قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 946|ئىنكاس: 3

تارىختا يۈز بەرگەن پۇل مۇئامىلە كىرىزىسلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

5

دوست

1313

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   31.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  44545
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 396
توردىكى ۋاقتى: 135
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-22 16:26:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   payqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-22 16:41  

1.  1637 -يىلدىكى كۈركۈم گۈلى قىزغىنلىقى
17-ئەسىردە گوللاندىيىدە كۈركۈم گۈلى بىرخىل ئىنتايىن خەتەرلىك نەرسە بولۇپ قالغانىدى .1637-يىلىدىن بۇرۇنقى مەزگىللەردە ، كۈركۈم گۈلى يەردەئۆسىدىغان ئاددى بىر ئۈسۈملۈك بولسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ باھاسى نەچچە يۈز ھەسسە ،ھەتتا نەچچە مىڭ ھەسسە ئۆرلەپ كەتتى .بىر تۈپ كۈركۈم گۈلىنىڭ باھاسى 20نەپەربىجىرىم ئىشچىنىڭ بىر ئايلىق كىرىمىنىڭ يېغىندىسىغا تەڭلىشىپ قالغانىدى. ھازىركۆپچىلىك شۇنى ئورتاق ئىتىراپ قىلدىكى ، بۇ ھازىرقى زامان پۇل -مۇئامىلەتارىخىدىكى تۈنجى قېتىملىق لەيلىمە سودا ( كۈپۈك ) ئىدى .
2.  1720-يىلىدىكى جەنۇبى دېڭىز كۆپۈكى
1720-يىلى ۋەيران بولغان جەنۇبى دېڭىز شىركىتى پۈتكۈل لوندۇننىڭ پۇل -مۇئامىلە ئىشلىرىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتتى .17-ئەسىردە ئەنگىلىيەئىقتىسادى تازا روناق تاپقانىدى .ئەكسىچە ، كىشىلەر مەبلەغنى ئىشلەتمەي بىكارقويۇپ قۇيۇپ ، زاپاس كاپىتالنىڭ زىيادە كۆپىيىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .ئەينى ۋاقىتتا پاي چېكىنىڭ تارقىلىش مىقدارىمۇ ئىنتايىن تۈۋەن بولۇپ ، پاي چېكىگە ئىگەبولۇشنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل ئالاھىدە ئىمتىياز بولۇپ قالغانىدى . شۇ سەۋەبتىن ،جەنۇبى دېڭىز شىركىتى ناھايىتى زور پايدىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ سودا پۇرسىتىنى ئىزدەپ ، ھۈكۈمەت سودىسىنى ئىگىلىك باشقۇرۇشنىڭ ئالاھىدە ھوقۇقى بىلەن ئالماشتۇردى، چۈنكى ئەينى چاغدا خەلقنىڭ پاي چېكىگە بولغان ئىشەنچى ئاشقاندىلا ، ئاندىن زايۇمنىڭ پاي چېكىگە ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، پاي باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى تىزلەتكىلى بولاتتى.
1720-يىلى پاي چېكىنىڭ تارقىتىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ، جەنۇبى دېڭىز شىركىتى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ سېتىۋالغان پاي چېكى پۇلىنى مۇددەتكە بۆلۈپ تۈلەشتەك يىڭى ئوسۇلنى قوبۇل قىلدى . بۇنىڭ بىلەن مەبلەغ سېلىش ئىنتايىن جانلىنىپ، پاي چېكى بىلەن تەمىنلەش ئىھتىياجنى قاندۇرالماي ، پاي باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، ئەسلىدىكى باھادىن 100فوندسىتىرلىڭدىن ئارتۇقراق ئۆرلەپ كەتتى . ئەمەلىيەتتە ، شىركەتنىڭ ئەمەلى ئۇتۇقلىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ مۆلچەرى ئوتتۇرىسىدا ئېغىر دەرىجىدە زىتلىق بار ئىدى .كىيىن <<پۇل- مۇئامىلەئالدامچىلىغى ۋە ھايانكەشلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنى >> پارلامىنتتاماقۇللانغانلىقتىن ، پەردە ئارقىسىدىكى كىشىلەر ۋە ھۈكۈمەت ئەمەلدارلىرى پايچېكىنى تۆكمە قىلىپ ساتتى ، نەتىجىدە جەنۇبى دېڭىز شىركىتىنىڭ پاي چېكى بىراقلاچۈشۈپ ، بۇ ساھەنى بىر مەھەل قاپلىغان جەنۇبى دېڭىز كۆپۈكىمۇ شۇنىڭ بىلەن تىنجىدى.
3.   1837- يىلىدىكى كىرىزىس
1837- يىلىدىكى ئامرىكىنىڭ ئىقتىسادى كىرىزىسى بانكا كەسپىنىڭ تارىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى .ئەينى چاغدا قىممەت مىتاللار كەمچىل ،يەنە كىلىپ بانكىنىڭ تارقاتقان قەرز پۇللارنى نەقلەشتۈرۈش كۈچى بولمىغاچقا ، ئۇدا چىكىنىشكەمەجبۇر بولدى ، بۇ قېتىمقى كىرىزىس ئېلىپ كەلگەن ئىقتىسادى كاساتچىلىق تاكى1843-يىلىغىچە داۋاملاشتى . كىرىزىسنىڭ سەۋەبى كۆپ تەرەپلىمىلىك بولۇپ ، بۇلارئاساسلىقى قىممەت مىتاللارنىڭ فىدراتسىيە ھۈكۈمىتىدىن شىتاتلىق بانكىلارغا ئۆتكۈزۈۋېلىنىپ ، زاپاس مەبلەغنىڭ چېچېلىپ كىتىشى ، مەركەزلىك باشقۇرۇشنىڭ تۇسالغۇغا ئۇچرىشى ، ئەنگىلىيە بانكىلىرىدىن كەلگەن بېسىم ، زاپاس مەبلەغنىڭ چېچىلىپ كىتىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامرېكا ئىقتىسادى مىخانىزمىنىڭ مۇقىمسىزلىغى قاتارلىقلار ...
4.  1907-يىلىدىكى بانكا كىرىزىسى
1907- يىلى 10- ئايدا ، ئامېرېكىدا بانكا كىرىزىسى پارتلىدى.نيۇيوركتىكى بانكىلارنىڭ يېرىمى دىگۈدەك ئۆزىنىڭ قەرز مەبلىغىنى يۇقىرى ئۈسۈم بىلەن قايتۇرىدىغان ھاۋالە مەبلەغ شىركەتلىرىگە رەنىگە قويۇش ھىسابىدا ،  پاي چېكى ۋە زايۇمغا سېلىۋەتكەن بولغاچقا ، پۈتكۈل پۇل مۇئامىلە بازىرى ناھايىتى ئېغىردەرىجىدىكى ھايانكەشلىك ھالىتىگە كىرىپ قالدى .
5.   1929- يىلىدىكى زورھالاكەت
ۋۇل سترېت كۇچىسىنىڭ ۋەزىيىتى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ كەسكىن دەقىقىلەردە تۇراتتى .1922-يىلىدىن 1929- يىلىغىچە ، ئامېرىكىنىڭ مىسلىسىزگۈللىنىشى ۋە يۇقىرى مائاش تەمىناتى نۇرغۇنلىغان ئامېرىكىلىقلارنى ۋول سىترىت كۇچىسىدىكى ئەسەبى ھايانكەشلىك قاينىمىغا سۆرەپ كىردى ، پاي چېكى بازارلىرى ناھايىتى تىز ئاۋاتلىشىپ ، ئەڭ ئاخىرىدا پاي چېكى ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ،شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ، ھەتتا پۈتۈن دۇنيانى قاپلىغان پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى پارتلىدى .
6.    1987- يىلىدىكى قارارەڭلىك دۈشەنبە
1987- يىلى ، ئۆزلۈكسىز يامانلىشىۋاتقان ئىقتىساد ۋە ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنىڭ كۈنسايىن جىددىلىشىشى ،ۋول سىترىت كوچىسىنىڭ زور ھالاكىتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ، مانا بۇ<< قارا رەڭلىك دۈشەنبە >>دۇر. بۇنىڭ تەسىرىدەئۆلچەملىك پۇل كۆرسەتكۈچى %20تەك تۈۋەنلەپ ، سانسىزلىغان كىشىلەر ئازاب-ئۇقۇبەت پاتقىقىغا پاتتى .
7.   1994-يىلىدىكى مېكسىكا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى
1994-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە ، مېكسىكىدا پىسونىڭ پېرىۋۇت نىسبىتى ۋە پاي چېكى باھاسى شىددەت بىلەن تۈۋەنلەپ كىتىشتەك پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى يۈزبەردى .بۇ پەقەت لاتىن ئامېرىكىسى پاي بازىرىنىڭلا كاساتلىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماستىن ، ياۋرۇپا، يىراق شەرق ، شۇنداقلا پۈتكۈل دۇنيادىكى پاي بازارلىرى كۆرسەتكۈچىنىڭ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تۈۋەنلەپ كىتىشىگە سەۋەب بولدى .
8.    1997- يىلىدىكى ئاسىيا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى
1997- يىلى 7- ئايدا ، تايلاند مۇقىم پىرىۋۇت نىسبىتى تۈزۈمىدىن ۋاز كەچكەنلىگىنى جاكارلاپ ،لەيلىمە پىرىۋوت نىسبىتى تۈزۈمىنى يولغا قويدى ، شۇنىڭ بىلەن شەرقى جەنۇبى ئاسىيادا بىر مەيدان پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى پارتلىدى .شىياڭگاڭنىڭ  كۆرسەتكۈچى خېلىلا تۈۋەنلىدى ، كورىيىدىمۇ پۇل مۇئامىلەكىرىزىسى پارتلىدى ، ياپۇنيىنىڭ بىر قىسىم بانكا ۋە ئاكسىيە شىركەتلىرى ئارقا -ئارقىدىن ۋەيران بولدى . شەرقى جەنۇبى ئاسىيا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى ئاخىرىدا ئاسىيا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىغا ئايلاندى .
9.    2008- يىلدىكى ئامېرىكا ئىككىلەمچى قەرز كىرىزىسى
لېھمان ئاكا- ئۇكا شىركىتىنىڭ ۋەيران بولۇشى ، مېررىل ليىنچ بانكىسىنىڭ ئەرزان باھادا سېتىلىشى،مورگان ستانلىينىڭ بىرلىشىشنى تەلەپ قىلىشى قاتارلىقلار ئامېرىكا ئىككىلەمچى قەرزكىرىزىسى پەيدا قىلغان دولقۇننى يەنە بىر دەرىجە يۇقىرى كۆتىرىپ ئامېرىكا پۇل مۇئامىلە سېستىمىسىنى خېلىلا تەۋرىتىپ قويدى ، شۇ سەۋەبلىك دۇنيا ئىقتىسادى غايەت زور بېسىمغا دۇچ كەلدى .


uyghuray

0

تېما

2

دوست

2789

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   26.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  44993
يازما سانى: 266
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 826
توردىكى ۋاقتى: 129
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-22 18:01:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1640 -ىنچى يىللاردا يۈز بەرگەن ئىتالىيە بانكىسىنىڭ بانكا چىكى (پايچەك) ۋە شەرقى ھىندىستان شىركىتىنى تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ

0

تېما

0

دوست

2439

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   14.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26983
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 766
توردىكى ۋاقتى: 158
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-22 21:28:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياۋرۇپا گىرىتسىيە كىرزىسى چالاقاپتۇ.

0

تېما

1

دوست

2147

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  38391
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 674
توردىكى ۋاقتى: 157
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-22 23:21:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2013-يىلدىكى گۇما ناھىيسىدىن باشلانغان خوتەندىكى گۈل چاي سودىسى 1637 -يىلدىكى كۈركۈم گۈلى قىزغىنلىقىغا ئوخشاپ قالىدىكەن
uyghuray
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )