قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1033|ئىنكاس: 6

سىلەر شاتلانساڭلار مەن قانچىلىك شاتلىنارمەن...(ئارتۇچ)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

9

دوست

2859

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   28.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23221
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 36
تۆھپە : 916
توردىكى ۋاقتى: 84
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-26 07:59:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   marip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-26 08:05  

سىلەر شاتلانساڭلار مەن قانچىلىك شاتلىنارمەن...
(راسىت ئىشلار خاتىرىسى)
ئارتۇچ
  كەسكىن رىقابەت ئىچىدە تىنماي سوقۇپ،ھاياتلىقنى داۋام ئىتىۋاتقان ھەر بىر يۈرەكلەرنىڭ خۇشاللىنىش شەكلى ۋە ئۇسۇلى ئوخشاشمايدۇ. ئەتىراپىمدىكى قىرىنداشلىرىمىنىڭ خۇشاللىقىنى كۆرۈش پېقىرغا ئالامچەخۇشاللىق بىغىشلايدۇ. مائارىپ سېپىدە ئىشلەۋاتقان بىر ئاقارتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاقارغۇچى ئوقۇغۇچىللىرىمىنىڭ خۇشاللىقى مىنىڭ ھەقىقىي خوشاللىق مەنبىيىمدۇر.سىنىپ مۇدىرلىق ھاياتىمدا ئوقۇغۇچىللىرىمىغا ئەتىراپلىق تەربىيە سىڭدۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇلارغاكۆرمىگەننى كۆرگۈزسەم، ئۇلار تىتىپ باقىمىغان يىمەكلىكلەرنى تۇنجى بولۇپ تىتىپ بىقىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلسام،بېرىپ باقىمىغان جايلارغا ئاپپارسام... ئىشقىلىپ، ئۇلاربۇ قىسقىغىنا ھاياتىدا قىلىپ باقمىغان ئىجابىي ئىشلارنىڭ تۇنجىسىنى مەن ئارقىلىق روياپقا چىقىرىشىغا كۆۋرۈك بولالىسام، دەپ تىرىشقان ئىدىم. سەۋەبى بۇ ئارقىلىق ئىرىشىلگەن ئىلھام ئۇلارنىڭ چوقىلار تامان يول ئىلىشقا تۈرۈتكە بولالايتى. ئەقەللىيسى،ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئايرۇپىلانغا چىقىپ باقىمىغان، ھەتتا ئالىي دەرىجىلىك ماشىنىلارغىمۇ ئولتۇرۇپ باقمىغان.ناۋادا ئوقۇغۇچىللىرىمغا شۇنداق بىر پۇرسەت ياراتسام ئۇلارنىڭ قانچىلىك خوش بولۇپ كىتىدىغانلىقىنى ،ئۇلارنىڭ خۇشاللىقلارنىكۆرگەن مىنىڭ يەنە قانچىلىك خۇشال بولۇپ كىتىدىغانلىقىمنى خىيالەن كۈتتۈم.5-ئايداقىزىمنىڭ ئايرۇپىلانغا ئولتۇرغاندىكى خۇشاللىقىنى كۆرۈپ خۇشاللىقلىرىمنى تەسىۋىرلەپ بىرەلمىگەن چىغىمدىلا ئوقۇغۇچىللىرىم بىلەن بىرگە چىقسام تىخىمۇ تەسۋىرلگۈسىزخۇشالىقلارنىڭ ساھىبى بولىدىغىنىمنى پەرەزلىگەن ئىدىم. ئەلۋەتتە ئوقۇغۇچىللىرىم بالامغا ئوخشاشلا يۈرۈكىمنىڭ پارىسى دە !
11-ئاينىڭ26-كۈنى بىزئۈچۈن بولۇپمۇ كەمىنە ئۈچۈن تولىمۇ ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن بولدى.كۈتكەن كۈنلەرئاخىرى كەلدى،كۈتۈش زالىدا بۇرتى ئەمدىلا خەت تارتىپ 16 ياشىنىڭ قارسىنى ئالغان ئوقۇغۇچۇم ئابدۇسەمى ۋە 22 ياشقا كەلگەن بۇيىل تونۇشقان بىلىمخۇمار ئىنىم مۇستافا بۈگۈن تۇنجى قىتىم ئايرۇپىلانغا چىقىدىغىنىدىن سۆيۈنۈپ تۇرىۋاتقانلىقىنى سىزىپ تۇردۇم. (ئۆتكەن يىلى ئوقۇغۇچۇم يۈسۈپجاننىڭ ئەلا نەتىجىسىنى تەبىرىكلەپ بىلەت سوۋغا قىلغاندىمۇ ئۇنىڭ چىرايىدا ئەشۇنداق سۆيۈنۈش جىلۋىلەنگەن ئىدى.)ئايرۇپىلان كۆككە كۆتۈرلگەندە چوقۇم ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى شاتلىقلارنى يۈرۈكىمدە خاتىرە قىلىپ ساقلايمەن دىدىم ئۆزۈمگە. ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ ئەل-ئۆمىرىدە بۇنداق پۇرسەتگە تىخى نائىل بولىمىغانلىقىنى ، ياراتقۇچىنىڭ ھەرچاغ مۇبارەك تىنىمىزنى ئامان، يولىمىزنى راۋان قىلىشىنى تىلەپ دۇئا بەردى.گەرچە 28 يىشىمدا ئاندىن ئەشۇ پۇرسەتكە نائىل بولغان بولساممۇ ئوقۇغۇچىللىرىمنى بالدۇراق ياخشى شارائىتلاردىن بەھىرلەندۈرۈش ئاللىبۇرۇنمىنىڭ كەسپى تۇيغۇمغا ئايلانغان.
ۋاقىت توشۇپ كۆككە كۆتۈرۈلدۇق، نەچچە يۈز يۈرەكنى ئاسمانغا ئىلىپ چىقىپ كىتىۋاتقان MU5634- قىتىملىق نۆۋەتچى ئايرۇپىلان مىنىڭ ئىزچى- ئۆمىدلىرىمنىڭ كەلگۈسى ئارزۇسى، بەخىت مەنزىلى ئۈچۈن پەرۋاز قىلغان ئۇلۇغ بىر كۈچتىن ھاياجانغا چۈمدۈم.بالىلارنىڭ خۇشاللىقىنى كۆرۈشتىنمۇ ئارتۇق بەخىت بارمۇ ئىنسانغا ؟ ئابدۇسەمىنىڭ چىرايىدا پارلىغان مەمنۇنلۇقىنى،كۆزىدە يانغان ئىشەنچنى كۆرۈپ ھەي! يۈرۈكىم شاتلىقىتىن يىرىلمىدى،ئەممائۇنىڭ بىرى بولدى.ئۆزۈمىنىڭ باللىرىم بىلەن ئۇچقان چاغدىكى خۇشاللىققا ئوخشىشىپ كىتىدىغان يەنە بىر خىل ئۆزگىچە خۇشاللىق قەلبىمدە غەليان كۆتەردى... (ئىگەم ئۆمىرىمنى ئۇزۇن قىلسا ھەر يىلى نەتىجىسى كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىمغا ئايرۇپىلان بىلىتى سوۋغا قىلىشنى ئويلاشتىم) بەلكىم ئوقۇغۇچىلارغا ئايرۇپىلان بىلىتى سوۋغا قىلىش ئانچە چوڭ ئىش،مۇھىم يىتەكلەش ۋاستىسى بولماسلىقى مۈمكىن ، ئەمما تېرىقتەك، زەرىچەبولسىمۇ ئىلھام بىرش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئەقىدە- ئىتقادىنىڭ يۈكسىلىپ ئارزۇ-ئارمانلىرىنىڭ كۆكتە قانات قىقىشىغا خىمتۇرۇچ بولۇش بەكمۇ مۇھىم ئىش !كۆۋرۈكنىڭ ساۋابى چەكسىز !! كۆزلىرىمنى بوشقىنە يۇمۇپ ئۇلۇغ ئىگەمنىڭ مۇشۇنداق پۇرسەتلەرگە يەنە ئۇلاشتۇرىشىنى تىلىدىم...
جېنىم باللىرىم، مۇشۇ ئ‍ۇچقان پېتى كۆكتە پەرۋاز قىلىڭلار، ئىلىم- مەرىپەت ،ھۈنەر-تىخىنىكا يولىدا قالدۇرغان ئۆچمەس ئىزىڭلارنى بۇلۇتلارغا سىڭدۈرۈپ،شىپالىق يامغۇر كەبى زىمىنغا ھاياتلىق بەخشەندە ئىتىڭلار،كەسپىمدىكى مەنىۋىي تۈۋرۈكىم تەۋپىق روھى سىلەر ۋە سىلەردەك ئ‍وماقلىرىم بىلەن مەڭگۈ نۇرلانسۇن،ئ‍ەجداتلار روھى ھەرگىز قورۇنمىسۇن!سۆيۈملۈك ئوقۇغۇچىللىرىم، سىلەر مىنىڭ ،مىللەتنىڭ يۈرەك پارىللىرى ، ئۆمىدىمنى يەردە  قويماي تىرىشىڭلار ،شۇندىلا سىلەرنىڭ شاتلىقىڭلاردىنمۇ نەچچە ھەسسەشاتلىنمەن !!!

2015-يىل 15-كۆنەك، سەھىرى يۇپۇرغا

JB2V3FAFUXU7{7SMCRF25]D.png

~65T{NTU9R00X)[)Z{@}}~Y.jpg

)B6%V8N{A]_$UKEFX64K9.png

R5FSW(Q{`O6BYBJ4}705SX1.png


uyghuray

0

تېما

0

دوست

121

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   40.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  51385
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 24
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2016-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-26 16:23:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي...

0

تېما

0

دوست

173

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   57.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  51233
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 54
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2016-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-26 19:14:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ ئۇچقانچە خارۋاردقا تىزىملىتىۋېتىپ كىلەرلا ئىنى-سىڭىللىرىمىزنى!!

0

تېما

0

دوست

2673

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   22.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43724
يازما سانى: 219
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 818
توردىكى ۋاقتى: 173
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-26 21:36:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارتۇچ ئەپەندىدىمنىڭ يۈرۈكىنىڭ سۇقۇشى ئابدىقادىر داموللا ۋە تەۋپىق ئەپەندىمنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئەسلەتتى.ئون نەچچە قاركۆزلەرنىڭ ئالدىدا تۇرغان ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ ئارتۇچ،ئابدىقادىر داموللا،تەۋپىق ئەپەندىملەرنىڭ يۈرەك سۇقۇشىنىڭ  تېۋىشىنى دائىم ئاڭلاپ تۇرۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
uyghuray

18

تېما

9

دوست

2859

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   28.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23221
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 36
تۆھپە : 916
توردىكى ۋاقتى: 84
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-26 21:48:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
munalissa يوللىغان ۋاقتى  2015-12-26 19:14
شۇ ئۇچقانچە خارۋاردقا تىزىملىتىۋېتىپ كىلەرلا ئىنى-سىڭ ...

ئاللا خالىسا ئۇنىمۇ قىلىمەن !

0

تېما

27

دوست

2263

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35121
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 688
توردىكى ۋاقتى: 144
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-26 22:43:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەم ئۈچۈن ، ساپ نىيەت ھەممىدىن ئەلادۇر . دۇرۇس نىيەتلىك ئادەملەرنى ، اللە ئىگەم ، مۇراد ـ مەقسىتىگە يەتكۈزىدۇ . مۇرادىڭلارغا يېتىپسىلەر !
ئەتىراپىمدىكىلەرنىڭ خۇشاللىقى ، ئەلۋەتتە ماڭىمۇ ھەم ، خۇشالىق بېغىشلايدۇ .
ھەممىڭلارغا ھەر زامان ، بەخىت ـ ئامەت يار بولسۇن ! چېھرىڭلاردىن كۈلكە ـ تەبەسسۇم ھەرگىزمۇ نېرى كەتمىسۇن !!!

0

تېما

0

دوست

846

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   69.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33598
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 248
توردىكى ۋاقتى: 43
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-26 23:09:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى سىزدەك بولغان بولسا....................
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )