سۇغۇرتا كاپىتالى نىمە ئۈچۈن پاي بازىرىغا ھۇجۇمنى كۈچەيتتى؟
ئادىل بايقال
يېقىندا باۋنىڭ گۇرۇھى جوڭگۇ پاي بازىرىدىكى ئۇزۇن مۈددەت ئىپادىسى ياخشى بولماي كەلگەن جۇڭگۇدىكى ئەڭ چوڭ ئۆي مۈلۈك كارخانىسى بولغا ۋەنكې گۇرۇھىنى نەچچە بالا شېركەت ھېساۋىدىن پايدىلىنىپ ۋەنكېنىڭ پېينى كونترۇل قىلىپ بىرىنجى پايچىكىگە ئايلانغان،جوڭگۇ ئاكسىيە كومىتىتىمۇ بۇ پاي ھەركىتىگە قارىتا ئەگەر قانۇنغا خىلاپ بولمىسىلا بازار قىلمىشى دەپ بۇ ھەركەتنى ئاستىرىتتىن قۇللىغان ئۇچۇرنى بەرگەن،ۋەنكى لىدىرى ۋاڭشى بۇ ھەركەتكە پاسسىپ قاراشتا بولۇپ ،ياۋايى قىلمىش، ياۋايىلارنى ۋەنكىنىڭ ئىشىگىدىن كىرگۈزمەسلىك كېرەك دىگەن ئىنكاسنى قايتۇردى،ھەمدە ئاز دىگەندە ۋەنكىنىڭ پېينى بىر ئاي توختاپ بازار ئارقىلىق قايتا تەشكىللەشنى قارار قىلدى،
دىققەت قىلساق يېقىندا باۋنىڭ گۇرۇھىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەنباڭ قاتارلىق سۇغۇرتا شېركەتلىرى پاي بازىرىدا تۇيۇقسىز ھەركەت قەدىمىنى تېزلەتتى،ۋەنكى،جىدى،داشاڭ،شۇاڭخۇي،پۇل مۇئامىلە كوچىسى قاتارلىق پايلارنىڭ پاي ھۇقۇنىنى يىغىش قەدىمىنى تېزلەتتى،بولۇپمۇ ۋەنكى قىسقا مۇددە ئىچىدە 70%ئۆسۈپ مەبلەغ سالغۇچىلارغا كاپىتال بازىرىنىڭ كارامەت ئۇيۇنلىرى بارلىغىنى كۆرسىتىپ قويدى،نۇرغۇن ئۇششاق پايچىلار كىرىشكە پىتىنالمىغانىسىرى بۇ پايلاردا ئۆسۈش جانلىق ۋە ئەسەبى بولدى،.ئۇنداقتا نىمە ئۇچۇن سۇغۇرتا شېركەتلىرى پاي بازىرىغا بۇنچىلىك تېز چاققان ھەركەتنى باشلىدى،بۇنىڭ سەۋەپلىرى مېنىڭچە تۆۋەندىكىچە:
بىرىنجى بولسا يېقىندا خەلق قۇرۇلتىتى تىزىملاش تۈزىمىنى ئۇرنىتىش ئۈچۈن ئاكسيە قانۇنىغا تۈزۈتۈش كىرگۈزىدۇ،بۇنداق بولغاندا تىزىملاش تۈزىمىنى پاي بازىرىدا تېزدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولىدۇ،تىزىملاش تۈزىمى يولغا قۇيۇلغاندىن كېيىن،پاي بازىرىدا قىممىتى بار سالماق پايلارنىڭ مەبلەغ جەلپ قىلىش كۈچى زور بولىدۇ،ھازىرقى ئۇسلۇپ ئۆزگىرەش ئېھتىمالى بار،
ئىككىنجى بولسا ،جوڭگۇ كېلەر يىلى نول ئۆسۈملىك دەۋرگە قەدەم قۇيۇش ئېھتىمالى بار بولۇپ،سۇغۇرتا قاتارلىق ئىقتىساد باشقۇرۇش كەسپلىرىنىڭ پايدا قايتۇرۇش نىسبىتى تۆۋەنلەپ بېسىمى كۈچىيىدۇ،بۇ سۇغۇرتا شېركەتلىرىنىڭ بالدۇر سالماق پايلارغا قول سېلىشنىڭ ئوبدان ۋاقتى ئىكەنلىگىنى نامايەن قىلدى،بۇنداق بولغاندا شۇغۇرتا شېركەتلىرى تېخىمۇ چوڭ پايدا مەنپەت بىلەن خېردارلارنى رازى قىلىدۇ،ۋە كۆپەيتەلەيدۇ،
ئۇچىنجىدىن بولسا جوڭگۇدا نۇرغۇن سالماق شېركەت پايلىرى بار،بۇلارنىڭ پاي بازىرىدا ئىپادىسى پاي كۆلەم ياكى ئەنەنىۋى قاراش بىلەن بازاردىكى ئىپادىسى ئانچە ئوبدان ئەمەس،سۇغۇرتا شېركەتلىرى بۇنداق پېيى بازارغا سېلىنغان شېركەتلەرنىڭ پېيىنى كونترۇل قىلىش ئارقىلىق شېركەت باشقۇرۇش ھۇقۇقىغا ئىرىشىپ نۇقۇل سۇغۇرتا كەسپىدىن كاپىتال بازىرىنىڭ باشقا تەرەپلىرىگە تەرەققى قىلىپ تېخىمۇ چوڭ ئىقتىسادى ئۈنۈمگە ئېرىشىشى مۈمكىن،
ئۇمۇمەن بۇ قېتىم سۇغۇرتا مەبلغىنىڭ چوڭ كۆلەمدە ئۆي مۈلۈك پايلىرىغا قول سېلىشى،كەلگۈسىدىكى سالماق پايلارغا ئالدىن قول سالغانلىق،ئۇلارنىڭ باشقۇرۇش قاتلىمىغا كىرىپ ئىلغار بازار ئېچىش قەدىمىنى تېزلىتىش ۋە ھاياتى كۈچكە ئىگە بولغان ساغلام مۈلۈك بازىرىنى بەرپا قىلىش مۈمكىن،چۈنكى بانكا ۋە باشقا ئاكسيە پايلىرىنىڭ باشقۇرۇش قاتلىمى نىسبەتەن ئىلغار،پايدىنى زۇر ئىلۋاتقان مۈلۈك شېركەتلىرىنىڭ باشقۇرۇش قاتلىمى مۈرەككەپ،كىرزىسكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىز،ئۇنى تۈزەش تەرتىپكە سېلىشتا بۇ خىل ئۇسۇل بازار تېپىشى مۈمكىن ئەلبەتتە ئاكسيە كومىتىتى پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ بۇ ئۇيانغا ئىجازەت بەردى، دىمەك ئۇششاق پايچىلار كېىينكى قەدەمدە باۋلى،بېجىن شەھەر قۇرۇلىشى،ۋە شوكەي پېيى قاتارلىقلارنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا دىققەت قىلىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن...
پاي بازىرى خەتەرگە تولغان بازار،ئۇششاق پايچىلار قاتتىق ئويلىشىپ كىرىشى كېرەك،،،
|