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ يالغاننى راست كۆرسىتىش، ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ ئالداش دۇنيادا ئادەمنى ئەڭ چارچىتىدىغان ئىش ھېسابلىنىدۇ. دېمەك، «تەكشۈرۈشلەرگە تاقابىل تۇرۇش» دېگەنلىك شەكىلۋازلىق قىلىش، «ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ» دېگەندىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇنداق ئەھۋالدا ئېغىزدىكى گەپلەرنىڭ شېرىنلىكى ۋە دەبدەبىسىگە بىرنېمە توغرا كەلمەيدۇ، لېكىن ھەرىكەتتىكى ساختىلىققا چىداپ تۇرغىلى بولمايدۇ، يەنى گەپ باشقا، ھەرىكەت باشقا بولىدۇ. دىققەتنى كەسىپكە، قىلىشقا تېگىشلىك زۆرۈر ۋە ماھىيەتلىك ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرگىلى بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن خىزمەتلەر شەكىل تۈسىنى ئېلىشقا باشلايدۇ، نەتىجىدە، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش شوئارغا ئايلىنىپ قالىدۇ. شەكىلۋازلىق ئەۋج ئالغاندا سەمىمىي ۋە سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلىدىغانلار كۆپىنچە زىيان تارتقۇچىلارغا ئايلىنىپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارمۇ ئاستا - ئاستا شەكىلۋازلىق يولىنى تۇتىدۇ.
شيا جۈننىڭ «كەلكۈن» ناملىق قىسقا فېليەتونىدا: ئا، ب ئىككى ناھىيەنىڭ ھاكىمى بىرلا ۋاقىتتا ۋەزىپىگە قويۇلىدۇ. ئا ناھىيەنىڭ ھاكىمى ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىشلەپ، يازدىكى كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ب ناھىيەنىڭ ھاكىمى سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارمىغاچقا، يازدا كەلگەن كەلكۈن ناھىيەنىڭ ھەممە ئەتراپىغا يامرايدۇ. مۇخبىرلار ئاپەت بولغان ناھىيەگە يېتىپ كېلىپ، ھاكىمنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جان پىدالىق بىلەن ئىشلەۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھاكىمنىڭ نامى يېقىن - يىراقلارغا تارىلىپ، نەچچە ئايدىن كېيىن شەھەر باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلىدۇ. ئا ناھىيەنىڭ ھاكىمى بۇ ئىشنىڭ تېگىنى ئويلاپ يەتكەندىن كېيىن، سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى بىلەن كارى بولماي كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىشنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈشكە باشلايدۇ. بۇ مىكرو فېليەتون ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان، بىر قىسىم باشلىقلارنىڭ نۇرغۇن پۇلغا كۆچەت سېتىۋېلىپ، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ شەكىل ئۈچۈن كۆكەرتىش ئېلىپ بارىدىغان، تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈۋالغاندىن كېيىن پەرۋىش بىلەن كارى بولمايدىغان؛ بىر قىسىم ئەمەلدارلارنىڭ يېنىنى چىڭداش ئۈچۈن ئارتۇقتىن ئارتۇق تەكرار قۇرۇلۇش ئېلىپ بارىدىغان؛ يۇقىرىغا يالغان مەلۇمات يوللايدىغان، تەكشۈرۈشتە ئەمەلىيەتكە قارىماي ئارخىپتىكى ماتېرىياللارنى ئاساس قىلىدىغان، بوياقچىلىق قىلغانلار نەپ ئالىدىغان، قاپاق پۇل ئەمەس، باراڭ پۇل بولىدىغان بىر قاتار شەكىلۋازلىقلارنى ئېسىمىزگە سالىدۇ. ئەگەر بىر ئادەمنىڭ تۆھپىسى لىللا باھالانمىغاندا، ھەقىقىي ئىشلىگەن بىر چەتتە قايرىلىپ قېلىپ شەكىلۋازلىق قىلغىنى مەنپەئەتكە ئېرىشسە، كىمنىڭمۇ جان - دىل بىلەن ئىشلەۋېرىشكە رايى بارسۇن؟ مۇبادا بىر ئەمەلدارنىڭ ئالدىدا پۇقرانىڭ قىممىتى بولمىسا، مەنپەئەتى ھېچنېمىگە ئەرزىمىسە، پۇقرا بىلەن ئەمەلدار ئوتتۇرىسىدا دۈشمەنلىشىش كەيپىياتى شەكىللىنىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش شەكىلۋازلىق، چىرىكلىشىش ئىللەتلىرى خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنچىسىنى سۇسلاشتۇرىدۇ.        
لى خۇييىڭنىڭ «ھۆكۈمەت مەخپىيەتلىكىنى كىم ئاشكارىلىدى» ناملىق فېليەتونىدا: پىلتە قۇيماق ساتىدىغان، قىلچە ساۋاتى يوق خۇ بوۋاي، خۇددى موللا تاپقاق ئاخۇنۇمدەك، يۇقىرىدىن ناھىيەگە قانداق باشلىقلارنىڭ نېمە مەقسەتتە  كېلىدىغانلىقىنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن بىلىۋېلىپلا قالماي، يەنە قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنىمۇ خېرىدارلىرىغا ئالدىن ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ. بوۋاي ھەر قېتىم ئىشلارنى شۇنداق توغرا پەرەز قىلغاچقا جۇ ھاكىم بۇ مەخپىيەتلىكلەرنى زادى كىمنىڭ ئاشكارىلايدىغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلىدۇ، ھەتتا ج خ خادىملىرىنى بوۋاينى نازارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. خۇددى يامغۇر يېغىشتىن، دېڭىز تاشقىنى يۈز بېرىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ئىپادىلىرى ئالدىن كۆرۈلگىنىدەك، گەرچە بىرى خۇ بوۋايغا بۇ ھەقتە خەۋەر يەتكۈزمىسىمۇ، لېكىن ئۇ ئەتراپىدىكى كىچىك ئۆزگىرىشلەردىن، بەلگە ۋە ئىپادىلەردىن «مەخپىيەتلىك»نى ئالدىن بىلىۋالالايدۇ. ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بوۋايدىن، ناھىيەگە ئۆلكىلىك يۇقىرى سوت مەھكىمىسىدىن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ كېلىدىغانلىق ئەھۋالىدىن قانداق خەۋەر تاپقانلىقىنى سورىغاندا، خۇ بوۋاي «بۇ ئىش تولىمۇ ئاددىي، قوشنامنىڭ بىر دېلوسىنى ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسى بېجىرمەي كەينىگە سۆرەپ كېلىۋاتقانلىقىغا سەككىز يىل بولغانىدى، لېكىن نەچچە كۈن ئىلگىرى دېلو بېجىرىدىغان سودىيە تۇيۇقسىزلا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوشنامنى يوقلاپ كېلىپ، كۈلۈمسىرىگەن ھالدا ھال - ئەھۋال سوراپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە دېلونى دەرھال ھەل قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا قايتا-قايتا ۋەدە بېرىپتۇ، مانا بۇنىڭدىن يۇقىرىدىن ئادەم كېلىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ خەلقنىڭ يۇقىرىغا ئەرز قىلىشىدىن قورققانلىقى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرمامدۇ!» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. جۇ ھاكىم خۇ بوۋايدىن يۇقىرىدىن چوڭ باشلىق كېلىدىغانلىقىنى، سانىنىڭ تۆت ئىكەنلىكىنى قانداق ئۇققانلىقىنى سورىغاندا، بوۋاي كۈلۈپ تۇرۇپ: «بۇ قانچىلىك ئىشتى؟ مەن ئەتىگەن ئىشقا چىققاندا، يولدا چارلىغۇچى قوراللىق ساقچىلارنىڭ كۆپىيىپ قالغانلىقىنى، ھۆكۈمەت مېھمانخانىسىدىكى ئامانلىق ساقلىغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قولىغا ئاق پەلەي تاقاپ، كۈچلۈك دۈشمەنگە دۇچ كەلگەندەك قىياپەتتە تۇرغانلىقىنى كۆردۈم، بۇنداق بولغاندىكىن چوقۇم يۇقىرىدىن ئادەم كېلىدۇ دېگەن گەپ. ئاندىن كېيىن ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا قارىسام، شۇجى بىلەن ھاكىمنىڭ ماشىنىسى بۇلۇڭغا توختىتىپ قويۇلۇپتۇ، بۇنداق بولغاندىكىن چوقۇم ئۇلاردىن چوڭ باشلىقلار كېلىدۇ دېگەن گەپ. يەنە ئىنچىكىلەپ قارىسام شۇجى بىلەن ھاكىمنىڭ ماشىنىسى 5 -، 6 - نومۇرلۇق ئورۇندا تۇرۇپتۇ، بۇ يۇقىرىدىن تۆت رەھبەرنىڭ كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئىشىنەمسىز، ئەمەلدارلار بىز پۇقرالارغا ئوخشىمايدۇ، ھاجەتخانىغا بېرىشتىمۇ دەرىجىگە قاراپ ئىلگىرى - كېيىنلىك تەرتىپى بويىچە بارىدۇ!» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ھاكىم بۇ گەپلەردىن ھاڭ - تاڭ قالىدۇ ۋە قۇلاقلىرىغىچە قىزىرىپ كېتىدۇ. ئاپتور بۇ قىسقا فېليەتونىدا جەمئىيەتنىڭ شەكىلۋازلىقتىن ئىبارەت يۇقۇملۇق ۋىرۇس بىلەن ئېغىر دەرىجىدە يۇقۇملانغانلىقىنى ناھايىتى ئىخچام ھەم ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. مەخپىيەتلىكى خېلى يۇقىرى ئىشلارنى قىلچە ساۋاتى يوق خۇ ئۇستام بىلىپ قېلىۋاتقان يەردە، ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان ئوچۇق - ئاشكارا شەكىلۋازلىق، ياسالمىلىق، يالغانچىلىقلارنى كىم بىلمەيدۇ دەيسىز؟ بەزىلەر بۇنداق ئىشلارغا قايناپ ھارغاچقا، ھازىرقى نۇرغۇن كىشىلەر خۇپسەن، پاڭ بولۇۋېلىشقان، خالاس.
2014- يىلى مەركەز ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجىنى، دەۋرنىڭ تەقەززاسىنى چىقىش قىلىپ ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق، راھەتپەرەسلىك، ئىسراپخورلۇقتىن ئىبارەت تۆت خىل ناچار ئىستىلنى تۈگىتىش، پاك - دىيانەتلىك بولۇپ ئەمەلىي ئىش قىلىش ئاساسىدا ئاممىۋى ئاساسنى مۇستەھكەملەشنى مەقسەت قىلغان پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشەن تەربىيە ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇردى. مۇشۇنداق قىلىش يېڭى مەزگىلدە پارتىيەنىڭ كادىرلار قوشۇنىدا ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئوبيېكتىپ ئېھتىياجى ئىدى. ئەسلىدە، رەھبىرىي كادىرلارغا قارىتىلغان بۇ پائالىيەت كېيىنچە ئادەتتىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەردىن تارتىپ ئوقۇغۇچىلارغىچە كەڭ قانات يايدۇرۇلدى. بولۇپمۇ مۇئاۋىن بۆلۈم دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلار باسقۇچلاردىن ئۈنۈملۈك ئۆتۈش، ماتېرىيالىنى تەلەپكە لايىق يېزىش ئۈچۈن سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش ماتېرىيالىنى ئون نەچچە، يىگىرمە نەچچە قېتىملاپ تۈزەتتى، نۇرغۇن ئۆگىنىشلەرنى ئېلىپ باردى. بۇ جەرياندا قىسمەن ئورۇنلار شەكىلۋازلىققا قارشى تۇرۇۋېتىپ يەنىلا شەكىلۋازلىق كوچىسىغا كىرىپ قالدى. قارىغاندا، ئىللەت قانغا ئۆتۈپ بولغاندا ئۇنى تازىلاش بەسىي مۈشكۈل بولسا كېرەك.
مەن مۇشۇ چاغقىچە ئۆزىنىڭ ۋاقتىغا ئۆزى ئىگە بولىدىغان، بىر - بىرىگە ئىشەنچ بىلەن باقىدىغان، ھەربىر ئادەم ئۆز خىزمىتىگە مەسئۇلىيەتچان مۇئامىلىدە بولىدىغان، ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىپ كۆڭۈل ئازادىلىك بىلەن ئىشلەيدىغان خىزمەت مۇھىتىغا زارىقىپ كەلدىم. بېسىم بولمىغان تىنچ مۇھىتتا خىزمەت ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ، ئادەتتە ئۈچ سائەتتە تاماملايدىغان ئىشنى بىر سائەتتە قىلىۋەتكىلى بولىدۇ. كونىلار «ئادەم كۆپ جايدا ئېشەك ھارام» دېگەندەك، ئادەم توپلاشقان يەردە قۇرۇق گەپ ۋە غەيۋەت - شىكايەت كۆپ بولىدۇ، ئىشمۇ ئانچە ئاقمايدۇ. بۇ تەرەپلەرنى ئويلىسام ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا ھەۋىسىم كېلىدۇ. بىراق، ھازىرقى ئەھۋالىمىزدا يەنىلا تۈزۈمگە، تەكشۈرۈشلەرگە تايانماي تۇرۇپ بىر مەكتەپنى بىماللال تۇتۇپ تۇرغىلى بولمايدۇ. ئەگەر يوقلىما تۈزۈمى، ئىمتىھان، تاپشۇرۇق تۈزۈملىرى يوق قىلىنسا، پىلان تۈزۈش ۋە دەرس ئۆتۈشكە نىسبەتەن تەلەپ قويۇلمىسا قانداق ئەھۋاللارنىڭ كېلىپچىقىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان. چۈنكى، بىزدە ئۇ دەرىجىدە ئاڭلىقلىق شەكىللەنمىدى. ئاڭلىق دېگەنلىك ئۆز ئىشىنى ئۆزى تېپىپ قىلىدىغان تەشەببۇسكار روھتۇر. بۇ خىل روھ شەكىللەنمىگەن ئەھۋالدا تۈزۈم ئادەمنى باشقۇرىدىغان ۋاسىتىگە ئايلىنىدۇ، خالاس. (05)  مەسئۇل مۇھەررىرى : تاھىرخالىق
نەقىل مەنبەلىرى:
ئىمىنجان كېرىم ئاقشەھىرى: «موھتاجلىق كىرىزىسىدىن ھاسىلاتلار»، «شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلى، 2014 - يىلى 7-، 8 - قوشما سان، 94 - بەت.
شيا جۈن: «كەلكۈن»، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى، 2012 - يىلى 6 - سان.
لى خۇييىڭ: «ھۆكۈمەت مەخپىيەتلىكىنى كىم ئاشكارىلىدى»، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى، 2015 - يىلى 1 - سان.


ئالاھىدە ئەسكەرتىش: تېما يوللىغۇچىنىڭ رۇخسىتىسىز باشقا ھەرقانداق تور بېكەت ۋە ئۈندىدار سۇپىسىغا يوللاشقا بولمايدۇ ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ !
uyghuray

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

13

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   37.61%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1956
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 6055
توردىكى ۋاقتى: 1615
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-12 01:05:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇيازما بەكلا ئەتراپلىق يېزىلىپتۇ. يازغۇچى يازمىدا رىئاللىقتىكى ھەققىي ئىشلارنى يۇرۇتۇپ بېرىپتۇ.

1

تېما

15

دوست

932

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   86.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36447
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 274
توردىكى ۋاقتى: 27
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-12 12:08:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەققىيقى ئەھۋاللار   بۇ  قاچان   تۈزىلەار  بۇ مائارىپىمىز..،  

1

تېما

0

دوست

3423

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   47.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1627
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 65
تۆھپە : 1056
توردىكى ۋاقتى: 319
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-12 12:32:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىمتاھان ئالماي باقسۇن، قايسى بىرىڭلار يەنە ئۈگىنىش قىلىدىكەنسىلەر ماۋۇ جۇڭگۇچىلىقتا.
uyghuray

0

تېما

1

دوست

650

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   30%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26435
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 208
توردىكى ۋاقتى: 40
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-12 12:43:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
cooloff يوللىغان ۋاقتى  2015-12-12 12:32
ئىمتاھان ئالماي باقسۇن، قايسى بىرىڭلار يەنە ئۈگىنىش ق ...

مەن ئۆگىنىش قىلىمەن
ئىمتىھاننىمۇ ئېلىش كېرەك ئەمما ئىمتىھان ئاساسىي مەقسەت بولۇپ قالغان جەمئىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ، ئىلگىرلەش بولمايدۇ . ھەممە ئۆز ئورنىنى تۇتقان مائارىپ ئاندىن يۈكسىلىدۇ .

0

تېما

0

دوست

1345

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   34.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43724
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 414
توردىكى ۋاقتى: 84
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-12 15:56:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچىلاردىن  يىلدا بىر ئېلىنىدىغان ئىنتىھانغا تەييارلىق قىلىش ،يۇقىردىكىلەرنىڭ خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈش ئالدىدىكى تەييارلىقلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى بىزنىڭ يۇرتتا ئىنتىھان ئالمىسا ھېچكىم ئۆزىنىڭ كەسپى ساپاسى ئۈچۈن ،تەكشۈرۈش ئۈمىگى كەلمىسە خىزمىتىدىكى كەم جاينى تۇلۇقلاش ئۈچۈن ئىشلىمىسە كېرەك. لېكىن ئويلاپ باقسام  قوللۇنۇشچانلىقى بولغان ھۈنەر ،كەسىپنىڭ ،بىلىمنىڭ ئادەمنىڭ ئىسىدىن كۆتىرىلمەيدىكەن.ماتىماتىكىدىكى تۆت ئەمەل ،ئوقۇش يېزىش ،مېڭىش،تۇرۇش قاتارلىقلارنى  پەقەت ئۇنتتۇپ قالمىدىم،ئۆزەمچە.

0

تېما

5

دوست

2468

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   15.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32550
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 752
توردىكى ۋاقتى: 277
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-12 15:57:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلار!  مەن يانفۇنۇمدا تىما  يېزىپ يوللىسام، ماۋزۇ ياكى مەزمۇن كىرگۈزمىدىڭىز دەپلا  تۇرۋالدى. بىلىدىغانلار ياردەم قىلساڭلا.

21

تېما

43

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   25.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 2034
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 47
تۆھپە : 6066
توردىكى ۋاقتى: 2506
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-12 16:15:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Heqqani يوللىغان ۋاقتى  2015-12-12 12:43
مەن ئۆگىنىش قىلىمەن  
ئىمتىھاننىمۇ ئېلىش كېرەك ئەم ...

  شۇنداق بۇپ قىلىۋاتىدۇ، دۆلىتىڭىزدە خەقنىڭكىدىن ياخشىسى بولسىمۇ يەنە چەتنىڭ تېخنىكىسىنى كىرگۈزگەنلەر غادىيىپراق تۇرىدۇ. خۇددى لىونسىونىڭ خۇجىدارى فىرانسېسكو ئاندىرىسنىڭ ئالدىدا تۇرغاندەك. يەنە باشقا خەۋەرلەردىمۇ چىقىۋاتىدۇ دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن 150سوملۇق مالغا چەتنىڭ ماركىسىنى چاپلاپ قويسا ئالايتەن چەتكە چىقىپ 10000سومدىن ئەكىرۋاتقىنىنى...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )