قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 2091|ئىنكاس: 15

قەيسەر مىجىت: E Pluribus Unum-يىلتىزىمىز بىر!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

120

تېما

37

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   14.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 64
مۇنبەر پۇلى: 1012
تۆھپە : 5611
توردىكى ۋاقتى: 336
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-21

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا تېما ماھىرى نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2015-12-14 08:50:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئامىرىكا  پرەزىدېنتى باراك ئوباما ئۆزىنىڭ تۇنجى سايلام رىقابىتىدە  "ئې پلۇرىبۇس ئۇنۇم"  يەنى "يىلتىزىمىز بىر" شۇئارى بىلەن ئامىرىكا سايلىمىدا ئوخشىمىغان ئېرق، ئىتىقاد ۋە ئىجتىمائى ، ئىقتىسادى قاتلامدىكى كۆپ سانلىق ئاممىنىڭ قوللىشىغا ئىرىشىپ ئامىرىكىغا ئىككى نۆۋەت پرەزىدېنت بولۇپ سايلاندى. دىمەك بۇ ئامىرىكىدا يەنىلا كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ، ئېرقچى، "مەنلا ياخشى، بىز باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرىمىز" دەپ قارايدىغان ۋە شۇ بويىچە ياشايدىغايدىغان جاھىل كىشىلەردىن كۆپلىگىنى چۈشەندۇرىدۇ.
   نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئىشلارنىڭ مۇرەككەپلىگى ئادەمنى ئويغا ھەم تەشۋىشكە سالىدۇ. دۇنيادا يۈز بىرىۋاتقان ئىشلارنىڭ تەسىرىدە ئامېرىدىكىمۇ بەزى كىشىلەردە مۇسۇلمانلارغا بىر تەرەپلىمە قاراش شەكىللىنىپ قىلىۋاتىدۇ. لىكىن ئامېرىكىنىڭ سىياسونلىرى ئۇنچە دۆت ئەمەس. ئۇلار ئۆزىنىڭ يۈزىگە ئۆزى شاپىلاق سالىدىغان ئىشنى ئالدىراپ قىلمايدۇ. ئامىرىكا تارىخىدا مۇسۇلمانلارغا قارىتا نىسبەتەن چوڭقۇر ھىسسىيات بىلەن مۇئامىلە تۇتقان ۋە ئۇلارنىڭ ئورنىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن كۈچىگەن پرەزىدېنت مىنىڭ نەزىرىمدە - دەل باراك ئوبامادۇر.
    مانا بۇنىڭ جانلىق مىسالى مۇنۇ ھىكايىدە ئەكس ئىتىدۇ، بەلكىم باشقا ئادەم پرەزىدېنت بولغان بولسا بۇنداق قىلماسلىغى مۇمكىن ئىدى.:

‏************************
‏   تېكساستىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئەھمەد مۇھەممەد ئىسىملىك 14 ياشلىق ئۆسمۈر تېخنىكىغا ھېرىسمەن بولۇپ ئۆزى بىر قوڭغۇراقلىق سائەت ياساپ مەكتەپكە ئىلىپ بارغىنىدا دەرس ۋاقتىدا بۇ سائەتنىڭ سايراپ كىتىشى ۋە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ سائەتنى بومبا دەپ ئويلاپ ساقچى چاقىرىشى بىلەن بەش ساقچى مەكتەپكە كىلىپ ئۇنىڭ قولىغا كويزا سىلىپ سوراق قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ بۇ ئۆسمۈرنىڭ ئىجادىيىتى ئىكەنلىگىنى بىلگەندىن كىيىن ئەھمەد قويۇپ بىرىلىدۇ. بۇ ئىش ئامېرىكىنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىدە ئىككى كۈن بولدى خەۋەر قىلىنغىنى...
‏   ئادەمنىڭ ئىسمى، ئېرقى ۋە دىنى ئىتىقادىغا قاراپ گۇمان بىلەن مۇئامىلە قىلىش-كەمسىتىشتۇر. بۇ ئامېرىكا ئۆزى تەشەببۇس قىلىۋاتقان پىرىنسىپلارغا خىلاپتۇر....خەۋەر تارقالغاندىن كىيىن جەمىيەتتە غۇلغۇلا قوزغىدى، داڭلىق شىركەتلەر، كارخانىچىلار ئەھمەد ئوقۇشنى ئارزۇ قىلغان ماسساچۇست تېخنىكا ئىنىستىتۇتى ۋە ھەتتا پرېزدىنت ئوبامامۇ ئۇنى قوللىدى. تۆۋەندىكىسى ئوبامانىڭ ئەھمەدكە ئەۋەتكەن تېۋىتتىر خېتى، ئۇنىڭ سۆزىدىن نېمە مەنا چىقىدىغانلىغىنى ئۆزۈڭلار بىلىۋالىسلەر!
‏   «قالتىس سائەت ئىكەن، ئەھمەد، ئاق سارايغا ئىلىپ كىلەمسەن؟ بىز ساڭا ئوخشاش نۇرغۇن ئۆسمۈرلەرنىڭ پەن-تېخنىكىنى سۆيۈشىگە ئىلھام بىرىشىمىز كىرەك. مانا بۇ-ئامىرىكىنى بۈيۈك قىلىدۇ!»
‏   پرېزدىنت ئوبامانىڭ بۇ سۆزى ئېرقچىلەرگە سىلىنغان تەستەك!
‏   نەتىجىدە سۇدانلىق مۇسۇلماننىڭ پۇشتى بولغان ئەھمەد ئاقسارايغا تەكلىپ قىلىندى، ماسساچۇست تېخنىكا ئىنستىتوتى ھەم ئۇنى زىيارەتكە تەكلىپ قىلدى.دىمەك، بەزىدە يامان كۆرۈنگەن نەرسە ئويلىمىغاندىن ياخشى بوپ چىقىدۇ.
‏******************************************************
   ئې پلۇرىبۇس ئۇنۇم (كۆپ خىللىقنىڭ يىلتىزىدە بىر خىللىق ياكى يىلتىزىمىز بىردۇر) دىگەن بۇ ھىكمەتتىن تارىختا ئۈنۈملۈك پايدىلانغان كىشى بەلكىم باراك ئوباما بولسا كىرەك.
   ئافرىقىلىق قارا تەنلىك مۇسۇلمان پۇشتىدىن بولغان باراك ئوباما ئەپەندىنىڭ 2008-يىلى ئامېرىكىنىڭ 44-نۆۋەتلىك پرەزىدىنتى بولۇپ سايلىنىشى ئامېرىكا سايلام تارىخىدىكى مۆجىزە بولۇپلا قالماستىن ئامىرىكا تارىخى ۋە سىياسىتىدىكىمۇ چوڭ بىر ۋەقەدۇر.
   ئاق تەنلىك كۆچمەنلەر قۇرۇپ چىققان زامانىۋى ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ ئاساسى قانۇنىغا گەرچە "ھەممە ئادەم باراۋەر يارىتىلغان" دەيدىغان يۈكسەك ئىلاھى ئىدىيە يىزىلغان بولسىمۇ ئەمما بۇ ئىدىيەنىڭ رېئاللىقتا ئۆز ئىپادىسىنى ھازىرغىچە تاپالمىغىنى راست، چۇنكى ئامىرىكىدا ئىرقى كەمسىتىش يەنىلا مەۋجۇت. ئەمما ئامېرىكا خەلقىنىڭ "ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇشى كىرەك" دىگەن بۇ ئۇلۇغۋار ئىدىيەنى قوغلىشىپ ياشاۋاتقىنىمۇ راست. دىمەك، بىر خەلق سۈپىتىدە قوغلىشىدىغان يۈكسەك غايەڭ بولدى دىگەن گەپ دۇنيادىكى مەملىكەتلەر ئارىسىدا جەلپ قىلىش كۈچۈڭ قايناپ تاشقان، تېتىك، ئۈمىتۋار بىر دۆلەتسەن دىگەن گەپ. ئادەتتە نورمال كىشىلەر تېنچلىققا، باراۋارلىك ۋە ئادالاتكە ئىنتىلىدۇ. ناھەقچىلىك ۋە زۇلۇمنى يىڭىشكە كۆزى يەتمىگەندە ئۇنىڭدىن قاچىدۇ.  ئامىرىكىغا ئەڭ دەسلەپتە كەلگەن كۆچمەنلەر دەل شۇنداق كىشىلەردىندۇر. لىكىن ئۇلارنىڭ ئەڭ دەسلەپتىكى زۇلۇمدىن قاچقۇچىلاردىن كىيىنچە باشقىلارغا ) يەرلىك ئىندىيانلار ۋە قارا تەنلىكلەرگە ( زۇلۇم سالغۇچىلارغا ئايلىنىپ قېلىشى ۋە نەچچە قىتىملىق ئىجدىمائىي ئىنقىلاپ ئارقىلىق بۈگۈنكى كۈنگە كىلىشى ئوڭايغا چۈشمىگەن.
   ئادەملەر بېكىنمىچىلىككە چۆككەندە، جاھالەتكە پاتقاندا ھەددىدىن زىيادە ئايرىمىچى بولۇپ كىتىدۇ. ئۇ -مۇئەييەن جۇغراپىيەلىك مۇھىتتا "يۇرتۋازلىق، تەبىقىۋازلىق" بولۇپ ئىپادىلەنسە، سىياسى ئاتموسپىرادا ئۇ "مىللەتچىلىك ۋە ئىرىقچىلىق" بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. لىكىن بۇ خىل جەمئىيەت ھامان زىددىيەتنىڭ ئۇرۇغىنى ئۆزىدە يىتىلدۈرگەن بولىدۇ.
   ئامېرىكا تارىخىدا ئىرقچىلىق بىر زامانلاردا ھەددىدىن ئاشقان بولۇپ، ئامېرىكىدىكى ئىرقى ئايرىمىچىلىقنىڭ كىلىپ چىقىش تارىخى 1990-يىللىرى ئۈرۈمچىدە قويۇلغان "ئالىكىس خېلىي" نىڭ "يىلتىز" ناملىق تىلىۋىزىيە سىنارىيىسدە جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
   بۈگۈنكى ئامېرىكا جەمئىيىتى - كۆپ ئىرقلىق، كۆپ مىللەتلىك، كۆپ دىنلىق، كۆپ مەدىنىيەتلىك جەمئىيەت. ئەمما شۇنداق بولغانلىغىغا قارىماي، ئايرىم ساندىكى ئاق تەنلىكلەر بىلەن ئايرىم ساندىكى ئاق تەنلىك بولمىغانلار ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت بولغىنىنى ھىساپقا ئالمىغاندا، بۇ جەمئىيەتتىكى ئىتتىپاقلىقنىڭ ئاساسى مۇستەھكەم.

نىمىشقا شۇنداقلىقى ھەققىدە كۆپ پىكىر يۈرگۈزمەيمەن.
   ھەر خىل شەكىلدىكى كەمسىتىش - ئۇ بىر جىنايەت. ئالدى بىلەن ئۇ ئىنسانلىق ئەخلاقنىڭ سوتىدا ئەيىپكە ئۇچرايدۇ، قىلمىشى ئىغىرراق بولسا قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ. ئامىرىكىدا ھەرقانداق شەكىلدىكى كەمسىتىش ۋە زۇلۇم سىلىش قانۇنغا يىتىپ قالسا جىنايەتنى سادىر قىلغۇچىنىڭ كىم بولۇشىدىن قەتئىنەزەر سوتقا تارتىلىدۇ، بۇ ئەلۋەتتە كەمسىتىش تۈسىنى ئالغان جىنايەتلەرنىڭ سېستىمىلىق شەكىلدە يۈز بىرىشىنى توسۇش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھاكىمىيەت قاتلىمىدىكى رەھبەرلەرنىڭ جەمىيەتتە بولۇۋاتقان مەلۇم ئاجىز گۇرۇپپىغا قارىتا ھىسداشلىق ۋە قوللاش ھەم قوغداش پوزىتسىيەسىنىڭ بولۇشىمۇ جەمىيەتتە زىددىيەتلەرنى پەسەيتىش، دوستانە ھەم تېنچ ياشاش مۇھىتىنى بەرپا قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
   گەرچە ھازىرقى ئامېرىكا جەمىيىتى ئەينى چاغدىكى ئىرقچىلىققا تولغان ۋاقىتتىكىدىن كۆپ ياخشى بولسىمۇ ئەمما ئېرقچىلىقنىڭ  مىكروپلىرى ھىلىھەم مەۋجۇت. بىر جەمىيەتتە ئىجتىمائى زىددىيەتلەرنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەپلىرى ھەر خىل بولۇپ ئۇلارنىڭ تەل-تۆكۈس يوقۇلىشىغا بىر ئۇزاق تارىخى جەريان كىتىدىكەن.
   مەن ئادەملەرنى ئۇلارنىڭ دىنىغا، ئېرقىغا، تىلىغا ۋە مەدىنىيىتىگە قىسقىسى كىلىپ چىقىشىغا قاراپ ئەمەس خۇددى ئامىرىكا قارا تەنلىكلەر كىشىلىك ھوقۇق داھىسى مارتىن لۇتىر كىم ئەپەندى ئىيتقاندەك ھەر بىر كونكىرتنى شەخسنىڭ كىشىلىك خاراكتىرى ۋە پەزىلىتىگە قاراپ باراۋەر مۇئامىلە قىلغاندا نۇرغۇن زىددىيەتلەرنىڭ يوق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، ئەگەر ھەقىقى مەنىدىكى  باراۋەرلىك دۇنيا مىقياسىدا ئورنىتىلسا ھازىر يۈز بىرىۋاتقان نۇرغۇن زىددىيەت ۋە ئۇ كەلتۇرۇپ چىقىرىۋاتقان قان-تۆكۈشلەر، تىراگىدىيەلەر يۈز بەرمىگەن بولاتتى.
     بىر قارىساڭ بۇ دۇنيادا ئادەمدىن ئۆتە ناچار ئىجتىمائى مەخلۇق يوق.
    ئاغزىدا ھىكمەتلىك سۆزلەرنى توختىماي قىلىدۇ-يۇ ئەمىلىيىتىدە ئۇنىڭ ئەكسىچە ئىش قىلىدۇ. ئاجىزلارنى يۆلەيمىز دەيدۇ-يۇ ئەمما ئۆزلىرىنىڭ ئۇلارنى ئانىي تىپىۋاتقانلىغىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. ئۇلارنىڭ ۋاستلىرى ھەر خىل، تۈرلۈك تۈمەن بولۇپ تارىختىن ساۋاق ئالمايدۇ. بەزىدە ئۇلارنىڭ قۇۋلۇق تۈسىنى ئالغان "ئەقىل" لىرىگە، ئالدامچىلىقلىرىغا قاراپ ئىلاجىسىزلىق ئىچىدە خۇرسىنىسەن، ئەپسۇسلىنىسەن، غەزەپلىنىسەن. ئۇلارنى بىلمەي قىلامدىكىن دىسەڭ، بىلگۇچىلىگى، باشقىلارغا ئىش ئۆگەتكۈچىلىكى بار.
    دۇنيادا ئەلمىساقتىن تارتىپ يۈز  بىرىپ كىلىۋاتقان تىراگىدىيە ۋە قان تۆكۇشلەرنىڭ نۇرغۇن سەۋەبى ئاز ساندىكى تەلۋە، تويماس، ئاچكۆز مەخلۇقلارنىڭ كاساپىتىدىن بولۇپ ئۇلارنىڭ دەردىنى قەيەرگە قارىساڭ ئاۋام خەلق تارتىپلا كەلگەن.
    ئادەملەرنىڭ ئەقلىنى تىپىپ مەدىنىيەتلىك ھالدا بىر-بىرىنىڭ پەرقىغە ھۆرمەت قىلىپ، تېنچ ۋە دوستانە ياشاشقا بولغان ئورتاق ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا  تېخى خىلى زامان بار ئىكەن.
    يەنى بىر قارىساڭ، بۇ دۇنيادا ئادەمدەك ياخشى ، مىھرىۋان، قوسىغى كەڭ جانلىق يوق، يەنى ئادەمدىن ياخشى نەرسە يەنە يوق دەيسەن.
   بۇنىڭغا ئائىت مىساللار ھەم ھىكايىلەر كۆپ.
   بۇندىن 10 يىللار ئىلگىرى بىز  شەرقى بوستوندىكى لوگان ئايرۇدۇرۇمغا يىقىن يەردە تۇراتتۇق. ئۆيىمىز بىلەن دىڭىز ساھىلىنىڭ ئارىلىقى پىيادە 5 مىنۇتلۇق يول بولۇپ، كىشىلەر ياز كۈنلىرى شۇ يەرگە كىلىپ قۇمدا كۆمۈلۈپ ئاپتاپ سۇنۇپ يىتىشىپ كىتىشەتتى ئەلۋەتتە بەزىلەر باللىرىنىمۇ ئىلىپ كىلىشەتتى. شۇنداق بولغانلىقتىن ماروژنىچىلار ھەم ماشىنىسىنى ھەيدەپ كىلىپ بۇ يەردە ماروژنى سىتىپ كىتىشەتتى.
بىر كۈنى ئىشتىن كەلسەم قېينى ئاتام مۇنداق بىر ئىشنى ھىكايە قىلىپ بەردى.
  -ئارماننى (مىنىڭ بالام بولۇپ ئۇ چاغلاردا ئۇ 4-5 ياشلار ئىدى) ئىلىپ ئۇنى ئويناتقاچ چۇشتىن كىيىن دىڭىز بويىدا مىڭىپ كىرەي دەپ يىنىمغا پۇل سالماي چىقىپ قاپتىمەن. بىر چاغدا ماروژنا ساتىدىغان ماشىنا سايراپ كىلىۋىدى كىچىك بالىلار شۇ يەرگە يۈگرەشتى. قارىسام ئارمانمۇ  بىللە ئويناۋتقان كىچىل بالىلارغا ئەگىشىپ كىتىپتۇ ۋە بالىلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ ئاندىن ماڭا ۋاقىرىۋاتىدۇ:

-چوڭ دادا، ماڭا ماروژنى ئىلىپ بەر....
-بالام مەن پۇل سالماي چىقىپتىمەن، ئۆيگە كىرىپ پۇل ئىلىپ چىقىپ ئىلىپ بىرەي دەپ تۇرۇشۇمغا، بالىسىغا  ماروژنى ئىلىۋاتقان ئادەم تىلىمىزنى بىلمىسىمۇ ماروژنىدىن بىرنى ئىلىپ ئارمانغا تۇتقۇزۇپ قويدى....مەن بىز خەقنىلا ئاشۇنداق ئىشلارنى قىلامدىكىن دىسەك، بۇ خەقتىمۇ ئادىمىگەرچىلىك بار ئىكەن....
- ياخشى ئادەملەرنىڭ خاراكتىرى، مىللەت، مەدىنىيەت ھەم ئىرىققا باغلىق بولمايدۇ قېينىئاتا دىدىم مەن ھەم ئۆزۈممۇ بۇ ئىشتىن تەسىرلىنىپ قالدىم. مەن ئۇ كىشىنىڭ ئورنىدا بولۇپ قالغان بولساممۇ شۇنداق قىلاتتىم. مەنلا ئەمەس نۇرغۇن ئۇيغۇر شۇنداق قىلىدۇ، ئەلۋەتتە.
   دىمەك كىم بولۇشىدىن قەتئى نەزەر ئادەملەردە ئاشۇنچىلىك دەرىجىدە بولسىمۇ ئۆزئارا ئىنسانچىلىقنى ئىپادىلەش روھى بولسا، مەن دەيمەن،  ئې-پلۇرىبۇس ئۇنۇم دىگەن بۇ سۆز دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولسا ئۆزىنىڭ مەنىسىنى ئۈنۈملۇك ئىپادىلەپ بىز ياشاۋاتقان دۇنيانىڭ باراۋەرلىگى، تېنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇئەييەن دەرىجىدە ئىجابى رول ئوينىغان بولاتتى.

uyghuray

4

تېما

49

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   4.65%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33927
يازما سانى: 1164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 3548
توردىكى ۋاقتى: 1162
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-14 12:12:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئىنسانلار  ئادام ۋە ئېيۋانى ئادىمىيەتنىڭ ئاتا-ئانىسى دەپ قارايدۇ .بىراق ،ئىنسانىيەت جەمىئىتىنىڭ مۇرەككەپلىشىشى ،ھاكىمىيەت ۋە كۈچ تەڭپۇڭلىقىدا ئۆزگۈرۈش ھاسىل بولسانسىرى ئادەمنىڭ ھاۋايى ھەۋەسلىرى ،ئىنتىلىشرى ،قانائەتلىرى ياۋۇزلىشىپ بارىدۇ .
   ئەمىلىيەتتە جەمەت قەبىلىگە ،قەبىلە ،مېللەتكە ،مېللەت دۆلەتكە ئايلىنىش جەريانىدا ،ئىنسانلار جەمىئىيىتى ئاتالمىش ‹ساپ قانلىق ›،‹ئېسىل مېللەت ›ئۇقۇمى ئارقىلىق ئۆز تائىپىسىنى ئىتپاقلاشتۇرىدۇ .
    باراك .ئوبامانىڭ ‹يىلتىمىز بىر ›شۇئارىنىڭ ئۇتۇق قازىنىشى پەقەت ئامىرىكىدىلا ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىدۇ .چۈنكى ،ئامىرىكا مېللەت ئۇقۇمى بولمىغان ،مەدىنىيەت دىكتاتۇرىسى بولمىغان ،سىڭدۇرۇشچان جەمىئەت .بۇنداق ‹يىلتىمىز بىر ›دىگەن شۇئار ،ئوڭچىل مېللەتپەرەس ياكى مېللەت ئىڭى كۈچلۈك دۆلەتتە ھەرگىز بۇنداق رول ئوينىمايدۇ .
   

0

تېما

0

دوست

430

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   65%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34548
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 134
توردىكى ۋاقتى: 26
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-14 12:46:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش چەت ئەللەردىكى ئەركىن كىشلىك ھايات، ئادىل قانۇن تۈزۈم، ئىنسانىي مېھىر مۇھابەت ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ئەسەرلەرنى ئوقۇسام دۆلىتىمىزگە سېلىشتۇرۇپ ئىچىم ئاچچىققا تولىدۇ.دۆلىتىمىز شەخسىيەتچىلىك، ئۆچمەنلىك، ئاداۋەت  بىلەن تولۇپ كەتكەن بىر دۆلەت

0

تېما

1

دوست

4624

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   87.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28208
يازما سانى: 193
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1462
توردىكى ۋاقتى: 286
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-14 13:19:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
putin يوللىغان ۋاقتى  2015-12-14 12:12
ئىنسانلار  ئادام ۋە ئېيۋانى ئادىمىيەتنىڭ ئاتا-ئانىسى ...
  1. ئىنسانلار  ئادام ۋە ئېيۋانى ئادىمىيەتنىڭ ئاتا-ئانىسى دەپ قارايدۇ .بىراق ،ئىنسانىيەت جەمىئىتىنىڭ مۇرەككەپلىشىشى ،ھاكىمىيەت ۋە كۈچ تەڭپۇڭلىقىدا ئۆزگۈرۈش ھاسىل بولسانسىرى ئادەمنىڭ ھاۋايى ھەۋەسلىرى ،ئىنتىلىشرى ،قانائەتلىرى ياۋۇزلىشىپ بارىدۇ .
  2.    ئەمىلىيەتتە جەمەت قەبىلىگە ،قەبىلە ،مېللەتكە ،مېللەت دۆلەتكە ئايلىنىش جەريانىدا ،ئىنسانلار جەمىئىيىتى ئاتالمىش ‹ساپ قانلىق ›،‹ئېسىل مېللەت ›ئۇقۇمى ئارقىلىق ئۆز تائىپىسىنى ئىتپاقلاشتۇرىدۇ .
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
بۇ گەپنى دىگەن بىلەن دىمىگەننىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق .قۇرۇق گەپلا بوپتۇ .
uyghuray

4

تېما

49

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   4.65%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33927
يازما سانى: 1164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 3548
توردىكى ۋاقتى: 1162
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-14 13:22:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1017695944 يوللىغان ۋاقتى  2015-12-14 13:19
بۇ گەپنى دىگەن بىلەن دىمىگەننىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق . ...

   ماختىغىنىڭىزغا رەھمەت .

0

تېما

0

دوست

2240

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12969
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 713
توردىكى ۋاقتى: 116
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-14 15:00:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
putin يوللىغان ۋاقتى  2015-12-14 12:12
ئىنسانلار  ئادام ۋە ئېيۋانى ئادىمىيەتنىڭ ئاتا-ئانىسى ...

ئامىتابا، يەھۋا ئالىلىرى مۇقەددەستۇر.
ئادەم بىلەن ھەۋۋا(ياكى ھاۋا).
Adam and EVA.

1

تېما

3

دوست

1261

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   26.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24880
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 390
توردىكى ۋاقتى: 69
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-14 15:46:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ،ئىرادىمىزدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ،ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتىت بىلەن ئاخىرىغىچە بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئامىرىكا جاھانگىرلىكىنىڭ ھەر قانداق ئىدىيە - تەلىماتلرىنى كەسكىن رەت قىلىپ،ھەر مىللەت خەلقى يۈكسەك ئىتتىپاقلىشىپ، كۇممۇنىزىمغا تىزرەك يىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتەيلى!!!

4

تېما

6

دوست

5520

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   10.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25765
يازما سانى: 355
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 1704
توردىكى ۋاقتى: 625
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-14 15:47:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەملەر بېكىنمىچىلىككە چۆككەندە، جاھالەتكە پاتقاندا ھەددىدىن زىيادە ئايرىمىچى بولۇپ كىتىدۇ. ئۇ -مۇئەييەن جۇغراپىيەلىك مۇھىتتا "يۇرتۋازلىق، تەبىقىۋازلىق" بولۇپ ئىپادىلەنسە، سىياسى ئاتموسپىرادا ئۇ "مىللەتچىلىك ۋە ئىرىقچىلىق" بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ...  مەن ئادەملەرنى ئۇلارنىڭ دىنىغا، ئېرقىغا، تىلىغا ۋە مەدىنىيىتىگە قىسقىسى كىلىپ چىقىشىغا قاراپ ئەمەس خۇددى ئامىرىكا قارا تەنلىكلەر كىشىلىك ھوقۇق داھىسى مارتىن لۇتىر كىم ئەپەندى ئىيتقاندەك ھەر بىر كونكىرتنى شەخسنىڭ كىشىلىك خاراكتىرى ۋە پەزىلىتىگە قاراپ باراۋەر مۇئامىلە قىلغاندا نۇرغۇن زىددىيەتلەرنىڭ يوق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن...ياخشى ئادەملەرنىڭ خاراكتىرى، مىللەت، مەدىنىيەت ھەم ئىرىققا باغلىق بولمايدۇ...
رەھمەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )