- تىزىملاتقان
- 2012-6-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-5-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 15726
- نادىر
- 64
- يازما
- 186
ئۆسۈش
14.32%
|
بۇ قىتىملىق ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئامىرىكا ئىقتىسادى ئۈچۈن نىمىدىن دىرەك بىرىدىغانلىغىنى ئويلىشايلى.
ئالدى بىلەن مۇنداق بىر پاكىتقا كۆز تاشلايلى:
بۇ قېتىملىق ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش 2006-يىلى 6-ئايدىن بۇيانقى ئامىرىكا بانكىسىنىڭ تۇنجى قىتىملىق ئۆسۈمنى ئۆستۈرۈشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئەينى چاغدا ئامىرىكا ئىقتىسادىدا ئىشسىزلىق نىسبىتى 4.4% بولۇپ بۇ تەبىئى ئىشسىزلىق نىسبىتىگە يىقىن ئىدى. (تەبىئى- ئىشسىزلىق نىسبىتى- بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىدا قولغا كەلتۇرۇش مۈمكىن بولغان بىر قەدەر ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئەڭ تۆۋەن ئىشسىزلىق نىسبىتى بولۇپ ئادەتتە 3-4% نى كۆرسىتىدۇ)، ئۆي- مۈلۈك ساھەسىدىكى چاپ-چاپ بازار -كۆپۈككە ئايلىناي دەپ قالغان چاغ ئىدى. 2006-يىلىدىكى ئۆسۈمنى ئۆستۈرۈشتە مەركىزى بانكا شۇ ئارقىلىق ئۆي مۈلۈك ساھەسىدىكى "كاللىسى قىزىپ كىتىشنى" توسماقچى بولغان بولۇپ بۇ تەدبىر كىچىكىپ قوللىنىلغانلىقتىن، پويىز رىلىستىن چىقىپ كەتتى. نەتىجىدە 2008-يىلى ئامىرىكىدا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا يۈز بەرگەن ئىقتىسادى بۆھراندىن كىيىنكى ئەڭ ئىغىر بولغان ئىقتىسادى كىرىسىز يەنى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى يۈز بەردى.
(بەزى ئوقۇرمەنلەر سورۇشى مۇمكىن، 2008-يىلىدىكى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى زادى قانداق ئىش؟ بۇ ھەقتە بايبول شىركىتىگە ۋاكالىتەن بىز ئىشلىگەن بۇ ھەقتىكى سىنئالغۇنى ماۋۇ ئۇلانمىدىن كۆرۈڭ:
شۇنى ئىنىق ئىيتىشقا بولىدۇكى ئامىرىكا مەركىزى بانكىسىنىڭ بۇ قېتىملىق ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشى -ئۇلارنىڭ ئامىرىكا ئىقتىسادىنىڭ ساغلاملىقىغا قارىتا ئىشەنچىنىڭ بولغانلىقىنىڭ بىشارىتى بولۇپ، نۆۋەتتىكى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ 5% ئەتراپىدا بولۇشى -ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ خىلىلا ساغلام ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىدۇ.
مەن بۇ قېتىملىق ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش مۇناسىۋىتى بىلەن سۆز قىلغان مەركىزى بانكا رەئىسى - جاننەت يەللەن خانىمنىڭ مۇنۇ گىپىگە ئالاھىدە دىققەت قىلدىم.
"ئالدىمىزدىكى كىلىۋاتقان يىللاردا بىز ئۆسۈم نسىبىتىنى ئاستا ئاستا )يەنى پەيدىن-ئەي( ئۆستۇرۇپ بارىمىز."
قوللانغان تەدبىر ۋە چىقارغان سىياسەتلىرى نەچچە مىليارد ئادەمنىڭ كۈندۈلۈك تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئادەملەر ھەر بىر سۆزنى سەۋەپسىز، مەقسەتسىز دىمەيدۇ. دىمەك مەرگىزى بانكا ئۆسۈمنى يەنە ئۆستۇرىدۇ، ئەمما كىچىك دائىرىدە، تىز بولغاندا كىلەر يىلى باھاردا ئاستا بولغاندا كۈزدە يەنە ئۆستۈرىدۇ يەنى ئاستا-ئاستا يۇقۇرلىتىپ بارىدۇ.
بۇ قېتىملىق ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش - مەركىزى بانكىنىڭ 2008-يىلى دىكابىردا يولغا قويغان ئۆسۈم نىسبىتىنى 0% كە يىقىن قىلىش ئارقىلىق ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان ئۆي- مۈلۈك بازىرىنى قۇتقۇزۇشقا ئۇرۇنۇشىدىن كىيىنكى تۇنجى قىتىملىق ئۆستۈرۈشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئادەتتە ئۆسۈم - قەرز ئالىدىغان پۇلنىڭ باھاسى بولۇپ، ئۆسۈم ئۆستى دىگەن گەپ، پۇل قەرز ئىلىش قىممەت بولدى دىگەن گەپ. ئۆسۈم نىسبىتى بىلەن ئۆي-مۈلۈكنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئادەتتە تەتۇر يۆلۈنۈش ئالىدۇ. يەنى باشقا شارائىت ئۆزگەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا (كەتەرىس پارىبۇس پەرىزى) ئۆسۈم ئوستى دىگەن گەپ، بانكىدىن قەرز ئىلىپ ئۆي سىتىۋالىدىغانلارنىڭ قەرز ئىلىش قىزغىنلىغىغا سۇ سىپىلدى دىگەن گەپ.
ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ قانداق بولۇشى - ئۆي سىتىۋالغۇچىلارغا نىسبەتەن ئۇلار دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان نۇقتا بولۇپ، ئۆي-مۈلۈك ساھەسى ئامىرىكا ئىقتىسادىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. گەرچە بۇ قېتىملىق ئۆسۈمنىڭ ئۆسۈشى بىلەن ئۆي قەرز ئالغۇچىلارغا بىرىلىدىغان ئۆسۈم نىسبىتى بىر كىچىدىلا ئۆسۈپ كەتمىسىمۇ، ئەمما ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئۆسۈش يۈزلىنىشى، ئۆي ئالغۇچىلارغا نىسبەتەن پايدىسىز.
ئامىرىكىدا ئۆي ئىلىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس (بۇ ھەقتە بايبول شىركىتى ئىشلىگەن سىنئالغۇ فىلىملىرى بار). گەرچە نۆۋەتتىكى ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئىشىشى ئىنتايىن كىچىك (0.25%-0.5% ئەتراپىدا( بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىستىمالچىلارغا يىتىپ كەلگەندە بۇنىڭدىن يۇقۇرى بولۇپ كىلىدۇ. ئامىرىكىدا مۇقىم مۇئاشقا تايىنىپ ئىشلەيدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق خام چوتىدا ئۆي ئۈچۈن بانكىغا تۆلەيدىغان قەرز، مۇھىم نىسبەتنى ئىگەللەيدۇ. بۇ قىتىملىق ئۆسۈمنىڭ ئۆسۈشى - كىرىمى تۆۋەنرەك، ئۆي سىتىۋىلىشنى ئويلاۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئۆي سىتىۋىلىش تەلىۋىنى كىمەيتىۋىتىدۇ. نەتىجىدە بۇ تۆۋەن باھادىكى ئۆيلەرنىڭ باھاسىنى تۆۋەنلىتىۋىشى مۈمكىن، بۇ ئەلۋەتتە بۇ ئەھۋال ئۆي-مۈلۈك ساھەسىدىكىلەرگە ۋە بۇ ساھەدىكى پاي چەكلىرىگە نىسبەتەن پايدىسىز.
بۇ قېتىملىق ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئۆسۈشىدىن پايدا ئالىدىغان كىشىلەر، قوشۇمچە ئىشىنچە پۇلى بارلار بولۇشى مۇمكىن - چۈنكى يۇقۇرى ئۆسۈم كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىشىنچە پۇلىنى ئامانەت قويۇشقا جەلپ قىلىدۇ. 2008-يىلىدىن بۇيان بانكىغا ئامانەت پۇل قويغانلار ئاساسەن ھىچقانداق ئۆسۈمگە ئىرىشكىنى يوق بولۇپ بۇ قىتىملىق ئۆسۈمنىڭ ئۆسۈشى ۋە مەرگىزى بانكا يەنە ئوسۇمنى ئۆستۈرىدۇ دىگەن قاراشنىڭ پۇل مۇئامىلە بازىرىدا خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىشنى خالىمايدىغان كىشىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ پۇللىرىنى ئامانەت قويۇشقا يىتەكلىشى ئىنىق.
بۇ قېتىملىق ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش - پاي چىكى بازىرىغا نىسبەتەن ئىيتقاندا ئايرىم ئەھۋاللاردا پايدىلىق بولغىنى بىلەن ئادەتتە پايدىسىز بولىدۇ. چۈنكى ئۆسۈمنىڭ ئۆسۈشى بىلەن قەرز ئالىدىغانلارنىڭ تەننەرقى ئۆسۈپ كىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىقتىسادتا ئايلىنىۋاتقان پۇلنىڭ مىقدارى ئازىيىپ ئىقتىسادى پائالىيەتلەرنىڭ سۇسلىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە پاي چىكى بازىرىغا نىسبەتەنمۇ پايدىسىزدۇر.
بۇ خىل ئەھۋالنى پاي چىكى بازىرىغا مەبلەغ سالغۇچىلار كۆرۈشنى خالىمايدۇ.
بۇ يەنە دوللارنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرىۋىتىدۇ. يەنى ئوبۇروتتا ئايلىنىدىغان پۇل مىقدارىنىڭ ئازىيىشى نەتىجىسىدە دوللارنىڭ سىتىۋىلىش كۈچى ئاشىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە پۇلى بار ئامىرىكىلىق ئىستىمالچىلارغا نىسبەتەن پايدىلىق بولغىنى بىلەن ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى ئىكسپورت قىلىدىغان شىركەتلەرگە نىسبەتەن پايدىسىز. بۇنىڭ تەسىرىدە يەنە ئامىرىكىغا كىلىدىغان چەتئەللىك ساياھەتچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىمۇ ئازىيىدۇ. دىمەك دوللارنىڭ كۈچىيىشى- ئامىرىكىنىڭ تاشقى سودىسىغا زىيانلىق.
يۇقارقىلارنى خۇلاسىلىغاندا قارىماققا ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ ئىكەن، ئۇنداقتا يەنە نىمىشقا مەركىزى بانكا ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرىدۇ؟
(بۇ يازمىنى قەشقەر ياۋاغدىكى ئابدۇكېرەم كاۋاپچىنىڭ قارىغاينىڭ ئوتۇنىدا پىشۇرغان بەش زىق كاۋىپىنى يىگەندەك تۇيغۇ بىلەن ئوقۇپ تۇرۇڭلا غوجۇلۇرۇم، خانلىرىم، ماقىمما....داۋامى بار)
|
|