بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qummehelle تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-25 08:45
باغداد شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇشى مىلادىيە 762 –يىلى، يازنىڭ مەلۇم بىر كۈنى. چاڭ توزۇتۇپ كېلىۋاتقان بىر توپ ئاتلىقلار يېيىلىپ ئېقىۋاتقان دەجلە دەرياسىنىڭ بويىداتوختىدى. ئاتلىقلارنىڭ ئىچىدە چاققانغىنە قارا رەڭلىك ئوۋ كىيىمى كىيىۋالغان، تەلەتى ۋە تەقى – تۇرقىدىن سۈر – ھەيۋىسى، ئەقىل - پاراسىتى مانا مەن دەپ بىلىنىپ تۇرىدىغان بىرەيلەن ھەممىنىڭ ئالدىدا ئاتتىن چۈشتى. باشقىلارمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاتلىرىدىن چۈشۈشتى. قارا كىيىملىك كىشى ئاتنىڭ چۇلۋۇرىنى يېنىغا يۈگۈرۈپ كەلگەن چاپارمەنگە تۇتقۇزۇپ قويۇپ، سەل نېرىراقتىكى دۆڭگە قاراپ ماڭدى. ئۇنىڭغا سالاپەتلىك كەلگەن بىر كىشى ئەگەشتى. قارا كىيىملىك بۇ كىشى ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ خەلىپىسى مەنسۇر[①]،ئۇنىڭغا ئەگەشكىنى بولسا خەلىپىلىكنىڭ باش ۋەزىرى خالىد بەرمەكى[②]ئىدى. خەلىپە مەنسۇر چوڭ چامداپ دۆڭنىڭ ئۈستىگە چىقتى ۋە قىرغاق يالاپ ئېقىۋاتقان دەجلە دەرياسىغا نەزەرتاشلىدى. ــ قانداق چىرايلىق مەنزىرە – ھە! ــ دېدى خەلىپە مەنسۇر دەريادىن كۆزىنى ئۈزمەي. خالىد بەرمەكى پاراسەت نۇرى چاقناپ تۇرغان كۆزىنى خەلىپىگە تىكتى، خەلىپىنىڭ چېھرىدىن تەسۋىرلىگۈسىز خۇشاللىق يېغىپ تۇراتتى، ئۇ بۇنىڭدىن قانداقتۇر بىر نەرسىنى سەزگەندەك بولدى. ــ ئەمىرۇل مۆمىننىڭ كۆڭلىدىن قانداق گۈزەل خىيال كەچتىكىن؟ ــ دېدى خالىد بەرمەكى. ـــ قەدىرلىك ۋەزىرىم، تۆۋەنگە بىر قاراپ بېقىڭ، ـــ دېدى خەلىپە مەنسۇر تۆۋەننى كۆرسىتىپ، ـــ بۇ قېتىمقى ساياھىتىمدە قولغا كەلتۈرگەن ئەڭ چوڭ ھاسىلاتىم مۇشۇ يەردىن باشلانغۇسى. خالىد بەرمەكى خەلىپە كۆرسەتكەن ياققا قارىدى: ــ سۇلالىمىزنىڭ بەخت – تەلىيى دەل سىز، ئەمىرۇل مۆمىن. ــ ئاغام سەففاھ[③]ھايات ۋاقتىدا كۇفەنىڭ يېنىدىكى ھاشىمىييەھنى قارارگاھ قىلغانىدى، كېيىنچەئەنبارغا يۆتكىلىپ ھاكىمىيەت تۇتتى. ھالا بۈگۈنكى كۈندە سۇلالىمىز گۈللىنىپ، جاھاننىڭ كۆزى بىزگە تىكىلدى. شۇنداقكەن، سۇلالىمىزنىڭ شانۇ شاۋكىتىگە ماس بولغان پايتەختىمىز بولمىسا بولماس، ــ دېدى خەلىپە مەنسۇر. ــ پېقىرئالىيلىرىنىڭ مەقسىتىنى ئەمدى چۈشەندىم. بۇ يەر ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىكەن، ــ دېدى خالىد بەرمەكى تېتىكلىشىپ، ــ ئەنە كۆرۈنۈپ تۇرغان يەردە ئەينى ۋاقىتتا سەلتەنەت سۈرگەن ساسانىيلار سۇلالىسى[④]پايتەختىنىڭ خارابىسى يېتىپتۇ. ساسانىيلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا قانداق دەۋران سۈرگەنلىكى سىزگە ئايان. بۈگۈنكى كۈندە جاھاننىڭ كۆزى بىزگە تىكىلىۋاتىدۇ، ئەلھال پايتەختىمىز بۇ يەرگە قۇرۇلسا، خانىدانلىقىمىزنىڭ سەلتەنىتى مەڭگۈلۈك بولغۇسىدۇر. ــ بۇ جاي ھەقىقەتەن ياخشىكەن، ــ دېدى خەلىپە مەنسۇر، ــ مەشرىق تەرىپى دەجلە دەرياسىغا، مەغرىب تەرىپى فىرات دەرياسىدىكى ئارالغا يېقىنكەن، سودا – سېتىققا تازا باب كەلگۈدەك. ۋاسىت، بەسرە، ئۇبۇللە، ئەھۋاز، پارس، ئومان، يەمامە، بەھرەيىندىن؛ شۇنىڭدەك بۇلاردىنمۇيىراق جايلاردىن چىققان كېمىلەر فىرات دەرياسى بىلەن بۇ يەرگە كېلىپ توختىسا بولىدىكەن. مۇسۇل، ئەزەربەيجان، ئەرمىنىيە قاتارلىق جايلاردىن دەجلە دەرياسى بىلەن كەلگەن سودا كېمىلىرى، دىيار مۇزەر، رەققە، سۈرىيە، چېگرىدىكى مىسىر، ئافرىقىنىڭ شىمالى قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن، فىرات دەرياسى بىلەن كەلگەن سودا كېمىلىرىمۇ بۇ يەردەتوختىيالايدىكەن. بۇ يەر يەنە ئىسفاھان ۋە خۇراسانلىق ئاھالىلەرنىڭ ماڭىدىغان يولى ئىكەن. قەدىرلىك ۋەزىرىم، مەن بۇ يەرگە بىر شەھەر بىنا قىلىشنى، بۇ يەردە ئۆمۈربويى تۇرۇشنى قارار قىلدىم. خەلىپە مەنسۇرنىڭ ۋەزمىن ۋە كەسكىن ئېيتقان سۆزلىرىدىن ھاياجانلانغان خالىد بەرمەكى ئۇنىڭ سۆزىنى دەرھال تەستىقلىدى ۋە: ــ پەم – پاراسىتىڭىزگەۋە يىراقنى كۆرەرلىكىڭىزگە بارىكاللا ئالىيلىرى. سۇلالىمىز كۈندىن – كۈنگە قۇدرەت تېپىۋاتقان بولسىمۇ، بەزى جايلارنىڭ تىنچلىقى تېخى ئەمەلگە ئاشمىغانىدى، بۇنىڭ سەۋەبى نۇرغۇن ئاھالە ئىشسىز ۋە سەرسان ئىدى. قورساقنىڭ توق بولماسلىقى كىشىنى ھەركويغا سالىدۇ، بۇ ھەممىمىزگە ئايان ھەقىقەت. شەھەر قۇرۇلۇشىنى قانچە بالدۇر باشلىيالىساق، ئىشسىز قالغان ھۈنەرۋەن، كاسىپلار ۋە ئاددىي خەلق ئىش ئورنىغا ئىگەبولاتتى – دە، ئۇلارنىڭ كۆڭلى شۇنچە تېز ئەمىن تاپاتتى. ئى ئەمىرۇل مۆمىن، پېقىر بۇخەيرلىك ئىشقا ھەرۋاقىت پەرمانبەردارمەن! قۇرۇلغۇسى پايتەختىمىز جاھان مىقياسىدائەڭ ئاۋات شەھەرگە ئايلانغۇسى، ـــ دېدى. ــ ئىرادىڭىزدىن سۆيۈندۈم، ۋەزىر، ــ دېدى خەلىپە مەنسۇر رازىمەنلىك بىلەن خالىد بەرمەكىگە قاراپ. خالىد بەرمەكى بۇنىڭغا جاۋابەن خەلىپىگە ئېگىلىپ تازىم قىلدى. مانا مۇشۇ قىسقا سۆھبەت شەھەر قۇرۇشنىڭ يۇپۇقىنى قايرىدى، ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي پايتەخت قۇرۇلۇشى رەسمىي باشلاندى، خەلىپە مەنسۇر بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. تەرەپ – تەرەپكەچاپارمەن ماڭدۇرۇلدى. مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن نۇرغۇن بىناكارلىق ئۇستىلىرى، ھۈنەر – سەنئەت ئۇستىلىرى، مەلىكىلىك ئىشچىلار، نەققاشلار، خۇمدانچىلار ۋە باشقا ھەرتۈرلۈك ئۇستىلار شەھەر قۇرۇلۇش مەيدانىغا قاراپ سەلدەك ئاقتى. قۇرۇلۇش مەيدانىدىكى قىزغىنلىق ئۇدا تۆت يىل داۋاملىشىپ، ئوردا – قەسىر، باغچە ۋە باشقا ھەشەمەتلىك ئۆي – ئىمارەتلەر بىلەن بېزەلگەن كاتتا شەھەر دەجلە دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا قەد كۆتۈردى. شەھەر سوقىچاق شەكىلدە بولۇپ، ئۈچ سېپىل ئوراپ تۇرىدىغان قىلىپ سېلىنغانىدى. شەھەرنىڭ مەركىزىدە خەلىپىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك ئوردىسى قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. يىراقتىن قارىغاندا ئاجايىپ ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى. شەھەر قۇرۇلۇشى تامام بولغان كۈنى خەلىپە مەنسۇر پۈتۈن ۋەزىر – ۋۇزرالىرىنى ئەگەشتۈرۈپ شەھەرنى كۆزدىن كەچۈردى. ــ ۋەزىرلىرىم، بۇ شەھەرنىڭ نامىنى نېمە دېسەك مۇۋاپىق بولۇر؟ ــ دېدى خەلىپە مەنسۇر كېمىر تورۇسلۇق ھەيۋەتلىك قوبۇل زالىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ. خەلىپىگە ئەگىشىپ زالغا كىرگەن ۋەزىرلەر بىر – بىرىگە قارىشىپ تۇرۇپ قېلىشتى، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى خەلىپىنىڭ ئالدىدا چىش يېرىپ بىرنەرسە دېيىشنى خوپ كۆرمەيتتى. ئارىدىن بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن باش ۋەزىرخالىد بەرمەكى بۇ بۇرۇقتۇملۇقنى بۇزۇپ سەپنىڭ ئالدىغا ئۆتتى ۋە: ــ ئەمىرۇلمۆمىنگە مەلۇم بولغايكى، بۇ شەھەرنى بىنا قىلىشقا تۆت يىل ۋاقىت، 4 مىليون 883 مىڭ دەرھەم ئاقچا[⑤] سەرپ قىلىندى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى تۈمەنلىگەن كىشىلەر بۇ يەردىن نەپكە ئېرىشىپ، ئاھالىنىڭ كۆڭلى ئەمىن تاپتى. بۇ يەنىلا سىزنىڭ قەتئىي قارارىڭىزنىڭ كاتتا ھاسىلاتىدۇر. ئەي مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى، يەنىلا ئۆزىڭىز بۇ شەھەرنى مۇبارەك ئىسىم بىلەن ناملىغايسىز، ــ دېدى. ــ دەرۋەقە،يېڭى پايتەخت قۇرۇلۇشقا باشلىغاندىن كېيىن مەملىكەت مىقياسىدا باشقىچە جانلىنىش كۆرۈلدى. ھاكىمىيەت تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، تىنچ ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. بۇ شەھەر مانا مۇشۇ تىنچلىقنىڭ سىمۋولى بولغۇسىدۇر. شۇڭا، مەن شەھەرنىڭ نامىنى مەدىنەتۇسسەلام، يەنى تىنچلىق شەھىرى دەپ ئاتاشنى مۇۋاپىق كۆردۈم، ــ دېدى خەلىپەمەنسۇر. ۋەزىرلەرنىڭ ھەممىسى بىر ئېغىزدىن «بارىكاللا» دېيىشتى. بۇ يەردە ئۇزاقتىن بۇيان مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان «باغداد» نامىدا بىر كەنت بار ئىدى. شەھەرنىڭ نامى «مەدىنە تۇسسەلام» دەپ قويۇلغان بولسىمۇ، خەلق ئادەت بويىچە يېڭىدىن بەرپا قىلىنغان بۇ شەھەرنى «باغداد» دەپ ئاتاشتى. باغداد دېگەن بۇ نام بارا – بارا يېڭى پايتەختنىڭ رەسمىي نامىغا ئايلاندى. خەلىپە مەنسۇر بۇ جاينى ھەقىقەتەن توغرا تاللىغانىدى. سوقىچاق سېپىلنىڭ سىرتىغا غايەت زور سودامەركىزى بەرپا قىلىنغاندىن كېيىن، يېڭى قۇرۇلغان بۇ شەھەر ئۇزاق ئۆتمەي ھەممەقەدىرلەيدىغان جايغا، شەرق بىلەن غەربنىڭ سودىدا مال چۈشۈرىدىغان، مال تارقىتىدىغان ئورنىغا ئايلاندى. جاھان سودىگەرلىرى باغدادقا ئىنتىلەتتى، چۈنكى ئۇلار بۇنداق ئاۋاتلىقنى يەر يۈزىدىكى باشقا شەھەرلەردىن تاپالمايتتى. ئەمما، خەلىپەمەنسۇرنىڭ يۈرىكىدە باشقىچە بىر ئوت كۆيەتتى، يەنى باغداد تۈرلۈك ئىلىم ساھىبلىرى توپلاشقان، ھەرقايسى مەملىكەتلەردىن كەلگەنلەر ئىلىم تەلەپ قىلىدىغان ئىلىم – پەن مەركىزى بولۇشى كېرەك ئىدى.
[①] خەلىپە مەنسۇر ــــ ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ ئىككىنچى خەلىپىسى بولۇپ ، مىلادى 754 – يىلىدىن 775 – يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان. ئۇنىڭ ئەسلىي ئىسمى ئەبۇ جەففەر ئىدى، مەنسۇر ئۇنىڭ ھۆرمەت نامى بولۇپ، «غالىب» دېگەنلىك بولاتتى.
[②] خالىد بەرمەكى ــــ مەشھۇربەرمەكى جەمەتىنىڭ ئاساسچىسى بولۇپ، ئەسلىي ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئىدى. خالىد ناھايىتى قابىلىيەتلىك كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ جەمەتىدىكى نۇرغۇن كىشى ئابباسىيلارخەلىپىلىكىنىڭ داڭلىق ۋەزىرلىرى بولغانىدى.
[③] سەففاھ ـــ ئابباسىيلارخەلىپىلىكىنىڭ قۇرغۇچىسى، تۇنجى خەلىپە ئەبۇ ئابباس بولۇپ، سەففاھ ئۇنىڭ يەنە بىرنامى ئىدى، بۇنىڭ مەنىسى «كىشىنىڭ قېنىنى ئاقتۇرغۇچى» دېگەنلىك بولاتتى. ئۇ مىلادى750 – يىلىدىن 754 – يىلىغىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن.
[④] ساسانىيلار سۇلالىسى ــــ مىلادى 224 – يىلىدىن 651 – يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن ئىراندىكى ئىمپېرىيە ئىدى. 651– يىلى ئەرەبلەر مۇنقەرز قىلغان.
[⑤] سەئىد فەيياز مەھمۇد(پاكىستان)، «ئىسلام دىنىنىڭ قىسقىچە تارىخى» (1-توم، شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2014 – يىلى 7-ئاي 1-نەشرى، 1-باسمىسى)نىڭ 178-بېتىگەقارالسۇن.
|