بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elqut تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-17 12:00
كىيىم لاھىيىلىگۈچىلەرگە يېڭى يىللىق سوغا بىر قانچە ھەپتە بۇرۇن سىلەرگە كورېيەنىڭ 3D كىيىم لايىھەلەش دېتالى Marvelous Designer تونۇشتۇرغان ۋە ئۇنى ئىشلىتىش ئۇيغۇرچە دەرىسلىكرىنى كۆپچىلىككە سۇنغان ئىدۇق. بۇ دېتال كورېيەدە ئىشلەنگەن كىيىم كېسىم-تىكىم ئەمەلىيىتىگە يۇقىرى دەرىجىدە تەقلىدلەنگەن، ئۈچ ئۆلچەملىك كىيىم لايىھەلەش دېتالى بولۇپ لايىھەلىگەن دېتالنى مودىلغا كىيگۈزۈپ كىيىمنىڭ ھەقىقىي بەدەندىكى ئۈنۈمى كۆرگىلى بولىدىغان يۇقىرى تېخنىكىلىق كىيىم لايىھەلەش دېتالى. ھازىر بۇ دېتال خەلقئارادا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقان ۋە ئالقىشقا ئېرىشكەن كىيىم لايىھەلەش دېتالى. غۇلجا شەھەر ئەلقۇت كىيىم-كېچەك شىركىتى ، شىنجاڭ ئەلىف كەسپى تەربىيەلەش مەكتىپى، شىنجاڭ سەلتەنەت كىيىم-كېچەك كەسپى تەربىيەلەش مەكتىپى كەڭ ئۆگەنگۈچىلەرگە قولايلىق يارىتىش مەقسىتىدە بۇ دېتالنىڭ تىل كودىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ سىناقتىن غەلىبىلىك ئۆتكۈزدى. ھەم بۇ دېتالنىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى كىيىم -كېچەك لايىھەلىگۈچىلىرى ئۈچۈن يېڭى يىللىق سوغا سۈپىتىدە ھەقسىز تەمىنلىدى. دېتال ئىسمى: Marvelous Designer ئىشلەش مۇھىتى: 32 لىك ۋە 64 لىك ۋىندوۋس مەشغۇلات سىستېمىلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئىشلەتكىلى بولىدۇ.دېتال ئىشلىتىلىشى: كىيىم لايىھەلەش ، ئوبراز لايىھەلەش، پەردە، ئائىلە جابدۇق قاپلىرىنى لايىھەلەش قاتارلىق ساھەلەردە ئىشلىتىلىدۇ. 3DMAX, MAYA قاتارلىق دىتاللار بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ئىشلەتسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. مەشغۇلاتى ئاددىي، ئۆگىنىشكە قولايلىق. ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى تەييارلىغان ئورۇن: غۇلجا شەھەر ئەلقۇت كىيىم-كېچەك شىركىتى، شىنجاڭ ئەلىف كەسپى تەربىيەلەش مەكتىپى، شىنجاڭ سەلتەنەت كىيىم-كېچەك تېخنىكىسى تەربىيەلەش مەكتىپى. ماس كېلىدىغان نەشرىلىرى: 3،4، 5- نەشرىلىرىگە ماس كېلىدۇ. تېخنىك يېتەكچى: تاشپولات بىلال ئەلقۇت دېتالغا ئىگە بولۇش يولى: ئىزدەش تورلىرىغا Marvelous Designer 4 دەپ كىرگۈزۈپ ئىزدىسەك ئىگە تەرەپ تور بېتىنى تاپالايسىز ئىگە تەرەپ تور بېتىدىن ھەقىقىي نۇسخىسىنى سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر سىز ئۆگىنىش ياكى سىناپ كۆرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىپ باقماچى بولسىڭىز يۇقىرىقى ئۇسۇلدا بىر قىسىم چەكلىمىسى ئېلىۋېتىلگەن نۇسخىلارنى تاپالايسىز. تۆۋەندىكى ئادرېسلارنى كۆرۈپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ.( سىزنىڭ ئىگە تەرەپ تور بېتىدىن ھەقىقىي نۇسخىسىنى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز) 64 لىك نۇسخىسى : http://www.ddooo.com/softdown/63902.htm 32 لىك نۇسخىسى: شۇنلېيدە چۈشۈرۈش ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلاش ئۇسۇلى: 1. ئاۋۋال دېتالنى قاچىلاش ئۇسۇلى بويىچە قاچىلايمىز. ئاندىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرىمىز. چۈشۈرۈش 2. پىرىس ھۆججەتنى يەشسەك ئىككى ھۆججەت بار، ئۇنى كۆپىيەلىۋالىمىز.
3. ئاندىن ئۈستەل يېزىدىكى دېتالنى قوزغىتىش سىن بەلگىسى ئۈستىگە نۇر بەلگىنى توغرىلاپ ئوڭ كۇنۇپكىنى چېكىپ، چىققان تىزىملىكىتىن属性نى چېكىمىز،
4. بۇنداق بىر دىياگلوگ رامكا ئېچىلىدۇ،ئۇنىڭدىن 打开文件位置(F) نى چېكىمىز
5. مۇنداق ھۆججەت قىسقۇچ ئېچلىدۇ ئۇنىڭ ئىچىدىكى تىل كودى ھۆججەت قىسقۇچى Language نى قوش چېكىپ ئىچىگە كىرىپ بايىقى كوپىيەلىۋالغان تىل كودىنى بۇ يەرگە چاپلاپ ئەسلىدىكىگە ئالماشتۇرىۋىتىمىز.
ئەمدى دېتالنى خاتىرجەم قوزغاتساق دېتالنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا ئۆرۈلگەنلىكىنى كۆرىسىز. (ئەگەر ئۇيغۇرچە كۆرۈنمىسە تىل كودىنى خەنزۇچە تىل كودىغا توغرىلاڭ، بىز خەنزۇچە تىل بولىقىنى ئۇيغۇرچە تىل كودىغا ئالماشتۇرغان) دېتالنىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ۋە ئۇيغۇرچە دەرسلىك فىلىملىرى توغرىسىدا سورايدىغان سوئالار بولسا 448102348 چ چ ئالاقە قورالى ئارقىلىق ئالاقىلىشىڭ ياكى چ چ مۇنازىرە توپى : 35217941 نى قوشۇپ سورىسىڭىز بولىدۇ. ئۈندىداردا مەسلىھەت سوراش نومۇرى: ghulja-biz ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان ھالەتتىكى دېتالنىڭ مەشغۇلات كۆزنەكلىرى:
|