قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1479|ئىنكاس: 9

قەيسەر مىجىت: شېئىر دەيمۇ، گەپ دەيمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

120

تېما

37

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   14.32%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 64
مۇنبەر پۇلى: 1012
تۆھپە : 5609
توردىكى ۋاقتى: 336
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-20

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا تېما ماھىرى نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2015-12-21 10:32:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلاۋە: ھەر كۈنى دىگۈدەك كاللامغا كەلگەننى ئەركىن ئۇسۇلدا  يىزىپ قويىمەن. بۇلارنى شېئىر دىگەندىن كۆرە، ئاچچىق-چۈچۈك گەپ دىسەڭلەر تېخىمۇ مۇۋاپىقمىكىن دەيمەن ئۆزۈمچە.
**********************************************************
(1)*********
‏سەن-قار
‏***********
‏سەن ئاسماندىن چۈشكەن قارغا ئوخشايسەن،
‏لېرىكىغا چۆكتۈرىسەن كۆڭلۈمنى.
‏شائىرانە تۇيغۇلاردا تەۋرەيمەن،
‏تىزماق بولۇپ مارجان قىلىپ سۆيگۈمنى.

‏سەن دالىنى قۇچاغلىغان قارلاردەك،
‏ھىسلىرىمنى ئۆز قوينۇڭغا تارتىسەن.
‏ئىز چۈشمىگەن چىغىر يولدا ماڭغاندەك،
‏يۈرىگىڭدە ئىز قالدۇرۇپ ماڭىمەن.

‏گۈزەللىك بار ئاقلىغىڭدا، پاكلىق بار،
‏ياشلىغىمنىڭ ئىزلىرىنى كۆرىمەن.
‏ھاياتىمغا توختىماستىن رەڭ قوشقان،
‏سەن بەئەينى مامۇق قارنىڭ ئۆزىسەن.
************************
(2)
‏كونا سۈرئەت، يەكشەنبە...
‏*****************
‏ئۆتمۈشنىلا ئەسلەيسەن دىمە،
‏يىغلىغۇدەك ئۆتمۈش ئىدى ئۇ.
‏ھەممە يىغلاش ئازاپتىن ئەمەس،
‏مەنىلەرگە بايدۇر يىغلاشمۇ.

‏تىكىلگەن كۆز، ئۇرغۇغان ھىسلار،
‏«كىلەچەك» دەپ سوققان يۈرەكلەر.
‏غايىلەرنىڭ كەينىدىن قوغلاپ،
‏«پاھ» دىگۈدەك قالغان ئۆرنەكلەر.

‏مۇھەببەتنىڭ تېۋىشلىرىنى،
‏«مۇقەددەس» دەپ سەزگەن سەزگۈلەر.
‏قۇلى بولماي كەپسىز ياشلىقنىڭ،
‏يۈگىنىنى تۇتقان ئۈ كۈنلەر....

‏بەرنالارنىڭ ھاكاۋۇرلىغى،
‏قاردەك ئىرىپ كەتكەن مەزگىللەر.
‏ئارزۇلارنىڭ بۈيۈكلىگىدە،
‏يىزىلغىنى بولدى تەزكىرلەر.

‏ئالدىمدىكى بىر پارچە سۈرئەت،
‏بىسىپ ئۆتكەن يولۇمغا ئىسپات.
‏«ياشلىغىڭنى ئەسلەيسەن» دىمە،
‏ياشلىغىم، ئۇ- بەرگەن ئىتىقاد!!![悠闲]
**********************
(3)
70-يىللىقلار....
‏***********‏**********
‏بۈگۈن كۆرۈپ قالدىم سەكسىنىنچى يىللىقلار ھەققىدە.
‏ئويغا سىلىپ قويدى قىلىنغان تېرەن پىكىر.
‏تېرەن پىكىر ھەققىدە ئويلانساڭمۇ،
‏كاللاڭغا كىلىدىكەن ھەر خىل پىكىر،دەيسەن ياپىر.
‏بىز يەتمىشىنچى يىللىرى ئۆسكەنلەر قانداق ئىدۇق؟
‏كىچىكىمىزدە شەپكىمىزگە سۆگەت شىخىدىن سەللە ياساپ،
‏خىيالىمىزدىكى دۈشمەننى بۈكتۈرمىگە ئىلىپ ئوينايتۇق.
‏ئاشلىق، گۆش، رەخت بىلىتى بىلەن كارىمىز يوق،
‏قوناق ئۇنىدا ئىتىلگەن پاگاۋ بولسىمۇ،
‏قوساق تويسىلا، يالىڭاياق قالمىساقلا خوش يۈرەتتۇق.
‏ئۇ چاغلاردا مودا كىنو «سەرگەردان» ئىدى،
‏ياشلار راجىنىڭ يانچۇقچىلىق قىلغىنىنى ئەمەس، ئۇنىڭ رىتا بىلەن بولغان مۇھەببىتىنى سۆزلىشەتتى
‏لاباكۇ، تۇنكۇ، ياۋبەي، دىسكو ھەم مودا ئىدى،
‏تىككۈچىلەرنىڭ سودىسى ياخشى ئىدى.
‏مەكتەپتە ئوقۇساقلا خىزمەت بار دىگەن ئوي،
‏ھەر بىر ئۆسمۈرنىڭ قەلبىگە ئورنىغان ئىدى.
‏ئادەملەر ساپ ئىدى، ساختىلىق يوق دىيەرلىك،
‏كىچىك بالىلار كوچىلاردا يۈتۈپ كەتمەيتى.
‏ئادەم ئادەمگە ئىشىنەتتى، مىھرىۋانلىق بار ئىدى
‏شەرمى-ھايا كۈچلۈك ئىدى، تۇرمۇش ئاساسەن تەكشى ئىدى.
‏مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىنو نىمە دىسەڭ،
‏«رەنا» نىڭ تويى بىلەن «بەخت ناخشىسى» ئىدى.
‏مەن ئۈرۈمچىدە ئوقۇۋاتقاندا،
‏«رەنا» بىلەن كوچا ئاپتوۋۇزىدا بىللە ئولتۇرۇپ قالغان.
‏ھۆرمەت سالىمىمنى بىرىشكە جۈرئەت قىلغۇچە،
‏ئۇ گۈزەل ئارتىس دۆڭكۈۋرۈكتە چۈشۈپ قالغان.
‏ھازىر ئويلاپ قالىمەن «ياسىن مۇئەللىم نەدىدۇر؟»
‏شۇ دەۋرنىڭ ياشلىرى كۆزۈمگە ئىسسىق كۆرۈنىدۇ.
‏«بەخت ناخشىسى» دىكى ئاگرانوم قىزنىڭ،
‏گۈزەل سىماسى كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ....
‏مەن چوڭ بولۇپ شۇ دەۋرگە ياش بولۇپ كىرگۈچە،
‏مۇھەببەتنىڭ رەڭ ئۆزگەرتىشى كۆڭلۈمنى غەش قىلىدۇ....
‏بىراق مەن 70-يىللاردا تۇغۇلغىنىمنى ئويلىسام،
‏ئۆزۈمنى چوڭقۇر بەختلىك ھىس قىلىمەن.
‏نۇرغۇن تەڭتۇشلىرىم بىلەن چوڭ بولغىنىمنى ئەسلىسەم،
‏ئۇلار بەرگەن قىزغىنلىقتىن كۈچ ئالىمەن.
‏بۈيۈك غايىلەرنىڭ قۇيرۇقىغا ئىسىلىپ قالغىنىمنى ئويلىسام،
‏ئۇلارغا يىتەلمەي ياشلىقتىن قىلىۋاتقىنىم ئىسىمگە كىلىپ خۇرسىنىمەن
‏ئەگەر سورىساڭ خەلچەمئاي :قايسى يىللارنى بەك ياخشى كۆرۈسەن؟
‏مەن ئىككىلەنمەيلا يەتمىشىنچى يىلنى دەپ جاۋاپ بىرىمەن....
************************
(4)
‏يەنە ئويتاغ...
‏****************************
‏ئويتاغ دەپ ئاڭلىغانمۇسەن؟
‏قاناس دەپ چوقۇم ئاڭلىغانسەن.
‏ئويتاغ-قاناستىن گۈزەل،
‏چۈنكى مەن ئۇنىڭدا ئۆسۈپ يىتىلگەن.
‏مۇنۇ تاشتا پۇتكەن تامنى كۆردۈڭمۇ؟
‏سەن چوقۇم ئۇنى كۆرمىگەن دىلرەبا.
‏سىنىڭ ئۆسكەن يىرىڭ-قايناق شەھەر،
‏مىنىڭ بالىلىغىم قالغان يەر-تاغلىق سەھرا.
‏بۇ تاملار نىمە تاملار بىلەمسەن؟
‏دىسەم دىمىسەم ئۇنى سىپىل دەپ ئويلايسەن.
‏ئۇنىڭ ئىچىدە كىم بار بىلەمسەن؟
‏ياق بىلمەيسەن، ئويلاپمۇ يىتەلمەيسەن....
‏بەلكى ئازراق ئىشارەت بەرسەم،
‏ئۇ يەردە، كالا، قوي، ياكى ئۇلاغ بار دەيسەن.
‏بىراق سەن ئۇ يەردە قىلىپ قالغان،
‏كىچىك قەيسەرنىڭ ئوماق ئىزىنى كۆرەلمەيسەن.
‏مەن ئاشۇ تاملارنىڭ ئىچىدە،
‏يىڭى تۇغۇلغان قوزىلارنى كۆرگەن،
‏تاتلىقلىغىدا قوزىلارنىڭ،
‏بىشىنى سىلاپ ئەركىلىتىپ سۆيۈپ كەتكەن.
‏مەن بىلەن ئوينايدىغان سەن بولمىغاچ،
‏ھەتتا ھەمراھ بولىدىغان خىيالمۇ بولمىغاچ،
‏ئەشۇ قوزىچاقلار بىلەن دوستلىشىپ ئويناپ كەتكەن.
‏شۇڭا قوي قېغى تاتلىق پۇرايدۇ ماڭا،
‏ھوي نىمە دىگىنىڭ بۇ دەمسەن؟
‏ماياق ئىچىدىن چىقىدۇ ئەمەسمۇ ئۇنىڭ،
‏ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ، قېرىننى قانداق تالىشىپ يەيسەن؟
‏ھەي ئويتاغ، سۆيۈملۈك مۇقەددەس پاكىز يۇرتۇم،
‏تاغلىرىڭ، دەريالىرىڭ، يايلاقلىرىڭ،
‏قوقۇناق بىرىدىغان قوشنۇلۇرۇم،
‏مۇشۇ تاش تامنى سالغان باتۇرلۇرۇم،
‏سىلەرنى كىلىدۇ مىھرىم بىلەن قۇچاقلۇغۇم!



uyghuray

5

تېما

1

دوست

1011

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   1.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9151
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 103
تۆھپە : 255
توردىكى ۋاقتى: 92
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-21 12:18:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى ھەقىقىي چىن ھېسسىيات بىلەن تۇيۇنغان،يارقىن ئەستىلىكلەر مۇجەسسەملەنگەن يالقۇنلۇق شېئر دېسەك توغرا بولغىدەك.
يازغۇچىلار تورىغىمۇ يوللاپ قۇيسىڭىز ھەقىقىي باھانى شۇ يەردىكىلەردىن ئاڭلىيالايسىز.بەرىكەتلىك بولۇڭ.

4

تېما

48

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   4.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33927
يازما سانى: 1164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 3546
توردىكى ۋاقتى: 1161
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-21 12:18:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   يىقىندىن بۇيان دۇنيا ئەدەبىيات ساھەسىدىكى يىڭى يۈزلىنىش بولسا دەل قائىدىسىزلىك بىلەن ھىسيات ۋە قەلەم كۈچىنى ئىپادىلەش .بۇنداق يىڭى يۈزلىنىش ،ياقتۇرغانلار بىرىپ ھىس قىلسا ،ياقتۇرمىغانلار ئارتۇق گەپ قىلمىسىلا بولىدۇ .سىزنىڭ بۇ خىل يىزىقچىلىق شەكىلىڭىزنى شەخسەن مەن ياقتۇرىمەن  .

4

تېما

6

دوست

5520

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   10.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25765
يازما سانى: 355
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 1704
توردىكى ۋاقتى: 625
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-21 13:30:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل!
uyghuray

13

تېما

18

دوست

2948

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   31.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  48758
يازما سانى: 273
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 868
توردىكى ۋاقتى: 101
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-21 14:30:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەرىكەتلىك بولۇڭ.مەنمۇ  ياقتۇرىمەن  .

0

تېما

4

دوست

5259

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   5.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34003
يازما سانى: 405
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1603
توردىكى ۋاقتى: 657
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-21 16:36:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل شېرلاكەن، بولۇپمۇ 70-يىللار تەسۋىرى ماڭا بەك ياقتى!

0

تېما

10

دوست

813

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   62.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34406
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 234
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-23 00:09:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت قەيسەركا ئوقۇپ نەچچىمئنى كۈلۈپ تاشلىدىم شۇنداق تەبىئى

3

تېما

3

دوست

5787

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   15.74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22018
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 1760
توردىكى ۋاقتى: 219
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-23 01:04:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     شېئىرلاردىكى سەمىمى ھېسيات يۈرەككە تەگدى . قەلىمىڭىز بەركەتلىك بولغاي .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )