بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kadirdolan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-25 15:55
دېھقانلارنىڭ چىقىش يۇلى نەدە؟ جىيا يې دولان تەرجىمىسى
2015-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى ئېچىلغان نامراتلىقنى ئازايتىش ۋە تەرەققىيات خەلقئارا مۇنبىرىدە، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى2020-يىلىغا بارغاندىكى نامراتلىقنى ئازايتىش نىشاننى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى،كەلگۈسى 5 يىلدا، جۇڭگو ھازىرقى ئۆلچەم بۇيىچە 70 مىليۇن نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىدۇ. دېھقانلارتارىختىن بۇيان نوقتىلىق نامراتلار تۇپى ھېساپلىنىدۇ، جۇڭگو دېھقانلىرىنىڭ نامراتلىق مەنبەسى « تۈزۈم خاراكتېرلىك كەمسىتىش » بۇلۇپ، دېھقانلارنى نامراتلىقتىن قۇتقۇزىش ئۈچۈن چۇقۇم « كەمسىتىش خاراكتېرلىك تۈزۈم » نى بىكار قىلىش لازىم. 1-، تۈزۈم خاراكتېرلىك كەمسىتىش پەيدا قىلغان نامراتلىق بۇ يىل10-ئاينىڭ 17-كۈنى جۇڭگونىڭ 2-قېتىملىق نامراتلارنى يۆلەش كۈنى، شۇنداقلا 23-قېتىملىق خەلقئارا نامراتللىقنى تۈگۈتىش كۈنى؛ بۇ كۈنى ئىككى ئاخبارات ۋاستىسى دىققەتكەسازاۋەردۇر، بىرى مۇنداق دەيدۇ « دۆلىتىمىزدىكى دېھقانلار ئاشلىقتىن مولھۇسۇل ئالغان بولسىمۇ بېراق ئاشلىقنىڭ باھاسى چۈشۈپ كەتتى؛ مەسىلەن: كوممە قۇناق باھاسى %20 دىن ئارتۇق چۈشتى، ئەڭكۆپ بولغاندا بۇلتۇرقىدىن %30 چۈشۈپ كەتتى؛ < ھۇسۇل ئاشسا باھا چۈشۈپ غەم باستى، قەرز ئالساق ئۆسۈم ئېشىپ غەم باستى. ھەممە ياقتاباياشاتلىق تەنتەنە، ئىشلەپ تۇرۇپ باي بۇلالماي غەم باستى > »؛ يەنە بىرى مۇنداق دەيدۇ « جۇڭگو روسىيەدىن ئاشلىق ئىمپورت قىلىش كېلىشىمى ئىمزالاپ،روسىيەدىن بۇغداي، قۇناق، گۈرۈچ، پۇرچاق، قىچا ئىمپورت قىلىش بىلەن بىرگە يەنە كالا گۆشى ۋە چوشقا گۆشى ئىمپورت قىلىش پىلانلانلىنىپ، < بىر بەلۋاغ بىر يول> ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرىش دېيىلدى »؛ ئىككى ئاخبارات ۋاستىسىنىڭ خەۋىرىنى بىرلەشتۈرسەك، دېھقانلارنىڭ ياشاش بوشلىقىنىڭ قايسى دەرىجىدە تارايغانلىقىنى ھىس قىلالايمىز. جۇڭگودىكى ئومۇمىي نامرات نوپۇس زادى قانچە؟ نامراتلىق ئۆلچىمى ھەرخىل بولغاچقا بەزىلەر 200 مىليۇن دېسە، بەزىلەر 40 مىليۇن دەۋاتىدۇ، بىرلىككە كەلگەن ئېنىق سان يوق؛ ئەممابىرنوقتىنى مۇئەييەنلەشتۈرىشكە بۇلىدۇكى، نامرات نوپۇسنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى دېھقانلاردۇر. دېھقانلارنىڭ نامرات بۇلىشىدىكى بىر ھەقىقەت شۇكى، دېھقانلار قانچەئىشچان بۇلۇشىدىن قەتئى نەزەر، مەيلى يېزىدا يەر تېرىسۇن ياكى شەھەردە ئىشلەمچىلىك قىلسۇن، نامراتلىق تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش بەسى مۈشكىل. نامراتلىقتىنمۇ قورقۇنچلىقى نېمە؟ ئاساسلىقى ئاجىزلار مەنپەئەتىنىڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىشىدۇر، تۈپ نېگىزىدىن ئالغاندا ئۇلار سىياسەتنىڭ كەمسىتىشىگە ئۇچرىغان بۇلۇپ، ئەسلا سۆز قىلىش ھۇقۇقى يوق، ئەمەلىيەتتە نامراتلىق تۈزۈم خاراكتېرلىك بۇلىدۇ. « تۈزۈم خاراكتېرلىك نامراتلىق » ئاستىدا، ئۇلار قانچە تىرىشسمۇ نامراتلىق تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلمەيلاقالماستىن بەلكى پۈتكۈل دۆلەت « نامراتلىق » پاتقىقىغا پېتىپ قالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەڭگۈلىك نامراتلىق تەقدىرىنى زىممىسىگە ئېلىشقا مەجبۇر بۇلىدۇ؛ دېھقانلارنىڭ« نامرات » دىن ئىبارەت ھاقارەتلىك نامنى زىممىسىگە ئېلىشى، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتىكى رۇلىنى زىيانغا ئۇچراتماقتا، ھەر قېتىم سىياسەت چىققاندا كېم ئاجىز بولسا شۇ ئاۋال زىيان تارتتى « قېتىقنىڭ يۈزىنى بۇزماي ئىچىش » ۋە « كەمسىتىش خاراكتېرلىك سىياسەت» نىڭ ئۇزاق مەزگىل يولغا قۇيۇلىشى، جەمئىيەتتىكى كەمسىتىلگەن كىشىلەر تۇپىنى ئاشۇرىۋەتكەن ئىدى. گەرچە ھاكىمىيەتنىڭ قورۇلىشىدا ئاساسلىقى دېھقانلارغا تايانغان بولسىمۇ، بىراق سىياسەت تۈزۈشتە دېھقانلارنى كەمسىتىدىغان سالاھىيەتنى ئاتا قىلغان ئىدى؛ 1949-يىلدىن كېيىن شەكىللەنگەن شەھەر-يېزا ئىككى مەنبەلىك نوپۇس سىياسىتى كەمسىتىش خاراكتېرلىك سىياسەتنىڭ مەھسۇلى بۇلۇپ، بۇسىياسەتلەر ئاساسىي قانۇندىكى باراۋەرلىك پىرىنسىپىغا خىلاپ ئىدى، مانابۇ نەچچىيۈز مىليۇن دېھقاننىڭ نامرات بۇلىشىدىكى تۈزۈم خاراكتېرلىك ئامىللاردۇر. نۆۋەتتەگەرچە نۇپۇس ئىسلاھاتى يولغا قۇيۇلغان بولسىمۇ، بىراق شەھەر-يېزا ئىككى مەنبەلىك ئەندىزە تۇپتىن بۇزۇپ تاشلانمىدى، دېھقانلار يەنىلا سىياسەت خاراكتېرلىك كەمسىتىشكە ئۇچراپ « ئوخشاش دۆلەتتىكى ئوخشىمىغان تەقدىر » دىن ئىبارەت رېياللىقنى قۇبۇل قىلماقتا. شەھەر-يېزائىككى مەنبەلىك تەپەككۇر ئاستىدا دېھقانلار مۇتلەق ئاجىز ئورۇندا تۇرماقتا، چۈنكى مەنپەئەت ئارقىسىدىكى ھوقۇق تەكشى بولمىغانلىقتىن، بۇخىل تەڭپۇڭسىزلىق دۆلەت تۈزۈلمىسى ۋە ئىقتىسادىي ھەركەت سىستېمىسى بىلەن زىچ باغلانغان؛ دېھقانلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى تۆۋەن بۇلۇپلا قالماي بەلكى ھەققانىي ھوقۇقى ئاجزلاپ كەتكەن ئىدى، بۇ ئىككىسى بىربىرىنى تۇلۇقلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بۇلغاچقا، ئاجىزلار تۇپى «تۈزۈم خاراكتېرلىك نامراتلىك » پاتقىقىغا پېتىپ قالغان ئىدى؛ دېھقانلارنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئورنى تۆۋەن بولغاچقا، « ھۇسۇل ئاشسا باھا چۈشۈپ غەم باستى، قەرزئالساق ئۆسۈم ئېشىپ غەم باستى » دەيدىغان ھالەتكە سەۋەپ بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى ئۈن-تىنسىز بەرداشلىق بەرمەكتە ئىدى. جۇڭگوئىنقىلاۋى دېھقانلارغا تايانغان، جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتىمۇ دېھقانلارغا تايانغان بولۇپ ھەممىسى يېزىدىن باشلانغان ئىدى، بۇ قېتىملىق يېزا ئىسلاھاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاتالمىش مەھسۇلاتنى ئائىلىگە ھۆددىگە بېرىش تۈزۈمى، پەقەت كوپراتسىيەلەشكەن پىلانلىق ئىگىلىكتىن ئائىلە شەكلىدىكى ئۇششاق دېھقانچىلىق ئىگىلىكىگە قايتىش بۇلۇپ، ھەرگىزمۇ يېزا ئىسلاھاتىنىڭ يۈنۈلىشىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ ھەمدە يېزائىسلاھاتى مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى دېگىلىمۇ بولمايدۇ، ئەگەر غەلبى قىلدۇق دېسەك تازىمۇ كۈلكىلىك گەپ بوپقالىدۇ؛ قېنى دەپ باقايلى، 300 مىليۇن دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ جان بېقىش ئۈچۈن، يۇرتىدىن، خۇتۇن-باللىرىدىن ئايرىلىشى ئەجىبا غەلبەقىلغانلىقمۇ؟ ئۇچۇقىنى ئېيتقاندا جۇڭگو دېھقانلىرى پەقەت ھازىرقى زامان يانچىلارخالاس. 2-،دېھقانلارنىڭ چىقىش يۇلى نەدە؟ جۇڭگو دېھقانلىرىنىڭ نامراتلىق تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشنىڭ چىقىش يولى ئىككى؛ بىرىنچىسى ئىشلەمچىلىك قىلىپ، جىسمانىي كۈچى ئارقىلىق تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش؛ ئىككىنچىسى ئوقۇش ئارقىلىق ئەقلىي ئىقتىدارىغا تايىنىپ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشتۇر؛ مەسىلە شۇكى،كەلگۈسى بىرنەچچى يىلدا بۇ ئىككى يول بارغانسىرى تارىيىدۇ. نۆۋەتتە،دېھقانلار يەرگە تايىنىپ جان باقالمايدۇ، بۇ جۇڭگودىكى ئەڭچوڭ رېئاللىق؛ مەسىلەن،غەربىي قىسىمدىكى ئۈنۈمسىز يەرلەردە يوقۇرى مەھسۇلات ئېلىش ئەسلا مۈمكىن ئەمەس،سېلىنمىغا چۇشلۇق ھوسۇل چىقمايدۇ، ھەتتا زىيان چىقىدۇ؛ شەرقىي قىسىمدىكى مۇنبەت يەرلەردە، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلغان رايونلاردا، دېھقانلار يەرلەرنى ئاق تاشلاپ قويۇش ئەھۋالى ئېغىر، كەمىنە قەلەم ئىگىسىنىڭ يۇرتىدا ھازىرمۇ خېلى كۆپ دېھقانلار يەرلەرنى ئاق تاشلاپ قويىدۇ ياكى كۆچەت سالىدۇ؛ ھۆكۈمەت گەرچە ئاللىقاچان بۇنداق ئەھۋالنى كۆرگەن بولسىمۇ بىراق پەرۋايىغا كەلمەيدۇ، چۈنكى دۆلەتنىڭ پۇلى بار، ئامېرىكا، كانادا ۋە روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئاشلىق ئىمپورت قىلىپ،جۇڭگونىڭ ئاشلىق مەسىلىسىنى ھەلقىلىش ئاسانراق دەپ قاراش ئومۇملاشقان. بىرىنچى دېھقانلاردىن ئاشلىق سېتىۋېلىش ھالقىسىنى ئازايتىش كېرەك؛ ئىككىنچى ئاشلىق ساقلاش تەننەرخىنى ئازايتىش كېرەك. شۇڭا، ئاشلىق سىياسىتىگە تەدبىر بەلگۈلىگۈچىلەردۆلىتىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى ۋە دېھقانلار مەسىلىسىنى ئاددىي ئويلىماسلىقى، ھەتتا يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، روسىيەدىن يەر ھۆددە ئېلىپ تېرىغانغا يەتمەيدۇدەپ قارىماسلىقى لازىم. دېھقانلارياشاش ئۈچۈن ئۆزىگە چىقىش يولى ئىزدىمەكتە، ھايات قېلىش ئۈچۈن يۇرتىنى تاشلاپ ئىشلەمچىلىك قىلماقتا، 300 مىليۇن دېھقان پۈتۈن مەملىكەتتە خىزمەت ئىزدىمەكتە؛كەلگۈسى بىرنەچچى يىلدا، دېھقانلارنىڭ ياشاش مەسىلىسى بارغانچە يامانلىشىدۇ، نېمەئۈچۈن مۇنداق دەيمىز؟ جۇڭگو ئىقتىسادىي « يېڭى ھالەت » كە كىرگەندىن كېيىن،شەھەرنىڭ ئەمگەك كۈچىگە بولغان ئېھتىياجى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ، دېمەكچى،دېھقانلارنىڭ شەھەرگە كىرىپ خىزمەت تېپىش پۇرسىتى بارغانسىرى ئازلايدۇ، ئۇلارشەھەر تەرىپىدىن رەت قىلىنغاندىن كېيىن، يېزىغا قايتىپ يەر تېرىسا تېرىقچىلىق كېرىمى ئەسلىدىكىدىن تېخىمۇ ئازلاپ كەتكەنلىكىنى بايقايدۇ، شەھەرگە كىرىش ئۈمۈدى يوققا چىقتى، يېزىدا جان باقماق تەس، قانداق قىلىشى كېرەك؟ دېھقانلارشەھەردە ئىشلەمچىلىك قىلىشتىن باشقا، كۈچىنىڭ بارىچە پەرزەنتىنى ئالىي مەكتپتەئوقۇتۇپ، پەرزەنتىنىڭ دېھقان بوپقالماسلىقى ئۈچۈن تىرىشماقتا؛ شۇنداقتىمۇ كىشىنى ئازاپلايدىغىنى شۇكى، ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە،ئوقۇش پۈتتۈرگەن دېھقان پەرزەنتىنىڭ ئىشسىزلىق نىسبېتى %30.5 يەتكەن،چۈنكى پەرزەنتىنى ئوقۇتىش ئۈچۈن قايتا نامراتلىشىش يېزىلاردىكى ئومۇمىييۈزلىك ھادىسە بولۇپ قالغان، بەزى جايلاردا ھەتتا دېھقانلارنىڭ ئائىلىسىدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ بار-يوقلىقىنى نامراتلىقنىڭ ئۆلچىمى قىلغان. يېزىلاردا « جىگدەياغىچى بادىر بولماس، دېھقان بالىسى كادىر بولماس » دېگەن سۆزبار، « يەرگە تايىنىپ پەرزەنتىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتىش » ئۇلارنىڭ گۈزەل ئارزۇسى خالاس؛ ھازىرقىدەك پۇل تېپىش تەس دەۋىردە، دېھقانلارنىڭ پەرزەنتىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتىش ھەقىقەتەن قىيىن بولماقتا. دېھقانلارنىڭ ھەقىقەتەن چىقىش يۇلى قالمىدى، دۆلەتنىڭ تۈزۈمى ئاللىبۇرۇن دېھقانلارنى ئاجىز توپقا ئايلاندۇرۇپ قويدى، ئۇلار تۈزۈمدىن بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا ئامالسىز، ئۇلار كەمسىتىلگەن تائىپىگە ئايلىنىپ قالغان، جىسمانىي ۋە ئەقلىي ئەمگىكىنى سېتىپمۇ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشكە قادىر ئەمەس. ھەممىلا چىقىش يولى ئېتىلگەن ئەھۋالدا، پەقەت ئىككىلا تاللىشى بار؛ بىرى سۈكۈت ئىچىدەھالاك بولۇش، بىرى سۈكۈت ئىچىدە پارتلاش؛ شۇڭلاشقا، بىرقاتار « كەمسىتىش خاراكتېرلىك تۈزۈم »نى بىكار قىلىپ، ئەمگەك ئارقىلىق بەختلىك تۇرمۇش يارىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرمىساق، شۈبھىسىزكى جۇڭگو جەمئىيىتى خەۋپلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ. بىرجەمئىيەتتە، تۈزۈلمە خاراكتىرلىك نامراتلىقنى تۈگەتكەندە، نامراتلار ئۆزئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلاپلا قالماستىن بەلكى تېخىمۇ كۆپ غەمخورلىق ۋە قوغداشقائېرىشىدۇ؛ ئۆزمەنپەئەتى ئۈچۈن كۆرەش قىلىشتىكى ھوقۇق توسقۇنلىقى بۇزۇپ تاشلانسا بايلىققا ئېرىشىدۇ، ھوقۇقنىڭ مونۇپۇللىقى ئارقىلىق ئەمەس بەلكى ئەمگىكىگە تايىنىپ بەخت يارىتالايدۇ؛ مۇشۇ ۋاقىتقا كەلگەندە، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسىياتى ۋە مىللىي ئىپتىخارى ئاندىن چۇڭقۇر يىلتىز تارتىدۇ.
|