قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1026|ئىنكاس: 3

بۈگۈن بار، ئەتە يوق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

18

دوست

3022

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   34.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  48758
يازما سانى: 275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 892
توردىكى ۋاقتى: 104
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-18 13:12:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن بار، ئەتە يوق

(ھېكايە)

نۇرگۈل ئەبەي


   بوۋاي خوتۇنىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى،يۈرەكنى يىڭنە سانچىغاندەك ئازابلايدىغان ئۆزگىرىشلەرنى كۆردى. ئوغلى تېخى ئالدىنقى ئايدىلا ئانىسىنى: «ياخشى تۇرىۋېتىپتۇ، سېستىرالارنىڭ مۇئامىلىسىمۇ بەك ياخشىكەن. ئانام كېتەيلى دېسەممۇ ئۇنمىدى.» دېگەندەك گەپلەرنى قىلغانىدى. قارىغاندا ھەممىسى بوۋاينى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن شۇنداقلا دەپ قويۇلغان قۇرۇق گەپلەركەن. موماي كارىۋاتتا ئوڭدىسىغا ياتاتتى. سېستىرانىڭ دېيىشىچە تېخى بىر سائەت بۇرۇنلا موماينىڭ كېسىلى قوزغىلىپ، ئالەمنى مالەم قىلىۋەتكەن بولغاچقا ئۇنىڭغا تىنچلاندۇرۇش ئۇكۇلى سېلىپ قويغانمىش. بوۋاينىڭ سېستىرانىڭ بۇ گېپىگە تازا ئىشەنگۈسى كەلمىدى. چۈنكى موماينىڭ بىر چاغلاردىكى تەلۋە كۈچىنىڭ بىرىمۇ قالمىغاندەك قىلاتتى. بەدىنى بەكمۇ ئاجىزلاپ، بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان، چىرايى ساماندەك سارغىيىپ، ئاپئاق ئاقىرىپ كەتكەن قاشلىرىنىڭ تېگىدىكى بىر جۈپ كۆزى گويا چوڭقۇر ئورەكنى يۇرۇتۇپ تۇرغان ياغسىز چىراقتەك پىلدىرلاپلا قالغاندى. ئۈستىگە كىيدۈرۈپ قويۇلغان ئالا بۇلىماچ بىمارلار كىيىمى ۋە چۆرىسىگە رېزىنكە تۇتۇلغان پۈرمىلىك لاتا پوسما،موماينى شۇ قەدەر ھەجۋى ۋە كۈلكىلىك كۆرسىتىپ قويغان ئىدىكى،كۆرۈپلا بوۋاينىڭ ئىچى ئېچىشتى.
ـــ ياغلىقىنى تېپىپ بەرگەن بولسىڭىز بالام، ياغلىق چىگدۈرۈپ قويساق بوپتىكەن. مۇسۇلمان ئادەمگە ياغلىق يارىشىدۇ...
ـــ كەچۈرۈڭ تاغا، بۇ ئاچاش ھە دېگەندىلا چاچلىرىنى قاماللاپ يۇلۇپ، تولا ئاۋارە قىلغاچقا دوختۇرخانا مانا مۇشۇنداق باشتا تۇردىغان دوپپىلارنى كىيدۈرۈپ قويغان. چېچىنىمۇ ئىككى ئايدا بىر قېتىم ساتىراچ كېلىپ ياساپ قويىدۇ. ئوغلىڭىز بۇ توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرنى بىلىدۇ ھەم قولمۇ قويغان.
 سېستىرانىڭ شۇ گەپلەرنى دەۋاتقاندىكى كۆزلىرى مومايغا قاراپ كۈلۈپ تۇرسىمۇ ئەمما ئىچ ئىچىدىن ئۆرلەپ تۇرغان بىزارلىق ۋە ئۆچمەنلىك بىر يەرلىرىدىن تۆكۈلۈپلا تۇراتتى. چىداپ، سىيلىق بولاي دېسىمۇ بولالمايۋاتاتتى.
ـــ ھە...بوپتۇ ئەمىسە،يالاڭباش يۈرگەندىن ياخشىراق...قانداق تۇرىۋاتىسەن؟...ـــبوۋاي سۈيى قاچقان دەرەخ غوللىرىغا ئوخشاش يىرىك ئالقانلىرى بىلەن مومىيىنىڭ پىشانىسىنى ئاستا سىيلىدى. موماي شۇندىلا بىراۋنىڭ يېنىغا كەلگەنلىكىنى تۇيغاندەك، قورۇلۇپ ياداپ كەتكەن يۈزىنى بوۋاي تەرەپكە بۇرىدى. دەسلەپ تىترەپ تۇرغان لەۋلىرىدە، بىلىنەر بىلىنمەس تەبەسسۈم قىلدى. ئاندىن بۇ تەبەسسۇم شۇنچىلىك تېز نەپرەت بىلەن ئالماشتى.
 سەن دادامنى گومىنداڭنىڭ ئاقچىسىغا سېتىۋەتكەن ھېلىقى ئابدال شۇ!...ـــ مومىيى ئۇنىڭغا چەكچىيىپ، خىقىراپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى.ــ قانداق كېلەلىدىڭ ھە؟ ــ دېدى ئۇ يەنە. ئارقىدىن ھېقىغداپ يىغلاشقا باشلىدى.ـــ نېمىشقا شۇنداق قىلدىڭ؟ قايسى يۈزۈڭ بىلەن شۇنداق قىلىسەن؟ دادام سېنى باقمىغانمۇ؟ تۇز بەرمىگەنمۇ؟!...شۇ بىچارە دادام تېخى تۈنۈگۈنلا بار ئىدى، مانا بۈگۈن يوق... ھۈ ھۈ ھۈ...
ـــ يەنە قوزغالدى...دوختۇر چاقىرايمۇ؟ ـــ دېدى سېستىرا بىزارلىق بىلەن.
ـــ ياق، مەن ئۆزۈم تىنچلاندۇرىمەن... سىز چىقىپ كېتىڭ، ئەنسىرمەڭ.
ـــ بەك ئەسكىلىك قىلىپ كېتەرمىكىن؟ ئۇ چاغدا تەس بولىدۇ. ئۆتكەن قېتىممۇ...
ـــ ياق، ئەسكىلىك قىلمايدۇ، قانداق قىلىشنى مەن بىلىمەن، ئۇنىڭ بىلەن مۇشۇ ھالدا 15 يىل بىللە ياشىغان تۇرسام. ـــ دېدى بوۋاي سېستىرانىڭ گېپىنى بۆلۈپ. سېستىرا بىردەم ئىككىلىنىپ تۇرىۋەتكەندىن كېيىن چىقىپ كەتتى.بىرلا كارۋات قۇيۇلغان قەپەستەك تار، ئىككى ئەينەكلىك دەرىزىلىرىگە پۇختا پولات چىۋىقلار ئورنىتىلغان ئۆيدە بوۋاي خوتۇنى بىلەنلا قالدى.
ـــ ياق، مەن ئەمەس... مەن ئابدۇكېرىماخۇن، سېنىڭ ئېرىڭ، خوتۇن؟ ئۇنتۇپ كەتتىڭمۇ؟... يىغلىمىساڭچۇ، دادىمىزنى چۈشۈمدىمۇ كۆرۈپ باقمىغان تۇرسام قانداقسىگە سېتىۋەتكەن مەن بولاي؟ قارىغىنە، مەن ئابدۇكېرىماخۇن، باللىرىڭنىڭ دادىسى... ـــ دېدى بوۋاي يىغلىغۇسى كېلىپ. موماي ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئازراق ئاڭقرىۋاتقاندەك، خۇددى راست-يالغان ئىكەنلىكىنى بوۋاينىڭ قورۇلۇپ كەتكەن قاتاڭغۇر يۈزلىرىدىن بىلىۋالماقچى بولىۋاتقاندەك، يىغىسىنى شىپپىدە توختىتىپ، ئۇنىڭ چىرايىغا ئۇزاققىچە قاراپ كەتتى. قورۇلۇپ كەتكەن كۇماك ئاغزىدىكى چۈشۈپ كېتەيلا دەپ قالغان بىر تال ئۇتتۇر چىشى قىيسىيىپ قالغاندى.
 «ئۇنى مەن مۇشۇنداق قىلىپ قويدۇم..» بوۋاينىڭ يۈرىكىنى بىر خىل پۇشايمان ۋە ئازاب تۇيغۇلىرى يەنە چېقىپ ئۆتتى.شۇنچە يىللار ئۆتۈپ بۈگۈنگە كەلگەندىمۇ،ئۇ دائىم ئاشۇ ئىشلارنى ئويلاپ كېتەتتى.
 موماي بۇندىن ئون ئالتە يىل بۇرۇن ئۆگزىگە گۈلە يايىمەن دەپ، شوتىدىن يىقىلىپ كەتكەن باھانە بىلەن دوختۇرخانىدا بەش كۈن ھۇشسىز يېتىپ، ئاخىرى ھازىرقىدەك كاللىسىدىن كەتكەن ھالىتىدە ھۇشىغا كەلگەنىدى. دوختۇرلارنىڭ دېيىشىچە، موماينىڭ مەركىزى نېرۋا سېستىمىسى قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغانمىش. بوۋاي بۇ ئىشنى ئويلاشنى خالىمايتتى، ئۇ ئىشلارنى ئەسلەش، نېمىشقىدۇر ئۇنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلاتتى. ئاشۇ چاغدا خوتۇنى ئۇنى بىر نەچچە قېتىم پىشىپ كەتكەن ئۈرۈكلەرنى ئۆگزىگە ئەچىقىپ بېرىڭ، دەپ بۇيرىغان، بوۋاي ئالدىراشلىقىنى باھانە قىلىپ بۇنىڭدىن باش تار . شۇڭا خوتۇنىنىڭ مۇشۇنداق بولۇپ قېلىشىدا ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك بىر سەھۋەنلىك باردەك، ئەگەر ئۇ ئاشۇ نەس باسقان ئۈرۈكلەرنى ئۆگزىگە ئەچىقىپ تۆكۈۋەتكەن بولسا، خوتۇنى ساراڭ بولۇپ قالمايدىغاندەك ئويلايتتى.
 بوۋاي تېخى 70 ياشقا ئۇلاشمىغان بولسىمۇ،ئەمما ئۇنىڭ يىل بويى ئېتىزدا ئىشلەپ، ئاپتاپتا، شامالدا قۇرغاقشىپ قارىداپ كەتكەن ئورۇق يۈزى، تۈكۈلۈپ كەتكەن چىشلىرى،يادەك پۈكۈلگەن قاقشال قەددى ئۇنى خۇددى سەكسەن ياشلىق بوۋايلارغىلا ئوخشىتىپ قويغاندى.
ـــ بىزنىڭ پىرافىسورچۇ دادا، سىزدىن ئىككى ياش چوڭكەن، ئەمما شۇنداق ياش، فاكولتىتىنىڭ كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ. ھە دېسىلا كىچىك قىزلارنىڭ يېنىدىن كېلەلمەيدۇ.. ـــ دەپ ئوغلى مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن دادىسىنى سېلىشتۇرۇپ قالاتتى. بوۋاي بۇنداق چاغدا كۈلۈپلا قوياتتى. ئۇ بالىلارنى چوڭ قىلىش ئۈچۈن تارتىپ كەتكەن جاپالىرىنى، ئېلىشىپ قالغان خوتۇنىنىڭ كەينىدىن پالاقلاپ ئۆتكەن 15 يىلىنى ئويلاپ، ئۆزىنىڭ ھېلىمۇ ئۆلۈپ قالماي، قېرىپ كەتسىمۇ مۇشۇنچىلىك تۇرغىنىغا ئاللاھقا شۈكرىلەر ئېيتاتتى.
ـــ كۆڭلۈڭ ئېچىلىپ قالىدۇ، تالاغا ئەچىقىپ كىرەيمۇ؟ تالانىڭ ھاۋاسى ساپكەن، دەرەخلىرىمۇ قويۇق،گۈللۈكتە ئۈششۈپ كەتمىگەن سەبدە گۈللىرىمۇ باركەن تېخى،بىر چاغلاردا سەبدە گۈلىنى ئەجەپمۇ جىق تېرىيتىڭ ھە؟...ـــ دېدى بوۋاي، مومىيىنىڭ تېنىچلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ.ـــ شۇنداق قىلامدۇق؟...نېمانچە قارايسەن موماي؟ بەكلا دۈمچىيىپ كېتىپتىمەنمۇ ؟...تۇرە، مانا ئايىقىڭنى ئۆزۈم كىيدۈرىمەن، بۇرۇنقىدەك...قارا مانا بىر بەلەن تۇرۇپسەن...مېنى چىڭ تۇتىۋال ھە؟ قولۇمنى قۇيىۋەتمە، سېنى يۆلەپ ماڭغۇدەك دەرمانىم بار تېخى.
 بوۋاي موماينى يىتىلەپ كۈن نۇرى تولۇق چۈشمەيدىغان قاراڭغۇ كارىدورغا چىقا چىقمايلا، سېستىرا ئۇلارغا ئەگىشىپلا كەلدى.سېستىرانىڭ تۈرۈلۈپ كەتكەن قاپاقلىرىنى كۆرۈپ موماي ئىككى قولى بىلەن بېشىنى چاڭگاللاپ،خۇددى كىچىك بالىلاردەكلا تۈگىلىۋالدى. بۇ قىلىقىدىن ئۇنىڭ بۇ يەردىكى سېستىرالاردىن نەقەدەر قورقىدىغانلىقى ئاشكارىلا ئىش ئىدى.
ـــ ئاچىقمىسىڭىز بولامدىكىن؟ــدېدى سېستىرا، بوۋاينىڭ مەخسىدىنى بىلگەندىن كېيىن سەل يۇمشاپ، ـــ ئۆتكەندە ئوغلىڭىز كەلگەندىمۇ شۇنداق كېسىلى تۇتۇپ كەتكەندى.
ـــ بۇرۇنمۇ ئۇنى ھېچكىم تېنچلاندۇرالمىغاندا، ئۆزۈم تىنچلاندۇراتتىم. ئەنسىرىمەڭ ئۇكام. ئازراق شامالدىتىپ كىرسەملا بولدى، ئاپتاپ كۆرسۇن.
ـــ ئۇنداق بولسا، ھويلىغىلا ئەچىقىڭ. دوختۇرخانىدا تۈزۈممۇ شۇ. بەك نېرى كېتىشكە بولمايدۇ، ماڭىمۇ گەپ كېلىدۇ...ماۋۇ چاقلىق ئورۇندۇققا ئاچاشنى ئولتۇرغۇزۇڭ، ھېلى يىقىلىپ بىر يېرىنى سۇندۇرۋالمىسۇن. لېكىن ئولتۇرغىلى ئۇنارمىكىن تاڭ...
ـــ ماقۇل...ماقۇل...ئۇنايدۇ...كەل موماي،قورقما،مەن بار...ھە، بۇنىڭدا ئولتۇرۋال، سېنى بىر ئايلاندۇرۇپ كېلەي.
 موماي سېستىرانىڭ يېنىدىن كېتىشكە ئالدىراۋاتقاندەك ھېچقانداق قەغىشلىق قىلمايلا چاقلىق ئورۇندۇقتا ياۋاشلىق بىلەن ئولتۇردى.ئەمما بېشىنى قاماللىۋالغان قوللىرىنى،بوۋاي خېلى گەپ قىلىپ،تەستە پەسكە چۈشۈردى.ئۇلار ئايلانما پەلەمپەيدىن چۈشۈپ بىرىنچى قەۋەتكە چۈشكەندە، قوش قاناتلىق ئىشىكى ھاڭقىرقاي ئېچىۋېتىلگەن بىر كېسەلللەر ياتىقىدا قاتتىق خاپىلىقلار بولىۋاتاتتى. قاتار قۇيۇلغان ئۈچ كارۋاتتا بىللە ياتالىغىنىغا قارىغاندا جىدەل قىلمايدىغان «ياۋاش» كېسەللەر بولسا كېرەك، ئۈچ بىمار ئايرىم سولانمىغاندى. بىر سېستىرا ئۇدۇل كارۋاتتا ئولتۇرغان سېمىز ئايالنى ئاغزىنى بۇزۇپ تىللاۋاتاتتى. ئايال ھەدىددىن ئارتۇق سەمىرىپ كەتكەن، يۈزىدە ھېچقانداق سېزىش ۋە پىكىر قىلىش ئىپادىسى يوق، ئەقىل ھۇشىدىن ئايرىلغانىدى، بىر نۇختىغا تىكىلىپ ئۆزىچە ھىجىيىپ ئولتۇراتتى.قالغان ئىككى كارۋاتتىكى كېسەللەر بېشىنى يوتقانغا پۈركىۋالغاندى.
ـــ ۋاي ئۆلگۈر چوشقا! ئادەمنى بۇنداق قىينىغۇچە، ئۆلۈپلا كەتسەڭ، بۇ مەينەتچىلىكتىن بىزمۇ قۇتۇلۇپلا كەتسەك بولمامدۇ ؟! ھۇ،ئېگىسى يالىمىغان ئىت!پاسكىنا...
 چوڭ تاھارەتنىڭ كۆڭۈلنى ئاينىتىدىغان سېسىق پۇرىقى بىرىنچى قەۋەتكە بىرلا كەلگەندى.ئايالنىڭ ئاياق پۇشقاقلىرىنى،ئورنىنى تازىلاۋېتىپ، سېستىرا ئاخىرى چىدىيالماي كېسەلنى ئېغىر مۇشتىمى بىلەن نەچچىنى ئۇرىۋەتتى.لېكىن ئۇ ئايال بۇنداق تاياق ۋە ئېغىزغا ئالغۇسىز سەت تىللارغا نە ھەركەت، نە بىرەر ئىپادە بىلەن جاۋاب قايتۇرماي، ئەكسىچە كۆزلىرىنى مۆلدۈرلىتىپ، ئېغىر تۇڭدەك سەل-پەل مىدىرلاپلا قويدى.
 بۇ مەنزىرىدىن بوۋاينىڭ كۆڭلى تېخىمۇ ئاچچىق بولدى. خوتۇنىنىڭ بېشىنى يەنە چاڭگاللىۋالغانلىقىنى، كۆزىنى چىڭڭىدە يۇمىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ يەردىن تېزلا ئايرىلدى. ئۇلار سىرتقا چىققاندا موماي تۇلۇق شۈكلەپ كەتكەن ئىدى. بىر نەرسىنى تۇيغاندەك، شۇ تۇرقىدا ئۆتكەن ئوتتۇز يىل ئىچىدە، بېشىدىن ئۆتكەن كۈنلىرىنى تولۇق ئەسلەۋاتقاندەك قىلاتتى.
 قۇيۇق توخۇمەك دەرىخىنىڭ يۇپۇرماقسىز ئاچىلىرىغا قۇنۇۋالغان قۇشلارنىڭ غەمكىن سايراشلىرى كۈزنىڭ كۆڭۈلسىز كۈنلىرىنى تېخىمۇ سۆرۈنلەشتۈرىۋەتكەندى. بوۋاي سارغىيىپ كەتكەن گۈللۈكتە ئۈششۈكتىن ئامان قالغان بىرنەچچە تۈپ سەبدە گۈلىنىڭ يېنىغا كەلگەندە چاقلىق ئورۇندۇقنى توختاتتى.ئۆزى موماينىڭ ئالدىغىلا، تاش ئۇرۇندۇققا ئولتۇردى. ئەتراپنى ئوراپ تۇرغان ئېگىز تۆمۈر سالاسۇنلار بۇ يەرنى سىرتتىكى ساپ ھاۋادىن تولۇق ئايرىۋەتكەندەك كۆرۈنەتتى.سوغوق شامال دەرەخلەرنى، گۈللەرنى يالىڭاچلاپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ يەرگە چۈشكەن سېرىق غازاڭلىرىنى ھەريان ئۇچۇرتۇپ ئوينىماقتا ئىدى...
 خوتۇنى نېرىۋىسىدىن كەتكەندە بوۋاي تېخى قىران يېشىدا ئىدى. دوختۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە خوتۇنىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى مۈمكىن ئەمەسلا ئىش ئىكەن. ئاشۇ چاغدا، چۈچۈرىدەك ئۇششاق ئۈچ بالىغا، ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇنى ئۆيلىنىۋېلىڭ، دەپ مەسلىھەت بەرگەنلەرمۇ، ھەتتا بالىلىرىڭىزغا ئانا بولاي، دېگەنلەرمۇ بولدى. لېكىن بوۋاي ئۈچۈن، قايتا ئۆيلىنىش دېگەن ھەتتا ئويلىنىپ بېقىشقىمۇ بولمايدىغان بىر مەسىلە ئىدى. ئۇ تۇنجى ئايالى تاشلاپ كەتكەن چوڭ ئوغلى ئادىلجاننى مۇشۇ رۇشەنخاننىڭ قولىدا سەككىز ياشقا كىرگۈزۈپ بولغۇچە كۆرمىگەن كۈنى قالمىغاندى. ئۆگەي ئانا بىلەن ئۆگەي بالىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى زېددىيەتنى ھەل قىلىشنىڭ قانچىلىك تەس ئىش ئىكەنلىكىنى ئۇ ھەممىدىنمۇ بەكرەك بىلەتتى. رۇشەنخاننىڭ ئۆگەيلىكى قاتتىق ئىدى.
 قاتتىق بولغاندىمۇ بوۋاينىڭ ئوغلىغا ئاجايىب قاتتىق ئۆگەيلىك قىلغاندى. ئۆزىنىڭ ئادىلجاندىن بىر ياشلا كىچىك قىزىنى مەلىكىلەردەك بېقىپ، بوۋاينىڭ ئوغلىغا ئىتنىڭ كۈنىنى كۆرسەتكەندى. بىچارە بالا دادىسى بولمىسا، كۈن كۈنلەپ ئاش نان يىمەي ئاچ زېرىن سىرتلاردا يۈرۈپ كېتەتتى.دائىم ھارام تاياق يەيتتى.شۇ سەۋەبلىك ئەر-خوتۇن تولا سوقۇشاتتى. بوۋاينىڭ بۇ خوتۇننى ھەيدەپ چىقىرىش ئويى ئەمەلگە ئاشمايلا، رۇشەنخان ئۇنىڭغا 3-ئوغلى ئالىمجاننى تۇغۇپ بەردى. بالا بەش ياشقا تولۇق توشماستا،ئۆزى ئۆگزىدىن چۈشۈپ كەتكەن شۇ پىشكەللىك بىلەن نېرۋىسىدىن كەتتى، كىشىلەر بۇ خوتۇننىڭ ساراڭ بولۇپ قالغانلىقىنى ئادىلجاننى يامان كۈنگە قويغانلىقىدىن، خورلىغانلىقىدىن...بولدى، دەپ غۇل غۇلا قىلىشتى. مەيلى، رۇشەنخان ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولسۇن ياكى بوۋاي سەۋەبلىك ئېغىر سېۋەتنى كۆتۈرەلمەي يەرگە چۈشۈپ كەتكەن بولسۇن، بەرىبىر بولار ئىش بولدى، ئەلھۆكمۇللا، دېمەي بەندىگە ئامال يوق. شۇنداق قىلىپ،چوڭ ئوغلى ئادىلجانمۇ ئاستا-ئاستا چوڭ بولدى. ناھايىتى ئېغىر، خۇددى دادىسىنىڭ دەردىنى بىلىدىغاندەك، كېيىنىكى كۈنلەردە ئۆگەينىڭ زۇلمىغا ۋاھ دېمەيدىغان چۆيۈندەك چىڭ بالا بولدى.ئەمما، رۇشەنخان پۈتۈنلەي ئېلىشىپ قالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۆگەي ئانىسىغا بولغان نەپرەتلىك، ئاچچىق قاراشلىرى تا شۇ چاققىچە يوقالمىدى...
 رۇشەنخاننىڭ قىزىمۇ چوڭ بولدى، بوۋاينىڭ تەلىيىگە قىز ئانىسىغا ئۇنچە ئوخشاپ كەتمەيتتى. دادىسىغا،ئاكىسىغا، ئىنىسىغا مۇلايىم، كۈيۈمچان ئىدى. بوۋاينى خۇددى ئۆز دادىسىدەك كۆرەتتى. كىچىككىنە تۇرۇپلا ئىشقا پىشىپ كەتتى، ئۆينىڭ كىر قاتلىرىنى پاكىزە يۇيۇپ، ئۆيدىكى ئۈچ ئەركىشىنىڭ ئاش-تامىقىنى ئەتتى، پەقەتلا غۇدۇرىمىدى. ئۆگەي بولسىمۇ بوۋاي بۇ قىزىغا ھەتتا ئىككى ئوغلىدىنمۇ بەكرەك ئامراقلىق قىلاتتى.
 پۈتۈن سۈرۈك بىر ئەركىشى تۇرۇپ،بىر تال ئوغلىنىمۇ ئۆيىگە سىغدۇرالماي قالغىلى ئازلا قالغان بوۋاي،ئۈچ بالىنى قانداقمۇ ئۆگەينىڭ ئالدىغا قايتا ئاپىرالىسۇن؟ قانداقمۇ خوتۇنىنى ساراڭ بولۇپ قالغانلىق بىلەن «يوق» نىڭ قاتارىغا چىقىرىۋېتەلىسۇن؟...شۇنداق قىلىپ، بوۋاي چىشىنى چىشلەپ كۈنلەرنى ئۆتكۈزدى، نارسىدە بالىلارنى بىر بىرلەپ قاتارغا قوشتى. نېرۋىسىدىن كەتكەن رۇشەنخاننىڭ ھەر خىل، ھەر قىسما تەتۈر قىيناشلىرىغا، باشقىلارنىڭ ھەر قىسما مازاق قىلىشلىرىغا...چىدىدى، ئۆزىنى سەبر-تاقەتكە، مۆمىنلىككە، ھەمىلا نەرسىگە چىداشقا ئۆگەتتى. مۇشۇ سەۋرچانلىقى ۋە چىداملىقلىغىنىڭ ھېچ بولمىغاندا ئۇ دۇنيادا بولسىمۇ ھېساپقا ئېلىنىپ، جەننەتتىن ئۆزىگە چۇشلۇق بىر نېسىۋە تېگىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. بوۋاي ئۈچۈن ئۈچ بالا گويا ئۇنىڭ بەدىنى، روھى ۋە بارلىقى ئىدى. ئۇ بالىلارنىڭ ھەممىسىنى گۆھەرگە بەرگۈسىز ئېسىل بالىلار، دەپ قارايتتى. بالىلار ئۈچۈن ئۇ بارلىقىنى قۇربان قىلىۋېتىشكە ھەر ۋاقىت تەييارلا تۇراتتى.
ۋاقىت شۇ تەرىزدە گاھى تېز، گاھى ئاستا ئۆتۈپ كەتتى. ئانىسىدىن كىچىكلا قالغان كەنجى ئوغۇل ئالىمجانمۇ شۇ كۈنلەردە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتاتتى. ئوقۇشى ياخشى ئىدى. چوڭ ئوغلى ئادىلجان ئىككى بالىغا دادا، كەتمەن تۇتقان قاۋۇل دېھقان بولدى، بوۋاينىڭ ئون بەش مو يېرىنى تېرىپ كۈنلىرىنى كۈن قىلىۋاتاتتى. قىزى رازىيە بانكا مەكتىۋىنى پۈتتۈرۈپلا، يۇرتقا قايتماي، شىمالغا، بىر ساۋاقدىشىغا توي قىلىپ كەتتى. خىزمىتىنىمۇ شۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇردى. بوۋاي تا شۇ چاققىچە قۇدىسى كىم، كۈيوغۇل قايسى، چىرايى قانداق، بىلمەيدۇ... قىزى تېلېفۇن قىلىپ بۇ يىل قايتىمىز، سىزنى كۆرۈپ كېلىمىز دېگىلىمۇ ئۈچ يىل بولۇپ كەتتى، ئەمما قىز ئېرىنى ئەگەشتۈرۈپ بوۋاينىڭ ئالدىغا، توغرىسى، ھە دېسە چاچلىرىنى چۇۋۇپ، تالاغا يۈگىرەيدىغان، ئەلەڭ-سەلەڭ سۆزلەپ گاھى كۈلكىلىك گاھى قورقۇنچلۇق بولىۋالىدىغان ساراڭ ئانىسىنىڭ يېنىغا كېلىشكە نومۇس قىلدى.ئېرىنىڭ، قېيىن ئاتا- ئانىسىنىڭ گەپ ئېتىشىدىن قورقتى...مەيلى ئائىلىدە تېنچ ئۆتسە، خىزمىتى جايىدا بولسىلا بولدى، دەپ شۈكرى قىلدى بوۋاي.ئەسلى ئۇ، ئانىسىغا قاراشتا مۇشۇ قىزدىن بەكرەك ئۈمىد كۈتكەنتى.قىز بالا ئانىغا يېقىن،دەپ ئويلىغانتى.ئەمما،قىزىنىڭ ئويلىغانلىرى باشقىكەن. كىچىكىدىن تارتىپلا، تەڭتۈشلىرىنىڭ مازاقلىرى ئاستىدا چوڭ بولغان بىچارە قىز،ساراڭ ئانىسىنى ھېچكىم بىلمەيدىغان بىر يەرگە كېتىشنى تاللىۋالدى. ساراڭ ئانامنى، ۋەيرانە ئائىلەمنى، ئۆتمۈشۈمنى كۆزۈم كۆرمىسۇن دېدى بولغاي. بۇ يولنى تاللاش بوۋاينىڭ ئويىچە،ئەلۋەتتە قىزنىڭ ئۆزىگىمۇ ئېغىر كەلدى.بۇنى بوۋاي تۇياتتى. بولىدىغان ئىش بولدى. ئەمدى ئوغۇللارغا ئوخشاش كىچىككىنە قىزغا، تاپا-تەنە قىلغاننىڭ نېمە پايدىسى،دەپ ئويلايتتى ئۇ.شۇڭىمۇ قىزىغا تا شۇ چاققىچە بىر ئېغىز تاپا قىلىپ باقمىدى.ئوغۇللىرى ھە دېگەندىلا تاپا قىلىشقىنى بىلەن، بوۋاي ئاغرىپ پۇت سوزۇپ يېتىپ بولغۇچە، ئانىسىنى ھېچكىمگە بىلدۈرمەيلا،«ساراڭلار ساناتوريەسى»گە يۆتكىۋەتتى. تېخى، ئانام ئوڭشىلىپ قاپتۇ، دوختۇرلار داۋالايدىكەن، دەپ يالغان ئېيتىشتى...مەيلى نېمىلا بولمىسۇن،بوۋاي بالىلاردىن پەخىرلىنەتتى. بالىلىرىنىڭ ساغلام، تىرىشچان، ھالال ئەمگەك بىلەن ياشاۋاتقانلىقى ئۇنىڭ پۈتۈن ھاردۇقىنى چىقىرىۋېتەتتى.
ـــ ئاناڭنى ئەكىلىۋالساق بولارمىكىن، قىشنى ئۆيدە ئۆتكۈزسۇن...خەقتىن ئاڭلىسام، ئۇ يەردە ئاناڭدەك كېسەللەرنى باغلاپ قويىدىكەن... ــ دېدى ئۇ يازلىق تەتىل كۈنى تاماق ۋاختىدا ئىككى ئوغلىغا تەلمۈرۈپ. كېلىنى شۇ ئانلا ئاڭلىمىغانغا سېلىپ، ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى. چوڭ ئوغلى قاپىقىنى تۈرۈپ، بىر ئېغىز زۇۋان سۈرمىدى. لېكىن كىچىك ئوغلى ئاكىسىغا لەپپىدە قارىۋەتكەندىن كېيىن، ئىككىلىنىپ قالمايلا شۇنداق دېدى.
ـــ بۇ يەرگە كەلسە كىم ئانامغا قارايدۇ دادا؟ سىزمۇ قېرىغاندا بۇرۇنقىدەك ئۇنىڭ كەينىدىن يۈگۈرەلمەيسىز، بولغۇلۇق يەنە مۇشۇ ئاكامغا بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن ئانام شۇ يەردە تۇرىۋەرسۇن، مەخسۇس شۇنداق كېسەللەرنى داۋالايدىغان يەر ئۇ،خەقنىڭ گېپىگە كىرمەڭ، ساقىيىپ كېتەمدۇ تېخى! يەنە كېلىپ بۇ يىل ھەدەم كېلىدىكەن... ماڭا دېيىشىچە، ئۇ ئانامنىڭ ئەھۋالىنى يولدىشىنىڭ ئۆيىدىكىلەرگىمۇ ئېيتمىغانمىش. گېپىدىن قارىسام، ھەدەممۇ ئانامنى شۇ يەردە تۇرسۇن دەيدىكەن. مېنىڭچە، ھەدەمنىڭ قىلغىنىمۇ توغرا. ئۇ ياقتىكىلەر ئانامنى ئۇ ھالدا كۆرمىسۇن.
 شۇ كۈنى خېلى گەپلەر بولۇندى، چوڭ ئوغلىنىڭ پىكرىمۇ شۇ ئىدى. بوۋاينىڭ قارىشىچە، بالىلار ئانىسىنى دوختۇرخانا دېگەن نام بىلەن مۇشۇ يەرگە سولىۋەتكەندى.
 بوۋاي ئامالسىز قالدى. دېمىسىمۇ، ئۇنىڭ خوتۇنىنى كۈن بويى قوغلاپ، تۇتۇپ، ئۆيگە ئەكىلىپ، يۇيۇپ تارايدىغان ۋاختىمۇ، كۈچ مادارىمۇ قالمىغاندى. يەنە كېلىپ، قوتاندا كىچىك ئوغلىنىڭ ئوقۇشىنى ئوقۇش قىلىۋاتقان بىر مۇنچە قوي ئۇنىڭ جاڭگالغا ئەچىقىپ بېقىشىغا قاراشلىق ئىدى.
 ـــ بۇ ياشقا كەلگەندە ۋاقىت بەكمۇ تەستە ئۆتىدىكەن...ـــ بوۋاي مومىيىنىڭ غوللىرىنى سىيلىغاچ شۇنداق دېدى. ئۇنى مومايغا گەپ قىلىۋاتىدۇ دېگەندىن، ئۆزىگە ئۆزى گەپ قىلىۋاتىدۇ، دېگەن تۈزۈك ئىدى.ـــ ھېلى ئۇ يېرىم ئاغرىغان ھېلى بۇ يېرىم، ئاغرىمايدىغان ھېچ يېرىم يوقمىكىن، دەيمەن.بەزى كۈنلىرى ئورنۇمدىنمۇ تۇرالمايدىغاندەك ھالدا ئويغۇنىمەن قارا.لېكىن ئورنۇمدىن تۇرۇپلىۋالسام ،قويلىرىمنى ھەيدەپ جاڭگالغا چىقىپلىۋالسام،ھەممە ئاغرىقلىرىمنى ئۇنتۇيمەن. قوينىڭ بەك مېھرى ئىسسىق ھە...تۇرۇپلا قوينىڭ يېنىدا خىزىر ئەلەيھىسالام بار، دەيدىغان گېپىڭنى ئويلاپ قالىمەن...ھازىر قىلىدىغان ئىشىم قوي بېقىش.بۇنىڭدىن باشقا نېمە ئىش قىلالايمەن دەيسەن؟ پۇت قولدا ماغدۇر يوق، كەتمەنگە يارىمىغاندېكىن، جاڭگالدا قوي باقىدىغان گەپكەن. شۇ جاڭگالدا، يالغۇزلۇقتا سېنى يېنىمغا ئەكىلىۋالساممۇ بوپتىكەن دېگۈم كېلىدۇ. جاڭگالنىڭ ئوتتۇرسىدا قايسى ئەسكىلىكنى قىلساڭمۇ پۈتۈن بەدىنىڭگە توپا چاچساڭمۇ، ۋاقىرىساڭمۇ، پۇخادىن چىققۇدەك يىغلىساڭمۇ...سېنى مازاق قىلىدىغان ئادەم يوق...ھى ھى ھى... بىز شۇ ھالدا ياشايتتۇق، بارىدىغان يېرىمىزنى تەڭ كۈتەتتۇق... ئالدىڭدا كەتمىسەم بولاتتى خوتۇن... بارچە تىلىكىم شۇ بىلسەڭ... مۇشۇنچىلىك ياشىساق بولدى ھە؟ سەن بۈگۈنى كەتسەڭ، سېنى كۆمۈۋېتىپلا ئارقاڭدىن مەن ماڭسام...قېرىلىقتا نېمە بەخت بولسۇن دەيسەن؟ بار دېگەندىمۇ، ئۇ بەخت ـ بالىلارغا يۈك بولۇپ خارۇ زارلىقتا قالماي ياشاش شۇ... بۇدا خېلىلا قاتتىق ياتتىم، ئادىلجان غىڭ قىلمىدى، داۋالاتتى.بالىغا ئىچىم ئاغرىدى. شۇنچە پۇلنى تۆلىمەك دېھقان ئادەمگە ئاسانمۇ قارا. قاپىقى يامان دېگىنىم بىلەن بۇ بالىدىن مىڭ مەرتىبە رازى بولدۇم، دۇئا قىلدىم. ئۇنىڭ كۈنىمۇ ئاران ئۆزىگە يېتىدۇ.يەنە جاپا سالسام بولمايدۇ، شۇڭا بىر يېرىم ئاغرىدى، دەپ تىنمايمەن. ھېلىمۇ سەن بالىلارنى جىق ئاۋارە قىلىپ كەتتىڭ موماي...ھېلى ئۆگزىدە يۈرسەڭ، ھېلى باغدا،ھېلى تاغدا، ھېلى خەقلەرنىڭ زىرائەتلىرىنى چەيلەپ يۈرسەڭ، ھېلى قانات چىقىرىپ ئۇچقاندەك بىردەمدىلا خوشنا مەھەللىدە. ھەتتا ناھىيە ئاتلاپ قېچىپمۇ كېتىۋالدىڭ... شۇ بالىلار سېنى تولا ئىزدەپ، تولا بېقىپ، تولا قوغلاپ... بەك ھاردى. ئۇلارنىڭمۇ دوست دۈشمەنلىرى باركەن، بىرسى بىلەن تۇمشۇقىنى ئۇشلايتىپ بولغۇچە، خەقلەر سېنى چىشلەپ تارتىپتىمىش. ئاكىسى غىڭ قىلمىغان بىلەن كىچىك ئىككىسى تولا شۇنداق دەپ يىغلايدىغان...ئۇلار چوڭ بوپ كەتتى...ھازىر يىغلىمايدۇ، رازىيەمۇ شۇ. بۇ يىل ئۆيگە بىزنى يوقلاپ كېلەرمىكىن؟...ئادەم قېرىغاندا ئىتنىڭ ئۆمرىنى ياشايدۇ دەيمىش، راستتۇر بەلكىم...ساڭا نېسبەتەن بەلكىم بۇ يەر، سېنىڭ ئۆزۈڭلا بىلىدىغان ئاشۇ دۇنيارىڭ ئەڭ تېنچ، ئەڭ ياخشى جايدۇر...ئالىمجاننى ئوقۇتىۋەتسەم، ئىككى يىل چىدىۋەتسەملا باللىغا تەۋە ئىشىم تۈگەيتى...سېنى شۇ چاغدا ئۇلار كۆرمەيدىغان بىر يەرگە ئېلىپ كېتىپ ئۆزۈم باقاتتىم-دە...ــ دېدى ئۇ ئېغىر خۇرسىنىپ. ئاخىرقى گەپلىرىنى قىلغاندا، ئاۋازى پەسلەپ تۇتۇلۇپ تۇتۇلۇپ سۆزلىدى.
ـــ دادام تۈنۈگۈن بار ئىدى، بۈگۈن يوق... بۈگۈن مەن بار، ئەتە سەن يوق...
 مومىيىنىڭ چۈشەكىگەندەكلا دەۋاتقان بۇ سۆزلىرىدىن بوۋاي چۆچۈپ كەتتى، يۈرىكى قارتتىدە قىلىپ، مومىيىغا سىنچىلاپ قارىدى. موماي خۇددى ساق ئادەملەردەك، بىر ئىشلارنى ئالدىن تۇيىۋاتقاندەك، بۇ گەپلىرىنى ناھايىتى غەمكىن ۋە ئازاب ئىچىدە ئېيتىۋاتاتتى.
ـــ بىلىدىغاندەكلا سۆزلەيسىنا؟...ـــ دېدى بوۋاي، مومىيىنىڭ بىر چەتكە سىيرىلىۋاتقان ئەدىيالىنى ئۈستىگە تارتىپ قويغاچ، كۆزلىرىگە چىڭقاپ كەلگەن ياشنى يۇشۇرىۋالدى. لېكىن ياش تامچىلىرى قورۇق باسقان يۈزىنى بويلاپ ئېقىپ چۈشتى. ـــ بەلكىم ئۇنداقمۇ بولماس، بەلكىم...ساقىيىپمۇ قالارسەن...
ــ راست دەۋاتىمەن، قارا، دادام بايا ئاۋۇ ئورۇندۇقتا بار ئىدى، ھازىر يوق، كېتىپتۇ...
 موماي شۇنداق دەپلا ئۈنچىقماي ئولتۇرىۋالدى. ئۇ، خۇددى شۇ تاپ ھەممىنى بىلىدىغاندەك، ئۆزى بېسىپ كەلگەن ئۆتمۈشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى كۆرىۋاتقاندەك، تۇرۇپ بوۋايغا، تۇرۇپ ئاللىقاياقلارغا قارايتتى. تۇرۇپ ئۇلۇغ كىچىك تىناتتى. بوۋايغا مومىيى ساقىيىپ قالغاندەك تۇيۇلدى. راستلا، موماي شۇ تاپ ھۇشىنى بىلىدىغاندۇ، بوۋىيىنىڭ دەردىنى سېزىدىغاندۇ...
ـــ ئالىم ئابدۇكېرىم قېنى؟...ـــ موماي يەنە تۇيۇقسىزلا كىچىك ئوغلىنى سوراپ قالدى. مانا بۇ موماينىڭ ئۆتمۈشكە تەۋە شۇنچە يىللاردىن بۇيان قىلغان تۇنجى سۆزى ئىدى. بوۋاينى تونىۋالغانلىقىنىڭ، كىم ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىكىنىڭ دەلىلى ئىدى. بوۋاي يەنە بىر قېتىم تېڭىرقاپ قالدى. لېكىن ئىچ-ئىچىدىن خوشال بولدى. ئوغلى ئانىسىنى ساقىيىپ قاپتۇ،دەپ يالغان ئېيتمىغاندەكمۇ قىلاتتى.
ـــ كەلمەكچىدى، لېكىن ئوقۇشى ئالدىراشكەن. بىلىسەن...چوڭ مەكتەپ دېگەن شۇكەن. قىشلىق تەتىلدە، ئانامنىڭ يېنىغا ئۆزۈملا بارىمەن،دەيدۇ، شۇ چاغدا ئالىم ئوغلۇڭنىڭ قانچىلىك چوڭ بولۇپ كەتكىنىنى كۆرىۋالىسەن...راست، ئادىلجاننىڭ خوتۇنى يەنە تۇغدى قارا، بۇداقىسى پاقلاندەك ئوغۇل دېگىنە! توۋا دەيمەن، بالا قارىسام ساڭىلا ئوخشايدۇ، بەك چىرايلىق...ياز كىرگەندە، ئىككىلا نەۋرىنى ئېلىپ بالىلار بىلەن كېلىمىز... ئاڭغىچە كۈتۈپ تۇرغىن، بۇلامدا؟...ئەر تۇرۇپ ھالىڭدىن خەۋەر ئالامىدىم، مۇشۇ ئىش ئىچىمنى ئاچچىق قىلىدۇ، موماي... بۇ يەردىغۇ ساڭا ياخشى قاراۋېتىپتۇ...ئەمما زە... ئالىمجاننىڭ ئوقۇشى كېلەر يىلى پۈتىدۇ. مۇئەللىم بولىمىش... يېنىڭغا كېلىشتىن بۇرۇن ئۇنى كۆرۈپ كەلدىم. بىللە كېلەرمىزمىكىن، دەپمۇ ئويلىۋېدىم ئەمما بالىنىڭ ئوقۇشى ئالدىراشكەن. ئۆزى شۇنداق دېدى، شۇڭا ئۆزۈملا كېلىۋەردىم...ھەتتا بالا بىلەن بىرەر ۋاخ تاماقمۇ يىيەلمىدىم، ئىنتاھان ۋاختى ئالدىراشمەن...دەپ مەكتىۋىنىڭ دەرۋازىسىدىلا ئۇزۇتۇپ قويدى. سىرتتىن كەلگەنلەرنى كىرگۈزمەيدۇ دادا...دەپ يۈزلىرى قىزىرىپ كەتتى...بىچارە بالا، دادىسىنى ياتىقىغا باشلىيالمىغىنىغا تەڭلىك بولىدۇ-دە. يەنە كېلىپ قارىسام ئۈستىباشلىرىممۇ مانا مۇشۇنداق ۋەيرانە،بالىلا ئەمەس،مەنمۇ ئۆزۈمدىن نومۇس قىلدىم. قېرىغاندا،ئۆزىنى تۈزەپ يۈرمەكمۇ تەس گەپكەن.شۇڭا،ئانىڭىزنىڭ يېنىغا بۈگۈنلا بارمىسام بولمايدۇ، دەپ جىق خىجىل قىلمىدىم... بۇ بالىنى كىچىكلىكىدە كۈلگۈنچەك ئوغۇل دەيتتۇق،ھە، موماي؟ ئەمما ھازىر كۈلەلمەس بوپ قالغاندەك...يا قىيىنچىلىقى ئېغىرمۇ؟ قولىغا بەش يۈز كوي پۇلنى تۇتقۇزدۇم. ماتىريال ئالىدىكەن، يەتمەيدۇ دېۋىدى، ئۆيگە قايتىپلا كېمىنى غەملەپ بېرىمەن، دېدىم. بېرىپلا ئامالىنى قىلىمەن-دە ئەلۋەتتە. ھېلىمۇ ئاشۇ قوينى يوقاتماپتىكەنمەن. باققىنىمغا يارىشا ھەر يىلى ساغلىقلار قوزىلايدۇ. پاخلانلارنى سېتىپلا ئوقۇش پۇلى، ئايلىق پۇل دېگەنلەرگە ئۇنچە قىسىلىپ كەتمەيمەن. تېجەشلىكلا بولسام...بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر دەيمەنغۇ...بالىلارنىڭ كۈنىمۇ تەسكەن، ئۇلارغا ئىچىم ئاغرىيدۇ... ئەسلى تۆت يۈز كوي بېرەي، دېگەن..لېكىن چىدىمىدىم، ئوغۇلبالا ئەمەسمۇ؟ بويۇن قىسمىسۇن دېدىم...ئالدىنقى ئايدا، مەن يېتىپ قالغاندا ئاچىسى پۇل ئەۋەتىپ بەردى. ئۇ قىز كېلەلمىگىنى بىلەن بىزگە بەك كۈيىنىدۇ... ساڭا ئالغان ئىچ كىيىم ئوتتۇز كويغا كەلدى.مانا يېنىمدا يەنە ئۈچ يۈز كويچە پۇل بار، يول كىراسىنى چىقىرۋەتكەندە،ئۆيگە كەڭرى كېتىۋالىمەن. ئەنسىرمە، ئەسلى يېنىڭدا بىرەر ئاخشام قونارمەن،دېگەن، لېكىن دوختۇرلار قويمايدىكەن...
ـــ ئالىم ئۇ ئاقچىلارنى زادى نەگە تىقىپ قويغاندۇ؟... دادام بەك ئىزدەپ كەتتى،تاپالمىدى...
 موماينىڭ كاللىسىدا زەررىچىلىك چاقنىغان بوۋايغا، بالىلىرىغا تەۋە شۇ تۇرمۇش تۇيۇقسىزلا غايىب بولدى بولغاي، يەنە ئالاڭزادە سۆزلەشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن،بوۋاينىڭ بالىلار توغرىسىدا ئۇنىڭغا زوق شوخ بىلەن سۆزلەشلىرى ئۈزۈلۈپ قالدى. بوۋاي شۇ ھالدا مومىيىنىڭ تاققا تۇققۇ سۇئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، يېنىدا خېلى ئۇزاق ئولتۇردى.كەچ كىرگىلىۋاتاتتى. ئەمدى ئۇ قايتمىسا بولمايتتى. يەنە كېلىپ سېستىرا موماينى ئەكىرىپ كەتمىسەم بولمايدۇ،دەپ،ئۇلارنىڭ بېشىغىلا كېلىۋالدى.
ـــ ئەمدى كېتىۋالاي، دوختۇرخانىنىڭ ئالدىدا كوچا ئاپتۇبۇسى بىر كوي بەرسىلا مېڭىپ تۇرىدىكەن، كەچلىك ئاپتۇبۇسقا چىقىپلاۋالسام، ئالتە سائەتكە قالمايلا ئۆيگە ئاپىرۋېتىدۇ...ـــ دېدى بوۋاي موماينى سېستىراغا تاپشۇرىۋېتىپ. موماي ئەمدى ئۇنىڭغا قارىمىدى،خۇددى ئەتراپىدا ھېچكىم ۋە ھېچنېمە يوقتەك، ئاسماننىڭ بىر يېرىگە مىقتەك قادىلىپ قالغاندى. ـــ ماڭا ھېچكىمنىڭ ئېھتىياجى چۈشمەيدىغان چاغدا... بايا دېگىنىمدەك، سېنى ئالغىلى كېلىمەن... ئون دانە قوينى ئالدىمىزغا سېلىۋېلىپ، سېنى ھېچكىم زاڭلىق قىلمايدىغان بىر جاڭگالنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىمىز...
 بوۋاي شۇنداق دېگەچ،تورلاشقان، ياشلىق كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ خوتۇنىنىڭ چىرايىغا قارىدى. خۇددى مومىيىنى قايتا كۆرەلمەيدىغاندەك، ئۇنىڭ يېنىدىن يۈرىكى قوقاستا پۇچۇلانغان ھالدا يېنىپ چىقتى. مۇزلاپ قولاشماي قالغان ئالقانلىرى بىلەن يۈزىگە ئېقىپ چۈشكەن ياشلىرىنى پات پات سۈرتۈپ قوياتتى. ئەتراپتا قۇرۇپ كەتكەن غازاڭلار كوچا بويلاپ قالايمىقان ئۇچۇپ يۈرەتتى.
 بوۋاي ئۇزۇن يوللۇق بېكەتكە كەلگەندە، كۈن تولۇق ئولتۇرۇپ كەتمىگەندى، ماشىنىنىڭ ماڭىدىغىنىغا يەنە بىرەر سائەتچە ۋاقىت بار ئىدى. ئۇ ئەتتىگەندىن بېرى ئېغىزىغا بىر لوقما نەرسە سالمىغاندى. ئەسلى خىيالىدا ئوغلى بىلەن چۈشلۈك تاماق يىمەكچىدى، لېكىن ئوغلى ئالدىراش بولۇپ چىقتى. مومىيىنىڭ يېنىغا بارغاندا، موماي تېخىمۇ نېرۋىسىدىن كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن بىللە چاي ئىچىش تۈگۈل، سېستىرا ئېلىپ كەلگەن چۈشلۈك تاماقنىمۇ يىگىلى ئۇنماي، خۇددى بالىلاردەك قەغىشلىك قىلىپ كەتتى. سېستىرالارنىڭ ئادەتتە بۇنداق«بىمار»لارنى سىلكىشلەپ، دېۋەيلەپ، ھەتتا ئۇرۇپ خورلاپ تامىقىنى يىگۈزىدىغانلىقىنى، ئۇ باشقىلاردىن تولا ئاڭلىغاندى. شۇڭىمۇ موماينى بۇنداق يەرلەرگە دەسسەتمىگەندى. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن،موماي بۇ يەردە بار ئىكەن، ئۆزىنىڭ، ئۆزىلا بىلىدىغان ئاشۇنداق بىر دۇنياسىدا ياشاۋېتىپتۇ. سېستىرا ھېچ بولمىغاندا ئاغزىدا بولسىمۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرىدىكەن... بوۋاي شۇنداق دەپ ئۆزىنى ئاۋۇندۇرغان بولدى.شۇنداق قىلماي نېمە ئامالى بولسۇن؟ئۇ كېچىلىك ماشىنىنىڭ بېلىتىنى ئېلىپ قويۇپ، گېرەجنىڭ ئالدى تەرپىدىكى قاتار كەتكەن ئاشخانىلارنىڭ بىرىگە قاراپ ماڭدى. ئۇ يەردە بىر چېنە ئۈگرە بۇيرىسا، بەلۋېغىغا تۈگىۋالغان گىردىسىنى ئاشنىڭ سۈيىگە تۈگۈرۈپ ئىچىۋالسا قورسىقى ئوبدانلا توياتتى.
 بىر بىرىگە شۇنچىلىك زىچ سېلىنغان بۇ كوچىدا تېز تاماقخانىلار، دۇكانلار، چايخانىلار، كاۋاپخانىلار، زاسۈيچى، لەڭپۇڭچى...ئېلىپ ساتار سودىگەرلەر، ھۈنەرۋەنلەر...نىڭ ھەممىسى بار ئىدى. ئەتتىگەندىن كەچ كىرگۈچە ۋاژ ۋاژ بازار قايناپ تۇراتتى. ئۇ چەت بۇ چەت قاتناپ تۇرىدىغان ھەل خىل ھەر تەبقىدىكى يولۇچىلار كوچا بويلاپ ئۇيان بۇيان ئۆتەتتى. ئوخشىغان قورۇمىلارنىڭ، دورا دەرمەكلىرى تېتىغان سامسا، گۆش گىردىلەرنىڭ، كۆيگەن زىرىنىڭ پۇرىقى ئەتراپنى بىر ئالاتتى. بوۋاينىڭ كۆزىگە تۇنجى چېلىققىنى، ئۇ كۆزلەپ ماڭغان چوڭ ئاشخانىنىڭ ئالدىدىكى پۈتۈنلا پىشۇرۇلغان پاخلان كاۋىپى بولدى. تونۇردىن يېڭىلا تارتىۋالغان كاۋاپ، نەچچە قەدەم نېرىدا ۋىژىلداپ تۇرغان ياغلىرى بىلەن خۇددى قىپ قىزىل ياقۇتتەك يالىلداپ تۇراتتى، قىزىل تاۋار چىگىپ قويغان كىچىككىنە مۈڭگۈزىدىن ھېلىمۇ ئاپپاق ھور كۆتىرىلىپ تۇراتتى.
 بوۋاينىڭ ئاغزىغا سېرىق سۇ كەلدى. كاۋاپتىن تارقىلىۋاتقان مەززىلىك پۇراق بوۋاينىڭ تەم سەزگۈلىرىنى غىدىقلاپ، بىردىنلا نەپسىنى قوزغىۋەتتى. شۇ تاپتا ئۇ مۇشۇ تونۇر كاۋىپى دېگەندىن بىر كىلو جىڭلىتىپ تازا تويغۇدەك يەۋالالىغان بولسا ھە!...
 بوۋاينىڭ ئېسىگە ئىختىيارسىز بىر چاغلاردا مانا مۇشۇ تونۇر كاۋىپىنى پىشۇرىۋاتقان ئۇستامغا ئوخشاش قاتتىق قول، قىزىل يۈزلىك سېمىز ئۇستامغا شاگىرت بولۇپ ئىشلىگەن چاغلىرى كەلدى. شۇ چاغدا ئۇ 12 ياشتا ئىدى. چوڭ بىر كاۋاپخانىدا چەبدەس پۇتلىرى بىلەن شامالدەك يۈگۈرۈپ يۈرۈپ، قار لەپىلدەپ يېغىۋاتقان، شىۋىرغان سۆڭەكتىن ئۆتىدىغان سەھەرلەردە،كىچىككىنە پوملاق بىلەكلىرى بىلەن قاچا يۇياتتى. يۇندا تۆكەتتى، سۇ تۇشۇيتتى، يۇلغۇن زىخىغا بىر پارچىدىن بىر پارچىدىن گۆش ئۆتكۈزەتتى. تونۇر كاۋىپىغا تەڭشەيدىغان دورا دەرمەكلەرنى ساپ سېرىق تۇخۇمغا ئارلاشتۇرۇشتىن باشقا ھەممە ئىشقا يېتىشەتتى. ئۇستام زالىم، بەكمۇ تەلەپچان ئادەمدەك قىلغىنى بىلەن، شاگرت بالىلارنىڭ قورسىقىنى قىسمايتتى. خېرىدارنىڭ ئالدىدىن ئاشقان پارچە پۇرات كاۋاپلارغا كۆز قىرىنى سالمايتتى.بۇلارنى شاگىرتلار يەۋېتەتتى. بەزى كۈنلىرى خۇشلىقى تۇتقاندا،تېخى ئۇلار ئۈچۈن ئايرىم كاۋاپ سېلىپ بېرەتتى. كېيىنكى چاغلاردا ئانىسى رەھمەتلىك، ھۈنىرىنى بەرمىدى، دەپ ئۇستامدىن رەنجىپ ئۇنى ئاشپەزلىككە شاگىرتلىققا بەرگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ كاۋاپخانىدا لېگەننىڭ تۈۋىدە خېرىدارلاردىن ئېشىپ قالغان بىرەر ئىككى پارچە كاۋاپنى يەۋالغاندىكى تاتلىق ھوزۇرى خېلى يىللارغىچە ئېسىدىن كۆتۈرۈلمىدى.
 مۇبادا، ئانىسى ئۇنى ئاشۇ كاۋاپخانىدىن ياندۇرۇپ كەلمىگەن بولسا بەلكىم ئۇمۇ شۇ تاپتا كاۋاپچى ئۇستام بولۇپ كەتكەن بولاتتى. ھەر كۈنى خالىغىنىچە يەپ، ئالقانلىرىدىن ماي ساقىپ تۇرار ئىدى. ھەي...شۇ ئانىسى-زە سەۋرسىز ئايال ئىكەن. يەنە بىر –ئىككى يىلغا چىدىمىدى. ئاشپەز ئۇستامنىڭ نان بەرگىنىمۇ تايىنلىق بولدى، يەنە نەچچە يىل ئاشخانىنىڭ يۇندىسىنى تۆكۈپ، ئۇششاق يېشى تۈگەپ كەتتى. كېيىن دۇكاندىكى كەپسىز بالىلارغا ئەگىشىپ، يۇرت ئاتلاپ چىقىپ كەتتى.مۇساپىرلىقتا ھېچ بىر ھۈنەردە پىشمىدى. ئاخىرى بارغان يېرىدە يەرلىشىپ، دېھقان بولدى...تەقدىر قىسمەت دېگەن شۇ...دەپ ئويلايتتى بوۋاي.
 رۇشەنخان ساق ۋاقىتلىرىدا، بوۋاي خوتۇن باللىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، يېزىنىڭ ھەر بازار كۈنىدە بازار قىلاتتى.تويغۇچە كاۋاپ يەۋالاتتى.«كەمبەغەلنىڭ بىر تويغىنى،باي بولغىنى.مانا بىز باي بولدۇق،دېگەن گەپ!»دەپ قوسىقىنى سىيلاپ قوياتتى-دە،ھەممەيلەننى كۈلدۈرىۋېتەتتى.ئەجەپ كۆڭۈللۈك كۈنلەر ئىدى-دە ئۇ. لېكىن بالىلار چوڭ بولۇپ، چىقىمى بىراقلا ئاينىپ كەتكەندىن كېيىن،بوۋاي بۇرۇنقىدەك كاۋاپ يېيىشكە قىيمايدىغان بولۇپ كەتتى.يېسىمۇ باھاسى ئەرزان جىگەر كاۋىپى،ئۈچەي كاۋىپى دېگەنلەرنى يىيەلىدى. تونۇر كاۋىپىنىڭ يېنىغا زادىلا ئاياق باسمىدى.
ـــ پاقلان كاۋاپ، پاقلان كاۋاپ! ئەركەك پاقلان! ،يىمىگەنلەر ئارماندا، كېلىڭلار مېھمانلار، كېلىڭلار ئەركەك قوينىڭ كاۋىپى!...
 خوجايىن خېرىدار چاقىرغاچ، كاۋاپنىڭ ئەتراپىدا پىلدىرلاپ يۈرەتتى. ۋاقىراپ، ماختىنىپ تۇرۇپ خېرىدار چاقىراتتى. بىرنەچچە خېرىدار كېلىۋىدى،ئۇستام چوڭ قوللۇق قىلىپ، خېرىدارلارغا بىر كېسىمدىن كاۋاپ تەڭلەپ تېتىتىپ باقتى...
 بوۋاي كۆزىنى بۇ مەنزىرىدىن ئېلىپ قېچىپ، ئالدىغا كەلگەن مۇلازىمغا دەپ بىر چىنە ئۈگرە بۇيرىدى. تاماقلارنىڭ ئىچىدە مۇشۇ ئۈگرىلا ئەڭ ئەرزان تاماق ئىدى.
مۇلازىمغا بوۋاينىڭ ئۈگرە بۇيرىشى مۇشۇنداق ئالدىراش بازاردا تازا تېتىمىغاچقا، ئۇنى خېلى ساقلاتتى. شۇ ئارلىقتا بوۋاينىڭ كۆزلىرى يەنە بايىقى كاۋاپ جىڭلاۋاتقان خېرىدارلارغا چۈشتى.ئۇلار ئۇدۇلدىكى ئۈستەلدە سارغىيىپ، پارقىراپ پىشقان، مايلىرى ۋالىلداپ تۇرغان تونۇر كاۋىپىنى ئالدىغا قۇيۇۋېلىپ مەززە بىلەن چىشلەپ تارتىپ يەۋاتاتتى. بوۋاي تىلىغا يىغىلىپ كېتىۋاتقان شۆلگەيلىرىنى ئىختىيارسىز غۇرتتىدە يۈتىۋەتتى. ئۆزىنىڭ بالىلاردەك ئاچكۆزلىشىپ كەتكىنىگە نومۇسى كېلىپ،كۆزلىرىنى دەرھال ئۇلاردىن ئېلىپ قاچتى. ئامالىنىڭ بېرىچە ئۇ تەرەپكە قارىمىدى. لېكىن قۇرۇپ كەتكەن لەۋلىرىنى پات-پات يالاپ قوياتتى.
 بىر ھازادىن كېيىن،ئۇ ئولتۇرغان ئۈستەلگە يەنە بىر مېھمان باشلاندى. مېھماننىڭ«ئون زىخ كاۋاپ، بىر چېنە ئۈگرە!» دەپ بۇيرىۋاتتقانلىقىنى بوۋاي ئېنىق ئاڭلىدى. مېھمان گەرچە بوۋايدىن كېيىن كىرگەن بولسىمۇ، ئۈگرە بىلەن كاۋاپ ھايال بولمايلا مېھماننىڭ ئالدىغا ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن كەلتۈرۈلدى. ئارقىدىن بوۋاينىڭمۇ ئۈگرىسى چىقتى، ئىچىدە تايىنلىقلا چۆپى بار ئىدى...
 بوۋاي گىردىسىنى ئاشقا سېلىپ، يۇمشىتىپ يىيىشكە باشلىدى. ئەمما كۆزى ھەدېگەندىلا ئالدىدىكى بىر لېگەن كاۋاپنى ئىشتىھا بىلەن چايناۋاتقان ئەركىشىگە قادىلىپ قالاتتى. سېمىز پارقىراق يۈز ئوتتۇرا ياشلىق بۇ سېمىز ئەر،ئۈگرىنىڭ سۈيىنى ئانچە مۇنچە يۇتۇپ، ئالدىدىكى كاۋاپنى بىردەمدىلا پاك پاكىزە يەۋەتتى-دە، ئاندىن توختاپ بىردەم دېمىنى ئېلىۋالدى. قوسىقى بايىقىدىنمۇ بەكرەك تومپىيىپ، چىرايى ياغلاپ قويغاندەك پارقىراپ كەتتى. قىپ قىزىل يۈزلىرىدىن ۋىژژىدە تەر تەپچىرىدى. سېمىز ياغلىشاڭغۇ قولى بىلەن پىشانىسىدىكى تەرنى توختىماي ئېرتقاچ، ئۈگرىنىمۇ پاك پاكىزە ئىچىۋەتتى.
 بوۋاي تۇنجى قېتىم گىردىنىڭ بەكمۇ قۇرغاق، تەمسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.ئۇ ئۈگرىنىڭ پۇلىنى بېرىۋېتىپمۇ، نېمىشقىدۇر كۆزلىرىنى ھېلىقى تاختىنىڭ ئۈستىدىكى تونۇر كاۋىپىدىن زادىلا ئالالمىدى.بۇ ۋاقىتتا، ئۇنىڭ مۇشۇ كاۋاپتىن بىر جىڭ بولسىمۇ يەۋېلىش ئىستىكى شۇنچىلىك كۈچىيىپ كەتكەن ئىدىكى، گويا ئۇسۇزلۇقتىن يېرىلىپ كەتكەن كالپۇكلار چىنىدىكى سۇغا تەلمۈرگەنگە ئوخشاش، قاقلاپ پىشۇرۇلغان قىپقىزىل كاۋاپنىڭ يېنىدىن كېتەلمەي تۇرۇپلا قالدى. ئىختىيارسىز ئىچىدە ھېساپ كىتاپ قىلىپ باقتى. يول كىراسىغا 130كوي كەتتى، يېنىدا ئۈچ يۈز قىرىق كوي پۇل بار ئىدى...ناھىيىدىن ئۆيىگە توك ھارۋىسىنى كىرا قىلسا ئۈچ كوي ئالىدۇ...بايا ئاپتۇبۇسقا ئىككى كوي كەتتى...كۆزى ئىچىگە تارتىلىپ كەتكەن مېيىپ بالىغا ئىككى كوي سەدىقە بەردى. ئاندىن يەنە بىر ئاجىزغا ئۈچ كويمۇ بەردى... يېنىدا 205 كوي پۇل بار...ئەگەر ئۇ بۇ پۇلنى ھېچنېمىگە خەجلىمەي، ئۆيىگە پۈتۈن پېتى ياندۇرۇپ بارسا، كېمىنى قۇشۇپ ئوغلىغا دەرھال ئەۋەتىپ بېرىدۇ... شۇنداق قىلىش كېرەك ئەلۋەتتە.يەپ ئارقىغا چىقىرۋەتكەن بىلەن بالا قىيلىنىدىغان گەپ...
ـــ ئىككى كىلو تارتىپ بېرىڭ!-بوۋاي ھېساپنى مۇشۇنداق قىلىپ تۇرۇپمۇ، ئۆزىگە بىر قىسما قاراۋاتقان كاۋاپچى ئۇستامغا شۇنداق دەپ سالدى، خۇددى گېپىمدىن يېنىۋالماي دېگەندەك، ئاۋازىمۇ چىڭ چىقىپ كەتتى.
ـــ قوۋۇرغىسىدىن تارتايمۇ يا ساندىن كېسەمدۇق؟
ـــ قوۋۇرغىدىن تارتايلى.
ــ مانا ھازىر...مۇشۇ يەردىلا يەمدىلا يا ئۆيگە ئالغاچ كېتىدىغان گەپمۇ؟
ـــ ئۆيگە ئالغاچ كېتەي...ــ بوۋاي خوجايىننى كېيىنكى سۇئالنى سورايدۇ، دەپ ئويلاپ باقمىغان بولسىمۇ، شۇ سۇئال سورالغاندا، ھېچ ئىككىلىنىپ قالمايلا جاۋاپ بەردى.خوجايىن ھايال قالمايلا يالتىراق خالتىلارغا گۆشنى سېلىپ بەردى.
ـــ 180 كوي بولدى. ــ دېدى ئۇ يەنە. بوۋاي قىزىق كاۋاپنى كۆتۈرۈپ كېتىۋېتىپ، ئىچىنىڭ ئىللىپلا قالغانلىقىنى ھېس قىلدى. بايىقى ئوت بولۇپ يانغان نەپسىمۇ شۇ تاپتا خېلىلا ياۋاشلاپ قالغاندەك ئىدى. ئۇ پۇلىنىڭ يەتكىنىگە، يەنە تېخى 20 كويدىن جىقراق پۇلنىڭ ئاشقانلىقىغا شۈكرى قىلدى. ئەمدى ئالدىغا چىققان ئوغلىغا، كېلىنى ۋە ئىككى نەۋرىسىگە تازا تېتىملىق بىر نەرسە ئالغاچ بارىدىغان بولدى!...ئۇنىڭ يالتىراقتىن چىقىپ تۇرغان بىر پارچە قوۋۇرغىنى ئېلىپلا يەۋەتكۈسى كەلدى-يۇ يەنە بولدى قىلدى.بالىلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ يىيىش كېرەك. «تەڭ يىگەن تەنگە سىڭەر»، دەيدۇ كونىلار...«بالىلار بولۇپمۇ ئادىلجان بەكلا خوش بوپ كېتىدىغان بولدى دە! ئۇ كىچىكىدىنلا كاۋاپ دېسە جېنىنى بېرەتتى. ئېغىر ئىش قىلىدىغان بالا-دە»، دەپ پىچىرلاپ قويدى بوۋاي چوڭ ئەر بولۇپ كەتكەن ئوغلىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ. «ھەي، رۇشەنخان بىلەن ئالىمجان بىر پارچىدىن يەۋالغان بولسىمىغۇ ھە؟ ئۇلارمۇ ئامراق ئىدى، ئەمدى كەينىمگە يانسام ئاپتۇبۇسقا كېچىكىمەن.ھەي،ئەتتىگەندىلا ئېلىۋالىدىغان ئىشكەن، تازا ئويلىيالماپتىمەن... بۇدا يوقلاپ كەلگىنىمدە چوقۇم ئارقا ساندىن بىر كىلو جىڭلىتىپ، ئۇلارغا ئالغاچ بارمىسام...» دەپ ئويلاپ كەتتى بوۋاي يەنە.
ئۇ ئاپتۇبۇسقا چىققاندا،ئالدىنقى رەتتە ئولتۇرغان بىر نەچچە كىشى، شەھەردە كۆرگەن بىلگەن ئىشلار ئۈستىدە ئانچە-مۇنچە پاراڭلىشىپ ئولتۇرشاتتى.بوۋاي ئۇلارنى تونىمىسىمۇ قول بېرىپ كۆرۈشتى.ئۇلارمۇ بوۋاينىڭ نەگە بېرىپ،نېمىش قىلىپ كەلگەنلىكىنى سوراشتى.ماشىنا چوڭ يولغا چىققاندا يولۇچىلارنىڭ پاراڭلىرى رەسمى باشلاندى.ئۇلار كۈندىلىك ئۇششاق چۈششەك ئىشلار، ئۆي، بالا، تېرىلغۇ،مال چارۋا...قاتارلىق ئىشلار ئۈستىدە سۆزلىشەتتى.سۆزلەرنىڭ ئارىسىدا ئاللىكىملەرنىڭ گېپى بولاتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ كىشىنىڭ چېتىشلىق نۇرغۇن ئۇرۇق تۇققانلىرى چىقاتتى. كەچۈرمىشلەر تۈگىمەيتتى. خۇددى ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان ماشىنىنىڭ چاقىغا ئوخشاش ناھايىتى تېز ۋە قىزغىن داۋاملىشاتتى. قارامۇچ ۋە زىرە سېپىلىپ، ياغلىرى ئۆزىگە سىڭگەن تونۇر كاۋىپىنىڭ مېزىلىك پۇرىقى كونا ئاپتۇبۇسنىڭ ئىچىنى بىرلا ئالغاندى.ھالبۇكى، بۇ پۇراقنى بۇ يەردە پەقەت بوۋايلا ھىدلىيالايتتى.ھەم شۇنداق پۇراقنىڭ دەل ئۆزىنىڭ سومكىسىدىن تارقىلىۋاتقانلىقىدىن ئىچىدە مىڭ پەخىرلىنەتتى.خۇددى بالىلاردەك بىر ئىپتىخار بىلەن،قىزىشىپ سۆزگە چۈشكەن يولۇچىلارنىڭ قوللىرىغا،كۆتۈرىۋالغان سومكىللىرىغا قاراپ قاراپ قوياتتى.يول ئازابىنىمۇ،ھارغانلىقىنىمۇ ئۇنتىغاندى.
بوۋاي باش توخۇ بىلەن ھويلىسىغا كىرىپ كەلدى.ھەممە ئۆيلەرنىڭ چىرىقى ئۆچۈپ بولغاندى. يان ئۆيدىن چوڭ ئوغلىنىڭ قاتتىق خورەك تارتىۋاتقىنى ئاڭلىناتتى. بوۋاي بالىلارنىڭ شۇ تۇرقىدا تاتلىق ئۇيقۇدا ئىكەنلىكىنى بىلدى.مەشرىق تەرەپ ئازراق سۈزۈلىۋاتاتتى. پۈتۈن مەھەللە ئېغىر جىمجىتلىققا چۆمگەن ئىدى.بوۋاي قولىدىكى تونۇر كاۋىپىنى ھەممەيلەن ناشتا قىلىدىغان ئۈستەلنىڭ ئۈستىدىكى داستىخانغا مەھكەم چۈمكەپ قويدى. كاۋاپتىن ھېلىغىچىمۇ مىزىلىك پۇراق تارىلىپ تۇراتتى.بەك سوۋۇپ كەتمىگەندەكمۇ قىلاتتى.بوۋاينىڭ بېشى، پۇت قوللرى، پۈتۈن بەدىنى شۇنچىلىك ئېغىر ئىدى.تۇرۇپ تۇرۇپلا ئۇ يەر بۇ يەرلىرى ئۇيۇشۇپ قېلىۋاتاتتى. شۇ چاغدىلا ئۇ ئۆزىنىڭ قايسى دەرىجىدە چارچاپ كەتكەنلىكىنى بىلدى. ئەسلى خىيالىدا ئۇ باللىرىنىڭ ئويغۇنىشىنى، ئۆزى ئەكەلگەن كاۋاپقا ھەم ھەيران قالغان، ھەم خوشال بولغان ھالدا ئېغىز تېگىشىنى، ئۆزىمۇ بالىلار بىلەن تەڭ كاۋاپنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈشنى ئويلىغاندى. لېكىن يېرىم سائەت ئۆتمەيلا، ئۇنى قاتتىق ئۇيقۇ باستى.ئاخىرى بالىلار تۇرغىچە،ئازراق كۆزۈمنىڭ ئاچچىقىنى چىقىرىۋالايچۇ...دەپ ئويلاپ، نېپىز پاياندازنىڭ ئۈستىگە يانپاشلىدى. كارنىيىدىن چىقىۋاتقان غىژ غىژ ئاۋاز نەپسىنى بۇغۇپ، كۈچەپ نەپەس ئېلىۋاتقان بولسىمۇ،ھايال قالمايلا ئۇخلاپ كەتتى. بىردەمدىلا پىشانىسىدىن تەر تەپچىرەپ، پاكىزە يۇيۇلغان كونا شاپاق دوپپىسىنىڭ گىرۋەكلىرى نەمدىلىپ كەتتى.
شۇ ھالدا خېلى ۋاقىت ئۆتتى. قويلار مەرەپ،خورازلار توختىماي چىللاشقا باشلىدى.پۈتۈن مەھەللىدە، ھويلىدا ھاياتلىق باشلاندى. چىرىگەن قىغنىڭ كۈچلۈك پۇرىقى بىر شامال بىلەن ئۆيگە ئېتىلىپ كىرگەندەك قىلدى. سوغوقتا ناھايىتى ئاجىزلاپ كەتكەن بىرنەچچە تال چىۋىن دېرىزە تۈۋىدە ئېچىنىشلىق گىژىلدايتتى. ئۆيلەرگە يورۇق چۈشتى. قۇياش نۇرىدا قانداقتۇر كۈمۈش رەڭ توزانلار ۋىلدىرلايتتى. ئارقىدىن ئوغلى بىلەن كېلىننىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.ـ
ــ داداممۇ كېلىپ بوپتۇ. ئۇھ،قويلارنى جاڭگالغا ئەچىقىدىغان ئىشتىن قۇتۇلۇپتىمەن...
ـــ ھەئە.كىرگىنىنى تۇيماپتىمەن دېسە،قايسى چاغدا كەلدىكىن؟بىردەم ئۇخلىۋالسۇن،قوينى گاھراق ئاچىقسىمۇ بولار...قاراڭە،يەنە بىرمۇنچە كاۋاپ ئەكەپتۇ.
ـــ ۋۇييۇ!... ماڭ، بالىلارنى چاقىر!...  
ـــ ھىم...-ئۇلاپلا كېلىنىنىڭ بالىلىرىنى چاقىرۋاتقانلىقى ئاڭلاندى.ـــ بىلال... بىلال... تېز ئورنۇڭدىن تۇر بالام، بوۋاڭ بىزگە تونۇر كاۋىپى ئېلىپ كەپتۇ،دەرھال تۇرمىساڭ بىز يەپ بولىمىز جۇمۇ!..
 بوۋاي ئۆيىدىكىلەرنىڭ بىراقلا جانلىنىپ كەتكەنلىكىنى،نەۋرىسىنىڭ كۈلكىسىنى،چۈچۈك ئاۋازىنى تولۇق ئاڭلىدى. بىردىنلا ئېسىگە ناماز ۋاختى بولغانلىقى كەلدى.ئەمما بۇ چاغدا ناماز ۋاختى ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. بوۋاي كۆزلىرىنى ئېچىپ،دەرھال ئورنىدىن تۇرماقچى بولدى. لېكىن پۈتۈن بەدىنى، بېشىنىڭ چوققىسىدىن تارتىپ پۇتىنىڭ ئۇچىغىچە نېمىشقىدۇر قاتتىق ئۇيۇشۇپ كەتكەندەك، ئۆزى بارغانچە چوڭقۇرلاپ يەرنىڭ ئاستىغا كىرىپ كېتىۋاتقاندەك مىدىر-سىدىر قىلالمىدى. نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالمىغاچقا، بوۋاي ئۆزىنى يەنە ئۇخلاۋاتقاندەك،قارا بېسىپ ئويغۇنالمايۋاتقاندەك ھېس قىلدى. ئىلگىرىكى چاغلاردىمۇ، پات-پات مۇشۇنداق ئىشلاپ بولۇپ تۇراتتى،پۈتۈن بەدىنى ئۇيۇشۇپ، ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كېلەتتى. بوۋاي شۇلارنى ئويلاپ، بەدىنىنى كۈچەپ سىلكىپ باقماقچى بولدى. دەل شۇ چاغدا، خۇددى ئىچى باغرىنى بىر نەرسە قاتتىق مۇجىۋالغاندەك، تۇيۇقسىز تۇتقان بىر خىل ئاغرىقتىن ۋاقىرىۋەتكىلى تاسلا قالدى. ياق،ۋاقىرىيالمىدى. تىلى، لەۋلىرىمۇ ئۇيۇشۇپ كەتكەندى.
ـــ دادامنى چاقىرغىنە، بىر پارچە يەۋالسۇن...
ـــ بولدىلا، بىر تاتلىق ئۇخلاپ كېتىپتۇ. ئېلىپ قويايلى
ـــ مەيلى ئەمىسە.
 بوۋاي بۇ سۆزلەرنىڭمۇ ھەممىنى ئاڭلىدى. ھويلىدىكىلەر كاۋاپنى ناھايىتى ئىشتىھا بىلەن يەۋاتاتتى. تاڭلايلىرىنى چاكىلدىتىۋاتقان، كاۋاپنى ماختىشىۋاتقان ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى. بوۋاينىڭ ئورنىدىن بەكلا تۇرغۇسى كەلدى. كاۋاپنىڭ مېزىلىك ھىدى ھېلىغىچە ئۇنىڭ بۇرنىغا پۇراپ تۇرىۋاتاتتى. سەزمەس بولۇپ قالغان بولسىمۇ تىلىغا سېرىق سۇ كەلدى. ئەمما يەنىلا تۇرالمىدى. ئىچ باغرىنى كۆيدۈرۈپ تۇرغان چىدىغۇسىز بىر ئاغرىق شۇ تاپ گويا قاراڭغۇ ھاڭ كەبى ئاغزىنى يوغان ئېچىپ ئۇنىڭ بارلىق سەزگۈلىرىگە قاراپ ئاستا-ئاستا كەلمەكتە ئىدى.
ـــ نېمانداق؟...دادامغا ئېلىپ قويغاننىمۇ يەۋېتىپسىزغۇ؟
ـــ ھېچقىسى يوق، دادام چوقۇم يەپ كەلدى... گۆشنى ئالغان ئادەم يىمەي قالامدۇ؟ ھى ھى ھى...
 بوۋاي ئىچىدە «ياق، مەن يىمىدىم، ماڭا بىر پارچە بولسىمۇ ئېلىپ قويساڭلار بولاتتى...» دەپ ئېتىراز بىلدۈرگىسى كەلدى-يۇ، ئارقىدىن: «بوپتۇ، بوپتۇ...» دەپ پىچىرلىدى. لېكىن ئاۋازى يەنىلا سىرتقا چىقمىدى.
__ شۇنداق بولسىمۇ ئېلىپ قويغۇلۇقتى...
__ ماۋۇ بازار كۈنى پاخلان ساتقاندا، ھەممىڭلارغا كاۋاپ يېگۈزىمەن. دادامنىمۇ ئېلىپ چىقىمەن، قاراپ تۇر ھە... شۇ چاغدا،ئوغلىنىڭ يەنە نېمىلەرنى دېگەنلىكىنى بوۋاي تۇيۇقسىزلا ئاڭلىيالىمىدى. ئاغزىغا يىغىلىپ قالغان شۆلگەيلىرى گېلىدىن غۇرتتىدە ئۆتۈپ كەتكەندەك قىلدى.شۇنىڭ بىلەن ئاغرىقى يېنىكلەپ،تەشنالىقى سەل بېسىلغاندەك بولدى... كېيىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكىنىنى،ئۆزىنىڭ ئۇخلاۋاتقانلىقىنىمۇ ياكى ئويغاقلىقىنىمۇ بىلەلمىدى. ئاخىرى ئۆتمۈشنىمۇ،رېئاللىقنىمۇ ئىلغا قىلغىلى بولمايدىغان مانانلىق ئاپپاق بوشلۇققا، بارار يېرى نائېنىق بىر چوڭ توپىلىق يولنىڭ باشلىمىغا چىقىپ قالدى. بۇ يەردە ھېچقانداق ئادەم، ھېچقانداق ھاياتلىق يوقتەك، ھەممە مەۋجۇدات مانانلىق بوشلۇققا سىڭىپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى. دېمىسىمۇ بوۋاي ئۈچۈن ئۆتۈپ كەتكەن بارلىق ئىشلار، ئادەملەر،بالىلار تولىمۇ يىراقتا، دېرەكسىز،ئىزسىز يوقۇلۇپ كېتىۋاتاتتى. ھەتتا بايىغىغىچە دىمىقىنى غىدىقلاپ تۇرغان تونۇر كاۋىپىنىڭ مېزىلىك ھىدلىرىمۇ يوق ئىدى.
 يولنىڭ ئۇپۇققا تۇتاشقان يىراق بىر ئۇچىدا كەينىنى قىلىپ بىر يالاڭغىداق ئايال كېتىۋاتاتتى. چوكىدەك ئورۇق پۇتلىرى ئۇپىدەك يۇمشاق سېرىق توپىغا ئۇشۇقىغىچە چۆكۈپ كەتكەن ئىدى. تاجى رەڭلىك گىرىپ شىپىڭ كۆينىكى ھەريان يەلپۈنۈپ تۇراتتى. بوۋاي بىر قاراپلا ئايالنىڭ كىملىكىنى تونىۋالدى. ئۇ رۇشەنخان ئىدى. بۇ كۆڭلەكنى خوتۇنى ئالىمجاننى تۇغقاندا، بوۋاي ئۆز قولى بىلەن ئۇنىڭغا ئېلىپ بەرگەندى.
ـــ تۈنۈگۈن بار، بۈگۈن يوق، بۈگۈن بار، ئەتە يوق...جان دېگەن شۇنداق نېمە...ـــ بىر چاغدا موماي دېمىنى ئېلىپ ئۇنى ساقلاپ تۇرغاچ،چوڭقۇر ئۇھ تارتىپ شۇنداق دېدى...


تۈگىدى.
uyghuray

2

تېما

23

دوست

6367

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   27.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  46508
يازما سانى: 375
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1981
توردىكى ۋاقتى: 137
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-18 18:11:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇرۇكۇم شۇنداق ئىچىشتى بۇ ھىكايىنى ئوقۇپ مەن كۆيەمەن بالامغا بالام كۆيە بالىسقا !

46

تېما

6

دوست

4706

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   90.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34629
يازما سانى: 339
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 92
تۆھپە : 1425
توردىكى ۋاقتى: 112
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-19 11:58:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرىڭ بار بۈگۈننىڭ بار بۇلدۇ ،شۇڭا ھازىرنى قەدىرلەش كىرەك،ئادەم ئۆزى ئۈچۈن ياخشى ياشىغاندىلا ئاندىن باشقىلاردىن ئاغرىنىشنىڭ ھاجىتى يوق ،چۈنكى ئادەم ئاتا ۋە ھاۋا ئاننىڭ ئاتا -ئانىسى بولغان ئەمەس ،ئۇلار ياراتقان ئىگىسىگە شەيتاننىڭ ئارقىسىغا كىرىپ ۋاپاسىزلىق قىلىپ كىيىن پۇشايمان يەپ تۆۋە قىلىپ ياش تۆكتى ،شۇ ئادەم ئاتىنىڭ ئەۋلاتلىرى ھازىرمۇ ئاتا -ئانىسىغا كۆيۈنمەي ئۇلار ئۆلگەندىن كىيىن ياش تۆكىدۇ ،شۇڭا باللاردىن ئاغرىنىشنىڭ ھاجىتى يوق ،ئاغرىنغان شۇ ئاتا- ئانىلارمۇ ئۆزىنىڭ بىسىپ بولغان مۇساپىسىگە نەزەر سالسا چۈشۈندۇ بۇ ھەققىقەتنى .رەبىم ھەممىگە قادىردۇر.

0

تېما

0

دوست

145

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   48.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  50883
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 30
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2016-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-19 16:52:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uyghuray
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )