قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1419|ئىنكاس: 3

شام يورۇقىدىكى كەچلىك تاماق (تەرجىمە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىلگەنلەر بىلەن

25

تېما

5

دوست

7842

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3266
يازما سانى: 315
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1893
تۆھپە : 1116
توردىكى ۋاقتى: 698
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-26 18:16:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شام يورۇقىدىكى كەچلىك تاماق
ئىلاۋە: بۇ ھېكايىنى جەمئىيىتىمىزدىكى شەيتاننىڭ ئېزىقتۇرۇشلىرى ئىچىدىمۇ توغرا يولدىن ئازماي، ھالال ياشاپ كېلىۋاتقان ۋاپا ئەھلىلىرىگە شەرەپ بىلەن تەقدىم قىلىمەن. شۇنداقلا،  ئازغۇن بەندىلەرنىڭمۇ ھەم بۇ ھېكايە روھىدىن ئۆزىگە لايىق نىسىۋىگە ئېرىشىپ توغرا يولنى بالدۇرراق تېپىۋېلىشىغا تىلەكداشمەن! ئاللاھ ھەر بىرىمىزنىڭ ئىنسابىنى بەرگەي! بەخت قوينىدا ئەللەيلىنىپ ياشاشقا نىسىپ قىلغاي!


 
ئۈستەلنىڭ ئىككى يېقىدا، بىر جۈپ ئەر- ئايال ئولتۇراتتى.
ئايال قولىدىكى ئىستاكاننى ئوينىغاچ «مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن» دەپ شىۋىرلىۋىدى.
ئەر قولىدىكى ئۈزۈكنى سىلاپ تۇرۇپ «مېنىڭ ئايالىم بار» دېدى.
كارىم يوق، مېنىڭ پەقەت سىزنىڭ ھېسىياتىڭىزنى بىلگۈم بار، مېنى ياخشى كۆرەمسىز يوق؟
كۈتۈلمىگەن جاۋاب، ئەر بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئۇدۇلىدىكى قىزغا سەپسالدى.
24 ياش، ياش ھەم تېتىك، بولىدىغان ۋاقىت.
ئاپئاق تىرە، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان بەدەن، بىر جۈپ  چاقناپ تۇرىدىغان گەپ قىلالايدىغان كۆزلەر...
ھەقىقەتەن بولىدىغان قىز-ھە، ئەپسۇس!
«ناۋادا سىزمۇ مېنى ياخشى كۆرسىڭىز، مەشۇقىڭىز بولۇشنىمۇ ئېغىر ئالمايمەن»  قىز  كۈتۈپ بولالماي شۇنداق دەپ قوشۇپ قويدى.
ئەر كەسكىنلا قىلىپ « مەن ئايالىمنى ياخشى كۆرىمەن» دېدى. 
    «ئۇنى ياخشى كۆرەمسىز، ئۇنىڭ نىمىسىنى ياخشى كۆرىسىز؟ ئۇ ھازىر قېرىپ قارىغۇچىلىكى قالمىغاندۇ. بولمىسا، نېمىشقا ئەزەلدىن  شىركەتنىڭ كەچلىك زىياپەتلىرىگە ئۇنى ئېلىپ كەلگىنىڭىزنى كۆرگىلى بولمايدۇ.
   قىز يەنە گەپ قىلغانمۇ بولاتتى، بىراق ، ئەرنىڭ سوغۇق نەزىرى ئۇنى نىيىتىدىن  ياندۇردى.
 
جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى...
«سىز مېنىڭ نىمەمنى ياخشى كۆرىسىز؟» ئەر شۇنداق دەپ جىملىقنى بۇزدى.
«پىشقان، تەمكىن، ئۆزىنى تۇتىۋالغان، ئەرلەرگە خاس سالاپەتلىك، كۆڭۈل بۆلۈشنى بىلىدىغان...نۇرغۇن نۇرغۇن. ئىشقىلىپ مەن ئىلگىرى كۆرگەن ئەرلەرگە ئوخشىمايسىز، سىز بەك ئالاھىدە » دېدى قىز.
«سىز مېنىڭ ئۈچ يىل بۇرۇن قانداقلىقىمنى بىلەمسىز؟» ئەر تاماكىسىنى تۇتاشتۇردى.
بىلمەيمەن، ھەم تۈرمىدە ياتقان بولسىڭىزمۇ پەرۋا قىلمايمەن» دېدى قىز.
«ئۈچ يىل ئىلگىرى، مەن سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ئادەتتىكى ئەرلەرگە ئوخشاش ئىدىم»
ئەر قىزنىڭ گېپىگە پەرۋاسىزلا گېپىنى داۋام قىلدى.
«مەخسۇس كۇرسنى پۈتتۈرگەن، كۆڭۈلدىكىدەك خىزمىتىمۇ يوق، كۈن بويى ھاراق ئىچىدىغان، مىجەزى چۇس»
«ئۇنداقتا نېمە؟» ئايال زادى نېمىنىڭ ئۇنى ئۆزگەرتكىنىنى بىلگۈسى كەلدى. « ئۇنىڭ سەۋەبىدىن؟»
«شۇنداق»
«ئۇ ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەتتى ، پايدا-زىياننى بەك ئىنچىكىلەپ كەتمەسلىككە دەۋەت قىلدى؛ ئۇ چاغدىكى مەن ئۇنىڭ ئالدىدا بەئەينى ئىش كۆرمىگەن كىچىك بالىنىڭ ئۆزىلا  ئىدىم.  بەلكىم ئۇ تۇيغۇ، خۇددى ھازىرقى سىزنىڭ ماڭا بولغان تۇيغۇڭىز بىلەن پەرقلىنىپ كەتمەيتتى. ئۇ چاغدا غەلىتە ئىش شۇكى، تەرسا مىجەز مەن، پەقەت ئۇنىڭلا گېپىنى ئاڭلايتتىم. ئۇنىڭ گېپى بويىچە رېئاللىقنى قوبۇل قىلدىم، ئۆزۈمنىڭ    كېرەكسىزلىكىنى بىلسەممۇ تىرىشىپ ئىشلىدىم. شۇ يىلى يىل ئاخىرى خىزمىتىمدە  ئازتولا نەتىجە كۆرۈلدى، بىزمۇ توي قىلدۇق» 
ئەر تاماكا كۈلىنى قېقىپ چۈشۈرۈپ، سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.
ئۇ چاغدا كۈنلەر بەك جاپادا ئۆتكەن ئىدى. ئىككى ئادەم، بىر كارىۋات، ئۆي  جاھازلىرىمۇ ناھايىتى ئاز . بىلەمسىز؟ توي قىلغىنىمىزغا بىر يىل بولغاندا، مەن ئۇنىڭغا بىرىنچى تال ئۈزۈكنى ئاران ئېلىپ بېرەلىگەن، يېرىم يىل يىغقان پۇلچۇ؟ ئەلۋەتتە، ئۇنىڭدىن يوشۇرۇن يىغقان. ناۋادا ئۇ بىلگەن بولسا جەزمەن قويمايتتى.»، «ئۇ چاغلاردا ھاراق تاماكا بىلەن ھەپىلىشىپ تەن سالامەتلىكىم ناچارلاپ كەتكەن. قارا قىشتا، ھەر كۈنى كەچ ئۇ ماڭا شورپا قاينىتىپ بېرەتتى. ئۇ تەممۇ پەقەت ئۇ قىلغان شورپىدىلا بار ئىدى.
ئەر ئەسلىمىلەر ئىلكىدە  ۋاقىتنى ئۇنۇتقان ئىدى، پەقەت توختىماستىن ئۆتكەن ئىشلارنى بايان قىلاتتى.
ئايال بولسا تىپتىنىچ ئولتۇرۇپ ئاڭلايتتى.
ئەر ۋاقىتقا قارىغاندا، كەچ سائەت 10 بولۇپ قالغان ئىدى.
«ئاپلا، كەچۈرۈڭ، ۋاقىتقا قارىماپتىمەن، بەك كەچ بولۇپ كېتىپتۇ.» ئەر خىجىللىق بىلەن كۈلدى.
«ئەمدى چۈشەندىڭىزمۇ؟ مېنىڭ ئۇنىڭغا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشنى قىلىشىم مۇمكىن ئەمەس.»
« ھەئە، بىلدىم. بۇنداق ئايالغا ئۇتتۇرغىنىمغا چىن كۆڭلۈمدىن رازىمەن. قىز ئامالسىزلارچە باش لىڭشىتتى. بىراق. مەن ئۇنىڭ يېشىغا يەتكەندە ئۇنىڭدىنمۇ قالتىس ئايال  بولىمەن» دېدى ئۇ.
«ياخشى، ئۇنداقتا تېخىمۇ ياخشى بىر ئەرنى تاپسىڭىز بولىدۇ، شۇنداققۇ؟ بەك كەچ  بولۇپ كەتتى، مەن سىزنى ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قوياي» ئەر ئورنىدىن تۇرۇپ، قىزنى  ئاپىرىپ قويماقچى بولدى.
« ياق، ياق، مەن ئۆزۈم  كېتەلەيمەن.» دېدى قىز قولى بىلەن ئىشارەت قىلىپ، «قايتىپ كېتىڭ، ئۇنى ساقلاتماڭ.»
ئەر كۈلۈمسىرىگىنىچە ئارقىغا بۇرۇلۇپ ماڭغىلىۋاتاتتى.
قىز ئۇنىڭدىن «ئۇ چىرايلىقمۇ؟» دەپ سورىدى.
«شۇنداق، بەك چىرايلىق» دەپ جاۋاب بەردى ئەر.
ئەرنىڭ گەۋدىسى كېچە قاراڭغۇلىقىدا غايىپ بولدى، قىز شامغا قاراپ ئېسىنى يوقاتقىنىچە تۇرۇپ قالدى.
ئەر ئۆيگە قايتىپ، ئىشىكنى ئېچىپ ئۇدۇل ھۇجرىسىغا كىردى ۋە ئۈستەل چىرىقىنى ياندۇردى. كارىۋاتنىڭ گىرۋىكىدە ئولتۇردى.
 
«خوتۇن، تۆتىنچى قېتىم بولدى. مېنى نېمىشقا شۇنچە ياخشى قىلىۋەتكەنسىز، نۇرغۇن ئادەم مېنى ياخشى كۆرىدىكەن. ياخشى بىر تەرەپ قىلالمىسام ئاينىپ كېتىشىم مۇمكىن. نېمىشقا مېنى شۇنچە ياخشى قىلىپ ئۆزگەرتىپ قويۇپ، ئۆزىڭىز بالدۇرلا كېتىپ قالىسىز؟ مەن، مەن بىر ئادەم بەك يالغۇزسىراپ كەتتىم.
ئەر بۇقۇلداپ يىغلايتتى، ئاخىرى ئاۋازىمۇ پۈتۈپ كەتتى.
ئەرنىڭ كۆز ياشلىرى مەڭزىنى بويلاپ ئېقىپ قولىدىكى رەسىم رامكىسىغا چۈشىۋاتاتتى. غۇۋا چىراق نۇرىدا، كونا سۈرەتتىن ئالەمدىن ئۆتكەن  ئايالنىڭ  ئىللىق مېھرى تاراۋاتاتتى.

 
 


ئەسكەرتىش: بۇ تەرجىمە ئەسىرىم باغداش مۇنبىرىگە مەنسۇپ، باشقا جايلارغا خالىغانچە يۆتكىمىگەيسىلەر!



http://www.mdzyjy.com/mp3/bgmusic.mp3
گۈزەل قەلب گۈزەللىككە ھامىلىدار...

0

تېما

0

دوست

105

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   35%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3397
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 105
تۆھپە : 63
توردىكى ۋاقتى: 175
سائەت
ئاخىرقى: 2012-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-27 13:40:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
موشۇنداق ئەرلەر ئاياللارنىڭ سۆيىشىگە ئەرزىيدۇ.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

3

تېما

0

دوست

1731

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   73.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3333
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 428
تۆھپە : 244
توردىكى ۋاقتى: 53
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-27 13:50:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس بىر ئەركەن
موشۇنداق ئەرلەر ئاياللارنىڭ سۆيىشىگە ئەرزىيدۇ.
يىلان يۇمشاق بولغىنى بىلەن، ياۋۇزلۇ ق قىلىدۇ!!

بىلگەنلەر بىلەن

25

تېما

5

دوست

7842

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3266
يازما سانى: 315
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1893
تۆھپە : 1116
توردىكى ۋاقتى: 698
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-27 15:48:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمما شۇ ئىسىمىزدە بولسۇنكى بۇ ئەر،  قىز بىلەن قىلغان دىيالوگىدا ئۆزىنىڭ ئۈچ يىل ئىلگىرى نەزىرىمىزدىكى ئىنتايىن ئادەتتىكىدەك بىر ئەر ئىكەنلىكىنىمۇ ئېيتىپ ئۆتكەن.  بىزدە ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، يەر قىلغانمۇ خوتۇن دەيدىغان گەپ بار. شۇڭا، نىكاھ تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك بولۇش بولالماسلىقىدا  ئاياللارنىڭمۇ مۇھىم ھەم باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار. ھەممىمىز ئۆز مەسئۇلىيىتىمىزنى تونۇپ يىتەلىسەك ئائىلە بەئەينى بىر گۈزەل باغقا ئايلانغۇسى.
گۈزەل قەلب گۈزەللىككە ھامىلىدار...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )