قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 519|ئىنكاس: 3

ئەنئەنىۋى پىدائىيلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

18

دوست

3022

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   34.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  48758
يازما سانى: 275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 892
توردىكى ۋاقتى: 104
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-21 17:40:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتورى: ئىسكەندەر جېلىل


دادامنىڭ ئاغرىپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغانلىق سەۋەبى بىلەن، 2009-يىلى 5-ئايلاردا، ئۈرۈمچىدىكى خىزمىتىمدىن ئىستىپا بېرىپ، يۇرتۇم قومۇل تارانچى كۆمۈر كانىغا ئايالىمنى ئېلىپ قايتىپ كەلدىم. ھېلىمۇ ياخشى شۇ چاغلاردا تارانچىدا تۈركۈملەپ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش دولقۇنىغا ئۇددۇل كېلىپ قېلىپ، خىزمەت مەسىلەمنىمۇ ھەل قىلىۋالغان ئىدىم. گەرچە بۇ يەرنىڭ مائاشى بەك يۇقىرى بولمىسىمۇ، ئەر- ئايال ئىككىممىز قوشۇمچە دادامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاچ، خېلى بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقان ئىدۇق. دادامنىڭ كېسىلى مېڭە يىگىلەش بولغاچقا، ئەقلى- ھۇشى تازا جايىدا ئەمەس ئىدى، بەزىدە ئورنىغا ياكى ئىشتانغىلا تەرەت قىلىپ قوياتتى، مەن ئاساسلىقى دادامنىڭ كېيىم- كېچەكلىرىنى يۇيۇش، دادامنى ۋاقتى- ۋاقتىدا يۇيۇندۇرۇش، دەم ئالغان كۈنلىرىمدە چاقلىق ھارۋىغا ئولتۇرغۇزۇپ بازارلارغا ئېلىپ چىقىپ ئايلاندۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىدىم. 2010-يىلى 6-ئايغا كەلگەندە، دادامنىڭ كېسىلى ئۆزىنىڭ ئۆمۈرىدىن غالىپ كېلىپ، ئۇ دۇنياغا كېتىپ قالدى، مەن بۇنىڭدىن قاتتىق قايغۇرۇدۇم، بەزىدە دادامدىن ئايرىلىپ قالغانغا تازا ئىشەنگۈم كەلمەيمۇ قالاتتى، لېكىن تەغدىرگە ئامال يوق ئىكەن!
ئەلۋەتتە، مېنىڭ دادامغا قىلغانلىرىمنىڭ ھەممىسى پىدائىيلىققا كىرمەيدۇ، بەلكى بىر ئوغۇلنىڭ ئاتا- ئانىسىغا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى ھېساپلىنىدۇ. كېيىن، يالقۇن ئوسمان ئاكىمىز قۇرغان يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى تەشكىلاتىغا تەرجىمان پىدائىي بولۇپ قاتنىشىپ قالدىم. مەن پەقەت بىكار ۋاقىتلىرىمدىن پايدىلىنىپ، مەزكۇر ئەترەتنىڭ تەرجىمە ئىشلىرىنى خالىس قىلىپ بېرەتتىم. يالقۇن ئاكام ھەپتە- ئون كۈندە بىر قېتىم توردىن ماڭا بىر پارچە ماقالە ئەۋەتىپ بېرەتتى، مەن ئۇنى تەرجىمە قىلىپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن، قايتىدىن يالقۇن ئاكامغا ئەۋەتىپ بېرەتتىم. ئاساسلىقى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساخاۋەتكە ئائىت ماقالىلارنى، شۇنداق دىيارىمىزدا بولىۋاتقان خەيرى- ساخاۋەتلىك ئىشلارنى تەرجىمە قىلغاچقا، مەندە ساخاۋەت ۋە پىدائىيلىققا بولغان چۈشەنچە بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىشقا باشلىدى. يالقۇن ئاكام بولسا كىچىكىدىن خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇغاچقا، يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى خەنزۇچە يازاتتى، مەن ئۇنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ بېرەتتىم. شۇنداق بولغاندا، بىر پائالىيەتنىڭ مەزمۇنى ئۇيغۇرچە- خەنزۇچە قوش تىلدا تەشۋىق قىلىناتتى.
يالقۇن ئاكام تەرجىمە ۋە تەشۋىقات ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: دىيارىمىزدا نۇرغۇن ياخشى ۋە خەيرى- ساخاۋەتلىك ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ، لېكىن بۇنى يازىدىغان ۋە تەشۋىق قىلىدىغان ئادەم يوق، بولۇپمۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كىشىلەر شىنجاڭدا بۇنداق ئىشلارنىڭمۇ بارلىقىنى بىلمەي قالىدۇ. ساخاۋەتلىك ئىشلارنى تەشۋىق قىلىش ھەرگىزمۇ ئۆزىنى كۆرسەتكەنلىك ئەمەس، بەلكى مۇشۇنداق تەشۋىقاتلار ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ساخاۋەت ئېڭىنى سىڭدۈرۈپ، ئۇلارنى ساخاۋەت ئىشلىرىغا قاتنىشىشقا دەۋەت قىلىشتىن ئىبارەت.
يالقۇن ئاكام مېنى بىر قانچە قېتىم ئۆزىنىڭ پائالىيەتلىرىگە چاقىردى، لېكىن ئۇ چاغلاردا ئايالىم تۇغۇتلۇق، ئوغلۇم كىچىك بولغاچقا، ئۇ پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا مۇيەسسەر بولالمىدىم.
ساخاۋەت ماقالىلىرىنى كۆپ تەرجىمە قىلغاچقىمىكىن، بۇ ھەقتە كۆپ ئويلىنىدىغان، چەتئەلدىكى ۋە ئىچكىرىدىكى ساخاۋەت ئەھۋالىنى دىيارىمىز بىلەن سېلىشتۇرىدىغان، ھەتتا ئەتراپىمدىكى ئىشلار بىلەنمۇ سېلىشتۇرىدىغان بولۇپ قالدىم. مۇشۇنداق كۈنلەرنىڭ بېرىدە، ئايالىم تۇيۇقسىز مەندىن:
- تاللا بازىرى ئاچىدىغان خەلچىئاي ئاچام ماڭا «ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان بىر ئايالنىڭ شەخسىي تازىلىقىنى قىلىپ، ئۆيلىرىنى تازىلاپ كېلىدىغان بىر ئىش بار، بېرىپ تەڭ قىلىشىپ بېرەلەرسىزمۇ؟» دەۋاتىدۇ، قانداق قىلسام بولار؟ - دەپ سوراپ قالدى.
«بۇمۇ بىر ياخشى ئىشكەنغۇ!» دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە، ھەمدە ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان رەھمەتلىك دادام ۋە خەيرى- ساخاۋەت ئىشلىرى غىل- پاللا كاللامدىن ئۆتتى- دە، دەرھال:
- بوپتۇ، بېرىپ كەلگىن، بالىغا مەن قاراپ تۇراي،- دەپ ئايالىمغا رۇخسەت بەردىم.
ئايالىم ئۇ يەردىن خېلى قاراڭغۇ چۈشكەندەرەك قايتىپ كەلدى.
- ھەجەپ كەچ قالدىڭغۇ؟- دەپ سورىدىم ئايالىمدىن.
- ئۇنى بىر دېمە،- دەپ بولغان ئىشلارنى بايان قىلغىلى تۇردى ئايالىم،- ئۇ ئايال ئۆيىدە ئورۇن تۇرۇپ يېتىپ قاپتۇ، تەرەتلىرىمۇ شۇ ئورنىدا ئىكەن، ئۇ ئايالنىڭ قىزى يوقكەن، بويتاق ئوغلى بولسا ئاپىسىغا تەرەت قاچىسى تۇتۇشقا ئامالسىزكەن، يۇيۇپ تاراندۇرالمايدىكەن، ئوغلى كاندا ئىشلىگەچكە، ئاپىسىنىڭ ھالىدىن تولۇق خەۋەر ئېلىش، كىر- قات يۇيۇش، ئۆيلەرنى تازىلاش ئىشلىرىنى قىلىپ بولالمايدىكەن. بىز خەلچىئاي ئاچام، ئايشەمگۈل ئاچام ۋە پاتىگۈل ئاچاملار ئۆيلىرىنى تازىلاپ، كىر- قاتلىرىنى يۇيۇپ، يەنە كېسەلچان ئاچىمىزنىمۇ يۇيۇندۇرۇپ قويۇپ قايتىپ كەلگۈچە مۇشۇ ۋاق بولدى.
- ئۇلار دائىم شۇنداق قىلامدىكەن، ياكى مۇشۇ بىرلا قېتىممىكەن؟- دەپ سورىدىم قىزىقىپ.
- ئۇلار شۇ پات- پات كېلىپ مۇشۇنداق تازىلىق قىلىپ بېرىپ كېتىدىكەن، بۇ قېتىم مېنىمۇ چاقىرىۋاپتۇ.
ئايالىمنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ، خالىس ئىش قىلىۋاتقان بۇ ئاياللارنى پىدائىي دەپ ئاتاشقا بولارمۇ؟ دېگەنلەرنى ئويلىدىم. پىدائىي دەيلى دېسەك، ئۇلارنىڭ يا پىدائىيلىق كېنىشكىسى يوق، يا بىرەر ساخاۋەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ئەمەس، پەقەت مۇھتاجلار يولۇققاندا ئۆزلىكىدىن تەشكىللىنىپلا، بىرەر ساخاۋەتلىك ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىدۇ، ھەم بۇنى يېزىپ خاتىرە قالدۇرمايدۇ ياكى تەشۋىق قىلىپ داۋراڭ سالمايدۇ. پىدائىي ئەمەس دېسەك، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى پىدائىيلىقنىڭ پىرىنسىپىغا چۈشىدۇ، يەنى خالىس ۋە ئىختىيارى ھالدا ئۆزىنىڭ ۋاقتى، كۈچى، زېھنى ھەتتا پۇل- ماللىرىنى سەرپ قىلىدۇ.
تارانچىدا بۇنداق ساخاۋەتلىك ئىشلار ئىنتايىن كۆپ، بەزىدە ئېغىر كېسەللەرگە ئىئانە يىغىش ئىشلىرى پات- پات كۆرىلىپ تۇرىدۇ، بەزى تاللا بازىرى ۋە ناشتىخانىلارغا ئېغىر كېسەللەرگە ئىئانە يىغىش ساندۇقى ئېسىپ قويىلىدۇ، كىشىلەر يانلىرىدىن ئاتىغان پۇللىرىنى ساندۇققا سېلىپ قويىدۇ.  قايسى بىر كۈنى ئەلھايات رېستورانىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر تويغا قاتناشقان ئىدىم، توي تاماشاسى باشلىنىشتىن بۇرۇن، يۇرتىمىزدىكى مويسىپىت ئاياللاردىن ئايشەمخان ھاجىم مىكروفوننى ئېلىپ، قايسىدۇر بىرەيلەننىڭ ئېغىر كېسەل بولۇپ قېلىپ دوختۇرخانىغا كۆرۈنەلمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتتى، تويغا كەلگەن ئەر- ئايال مېھمانلارنىڭ ھەممىسى يانچۇقلىرىنى كولىشىپ، بەس- بەستە پۇل ئىئانە بېرىشكە باشلىدى، ئايشەمخان ھاجىم ئاياللار تەرەپتىكىنى يىغدى، لېكىن ئەرلەر تەرەپكە ئۆتۈشكە سەل بىئەپ بولۇپ قالدى. مەن بۇ ئەھۋالنى سەزگەندىن كېيىن، دەرھال ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئەرلەر تەرەپتىكى ئىئانىلارنى يىغدىم، بىردەمدىلا تۇتام- تۇتام پۇللار چۈشۈشكە باشلىدى، يىغىلىپ بولغان بۇ پۇللارنى ئۇددۇل ئايشەمخان ھاجىمغا ئاپىرىپ بەردىم.



ئايشەمخان ھاجىم تارانچىدىكى «مېھرىبان ئانىلار» كوللىكتىۋىنىڭ قۇرغۇچىسى، بۇ ئەترەت 2011-يىلى 11-ئايلاردا قۇرۇلغان بولۇپ، مەخسۇس تارانچى تەۋەسىدىكى ئاغرىق- سىلاق، يېتىم- يىسىر ۋە قىيىنچىلىقى بارلارغا ئىئانە يىغىش ۋە كوللىكتىپ كۈچ چىقىرىش ئارقىلىق ياردەم بېرىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ ئەترەت ئۈرۈمچىدىكى رەيھان ئاپپاي قۇرغان «مېھرىبان ئانىلار» خەيرى- ساخاۋەت كوللىكتىۋى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، لېكىن ئۈرۈمچىدىكى شۇ ئەترەتنىڭ تەشۋىقات تەسىرىگە ئۇچراش ئارقىلىق قۇرۇلغان دېيىشكە بولىدۇ.
مۇشۇ كىچىككىنە يۇرتتىمۇ خەيرى- ساخاۋەت ئەترەتلىرى ۋە تارماقلىرىدىن بىر قانچىسى بار، بۇرۇن تامچە ساخاۋەت ئەترىتىنىڭ تارمىقى، بوستان ساخاۋەتچىلىكىنىڭ تارمىقى بار ئىدى. راست گەپنى قىلغاندا، بىزنىڭمۇ بىر «ساۋاغداشلار ساخاۋەت ئۇيۇشمىسى»مىز بار، بۇنىڭدا ساۋاغداشلار قەرەللىك ۋە قەرەلسىز ھالدا پۇل يىغىش قىلىپ، تارانچى تەۋەسىدىكى قىيىنچىلىقى بار دەپ قارالغان كىشىلەرگە ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم بېرىدۇ. يەنە نۇرغۇن كىشىلەر ساخاۋەتلىك ئىشلارنى «ئوڭ قولى بەرگەننى سول قولى بىلمەيدىغان» دەرىجىدە قىلىۋاتقاچقا، ھەممىنى يېزىپ بولۇش ھەقىقەتەن بەك تەس.
تارانچى كان رايونى 1960-يىللىرى دۆلەت بىر تۇتاش ئاچقان چوڭ كۆمۈركان بولۇپ، شۇ چاغلاردا بىزنىڭ ئاتا- بوۋىلىرىمىز شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تارىلىپ كېلىپ، كان ئېچىشقا قاتناشقان. ھازىرقى نوپۇسى 30 مىڭدىن ئاشىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى بولسا تەخمىنەن 5000 ئەتراپىدا.
قەدىمدىن خەيرى- ساخاۋەتنى ئۆزىگە يار تۇتۇپ كەلگەن ئۇيغۇر خەلقى ئۆزلىرىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىنىمۇ شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىپ، يېڭى قۇرۇلغان بۇ يۇرتتا تېخىمۇ جەۋلان قىلدۇرماقتا. بۇ يەردىكى بەزى شەخسلەر قىلىۋاتقان خەيرىلىك ئىشلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئېسىل ئەنئەنىلىرىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ، ئۇيغۇرلار قوشنىلار ئارا ئىناق ئۆتۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ، قوشنىلىرىنىڭ بېشىغا قىيىن كۈن كەلسە، ھەمدەمدە بولىدۇ، ئاجىز – ئورۇقلارنىڭ بېشىنى سىيلايدۇ، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى خالىس قىلىدۇ، بۇنىڭدىن ھېچقانداق مەنپەئەت تەلەپ قىلمايدۇ، شۇنداقلا ھاجەتمەنلەرنى خىجالەت قىلماسلىق ئۈچۈن، قىلغان ئىشلىرىنى بىرسىگە تىنمايدۇ. شۇڭا مەن بۇنداق پىدائىيلارنى ھازىرچە «ئەنئەنىۋى پىدائىيلار» دەپ ئاتاپ تۇردۇم.
ئەلۋەتتە، بۇنداق «ئەنئەنىۋى پىدائىيلار» پەقەت تارانچىدىلا مەۋجۇت ئەمەس، بەلكى دىيارىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ۋە ھەر قايسى يۇرتلاردا بۇنداق پىدائىيلار ئۆزلىرىنىڭ ساخاۋەتلىك پائالىيەتلىرىنى پىنھان ھالدا ئېلىپ بارماقتا. تارانچىدىكىسى بولسا ئاشۇ نۇرغۇن خەيرى- ساخاۋەتلىك ئىشلارنىڭ كىچىككىنە بىر تامچىسى خالاس. بۇلارنىڭ ھەممىسى دىيارىمىزدىكى ساخاۋەت بايلىقى ھېساپلىنىدۇ.
مەن ئويلايمەنكى، بىز ئارىمىزدىكى مۇشۇنداق ئەۋزەللىكتىن تولۇق پايدىلىنىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار ساخاۋەت ئىدىيەلىرىنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق، دىيارىمىزدىكى خەيرى- ساخاۋەت ئىشلىرىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرەلەيمىز، ھەتتا بۇ يولنى كەسىپلەشتۈرۈپ، بىر قىسىم ساخاۋەت ھەۋەسكارلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، خەيرى- ساخاۋەت ئىشلىرىنى سېستىملىق، كەڭ دائىرىلىك ۋە مۇھتاجلارنى تولۇق رازى قىلغان ئاساستا بىر قەدەر مۇكەممەل ئېلىپ بارالايمىز. شۇڭا ئۇيغۇر ساخاۋەتچىلىكى بېكىنمە ھالەتتىن ئاشكارە ۋە قوبۇلچان ھالەتكە، تارقاق ھالەتتىن يىغىنچاق ۋە تەشكىللىك ھالەتكە ئۆتۈشى تولىمۇ زۆرۈردۇر. لېكىن بۇنىڭغا ۋاقىت ۋە جەريان كېتىدۇ. مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، دىيارىمىزدىكى خەيرى- ساخاۋەت ئىشلىرىنىڭ ئۆكسۈپ قالماسلىقىنى، تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ، گۈللەنگەن بىر مەزگىلنى كۈتىۋېلىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن.





مەنبە :يىزا مەكتەپ پىدائىلىرى تورى



uyghuray

0

تېما

10

دوست

813

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   62.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34406
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 234
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-23 00:48:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،  ئىسكەندەر جىلىل ئەپەندى بولامسىز؟ ياكى ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن تورغا چىقاردىڭىزمۇ بۇئەسەرنى؟!  سىزنىڭ«ئاياللارنى چۈشىنەمسىز »دىگەن كىتابىڭىز بەك ياخشىكەن. «ئەرلەرنى چۈشىنەمسىز »دىگەن كىتابىڭىز قاچان نەشىردىن چىقىدۇ؟ تىزراق چىقىشىنى ئۈمۈد قىلمەن. رەھمەت

13

تېما

18

دوست

3022

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   34.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  48758
يازما سانى: 275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 892
توردىكى ۋاقتى: 104
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-23 11:11:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
janggivar يوللىغان ۋاقتى  2015-12-23 00:48
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،  ئىسكەندەر جىلىل ئەپەندى بولامسىز ...

مەن ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن تورغا چىقاردىم.  

0

تېما

0

دوست

1652

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   65.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22813
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 522
توردىكى ۋاقتى: 116
سائەت
ئاخىرقى: 2016-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-23 12:48:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوڭ  قول بەرگەننى سول قول تۇيىمىغىدەك قىلىش كىرەك ، داۋراڭ سىلىش ياخشى ئەمەس ،ياخشى ئىشلار دىيارىمىزدا بەك كوپ ،
uyghuray
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )