توردىكى بۇ خىل ئالدامچىلىقتىن ئەزەر ئەيلەڭ تور سودىسىنىڭ كۈندىن كۈنگە تەرەققى قىلشىغا ئەگىشىپ تور ئالدامچىللىرىنىڭمۇ ئالدامچىلىق سەۋىيىسى يۇقىرى كۈتۈرلۈپ ئالدامچىلىق شەكلىمۇ بارغانسىرى تەرەققى قىلماقتا بۇ تىما ئالدامچىلىقنىڭ تىپىك بىر شەكلى سۈپىتىدە تورداشلارنىڭ ھۈزۈرىغا سۇنۇلدى. ئىستمالچىلارنىڭ بۇ خىل ئالدامچىلىق ياكى باشقا تۈردىكى ئالدامچىلىقتىن ساقلىنىپ مال مۈلكى ۋە ئىختىسادىنىڭ زىيانغا ئۇچراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئالاھىدە دىققەت قىلشىڭلارنى ئەسكەرتىمىز 12-ئاينىڭ 13-كۈنى ئەتىگەن سائەت 10 ئەتراپىدا قەشقەر شەھىرىدىن مەلۇم بىر قېرىندىشىمىز ئىشخانىغا بىر ئىشتىن مەسلىھەت سۇراپ تىلفۇن قىپتۇ مەسلىھەت مەزمۇنى : 10-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەتىگەن يان تىلغۇنىغا تاوباۋ تورى نامىدىن بىر دانە قىسقا ئۇچۇر تاپشۇرۋالغان ئۇچۇر مەزمۇنى: سىز تاۋباۋ تورىنىڭ مۇكاپاتلىق چەك تارتىش پائاليىتىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئىرىشتىڭىز، تەكشۈرۈش نۇمۇرىڭىز 2668 ، تور ئادىرسى : tdcvv.com
قىسقا ئۇچۇرنى تاپشۇرۋېلىپ دەرھال تور ئادىرسىنى ئاچقان ئاندىن مۇناسىۋاتلىك ئۇرۇنلارنى تولدۇرغان، تولدۇرۇش جەريانىدا تاۋباۋ ھىساۋات نۇمۇرى ئارقىلىق تىزىملىتىش تەلەپ قىلىنغان لىكىن مەخپى نۇمۇر كىرگۈزۈش تەلەپ قىلىنمىغان، تىزىملىتىش جەريانىدا تۈۋەندىكىدەك كىلشىمنامە چىققان ، ئاخىرلىشىپ ئەڭ ئاخىردا 180 مىڭ يۈەنلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكەنلىكى توغرىسىدا ئۇچۇر چىقىپ 6مىڭ يۈەن رەسمىيەت ھەققى تۈلەيدىغانلىقىنى ئەسەرىتكەن لىكىن قېرىندىشىمىز رەسمىيەت ھەققىنى تۆلەشنى رەت قىلىپ تور بىكەتتىن چىكىنىپ چىقىپ كەتكەن ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كىيىن ئىچكىرنىڭ نۇمۇرىدىن ئۇ قېرىندىشىمىزغا تىلفۇن كەلگەن ۋە ئۈزىنىڭ تاۋباۋ تورىنىڭ مۇلازىمەتچىسى ئىكەنلىكىنى قېرىندىشىمىزنىڭ پائاليەتكە قاتناشقان ئەمما رەسمىيەت ھەققىنى تۆلىمىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ دەرھال رەسمىيەت ھەققىنى تۆلىۋىتىشىنى ئەسكەرىتكەن. ھىېلقى قېرىندىشىمىز بۇ پائاليەتكە قاتناشمايدىغانلىقىنى ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى دىگەن . لىكىن ئۈزىنى تاۋباۋنىڭ مۇلازىمەتچىسى ئاتىۋالغان ھېلقى خەنزۇ پائاليەتتىن ۋاز كىچىشكە بولمايدىغانلىقى ، قېرىندىشىمىزنىڭ كىلشىمنامىگە قۇشۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئەگەر رەسمىيەت ھەققىنى تۆلىمىسە خەلىق سوت مەھكىمىسىگە ئەرىز قىلدىغانلىقىنى ، ئەرىز قىلسا خەلىق سوت مەھكىمىسىنىڭ 180مىڭ يۈەن جەرىمانە ئالغاندىن باشقا 5يىلدىن يۇقىرى15 يىلدىن تۈۋەن قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلدىغانلىقىنى دەپ ئۇ قېرىندىشىمىزغا قوقاق سالغان. قېرىندىشىمىز ئەرىز قىلساڭ قىل دەپ تىلفۇننى قۇيۋەتكەن. ئەتىسى يەنە بېيجىڭنىڭ رايۇن نۇمۇرى بار بىر تىلفۇندىن تىلفۇن كەلگەن، تىلفۇندا تىلفۇن ئۇرغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك خەلىق سوت مەھكىمىسىندىن ئىكەنلىكى قاتارلىق بىر قاتار قانۇن تەرتىپلەرنى ئېيتىپ تاۋباۋ تورىنىڭ ئۇ قېرىندىشىمىز ئۈستىدىن ئەرىز قىلغانلىقى ھازىر دىلو تۇرغۇزۇلۋاتقانلىقى ئېيىتقان. ئۇ قېرىندىشىمىز مىنى ئاۋارە قىلماڭلار مەن ئۇنداق پائاليەتكە قاتناشمايدىغانلىقىنى دىگەن . تىلفۇن ئۇرغۇچى سەن كىلشىمگە قۇشۇلۇپتىكەنسەن، ئاراڭلاردا ئاللىبۇرۇن توختام ئىمزالىنىپ بۇپتۇ ئەمدى توختامغا خىلاپلىق قىلساڭ قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلسەن دەپ قورقۇتقان ۋە دەرھال رەسمىيەت ھەققىنى تۆلىسە دىلو تۇرغۇزمايدىغانلىقى مۇرەسسە قىلىپ چىرايلىق ئاخىرلاشتۇردىغانلىقىنى دىگەن ئۇ قېرىندىشىمىز كەينى كەينىدىن كەلگەن تىلفۇنلاردىن بىز خەلىق سوت مەھكىمىسىدىن ، سىنى تاۋباۋ تورى ئەرىز قىلدى ، تاۋباۋنىڭ كۈچى زور سىنى ئەرىز قىلىپ سولتىۋىتىشكە كۈچى يىتىدۇ، نۇرغۇن جەرىمانە تۆلەيسەن دىگەندەك گەپلەردىن تەشۋىشلىنىپ قالغان بۇ قېرىندىشىمىز مەن راس كىلشىمگە قۇشۇلغان مىنى راس ئەرىز قىلغانمىدۇ، مەن ئۈچۈن سوت مەھكىمىسى دىلو تۇرغۇزغانمىدۇ دەپ ئەنسىزچىلىك ئىچىدە تەشۋىشلىنىپ قېلىپ بىزدىن مەسلىھەت سۇراپ تىلفۇن قىپتۇ . بىز ئەھۋالدىن خەۋەردار بولغاندىن كىيىن تاۋباۋ تورى بىلەن ئالاقىلشىپ مۇشۇنداق پائاليەتنىڭ بار يوقلىقىنى سۈرۈشتۇردۇق . تاۋباۋ تورى ئۇنداق پائاليەتنىڭ يوقلىنى بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئالدامچىلىقنىڭ كۈپىيىپ قالغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىنىڭ ئىشلىنۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىدى. بىز ھېلقى قېرىندىشىمىزغا ئەھۋالنى ئېيتىپ خاتىرجەم قىلدۇق مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئالدامچىلىق شەكلى كۈپىيىپ خەلقىمىزنىڭ ئاق كۈڭۈللىكى ، ساددىلىقى ، تورغا بولغان كەسپى بىلىمىنىڭ تۈۋەنلىكىدىن پايدىلنىپ ئالدامچىلىق ھەركىتى ئېلىپ بېرۋاتىدۇ نىمە ئۈچۈن بىكادىنلا بىز 180 مىڭ يۈەنلىك مۇكاپاتقا ئىرشىپ قالىمىز؟ نىمە ئۈچۈن چىققان مۇكاپاتقا 6مىڭ يۈەن رەسمىيەت ھەققى تۆلەيمىز ؟ بۇپتۇ مۇكاپاتمۇ چىقسۇن رەسمىيەت ھەققىنى شۇ چىققان مۇكاپاتتىن تۇتۇپ قېلىپ ئاشقىننى بەرسە بولىدىغۇ ؟ بىز نىمىشقا مەن تاۋباۋ تورىنىڭ مۇلازىمەتچىسى ياكى مەن بېيجىڭ شەھەرلىك خەلىق سوت مەھكىمىسىدىن دەپ قويسىلا ئىشەنگۈدەكمىز؟ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن سۇئاللار شەكىللىنۋاتقان شارائىتتا يەنە ئالدىنىپ قالساق بىزدىنمۇ دۆت ئادەم بولماس ؟ شۇڭا ھۇششارلىقىمىزنى ئۆستۈرۈپ ئالدامچىلارغا پۇرسەت بەمەسلىكىمىز كىرەك تورداشلارنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللارغا ئوچراپ ئالدىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مەزكۇر تىما ئارقىلىق ئورتاقلاشتۇق تۈۋەندە ئالدامچىلارنىڭ تور بىكەت كۈرۈنمە يۈز رەسىملىرىدىن بىر قانچە پارچە يوللىدۇق كۈرۈپ بېقىڭ
مەزكۇر تور بىكەت تاۋباۋ تورى تەرپىدىن تاقىتىۋىتلدى (tdcvv.com)
تورتاۋار سودا تورى شۇنى ئەسكەرتىدۇ ! تورغا بولغان ھۇشيارلىقىڭىزنى ئۆستۈرۈپ ئالدىنىڭ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
|