- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-12
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 74579
- نادىر
- 7
- يازما
- 3334
ئۆسۈش
0%
|
1826- يىلى خەلقىمىزنىڭ چىڭ خاندانلىقى ئىستىبداتىغا قارشى قوزغىلىڭى پارتلىغاندا، ئەجداتلارنىڭ قەھرىمانلىق پەزىلىتىنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن نازۇگۇم بىر تەرەپتىن قولىغا قورال ئېلىپ دۈشمەنلەر بىلەن تىغمۇ-تىغ جەڭ قىلغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ جەڭگىۋار ناخشا-قوشاقلىرى ئارقىلىق قوزغىلاڭچىلارنىڭ كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بېرىدۇ. نازۇگۇمنىڭ بۇ قېتىم قوزغىلاڭغا مەردانىلىق بىلەن ئاتلىنىپ، ئەرلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، جەڭ قىلىشى ھەرگىزمۇ تەسەددىپى ئەمەس ئىدى، چۈنكى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ مىسلىسىز زۇلۇمى، قانلىق قىرغىنچىلىقىدىن جاق تويغان خەلق: «يە ئۆلۈم، يە كۆرۈم!» دەپ كۈرەشكە ئاتلانغاندا، خەلق بىلەن بىرگە ئازابلىق تەقدىرگە دۇچار بولغان شائىرەمىزمۇ ئۆزىنىڭ ئەركىنلىك يولىنى ئەنە شۇ خەلق سېپىدە كۆرگەن ئىدى .
قوزغىلاڭغا قاتنىشىش ھازىر بىز ئوقۇماققا مۇنداقلا بىر ئىشتەك قىلغان بىلەن بۇ يا ئۆلۇم يا كۆرۇم دەپ جاننى تىكىپ ئېلىپ بارىدىغان ئۇرۇش ، ئادەتتە.ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا ئاياللارنىڭ جەڭگە چىقىشى تەشەببۇس قىلىنمايدۇ . مانا موشۇنداق شارائىتتا .نازۇكۇمنىڭ قەتئى نىيەت بىلەن جەڭگە قاتنىشىشى ۋە ئەلەم قەلەم كۆرىشىنى تەڭ ئېلىپ بىېرىپ خەلقىنى قوزغىلاڭغا ئاۋاز قوشۇشقا چاقىرىشى بىزنى تەسىرلەندۇرمەي قالمايدۇ .ئۇنىڭ جەڭدىكى ئەرلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ جەڭ قىلغانلىقىدەك قەتئىي نىيتىدىن باشقا يەنە ناخشا قوشاقلار ئارقىلىق خەلقنى جەڭگە چاقىرىش ۋە قەتئىي نىيەت بىلەن جەڭ قىلشىقا مەدەت بەرگەن . بىز ئۆز قەتئى نىيىتنى كۆپلۇك شەكىلدە ھەممە قوزغۇلاڭچى قوشۇنغا ئىلھاملاندۇرۇش رولىنى ئۆتىگەنلىكىگە قاراپ بىر ئادەمنىڭ قەتئى نىيىتىنىڭ ناخشا قوشاق شەكلى ئارقىلىق پۇتۇن قوشۇنغا مەدەت روھى كۈچ ئاتا قىلغانلىقىنى قەتئى نىيەتنىڭ كۆپلۇك شەكلىنى كۆرىۋالدۇق .بۇھازىرقى زامان سۆزى بويىچە ئېيتقاندا تەشۋىقات دەپ ئاتىلىدۇ .
قورال كۈچى نىسبەتەن ئۈستۈن ئورۇندا بولغان چىڭ قوشۇنى بۇ قېتىمقى خەلق قوزغىلىڭىنى دەھشەتلىك ھالدا باستۇرغاندا، نازۇگۇم ئەسىرگە چۈشۈپ، ئونمىڭلىغان گۇناھسىز قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنىدۇ. ئۇ سۈرگۈن جەريانىدا باشقا تۇتقۇنلارغا ئوخشاش چېرىكلەرنىڭ قان تېمىپ تۇرغان قىلىچى ئاستىدا مىسلىسىز جەبر-زۇلۇم، ئادەم بالىسى كۆرمىگەن خورلۇقلارنى باشتىن كەچۈرىدۇ. ئاخىرى ئۆزى بىلەن بىرگە تۇتقۇن قىلىنغان ئاكىسى ئابدۇللا خوجا بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، يۇلتۇزدىن غۇلجا تەرەپكە قاچىدۇ. نازۇگۇم قاچقاندىن كېيىن، بىرنەچچە كۈن قومۇشلۇقلاردا، ئورمانلاردا يوشۇرۇنۇپ كۈن ئۆتكۈزىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ ئۆزىنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن سۆيۈملۈك دىيارىنى، مېھرىبان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى بەكمۇ سېغىنىدۇ. نازۇگۇم قېچىپ 12 كۈن بولغاندا يەنە چېرىكلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىدۇ.
ئەسىرگە چۇشۇپ قالغان نازۇكۇمنىڭ پۇرسەت تېىپىپ قېچىشىمۇ ئۇنىڭ دۇشمەنگە بوي بەرمەس ، تەغدىرگە تەن بەرمەس قەتئىي نىيتىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئەمەلى ھەركەتكە ئۆتۇشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ .
نەتىجىدە چىڭ سۇلالىسى ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن بىر سولۇن (داغۇر مىللىتىنىڭ شۇ چاغدىكى ئاتىلىشى – نازىمى) ئەمەلدارغا مەجبۇرى خوتۇنلۇققا بېرىلىدۇ. ئۆزىنىڭ مىللىي غورۇرى، پاك ۋىجدانى، ئىپپەت-نومۇسىنى ھەممىدىن ئەلا بىلگەن نازۇگۇم سولۇن ئەمەلدارىنىڭ بېشىنى تېنىدىن جۇدا قىلىپ قېچىپ كېتىدۇ. بۇ ئەھۋال چىڭ ئەمەلدارلىرىنى ساراسىمىگە سالىدۇ.
ئەمەلدارغا مەجبورى خوتۇن بولۇشنى راۋا كۆرمىگەن نازۇكۇم يەنە بىر قېتىم قەتئىي نىيەت بىلەن توي كۈنىسى كەچتە ھوجۇرىدا ئەمەلدارنىڭ يۇرۇكىگە پىچاق ئۇرۇپ ئۆلتۇرۇپ بېشىنى كىسىپ قېچىپ كىتىدۇ ، بۇ نىقاپلانغان قەتئى نىيەت .
نازۇگۇم شۇ قاچقانچە 6 ئاي ۋاقىت جاڭگاللاردا مۆكۈپ يۈرۈپ ھايات كەچۈرىدۇ. .
بۇ قېتىم نازۇكۇم ئالتە ئاي جاڭگاللاردا مۆكۈپ يۇرۇپ ھايات كەچۇرىدۇ . بىز بىر تال پىچاقنى كۆتۇرۇپلا جاڭگالغا قەدەم قويغان نازۇكۇمنىڭ ئالتە ئاي دالىدا مۆكۈنىپ يۇرۇش جەريانىدا ئاچلىق ئۇسسۇزلۇق، پاشا ۋە باشقا زىيانداشلارنىڭ زىيانكەشلىكى قاتارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ كەچتە ئۇخلۇغۇدەك ئىسسىق بىر جاي تېپىشى ئۇچۇن بىر ئاجايىپ قەتئىي نىيەتنىڭ بارلىقىنى كۆرۋالالايمىز ، ئەمەلدارغا خوتۇن بولۇش تەقدىرىگە بوي سۇنغان بولسا ئىدى ، نازۇكۇم بەلكىم بۇ قەدەر جاپالارنى تارتماس بولغىيدى ، ئەمما غۇرۇلۇق قەتئىي نىيەتلىك نازۇكۇم ئالتە ئاينى جاڭگاللاردا ئۆزى يالغۇز ھالەتتە ئۆتكۇزدى .بۇ ھازىرقى زامان ئىلىمى بويىچە قىيىن شارائىتتا جېنىنى ساقلاپ قېلىش بولۇپ ئادەتتە بىر ھەپتە ئون كۇن داۋاملاشسا كاتتا نەتىجە بولغان بولىدۇ . نازۇكۇمنىڭ ئالتە ئاي بەرداشلىق بىرىپ دالىدا ئۆزى يالغۇز مۆكۇنۇپ يۇرۇشى ھەتتا ئەرلەر ئۇچۇنمۇ ناھايىتى ئاز كۆرۇلدىغان قەتئى نىيەت ،چىدام غەيرەت تەلەپ قىلىدۇ .
جاڭگاللارنى كېچە-كۈندۈزلەپ ئاختۇرۇپ ئاخىرى نازۇگۇمنى تۇتىۋالىدۇ. ۋە پۇت-قوللىرىنى كىشەنلەپ زىندانغا تاشلايدۇ. نازۇگۇم تۈرمىدىمۇ قەھرىمان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ باتۇرلۇق جاسارىتىنى ئىپادىلەپ، دۈشمەننىڭ تۈرلۈك قىيىن-قىستاقلىرى ۋە ئۆلۈم خەۋپى ئالدىدا قىلچىمۇ تىز پۈكمەيدۇ. يەنىلا ئۆزىنىڭ يالقۇنلۇق قوشاقلىرى ئارقىلىق زالىملارنىڭ ۋەھشىلىكىنى غەزەپ بىلەن ئەيىبلەيدۇ، ئۇلارنىڭ يىرگىنچلىك ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلايدۇ. جاللاتلار قولىدىن قۇتۇلۇشقا، ئەركىنلىككە تەلپۈنىدۇ
بىراق شائىرەنىڭ بۇ ئارزۇسى ئارزۇ پېتىچە قالدى. دۈشمەن قولىدىن قۇتۇلۇپ چىقىش نېسىپ بولمىدى. نازۇگۇم تۈرمىگە تاشلىنىپ بىرنەچچە ئايدىن كېيىن، جاللاتلار تەرىپىدىن چېپىپ تاشلىنىدۇ.
شۇنداق قىلىپ بۇ ئەرك سۆيەر جەڭچى، شائىرە ئەجداتلىرىمىزنىڭ دۈشمەننىڭ كىشەن-زەنجىرىلىرى، تۈرمە-زىندانلىرى ۋە قاتىللىق تىغلىرى ئالدىدىمۇ باش ئەگمەيدىغان شانلىق ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، باتۇرلارچە ۋاپات بولىدۇ. مەردانە ۋە جەڭگىۋار ھاياتى ئارقىلىق خەلقىمىز قەلبىدە مەڭگۈ ئورۇن ئالغان سۆيۈملۈك شائىرە نازۇگۇمنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن قوشاقلىرى ئۇنىڭ كۈرەش ئىچىدە ئۆتكەن ياشلىق ئۆمرىنىڭ گۈزەل نەزمىي خاتىرىلىرىدۇر!
شۇنداق نازۇكۇم دۇشمەنگە تىز پۇكمەي ئۆلۇم ئالدىدىمۇ كۇچلۇك ھالدا دۇشمەننى ئەيىپلەپ قوشاقلار توقۇدى ۋە مەرتلەرچە قۇربان بولدى . بىز نازۇكۇمنىڭ ئۆز ىنىڭ جەڭگىۋار ھاياتى ، قوشاقلىرى ، تىز پۇكمەس باتۇر روھى ئارقىلىق كىينكى لەرگە ئۈلگە ئالغۇدەك قەتئىي نىيەتلەرنى مىراس قالدۇرۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرىۋالدۇق .
|
|