- تىزىملاتقان
- 2015-10-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1064
- نادىر
- 0
- يازما
- 39
ئۆسۈش
6.4%
|
ئۇچ ئايلىق مۇساپىرەتكە ئاخىرقى چىكىتنى قۇيۇشقىمۇ ئاللاھ خالىسا ئازغىنە ۋاقىت قالدى ، ئانامنىڭ باغرىغا قايتىدىغان ۋاقىت ئاز قالغانسىرى بارلىق ئەس-يادىم ، ئوي-خىياللىرىم مىھىرلىك ئاشۇ قوي كۆزلەرگە ، قەلىبلەرگە ، تونۇش چىرايلارغا بەنت ئىدى .بارى يوق ئۇچ ئاي ئىچىدە قانچىلىك زارىقتىم ، سىغىندىم ، سىقىلدىم ، مۇھتاج بولدۇم ، بۇنى دەپ ئولتۇرمىساممۇ ، قىرىنداشلىرىمنى چۇشىنىدۇ دەپ ئويلايمەن . ياقا يۇرتتا ئاخىرقى ھىسلىرىم تۇنجۇقۇپ قالمىسۇن دەپ خاتىمە سۇپىتىدە قەلەم تەۋرىتىشنى ئويلاپ قالدىم ، بۇ قىتىم مەن دەرد تۆككۇچى مۇساپىر ئەمەس ، نائىلاجلىق بىلەن مۇھتاجلىق قاچىسىنى كۆتۈرۈپ ئوتتىرىغا چىقىشنى ئويلاپ قالدىم ، گەرچە باشتىكى يازمىلىرىمدا بەزى قىرىنداشلىرىم ئىچىڭلارنى سىقىپ قويغان بولساممۇ ،بۇ قىتىم ئاخىرقى بىر قىتىم ئەڭ ئاخىرغىچە ئوقۇپ چىقىشىڭلارنى ئومۇد قىلىمەن .
ئىنىستىتوتىمىزنىڭ سىكىرتارى شىنجاڭلىق ئوقوغۇچىلاردىن ھال سوراش يىغىنىدا( قىز ئوغۇل ئايرىم ) :سىلەر مۇھەببەتلەشسەڭلەر مەيلى ، لىكىن ياتاق ئىچىپ قالماڭلار ، ھەربىر ئوقوغۇچىنىڭ كىملىك ئۇچۇرى بىزنىڭ تەكشۇرۇش ئەسلەھەلىرىمىز بىلەن ئۇلاغلىق دىدى ، ئۇنىڭ گىپىنىڭ ئورامىدىن قارىغاندا بۇ ھەرگىز بىر ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئەمەس ، بەلكى بىر نەچچە قىتىم سادىر بولغان، ئىسلامىي مىللەتكە بولغان ئىغىر ھاقارەت سانىلىدىغان ئىشقا چىقىرىلغان ئەسكەرتىش ؛
بىر نەچچە قىز بالىنىڭ يات مىللەتتىن بولغان ئوغۇل دوستى بارلىقىنى ، ئۇ قىز بىلەن تونۇش يىگىتلەرنىڭ ئۇنىڭغا تەربىيە قىلسىمۇ ، بۇ قىزچاق مۇھەببەتكە بەك سادىقمۇ ياكى قانداق بىلمىدىم ، ئىشقىلىپ تەربىيە قىلغانلارنىڭ نەتىجىسىنىڭ چىقمىغانلىقىنى دوسلىرىمدىن ئاڭلىدىم ؛
ئوغۇل قىزلار ئارىسىدىكى ئاران ساقلىنىپ قىلىۋاتقان بولۇپمۇ يات دىياردا ساقلاش تىخىمۇ قىيىن بولغان پەدىشەپنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇپ ، ئوغۇل بالىغا قىز بالىغا مۇھەببەت ئىزھار قىلىش پۇرسىتى ھازىرلايدىغان سورۇن تەييارلاپ ناخشا ئوقۇپ ، ئۇسسۇل ئويناپ ، بالىلارنى ئەتراپىغا يىغىپ دەللاللىق قىلغان ، يات مىللەتنىڭ بىزنىڭ قىزلىرىمىزغا كۆز تاشلىشىغا يوچۇق ئاچقان بەزى لاتاغىلاپ خومسىلارنىڭ بارلىقىنىمۇ ئاڭلىدىم؛
يات جىنىسلار ئارا دوست بولۇشنى ، ئوغۇل قىزلار ئارا مۇھەببەتلىشىشنى ئىدىيەنى ئەركىن ، ئۆزىنى ئازادە تۇتۇشقا ياردىنى بولىدۇ دىگەندەك ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچى سۆھبىتىگىمۇ ھەم قاتناشتىم؛
باشقا مىللەت بىلەن باشقا غەيرى مۇناسىۋىتى يوق ، لىكىن پەردىشەپنى ساقلىماي بەزى چاقچاقلارنى قىلىشىۋاتقان كىشىلەرنىمۇ ئۇچراتتىم ؛
ئۆزىنىڭ ئۇگۇنىشى بىلەن ، يۇرۇش، تۇرۇش ، كىيىنىش جەھەتتە ھىچ بىر نۇقسان تىپىش مومكىم بولمايدىغان يات جىنىستىكىلەر تىكىلىپ قارىيالمايدىغان بەزى ئۇيغۇر قىزلىرىنىمۇ ھەم ئۇچراتتىم؛
ئۇچراشلار ، ئاڭلاشلار پەقەت بىر قاراپ قويۇش ، بىر ئاڭلاپ قويۇش بىلەن چەكلىنىپ قالمىدى ، نارازى بولغانلار چىقتى ، تەربىيە قىلغانلار ھەم چىقتى ، ئاگاھلاندۇرغانلارمۇ ھەم چىقماي قالمىدى ، لىكىن ھىچ بىر ئۆزگۈرۇشتىن سادا چىقمىدى . بەزىلەر ئۆزى توغرا دەپ بىلگەن يولدا ئۆز ئۇگىنىشى بىلەن ، نۇرمال پائالىيەتلىرى بىلەن ھىچ بىر شالتاقنى ئۆزىگە يۇقتۇرماي داغدام يول بىلەن مەردانە ماڭدى ، يەنە بەزىلەر بۇ ئازگالغا شۇ قەدەر پاتتىكى ، شەيتاننىڭ چالغان دىپى ھەرقانداق بىر سادانى بىر چەتكى ئۇچۇرۋەتتى ، ھەم ھازىمۇ شۇ داپقا ئۇسۇل ئويناپ داۋاملىق پاتقاققا پىتىۋاتقانلار بار . بىز بۇيەردە ھىچ بىر ئىشنى ئۆزگەرتەلمىدۇق ، چۇنكى بۇلارنى توغرا يولغا ھەقىقىي باشلايدىغان ئاتا-ئانىسى بۇ يەردە يوق ، ھەق يولنى تونۇشنىڭ يوللىرىدىن بىرى بولغان تارىخ بۇ يەردە يوق ، قىز ئوغۇل ئوتتىرسىدىكى غەيرى مۇناسىۋەتنى كۆرسە توسۇدىغان ئۇيغۇر مۇئەللىم مۇئەللىمەلەر ، ئاناڭغا دەپ قوياي ئويلەپ قويسۇن دەيدىغان تەربىيىچى ئۇستازلار ھەم يوق ، بىز شۇ قەدەر چارىسىز قالدۇق ، ئەسلى ئايال تۇزەلسە ئىللەت ھەم تۇزىلىدۇ ، ئىللەتلىك شەخىسلەر تۇزەلسە مىللەت مەيلى قايسى تەرەپتىن بولسۇن تاكامۇللۇققا قاراپ يول ئالىدۇ . شۇ سەۋەبتىن مۇنۇ قۇرلارنى يىزىۋاتىمەنكى بالىلىرىنى ئىچكىرىدە ئوقۇتىۋاتقان ھورمەتلىك ئاتا ئانىلار مەن بۇ يەردە تۇرۇش جەريانىدا شۇنى ھىس قىلدىمكى ، يۇرتتىمۇ شۇنداق بىر چۇشەنچىگە كەلگەن ھەرقىسىم شالتاقلارنى ئۆزىگە ئاسان يۇقتۇرىۋالىدىغانلار ئاساسەن شۇ كىتابقا بولغان قىزىقىشى سۇس ، ياكى كىتاب ئوقىمايدىغان كىشىلەر ئىكەن ، بۇلار مىللەتنىڭ شانلىق ۋە قانلىق تارىخىدىن خەۋەرسىز ئىكەن ، ئەركىن سىدىق ئاكىمىز دىگەندەك شەخىسنىڭ تەقدىرى مىللەتنىڭ تەقدىرىگە باغلاغلىق ، بۇ كىتاب ئوقۇش بىلەن خوشى يۇق قىرىنداشلىرىمىز بۇ يەردىكى ئىچكى باغلىنىشنى بىلمىگەنلىك سەۋەبىدىن ، كىتابنىڭ ئىنسان روھىيىتىدىكى كاۋاكلارنى تىندۇرىدىغان شىپالىق رولىنى بىلمىگەنلىكتىن، مىللەت تارىخىنىڭ مىللىي غۇرۇر ھەم مىللى كىملىك ئۆزلۇكنى تۇنۇتىدىغان ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنلىكتىن ، ئىدىيە جەھەتتە ئەركىن بولۇشنى تەشەببۇس قىلىشلار كۆزىگە چىرايلىق كۆرىنىۋاتقان بولىشى مومكىن . مەن بارلىق ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان قىرىنداشلىرىمنى بىر تاياقتا ھەيداۋاتقان يىرىم يوق ، مەن پەقەت مەسىلە سادىر بولىۋاتقان ئاز بىر قىسىم ئۇستىدە توختىلىۋاتىمەن . يا ھۆرمەتلىك ئاتا ئانا بالىڭىز كىتابنى تىخى قولىغا ئالمىغان بولسا قولىغا ئالدۇرۇڭ ، قىزىقمىغان بولسا قىزىقتۇرۇڭ ، چۇنكى كىتاب بولۇپمۇ تارىخىي كىتاب توغرا يولنى تىپىشتىكى نۇرغا ئايلىنالايدۇ ، مىسالان ئۆزۇممۇ كىتاب ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ھىدايىتى بىلەن تۇغرا يولنىڭ نىمىلىكىنى بىلگەن بىر غىرىپ مەن. ناۋادا بالىڭىز كىتابتكى ئەجدا ئۆگۇتىنى ، قالدۇرغان ساۋاقلىرىنى ، ئىپپەت ھايا تەڭلىمىسىنى ، ئۇيغۇرنىڭ قانداق توپ ئىكەنلىكىنى بىلمىسە ئىچكىرىدە بولۇپمۇ بۇنداق ئاگاھلابدۇرغۇچى ئاز بولغان يەردە ئاسانلا ئىزىپ كىتىدۇ ، سىز تىكلەپ بەرگەن كەلگۇسىدىكى بەخىتلىك ھايات ، گۇزەل كەلگۇسىنى يارىتىش فورمىلاسى تىكلىگەن ئىگىز مۇنار بىر قەدەمنى خاتا بىسىش بىلەن ھەم گۆمۇرلىپ چۇشىدۇ . يەنە ئەسكەرتىپ ئۆتەيكى ئىچكىرىدە ئىتىقاد ئاتلىق قىلىچ ، مىللىي غورۇر ئاتلىق قالقان بولمىسا روھىيەت تىزلا ياۋ تەرىپىدىن قۇل قىلىنىش خەپىگە دۇچار بولىدۇ . ئۆز تارىخىنى ، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بىلمىگەن شەخىسنىڭ مەۋجۇتلىقىنىڭ يوقىلىش بىلەن بولغان ئارلىقى پەقەت بىر نەچچە قەدەم . مۇراجىتىمگە ئىتىبار بىرىدىغانلارنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىمەن ، ياراتقۇچى بىزنى توغرا يولنى تىپىشمىزغا ياردىمىنى ئايىمىسۇن ، كىتاب بىلەن ئۆزىنى تونۇش ياراتقۇچىنىڭ توغرا يولنى كۆرسىتىپ بىرىشىگە سەۋەب بولسۇن .
تەڭرىنىڭ ئىنسانغا كۆپتۇر تارتۇقى ، ئىلىمدۇر بىباھا ، قازسا پۇتمەس كان ،
ئەقىل ۋە ئەدەپتىن يوقتۇر ئارتۇقى ، ئىلىمدىن باشقىسى كىمگە ئەسقاتقان.
- ئابدۇقادىر داموللام
|
|