قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1275|ئىنكاس: 4

113-نومۇرلۇق ئىلمېنىت-ياپۇنىيۇممۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   26.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21625
يازما سانى: 352
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 24
تۆھپە : 6784
توردىكى ۋاقتى: 736
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-29 11:27:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muhakima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-29 11:29  

113-نومۇرلۇق ئىلمېنىت-ياپۇنىيۇممۇ؟
(بارلىق قېرىنداشلارنىڭ 2016-يىلىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، ھەر ۋاقىت، ھەر يەردە، ھەرقانداق ياخشى ئىشلىرىنىڭ خەيرلىك بولۇشىنى سەمىمىي تىلەيمەن .)
ئىلمېنىت-ئوخشاش يادرو زەرەت سانىغا ئىگە ئاتوملارنىڭ ئورتاق ئاتىلىشى بولۇپ 92-نومۇرلۇق ئىلمېنىت-ئوراندىن كىيىنكى ئىلمېنىتلار كۈچلۈك يىمىرىلىش(رادىياكتىپلىق) خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغاچقا ،  تەبىئەت دۇنياسىدا ئاساسەن تەبىئىي مەۋجۇت بولمايدۇ، شۇڭا ئوراندىن كىيىنكى ئىلمېنىتلار(تىرانىس ئورانلار)  يادرو رېئاكسىيەسى ئارقىلىق بىرىكتۈرۇلىدۇ،نۆۋەتتە تەبىئەتتە ئېنىقلانغان ۋە سۈنئىي ئۇسۇلدا بىرىكتۈرۈلگەن ئىلمېنىتلارنىڭ سانى118 بولۇپ ، بۇلارنىڭ بىرقىسمى دەلىللىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ .
تىرانىس ئورانلارنى بىرىكتۈرۈش، ئېنىقلاش، بېكىتىش تەتقىقاتى-نۆۋەتتە خەلقئارادا رىقابەت ئىنتايىن كەسكىن بولۇۋاتقان تەتقىقات ساھەسىنىڭ بىرى بولۇپ، خەلقئارادىكى ئادەتكە ئاساسلانغاندا ،  يېڭى ئىلمېنىت بايقالسا، شۇ ئىلمېنىتنى بايقىغۇچى ئورگان ئىلمېنىتقا نام قۇيۇش ھوقۇقىغا ئىگەبولىدۇ ۋە خەلقئارالىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كىيىن ئېتىراپ قىلىنىدۇ .
ئامېرىكا، رۇسىيە(سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى) ،گېرمانىيە،ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر غايەت زور مەبلەغ ۋە زېھىن سەرپ قىلىپ ، بۇ تۇردىكى تەتقىقاتلارنى قانات يايدۇرغان ۋە يايدۇرۇۋاتقان بولۇپ، يېقىندا ئامېرىكا، رۇسىيە تەتقىقات كوللېكتىپى117-ۋە118-نومۇرلۇق ئىلمېنىتلارنى بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلغان .

113-نومۇرلۇق ئىلمېنىت-ياپۇنىيۇممۇ؟

113-نومۇرلۇق ئىلمېنىت-ياپۇنىيۇممۇ؟


113-نومۇرلۇق ئىلمېنىت تەتقىقاتى جەھەتتە ياپونىيە فىزىكا-خىمىيە تەتقىقات ئورنى(国立研究開発法人理化学研究所(りかがくけんきゅうしょ、RIKEN、Institute of Physical and Chemical Research) 2004-يىلى 9-ئايدا30-نومۇرلۇق ئىلمېنىت-سىنك ئاتومىنى 83-نومۇرلۇق ئىلمېنىت-بىسمۇت ئاتومىغا زەررىچەتېزلەتكۈچتە سۇقۇپ، يادرو يىغىلىش رېئاكسىيەسى ھاسىل قىلىپ، 113-نومۇرلۇق ئىلمېنىتقا ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلغان، 2012-يىلىغىچە ئۇلار 3 دانە 113-نومۇرلۇق ئىلمېنىتقا ئېرىشكەن.
ئۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى ئامېرىكا رۇسىيە بىرلەشمەتەتقىقات كوللېكتىپى 20-نومۇرلۇق ئىلمېنىت كالتسىي ئاتومىنى 95-نومۇرلۇق ئىلمېنىت-ئامىرىكىيۇم ئاتومىغا يۇقىرى سۈرئەت بىلەن سۇقۇپ، يادرو يىغىلىش رېئاكسىيەسى ئارقىلىق 115-نومۇرلۇق ئىلمېنىتنى ھاسىل قىلىپ، ئۇنىڭ يىمىرىلىشى ئارقىلىق 113-نومۇرلۇق ئىلمېنىتقا ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلغان، ئۇلارنىڭ ئېرىشكەن ۋاقتى ياپونىيەدىن بۇرۇن ۋە ئاتوم سانىمۇ كوپ بولغاچقابىر مەھەل ئۈستۈنلۈكتە تۇرغان بولسىمۇ ، بىراق رېئاكسىيە جەريانىدىكى ئېنىقسىزلىقلارنىسبەتەن كوپ بولغان.
ئۇچ يىل بۇرۇن ياپونىيە فىزىكا خىمىيە تەتقىقات ئورنى 3-قېتىم 113-نومۇرلۇق ئىلمېنىتنى بىرىكتۈرۈش رېئاكسىيەسى قىلىش جەريانىدا، ئۇدا ئالتە قېتىملىق ئېنىق بولغان يادرو يىمىرىلىش رېئاكسىيەسى ئىسپاتىغا ئېرىشىپ، ئامېرىكا رۇسىيە بىرلەشمە تەتقىقات كوللېكتىپىدىن كوپ ئەۋزەللىككە ئېرىشكەن.
113-نومۇرلۇق ئىلمېنىتنى بايقاش جەھەتتە ھەتتا ئامېرىكا، رۇسىيە، گېرمانىيەقاتارلىق ئۇچ دۆلەت بىرلىشىپ سان ۋە ۋاقىت جەھەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغان بولسىمۇ،يالغۇز ياپونىيەگە سۈپەت ۋە قايىل قىلارلىق ئىسپات جەھەتتە تەڭ كېلەلمىگەن.
يېڭى ئىلمېنىتلارنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتىگە خەلقئارا ساپ ۋە  قوللىنىشچان خىمىيە ئىتتىپاقى(IUPAC) ۋەخەلقئارا ساپ ۋە  قوللىنىشچان فىزىكا ئىتتىپاقى(IUPAP) مەسئۇل بولۇپ، بۇ ئىككى تەشكىلات تەسىس قىلغان بىرلەشمە گۇرۇپپا ياپونىيە فىزىكا-خىمىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ نەتىجىسى ئېتىراپ قىلىنغان تەكشۈرۈش دوكلاتىنى خەلقئارا ساپ ۋە  قوللىنىشچان خىمىيە ئىتتىپاقى(IUPAC) غا تاپشۇرۇپ بولغان بولۇپ، يەنە خەلقئارا ساپ ۋە  قوللىنىشچان فىزىكا ئىتتىپاقى(IUPAP) نىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشسە، ئىلمېنىتلار دەۋر جەدۋىلىگە 113-نومۇرلۇق ئىلمېنىت رەسمىي قوشۇلىدۇ.
113-نومۇرلۇق ئىلمىنىتنىڭ نۆۋەتتىكى رەت تەرتىپ ۋاقىتلىق نامى  ununtriiumئۇنۇنتىرىيۇم .
113-نومۇرلۇق ئىلمېنىتقا ياپونىيە فىزىكا-خىمىيە تەتقىقات ئورنى قويغان ئەڭ قايىل قىلارلىق نام نامزاتى ياپۇنىيۇم(Japonium) بولۇپ،يۇقىرىقى ئىككى خەلقئارالىق تەشكىلات نۆۋەتتە ئالاقىدار ئىشلارنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ،نەتىجىسى 2016-يىلى 1-ئايدا چىقىشى مۇمكىن .
ياپۇنىيۇم-ئاسىيالىقلار نامى بىلەن ئاتىلىدىغان تۇنجى ئىلمېنىت بۇلامدۇ ؟
بۇ سوئالغا 2016-يىلى جاۋاب بەرسۇن.


uyghuray
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

6

تېما

3

دوست

4119

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   70.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4209
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 81
تۆھپە : 1259
توردىكى ۋاقتى: 436
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-29 12:43:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2015-12-29 12:31
بۇنىڭغا بولماسمىكىن، دۆلىتىمىزگە قىلمىغان ئەسكىلىگى  ...

ھۆكۈمىتىمىزنى مۇشتا چۇپەي دەپ ئويلاپ قالدىڭزمۇ ، ئىتراز بىلدۇردىغانغا نىمە ھەققى بار ، بالىنى تاپقان دادىسى ئىسىمنى ئۆزى قويىدۇ ...

21

تېما

44

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   26.58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 2030
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 47
تۆھپە : 6172
توردىكى ۋاقتى: 2533
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-29 13:12:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
b@bur يوللىغان ۋاقتى  2015-12-29 12:43
ھۆكۈمىتىمىزنى مۇشتا چۇپەي دەپ ئويلاپ قالدىڭزمۇ ، ئىت ...

چۈپەي دىمىدىم، ئەڭ چوڭ يۈلىگۈچى دۆلەتمىكىن دەيدىغان تۇرسام چۈپەي دەمتىم.
uyghuray

0

تېما

2

دوست

827

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   65.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33568
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 242
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-30 20:24:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياپونىيە پەن-تېخنىكىسى ئۈستۈن دۆلەت .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )