قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 2267|ئىنكاس: 4

موللازەيدىننىڭ ئەۋلادلىرى ھەققىدە ئىككى كەلىمە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

2

دوست

3062

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   35.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31354
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 952
توردىكى ۋاقتى: 187
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-28 16:16:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
موللا زەيدىننىڭ ئەۋلادلىرى ھەققىدە ئىككى كەلىمە

ھۈسەن خېۋىر



   تۇرپان ئويمانلىقى − دۇنيا ئەھلىگە تونۇش قەدىمكى مەدەنىيەتلىك زېمىن، ئۇ «ئۈچ چوڭ مەدەنىيەت»، «ئۈچ چوڭ دىن»، «ئۈچ چوڭ تىل سىستېمىسى» ۋە «ئۈچ چوڭ ئىقتىساد»نى بىر - بىرىگە ئۇچراشتۇرغان يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنىگە جايلىشىپ، شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىغا كۆۋرۈك بولۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ماكان. بۇ ماكان سانسىزئاقىل - دانىشمەن، باتۇر ئەزىمەت، خەلقپەرۋەر، ئادالەتپەرۋەر، ۋەتەنپەرۋەرئوغلانلارنى يېتىشتۈرۈپ، تا ھازىرغىچە ئۆچمەس بىلىم ئوچىقى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.موللا زەيدىن مۇشۇ زېمىن تۇغقان شۇنداق كىشىلىرىمىزنىڭ بىرى.
   يازغۇچى خېۋىر تۆمۈرنىڭ «موللا زەيدىن ھەققىدەقىسسە» ناملىق كىتابىدا مۇنداق مەلۇماتلار بار: «تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا،موللا زەيدىن 19 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا لۈكچۈندە نامرات دېھقان ئائىلىسىدەتۇغۇلغان. ئۇ ئالتە يېشىدا مەھەللە خۇسۇسىي مەدرىسەدە ئوقۇپ خەت ساۋاتىنى چىقارغان، 11 يېشىدا مەدرىسەگە ئوقۇشقا كىرىپ، 17 يېشىدا ئەرەبچە كىتاب، ھەتتا قۇرئانغا مەنە ئېيتالايدىغان دەرىجىدە يېتىشىپ چىققان. نەۋايى، سوپى ئاللايار، خوجى ھاپىزلارنىڭ مۇناجات، قەسىدە كىتابلىرىنى؛ قۇل خوجا ئەھمەت، شاھ مەشرەپلەرنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇپ، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ <موللا زەيدىن> دەپ نام ئالغان.موللا زەيدىن ھايات چېغىدا مەيلى قەيەرگىلا بارسۇن خەلقتىن ئايرىلمىغان، قەلبى خەلق بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان دانىشمەن، قىزىقچى ئادەم ...».
   مەن كىتابنى ئوقۇغاندىن كېيىن، تۇرۇپلا قەلبىمدەموللا زەيدىننىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنى ئىزدەش تىلىكى ئۇچقۇنداپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن تۇرپاننىڭ ئايدىڭ كۆل يېزىسىدىكى جاڭزا كەنتىنىڭ سابىق شۇجىسى نەسرۇللا روزىمەت (83ياش) ۋە ئەينى چاغدا تۇرپان شەھەرلىك سودا - سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان نەجمىدىن روزىمەت (ئالەمدىن ئۆتكەن) بىلەن سۆھبەتتە بولغان چېغىمدابۇ نىيىتىمنى ئېيتىۋېدىم، ئۇلار كۈلۈپ كېتىپ، ئۆزلىرىنىڭ موللا زەيدىننىڭ 5 -ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى، ئانىسى ھېلىمىخاننىڭ موللا زەيدىننىڭ 4 - ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى، يەنە ئاپىسىنىڭ ئىككى ئىنىسىغا ئائىت ئەھۋاللارنى ئېيتىپ بېرىۋېدى،مەن بۇ تۈگۈننى دەل مۇشۇ كىشىلەر يېشىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.
   1998- يىلى، نەسرۇللا روزىمەتنىڭ ئۆيىدە ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئاكىسى نەجمىدىن روزىمەت بىلەن مۇڭدىشىپ، ئاكىسىنىڭ 1950 - يىلى، ئىنىسىنىڭ 1951 - يىلى ھەربىي سەپكەقاتناشقانلىقىنى، نەسرۇللانىڭ 1958 - يىلى مەملىكەتلىك ئەركىن چېلىشىش مۇسابىقىسىدە 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدىم ۋە بۇ ئاكا - ئۇكائىككىيلەننىڭ كۆپنى كۆرۈپ پىشقان كىشىلەر ئىكەنلىكىگە قايىل بولۇپ قالدىم. ئۇلارئەجدادى ھەققىدە مۇنداق ھېكايە قىلدى: موللا زەيدىننىڭ 1 - ئەۋلادى نەغەم كېرەم،بۇ كىشى توي - تۆكۈن ۋە باشقا كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا نەغمە قىلىپ، كىشىلەرگەخۇشاللىق ئاتا قىلىپ ياشىغان. شۇڭا، كىشىلەر ئۇنى «نەغمىچى كېرەم» دەپ ئاتىشارئىكەن، كېيىنچە ئىسمى «نەغەم كېرەم»گە قىسقىراپ كەتكەنىكەن.
    نەغەم كېرەمدىن موللا ئەخمەت دېگەن بىر پەرزەنت تۇغۇلغانىكەن، ئۇ مەدرىسەلەردە كۆپ ئوقۇغان دىيانەتلىك كىشى بولغانىكەن، تۇرپان يېڭى شەھەردە موزدۇزلۇق بىلەن ياشىغانىكەن، كېيىن يار بازىرىنىڭ پوستەكلەرمەھەللىسىدىن زېمىن سېتىۋېلىپ، شۇ يەردە بىر مەزگىل ئولتۇرغانىكەن. موللا ئەخمەت تۆت ئوغۇل، ئىككى قىز پەرزەنتلىك بولغان بولۇپ، چوڭ قىزى ھېلىمىخاننى ئايدىڭكۆل يېزىسىنىڭ جاڭزا كەنتىدىكى روزىمەت ھاجىغا ياتلىق قىلغانىكەن؛ ھېلىمىخاندىن نۇرىيدىن،باھاۋۇدۇن، نەجمىدىن، نەسرۇللا، يەنە داڭلىق ئەدەبىي ئوبزورچى مۇھەممەت پولاتقاتارلىق بالىلار تۇغۇلغان ئىكەن؛ موللا ئەخمەتنىڭ 2 - پەرزەنتى ئابلىمىت قازى، ئۇشىڭ شىسەي دەۋرىدە ئۈرۈمچىدە قازى بولغان؛ 3 - پەرزەنتى مەخمۇت سۇنايچى، بۇ كىشى تۇرپاندا داڭقى بار سۇنايچى بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى «مەخمۇت سۇناي» دەپ ئاتىغانىكەن؛ 4 - ۋە 5 - پەرزەنتى ھەمدۇللا بىلەن سەيپۇللا، بۇلار جاڭزا كەنتىدەچوڭ ئاچىسى ھېلىمىخاننىڭ ئالدىدا چوڭ بولغان؛ 6 - پەرزەنتى ئۈۋىيىدخان، بۇ ئايالئۈرۈمچىگە ياتلىق بولغان بولۇپ، ھەممە تونۇيدىغان ناخشىچى پەتتار رېھىم ئۇنىڭ ئوغلى.
    4- پەرزەنت ھەمدۇللا 1928 - يىللىرى قەشقەردىكى مەدرىسەگە ئوقۇشقا كىرگەن، 5 -پەرزەنت سەيپۇللا ئايدىڭ كۆللۈك دوستى ئېلىنىياز داموللا بىلەن 1930 - يىللىرى ھەجگە ماڭغانلارنىڭ تۆگىلىرىنى يېتىلەپ، مىڭ مۇشەققەتتە ھىندىستانغا يەتكەن. ئۇلاربۇ يەردە تىل ئۆگەنگەچ تىرىكچىلىك قىلىش كويىدا ھەرخىل ئىشلارنى قىلغان. بىر كۈنى ئۇلار كوچىدا كېتىۋېتىپ، ئەنگلىيە (ئەينى ۋاقىتتا ھىندىستاننى بېسىۋالغان)لىكلەرتاشلىۋەتكەن كونسېرۋا قۇتىلىرىنى تېپىۋالغان. بۇ قۇتىلارنىڭ ئىنتايىن سىپتا قەلەيدىن ياسالغانلىقىنى كۆرۈپ، كىچىكىدە تۈنىكىچىلىكنى ئۆگەنگەن سەيپۇللا بۇقۇتىلارنى بۇزۇپ، قەلىيىدىن بالىلار ئوينايدىغان كۈشكۈرتمەك (پۈشتەك) ياسىغان.ئۇلار ياسىغان كۈشكۈرتمەكلىرىنى ئاسانلا قولدىن چىقىرىپ پۇل قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار نەدە ئەنگلىيەلىكلەر بولسا، شۇ يەرگە بېرىپ كونسېرۋا قۇتىسى يىغىپ،كۈشكۈرتمەك ياساپ ھەم سېتىپ، خېلى كۆپ پۇل تاپقان. بۇ چاغدا ئېلىنىياز داموللا كونسېرۋا قۇتىسى يىغىدىغان، ياسالغان كۈشكۈرتمەكلەرنى ساتىدىغان، سەيپۇللاكۈشكۈرتمەك ياسايدىغان ئىشنى قىلغانىكەن. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئۆز ئەمەلىيىتى بىلەن ئىزدىنىشنىڭ ھاياتلىق يولى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان. ئۇلار كۈشكۈرتمەك سېتىش ئۈچۈن دېھلى كوچىلىرىنى ئارىلاپ يۈرۈش داۋامىدا، بۇ يەردە پىچاق - قايچا چاقلايدىغان ئىشنىڭ يوقلۇقىنى بايقاپ، دەرھال لازىملىق ماتېرىياللارنى تەقلەپ بۇ ئىشنىمۇ  قىلىپ، نۇرغۇن پۇل تاپقان.
     شۇ كۈنلەردە موللا ئەخمەت ھەجگە بېرىش نىيىتىگەكەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قەشقەردە ئوقۇۋاتقان ئوغلى ھەمدۇللانىڭ يېنىغا بېرىپ،ئۇنىڭغا ھەجگە بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ؛ ئاندىن ھىندىستانغا بېرىپ چوڭ ئوغلى سەيپۇللانى تېپىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بارماقچى بولۇپتۇ. ئۇھەمدۇللا بىلەن ھىندىستانغا بارغاندىن كېيىن، سەيپۇللا بىلەن ئېلىنىياز داموللىنى تەرەپ - تەرەپتىن ئىزدەپ، خېلى كۈنلەردىن كېيىن ئۇلارنى تېپىپتۇ. ئۇلار بۇ يەردەبىرقانچە كۈن ئارام ئالغاندىن كېيىن، موللا ئەخمەت ھەجگە بېرىش تەكلىپىنى بەرگىنىدە، ئوغۇللىرى ھەمدۇللا بىلەن سەيپۇللا دەرھال قوشۇلۇپتۇ. لېكىن، ئېلىنىياز داموللا داۋاملىق ھىندىستاندا قېلىپ مۇددەرىسلىك قىلماقچى بولۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئېلىنىياز داموللا بىلەن خوشلىشىپ سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ. لېكىن، ئۇلارداخىراجەت كەمچىل بولغاچقا، موللا ئەخمەت يول بويى موزدۇزلۇق قىلىپتۇ. سەيپۇللابىلەن ھەمدۇللا پىچاق - قايچا چاقلاپ پۇل تېپىپتۇ. شۇ چاغدا موللا ئەخمەت ئىككى ئوغلىغا مۇنداق دېگەنىكەن: «قەدىمدىن ھازىرغىچە پەقەت بىرلا ھەقىقەت بار، ئۇبولسىمۇ كەسىپنى قەدىرلەش، ئەڭ ئاددىي نەرسىنىڭمۇ قىممىتى بارلىقىنى بىلىش».
   ئۇلار ئەنە شۇنداق سەپەر قىلىپ، قىزىل دېڭىزئارقىلىق يەمەنگە مېڭىپتۇ. موللا ئەخمەت بەك ئۇسساپ كېتىپ دېڭىز سۈيىنى ئىچىپ سالغاچقا، ئىچى سۈرۈپ سۇسىزلىنىپ يەمەن قۇرۇقلۇقىغا بىر كۈنلۈك يول قالغاندا ئۆلۈپ كېتىپتۇ. سەيپۇللا بىلەن ھەمدۇللا ئاتىسىنى يەمەن قۇرۇقلۇقىغا دەپنە قىلىپ،ئۆزلىرى ئاتا ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇشەققەتلىك سەپىرىنى داۋام قىلىپ،ئاخىر سەئۇدى ئەرەبىستانىغا يېتىپ بېرىپتۇ. لېكىن، بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ يېنىدا پۇل قالمىغانىكەن. شۇڭا ئۇلار يەنە موزدۇزلۇق، پىچاق - قايچا چاقلاش ھۈنىرىگە تايىنىپجان باققاچ، ئەرەب تىلىنى ئۆگىنىشكە كىرىشىپتۇ. ئۇلار دەسلەپتە كەڭلىكى بىر يېرىم مېتىر، ئۇزۇنلۇقى ئىككى مېتىر كېلىدىغان بىر ئېغىز ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ ياشاپتۇ،كېيىنچە ھۈنەر قىلىپ نۇرغۇن پۇل تېپىپتۇ. چۈنكى بۇ يۇرتتا بۇ ھۈنەرنى قىلىدىغانلاريوق ئىكەن، شۇڭا بىر قانچە يىلغا قالمايلا ئۆزلىرى كېسەك قۇيۇپ ئۆي ساپتۇ. دېمەك،ئۇلار ئۆزىدىكى ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ، خاتىرجەم ياشاش يولىغا چۈشۈپتۇ ...
   نەجمىدىن روزىمەت بىلەن نەسرۇللا روزىمەتنىڭ ھېكايىسى تۈگىدى. ئەمما، شۇنىڭدىن كېيىن مەندە موللا زەيدىننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئەۋلادلىرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش ئىستىكى پەيدا بولدى. «تىرىشقان تاپار» دېگەندەك،ئاخىر موللا زەيدىننىڭ 7 - ئەۋلادى ھاجى روزى تۇردى تەمىنلىگەن ماتېرىياللارغائېرىشىپ، موللا زەيدىننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئەۋلادلىرىنىڭ كەچۈرمىشلىرىدىنمۇخەۋەر تاپتىم.
   سەيپۇللا سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كەلگەندىن كېيىن،تاۋاپ قىلىپ ھاجى بولۇپتۇ. ئۇ بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى مالىكى ئەسىرى قەبىلىسىدىن بولغان بىر قىزغا ئۆيلىنىپ، ئەخمەت ئىسىملىك بىرلابالىغا ئاتا بولۇپتۇ. ئەخمەت چوڭ بولۇپ ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ، ئەنگلىيەگە چىقىپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپتۇ ھەمدە دوكتور ئاشتى بولۇپتۇ، كېيىن ئەنگلىيەدىكى سەئۇدى ئەرەبىستانى ئەلچىخانىسىنىڭ مائارىپ ئەمەلدارى بولۇپ ئىشلەپتۇ. ئەخمەت سەيپۇللا توققۇز پەرزەنتلىك بولغانىكەن، بالىلىرىنى ئەنگلىيە ۋەسەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇتقان بولغاچقا، ئۇلار ھازىر شۇيەرلەردە خىزمەت قىلىۋېتىپتۇ. بۈگۈنكى كۈندە سەيپۇللا ھاجىمغا قانداش ئەۋلاد 40 قايېتىدىكەن.
    ئەمدى موللا زەيدىننىڭ يەنە بىر ئەۋرىسى،سەيپۇللا بىلەن بۇ ئەلگە بىللە كەلگەن قېرىندىشى ھەمدۇللا ھاجىغا كەلسەك، ئۇ بۇدۆلەتتە تۇرۇپ قالغان بىر ئۆزبېك ئائىلىنىڭ قىزى زاھىرەگە ئۆيلۈك - ئوچاقلىق بولۇپ، تۆت ئوغۇل، تۆت قىز پەرزەنت كۆرۈپتۇ. ئۇلارنىڭ چوڭ ئوغلى ئابدۇل يەھياجىددە شەھىرىدىكى بىر ئالىي مەكتەپتە ماگىستىرلىقتا ئوقۇپ پۈتكۈزۈپ مائارىپ ۋازارىتىدە خىزمەت قىلىپتۇ؛ 2 - ئوغلى زەكى ئامېرىكىدا دوختۇرلۇق كەسپىدەئوقۇغانىكەن، كېيىن سەھىيە ۋازارىتىدە؛ 3 - ئوغلى نەبىل ئايروپىلان كەسپىدەئوقۇغان ئىكەن، ھازىر جىددە ئايرودۇرۇمىدا؛ 4 - ئوغلى سامى ئامېرىكىدا ئايروپىلان كەسپىدە ئوقۇغانىكەن، ھازىر جىددە ئايرودۇرۇمىدا ئالىي ئىنژېنېر بولۇپ ئىشلەۋېتىپتۇ. قىزلىرى زەكىيە بىلەن پاتىھەلەر ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپتۇ، نەپىسە بىلەن ئاپىسە ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇغانىكەن،ھازىر ئائىلىدە بالا تەربىيەلەۋېتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ موللا زەيدىننىڭ ئەۋرىسى ھەمدۇللا ھاجىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇرۇق - ئەۋلادى كۆپىيىپ 50 تىن ئېشىپتۇ.
    بۇ ئۇچۇرنى بەرگۈچى موللا زەيدىننىڭ 5 - ئەۋلادى نەجمىدىن روزىمەتنىڭ نەۋرىسى − موللا زەيدىننىڭ 7 - ئەۋلادى جاڭزا كەنتلىك ھاجىروزى تۇردى. ئۇ 1998 - يىلى بېيجىڭ چەت ئەل تىللىرى ئىنستىتۇتىنىڭ ئەرەب تىلىفاكۇلتېتىنى پۈتكۈزۈپ، 2001 - يىلى ئۇلۇغ بوۋىسى موللا زەيدىننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە باشقا ئەللەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇرۇق - ئەۋلادلىرىنى ئىزدەش،شۇ باھانىدە بىلىم ئاشۇرۇش كويىدا سەئۇدى ئەرەبىستانىغا باردى، مەككىدىكى بىرئالىي مەكتەپتە ئوقۇدى. شۇ چاغدا ئۇ موللا زەيدىننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئەۋلادلىرىنى ئىزدەپ تاپتى. ئۇ ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇرۇۋاتىدۇ، جۇڭگو -ئەرەب ئەللىرى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى، ئۇنىڭ ئۈچ پەرزەنتى بار.


«تۇرپان گېزىتى» نىڭ «ئەجداد ۋە ئەۋلاد» بېتىدىن ياقۇپ ئىسمائىل قورولچى تەييارلىغان.

uyghuray

0

تېما

1

دوست

3933

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   64.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33176
يازما سانى: 275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -2
تۆھپە : 1220
توردىكى ۋاقتى: 359
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-28 22:41:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ياقۇپ مۇئەللىم ياخشى بولغان بىر تارىخى ئۇچۇر بىلەن تەمىن ئەتكىنىڭىزگە تەشەككۈر .

6

تېما

3

دوست

4442

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   81.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4209
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 81
تۆھپە : 1365
توردىكى ۋاقتى: 461
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-29 00:16:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجدادى ئەلەمگە كامىل بولسا ئەۋلادى يېڭى زاماندا قەلەمگە كامىل بوپتۇ ، بارىكاللا....

6

تېما

3

دوست

4442

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   81.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4209
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 81
تۆھپە : 1365
توردىكى ۋاقتى: 461
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-29 00:43:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئالدىنقى قىتىم سوپاخۇن سۇۋارۇف ئاكىمىزنىڭ بىر ئەسلەتمىسىنى ئوقۇغاندا مۇنداق دىگەن سۆزى ئىسىمدە ، مېنى ئىككى نەرسە يىقىلغان يېرىمدىن تۇرغۇزدى، بىرى مەن ئۆگەنگەن تارىخ يەنە بىرى مەن ئىگىلگەن ھۈنەر، روھىمىز سۇلمىسۇن دېسەڭلار تارىخ ئۆگىنىڭلار، قەددىمىزسۇنمىسۇن دېسەڭلار ھۈنەر ئۆگىنىڭلار..
ماۋۇ تىمىدىمۇ مۇشۇ سۆز تەكرار ئەسكەرتىلىپتۇ ، ھەم ئەمەلىي پاكىت ئارقىلىق ئىسپاتلىنىپتۇ..
uyghuray

0

تېما

4

دوست

5284

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   5.68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34003
يازما سانى: 406
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1611
توردىكى ۋاقتى: 659
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-29 16:38:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇن‹‹ موللازەيدىن ھەققىدە قىسسىسە›› دىگەن كىتاپنى ئوقىغانتىم ئەمما ماۋۇ بەك تەپسىلىي يېزىلغان تارىخىكەن رەخمەت!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )