قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1442|ئىنكاس: 12

نۇري تېيىپ: كەپتەرلەر -(22)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

120

تېما

37

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   14.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 64
مۇنبەر پۇلى: 1012
تۆھپە : 5611
توردىكى ۋاقتى: 336
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-21

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا تېما ماھىرى نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2015-12-21 09:04:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلاۋە: مەن "كەپتەرلەر" نى يوللىمىدىم ئەمەس، "كەپتەر" چى پۇمىچىك -مەزكۈر ئەسەرنىڭ ئاپتورى، نۇري تېيىپ ئەپەندى، "كەپتەر"لىرىنى مەن تامان ئۇچۇرما قىلىپ بولالمىدى. "كەپتەرلەر" قولۇمغا قونسىلا، سىلەر تامان ئۇچۇرىمەن ئۇلارنى قەدىردان باغداشلىقلار!
مۇشۇ ھەپتە ماڭا بۇ ئەسەرنىڭ 22-قىسمىنى ئەۋەتكەن نۇري تېيىپ ئەپەندىگە رەھمەت، مەزكۈر ئەسەرنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتكەن سادىق ئوقۇرمەنلەرگە، سىلەرگە ھەم رەھمەت!


ھۆرمەت بىلەن:  
                     قەيسەر مىجىت


********************************************************************
   تازىمۇ سوۋۇتۇلغان ئورىئون پىۋىسى ئالدىمغا كەلتۈرۈلدى ۋەپارقىراپ تۇرغان ئىستاكانغا ئۈچتىن ئىككىسى پىۋا، ئۈچتىن بىرى پىۋا كۆپۈكى بولۇپ، تەڭشىلىپ قۇيۇلدى. بۇ كاساپەت مۇشۇ پىۋا قۇيۇشنىلا ئۆگەنگەنمۇ قانداق؟ بىرلا قۇيۇپ توختىتىشىدا، پىۋا كۆپۈكىنى ئىستاكان ئېگىزلىكىدىن ئىككى مىللىمېتىرچە كۆتۈرۈلگەن يېرىدە نەقلا توختىتالىدىيا؟! مەن تېخى كۆپۈكى تېشىپ كەتسە، تېزلىك بىلەن ھۇپ قىلىپ سۈمۈرىۋېتىمەن، دەپ تەييارلىق قىلىپ يۈرۈپتىمەن تېخى. نەقلا توختىدى دېسە. كەسىپ ئەھلى دېگەن يەنىلا كەسىپ ئەھلى جۇما …
    قاۋاقخانا ئىچى ئاۋاتلىشىشقا باشلىدى. بىر ئىككىدىن، ئۈچ تۆتتىن بولۇشۇپ كەلگەن ئادەملەر بىلەن باردا ئولتۇرۇپ ئىچىشمەكچى بولغانلارمۇ كۆپىيىپ، ھاراق تەڭشىگۈچى ئىككى مۇلازىمەتچى ھەرىكەتلىرىنى، قۇيۇلۇۋاتقان مۇزىكىغاماسلاشتۇرۇپ، بەدەنلىرىنى ئويناتقاچ، ھاراق تەڭشەشكە كىرىشىپ كەتتى. ئۇلار بىركىچىك تۆمۈر قۇتىغا، بىرى مۇزنى سېلىپ، ئىككىنچىسىغا ئېتىپ بەرسە، ئىككىنچىسى ئۇنىڭغا قانداقتۇر ئالا-يېشىل سۇيۇقلۇقلارنى تېمىتىپ، قۇتىنىڭ ئېغىزىنى ھىم ئېتىپ،ئۇنى شاراق -شۇرۇق ئېگىز - پەس سىلكىپ، ئاندىن ئۇنى دۇكاننىڭ تورۇسىغا تېگەي دېگۈدەك قىلىپ، ئاسمانغا ئېتىپ، ئېتىلغان تۆمۈر قۇتىنى يەنە بىرسى كوپپىدە قىلىپ تۇتۇپ، بىر ئىككى سىلكىۋېتىپ، چىرايلىق ئىستاكانلارغا قۇيۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرتال ئالۇچا ۋە ياكى چىش كولىغۇچقا ئۆتكۈزۈلگەن زەيتۇندىن ئۈچنى، ئىستاكاننىڭ قىرىغا قويۇپ، مېھمانلارنىڭ ئالدىغا قويۇۋاتىدۇ. ئىككى ئادەم ھارغىچە ئويۇن كۆرسىتىپ، تەييارلىغان ئىچىملىكلىرىنىڭ رەڭلىرى ئالامەت چىرايلىق. ئەمما بىزچەئىچىشكە توغرا كەلسە خوشە دەپلا بىر كۆتۈرۈشكە يەتمەيدىغان، ئوبدانراق ھاراق خۇمار كىشىلەرنىڭ، چىشىنىڭ ئارىلىقىدا قالغۇدەك مىقداردا، تۇتقۇچلىرى ئېلان باغرىياسالغان، ئىچىملىك قويۇلىدىغان يېرى مىسسىردىكى پىرامىدىنى دۈم قىلىپ قويغاندەك ئۈچ بۇرجەك، تولىمۇ نەپىس ياسالغان ئىستاكانلارغا قۇيۇلۇۋاتىدۇ. مېھمانلارمۇئۇنىڭغا لەۋلىرىنى تەگكۈزۈپ قويۇپلا «ۋاھ ئالامەت بوپتۇ» دېگەندەك قىلىپ يېنىدىكىلىرىگە باشلىرىنى يېنىك لىڭشىتىپ، مەمنۇن بولغانلىقىنى ئىپادىلەپ ئولتۇرۇشۇپ كېتىشىپتۇ. ھېلىمۇ ئۇ ئىچىملىكنىڭ ئىسمىنى مەن بىلمەيدىكەنمەن دەڭە. ئەگەربىلىپ قالغان بولسام، مەنمۇ ئۇنىڭدىن بىرنى بۇيرۇتۇپ، ئۇ ئىچىملىك ئالدىمغا كەلگەن ھامان خوشە دەپ گۇپلا قىلىپ بىزچە كۆتۈرۈپمۇ قويغان بولاتتىمكەن.
   مەن، بۇ دۇكان بويىچە، بىردىن -بىر يېڭى كەلداخۇن بولۇشۇم مۇمكىن.ھاڭۋېقىپ، ئۇ يان بۇ يان پالىلداپ ئولتۇرۇپ كەتكىنىمۇ مەنلا بولسام كېرەك. دۇكان ئىچىدىكى ھەممە نەرسە، مەن ئۈچۈن يېڭىلىق تۇيۇلۇۋاتىدۇ. تۇيۇقسىز مۇزىكىلار جاقجاق، جۇم جاق شوخ مۇزىكىلارغا يۆتكىلىپ، چىراغ نۇرلىرىمۇ لاپ -لۇپ يېنىپ ئۆچۈپ،دۇكان ئىچى باشقىچە تۈس ئالدى. ئوتتۇز سانتىمېتىر ئەتراپىدا ئېگىزلىكتە بىرسەھنىگە ئوخشاش نەرسە، پەيدا بولۇپ قاپتۇ مەن ھاڭۋېقىپ ئولتۇرۇپ كەتكەن ئارىلىقتا. دۇكاننىڭ باشقا جايلىرى ئادەم تونۇغىلى بولمىغۇدەك قاراڭغۇ. پەقەت بايىقى سەھنىلاخېلى يورۇق. «نېمە ئىش بولىدىغاندۇ بۇ يەردە؟ ئەمدى قىزىيدىغان يېرىگە كەلدىمۇنېمە؟ مەنمۇ گۈپۈلدۈتۈپ بىر ئىككىنى قاقمايما» دېگەنلەرنى ئويلاپ تۇرۇشۇمغا، سەھنەئۈستىدە ئوماق قىزچاقتىن بىرى پەيدا بولۇپ، ئېگىلىپ تازىم بەردى. مۇزىكا ئۆزگەرتىلدى.ياپونىيىنىڭ مىللىي مۇزىكىسى دىڭ - دىڭ - دىڭلا قىلىدۇ. مۇزىكا چالغۇچىغا چېلىش خوشياقمايۋاتامدۇ ياكى ئورۇننىڭ ئەھۋالىغا قارىغاچ، چالغۇنى تەڭشەۋاتامدۇ؟ شامىسەندەپ ئاتىلىدىغان بىر چالغۇ بولۇپ، بىزنىڭ دۇتتاردىن كىچىكرەك، قازاقلارنىڭ دومبۇراسىدىن ئۇزۇنراق ئىككى تارلىق بىر خىل چالغۇ. ئىش قىلىپ مېنىڭ قۇلۇقۇمغامۇزىكا تېخى تولۇق باشلانمىغاندەكلا ئاڭلىنىۋاتىدۇ. لېكىن ياپونىيىنىڭ مىللىي كىيىمى (كىمونو) بىلەن چىرايلىق كىيىنىپ چىققان قىزچاق ئۇسۇلىنى باشلاپمۇ بوپتۇ. دېمەك ما چالغۇ تەڭشىلىپ يۇ، رەسمىي چېلىنىپ «ھەي ھەي ئېچىلىپ ئېچىلىپ ھە ھە ئالامەتقۇ بۇ» دېگەن يەرلىرىگە كېلىپ بولدى دېگەن گەپ. دۈگۈلەك يەلپۈگۈچ بىلەن يۈزىنى توسقان قىزچاق، قەدەملىرىنى «ۋىيەي مۇشۇما ئاران» دېگۈدەك كىچىك ئېلىپ، تىك -تىك -تىك مېڭىپ، سەھنىنى بىرئايلىنىۋېتىپ، سەھنىنىڭ ئوتتۇرىسىدا توختىدى. «ۋاھ ئويۇن ئەمدى باشلىنىدىكەندە» دەپتۇرۇشۇمغا، يۈزىگە كىنولاردىكى نىنجالاردەك قارا رەخ يۆگۈۋالغان بىرسى، قىزنىڭ بېلىگە باغلاقلىق، بىزچە پوتىغا ئوخشاش رېقىنى تارتقىلى باشلىدى. قىز جايىدا تۇرۇپ پېقىراۋاتىدۇ. كىيىمىنىڭ ئارقىسىغا چىگىۋالغان ياستۇققا ئوخشاش نەرسىسىنى قىزبېشىدىن ئېگىز كۆتۈرۈپ، پىقىرتىپ - پىقىرتىپ، مېھمانلار تەرەپكىلا ئاتتى .
ھوي ھوي … نېمە كارامەت بۇ؟ «كۆزلىرىم بارغانچە يوغىناپ، ھەيەنىچۇ؟ ھە ھە تارتىنماي، ھە بەھۇزۇر» بولۇپ كەتتىم مەن. سوغۇق پىۋىدىن گۈپۈلدۈتۈپ ئىچىپتىم. بەك ھەيران قالغاچقىمۇ ۋە ياكى ھاڭۋېقىپلا ئولتۇرۇپ قالغاچىمۇ؟ ئۇقمىدىم ھېق تۇتۇپمۇ قالدى دېسە تۇيۇقسىزلا. مەن يىگىرمە ئوتتۇز سېكۇنتتا بىر قېتىم «ھېق» قىلغاچ يەنە نېمە ئىشلار بولاركى دەپ، شۇ سەھنىگە كۆزۈمنى چىمچىقلىتىشقىمۇ ۋاقىت ئاجراتقۇم كەلمەي، كۆزۈمنى شۇ سەھنىدىن ئۈزمەي ئولتۇرۇپتىمەن. بۇلارمۇ يامان ئىكەن.قىزچاقنىڭ بېلىدىكى پوتىسى تۈگەي دېگەن ۋاقىتتا، يەنى كىمونونىڭ ئالدى ئېچىلاي دېگەندە شاپپىدە قىلىپ توختىۋالدى. سەھنىنىڭ چىرىغى ئۆچۈرۈلۈپ، مېھمانلار تەرەپنىڭ چىراقلىرى يورۇتۇلدى. قىزغا تىكىلىپ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن يىگىتلەر ۋاي ئەنەڭنى… ماگۇيلارنىڭ نېمە قىلغىنى ئەمدى؟ ئاز قالغانتى ئەمەسما دېيىشىپ، ئالدىدىكى رومكىلىرىنى خوشە ھە دەپ بىرلا قېتىمدا كۆتۈرۈۋېتىشتى. مەنمۇ قولۇمدىكى ئىستاكاندىكى قالدۇق پىۋامنى بىر نەپەس بىلەن كۆتۈرۈۋېتىپ، پىۋىدىن يەنە بىرنى ئەنەڭنى …دەۋەتكىنىمنىمۇ بىلمەي قاپتىمەن.
قاۋاقخانا ئىچى ھا ھا ھا ھى ھى ھى كۈلكە، چىرچار چىرقىراش،ئىسقىرتىشلار بىلەن قايناشقا باشلىدى. بەزى قىزچاقلار سەھنىدىكى بايىقى قىزغاكۆزلىرىنى چەكچەيتىپ قارىشىپ كەتكەن يىگىتلىرىدىن ئەنسىرەپمۇ ياكى ئۇلاردىن قىزغىنىپمۇ؟ ئىش قىلىپ يىگىتىگە چاپلىشىپ ئولتۇرىشىۋاپتۇ. بەزىلىرى يىگىتىنىڭ يۈزىنى ئاستا سىلىغاچ، مەجبۇرىي ئۆزىگە قارىتىمەن دەپ ئاۋارە. بەزىلىرى يىگىتىنىڭ قۇلۇقىنى يېنىك تارتىپمۇ قويىشىۋاتىدۇ.
    مۇھەببەت ئىشىغا كەلگەندە، «ۋاي بوپتۇلا» دەپلا مەردلىك قىلىۋېتىدىغان ئادەملەر كەم بولسا كېرەك. مۇھەببەتتىكى ئەخمەق مەردلەردىن بولۇشنى ،ھېچكىم تېخىمۇ ئارزۇ قىلمىسا كېرەك. ھەممە، ئۆز سۆيگۈنىنىڭ ئۆزىگىلا تەئەللۇق بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەلۋەتتە كىشىلىك ھاياتتا، سۆيۈشنى بىلىپ، سۆيدۈرۈشنى بىلەلمەي، مۇھەببەت ئوچاقلىرىدا كۆيۈپ -پۇچۇلىنىپ ئۆتىدىغان، تەلەيسىز ئادەملەرنىمۇيوق دېگىلى بولمايدۇ. بۇنىڭغا ماس ھالدا، بارلىق زېھنىنى ئىشلىتىپ، خەقنىڭ بەختىنى نابۇت قىلىپ، ۋەيرانە قىلىپ، ئۆز مۇرات -مەقسەتلىرىگە يېتەلەيدىغان كىشىلەرمۇبولىدۇ. بەزىلەر تېخى، مۇھەببەت گۈلزارىدىن تاللىغان گۈلىنىڭ ئەتراپىدا،پەرۋانىدەك ئەگىپ يۈرۈپ، ئۇنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا نېمىلەرنى قىلمايدۇ دەيسىز؟ۋاي بولدىلا، ئۆزىمىزنىڭ گېپىگە كېلەيلىيا، ھەجەپ «مۇھەببەت، ئاھ ئۇھ » دەپلاكەتتۇقيا. ئۇلار سۆيۈشەمدۇ سوقۇشامدۇ؟ ئۆزىنىڭ ئىشى ئەمەسمۇ؟ چاتىقىمىز نېمەبىزنىڭ، ھە.
سەھنىدە بولىنىۋاتقان ئىشلار، قاۋاقخانا كەيپىياتى، مېنىڭمۇپىۋىغا بولغان تاقىتىمنى تاق قىلىپ، «ئىچمەمسە، كۆتۈرمەمسە كۆككۆز، ھە قېنى؟ گۈپ -گۈپ ھە» قىلىپلا قويدى. كۆزلىرىم ئويناقشىپ كېتىپ بارىدۇ. بىردەم بايىقى سەھنىدەبىرەر يېڭىلىق يۈز بەردىمۇ قانداق؟ دەپ پات - پات ئۆرۈلۈپ، قاراپ قاراپمۇ قويىمەن.جۈپ -جۈپ بولۇپ بىر - بىرىگە يۆلۈنۈپ ئولتۇرۇشۇپ كېتىشكەنلەرگىمۇ ئاندا -سانداقاراپ، كۆزۈمنىڭ پىتىنى ئۆلتۈرۈپ قويۇشنىمۇ ئۇنۇتمۇدۇم. پەمىمچە يالغۇز پىۋىنى دوست قىلىپ ئولتۇرغان، قاۋاقخانا بويىچە بىر مەنلا بولسام كېرەك. ئەمما ئەڭ ئەركىن، ئەڭ ئازادە، كۈنچى قىزچاقلارنىڭ باشقۇرۇشىدىن خالىراق ئولتۇرغىنىمۇمەنمىكەنمىكىن، دەپ قالدىم جۇما. باردا ئىشلەۋاتقان ئىككى ھاراق تەڭشىگۈچى، بىرقارىشىمدا تۆت بولۇپ قاپتۇ. ئىككى زىلۋا قىزچاق يېرىم يالىڭاچلا ئىشقا چۈشۈپ كېتىپتۇ. ئالدىراشچىلىقتا كىيىملىرىنى تولۇق كىيىشكىمۇ ئۈلگۈرەلمەي قالغاندەكمۇكۆرۈندى مېنىڭ كۆزۈمگە. شۇ چىرايلىق بەدەنلىرىگە تېخى ئۆمۈچۈك، يولۋاس، بېلىق، گۈل دېگەندەك نەرسىلەرنى چېكىۋاپتۇ. بۇمۇ بەلكىم مۇشۇ خىزمەتنىڭ ئېھتىياجى بولسا كېرەك دەپ ئاددىيلا ئويلاپ، بۇ ھەقتە ئارتۇقچە باش قاتۇرۇپ يۈرگۈم كەلمىدى. چۈنكى ماتەرەپ يەنە «گۈممىدە» قىزىپ قالىدىغاندەكلا بىلىنىپ تۇرىدۇ ماڭا ئەمما. ئاساسەن ئۇلارنىڭ ھاراق تەڭشەشتىكى ماھارىتىگە قايىل بولۇپ، ھەيراننۇ - ھەس ئولتۇرۇپ كېتىپتىمەن.
    قاۋاقخانا چىراقلىرىدا يەنە ئۆزگىرىش بولدى. ئوھ … يەنەقىززىيدىكەندە …. ، دەپ سەھنە تەرەپكە ئولتۇرغان ئورۇندۇقۇمنى پېقىرىتىپلائۆرۈلۈشۈمگە، مېنىڭ سول بىلىكىمگە بىر قىزچاق يېنىك ئېسىلىپ، «يېنىڭىزدىكى ئورۇننى ئىشلەتسەم بولامدىكى؟ » دەپ كۈلۈمسىرەپ، مەن جاۋاب بەرگۈچە ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپمۇبولدى. مېنىڭ جاۋابىم كېچىككەن بولسىمۇ داۋخولىق قىلىپ مەن: «ھە كېلىڭ، كېلىڭ،بەھۇزۇر ئورۇننى سىزگىلا ئېلىپ قويغانتىم» دەپ چاقچاق ئارىلاش جاۋابمۇ بېرىۋەتتىم.راست گەپنى قىلسام، بايىقى «ھە ھۇ، گۈپ -گۈپ، خوشە» لەر بىلەن مېنى بىرسىنىڭ مۇشۇباردا كۈتىۋالىدىغىنىنى پۈتۈنلەي ئېسىمدىن چىقىرىپ تاشلاپتىكەنمەن ئەمەسما …!
   ئورىئون پىۋىسى يارىدىمىكىن؟ قىز ئالدىمدىكى پىۋا بوتۇلكىسىنى ئىككى قوللاپ ئېلىپ، مېنىڭ ئىستاكانىمغا پىۋىنى لىقلىدى. ۋە ئۆزىمۇ ئىستاكاندىن بىرنى بۇيرۇتۇپ، پىۋىنىڭ قالدۇقىنى ئۆز ئىستاكانىغا قۇيۇپ، بايىقى يېرىم يالىڭاچ ھاراق تەڭشىگۈچى قىزچاقلارغا قولىنى يېنىك شىلتىپ، كۆز ئىشارىتى بىلەنلا پىۋىدىن بىرنى بۇيرىتىۋەتتى.
قىز ئۆزىگە تازىمۇ يارىشىملىق قىلىپ، بەدىنىگە قۇيۇپ قويغاندەك بىر پۈتۈن كۆڭلەك كىيىۋاپتۇ. بىرلا قارىماققا سىزنى «ما ياپونىيىلىكلەر كىيىمنى ئالامەت تىكىۋېتەمدۇ نېمە؟ يا بۇ قىزنىڭ بەدىنى شۇنداق چىرايلىقمۇ؟» دېگۈزۈۋېتىدۇ.ئەمما قىزنىڭ ھەرىكەتلىرىدىن ئۇنىڭ بىرەر تەنتەربىيە تۈرىدە ئالامەتلىكى چىقىپ تۇرىدۇ. بۇ چوقۇم ۋايىغا يەتكۈزۈپ بەدەن چېنىقتۇرغان قىز ئامما «شاپپىدە» قارىشىمچە.يۈزىگە قىلىۋالغان گىرىملىرى مىياڭ - مىياڭ قىلىپ تۇرىدىغان، سۈنئىي، نازۇك چوكانلارنىڭكىدىن خېلىلا پەرقلىق بولۇپ، سىزنى شەھۋانىي خىياللاردىن خالىي قىلغۇزۇپ، «ئۆزۈڭنى بېسىۋال ھە، بولمىسا كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرسىتىپ قويماي يەنە ھىم» دېگۈزۈپلاتۇرىدۇ.
-تونۇشۇپ قالايلى، مېنىڭ خىزمەتتىكى ئىسمىم جۇنكو. تونۇشقانلىقىمدىن خۇرسەنمەن، قېنى ئەمسە كامپاي (خوشە).
   پىۋا تولدۇرۇلغان ئىككى پارقىراق ئىستاكان «چاڭڭىدە» قىلىپ بىر -بىرىگەيېنىك تېگىشتى. قىز غورت -غورت -غورت قىلىپ ئۆز جامالىغا ماسلاشمىغان ئىچىش تېزلىكىدە، ئىستاكاندىكى پىۋىنى بىراقلا كۆتۈرۈۋەتتى.
   ئالە شەرىڭنى … تازا ئىچىدىغىنىمۇ نېمە ماۋۇ ... خىزمەتتىكى ئىسمىم دېگىنى نېمىسىدۇ ئەمدى ئادەمنى قورقۇتۇپ، بۇنىڭ؟ مەن سەل جىددىلىشىپمۇ قېلىۋاتىمەن.ئەمما مەنمۇ چاقماق تېزلىكىدە «مېنىڭ خىزمەتتىكى ئىسمىم 007»دەپ قويايمۇ يا دېگەنلەرنى ئويلىۋەتكىنىممۇ راست ئەمدى.
   ئويلىمىغان يەرلەردىن، بىرەر خاتا گەپلەرنى قىلىپ قويۇپ، قىلىۋاتقان خىزمىتىمدىن چاتاق چىقىرىپ قويماي دەپ، بىرئاز سەگەكرەك ئولتۇردۇم. بايىقى «ھە ھۇ»لاردا قىزىپ كېتىپ، پېشانىلىرىم تەرلەپمۇ قاپتىكەن. ئالدىمدىكى قولياغلىقچىلىق ھۆللۆڭگىدە يۈز - كۆزلىرىمنى يېنىك سۈرتكەچ «مانداق دېسە، ئانداق دەيمەن، ئانداق دېسەمانداق دەيمەن، ئۇقمىسام ئۇقمايمەنلا دەيمەن»، دەپ ئىچىمدە ئۆز ئۆزۈمگە گەپ قىلىپ ئولتۇرۇۋەردىم.
   دۇكان چىرىغى بىراقلا ئۆچۈرۈلدى. پەقەت چىقىش ئىشىكىنىڭ «بىر ۋەقەيۈز بەرسە، ماياقتىن قېچىڭ» دېگەننى بىلدۈرۈپ تۇرىدىغان، تىنچلىق ئىشىكىنىڭ چىرىقىدىن بىر ئىككىسىلا يېنىق. ئادەمنى «ۋوي نېمە بولغاندۇ ئەمدى؟ » دەپ چۆچۈتۈۋەتكۈدەك ئەنسىز مۇزىكا قويۇلدى. ئارقىمىزدىكى بايىقى سەھنە تەرەپنىڭ مەركىزىدە، چەمبەر شەكلىدە تەخمىنەن بىرەر مېتىرلار كېلىدىغان غۇۋا يورۇقلۇق پەيدابولدى. ئۇ يورۇقلۇق بارغانچە كۈچىيىپ بېرىۋاتىدۇ. بىر نازۇك گەۋدە «مىدىرلىساڭ بولمايدۇ» قىلىپ بېكىتىلىۋەتكەندەك، قىمىر قىلماي ئولتۇرۇپتۇ. قىز ئوڭ جەينىكىنى ئوڭ تىزىغا قويۇپ، ئېڭىكىگە تىرەپ، سول قولىنى تىزلىنىپ تۇرغان سول پۇتىغا قويۇپ،ئالدىغا سەل ئىڭىشىۋاراق، يەرگە تىكىلىپ قاراپ، خىيال سۈرگەندەك ئولتۇرۇپ كېتىپتۇ.ئەگەر بۇ نازۇك بەدەندىكى ئىككى بېلەكنى «شارتلا» قىلىپ كېسىۋەتسە، دۇنياغا داڭلىق ھېلىقى قۇيما چوكاننىڭ ئۆزىلا بولىدۇ ئەمدى.
    ھۆرمەتلىك دوستلار، بىز بۇ قىزچاقنىڭ ئورنىدىن قوپۇپ ھەرىكەت قىلىپ كېتىشىدىن بۇرۇن، يەنىلا ئۇلۇغ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىمىز، كىيىم - كېچەك، ئۆرپە -ئادىتىمىز ھەققىدە بىر ئويلىنىۋېتەيلى. ئۇ قىزنىڭ ئورنىدىن تۇرۇشى بىلەن بىز چوقۇم ئۆز مىللىتىمىزنىڭ كۆپ تەرەپلىرىدىن سۆيۈنىمىز ھەم پەخىرلىنىمىز.
قەلەم مېنىڭ قولۇمدا، ئەلۋەتتە. مەن ئۇ قىزنى ھازىرلا «لىككىدە» قىلىپ ئورنىدىن تۇرغۇزىۋېتەلەيمەن. تاماشىبىنلارنىڭ كۆزىنى ئالا- چەكمەن قىلىۋېتىدىغان ئۇسۇللارنى ئوينىتىۋېتەلەيمەن. قاسىلدىتىپ ئوينىۋەتكەن ئۇسۇللىرىنى ئالامەت يېزىۋېتىشقىمۇ تايىنىم يېتىدۇ. لېكىن تازا بەلەن بولمىغان يەرلىرىگە ماۋۇقولۇمدىكى قەلەم، ئارقىغا داجىپ سەل پىكىر قىلىپ تۇرىۋېلىۋاتىدۇ. چۈنكى مېنىڭ قەلبىم،قەلىمىم، بارلىقىم مېنىڭ خەلقىم قولىدا. بۇنى قانداق قىلساق بولار ئەمدى؟
   قەدىرلىك دوستلار، مۇشۇ يەردە مەن سىزنىڭ ئىككى - ئۈچ مىنۇت ۋاقتىڭىزنى ئالاي. ئاساسىي ۋەقەلىكتىن سەل چەتنەپ، قولۇمدىكى قەلىمىمنىڭ يازغۇسى كېپ كېتىپ بارغان بىر - ئىككى ئېغىز سۆزلىرىنى يېزىپ كۆرەي. قەلىمىممۇ پاقىسىغائازراق قېنىۋېلىپ ئاندىن بايىقى قېتىپ ئولتۇرغان يالىڭاچ قىزچاقنى، ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ ئۇسۇل ئوينىتامدۇ ياكى سورۇننى يىغىشتۇرۇپ، بولدى قىلامدۇ؟ بىركۆرمەيلىمۇ، قانداق دەيسىلەر؟
   دۇنيادا نۇرغۇن دۆلەتلەر بار. شۇنىڭدەك ئۇنىڭدا نۇرغۇن ئوخشىمىغان  مىللەتلەر ياشايدۇ. خۇددى بىزنىڭ يۇرتىمىزدا نۇرغۇن مىللەت بولغىنىدەك. ئەمدى سىز«ھە» دېگەندە ئۆزىڭىز چۈشەنمەيدىغان، ھەتتا تۇنجى قېتىم مۇئامىلە قىلىۋاتقان،بىرەر مىللەت كىشىلىرى بىلەن چىقىشىپ كېتەلىسىڭىز ۋە ياكى ئۇنىڭ ياردىمىگە،ھىسداشلىقىغا ئىگە بولۇپ، بىر چىن دوستلۇق ئورنىتىپ قالسىڭىز، ئەلۋەتتە ئۇمىللەتنىڭ سىزگە بەرگەن تەسىرى ئالامەت بولىدۇ. «ئېسىل مىللەت جۇمۇ» دەپ تونۇش بىلىشلىرىڭىزگە سۆزلەپ ھارمايسىز. سىزگە بۇ مىللەت كىشىلىرى تولىمۇ يېقىملىق،مېھرىبان، ئىللىق، كۆيۈمچان، چىقىشقاق، مەرد ... ئىش قىلىپ ھەممە تەرىپى ياخشىدەكلا كۆرۈنىدۇ. بۇ ئىنساندىكى بىلىش - بىلمەسلىك، چۈشىنىش - چۈشەنمەسلىك،سۆيۈش - سۆيمەسلىك.
بىر دۆلەتتە يەنە، نېمە ئارزۇ قىلىنسا، شۇ كۆپرەك تەشۋىق قىلىنىدۇ.شۇ تەشۋىق قىلىنغان نەرسىنىڭ، شۇ دۆلەتتە ئەمەلگە ئاشقان - ئاشمىغانلىقىنى، شۇ بىرتەشۋىقات ئارقىلىق بىلىش قىيىن. شوئار ھامان شوئار. ئۇ يەتمەك بولغان ئارزۇ، نىشان.ئەمما مەدەنىيەت يەنىلا مەدەنىيەت، مىجەز - خۇلۇق، ئۆرپە - ئادەت يەنىلا باشقا گەپ.يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ كىرىۋەتسەك، مىللەتنىڭ ساپاسى دېگەن تېخىمۇ باشقا بىر گەپ.


    ئەمدى چەتئەلدىن ئالايلۇق، ئامېرىكىنىڭ گۈلدۇر - گۇپپاڭ، پاڭ- پۇڭ ئېتىشىدىغان كىنولىرىدا كۆپ ئەھۋاللاردا، ئىككى باش قەھرىماننىڭ بىرى ئاقتەنلىك بولسا، يەنە بىرى قارا تەنلىك ئارتىسلار رول ئالىدۇ. قارىماققا باراۋەردەك،ئەمما جەمئىيىتىدە يەنە بىر يەرلىرىدە، بىلىنەر بىلىنمەس لىپىلداپ تۇرغان، ئىشقىلىپ تەسۋىرلەپ بولالمىغۇدەك بىر نېمىلەر بار ئەمدى. دېمەك، كىنولاردىكى ئىككى قەھرىمان، باراۋەر ھالدا، شۇ كىنوسىنىڭ ۋەقەلىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەسكى ئادەملەرئۈستىدىن غالىپ كېلىدۇ. ئۇرۇپ پوسكايتىۋېتىدۇ. بۇنىڭدىكى يەتمەكچى بولغان، ئارزۇ -نىشان، تەشۋىقات يەنى بىز «باراۋەر بولۇپ ياشاۋاتىمىز جۇما» دەپ توۋلاش. قىلىۋاتقان تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئۇستۇلۇق بىلەن رېكلام قىلىنىشى بولىدۇ ئەمدى.
  ياپونىيە بولسا ئارال دۆلىتى. ئۇنىڭدا جەنۇبىدىكى ئوكىناۋائارىلىدىكىلەرنى بەك سۈرۈشتۈرۈپ كەتمىسەكلا، ئاساسەن ياپون مىللىتىدىن باشقامىللەت، ئۇلار ئۈچۈن چەتئەللىك ھېسابلىنىدۇ. بىر مىللەتتىنلا شەكىللىنىپ تۇرۇۋاتقان دۆلەتكە، باشچىلاپ سىڭىپ كېتىش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس. تازا نازۇك يەرلىرىگە كەلگەندە، سىز يەنىلا «چەتئەللىك» دەپ سانىلىسىزدە، «ھەي ھەجەپ ئايرىمىچىلىق قىلىپ سالدىيا بۇلار، بۇلارنى ئۇنداقمىكىن دەپ ئويلىماپتىكەنمەن ئەمەسما»، دەپ قالىسىز. شۇڭا ياپون تىلىدا، «چەتئەللىك» دەپ ئاتىلىپ كېلىۋېتىپلا، «ئاتەرەپلىكلەر» دېيىلىپ سىزگە ئاڭلاتماي پىچىر - پىچىر قىلىشىۋالىدىغان ئەھۋاللاركۆپ. چىڭىغا چىقسا تېخى، «ياپونىيىلىكنىڭ قېنى» دەيدىغان گەپلەرمۇ چىقىپ كېتىدۇئەمدى. ئۇلار ياپونىيە بايرىقى، ياپونىيىلىكنىڭ ساپ قېنى ھەققىدە سۆزلەربولغىنىدا، خېلى ھاياجان بىلەن سۆزلىشىشىپ كېتىشىدۇ. بۇ بەلكىم ئۇلاردىكى، يەنى ياپون مىللىتىنىڭ ئۆزىگە خاس، ياپون روھى بولسا كېرەك. ئۇلار كۆپ سورۇنلاردا «مەنياپونىيىلىك بولۇپ تۇغۇلغانلىقىمدىن مەڭگۈ پەخىرلىنىمەن»، دېگەن ئىپادىلەرنى ئىشلىتىشكە ئامراق. ئەلۋەتتە بۇلاردا بىز قوبۇل قىلالمايدىغان، قوبۇل قىلساقمۇبولمايدىغان بەزىبىر مەدەنىيەت ۋە ئىللەتلەر بولسىمۇ، ئەمما مەن بۇلاردىكى ئاۋۇروھنى ياقتۇردۇم. شۇڭا مەن ھايات يولۇمغا، ئۇلۇغ خەلقىم روھىنى تولۇقى بىلەن سىڭدۈرۈپ مېڭىش، ئۇنى قەدىرلەش، ئەۋلادلارغا ئۇلاش يولىنى تاللىغانمەن. توغرا، بىرخەلقتەئۆز - ئۆزىنى قەدىرلەيدىغان، ئۆز - ئۆزىدىن پەخىرلىنىدىغان، ئۆزمىللىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتىيالايدىغان روھ ئومۇملىشىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا ئۇ ئەۋلادىدىن ئەۋلادقا ئۇلۇنۇپ ماڭالايدۇ.
   ھۆرمەتلىك دوستلار، بۇ ھەقتە يەنە مۆرىتى كەلگەندە مۇڭدىشىۋالىمىز.ماۋۇ يېنىمدا ئولتۇرغان جۇنكو پېشىمنى تارتىۋاتىدۇ قاراڭ. ئۇنىڭ بىلەن بىر دەم خىزمەت توغرۇلۇق پاراڭلىشىشىمغا ئىجازەت بەرگەيسىلەر.
   شۇنداق قىلىپ، تاغدىن - باغدىن پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق. جۇنكوسەمىمىيلىك بىلەن، ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇش ئەھۋالىنىڭ تازا دېگەندەك بولماي قالغانلىقى، ئۇنىڭ ئوقۇشقا بولغان قىزغىنلىقى؛ ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرگۈچە، ئۇنىڭ تەنتەربىيە تۈرلىرىگە بولغان قىزىقىشىنى يېڭەلمىگەنلىكى؛ تەنتەربىيەدىمۇ كەسپىي كوماندىلارنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ، ئىچىگە كىرەلمەي، ئاخىرى شۇ پېتى ئوتتۇرامەكتەپنى پۈتتۈرىۋەتكەنلىكى ھەققىدىكى پاراڭلىرىنى، بىر قۇر سۆزلەپ بەردى. بۇنىڭغاماسلاشتۇرۇپ مەنمۇ بوش كەلمىدىم. مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىمنى،مەكتەپلەر ئارا ۋالىبول مۇسابىقىلىرىدە سەكرەپ چىقىپ توپنى ئۈچ مېتىر سىزىقىنىڭ ئىچىگە سالىدىغىنىمنى ئالامەت ئېگىز سەكرىۋېتىدىغانلىقىمنى، سەل پو ئارىلاشتۇرۇپ ئاشۇرۇپراق قىلىپ سۆزلەپ بەردىم. ئۇ ئىشەندىمۇ ئىشەنمىدىمۇ؟، ئۇقمىدىم. ئىش قىلىپ «ھەشۇنداقمۇ؟»، دەپ ھەيران قالغاندەك ھېسسىياتلاردا مېنى پۈدەپ، يەلپۈپمۇ تۇردى. پاراڭ قىزىشقا باشلىدى. ۋالىبولدىن باشلانغان بۇ پاراڭ شاخلاپ، ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنى، ياۋروپا پۇتبول مۇسابىقىلىرىدە قايسى تەنتەربىيەچى ئۇششۇقراق توپ ئوينايدۇ، قايسى ۋارتا ئالامەت تۇتىدۇ، پۇتبولدا ئاسىيالىقلارنىڭ ياۋروپالىقلارنىڭ قولىغا يەنە نەچچە ئون يىل سۇ قۇيۇپ بېرەلمەيدىغانلىقى، ياپوندىن نۇرغۇن ياش - ئۆسمۈرپۇتبولچىلارنىڭ بىرازىلىيەگە پۇتپول تېپىشنى ئۆگىنىشكە كېتىپ بارغانلىقى، ياپونىيەدۆلەتلىك كەسپىي پۇتبول كوماندىسىغا دۆلەت تەرىپىدىن ئالاھىدە زور ئىقتىسادنىڭ ئاجرىتىلغانلىقى ھەققىدىكى مىش - مىش گەپلەرگىچە بولۇندى.
   بەدەن قۇرۇلمىسى بېجىرىم، يېگەن - ئىچكەندەك گۈس - گۈس بۇ قىزچاق،ئادەمنى ھەيران قالدۇرۇپ ئالامەت ئىچىدىكەن دېسە. «خوشە ھە ھە، قېنى قېنى»، دەپ كۆتۈرۈلگەن ئىستاكانلار؛ بىر دەم بىر دەم بىر بىرىگە «چاڭڭىدە» قىلىشىپ تېگىشىپمۇتۇرۇۋاتىدۇ. مېنىڭ كەيپىممۇ «ئاتتەك»، «قۇيە ئىچىمىز ئەنەڭنى» گە يېقىنلىشىپمۇقېلىۋاتىمەن. بەدەن موسكۇللىرىم بىكار بىكاردىن «لۆم لۆم» قىلىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ،تۇيۇقسىزلا غايىپتىن ئۆزۈمگە كۈچ قاچىلىۋالغاندەك.
   جۇنكو: «ماۋۇ ئامانەتنى تاس- ماس قاپتىمەن سىزگە بەرمەي، يەنەئۆزۈم بىلەن ئېلىپ كەتكىلى»، دېگىنىچە بىر پارچە كونۋېرتنى ماڭا كۆرسەتتى. ۋە بار ئۈستىلىنى سېپىلىتىپ كونۋېرتنى مېنىڭ ئالدىمدىكى پىۋا ئىستاكانىغىچە سۈردى. ئاپئاق كونۋېرتنىڭ سىرتىغا ھېچنېمە يېزىلماپتۇ. ھەتتا «پالانچى ئاخۇنغا تەگسۇن» دېگەن پۇچۇركىمۇ، «پالانچىدىن دەپ بىلەرسىز» دېگەن خەتمۇ يوق. كونۋېرتنى كۆرۈپ يۈرىكىم «جىغغىدە»قىلدى. كونۋېرتنى ئوتتۇرىدىن قاتلاپ، ئاستا ئارقا يانچۇغۇمغا سالدىم. ئەگەر مەن شۇتاپ بۇ كونۋېرتنى كۆرمىگەن بولسام، ئۆزۈمنىڭ ھازىر خىزمەت بېجىرىۋاتقانلىقىمنى ئەسكىمۇ ئالالماي، ما قىزغا «ئىككى ئېغىز گېپىم بارتى قىزچاق سىزگە» دەپ كۈننى كەچقىلىپ، ئەتە تازا داۋامنى يەيدىمكەن جۇمۇ. مەن سەل جىددىلەشتىم. ۋە «ئەدەپكە چىقىپ كىرەي» دەپ تازىلىق ئۆيىگە كىردىمدە «غار - غار – غار، پۇف پۇف» قىلىپ ئېغىزلىرىمنى چايقاپ، سوغۇق سۇ بىلەن يۈز - كۆزۈمنى قايتا - قايتا يۇيۇپ،ئالىقىنىمغا سۇ ئېلىپ پېشانەمگە «پاچ -پاچ - پاچ» قىلىپ ئۇرۇپ يۈرۈپ، ئازراق سەگىپ، قايتا جۇنكونىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردۇم. ئولتۇرغاندىمۇ «ئەمدى ئۆلتۈرۈۋەتسىمۇ ئىچمەيمەن، پىۋىنى بولدى قىلغىنىم قىلغان، ئىچسە ئۆزى ئىچسۇن ئۇسەتەڭ» دەپ قەسەم دېگەننى ئىچىۋېتىپ ئولتۇردۇم.
كونۋېرت ئارقا يانچۇققا كىرگەن ھامان، يامپاش ھېچبىر جايىدا جىمتۇرالمىدى. پىۋا تېتىماسلا بولدى. بىردەم ئارقامغا بۇيرۇلۇپ قارىسام، بىردەم يېنىمدىكى جۇنكوغا قارايمەن. ئۆزۈمنى تولىمۇ خاتىرجەم كۆرسۈتۈشكە تىرىشىپ، ئاندا -ساندا «فىشىت فىشىت» قىلىپ ئىسقىرتىپمۇ قويۇۋاتىمەن. لېكىن ئىسقىرتقىنىمنىڭ ئاخىرى چىقمايدۇ. ھەتتا بايىقى سەھنىدىكى ئويۇننىڭ ئاخىرىنى كۆرۈشتىنمۇ يالتايدىم. ئۇقىزچاق بىر دەمدىن كېيىن چىقىپ، يالىڭاچ ھالدا دىسكو ئوينامدۇ، ئۇسۇل ئوينامدۇ ۋەياكى ئاددىيراق گىمناستىكا ئوينامدۇ؟، چاتىغىم يوق. مېنىڭ جۇنكو بىلەن خوشلىشىپ قايتقىنىم قايتقان.
خوش خوش، ماقۇل ئەمسە ماقۇل ...ۋاي كېيىن كۆرۈشەرمىز، ۋاي خوش، گۈزەل كېچىلەر ...، دېيىشىپ ئۇزۇندىن - ئۇزۇنغاخوشلۇشۇپ، قامچامغا تۈكۈردۈمدە تىكىۋەتتىم.
   ئۆيۈم تەرەپكە ماڭىدىغان ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق پويىزغا ئاران ئۈلگۈردۈم. توكيودىن ئايرىلغان پويىز بۇ ئاۋات شەھەرنى ئارقىغا تاشلاپ، ئۇچقاندەك كېتىپ بارماقتا. ھەرقايسى ۋاگونلاردا ئادەملەر بەكلا شالاڭ بولۇپ، ئىككى سەرقېقىۋالغانلار سومكىسىنى قۇچاقلاپ، باشلىرىنى ساڭگىلاتقىنىچە يېرىم يانتۇئولتۇرۇپلا ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. بۇ ئۇخلىشىدا بەلكىم ئۇ، چۈشىدىغان بېكىتىدىن ئۆتۈپ كېتىپ، ئارقىغا تاكسى توسۇپ قايتىشىمۇ مۇمكىن جۇمۇ. نەدىندۇر بىر يەرلەردىن قايتقان قىزچاقلار، ھېرىپ كەتكىنىنى خەققە چاندۇرماسلىق ئۈچۈنمۇ ۋە ياكى ياپونىيىلىكلەرنىڭ يۈرۈش - تۇرۇش ئەخلاقىغا رىئايە قىلىش ئۈچۈنمۇ، ئىش قىلىپ ئىككى پۇتىنى جۈپلەشتۈرۈپ، تىزىدىن سەل ئۈستىگە ئېشىپ كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان تار يوپكىلىرىنى پات - پات ئېھتىيات بىلەن تۈزەشتۈرۈپ، قاتتىق قېتىپ ئولتۇرۇشۇپ كېتىپتۇ. بۇلاربەلكىم ئۆزىنىڭ ئاپئاق پاچاقلىرىنىڭ، ئىككى سەر قېقىۋېلىپ كۆزلىرى ئويناپ،بەدەنلىرى بىر يەردە جىم ئولتۇرالماس بولۇپ قالغانلارنىڭ كۆزىنىڭ يېغىنى چىقىرىۋېتىدىغانلىقىنى ئاللا بۇرۇن بىلسە كېرەك. ئۇلار ھەرگىزمۇ يېرىم يانتۇئولتۇرۇپ ئۇيقۇغا كەتكەنلەردىن ئەنسىرىگىنى يوق. ئۇ يانتۇ ئولتۇرغانلار،ئاللاقاچان بۇخاراغا كەتكەنلىكىنى، ئېغىزىدىن ئاندا - ساندا ئاققان شۆلگەيلىرى بىلەن ئىسپاتلاپ، قىزنى خاتىرجەم قىلىپ تۇرىدۇ.
   خىيال بىكارغىكەن ھۆرمەتلىك دوستلار، بەزى ۋاقىتلاردا خىيال كەپتىرىڭىز ھەر ياقلارغا قانات قېقىپ ئۇچىۋېرىدىكەنغۇ تاڭ. مەن خىيالىمدا، بۇئۆزىگە يارىشىملىق كىيىملىرى بىلەن قېتىپ ئولتۇرۇپ كەتكەن، قىزچاق بىلەن بايىقى باردا، شۇنچە ئادەمنىڭ ئالدىدا تەپ تارتماستىن تۇغما ھالەتتە «ئۇسۇل ئوينايمەن»گەتەيارلىقى پۈتكەن قىزنى، خىيالىمدا ئۇلاردىن رۇخسەتسىزلا «شاپپىدە» قىلىپ بىريەرگە ئولتۇرغۇزۇپ سېلىشتۇرۇپمۇ كۆردۈم.
   ئىچكەن پىۋامنىڭ كۈچى ئۆزىنى كۆرسىتىپ، مېنىمۇ ئۇخلاشقائۈندىمەكتە. پويىزنىڭ رىتىملىق سىلكىنىشى مېنى پەپىلىمەكتە. قاپاقلىرىم ئېغىرلىشىپ، كۆك كۆزلىرىمنى ئاندا - ساندا توسۇپمۇ تۇرۇۋاتىدۇ. يېرىم ئوچۇق كۆزلىرىم گۈزەل قىزلارنىڭ ئاپئاق پاچاقلىرىغا قانمىغانمۇ، بارلىق كۈچىنى يىغىپ ئېچىلىپمۇ قويۇۋاتىدۇ. لېكىن كېلىۋاتقان تاتلىق ئۇيقۇ يەنىلا ئاپئاق پاچاقلارئۈستىدىن غالىپ كەلمەكتە.
   ئۇيقۇ، ئۇ ئالامەت بىر خىل پائالىيەت. ئۇ كەلگىنىدە ھېچنېمە توسۇپ قالالمايدۇ ھە. كىچىك نۇقتىدىن ئېيتقىنىمىزدا، بودۇرۇق بوۋاقلار ئانىسىنىڭ مەمەسىنى شولتۇك - شولتۇك قىلىپ شورىغىنىچە ئۇيقۇغا كېتىدۇ. بۇ ئۇيقۇ بۇدرۇق بوۋاق ئۈچۈن تېپىلماس خۇشاللىق، كۈچ - قۇۋۋەت ئەلۋەتتە. ئوتتۇرانچە نۇقتىدىن ئىنساننىڭ نورمال ئۇخلىشى چارچاشتىن، قورساق تويۇشتىن، خاتىرجەملىكتىن كېلىدۇ. بۇنىمۇ نورمال دېۋەتسەك، ئەمما لېكىن بىر مىللەتنىڭ غەپلەتتىكى ئۇيقۇسى خەتەرلىك. ئەگەر ئۇ شۇغەپلەتتىكى ئۇيقۇدىن ئويغانمىسا، بىر قەۋىمنىڭ بەربات بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇئەمەسمۇ ؟! .... بۇ ئۇيقۇ ھەقىقەتەن كىشىنى ئويغا سالىدىغان قورقۇنچلۇق ئۇيقۇ.
   بېشىمنى ئارقامدىكى دېرىزىگە تەگكۈزۈپ، ئالدىمدىكى دېرىزىدىنسىرتقا قاراپ ئولتۇرۇپتىمەن. غۇيۇلداپ كېتىپ بارغان پويىز، بەزىدە يورۇقچىراغلارنى ماڭا «لاپ» قىلىپ كۆرسەتسە، بەزىدە تازىمۇ ئېگىز بىنالارنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. بەزىدە پويىز ھاۋادا ئۇچۇۋاتقاندەك، كۆز ئالدىمدا ھېچنېمە يوق. بۇۋاقىتلىرى بەلكىم پويىزنىڭ ئېگىز ئاسما كۆۋرۈكلەر ئۈستىدىن ئۆتكەن ۋاقتى بولساكېرەك. بەزىدە خۇددى كۈندۈزگە ئوخشاش يورۇتۇلغان توپ مەيدانلىرى كۆرۈنۈپمۇ تۇرۇۋاتىدۇ كۆزۈمگە. «بۇ يېرىم كېچىدە بۇنچىۋالا كۆپ چىراغنى ياندۇرۇپ توپ ئوينىغىچە، ئۇيقاڭنى ئۇخلىساڭچۇ»، دەپمۇ قويۇۋاتىمەن ئىچىمدە. چۈنكى، كېلىۋاتقانتاتلىق ئۇيقۇ، مېنى باشقىلارنىڭمۇ مەن بىلەن تەڭلا ئۇخلىشى كېرەك دىگۈزۈپلاۋېتىپ بارىدۇ. ياق مەن ئۇخلىماسلىقىم كېرەك. سىزمۇ ئۇخلىماڭ. بىز كەلگۈسىمىز ئۈچۈن بىرەرئۇلۇغ ئىشتىن بىرنەچچىنى قىلىۋېتىپ ئاندىن، ئويغانماي ئۇخلىساقمۇ ئەرزىيدۇ. مانابۇ ۋىجدانى تەمبۈرنىڭ تارىدەك تىرىڭشىپ تۇرىدىغان ئىنسانلارغا خاس ئەخلاق، بۇرۇچ.
ئاخىرى چىقماس، شېرىن - تاتلىق، چۈچۈمەل - ئاچچىق خىياللارغا غەرق بولۇپ، بەزىدە خىيالنىڭ شېرىنلىكىدىن لەززەتلىنىپ، بەزىدە ئۆزۈمدىن ئۆزۈم ئۈركۈپ -چۆچۈپ دېگەندەك قىلىپ، ئۇيقۇم ئېچىلىپمۇ قاپتۇ. مەن چۈشىدىغان بېكەتكىمۇ كېلىپ قاپتىمەن. ئېغىر قەدەملەر بىلەن بېكەتتىن چىقىپ، ياتىقىم تەرەپكە سوزۇلغان تاركوچىنى تەستە بېسىپ، ياتىقىمغا كىرىپ كەتتىم.
   بىر كۈنۈم مۇشۇنداق كۆرمىگەننى كۆرۈپ، ئىچمىگەننى ئىچىپ،سېغىنىدىغاننى سېغىنىپ، نەپرەت ئوقۇيدىغانغا نەپرەت ئوقۇپ، ئۇلۇغ ئارزۇ - ئارمانلىرىمغا خىيالىمدا يېتىپ، ئۆزۈمچە خوش بولۇپ، ئاخىرى يەنە سولاش ھالدا ئاخىرلاشتى.
  سەھەر، قىلغان ئىشىمنىڭ تايىنى يوق، شۇنچە ھېرىپ كېتىپتىمەنكى،لايدەك مىلىق - مىلىق بولۇپ ئۇخلاپ كېتىپتىمەن. ئاخشام ئۇيقۇ ھەققىدە تولا خىيال قىلىۋېتىپ، بەك ھېرىپ كەتكەنمۇ ئوخشامدىم نېمە؟
   تېلېفوننىڭ جىرىڭلىغان ئاۋازىدىن يوتقاندىن سۇغۇرۇلۇپ چىقتىم. ئالو،ھە مەن. «يېرىم سائەتتىن كېيىن پەسكە چۈش، ئالدىڭغا سېنى ئالغىلى ماشىنا بارىدۇ.» ھويھە، ئاۋۇ ...، دېگۈچە تېلېفون ئۈزۈلدى. پىت - پىت - پىت قىلىپ، باشقا ئاۋاز يوق. ئەنەڭنى...، بالاغا قالدىممۇ نېمە ما گۇيلارغا؟ بۈگۈن بىر ئۆيۈمدە ئوڭچە - دۈمچە دەم ئېلىپ، ماندا بىر ئۆزىمىزنىڭ تاماقلىرىدىن ئەتكەش، بىر پەيزى قىلاي دېسەم، ماتېلېفوننى قارا ئەتىگەندە ...ئادەمنى تېرىكتۈرۈپ.
   غودۇڭشىغىنىمچە تەيارلىقىمنى باشلىۋەتتىم. ئىسسىق مۇنچا سۈيىدەچايقىنىپ، ساقىلىم دەپ كەتمىسەممۇ بولغۇدەك ساقاللىرىمنى پاكىزە قىرىپ، كىيگەن ئاددىغىنا كىيىملىرىمگە ئەتىردىن ئانچە - مۇنچە پىس - پىس قىلىۋېتىپ، ماشىنىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇردۇم.
  ھېلىقى ماڭا تونۇش ياداڭغا چۈشسىمۇ كىشىگە راھەت ئاتا قىلىپلاتۇرىدىغان ئولتۇرغۇچى بار، ۋال- ۋۇل پارقىراپ تۇرىدىغان قارا پىكاپ، ياتىقىم ئالدىدا «پاپ - پاپ» قىلىپ «مەن كەلدىم» دېگەن سىگنالىنى بەردى. يانچۇغۇمغا قاتلاپ سالغان ئاخشامقى كونۋېرتنىڭ بار يوقلۇقىنى قايتا بىر تەكشۈرۈپ، پادىچىلارئىشتىنىنىڭ كەينى يانچۇقىنى سىلىدىم. يامپاشقا چاپلىشىپ تۇرىدىغان بۇ ئىشتاننىڭ ئالدى يانچۇقىغا تاماكامنىڭ قېپى بىلەن چاقمىقىمنى، «ھۈپ» قىلىپ قورسۇقۇمنى ئىچىگەتارتىپ تۇرۇپ، نىقتاپ تىقىۋالدىم. بىچارە تاماكا ئۇ قىستى- قىستاڭ يانچۇقنىڭ ئىچىدە نېمىمۇ بولۇپ كېتەر؟، دەڭ. قانداق قىلىمىز شۇ ۋاقىتلاردا، شۇنداق بىسەرەمجان ئىشتانلارغا ھەۋەس قىلىپ قاپتۇقكەن، دېمەمسىز.
   ئادەم ھەممىگە كۆنىدۇ. قاراڭ ماۋۇ ئىككى ئۈچ قېتىملا «مەرھەمەت،ماشىنىغا ئاۋايلاپ چىقىڭ» دەپ ماشىنىنىڭ ئارقا ئىشىكىدە تۇرۇپ بىرلىرى تازىمدىن ئىككىنى قىلىۋېدى، شۇنىڭغا كۆنۈپلا قاپتىمەن دەڭە. ئىشىك ئېچىلمىغۇچە ماشىنىغاچىقىدىغان پەيلىم يوقيا.
   ماڭا تونۇشلا بولۇپ كەتكەن شوپۇر يىگىت ماشىنىسىدىن چۈشۈپ،ماشىنىنىڭ ئارقا ئىشىكىنى ئېچىپ، كۈلۈمسىرىگىنىچە مېنىڭ ماشىنىغا چىقىشىمنى،ئېگىلىپ تەزىم بىلەن كۈتۈپ تۇردى.
   بۇ يىگىت ئۆز خىزمىتىدە تولىمۇ ئەستايىدىل، كەم سۆز، يېقىملىق. خىزمەتنىڭ ئېھتىياجىمۇ ياكى بۇ يىگىتنىڭ مىجەزى شۇنداقمۇ؟، ئىشقىلىپ سورىغان سوئالىڭىزغاۋاقتىدا، نەقلا جاۋاب بېرىۋېتىپ ئاخىرىدا «شۇنداق ئەپەندىم» دېيىشكە ئادەتلەنگەن. ھەرگىزمۇئۆزلۈكىدىن ئېغىزىنى يىرتىپ «ۋاي ئەنەڭنى قارا ئاخشام ماندا بولغان دېمەمسەن؟بىرلا قويۇپتىمەنكە، پوكلا چۈشتى، غورت - غورت - غورت قىلىپ تازا ئىچىپتىمە قارا ...ۋاي ئۇ بولمايدىغان ئاداش ئۇ ...»، دەيدىغان گەپلەرنى ھەرگىز قىلمايدۇ. ھەتتاسورىغان سوئالىڭىزغا قارىتا، بىر ئېغىزمۇ ئارتۇق گەپ قاتمايدۇ. ماشىنىسىدا بىرەرسائەت يۈرسىڭىزمۇ ئەھۋال ئوخشاشلا. ماۋۇ ماڭا ئوخشاش «ۋات - ۋات - ۋات» سايراپتۇرىدىغان ئادەم، بۇ يىگىتنىڭ خىزمىتىنى ئۆلچەمگە چۈشۈرۈپ قىلالمايدۇ جۇمۇ. ئەگەرمەن بۇ خىزمەتنى قىلىپ قالسام، ماشىنامدا ئولتۇرغۇچىغا، ئۆز دەرتلىرىمنى تۆكۈپ،يۇرتۇمنى سېغىنغانلىقىمنى، توي - تۆكۈنلەردە تانسا دېگەننى ئويناپ مېغىزىنى چېقىۋېتىدىغانلىقىمنى، مانداراق ئادەمدىن ئىككىنى قوشلاپ ئۇرۇپ پوسكايتىۋېتىدىغانلىقىمنى سۆزلەپ، ماشىنامدا ئولتۇرغۇچىنى «ۋاي بولدى، شۇنداقمۇ، ئاپىرىن ساڭا» دېگۈزۈپ، ئاخىرى ماشىنىدىن چۈشكەندە ئۇنىڭ مۆرىلىرىگە ئۇرۇپ، شۇكۈنى ئىشى تۈگىگەندە «بىرەنى ئىچمەمدوق»قا كەلتۈرىۋېتىپ، ئاندىن ئىشىمنى تاماملىۋېتىشىممۇ مۇمكىن جۇمۇ. چۈنكى بىزدە كىشىگە شۇنداق ئورۇنسىز مەسلىھەت،نەسىھەتلەرنى قىلىش، پونى زەي سالماي ئېتىش، يېگەن - ئىچكەننى بازارغا سېلىش، ئۆي -تۇرالغۇ، قاتناش قوراللىرىنى خەلق- ئالەمگە راسا بىر كۆرسۈتىۋېلىش، بىلەرمەنلىك قىلىش، قارشى تەرەپنىڭ گېپىنىڭ بېلىگە تېپىش، ئۆزىنى بىر ئاماللارنى قىلىپ خەققەسازايى قىلىۋېلىش، يالغان كەمتەرلىك پەردىسى ئارقىسىغا بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۆزىنىڭ يەنىلا دۇنيادا تەڭداشسىز ئىكەنلىكى ھەققىدىكى بىر توقاي پاراڭلارنى نىقتاپ تىقىۋېلىش، ئومۇملاشقان ئەمەسمۇ؟
    ماشىنا دۆلەتلىك ئون ئالتىنچى يولنى بويلاپ مېڭىپ، (ياپونىيىدەمۇشۇنداق بەزى يوللارنى دۆلەتلىك مانچىنچى يول دەپ ئاتايدىكەن. ئامما ئۇنىڭ ئەكسىچە شەخسىي ياكى شىركەتنىڭ دەپ ئاتىلىدىغان يوللارنىڭ ئىسمىنى ئۇچراتمىدىم.) ناگارەياماشەھىرىدىن ئۆتۈپ، ماتسۇدو شەھىرىگە كىردى. بۇ يوللار مەن ئۈچۈن خېلىلا تونۇش بولۇپ كەتكەن يوللار. ئازراق قېقىۋېلىپ، ئاغىل - تاغىل سۆزلەپمۇ قويغان يوللار، ۋەتەن پاسون «ھە قارايسەنغۇ، گېپىڭ بارما؟» دەپ خەققە «چاپان» سالغان يوللار، گۈزەلقىزلارنىڭ يالغان ماختىشىغا «شاھ» بولۇپ، «خانلەيلۇنغا» راسا تولىغان يوللار، «ھاراقنى ئالامەت كۆتۈرىدىكەنسىز»  دەپ قويسا، چىشىمنى چىشلەپ، «ھۆ» بولۇش ئالدىدا بولسىمۇ «قەھىرمانلىق»قىلىپ «خوشە ھە ...، ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماشا ...»، دەپ بولۇشىچە ۋارقىرىغان،شۇنداق قىلىپ ھاراقنى «ئۆلگۈچە» ئىچىۋالغان يوللار.
ماشىنا ماتسۇدونىڭ ئاۋات كوچىلىرىنى ئارقىغا تاشلاپ، ماتسۇدوشەھىرىنىڭ يان تەرىپىنى بويلاپ ئۆتىدىغان دەريا بويى تەرەپكە ئەگىلدى. دەريا سۈيىئېقىشقا   رايى يوقتەك تولىمۇ ئاستا ئېقىۋېتىپتۇ. بۇ دەريانىڭ ئېقىشىنى بىزنىڭ ئىلىدەريالىرىمىزنىڭ سۈيىنىڭ ئېقىشىغا سېلىشتۇرغاندا، «توختاپ قاپتۇ» بىلەن ئوخشاش. بۇچەتئەلنىڭ دەريالىرىمۇ ھەجەپ بولىدىكىنا؟ ئاققان - ئاقمىغىنىنى تازا دېگەندەكبىلگىلى بولمايدىكەنيا؟ بىزنىڭ دەريالىرىمىز تاشتىن - تاشقائۇرۇلۇپ، ئۆركەش ياساپ سوقۇلۇپ دېگەندەك شىددەت بىلەن ئاقاتتى.
   ماشىنا ئاسفالت يوللارنى تۈگىتىپ، دەريا بويىغا تەۋە چىملىققاكىردى. ئاستا سۈرئەتتە ئىلگىرىلەۋاتقان ماشىنا بەزى بىر كاتاڭ، ئويمانلارغاموسسىدە چۈشۈپمۇ قويۇۋاتىدۇ. ماشىنا دەريا قىرىغا يېقىنلىشىپ، دەريا سۈيىدىن ئونمېتىرلارچە ئارىلىق تاشلاپ توختىدى. ئىشىك ئېچىلدى.
سىپورتچىلارنىڭ ئالدى ئېگىلىپ تۇرىدىغان، ئۆزى كىچىك بولسىمۇئالدى خېلىلا ئۇزۇن، ئاق رەڭدىكى شەپكىسىنى چۆكۈرۈپ كىيىۋالغان، ئۇچىسىغا ئادەتتىكى بىر خىل سىپورتچىلار چاپىنى كىيىۋالغان، دەرياغا تاشلانغان قاماقنىڭ ياغىچىغا تىكىلىپ قارىغىنىچە، كىچىككىنە ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان بىر گەۋدە دەريابويىدا تۇراتتى. ئەگەر مەن ماۋۇ لۆم - لۆم ئورۇندۇقلۇق ماشىنىدا بۇ يەرگە كەلمىگەن بولسام، بۇ ئادەمنىڭ كىيىنىشىدىن، ئۇ ئادەمنىڭ كىملىكىگىنى قىياس قىلىشىم يوقلاگەپ ئىدى.
   ئەسسالام ئەلەيكۇم، ياق كوننىچىۋا (ياخشىمۇسىز؟)، بىلەن ئۇگەۋدىگە يېقىنلاشتىم. ھېلىقى سۈرلۈك ئادەم. مەن يانچۇقۇمدىن ئاخشام توكيودىن ئېلىپ كەلگەن كونۋېرتنى چىقىرىپ، ئەدەپ بىلەن ئىككى قوللاپ، ئۇ ئادەمگە ئۇزارتتىم.
ھە، ئېلىپ كەلدىڭمۇ؟ ياخشى، ياخشى، كونۋېرتنى ئۆزۈڭ ئېچىپ،ئىچىدىكى خەتنى بىر ئوقۇۋېتە قېنى. ئۇ ئادەم كۈلۈمسىرەپ سۆزلىگىنىچە بېلىق تۇتۇش قامىقىنىڭ ياغىچىنى يەرگە كۈچەپ سانجىۋېتىپ، ئىككى قولى بىلەن بېلىنى تۇتۇپ ئورنىدىن تۇردى. دائىم كۆرگۈنۈمدە پېچەت كاستۇم - بۇرۇلكىلار بىلەن تولىمۇ سۈرلۈككۆرۈنىدىغان بۇ ئادەم، بۈگۈن ئادەتتىكى يېقىن ئاغىنىلەردەكلا كۆرۈنىۋاتىدۇيا،كىيىم دېگەنمۇ ئاجايىپ نەرسە جۇمۇ. ياراشقان ئادەمگە ئالامەت يارىشىۋېتىپ، ئۇنىڭ خاراكتېرىنى ھەتتا ئۇنىڭ مىجەز - خۇلۇق، خىزمەت - كەسپىنىمۇ ئازدۇر - كۆپتۇر ئەكس ئەتتۈرۈپ سالىدۇ. گەپنىڭ سەترەكىنى قىلغىنىمىزدا، بەزى بىر كىيىنىشلەر ئۇ ئادەمنىڭ قوساقلىرىدا زادى قانچىلىك ئۇماچنىڭ بارلىقىنىمۇ، ئەخلاقىنىڭ قەيەردىن - قەيەرگىچەئىكەنلىكىنىمۇ مانا مەن دەپ چۈشەندۈرىۋېتىپلا قاراپ ئولتۇرىدىغۇ.
    ئېسىڭىزدىمۇ ھۆرمەتلىك دوستلار، مېنىڭ بۇ ئادەمنىڭ ئىشخانىسىدا بۇئادەم بىلەن تۇنجى كۆرۈشۈشۈم. سۈرلۈك كىيىنىش، غەيرىي مۇھىتلار ئىچىدە ئىككى ئالىقىنىمنىڭ تەرلەپ كەتكىنى، يانپىشىمنىڭ ئورۇندۇققا تولۇق كىرىشكە زادىلائۇنىماي تۇرۇۋالغىنى، گەپ قىلغىنىمدا تۈكۈرۈكلىرىمنى قايتا - قايتا ئەنسىز يۇتۇپكەتكەنلىرىم، مۆرىلىرىمنىڭ تامنىڭ قىرلىرىغا بىكاردىن - بىكار سوقۇلۇپ كېتىشلىرىچۇتېخى ...
  كونۋېرتنى ئاچتىم. بىر ۋاراق ئاق قەغەزگە يوغان قىلىپ «رەھمەت،جاپا تارتتىڭىز»، دېگەنلا خەت يېزىلغان ئىكەن. مەن بىر، قولۇمدىكى قەغەزگە، بىرھېلىقى ئادەمگە ھەيرانۇ - ھېس بولۇپ قاراپ تۇرۇپ كەتتىم.
   تازىمۇ ئۇزۇن، مەزمۇنلۇق يېزىلغان خەتكەن بۇ، دېدىم چاقچاق قىلىپئۇ ئادەمگە.
   توغرا دېدىڭ، سەن دېگەندەك خېلى مەزمۇنلۇق يېزىلغان خەت. ئۇ ئادەم بېلىق تۇتۇش تايىقىنى قولىغا ئالغاچ جاۋاب بەردى. سېنى ئاخشام توكيودىن ساق - سالامەت قايتۇرۇپ چىققان خەت بۇ، چۈشىنەمسەن؟مەن ھېچنېمىنى ئاڭقىرالماي، ھى ھى ھى ...، قىلىپ يالغان كۈلگىنىمچە ئۇ ئادەمنىڭ گېپىنىڭ داۋامىنى كۈتتۈم. ئەمما ئىچىمدە «بۇلارنىڭ يولىدا ئىش قىلىپ كېتىپ بارغان ئادەملەرنىڭ، زادى بىر قىلىقى ئارتۇق ياكى كەم جۇمۇ» دېگەنلەرنىمۇ ئويلىۋەتتىم.
     تارتتى، تارتتى ...، تازا يوغىنىمۇ نېمە؟ بايا بىرنى تۇتىۋىدىم،ماۋۇسى ئۇنىڭدىن يوغاندەك قىلامدۇ نېمە؟ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرگەن بۇ ئادەم ئېھتىيات بىلەن بېلىق تۇتۇش ياغىچىنى ئىككى قوللاپ تۇتۇپ، بېلىنى ئارقىغا راسائېگىپ تارتىۋېتىپ، ئەپچىل ھەرىكەتلىرى بىلەن يىپ يۆگۈگۈچنى يۆگىمەكتە. ئوخشاش ھەرىكەتنىڭ نەچچە ئون قېتىم تەكرارلىنىشى بىلەن تىنچ ئېقىۋاتقان سۇ يۈزىدە شالتاق -شۇلتۇق مىدىرلاش پەيدا بولۇۋاتىدۇ. سۇ يۈزىدىكى ئۆزگىرىشلەردىن، ئولجىنىڭ يوغانلىقى بىلىنىپ تۇرۇپتۇ. بايا بىرنى تۇتتۇم دەۋاتاتتى، يا يېنىدا بىرەر چېلەك يوق بېلىق سالغۇدەك، بۇ ئادەممۇ ئېتىپ قويامدۇ نېمە؟، دېگەنلەرنى ئويلىغاچ ئۆزگىرىشلەرگە قىزىقىپ قاراپ تۇرۇپتىمەن.
   مېنىڭ پاقالچىكىمدەك چوڭلۇقتىكى بېلىق، ئاخىرى ئالەمنى - مالەم قىلىپ پىلتىڭشىپ قىرغاققا يېقىنلاشتۇرۇلدى. تۆمۈر رەڭلىك، ياپون تىلىدا «كوي» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ بېلىق، رەقىبىگە قول قويدىمۇ ياكى بەك چارچاپ كەتتىمۇ، ۋە ياكى ئەجەللىك يېرىدىن ئىلىنىپ قالدىمۇ؟ ئىشقىلىپ ئېغزىنى ماك - ماك قىلىپ قويۇپ قىرغاقتا سوزۇلۇپ ياتىدۇ.
   ئۇ ئادەم ئەپچىل ھەرىكەتلىرى بىلەن بېلىققا يېقىنلاشتى. ئوڭ تىزى بىلەن بېلىقنى بېسىپ تۇرۇپ، ئىلىنغان قاماقنى بېلىقتىن ئاجراتتىدە، «كەچۈرگىن،سېنى قىيناپ قويدۇم ھە» دېگىنىچە بېلىقنى سۇغا قايتۇردى. «چولتوك» قىلغان ئاۋازدىن كېيىن سۇ يۈزىمۇ تىنچلاندى. بېلىقمۇ ئۆز دۇنياسىغا شۇڭغۇپ كىرىپ كۆزدىن غايىب بولدى. مىڭ بىر جاپالاردا بۇ بېلىقنى تۇتۇپ، ھەجەپ قويىۋېتتىڭىزا؟ ھەيران بولۇپ سورۇدۇم ئۇ ئادەمدىن.
   ھە، دەريا بېلىقى، بوپمۇ ماۋۇ كوي دېگىنىمىزدە دەريانىڭ لاتقاپۇرىقى بەك كۈچلۈك. مەخسۇس «كوي» لا ساتىدىغان رېستورانلارمۇ بار. بىر كۈنى ئاپىراي سېنى. ئۇلار ئاساسەن ياپونىيىنىڭ ئەدو دەۋرىدىكى تاماق مەدەنىيىتىنى شۇپېتى ساقلايمىز دەپ تىرىشىۋاتامدىكى، ئاساسەن چوڭ تىپتىكى قولۋاق رېستورانلىرىنى ماڭغۇزىۋاتىدۇ. ساقلىساق مۇشۇ يەردىنمۇ ئۆتۈپ قېلىشى مۇمكىن بىر دەمگىچە. شۇلاربىرئاز ياخشى ئەپلىيەلەيدۇ بۇ دەريا بېلىقىنى. ئادەتتە ئائىلىلەردە بەك يەپ كەتمەيمىز.مۇشۇنداق تۇتۇپ، قويۇپ بېرىپ ھاردۇقىمىزنى، ئىچپۇشۇقىمىزنى چىقىرىمىز قارا.
   قىزىقىش دېگەنمۇ ھەجەپ ئىش جۇمۇ. بۇ ئادەم يوغان بىر بېلىقنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنى يەنە قويۇۋېتىپ، مانا ھازىر ئالەمچە خۇشال بولۇپ تۇرۇپتۇ. ئەگەربۇ بېلىق بىزنىڭ يۇرتتىكىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان بولسا ئىشى چاتاقتى.
  مېنىڭ بېلىق ھەققىدىكى پاراڭلارغا قىزىقىشىم، ئاۋۇ مەزمۇنلۇق خەتكە بولغان قىزىقىشىمنى باسالمىدى. بېلىق ھەققىدىكى گەپلەرنىڭ ئاخىرلىشىپ،بايىقى خەت توغرۇلۇق گەپكە چۈشۈشكە ئالدىراۋاتىمەن.
   تىنچ ئېقىۋاتقان دەريا سۈيى، كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلاپ تۇرغان مەيىن شامال، ئاندا - ساندا ئۆتۈپ تۇرۇۋاتقان كىچىك تىپتىكى پاراخوتلار، دەريانىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن تۇيۇقسىز پىلتىڭ - پىلتىڭ قىلىپ شۇڭغۇپ، سۇ يۈزىدىن كۆتۈرۈلۈپ قويۇۋاتقان بېلىقلار، ھەيۋەتلىك ماتسۇدو كۆۋرۈكىدىن خۇددى بىزگە ئويۇنچۇق ماشىنىلارچوڭلۇقىدا كۆرۈنۈپ، غۇيۇلداپ ئۆتۈشۈپ تۇرۇۋاتقان ماشىنىلار، «بېلىقلارنى، كۆرۈپلاقالسام يۇلۇپ چىققىنىم چىققان» دېگەن تەيارلىقتا ئۇچۇۋاتقان بېلىق ئالغۇچلار...
ماڭا مىغ - مىغ ئادەم بىلەن تولغان، نەگىلا قارىساڭ «مىچچىدە» ئادەمدېگەن چۈشەنچىنى بەرگەن ياپونىيە، بولۇپمۇ ماۋۇ توكيونىڭ ئەتراپىدا مۇشۇنداق تىنچ،كەڭ، ئازادە يەرنىڭ سوزۇلۇپ ياتقانلىقى، مېنى خېلىلا ھەيران قالدۇردى. بۇلارھەقىقەتەن ھەممە نېمىلىرىنى، ئىشلىرىنى بىر قوللۇق تەڭشەپ ئېلىپ ماڭىدىغان بىرمىللەتكەندە دېگۈزۈۋەتتى.
   ھە، خەتنىڭ مەزمۇنىغا كەلسەك، دەپ سۆزىنى باشلىدى ئۇ ئادەم. ئەسلىمەن سېنى بىرلا ئىشنى بېجىرىپ كېلىشكە ئەۋەتكەن. سومكىنى تاپشۇرۇپ بېرىپ بولغاندىن كېيىنكى ساكۇراغا ئەۋەتكىنىم، سېنى بىرەر ئىككىنى قېقىپ، ھاردۇقىنى چىقارسۇن،جەمئىيەتنى ئانچە - مۇنچە كۆرسۇن دېگىنىم. جۇنكونى يېنىڭغا كەلتۈرۈشۈم، ئۇ باردابۇتتەك ئولتۇرۇپ قالمىسۇن دېگەنلىكىم. ئەمدى جۇنكو ئارقىلىق ساڭا بۇ «خەتنى ئېلىپ كەل» دېيىشىم، سېنى باردا ئىچىپ، قىز- چوكانلارغا قاراپ «شاھ» بولۇپ كەتمىسۇن دېگىنىم. يەنە بىر تەرەپتىن سېنىڭ خىزمەتكە بولغان ئەستايىدىللىقىڭنى،مەسئۇليەتچانلىقىڭنى سىناپ باققىنىم بولمامدۇ. مەن خامۇش ئادەملەردەك، ئۇ ئادەمنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغانچە، ئېغىزلىرىمنىڭ ئېچىلىپ، دەريا بويىدىكى مەيىن شامالنىڭ ئېغىزىمنى قۇرۇتۇپ تاشلىغانلىقىنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن. ياھ ئاللاھ ما ئادەملەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى قاراڭ، بىز تاش سانىساق، بۇلار قۇم سانامدۇ نېمە؟ مېنىڭ نەدەتۇرۇپ، كىم بىلەن كۆرۈشۈپ، قانداق قايتىپ كېلىشىمنى ما بىر ۋاراق ئاق قەغەز بىلەن،جاي - جايىغا كەلتۈرۈپ سالغىنىنى.
   ئۇ ئادەم قاماققا سازاڭمۇ ئىش قىلىپ بىرنېمىنى ئۆتكۈزۈپ، بېلىق تۇتۇش ياغىچىنى ئەپلىك شىلتىپ، قامىقىنى سۇغا قارىتىپ ئاتتى. خەنزو قۇمۇچىدا ياسالغان بۇ لىڭشىپ تۇرىدىغان بېلىق تۇتۇش تايىقىنىڭ ئېگىلىپ، يەنە قايتاتۈزلىنىشىدىن سىلكىنگەن يىپ دەريانىڭ خېلى ئوتتۇرا تەرىپىگىچە غەلىبىلىك يەتتى.
   ئۇ ئادەم ئىككى ئالىقىنىنى بىر - بىرىگە سۈركىۋېتىپ، كىچىك ئورۇندۇقتا ئولتۇرغاچ تاماكىسىنى لېۋىگە قىستۇرۇپ، ئۇنى تۇتاشتۇرغاچ گېپىنى داۋام قىلدى. سەن تېخى ياش، ھاياتتا تەجرىبەڭ كەم، ماۋۇ رەھىمسىز جەمئىيەتنى تېخى كۆرمىدىڭ. ئۆگىنىشكە تېگىشلىك ئىشلىرىڭ ئالدىڭدا. مەيلى سەن قايسى دۆلەتتىن، قايسى مىللەتتىن بول، ساڭا كېرىكى ساپ ۋىجدان، قورقماس يۈرەك، ئەقىل - پاراسەت.
  ئۇ ئادەم تىنچ ئېقىۋاتقان دەريا سۈيىگە قاراپ ئولتۇرۇپ،تاماكىسىنى بىرنەچچىنى شورىۋېتىپ گېپىنى داۋام قىلدى. قارا ئىنسان ھاياتى، مانامۇشۇ دەريا سۈيىدەك ئاقىدۇ. ئويلاپ كۆر، ماۋۇ دەريا، تاغ چوققىلىرىدىكى سۈزۈك قارمۇزلارنىڭ ئېرىشىدىن پەسكە ئېقىپ، ئۇ يەنە پاكىز بۇلاقلارنىڭ سۈزۈك سۇلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ئاخىرىدا مانا مۇشۇ دەريانى ھاسىل قىلىدۇ. ئىنسان ھاياتىمۇ مۇشۇنىڭغائوخشۇشۇپ كېتىدۇ دېسەكمۇ خاتا بولماس. ئىنسان بالىسى تۇغۇلۇشىدا ئەنە شۇنداق قەلبى سۈتتەك ئاپئاق، دىلى سۈزۈك، يۈرىكى ساپ بولىدۇ. ئۇمۇ تاغ چوققىسىدىكى ساپ ھاۋادا،مۇھىتتا ئۆز نازۇكلۇقىنى، سۈزۈكلۈكىنى، پاك- ساپلىقىنى ساقلىغان تاغ سۇلىرىدەك بولىدۇ. ئۇ بارا - بارا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى، ئەتراپىدىكىلەرنىڭ تەسىرى، جەمئىيەتنىڭ ھەر خىل بوران- چاپقۇنلىرى ئىچىدە، ئۆزى خالىسۇندۇ خالىمىسۇندۇ ئۆزگىرىپ بارىدۇ. بىلىپ- بىلمەي ئازدۇر - كۆپتۇر بولمىغۇرلۇقلارنى ئۆزىگە يۇقتۇرۇپ ماڭىدۇ. گەپ بۇ يەرگەكەلگەندە ئەلۋەتتە ۋىجداننىڭ گېپى چىقىدۇ ئەمدى شۇنداقمۇ؟
  بۇ ئادەم، بۈگۈن گەپنى ئايلاندۇرۇپ، چۆگۈلۈتۈپ، دومۇلۇتۇپ ماڭازادى نېمە دېمەكچىدۇ؟ ئاخشامقى ئورۇنلاشتۇرۇشلاردىن مەن، بۇلارنىڭ گېپىنىڭ تېگىدەگەپ بارلىقىغا، بىرەر ئېغىز گەپنىمۇ ئورۇنسىز، مەقسەتسىز قىلمايدىغانلىقىغائىشىنىپ قالغاچ، گەپنى ئاخىرى نەگە بېرىپ توختا ئەمدى؟ ۋىجدان - پىجدان دېگىلى تۇردى بۇ ئادەم، ئويلىمىغان يەردىن، تاپانچىدىن بىرنى بېرىپ، «ۋىجدانىڭ بولسابۈگۈن كەچتە پالانچىنى ئات» لا دەپ سالماس ھە؟
مېنى سەل جىددىچىلىك باستى. بەدىنىمنىڭ ئۇ يەر بۇ يەرلىرى ئىسسىق تەرلەشكە ئۆتۈۋاتىدۇ. مەن تەرلىگەن ئالىقانلىرىمنى پاچاقلىرىمغا، ئۇ يەردىن مەخسەتسىزلا ئاپىرىپ يامپاشلىرىمغا سۈركىۋېتىپ، كۆزۈمنى ئۇ ئادەمدىن قاچۇرۇشقىمۇجۈرئەت قىلالماي، ئۇ ئادەمگە ئۇدۇل قارىغىنىمچە تاماكىدىن بىرنى، يانچۇقۇمدىن چىقاردىم. كۆزۈمنى چىمچىقلاتماي تۇرۇپ، ئۇنى كالپۇكۇمغا قىستىم. قىسىلغان تاماكامېنىڭ كونتۇروللۇقۇمدىن ھالقىپ، لىڭ - لىڭ - لىڭ مىدىرلاپ تۇرۇۋاتىدۇ. سول قولۇمداشامالنى ئەپلىك توسۇپ تۇرۇپ، لىڭشىپ تۇرغان تاماكىنى تۇتاشتۇرۇپمۇ بولدۇم.
ۋىجدان دېگەن...، دەپ سۆزىنى داۋام قىلدى ئۇ ئادەم، ئاستائورنىدىن تۇرۇپ. يۈرىكىم «جىغل» قىلدى. «ۋىجدان» دېگەن گەپنىڭ ئۇرغۇلۇق چىقىشىدىن.

uyghuray

0

تېما

5

دوست

1900

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   90%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16795
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 598
توردىكى ۋاقتى: 177
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-21 12:05:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆزۇم تۆت بوپ كەتكەنتى  ئاخىرى يوللۇنۇپتۇ

4

تېما

6

دوست

5520

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   10.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25765
يازما سانى: 355
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 1704
توردىكى ۋاقتى: 625
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-21 13:08:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yaqup تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-21 13:37  

...مەيلى سەن قايسى دۆلەتتىن، قايسى مىللەتتىن بول، ساڭا كېرىكى ساپ ۋىجدان، قورقماس يۈرەك، ئەقىل - پاراسەت...بۇ نۇري تېيىپ قېرىندىشىمىزنىڭ  كەپتەرخانىسىنى  كۆرۇپ باقساق بولمامتى-دەيمەن.

13

تېما

18

دوست

2948

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   31.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  48758
يازما سانى: 273
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 868
توردىكى ۋاقتى: 101
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-21 13:40:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىلىپتۇ
uyghuray

0

تېما

0

دوست

3760

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   58.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34855
يازما سانى: 343
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1124
توردىكى ۋاقتى: 317
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-21 14:01:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلايكوم قەيسەرئاكا بۇ پۇمچېك ئاخرنې  قاچان  يازا  رەخمەت

2

تېما

2

دوست

3311

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   43.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4406
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 95
تۆھپە : 999
توردىكى ۋاقتى: 200
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-21 14:55:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياۋۋۋۋۋ   ماۋۇ كەپتەرلەرنى ساقلاپ ،ئۆيۈمدىكى كەپتەرلەرمۇ نەچچە ئۇۋا بالا چىقىرىپ بولدى  دىسە

2

تېما

0

دوست

4106

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   70.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11648
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 418
تۆھپە : 1008
توردىكى ۋاقتى: 310
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-21 15:08:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى بۈگۈن كۈرۈش نىسىپ بوپتۇ ،رەھمەت سىزگە قەيسەركا

0

تېما

1

دوست

684

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   36.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24547
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 226
توردىكى ۋاقتى: 38
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-21 23:09:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەيسەركا رەھمەت ،نۇرى تىيىپ ئەپەندىگە تېخمۇ كۆپ رەھمەت .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )