قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1067|ئىنكاس: 1

گۈلخان: بالىلارنىڭ غورۇرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

153

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   51%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35546
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 36
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2016-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-29 02:45:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلارنىڭ غورۇرى

(نوبىل5-قېتىملىق لېكسىيەسىدىن ئارىيە)

لېكسىيەدە:گۈلخان


   بالا سىزئويلىمىغان دەرىجىدە ئىنتايىن غورۇرلۇق بولىدۇ.غورۇرى ياخشى قوغدالغان بالىنىڭ ۋىجدانى ياخشى تىكلىنىدۇ.ۋىجدانى ياخشى تىكلەنگەن بالىنىڭ ئادىمىلىكىدىن چاتاق چىقمايدۇ.بالا ئىش ھەركەتلىرىدە ۋىجدانىنى قوماندان قىلالىسا بىز پەرزەنت تەربىيەسىدە غەلبە قىلدۇق دىسەك بولىدۇ.چۈنكى بىزنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىدىكى نىشانىمىز دەل بالىنى ۋىجدانى بىلەن تەربىيەلەش.شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلارنىڭ ئىززەت غۇرۇرىنى قوغداش ئاتا ئانىلارنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىدىكى مۇھىم بىر ئامىلى.
بالىلار نىڭ غورۇرىنى زەخمىگەئۇچراتماسلىق ئۈ چۈن ئاتا ئانىلار تۆۋەندىكى نوقتىلارغا دىققەت قىلىش كىرەك.
(1).بالا 0ياشتىن 4 ياشقىچە ھەر قانداق ئېھتىياجى ئانا تەرىپىدىن قاندۇرۇلىشى كىرەك.زاكىسىنى ئالماشتۇرۇش،ھاجەتكە ئەپچىقىش قاتارلىق ئىشلارنى ئانا ئۈزى قىلىش كىرەك.چۈنكى بۇمەزگىل بالىنىڭ ھىس تۇيغۇلىرى تەرەققى قىلىدىغان  مەزگىلى بولغاچقا ،تۇيغۇلىرى قوغدىلىشى،ھۆرمەتلىنىشى كىرەك.
(2)      بالىنى باشقىلار ئالدىدا ئەيىپلىمەسلىك كىرەك. بالا بىرەر خاتالىق ئۆتكۈزگەندە بالىنىڭ خاتالىغىنى ئەيىپلەشتىن بۇرۇن بالىنىڭ بۇ ئىشنى قىلىشتىكى كۆز قارشى،ئىديىەسىنى كۈزىتىش كىرەك.بالىنىڭ ئۈزىنى ئەمەس بەلكى قىلغان ئىشىنى ئەيىپلەش كىرەك.چۈنكى بالا ھەرگىز قەستەن خاتا قىلمايدۇ.بەلكى خاتا چۈشەنچە سەۋەبىدىن خاتا ئىش قىلىپ قالىدۇ. بالىنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئەيىپلەش بولسا بالىنىڭ ئىززەت غورۇرىنى زەخمىگە ئۇچرىتىدىغان ناھايىتى مۇھىم ئامىل.
(3)      بالىلارنى مەسخىرە قىلماسلىق كىرەك.بالىنىڭ يېڭىدىن تىلى چىققاندا،يېڭىدىن ئايىقى چىققاندابالا ئۈزىمۇ بىلمەستىن بەزى بىر كۈلكىلىك سۆزلەرنى ياكى ھەركەتلەرنى قىلىپ سالىدۇ.سىز ئىچىڭىز كۈيۈپ كىتىپ بۇنى باشقىلارغا دەپ بىرىسىز ياكى دوراپ بىرىسىز.  دىققەت قىلىپ بېقىڭ.بالا بۇئىشنى قايتا قىلمايدۇ.چۈنكى سىزنىڭ دوراپ بىرىشىڭىز بالىنىڭ غورۇرىنى زەخمىگەئۇچراتقان.
(4)      بالىنى رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ سۆيۈش،قىيناپ ئەركىلىتىش.مەسىلەن بەزى ئاتا ئانىلار بالىنى رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ قىيناپ سۈيىدۇ. يىغلىتىپ ئەركىلىتىدۇ.ياكى بىرنى سۆيۈپ قويساڭ شاكىلات بىرىمەن دىگەندەك شەرتلىك گەپلەرنى ئىشلىتىدۇ.بۇ ھەركەتلەر بالىنىڭ ھىس تۇيغۇسىنى پاسسىپ ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان ناھايىتى ناچار ھەركەتلەر.
(5)      بالىنى زىيادە ماختاش.بالىنى ماختاپ تۇرۇش ئەلۋەتتە بالىغا رىغبەت بولىدۇ.بىراق بالاقىلىشقا تىگىشلىك ئىشىنى قىلغاندىمۇ زىيادە ماختىۋەتسەك  بالا ماختاشتىن بىزار بولىدىغان بولىدۇ ،غورۇرى نەزەرگە ئېلىنمايۋاتقاندەك ھىس قىلىدۇ.
(6)      بالىنى كەمسىتىش،باشقىلارنىڭ بالىلىرىغا سېلىشتۇرۇش،بالىنى نۇمۇس قىلدۇرۇش.بالىغا ئازاربىرىسدىغان شىددەت سۆزلىرىنى ئىشلىتىش.مەسىلەن:
قارا،مۇشۇنچىلىك ئىشنىمۇ قاملاشتۇرۇپ قىلالمايسەن.
ئىسىت! ساڭا قىلغان ئەجرىم!
سىنى باققىچە ئاز جاپا تارتتىممۇ؟
باشقىلارنىڭ بالىسىغا قاراپ باقە ،گەپ ئاڭلايدۇ.
سىنى بېقىپ نىمىگە ئېرىشتىم!
سىنى باقىمەن دەپ خىزمىتىمدىنمۇ قالدىم!
..................................................
   بۇنداق سۆزلەر بالىنىڭ بالىنىڭ ئاتائانىغا بولغان قارشىلىقىنى كۈچەيتىۋىتىدۇ.بالا كىچىك ۋاقتىدا سۈكۈت قىلىش،كىيىن ئالىيىپ قۇيۇش بىلەن چەكلەنسە سەللا چوڭ بۇلىۋالسا سىز بىلەن تەك تۇرىدىغان بولىۋالىدۇ.
(7)      بالىغا ئاتا ئانىدىن  بولغان روھى بېسىم ۋە ئازار زەربە بولماسلىغى لازىم.يەنى بالا دادىسىدىن قورقۇپ ياكى ئانىسىدىن قورقۇپ چوڭ بۇلىشى كىرەك دىگەن قاراش ئىنتايىن خاتا.بۇپەرزەنىت تەربىيەسىدىكى توغرا بىلىنگەن خاتالىقلارنىڭ بىرى.بالا قايسى بىرىدىن قورقساشۇنىڭ يېنىدا ئۈزىنى ئەركىن قۇيالمايدىغان بولىدۇ.شۇنىڭغا ياخشى كۈرۈنۈش ئۈچۈن يالغانچىلىقنى ئۈگىنىشكە باشلايدۇ.
(8)      بالىنى چەكلىگەن ئىشتىن ئاتا ئانا ئۈزىمۇ چەكلىنىشى كىرەك.بۇ بەك مۇھىم نوقتا.بۇ بالىغائىشەنچ بىرىشتە،ساغلام بولغان باغ ھاسىل قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم رولغا ئىگە.
(9)      ئاتا ئانابالىغا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرىشى كىرەك.
(10)  بالىنىڭ ئۈزىگە تەۋە بولغان نەرسىلىرىنى ساقلىشىغا يول قۇيىشى كىرەك.چۈنكى بالىلارنىڭ تەۋەلىك تۇيغۇسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ.ئۈزىنىڭ ئۇيۇنچۇقلىرىنى ،ئۈزىگە تەۋەنەرسىلىرىنى ئۈزى ساقلاشنى ياخشى كۈرىدۇ.ئاتا ئانىلار بۇنىڭغا يول قۇيىشى كىرەك.
تەييارلىغۇچى: "ئانىلىق سەنئىتى" ئۈندىدار دەرسخانىسىدىن:
پاتىگۈل تۇنياز (گۈلخان)


ئۈندىدار:13609937037
uyghuray

2

تېما

23

دوست

6367

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   27.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  46508
يازما سانى: 375
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1981
توردىكى ۋاقتى: 137
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-31 17:28:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك نادىر تىما بولۇپتۇ بۇ تەشەككۇر !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )