قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 2745|ئىنكاس: 16

تاشپولات: ئۇيغۇرلاردىن چىققان يەنە بىر ئاكادېمىك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

226

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21538
يازما سانى: 396
نادىر تېمىسى: 25
مۇنبەر پۇلى: 562
تۆھپە : 4236
توردىكى ۋاقتى: 293
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-16 12:33:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلاردىن چىققان يەنە بىر ئاكادېمىك

تاشپولات روزى


دېكابىر ئايلىرى كىرىشى بىلەنلا ئۇيغۇر خەلقىنى خۇشال قىلىدىغان خەۋەرلەر يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىسىدەك بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى تارقىلىپ، يۈرەكلىرىمىزنى ياشناتماقتا. ئالايلۇق، تېخى يېقىندىلا ئامېرىكىدىكى ئىككى قېرىندىشىمىزنىڭ قىزلىرى ئايرىم–ئايرىم ھالدا دۇنياغا داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردىن بولغان ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدىكى ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تولۇق كۇرس ئوقۇشىغا ھازىرغىچە بىرە ئۇيغۇر قوبۇل قىلىنىپ باقمىغانىدى. ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغىنى بىزنىڭ دۇنياغا داڭلىق بىئولوگىيە ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ قىزى نەرگىز مۇتەللىپ. مانا مۇشۇنداق كۈنلەردە، خۇشاللىق ئۈستىگە خۇشاللىق دېگەندەك يەنە بىر سۆيۈندۈرىدىغان خەۋەر قەلبىمىزنى ھاياجانغا سالدى، يەنى شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوتلاقچىلىق-مۇھىت ئىلمى ئىنستىتۇتى تۇپراق ۋە ئاگروخىمىيە كافېدراسىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئاسپىرانت يېتەكچىسى، رۇسىيەنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە مائارىپى ئۈچۈن ئالاھىدە تۆھپە قوشقان «تۆھپىكار ئالىم» نامىغا ئېرىشكۈچى ئەكبەر ئېلاخۇن 11-ئاينىڭ 24–كۈنى رۇسىيەدە ئېچىلغان رۇسىيە پەن-تېخنىكا ئالىملىرى سايلىمىدا «چەت ئەللىك ئاكادېمىك» دېگەن كاتتا شان–شەرەپكە نائىل بولدى. رۇسىيە تەبىئىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى 12–ئاينىڭ 14–كۈنى ئەكبەر ئېلاخۇنغا داغدۇغىلىق ھالدا ئاكادېمىكلىق شاھادەتنامىسى تارقىتىپ بەردى. مەن يېقىن بۇرادىرىم ئەكبەر ئېلاخۇننىڭ موسكۋادىن ماڭا يوللىغان ئۇندىدار ئۇچۇرى ئارقىلىق يۇقىرىقى خۇشخەۋەرنى ئاڭلاپ ئالەمچە سۆيۈندۈم. ئەكبەر ئېلاخۇن بىلەن مەن توققۇزتارا ناھىيەسىدە بىر ئۆستەڭنىڭ سۈيىنى ئىچىپ چوڭ بولغانىدۇق، شۇنداقلا ئوتتۇرا مەكتەپنىمۇ بىر مەكتەپتە تاماملىغانىدۇق.


بۇ قېتىم بېرىلگەن ئاكادېمىك ئىسپاتى

ئاكادېمىك ئەكبەر ئېلاخۇن 1963-يىل 6-ئاينىڭ 3-كۈنى توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ ئالماگاسخۇز يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1982-يىلى 9-ئايدىن 1987-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ 1- ئاۋغۇست يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتى ئاگرونومىيە فاكۇلتېتىنىڭ ئاگرونومىيە  كەسپىدە ئوقۇپ، باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1995-يىلى 9-ئايدىن 1998-يىلى 12-ئايغىچە، غەربىي شىمال يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئاگروخىمىيە فاكۇلتېتى، ئۆسۈملۈك ئوزۇقلۇقشۇناسلىقى ۋە ئوغۇتلاش كەسپىدە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقنى تاماملىغان. 2001-يىلى 3-ئايدىن 2001-يىلى 7-ئايغىچە، بېيجىڭ تىل-مەدەنىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا رۇس تىلى بويىچە تەربىيىلەنگەن. 2001-يىلى 11-ئايدىن 2002-يىلى 11-ئايغىچە، رۇسىيە دۆلەتلىك تىمىريازىۋا يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى تۇپراق ئېكولوگىيە ۋە ئاگروخىمىيە فاكۇلتېتى ئاگروخىمىيە كافېدراسىدا بىر يىللىق ئوقۇش ۋە تۇپراق چىرىندى ماددىسى ئۈستىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان ( (I.P.Deryogin  بۇ بىر يىل ئىچىدە رۇسىيەدە 3 پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئىككى قېتىم خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ماقالە ئوقۇپ، بىرىدە مۇنەۋەر ماقالە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2005-يىلى 12-ئايدىن 2006-يىلى 12-ئايغىچە، رۇسىيە دۆلەتلىك تىمىريازىۋا يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى تۇپراق ئېكولوگىيە ۋە ئاگروخىمىيە فاكۇلتېتى تۇپراقچىلىق كافېدراسىدا بىر يىللىق ئوقۇش ۋە تۇپراق چىرىندى ماددىسى ئۈستىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. A.I.Karpuhin> دۆلەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ غەربىي يۇرت ئىختىساسلىق خادىملارنى ئالاھىدە تەربىيىلەش فوندى ياردىمىگە ئېرىشكەن). 2006-يىلى 12-ئايدىن 2009-يىلى 12-ئايغىچە، رۇسىيە دۆلەتلىك تىمىريازىۋا يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى تۇپراق ئېكولوگىيە ۋە ئاگروخىمىيە فاكۇلتېتى تۇپراقچىلىق كافېدراسىدا دوكتورلۇقتا ئوقۇغان. A.I.Karpuhin (ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇغان) .ئۇ ھازىر پروفېسسور، دوكتور، دوكتور ئاسپىرانت يېتەكچىسى،  رۇسىيە تەبىئىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتلاقچىلىق ۋە مۇھىت ئىلمى ئىنستىتۇتى تۇپراق خىمىيەسى تەتقىقات ئىشخانىسى ۋە تەجرىبىخانىسىنىڭ مەسئۇلى. ئۇ تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا تۇپراقچىلىق، ئۆسۈملۈك ئوزۇقلۇقشۇناسلىقى، تۇپراق ئانالىزى، تۆۋەن ھوسۇللۇق ئېتىزلارنى ياخشىلاش، ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى  ۋە ماگىستىر ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلارغا تۇپراق خىمىيەسى دەرسىنى ئۆتىدۇ.


ئەكبەر ئېلاخۇن يەنە شىنجاڭ تۇپراق ئوغۇتچىلىقى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي كېڭەش ئەزاسى، ياۋروپا-ئاسىيا تۇپراقچىلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ياۋروپا-ئاسىيا تۇپراقچىلىق ئىلمىي ژۇرنىلىنىڭ جۇڭگودىكى بىردىنبىر ھەيئەت ئەزاسى (http://fesss.org/eurasian_journal_of_soil_science.asp)، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلىنىڭ تەھرىر ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى قوش تىلدا لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇنۋان باھالاش كومىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسى، جۇڭگو ئاگرورادىلوگىيە ئىلمىي ژۇرنىلى توردا باھا بېرىش مۇتەخەسسىسى، رۇسىيەنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە مائارىپ، چارۋىچىلىق ئىشلىرىغا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان ئالىم قاتارلىق ئىككى خىل تۆھپە مېدالىنىڭ ساھىبىدۇر.


ئاكادېمىك ئەكبەر ئېلاخۇن ھازىرغىچە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا 70 پارچىدىن ئارتۇق ماقالە ئېلان قىلغان (بۇنىڭ ئىچىدە چەتئەلدە ئېلان قىلىنغان ماقالە 10 پارچىدىن ئارتۇق)، رۇسچە مونوگىرافىيە نەشر قىلدۇرغان. ئۇ يەنە ئۇيغۇر تىلىدىكى پەن-تېخنىكا قوللانمىسىدىن تۆتنى، ئۇيغۇر تىلدىكى دەرسلىك كىتابتىن 3 نى نەشر قىلدۇرغان. ئۇنىڭ تەتقىقات يۆلىنىشى تۇپراق خىمىيەسى (چىرىندى ماددا خىمىيەسى ۋە ئېغىر مېتاللاردىن بۇلغىنىش ۋە ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش)، تۇپراق ئېكولوگىيىسى (شىنجاڭدىكى تىپىك ئوتلاق تۇپرىقىنىڭ ئېكولوگىيىلىك چېكىنىشى)، ئۆسۈملۈك ئوزۇقلۇق فىزىئولوگىيىسى (يېڭىدىن ئۆزلەشتۈرگەن يەرلەر ئوخشاش بولمىغان توپا دانچىلىرى ئىچىدىكى ئورگانىك فوسفورنى گۇرۇپلارغا ئايرىش) ۋە لاتقا تەركىبىدىكى ئېغىر مېتال ئېلېمېنتلارنى بىر تەرەپ قىلىش چىقىرىش ھەمدە ئۇلارنى بايلىققا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت.


ئەكبەر ئېلاخۇن ھازىرغىچە دۆلەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سەككىز تەتقىقات تۇرىنى تاماملىغان بولۇپ، تەتقىقات سوممىسى 2 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ. ئۇنىڭ نۆۋەتتە دۆلەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تەتقىقات تۈرىدىن ئىككىنى ئىشلەۋاتقان بولۇپ، تەتقىقات سوممىسى 860 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ. ئۇ ھازىرغىچە ئىشلىگەن يەتتە تۈر دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.


رۇسىيە چارۋىچىلىق ئىشلىرىگە (لىكسىن مېدالى) ئالاھىدە تۆھپە قوشقان تۆھپىكار ئالىم مېدالى



رۇسىيە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە مائارىپى ئالاھىدە تۆھپە قوشقان ئالىم مېدالى


ئاكادىمىك ئەكبەر ئېلاخۇن بۇنىڭدىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك پىلانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى:

1. دۆلەتلىك تەبىئىي پەنلەر فوندى «شىنجاڭنىڭ تىپىك ئوتلاق تۇپراقلىرىدىكى تۇپراق قېلىنلىقىنىڭ ئۆزگىرىش، چېكىنىش دەرىجىسىنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبى» تۈرىنى داۋاملىق تەتقىق قىلىدۇ.


2. كورلا شەھەرلىك پەن-تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە چوڭ تۈرى بولغان «كورلا نەشپۈتىگە ئوزۇقلۇق دىئاگنوز تېكىستى ۋە رېتسېپلىق ئوغۇتلاش تېخنىكا تەتقىقاتى» تۈرىنى داۋاملىق تەتقىق قىلىدۇ.


3. گۈزەل كۆك دالا يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ئەلنۇرى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ تارىم چارۋا مەھسۇلاتلىرى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ۋە شىنجاڭ قۇدرەت قوناق تائام مەھسۇلاتلىرى پىششىقلاپ ئىشلەش چەكلىك شىركىتى قاتارلىق شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ ئورگانىك يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىپ، 2016-يىلى يىلى ئاخىرىدا رايونىمىزدىكى ئىشەنچلىك بولغان ئورگانىك بۇغداي قوناق ئۇنلىرىنى ۋە بىر قىسىم چارۋا مەھسۇلاتلىرىنى كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرىدۇ.


4. 2016–يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆسۈملۈك ئوزۇقلۇق دىئاگنوستىكىسى ۋە ئۆسۈملۈكلەرگە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدىغات ئالامەتلەر، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ئاسان كۆرۈلىدىغان تۇپراقلار ۋە ئۇنى جىددىي قۇتقۇزۇش ھەققىدە رەڭلىك رەسىملىك كىتاب ھەمدە تۈرلۈك ئوخشاش بولمىغان ئۆسۈملۈكلەر ئۈچۈن بىردىن ئۇيغۇر تىلىدىكى DVD پلاستىنكىسىنى نەشىر قىلدۇرىدۇ.


مەن يۇقىرىدا ئاكادېمىك ئەكبەر ئېلاخۇننى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ چىقتىم. ئۇنىڭ يۇقىرىقى نەتىجىلىرىدىن ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى پەخىرلەنمەي تۇرالمايدۇ، ئەلۋەتتە! ئۇ بىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىنىشكە تېگىشلىك تۆھپىكار ئوغلانلىرىنىڭ بىرىدۇر! ئۇ ئىلىم يولىدا ئۇچرىغان مەغلۇبىيەتلەرگە قىلچە باش ئەگمەي، كۆڭلىگە پۈككەن گۈزەل غايىلىرىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن توختاۋسىز تىرىشقان ئۇيغۇر ئالىمىدۇر! ئۇ 1981-يىلى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەندە ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا تۆۋەن نومۇر ئېلىپ قېلىپ، ئۆزى ئارزۇ قىلغان كەسىپكە قوبۇل قىلىنالمىغانىدى. بىراق ئۇ شۇ قېتىمقى مەغلۇبىيىيىتىدىن ئۆزىنى يوقىتىپ قويماي، ئوتتۇرا مەكتەپتە قايتا ئوقۇدى ھەمدە 1982 -يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئىنىستىتۇتىغا قوبۇل قىلىندى. ئاكادېمىك ئەكبەر ئېلاخۇننىڭ سەمەرلىك ھاياتىدىن شۇنى خۇلاسىلىيەلەيمىزكى، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، نىشانلىق ئىلگىرلىسەكلا، ئالدىمىزدىكى ئېگىز داۋانلاردىن بىر-بىرلەپ ئۆتۈپ، غايىمىزنى رېئاللىققا ئايلاندۇرالايمىز! كىچىككىنە يېزىدىكى دېھقان ئائىلىسىدە چوڭ بولغان ئەكبەر ئېلاخۇننىڭ ئىلىم داۋىنىدا بىر قەدەم – بىر قەدەمدىن ئىلگىرىلەپ، ئاۋۋال دوكتور، ئاندىن پروفېسسور، ئاخىرىدا ئاكادېمىك بولالىشى ھەقىقەتنىمۇ ئادەمنىڭ قايىللىقىنى قوزغايدۇ. مەن ئاخىرىدا ئاكادېمىك ئەكبەر ئېلاخۇننىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەتقىقات، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىدا تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن، شۇنداقلا ئۇنى بېقىپ قاتارغا قوشقان مېھرىبان ئاتا-ئانىسىغا، قوللاپ بەرگەن بارچە ئەزىز قوللىغۇچىلىرىغا تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن.

(تۈگىدى)

2015–يىلى 12–ئاينىڭ 15 – كۈنى. ئامېرىكا لوس ئانجېلېس






uyghuray

0

تېما

0

دوست

2088

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   2.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33160
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 684
توردىكى ۋاقتى: 154
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-16 12:59:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Kaltis,Taxpolat taghamha rahmat

0

تېما

0

دوست

1411

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   41.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32160
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 466
توردىكى ۋاقتى: 126
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-16 13:06:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن خوشخەۋەركەن .كىتاپ ۋە پىلاستىنكىللىرىنىڭ  تېزراق كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۈرۈشىشىنى ئۈمىت قىلىمەن .

0

تېما

0

دوست

1163

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   16.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31871
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 364
توردىكى ۋاقتى: 46
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-16 13:10:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رايونىمىز دېھقانلىرىغا ئەمەلىي پايدىسى تېگىدىغان خىزمەتلەرگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلىشىگە تېلەكداشمىز.
uyghuray

1

تېما

3

دوست

4689

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   89.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23932
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1446
توردىكى ۋاقتى: 234
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-16 13:51:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇش بولدۇق. تېخىمۇ ياخشى ئۇتۇقلارنى قازىنىشىغا تىلەكداشمەن.

پاتراق جوڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى دىگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

69

تېما

31

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 8449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2608
تۆھپە : 20454
توردىكى ۋاقتى: 8534
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-16 14:02:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇمۇ ھەقىقەتەن بىر كاتتا خۇشخەۋەر ئىكەن.مۇبارەك بولسۇن.تېما ئىگىسىگە رەھمەت.

4

تېما

10

دوست

8098

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   61.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35433
يازما سانى: 725
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 2440
توردىكى ۋاقتى: 646
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-16 14:05:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن...خىزمەتلىرىگە ئۇتۇق تىلەيمىز.

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

13

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   38.29%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 6145
توردىكى ۋاقتى: 1636
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-16 14:24:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بەكلا خۇشاللىنارلىق خەۋەر ئىكەن. مەن بۇنى كۆرۈپ  ئۇستازنىڭ تىرىشچان روھىغا ئاپرىن ئوقۇدۇم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )