نامراتلىق بالىلارنىڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى ۋە دەرس نەتىجىسىنى چېكىندۈرىدۇ
تۇرسۇنجان بىلگە تەرجىمىسى
ئاپتور: Diana Kwon
مەنبە: ئىلمىي ئامېرىكىلىقلار ژۇرنىلى
ئامېرىكا مېدىتسىنا ئىلمىي جەمئىيىتى ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، نامراتلىقتا ئۆسۈپ -يېتىلىش بالىلارنىڭ مېڭە يېتىلىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ، ئۇلارنىڭ مەكتەپتىكى دەرس نەتىجىسىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۇزاقتىن بىرى كىشىلەر نامراتلىق ۋە ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈشنىڭ بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ تۆۋەنلىشىگە مۇناسىۋەتلىكلىكىگە ئىكەلىكىنى بىلەتتى. يېقىنقى تەتقىقاتلار نامراتلىقنىڭ بالىلارنىڭ مېڭە سىرتقى يۈزى كىچىك بولۇش بىلەن باغلىنىشلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. نۆۋەتتىكى تەتقىقات يۇقىرى ۋە تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلىك بالىلارنىڭ نەتىجىسىدىكى پەرقنىڭ 20% گە يېقىن بولۇشى مېڭە يېتىلىشىدىكى ئوخشىماسلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىگە ئىسپاتلارنى تەمىنلىدى.
ئامېرىكا ۋىسكونسىن ئۇنىۋېرستېتى - مەدىسوندا ئىشلەۋاتقان پىسخولوگ پوللاك ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى تۆت ياشتىن 22 ياشقىچە 389 ساغلام بالىلار ۋە ياشلارنى تەتقىقات ئوبىيكتى قىلىپ، دەرس نەتىجىسى بىلەن مېڭىدىكى بىر قانچە تاللانغان يەرلەرنىڭ يېتىلىشىنىڭ قانداق پەرقى بارلىقىنى سېلىشتۇرىدۇ. تەتقىقاتچىلار ماگېنىتلىق تەۋرىتىپ سۈرەتكە تارتقۇدا ئۇبىكىتلارنىڭ ئالدى، يان مېڭە بۆلمىسى ۋە مېڭە سەقەنقۇر بۆلىكى قاتارلىق قىسىملىرىدىكى كۈلرەك ماددىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن سىكانىرلايدۇ. بۇ مېڭە بۆلەكلىرى دەسلەپكى مۇھىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان، شۇنداقلا دەرسلەردە ياخشى نەتىجىگە ئېرىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئەقلىي جەريانلارنى تىزگىنلەيدىغان مېڭە بۆلەكلىرىدۇر. بىر قىسىم تەتقىقات ئوبيىكىتلىرى 24 ئايدىن كېيىن قايتىپ كىلىپ تەكرار باھالاشنى قوبۇل قىلغان ۋە كېيىنكى 6 يىلغا يېقىن داۋاملىق تەكشۈرتۈپ تۇرغان.
تەتقىقاتچىلار ھۆكۈمەت بېكىتكەن نامراتلىق چېكىدىن تۆۋەن كىرىمدىكى ئائىلىلەردە ئۆسكەن بالىلارنىڭ مېڭە كۈلرەك ماددىسىنىڭ مېڭىسى نورمال يېتىلگەن بالىلارغا قارىغاندا 8-10% ئەتراپىدا كىچىكرەك ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ئەمما ئۇلار نورمال كىرىملىك ئائىلىنىڭ بالىلىرى بىلەن باي ئائىلە بالىلىرىنىڭ ئارىسىدا پەرق بارلىقىنى بايقىمىغان. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بايلىق نەتىجىنىڭ ياخشى بولىشىنى بەلگىلىمەيدۇ، بەلكى كىرىم مەلۇم چەكتىن تۆۋەنلەپ كەتكەندە مېڭە يېتىلىشىگە ناچار تەسىر كۆرسىتىدىغانلىدىن دېرەك بېرىدۇ.
«داۋاملاشقان بىر يۈزلىنىشنى كۆرمەسلىكىمىز ئىنسانلارنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىدىن دەپ قارايمەن. ئىنسان بالىسى ئېغىرچىلىقلارغا، ناچار مۇھىتقا ئوبدانلا ماسلىشىپ كېتەلەيدۇ، ئەمما زىيادە يۇقسۇللۇق ئۇلار ماسلىشالايدىغان بۇ دائىرىنىڭ سىرتىدا دەپ ئويلايمەن.» دەيدۇ، پوللاك.
پوللاك بالىلار ئۆسكەنسىرى ئۆيدىن مەكتەپتە ئۆتكۈزىدىغان ۋاقتى كۆپرەك بولغاچقا، مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىدىكى پەرق بارغەنچە ئازلاپ مېڭىشىنى ئۈمىد قىلغان ئىدى، ئەمما ئەھۋال ئۇنداق بولۇپ چىقمىدى. مېڭە يېتىلىشىدىكى بۇ پەرق 22 ياشتىمۇ يەنىلا داۋاملىشىدۇ.
نامراتلىقنىڭلا تەسىرىنى بىلىش ئۈچۈن، تەتقىقاتچىلار مېڭە تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى بىلىنگەن روھىي كېسەل ئائىلە تارىخى ياكى يۇقىرى خەۋىپلىك ھامىلدارلىق جەريانى دېگەندەك ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بالىلارنى تەتقىقات دائىرىسىدىن چىقىرىۋەتكەن. نەتىجە يەنىلا ئېنىق، يەنى باشقا ئامىللارنى چىقىرىۋەتكەندىمۇ، تۆۋەن ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈشتىكى ئائىلەردە يېتىلىشنىڭ بالىلارغا بولغان سەلبىي تەسىرى ناھايىتى ئېنىق. "بۇ بىر مۇھىم تەتقىقات" دەيدۇ - بۇ تەتقىقاتقا قاتناشمىغان ۋاشىڭگىتون ئۇنىۋېرسېتېتى -سائىنىت لۇيىس مېدىتسىنا ئىنىستىتۇتىدىكى روھىي كېسەللەر دوختۇرى جوئان لۇبىي. ئۇ بۇ تەتقىقاتنىڭ ھازىر بار تەتقىقات نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ يۈكسەلتكەنلىكىنى ھەمدە نامراتلىق بىلەن ئۆگىنىش نەتىجىسى ئوتتۇرىسىدىكى ھەقىقىي باغلىنىشنى بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. «بۇ نەتىجىلەر بىزگە كەلگۈسىدىكى ئاممىۋى ساغلاملىق ئىشلىرىمىز ئۈچۈن يول كۆرسىتىپ بېرىدۇ.» دەيدۇ، ئۇ يەنە.
تۆۋەن كىرىملىك ئائىلەردە ئۆسكەن بالىلار يەنە ياخشى يېيەلمەسلىك، خەتەرلىك مەھەلىلەر ۋە روھىي بېسىم ئاستىدىكى ئاتا-ئانىلار قاتارلىق تۈرلۈك بېسىملارغىمۇ ئۇچرايدۇ. گەرچە بۇنداق بېسىملارنى يەڭگىللىتىشنىڭ ئېنىق ئۇسۇلىنى دېيەلمىسىمۇ، پوللاك ۋە ئۇنىڭ گۇرۇپپىسىدىكىلەر كۆپ خىل ئىجتىمائىي پىروگراممىلارنى يولغا قويۇشق ئارقىلىق بۇ ئەھۋالنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.
مەنبە:
http://www.scientificamerican.co ... ademic-performance/
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالە بىلىمدان ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر ماقالىنىڭ PDF نۇسخسىنى بىلىمدان مەخسۇس سەھىپىسىدىن (http://www.okyan.com/index.php?m ... x&a=lists&catid=322) چۈشۈرۋالالايسىز. بىلىمدان تور ژۇرنىلىمىزدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ماقالىلەرنى رۇخسەتسىز تارقاتسىڭىز بولىدۇ. تارقاتقاندا بىلىمدان تور ژۇرنىلىدىن ئېلىندى دەپ ئەسكەرتىڭ ۋە ماقالە ئاپتورىنى چۈشۈرۈپ قويماڭ. رەھمەت.
|