قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1393|ئىنكاس: 6

ئامېرىكا ئېنگىلىزتىلى بىلەن ئەنگىلىيە ئېنگىلىزتىلىدىكى 6 خىل پەرق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

4

دوست

1484

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   48.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23663
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 474
توردىكى ۋاقتى: 126
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-18 19:13:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامېرىكا ئېنگىلىزتىلى بىلەن ئەنگىلىيەئېنگىلىزتىلىدىكى 6 خىل پەرق

20140409152840_45033 (1).jpg


ئادام براك
تەرجىمىدە: ئەنسەر ئابدۇغېنى


ئامېرىكا ئېنگىلىزتىلى بىلەن ئەنگىلىيە ئېنگىلىزتىلى توغرىسىدا، " ئىككى دۆلەت ئورتاق بىر تىل تەرىپىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ" دەيدىغان بىر گەپ بار.
بۇ سۆزنى زادى كىمنىڭ ئېيتقانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئەمما بۇ سۆز كۆپلىگەن ئەنگىلىيەلىكلەرنىڭ ئامېرىكىلىقلار توغرىسىدىكى بىرقىسىم قاراشلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. مېنىڭ بىر ئەنگىىلىيەلىك دوستۇم داۋاملىق ماڭا: " سەن ئېنگىلىزچە سۆزلىمەيسەن، بەلكى سەن ئامېرىكىچە سۆزلەيسەن" دەيدۇ.
  ئامېرىكا ئېنگىلىزتىلى بىلەن ئەنگىلىيە ئېنگىلىزتىلىنىڭ پەرقى راستىنلا شۇنداق چوڭمۇ؟ بۇنى بىلمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى 6 خىل جەھەتتىكى پەرققە دىققەت قىلىڭ.

1.        سۆزلۈك
ئامېرىكا ئېنگىلىزتىلى بىلەن ئەنگىلىيە ئېنگىلىزتىلىنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ روشەن بولغان پەرق بولسا سۆزلۈك جەھەتتىكى ئوخشىماسلىق. ئادەتتە كۈندۈلۈك تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان نەچچە يۈزلىگەن سۆزلۈكلەردە ئىنتايىن روشەن پەرىقلەر بار. مەسىلەن، ئەنگىلىيەلىكلەر ماشىنىنىڭ ئالدىدىكى ماتور قاپقىقىنى "bonnet" دەپ ئاتايدۇ. ئامېرىكىلىقلار بولسا "hood" دەپ ئاتايدۇ.
ئامېرىكىلىقلار تەتىلنى "vacation" دەپ ئاتايدۇ. ئەنگىلىيەلىكلەر بولسا "holidays" ياكى "hols" دەپ ئاتايدۇ. ئامېرىكىلىقلار بىنا ئۆينى "apartment" دەپ ئاتايدۇ. ئەنگىلىيەلىكەر بولسا "flats" دەپ ئاتايدۇ.
بۇنداق مىساللار ئىناتايىن كۆپ. ھېلىمۇ ياخشى كۆپلىگەن ئامېرىكىلىقلار ۋە ئەنگىلىيەلىكلەر سۆزلۈكلەرنىڭ مەنىسىنى جۈملىنىڭ باش-ئاخىرىغا قاراپ پەرەز قىلىشىدۇ.

2.        توپلام ئىسىم
بۇ ئىككى خىل ئېنگىلىزتىلىدا گىراماتىكا جەھەتتىن قىسمەن ئوخشىماسلىقلار بار. توپلام ئىسىم(بىز توپلام ئىسىمنى خۇسۇسىي بىر گۇرۇپنى بىلدۈرۈشتە ئىشلىتىمىز) جەھىتتىكى ئوخشىماسلىققا قاراپ باقايلى.
ئامېرىكا ئېنگىلىزتىلىدا بولسا توپلام ئىسىملار بىرلىك سان سۈپىتىدە قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن، "staff" بىر گۇرۇپپا ئىشچىلارنى كۆرسىتىدۇ. "band" بىر گۇرۇپپا مۇزىكانتلارنى كۆرسىتىدۇ. "team" بىر گۇرۇپپا تەنھەركەتچىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئامېرىكىلىقلار "The band is good" دەپ "band" دىن ئىبارەت توپلام ئىسىمنى بىرلىك سان بويىچە ئىشلىتىدۇ.
بىراق ئەنگىلىيە ئېنگىلىزتىلىدا بولسا، توپلام ئىسىملار بىرلىك ھەم كۆپلۈك سان شەكىلدە ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، بەلكىم سىز بىرەر ئەنگىلىيەلىكنىڭ "The team is good" ياكى "The team are good" دەپ توپلام ئىسىملارنى بىرلىك ۋە كۆپلۈك شەكىلدە ئىشلەتكىنىنى ئۇچراتقان بولۇشىڭىز مۇمكىن.

3.        ياردەمچى پېئىل
ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا ئېنگىلىزتىلى بىلەن ئەنگىلىيە ئېنگىلىزتىلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى گىراماتىكىلىق ئوخشىماسلىق بولسا ياردەمچى پېئىللار بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. ياردەمچى پېئىللار جۈملىنىڭ گىراماتىكىلىق فۇنكىسىيەسى (رولىغا) ياردەم بېرىدۇ.  ئۇلار پېئىلغا ۋاقىت، ھالەت ۋە سۆز ئۇرانىنىڭ ئۇچۇرىنى قوشۇش ئارقىلىق ياردەم بېرىدۇ.
بىز ياردەمچى پېئىل "shall" نىڭ ئىشلىتىلىشىغا قاراپ باقايلى. ئەنگىلىيەلىكلەر بەزى ۋاقىتلاردا "shall" نى كەلگۈسىنى ئىپادىلەشتە ئىشلىتىدۇ.  مەسىلەن، "I shall go home now".
ئامېرىكىلىقلار "shall" نىڭ مەنىسىنى بىلىدۇ. ئەمما ئۇلار سۆزلەشكەندە ئىنتايىن ئاز ئىشلىرىدۇ. ئامېرىكىلىقلار ئۈچۈن "shall" نى ئىشلىتىش بولسا تولىمۇ تەكەللۇپ قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكىلىقلار ئادەتتە "shall"نىڭ ئورنىغا "will"نى ئىشلىتىدۇ. مەسىلەن،"I will go home now".
سۇئال سورىغاندا ئەنگىلىيەلىكلەر بەلكىم "Shall we go now?" دىيىشى مۇمكىن. ئەمما ئامېرىكىلىقلار بەلكىم "Should we go now" دىيىشى مۇمكىن.
ئامېرىكىلىقلار ۋەزىپىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئىپادىلەشتە، ئۇلار ياردەمچى پېئىل "do" نى بولۇشسىز "not" بىلەن قوشۇپ"need" ئارقىلىق ئىشلىتىدۇ. مەسىلەن، "You do not need to come to work today" . ئەنگىلىيەلىكلەر بولسا ياردەمچى پېئىل "do" نى چۈشۈرۈپ قويىدۇ ۋە "not" نى قىسقارتىپ ئىشلىتىدۇ. مەسىلەن، "You needn’t come to work today".

4.        پېئىلنىڭ ئۆتكەن زامان شەكلى
سىز يەنە پېئىلنىڭ ئۆتكەن زامان قائىدىسىز شەكلىدە بىر قىسىم كىچىك پەرقلەرنى بايقايسىز.
پېئىل "learn"نىڭ ئامېرىكا ئېنگىلىزتىلىدىكى ئۆتكەن زامان شەكلى بولسا "learned". ئەنگىلىيە ئېنگىلىزتىلىدا بولسا "learned" ياكى "learnt" دەپ ئىككىلا خىل شەكلىنىڭ خالىغىنىنى ئىشلىتىدۇ. ئۇلار يەنە "dreamed" ياكى "dreamt"، "burned" ياكى "burnt"، "leaned" ياكى "leant" دەپ قايسى خىل شەكلىنى ئىشلەتكۈسى كەلسە شۇنى ئىشلىتىدۇ.
ئامېرىكىلىقلار سۆز تۈرلىگۈچى قوشۇمچە "-ed" نى ئىشلىتىشكە مايىلراق كېلىدۇ؛ ئەنگىلىيەلىكلەر بولسا سۆز تۈرلىگۈچى قوشۇمچە "-t" نى ئىشلىتىشكە مايىلراق كېلىدۇ.
پېئىلنىڭ ئۆتكەن زامان تارماق شەكلىدە بولسا، ئامېرىكىلىقلار قائىدىسىز پېئىللارغا سۆز تۈرلىگۈچى قوشۇمچە "-en" نى ئىشلىتىشكە مايىلراق كېلىدۇ. مەسىلەن، بىر ئامېرىكىلىق بەلكىم "I have never gotten caught" دىيىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئەكسىچە بىر ئەنگىلىيەلىكلەر "I have never got caught" دىيىشى مۇمكىن. ئامېرىكىلىقلار "got" ۋە "gotten" نى ئورتاق ئىشلىتىدۇ. ئەنگىلىيەلىكلەر بولسا پەقەت "got" نىلا ئىشلىتىدۇ.
پېئىنىڭ ئۆتكەن زامان قائىدىسىز شەكلىدىكى بۇ خىل كىچىك پەرقلەردىن ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق.  چۈنكى ، گەرچە ئەنگىلىيەلىكلەر ئامېرىكىلىقلارنىڭ سۆزلەش ئۇسۇلىنى توغرا دەپ قارىمىسىمۇ، ئەمما ئىككىلا دۆلەتتىكى كىشىلەر قارشى تەرەپنىڭ سۆزلەش ئۇسۇللىرىنى ئاسانلا چۈشىنەلەيدۇ.

5.قايتۇرتما سوراق (جۈملە)
قايتۇرماق سوراق جۈملە دېگىنىمىز- بىر خىل گىراماتىكىلىق قائىدە بولۇپ، بايان جۈملىنى سوراق شەكىلگە ئايلاندۇرۇشتا ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، "The whole situation is unfortunate, isn’t it?" ياكى "You don’t like him, do you?" دېگەندەك.
قايتۇرما سوراق جۈملە بولسا ئالماش، ئالماشنى ماسلاشتۇرغۇچى "be"،"have" ياكى "do" دىن ئىبارەت بىر نەچچە پېئىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قايتۇرما سوراق جۈملە كىشىلەرنى سۆزلىگۈچىنىڭ گېپىگە جاۋاب قايتۇرۇشقا ياكى شۇنىڭغا قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈشكە ئۈندەيدۇ. ئامېرىكىلىقلارمۇ قايتۇرماق سوراق جۈملە ئىشلىتىدۇ، ئەمما ئادەتتە ئەنگىلىيەلىكلەردىن كۆپ ئاز ئىشلىتىدۇ.

6.ھەجىلەپ يېزىش
ئامېرىكا ئېنگىلىزتىلى بىلەن ئەنگىلىيە ئېنگىلىزتىلىدا ھەرىپلەرنىڭ ھەجىلەپ يېزىلىشدا نەچچە يۈزلىگەن خەتلەردە ئىنتايىن كىچىك پەرقىلەر بار. سىز بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكىلىق لۇغەتشۇناس نوھ ۋەبىستېرغا رەھمەت ئېيتماي تۇرالمايسىز. سىز بەلكىم ۋەبىستېرنى ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن قوللىنىلغان مەشھۇر لۇغەت"ۋەبىستېر لۇغىتى" بىلەن تونۇغان بولۇشىڭىز مۇمكىن.  
نوھ ۋەبىستېر- ئۇ بىر يازغۇچى، سىياسىيون ھەم بىر ئوقۇتقۇچى بولۇپ، 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئېنگىلىزتىلىدىكى ھەرىپلەرنى ھەجىلەپ يېزىش قائىدىسىنى ئىسلاھ قىلغان.
ئۇ ئېنگىلىزتىلىدىكى ھەرىپلەرنى ھەجىلەپ يېزىش قائىدىسىدىكى تۇراقسىزلىق ۋە زىتلىقلارنى كۆرۈپ تولىمۇ ئۈمۈدسىزلىنىدۇ. ئۇ سۆزلۈكلەرنى تاۋۇشقا ئاساسەن يېزىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ھەجىلەپ يېزىش ئىسلاھاتى بولسا، ئامېرىكىنىڭ ئەنگىلىيەدىن مۇستەققىل ھالدا ئايرىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان بىر ئۇسۇل بولۇپ قالىدۇ.  
سىز ۋەبىستىرنىڭ ئامېرىكا ئېنگىلىزتىلىدىكى "color"(دىن كەلگەنcolour)، "honor"(honourدىن كەلگەن)، ۋە"labor" (labourدىن كەلگەن) گە ئوخشاش ھەجىلەپ يېزىش قائىدىسىدىكى ئۆچمەس ئابىدىسىنى كۆرۈپ يېتەلەيسىز. ۋەبىستېر يۇقۇردىكى سۆزلۈكلەرنى تەلەپپۇزغا ئاساسەن ھەجىلەپ يېزىش ئۈچۈن"u" ھەرپىنى چۈشۈرۈپ قويىدۇ. ئەمما، ۋەبىستېرنىڭ "women"نى "wimmen" قىلىپ ھەجىلەپ يېزىشتەك تەشەببۇسى مەغلۇپ بولىدۇ. ئۇنىڭ 1843-يىلىدىكى ئۆلۈمىدىن كىيىن تاكى بۈگۈنگىچە، ئامېرىكا ئېنگىلىزتىلىدىكى ھەجىلەپ يېزىش قائىدىسىنى ئۆزگەرتىش ئىشى ھېچيەردە ئېلىپ بېرىلمايدۇ.

خۇلاسە
ئامېرىكا ئېنگىلىزتىلى بىلەن ئەنگىلىيە ئېنگىلىزتىلىنىڭ ئوخشىماسلىق پەرقىگە قارىغاندا، ئوخشاشلىق تەرپى ئىنتايىن كۆپ. بىز ئويلىغان ئامېرىكا ئېنگلىزتىلى بىلەن ئەنگىلىيە ئېنگىلىزتىلىنىڭ ئارىسىدىكى پەرق دائىم بەك كۆپتۈرىۋېتىلىدۇ. ئەگەر سىز بىر تەرەپنىڭ ئۇسلۇبىنى بىلەلىسىڭىز، ئۇنداقتا يەنە بىر تەرەپنىڭمۇ ئۇسلۇبىنى بىلەلەيسىز.
بىر قىسىم يەرلىك دىئالىكتىكىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، نۇرغۇنلىغان ئامېرىكىلىقلار ۋە ئەنگىلىيەلىكلەر ئانچە قىينالمايلا بىر-بىرىنىڭ گېپىنى تولۇق چۈشىنەلەيدۇ. ئۇلار بىر-بىرىنىڭ تېلىۋىزىيە پروگراممىلىرىنى كۆرىدۇ، ناخشىلىرىنى ئاڭلايدۇ ۋە بىر-بىرىنىڭ يازغان كىتابلىرىنى ئوقۇيدۇ.  ئۇلار ھەتتا بىر-بىرىنىڭ شىۋىلىرىنى مازاق قىلىپ چاقچاقلىشىدۇ.

مەنبە: ئامېرىكا ئاۋازى تورى

uyghuray

36

تېما

5

دوست

3774

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   59.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34629
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 72
تۆھپە : 1137
توردىكى ۋاقتى: 91
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-19 11:43:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر بىرنىڭ تىلنى دوراپ مازاق قىلىپ چاقچاقلاشسا ،بىزگە ئوخشاپ كىتىدىكەن ھەر بىر يۇرتنىڭ شىۋىسىنى دوراپ مازاق قىلىشىپ چاقچاقلىشىمىز ،توۋا ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلۇقى تۆت ئىكەن .

0

تېما

26

دوست

2153

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35121
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 650
توردىكى ۋاقتى: 126
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-19 12:22:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە ! ئەسلى مۇنداق ئىش ئىكەندە .
مەن بەزىدە ، مۇشۇ ئەنگىلىيەلىكلەر بىلەن سۆزلىشىپ قالغۇدەك بولسام ، پاراڭلىشىپ ئالدىنقي 5 مېنۇتقىچە ، تازا ئۆزەمنى ئەركىن ـ ئازادە ھېس قىلالـمايمەن . تەلەپپۇزلىرى مېنى بىئارام قىلىدۇ . لېكىن چاندۇرمايمەن  ، ھۆرمەتسىزلىك بولۇپ قالـماسلىقى ئۈچۈن .
كېيىن بارا ـ بارا پاراڭلىشىش جەرىيانىدا ، باشتىكى جېددىيلىكىم يوقاپ كېتىدۇ .

0

تېما

0

دوست

2057

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   1.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12969
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 653
توردىكى ۋاقتى: 102
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-19 17:59:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كانادا، ئاۋىستىرالىيە، يىڭى زىللاندىيە ئىنگىلىزتىللىرى ئەنگىلىيە ئىنگىلىز تىلى ۋە ئامرىكا ئىنگىلىزتىلىدىن قانداق پەرىلىنىدۇ؟ بۇلار ئوتتىرىسىدا يەنە قانداق ئۆز-ئارا ئوخشىماسلىقلار بار؟ بىلىدىغانلار مۇشۇلارنىمۇ بىر چۈشەندۈرۈپ ئۆتسەڭلار بوپتىكەن.   ھىندىستان ئىنگىلىزتىلىنىغۇ ھەممىمىز بىلىمىز ئەمدى.
uyghuray

6

تېما

0

دوست

2323

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10854
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 454
تۆھپە : 413
توردىكى ۋاقتى: 211
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-19 21:27:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامېرىكا ئېنگىلىزتىلى بىلەن ئەنگىلىيە ئېنگىلىزتىلىنىڭ پەرقى ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئۆزبېك تىلىنىڭ پەرقىدەكمۇ؟

6

تېما

0

دوست

2323

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10854
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 454
تۆھپە : 413
توردىكى ۋاقتى: 211
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-19 21:27:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامېرىكا ئېنگىلىزتىلى بىلەن ئەنگىلىيە ئېنگىلىزتىلىنىڭ پەرقى ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئۆزبېك تىلىنىڭ پەرقىدەكمۇ؟

0

تېما

4

دوست

1484

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   48.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23663
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 474
توردىكى ۋاقتى: 126
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-20 22:49:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bilimsiz يوللىغان ۋاقتى  2015-12-19 21:27
ئامېرىكا ئېنگىلىزتىلى بىلەن ئەنگىلىيە ئېنگىلىزتىلىنى ...

شۇنداق دىيىشكىمۇ بولىدۇ. بىر-بىرىنىڭ گېپىنى چۈشىنەلمىگىدەك دەرىجىدە پەرق چوڭ ئەمەس.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )