قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 7514|ئىنكاس: 58

ئىككى ياشلىق بالىنىڭ ساۋادى قانداق چىقتى ؟ ( تەجرىبە-ساۋاق)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

3

دوست

4694

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   89.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1034
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 643
تۆھپە : 1051
توردىكى ۋاقتى: 683
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-29 12:40:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم بارلىق ئەزىز تورداشلار !
   بۇ تېمىنى يوللاشتىكى مەقسەد دوسلار بىلەن مۇشۇ پەرزەنىت تەربىيىسى توغۇرلۇق پىكىر ئالماشتۇرۇش ، ھەمدە دوسلارنىڭ باشقىچە تەپەككۈر يوللىرىنى ، ئىزلىرىنى ئىزلاپ بېقش .....مەن ئۆزەمنىڭ بەزى ئۇسۇللىرىم ۋە قاراشلىرىمنى ئالدىن سۆزلەپ باقاي ، ناۋادا دوسلارغا ياراپ قالسا يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ ماڭامىز ...
   جۇڭگونىڭ ئۆزگەرتىپ بولالماي تۇرغان مۇشۇ مائارىپ تۈزۈلمىسىگە نىمە دىسەك بولا ؟ئۆلۈك ،جانسىز ، قېلىپلاشقان ، ئادەتلەنگەن تەپەككۈر ئۇسۇلى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى.......بولدى چوڭ گەپنى قويۇپ تۇرايلى ھازىرچە .    ئالدى بىلەن  مۇشۇ ئاساسنىڭ ئاساسى ، مەۋجۇتلىقىمىزنىڭ تېرىكى بولغان ئۆز ئانا تىلىمىزدا ساۋاد چىقىرىش توغۇرلۇق پىكىرلەشسەك ، ئاندىن كېيىن مۇشۇ تەپەككۈر ، مائارىپ تۈزۈلمىسى ...دىگەندەك نۇقتىلارغا كۆچسەك ...
   ئوغلۇم ھازىر 31  ھەرپنى ھەممىنى تولۇق  بىلىدۇ (ژ نىڭمۇ بارلىغىنى تېخىچە بىلمەيدۇ، مەن دەپ بەرمىدىم تېخى ).  تاغ ، باغ، سىز ، شىر ، گۈل، داپ، نان ، سىز ، ھەل ، خام ، خان ،جانمەكتەپ ، ئالىم ، كىچىك ، گۈزەل ئادەملەر ....دىگەندەك سۆزلەرنى بىمالال ئوقۇيالايدىغان بولدى. تېخى بەزى ھەرپلەرنى يېزىپ يۈرىدۇ ، مەن يېزىشنى تېخى ئۆگەتمىىگەن ، كۆزىگە سىڭىپ كەتكەن ئوخشايدۇ . مېنىڭ پەرىزىمچە  2 يېرىم ياش بولغاندا مۇشۇ سەۋيىگە يېتىشى مۈمكىن ئىدى.( 2 ياش 8 ئاي بولغاندا ئاشۇ سەۋىيەگە يەتتى، ئاچىسى 3 ياش بولغاندا مۇشۇ سەۋىيىگە يەتكەن ئىدى) ئەمما شارائت يار بەرمىدى، يەنى بالا بىزنىڭ يېنىمىزدا  ئەمەس، 30 كىلومېتېر  ئارلقتىكى يېزىدا چوڭ ئاپىسىنڭ قېشىدا  تۇرىدۇ، پەقەت ھەر جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن قايتىپ كېلىدۇ، يەكشەنبە ياكى دۈشەنبە يەنە قايتىپ كېتىدۇ . شۇنداق بولغاچقا ۋاقت بەك قىسقا . ئۆيدە بولغان ئەھۋالدىمۇ بىر كۈندە  پەقەت بىرەر سائەتلا ‹‹ئويناپ ›› قالىمىز . دىمەك بىز ئۈچۈن مۇشۇ ‹‹ ئويناش ›› بەك مۇھىم . ئويناش ئارقىلىق بالىنىڭ ساۋادى چىقتى دىمەكچى...
بىز زادى قانداق ئوينىدۇق  ؟ناۋادا تەپسىلاتىغا قىزىقساڭلار ، دوسلارنىڭمۇ تەجرىبىلىرىنى ئاڭلىغاچ ھەم  پىكىرلەشكەچ سۆزلەپ كېتىمىز ...........
   ئوغلىمىز  ئىككى  ياشتىن ئاشقاندا باشلىغان . ئەڭ ئالدى بىلەن ‹ ئا ، ئە ، ت ، ئو  ل › قاتارلىق بەش ھەرىپنى كىچىكىرەك قاتتىق قەغەزگە يېزىۋېلىپ ، بۇ  ‹ ئا ›، بۇ‹ ئە› دەپ ئازىراق كۆندۈرۋالغاندىن كېيىن ، بەش ھەرىپنى تاشلاپ قويۇپ ئۆزىگە پالانچى ھەرپنى ئال ، پۇستانچى ھەرپنى ئال دەپ ئاستا  -ئاستا يېتەكلىگەن . ئاندىن كېيىن ئىككىمىز ھەرپ سېتىپ ئوينايلى دىسەم بەك خوشال بولدى . شۇنىڭ بىلەن ئوغلۇم بىر‹‹ دۇكان›› ئاچتى ، مەخسۇس ھەرپ ساتىدىغان ، مەن خېرىدار بولدۇم . بۇ ئارلىقتا ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىپ تۇردۇم ، مەسىلەن، ئالدى بىلەن بالامغا تېلفۇن قىلىغان بولىمەن ، تېلفۇننى ئالغاندىن كېيىن ‹ ۋەي › دىسە مەنمۇ ‹ۋەي › دەيمەن. قاچانكى ‹ ئەسسالامۇئەلەيكۇم › دىمىگىچە مەنمۇ باشقا گەپ قىلمايمەن ،‹  ئەسسالامۇئەلەيكۇم  › دىگەندىن كېيىن مەنمۇ ئىلىك ئېلىپ بولۇپ ، تېچلىق –ئامانلىق سوراپ بولۇپ ، ئاندىن‹‹ مەن پالانچى يەردىن تېلفۇن قىلىۋاتىمەن ، سىزنى ھەرپ ساتىدىغان دۇكان ئېچىپتۇ دەپ ئاڭلاپ ، بالامغا ھەرپ ئالاي دەپ تېلفۇن ئۇرغان › دىسەم تېخىمۇ خوشال بولۇپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەن تېلفۇندا خوشلىشىپ ھازىرلا دۇكىنىڭىزغا بارىمەن دەپ، بىردەم موتونى ئوت ئالدۇرغان بىردەم ماشىنىنى ئوت ئالدۇرغان بولۇپ ، ھەم ئاۋازىنى دوراپ ماڭىمەن ، ‹ دۇكىنى› نىڭ ئالدىغا بارغاندا ئۆزى چىقىدۇ ، يەنە سالام قىلىدۇ ، قول ئېلىشىپ كۆرىشىمىز ، دۇكىنىغا كىرىمىز ، دۇكىنىنى بىر ئىككى ئېغىز ماختاپ قويىمىز . شۇنىڭ بىلەن ‹ بالام‹ئا› نى ئالىمەن دەيدۇ دىسەم ‹ ئا› نى ‹ ب › نى ئالىمەن دەيدۇ دىسەم ‹ ب› نى ئەپ بېرىدۇ ، ناۋادا ئەپ بېرەلمەي قالسا ئاستا يېتەكلەپ قويىمىز ، ئاندىن ‹ بالامغا تېلفۇن قىپ باقاي ، يەنە نىمە ھەرپ ئالىدىكىن › دەپ ‹بالام› غا تېلفۇن قىلغان بولىمەن –دە،‹‹ بالام ‹ت› نىمۇ ئالغاچ كەل ›› دەيدۇ دەپ ‹ت› نى ئالدۇرىمەن ، ئەلۋەتتە ئۇمۇ بېكارغا تۇتقۇزۇپ قويمايدۇ-دە ، بېكارغا ئېلىۋەرسەم ‹ دۇكان › تاقىلىپ قالمامدۇ ، مەنمۇ قۇرۇق كەلمەيمەن ئەلۋەتتە ، تۆش يانچۇغۇمدا پۇلۇم بار كېلىمەن-دە ، ھى ھى ھى.....  يەنى 1 دىن 5 كىچە بولغان سانلارنىمۇ قاتتىق قەغەزگە يېزىپ ‹ پۇل› قىلىۋالغانمەن. مانا 1 كوي ، ماۋۇ ‹ت›   نەچچە پۇلدۇ ،‹  مانا 2 كوي ماۋۇ ب نەچچە پۇل ›  دەپ سودىمىزنى  قىلىۋېرىمىز ، بۇ جەرياندا ئاۋۇ ‹ خوجايىن › ئاز تولا ئەدەپ-ئەخلاق ، ئىقتىساد ، سان-سېفىر دىگەنلەر بىلەن تەبئىيلا ئۇچۇرشۇپ ماڭىدۇ  دىگەن گەپ. شۇنداق قىلىپ ،ئەمەلى ئەھۋالغا قارتا ‹دۇكان› دىكى ‹مال› لارنىمۇ ئاستا –ئاستا تولۇقلاپ ماڭدۇق ، ئامال بار بالا ئاسان قوبۇل قىلالايدىغان ، تەلەپپۇز قىلالايدىغان ھەرپلەرنى قوشتۇق ، بالىنىڭ زېرىكىپ قالماسلىغى ئۈچۈن ، چوققۇم ئويۇن جەريانىدىكى بەزى سۆز –ھەركەت، قىلىقلىرىمىزنى ئۆزگەرتىپ ، بالىنى كۈلدۈرۈپ تۇردۇق ، بەزىدە پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرى‹ بازار› غا  كىرىمىز. بەزىدە مايمۇن بولساق بەزىدە قاغا بولىمىز ، بەزىدە ئاشۇ بالىدىنمۇ كىچىك بالا بولىمىز ، ئىشقىلىپ  بالا قىزىقىدىغان سۆز، ھەركەت ھەممىنى ‹ ئويۇن › غا قوشۇۋېتىمىز، ئاستا-ئاستا بالىڭىز‹ دادا ھەرپ سېتىپ ئوينايلى › ھەرپ توشۇپ ئوينايلى ، ( كوزۇپلۇق ماشىنسى بىلەن توشۇغان ، بىر ماشىنا مال ( ھەرپ) ئېلىپ كەلسە 1 كوي ) ھەرپلەرنى چۈشۈرۈشكە باشقىلار مەسئۇل. بەزى ھەرپلەرنى قەستەن چۈشۈرەلمىسەك  ‹شوپۇر› نىڭ ئۆزىنى چاقىرىمىز . ئامال بار ھەرپنىڭ نامىنى دىگۈزۈپ تۇروپ چۈشۈرىمىز . ھەم ئاشخانىغا تەكلىپ قىلىپ تاماق يەيمىز ، پۇلىنى تۆلەيمىز )  دەپ سىزنى  ئۇنمىسىىڭزمۇ ئۇنماي ‹ ئويۇن› غا باشلايدۇ ، سىزلا زېركىپ قالمىسىڭىز بالىڭىز زېركىپ قالمايدۇ ، قاچان ئۆزى زېرىككەندە سىرتلارغا ئېلىپ چىقىپ ئايلىنىپ رەسمى پۇل تۆلەپ، بىر نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ قايتىپ كىرسىڭىز بولىۋېرىدۇ . ئەمدى قالغىنىنى دىمىسەممۇ بولامىكىن ، ئىشقىلىپ ئۆزىڭىز ئويلاپ تاپسىڭىز بولىۋېرىدۇ ئويۇن دىگەننى ، بالىڭىز قىزىقسىلا ھېساپ ، خوشال بولسىلا ھېساپ . ئەمما ھەرگىزمۇ ‹ بالام كېلە ، ھەرپ ئۆگىنىمز، ماۋۇ  ئا  ، ماۋۇ   ب ›    دەپ، مۇئەللىم – ئوقوغۇچى-ئۆگەتكۈچى-ئۆگەنگۈچى  شەكىلدە ئۆگۈتىمەن دەپ  زورلاپ يۈرمەڭ ! ئۇنداق قىلسىڭىز بالىڭىزغىمۇ ، ئۆزىڭىزگىمۇ قاتتىق ئوۋال قىلغان بولىسىز .... ئىشقىلىپ  مېنىڭچە ،بىر ئۆلۈك فورمۇلا يوق ھەم بولماسلىغى كېرەك  . چۈنكى ھەر قايسىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىغا قارتا ھەر خىل ئۇسۇللارنى،ئويۇنلارنى  ئويلاپ چىقساق بولىۋېرىدۇ. ئەمدى بۇ يەردە ئەڭ دىققەت قىلىدىغان بىر نۇقتا ، بىز قوللانغان ئۇسۇلنى ئاشۇ باللار خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىۋاتامدۇ-يوق،ئاشۇنى ئويۇن دەپ بىلىپ ئۆزىنى ئاشۇ ئويۇنغا ئۇرۇۋاتامدۇ –يوق دىگەن مەسىلە . ناۋادا ئازىراقلا بىزارلىق ئىپادىسىنى بىلدۈرسە دەرھال بىزمۇ  خۇددى مايمۇندەكلا  ئۇسۇلىمىزنى  يەنى  ئويۇنىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز زۆرۆر ....بولمىسا بىزنىڭ ئۇرۇنىشىمىزنىڭ ئۈنۈمى بولمايدۇ ، ئۈنۈمى بولمايلا قالماي ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىپ قېلىشى مۈمكىن. يەنە بىر دەۋېتەي ئەكسىچە ئۈنۈم بىرىپ قېلىشى مۈمكىن .... يەنە بىر تەكىتلەپ قويىدىغان مەسىلە قىز بالىغا قىز بالىلار قىزىقىدىغان ، ئوغۇل بالىلارغا ئوغۇل بالىلار قىزىقىدىغان ئۇسۇللارنى ئويۇنغا ئايلاندۇرۇپ ئوينىتىشقا چوققۇم دېھقەت قىلىشىمىز زۆرۈر . مەسىلەن ئىككى ياشقا ئەمدى كىرگەن قىز بالا بولسا كىچىك كىچىك بەش ئالتە تال قونچاق بولسا ئا ھەرىىپنى بۇ دىگەن ئالمىخان ، ب ھەرىپىنى بۇ دىگەن بابىخان ( ئىسىم قانچىكى قىزقارلىق بولسا شۇنچە ياخشى دەپ بىر تۇيغۇ كەلدى كاللامغا ) س ھەرىپىنى سەلىمە دەپ تونۇتۇپ ، قونچاقلارنىڭ بېششىغا چاپلاپ قويۇپ ، ئاندىن ئاشۇ سەلىمە ، ھەلىمە، ئالمىخانلار بىلەن ھەر خىل مېھماندارچىلىق بولامدۇ ، مۆكۈشمەك بولامدۇ ئىشقىلىپ جىققۇ ئويۇنلا، ئاشۇنداق ئويناپ كەتسەك بالا چوققۇم خوشاللىق بىلەن ئويناپ يايراپ كېتىشى مۈمكىن . ئەمما ئىدىيۋى تەييارلىق بولسۇن سىزدە . سىز ئىشلەپ ھېرىپ ، چارچاپ ئۇف دەپ ئۆيگە كىرگىنىڭىزدىمۇ بالىڭىز يەنە ئاشۇنداق ئوينايلى دەپ سىزنى قىستاققا ئېلىشى مۈمكىن .بۇنداق چاغدا ئامال بار بالىنىڭ رايىنى قايتۇردىغان ئىش ھەركەتتە بولماسلىغىڭىز ، قوپاللىق بىلەن رەت قىلماسلىقىڭىز زۆرۈردۇر ......
    ئالدىدا ئازىراق ئوقۇغۇدەك بولغان چاغدا بىر سۆزنى ئوقۇسا بىر خىل قىززىقچىلىق قىلىپ بەردىم ، بەزىدە بىر سۆزنى ئوقۇسا بىر قېتىم توخو بولۇپ ئاپىسىنى ، ئاچىسىنى قوغلاپ ئوينىدۇق ، بەزىدە مايمۇن بەزىدە توشقان بولۇپ دىگەندەك. يەنە يەنە دەپ تۇرىۋالىدۇ بۇ شاكىچىك ، بەزىدە خوش ياقمىسىمۇ زورلاپ تۇرىۋالىدۇ ، بۇنداق بولسا بالىنىڭ ساۋادى چىقماي ئامال يوقكەن .....ساۋادىنى چىقارماي ، ئويۇنغا قاندۇردىغانغا ئامالىمىز بولمىدى  .......
   يەنە بىر ئىش ، ھازىر قاتتىق قەغەزگە يېزىقلىق تەييار ھەرپلەر بار ساتىدىغان ، كىتاپخانىلاردا بارغۇ دەيمەن. ئاشۇ ھەرپلەرنى ئىشلەتسەكمۇ بولىدۇ . ئەمما ئۇ ھەرپلەر باش، ئوتتۇرا ، يالغۇز دەپ ئايرىم -ئايرىم ئايرىلغان . بەك تارقاق ، بىز ئۇنى يىپ يىڭنە بىلەن بىرلەشتۈرۋالساق بولىدۇ، يەنى ئا نىڭ ھەممىسىنى بىرلەشتۈرۈپ يىپ بىلەن چېتىۋالىمىز ، ئەڭ ئالدىغا باش  ئا نى كەلتۈرىمىز، قالغان ھەرپلەرمۇ ئوخشاش ، ئىشقىلىپ بالا قايسىنى ئاسان قوبۇل قىلغۇدەك بولسا شۇنى ئەڭ ئالدىغا تىزىمىز. ئا نى ئۈگەتمەكچى بولساق ئالدىدا  ئوتتۇرا ، ئۇلانما دىگەنلەر بىلەن كارىمىز بولمىسۇن ، ئا نى تونۇتۇپ تۇرساقلا كۇپايە. ئامال بارا قالغانلىرىنى بالىغا كۆرسەتمەيلى ، بولمىسا بالا ئازىراق بىزارلىق ھېس قىلىپ قېلىشى مۈمكىن . مېنىڭ ئەڭ ئالدىدا ‹ ئا ، ئە ، ت، ئو ، ل › لارنى تاللىشىمدىكى سەۋەپ ،بالا بۇ ھەرپلەرنى ئىگەللەپ بولغاندا ئا+ت =ئات ، ئا+ل=ئال ، ئو+ت=ئوت ئە+ت=ئەت مۇشۇلارنى قوشۇپ ئوقۇتۇپ ، بالىغا بىر ئىلھام بېرىۋېتىش ئىدى ........
    مېنىڭچە بۇ خىل ئۇسۇللار يەنى ئويۇنلار نورمال ھېساپلانغان %100 بالىغا ماس كېلىدۇ دەپ قارايمەن .بۇ ياشتىكى بالىلار ئالاھىدە ئەھۋاللارنى ھېساپقا ئالمىغاندا ئاساسەن ئوخشاش بولىدۇ ، ئاشۇ بالىغا ماس مۇھىتنى ئەلۋەتتە بىز يارىتىمىز ، بۇ مۇھىت قانداق مۇھىت بولىشى كېرەك؟ مېنىڭچە خوشاللىق قاپلىغان، بالا ئاشۇ ئىشقا يەنى بىز يېتەكلەۋاتقان تەرەپكە ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا   ئۆزىنى ئۇرۇپ تۇرغان بولىشى كېرەك . بۇنداق مۇھىت بالىغا  سۆزلەش ئارقىلق ياكى مەجبۇرلاش ئارقىلىق ئەمەس بەلىكى بالىلارچە قىزقارلىق ئىش ھەركەتلەر، ئويۇنلار،  ئىللىق سېزىملەر ئارقىلىق يارىتىلىدۇ. بالىلارنى كۈلدۈرۈپ تۇرۇپ  يېتەكلەپ باقايلى ،قېنى قايسى بالا قاچىدىكىن ؟ ئىشقىلىپ ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچانلىغىمىز، سەۋرچانلىقىمىز ، يۇمۇرستىك كەيپىياتىمىزغا باغلىق ئىشلار بۇ  ، دەپ قارايمەن .....................................
   مەن يوقۇردا دەپ ئۆتكەن ‹‹ ئات ، ئەت، ئال ، خام ، جان ، گۈل…..›› دىگەندەك ئاددى بىر بوغۇملۇق سۆزلەرنى بالا ھېچقانداق قىينالمايلا ئوقۇپ كەتكىنىنى كۆرگەندىن كېيىن ، خورتنى ئاستغىنە يۆتكەپ كەتتۇق ، يەنى ‹‹ ئو-ماق ، ئۈ-زۈم ، ئا-دەم ، ئە-دەپ ، ئۆ-رۈك ، ئۆ-زەم ، ئى-سىم ، ئا-نام ، ئى-زىم ، ئۇ-زاق ……›› دىگەندەك ئىككى بوغۇملۇق سۆزلەرنى ئوقۇشنى باشلاپ كەتتۇق ، ئۇسۇل يەنە ئوخشاش، بالا بىر سۆزنى ئوقۇسا بىر قېتىم ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرۇپ ، يا باشقا ھايۋانلارنى دوراپ بەردۇق ، يا ناخشا ئېيتىپ ، ئۇسۇل ئويناپ ، ھەر خىل قىزىقارلىق ھەركەتلەرنى چىقىرىپ دىگەندەك ئويۇن كۆرسۈتۈپ بەردۇق ، بۇ يەردە سوزۇق تاۋۇشلاردىن باشلانغان ئىككى بوغۇملۇق سۆزلەرنى تاللىشىمىزدىكى مەقسەت بالىنىڭ بىردىنلا قىيىن سۆزلەرگە كۆچۈپ ، ياخشى ئوقۇيالماي قېلىپ بىزارلىق تۇيغۇسى پەيدا بوپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش  …. يوقۇرقىدەك ئىككى بوغۇملۇق سۆزلەرنى بىمالال ئوقۇيدىغان بولۇپ كەتكەندىن كېيىن ، ‹‹ بالام ، كالام ، سالام ، ئورغاق ، سۆزمەن …..دىگەندەك  سۆزلەرگە ئاستاغىنە ئۆتۈپ كەتسەك بولىدۇ ….كېيىنمۇ ئاستا –ئاستا  خورتنى يۆتكەپ كەتسەكلا بولىدۇ ، يەنىلا تەكىتلەيدىغىنىمىز، بالا ئازىراقمۇ  بىزارلىق ھېس قىلماسلىغى ، سىز ئەمەس بالا ئۆزى سىزنى شۇ ‹‹ ئويۇن›› لارنى ئويناشقا زورلاپ تۇرىدىغان ھالەتكە كېلىشى كېرەك ...   مانا مۇشۇ خىل ئۇسۇللار ،ئويۇنلار ئارقىلىق ئۆزىمىزمۇ بىلمىگەن ھالدا بالىنىڭ ساۋادى 2ياش  8 ئاي بولغاندا چىقىپمۇ قالدى . قىزىق قىزىق سۆزلەرنى قەغەزگە ناھايىتى ئوقۇشلۇق ، ئوچۇق قىلپ يېزىۋېلىپ ئوقۇتۇپ تۇردۇق . ئاستا –ئاستا  ‹‹سوتسىيىالىزىم  ، ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ›› دىگەندەك ئۇزۇن ھەم قىيىنىراق سۆزلەرنى ئوقۇتۇۋالدۇق. ئەمما يەنىلا ئوقۇيالماي زېرىكىپ ، بىزارلىق ھېس قىلىپ قېلىشتىن قەتتئى ساقلاندۇق . شۇنداق قىلىپ مۇشۇ خىل قىيىنىراق سۆزلەرنى بىمالال ئوقۇيالايدىغان بولغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن ۋاچچىنە قىسقا قىسقا جۈملىلەرگە ئۆتۈۋالدۇق . بۇ جۈملىلەرمۇ ئىنتايىن قىزقارلىق بالىلارچە جۈملىلەر بولدى . ئامال بار ئۆزىگە ئوقۇتۇپ بولۇپ ، كەينىدە ئۆزىمىز ئوچۇق قىلپ ئوقۇپ بېرىپ ،ئاشۇ جۈملىنىڭ بەك قىززىق  ئىكەنلىگىنى بالىغا بىلدۈرۈپ قويۇشقا تىرىشتۇق .ئىشقىلىپ بۇ جەرياندىمۇ نۇرغۇن ئويۇنلار ئوينالدى .بەزىلىرى ھازىر ئۇنتۇلۇپمۇ كەتتى. ئىشقىلىپ ھەممىمىز بالىلار قىزىقىدىغان ھەر خىل ئويۇنلارنى ئويلاپ تاپساق بولىۋېرىدۇ، شۇڭا بۇ يەردە بىرمۇ –بىر يېزىپ ئولتامىساممۇ بولىدۇ دەپ قارىدىم . بۇنداق جۈملىلەرنى بىمالال ئوقۇۋاتقانلىقىنى جەزىملەشتۈرگندىن كېيىن  تۆۋەندىكىدەك جۈملىلەرگىمۇ ئۆتۈپ باقتۇق ، مەسىلەن :


1. يۈزۈمنى يۇيۇپ ، چىشىمنى چوتكىلاپ چىقتىم .
2. سەھەر ئورنۇمدىن تۇرۇپ .....
3. داستىخاندا ئولتۇرۇپ ناشتىلىق قىلدىم .  


1.مايمۇن بالىسى كەچ بولغاندا تاغدىن قايىتىپ كەپتۇ .
2.مايمۇن بالىسىنىڭ قوسىغى ئېچىپ كېتىپتۇ...
3.قوسىغىنى توقلاش ئۈچۈن مېڭىپتۇ ...
4.مېڭىپ مېڭىپ تاغقا چىقىپتۇ .....
..........................................   
   ئالدى بىلەن ئۆزىگە ئوقۇتۇپ ،ئاندىن ھەر بىرىمىز بىردىن جۈملىنى ئوچۇق ، دانە –دانە قىلىپ تەكرارلاپ ئوقۇپ بېرىپ ، بالىغا بۇ جۈملىلەرنى تەرتىۋى بويىچە ئۇلاشقا يەنى قۇراشتۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردۇق .شۇنداق قىلساق بەزىدە شۇنداق قىزقارلىق كىچىككىنە‹‹ ھېكايىچاق ››پۈتۈپ قالاتتى ،بالا خوش بوپ كېتەتتى .( بۇ خىل ئۇسۇلدا بالىغا ھەم ئوقۇشنى مەشىق قىلدۇرغىلى ھەم لوگىكىلىق تەپەككۈر قىلدۇرغىلى بولىدۇ دىگەن بىر خىل تۇيغۇ بار ئىددى كاللامدا )     
ئارىلىقتا توقۇپ قويغان ئائىلە خەلق قوشاقلىرىدىن ئارىيە ئۆھۆ.... ئۆھھۆ .....:

ئەسسالام دەيدۇ ئىليارۇق،
سەكىرەپ ئوينار بەكمۇ شوق.
ئۆيگە يۈگۈرەپ كىرىدۇ،
ئىشىك چېكىپ توق-توق-توق.


ئۇزۇن قۇلاق توشقانچاق ،
دىڭ-دىڭ سەكىرەپ مايمۇنچاق.
ئوت-چۆپ ئىزدەپ يۈگىرەيدۇ ،
مە ...مە...قىلىپ قوزىچاق .


سائەتىم جىرىڭلايدۇ ،
دۇتتارىم تىرىڭلايدۇ .
ماشىنامنى ھەيدىسەم ،
توختىماي غىرىلدايدۇ


بالىنىڭ ساۋادىنى چىقىرىش توغۇرلۇق مۇشۇ يەرگىچە توختۇلاي . يەنە قالغان پاراڭلار بولسا ئىنكاس شەكلىدە پاراڭلىشايلى .... .
   تورداشلارغا سەمىمى ئەسكەرتىدىغىنىم ، كۆز قاراش ، ئۇسۇللاردا سەۋەنلىكلەر بولسا دوستانە ئەسكەرتىش بېرىشنى ، تەجرىبەساۋاقلارنى ئورتاق پاراڭلىشىپ ئۆتۈشنى، ھەرگىزمۇ ئادەمنىڭ غورۇرىغا ، شەخسىيىتىگە تىگىدىغان ئۇسۇللاردا ‹‹ گەپدانلىق ›› قىلماسلىقلىرىنى ئۈمۈد قىلىمەن. نىمىلا بولمىسۇن ئانا تىلىمىز نۇرغۇن خىرىسلارغا دۈچ كېلىپ ، كۆپلىگەن ئاتا –ئانىلار
   بۇ جەھەتتە نۇرغۇن سوئاللارغا ، تېڭىرقاشلارغا دۈچ كەلمەكتە .مۇشۇ نۇقتىلارنى ئويلاشقان ئاساستا بالىلارغا ، ئاتا –ئانىلارغا ئازىراق بولسىمۇ، قىلچىلىك بولسىمۇ پايدىسى تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، دىگەن سەمىمى نىيەت بىلەن بۇ تېمىنى ئاز تولا رەتلەپ، تولۇقلاپ  كېيىنكى تەجىرىبە –ساۋاقلارنى قوشۇپ دىگەندەك بۇ مۇنبەردە تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق تاپتىم .


ھەمدە كېيىن بالىمىزغا ھېساپ ئۆگۈتۈش جەھەتتە قوللانغان  بىر قىسىم ئەمەلى ئۇسۇللارنىمۇ خيالىمغا كەلگەنچە مۇشۇ يەردە ئورتاقلاشماقچىمەن .....


خىيالىمغا كەلگەنچە قىستۇرۇپ قوياي :
   ‹‹ چوكىلى يەيمەن،      بىڭشاڭدىن  لىر ئەپ بە ،    دەنشى كۆرەيچۇ     ..........››     مۇشۇنداق گەپ قىلسا قەتئى چۈشەنمىگەن بولىۋالىمىز-دە ، قاچان بىز دەپ ئۆگەتكەن ئۇيغۇرچە نامى بويىچە ئاتىسا ئاندىن ھە دەپ تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ قويىمىز . يەنى دەنشى دىگەن خەنزۇچە گەپ بىز تېلۋۇزۇر دەيمىز ، خەنزۇلار دىئەنشى دەيدۇ ، ياۋكوڭنى بىز تىزگىنەك دەيمىز خەنزۇچە ياۋكوڭ دەيدۇ ...........ھازىر ھەممىنى  ئۇيغۇرچە ئاتايدۇ ، باشقا نەرسىلەرنىمۇ خەنزۇلار نىمە دەيدۇ دەپ سوراپلا تۇرىدۇ ، باشقىلار ياۋكوڭ قېنى دەپ سوراپ قالسا  ياۋكوڭ ئەمەس، تىزگىنەك  دەپ تۈزۈتۈپ يۈرىدۇ تېخى .... ئەمما ماۋۇ مۇھىت دىگەن كۈچلۈك بولىدىكەن جۇمۇ ، سىز تىزگىنەك دىسىڭىز ئەتىراپىڭىزدىكى 99% كىشى  ياۋكوڭ ، ياۋكوڭ ، ياۋكوڭ .....دەپ قايتۇرما ھۇجۇم قىلىۋەرسە ، خېلى زور مۇداپىئەدە  تۇرمىسىڭىز چاتاقكەن...
    ئەمما چىڭ تۇرۇپ كەلسەك بالا بىر چالمىدا 3 پاختەك سوقىدىكەن : بىرىنچىدىن‹‹ ئۇيغۇر›› لىقىنى ئۆگىنەلەيدىكەن. يەنى ھە مەن ئۇيغۇر كەنمەن  دەيدىغان چۈشەنچە پەيدا بولىدىكەن،   ئىككىنچىدىن خەنزۇچىنى ئۆگىنەلەيدىكەن.  يەنى ، تىزگىنەكنى خەنزۇچە ياۋكوڭ  دەيدىغانلىغىنى بىلەلەيدىكەن، ئۈچۈنچىدىن  ئۇيغۇرتىلىنى ئۆگىنەلەيدىكەن ......... ...
   چوڭ بولغاندا ئاماكىدا ( ئامىرىكىدا  دىمەكچى)  ئوقۇيمەن دەيدۇ بۇ بالا .     توغرا، تورداشلار ئويلىغاندەك ئاماكا ، ماماكالارنى مەن دەپ بەرمىسەم  بۇ شا كىچىك نەدىن بىلسۇن ؟ مەقسەد ، ئەركىن سىدىقنىڭ قايسى بىر ماقالىسىدا ئېيتىلغاندەك ‹‹ مىڭڭىنى پىروگىراممىلاش››  دەيمىزغۇ دەيمەن.ئەمما ‹‹ئاماكى  ماماكىلار›› نىڭ ئەھۋالىدىن ئاستا -ئاستا چۈشەنچە پۇرۇتۇپ تۇرساق بولىدۇ ، دەپ ئويلايمەن ...
   چوڭ بولغاندا ماشىنا ، ئايرۇپىلانلارنى ياسايدىغان ئادەم بول دەپ تۇرىمەن بەزىدە ، مەقسەد : بالىنى تەبئى پەن تەرەپكە مايىللاشتۇرۇش ، ئاتالمىش ‹‹سەنئەت تالانتى ›› تەرەپكە ئېغىپ كېتىشتىن مۇۋاپىق ئۇسۇلدا ساقلىنىش.(بالىدا ھەققەتەن سەنئەت ياكى باشقا جەھەتتىكى تالانىتى بارلىغى بايقالسا ئەلۋەتتە ھۆرمەت قىلىندۇ ) ئەمما  مۇۋاپىق بولغان ناخشا - مۇزىكىنىڭ ، سەنئەتنىڭ بالىنىڭ چوڭ مىڭڭە تەرەققىياتىدىكى رولىنى چەتكە قاقمايمىز –ئەلۋەتتە.‹‹ ئاتالمىش سەنئەت تالانىتى›› دىيىشىمدىكى سەۋەپ بىزدە يەنى ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدا ئادەتتە سەنئەت مۇھىتى بىر قەدەر ئوموملاشقان يەنى قويۇق . بالا قوساقتىن باشلاپ ناخشا –مۇزىكا ، ئۇسۇل بىلەن ئۇچۇرشۇپ تۇرىدۇ ، بۇ خىل مۇھىت بالىلارنى تەبئى ھالدا بۇ جەھەتتە ‹‹تالانىت›› قا ئىگە قىلىپ قويىدۇ . ئەمەلىيەتتە مېنىڭچە بۇ ھەقىقى تالانىت يەنى قاندىكى تالانىت بولماسلىغى مۈمكىن (ئاز ساندىكى بالىلاردىن سىرت).بۇ بىر خىل، ئۇيغۇر مىللىتىمىزنىڭ قېنىدىكى سەنئەت جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقنىڭ ئىپادىسى يەنى شۇ جەھەتتىكى قىزىقىشنىڭ گېندىكى تارقىلىشى ھەمدە ئاشۇ خىل مۇھىتنىڭ بالىلاردا شەكىللەندۈرگەن قىزىقىشى ياكى يېتىلدۈرگەن ماھارىتى بولىشى مۈمكىن . بۇنى كۆپۈنچە ئاتا –ئانىلار  ‹‹ ۋاي مېنىڭ بالامنىڭ سەنئەت تالانىتى كارارمەت ›› دەپ خاتا چۈشەنچىدە بولۇپ قېلىپ، بالىنىڭ باشقا جەھەتلەردىكى قىزىقىشى ھەم تالانىتىغا سەل قاراپ قېلىشى مۈمكىن ، دەپ ئويلىدىم ......يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا ئەتىدىن كەچكىچە ناخشا –ئۇسۇلنىڭ ئىچىدە ئۆسۈۋاتقان بالا رىمۇتچىلىق ياكى كىتاپ ئوقۇشقا قىزىقىشى مۈمكىنمۇ ؟ يەنى دىسەك يەنە شۇ بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە مۇھىت ھەم يېتەكلەش  شۇنداقلا ئۈلگە مۇھىم بەك مۇھىم دەپ قارايمەن .........
    ھازىرقى‹‹ بالىلار كىچىگىدە ئويۇنغا قانسۇن ›› دىگەن گەپلەر بەزى بىر قىسىم مەسئۇليەتسىز ئاتا ئانىلارنىڭ ئۆزلىرىگە تەسەللى تاپىدىغان باھانىسىگە ئايلىنىپ قالغىلى تۇرۇپتۇ .       توغرا ، بالىلار ئويناش كېرەك ...ئەمىسە قانداق ئوينىغان ئويۇن  ئويۇن بولىدۇ زادى ؟ سان ئارلاشتۇرماي ، ھەرپ ئارلاشتۇرماي، ھېچقانداق نىمىنى خىيال قىلماي ، قۇمدا ئېغىناپ ، يەردە سەكىرەپ ، ھوشۇقنى ئېتىپ ، ئەتتىگەن چىقىپ كەتسە كەچتە بىر كىرسە بىزنىڭ كىچىك چاغلاردىكىدەك  .....مۇشۇنداق ئوينىسا ئويۇن بولامدۇ ؟  ئويناش كېرەك ، بالا دىگەن ئوينىماي نىمە قىلىدۇ ؟ ئاشۇ ئويۇنلارغا ئازىراق مەقسەدلەرنى ئارلاشتۇرپ ، بالىنى مەلۇم تەرەپلەرگىرەك يېتەكلەيدىغان  ھالقىلارنى قوشۇپ قويساق بولماسمۇ زادى ؟بىز ئاشۇ مەقسەدلەرنى قوشۇپ قويغاندا بالىلار يەنىلا‹‹ ئويناۋاتىمەن ››دىگەن تونۇشتا بولۇپ، خوشال –خورام ئوينىسىلا ھېساپقۇ . بۇرۇنقىدەك ئوينىسىمۇ ئوينايدۇ يەنىلا ئوينايدۇ شۇ .....
    ئويلاپ باقايلى ، بىزلەر قانداق چوڭ بولغان؟ بىز دەل ئويۇننىڭ قېپىنى يېرىپ ، دەل  بىزلەر دەۋاتقان ئويۇنلارغا قېنىپ ، قېنىپ چوڭ بولغان . ئاخىرى نىمە بولدۇق ؟ دەل جۇڭگوچە مائارىپ تۈزۈلمىسىنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇق .(توغرا يېتەكلەشكە ئېرىشەلىگەنلەر ھەم پەۋقۇلادە زور تىرىشچانلىك كۆسەتكەنلەر بۇنىڭ سىرتىدا ). دىمەك مەنمۇ   ئەينى ۋاقىتلاردا فىزىكا قاتارلىق پەنلەردە 100 ، 100 يەنە 100 نومۇرلارنى ئېلىپ ،‹‹ 13 تە ياخشى ئوقۇغۇچى››بولۇپ ئوقۇغانمەن. ئەمدى ئويلاپ باقسام، بىر ئۈز-چاتنى جايىدا ئوڭشاپ ئۇلالمايدىكەنمەن ...سۇنىڭ خېمىيىلىلىك فورمىلاسىنىڭ ماھىيىتىنىمۇ تولۇق چۈشەنمەيدىكەنمەن .ئەمەلىيەتتە شۇنۇڭدا مەن يەنە  100 ئالغانمەن . ئاشۇ 100 لەر ئاخىرقى ھېساپتا 0 چىلىكمۇ رولىنى جارى قىلدۇرالىغىنى يوق بىزنىڭ مۇشۇ ھاياتلىقىمىزدا ! ئەمىسە  پەرزەنىتلىرىمىزنى يانا ئاشۇ ھاڭغا ئىتىرەمدۇق ؟ بىز چۈشۈپ ئۇخلاپ قالغان ھاڭغا پەرزەنىتلىرىمىزمۇ چۈشۈپ بېقىشى كېرەكمۇ ؟
    ئىشقىلىپ دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسى ھەقىقى مەنىدىكى ئىسلاھات نەتىجىلىرىگە ئېرىشەلمەي تۇرغان ئەھۋالدا ،شۇنداقلا ھەقىقى مەنىدىكى ساپا مائارىپى ئۆز يولىنى تاپالمايۋاتقان ئەھۋالدا بىز يەنى ئاتا ئانىلار سەگەك تۇرمىساق بولمايدىكەن .  بولۇپمۇ  كونا يادلاش تىپىدىكى ئۆلۈك سىڭدۈرۈش (مىڭڭىگە سۇ قاچىلغاندەك قاچىلاش )، نومۇر ئۈچۈن كېسىپ چاپلاش قاتارلىق ئۇسۇللارغا ئەمدى يول قويساق بولمايدۇ .... بالىلارنىڭ تەپەككۈر ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى ھەر ۋاقت ئېسىمىزدە چىڭ تۇتساق دەپ ئويلايمەن ...مەن قىزىمغا دائىم دەيدىغىنىم :  ‹‹دەرسلەردە ئۆلۈك يادلاپ 100 نومۇر  ئالغىنىڭدىن ئۆزەڭ ئويلۇنۇپ ، كاللاڭنى ئىشقا سېلىپ جاۋاپ يېزىپ 10 نومۇر ئالغىنىڭ ئەۋزەل .    1 نومۇر ئالساڭمۇ ھېساپ !! چوقۇم يادلاشقا تىگىشلىك مەزمۇنلار بۇنىڭ سىرتىدا....››
   بۇ يەردە گەپ كىچىك بالىلارنىڭ ساۋادىنى چىقىرىشتىن شاخلاپ تەپەككۈر ، مائارىپ ، پەرزەنىت تەربىيەسى قاتارلىق تەرەپلەرگىمۇ كېڭىيىپ كېتىدىغاندەك تۇىدۇ . بۇنىڭغىمۇ مەيلى دەپ ئويلىدىم . شۇنداقلا خىياللارغا كەلگەنچە ئەركىن –ئازادە پاراڭلار چىقسۇن دەپمۇ ئويلۇدۇم ....
   بالىلارنىڭ ئانا تىل ساۋادىنى ئاشۇنداق بالدۇر چىقىرىشقا ئۇرۇنۇشنىڭ زۆرۈريىتى بارمۇ ؟ مېنىڭچە يوق ! بىزمۇ ساۋادىنى چوققۇم 3 ياشقىچە چىقىرىپ بولىمىز دىگەن خىيال بىلەن بالىنى قىيناپ قىلغان يېرىمىزمۇ يوق . بالا بىلەن ئۆزئارا ئوينىغان چاغدا تەبئىلا بەزى ئويۇنلارنى قىستۇرۇپ قويۇپ ، كېيىن بالىنىڭ زورلاپ ، ئۇنمىساقمۇ ئۇنماي ‹‹ ئويناپ ›› تۇرىشى بىلەن ئامالسىز ھالدا ساۋادى چىقىپ كەتتى ، ساۋادىنى چىقارماي دىسەكمۇ چىقىپ كەتتى راستىنلا شۇنداق بولدى .....ھى ھى ...شۇڭلاشقا سىزدە بالىلار بىلەن چىقىشىپ ئوينىيالايدىغان بالىلارچە ھېس تۇيغۇ ،بالىلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ھېس قىلىپ تۇرىدىغان بىرخىل تۇيغۇ،پىسخىك ساپا ، يۇمۇرىستىك خارەكتىر ، بالىلارچە قىلىق ، بالىلارچە كەيپىيات دىگەنلەر يوق بولسا ئەڭ ياخشىسى بىزدەك قىلىپ بالىلارنىڭ ساۋادىنى چىقىرىمەن دەپ بالىنىمۇ ھەم ئۆزىڭىزنىمۇ قىينىماي بولدى قىلىڭ ! بالا سەل چوڭلاپ 7 ياشقا كىرگەندە كونا ئۇسۇل بويىچە ئوقۇتقۇچى-ئوقوغۇچى -5 قۇر يېزىش -10 قېتىم ئوقۇش ----مۇشۇ يوسۇندا ساۋادىنى چىقىرۋالسىمۇ بولىۋېرىدۇ . ساۋادىنى چىقىرىشقا كۆزىمىز يەتمىسە بالىلارغا ھەر جەھەتتىن ئۇلارنىڭ تەپەككۈرىنى ئويغۇتىدىغان ، ئويلاندۇردىغان مەسىللەر، ئويۇن، تەجىرىبىلەر بىلەن ئۇچۇراشتۇرۇپ ئامېرىكا ياپونىيە مائارىپىدىكىدەك بالىلارغا مۇستەقىل پىكىر قىلىشنى ، بولۇپمۇ مىڭڭە ئىشلىتىشنى يەنى ئويلاشنى دىمەك ئاز بولسىمۇ تەپەككۈر قىلىشقا يېتەكلەشنى چىڭ تۇتساق دەپ ئويلايمەن ....ئەمما بالىنىڭ ساۋادى بالدۇر چىقسا پايدىلىقمىكەن ؟  جاۋابىم : ھەقىقەتەن پايدىلىقكەن !
   شۇنى قىستۇرۇپ قويۇشقا ئەرزىيدۇكى ، ھەقىقى مەنىدىكى پەرزەنىت تەربىيەسى بىز دەۋاتقان ساۋاد چىقىرىش ، ھېساپ ئۆگۈتۈش ، يەنە بىرنىمىلەرنى ئۆگۈتۈش دىگەنلەر بىلەن تۈپتىن پەرىقلىندۇ مېنىڭچە .چوڭ جەھەتتىكى پەرزەنىت تەربىيىسى جەھەتتە بىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئائىلە تەربىيەلىرىمىز ،ئېتقاد –ئەقىدىلىرىمىز، ئەمەلى ھايات كارتىنىلىرىمىز ئىچىدە دۇنياغا ئۈلگە بولغۇدەك ئۆرنەكلەر ، ئۇسۇللار ، ئەمىليەتلەر ئاز ئەمەس . بۇ جەھەتتە بىز ئامېرىكىنىڭ ، ياپوننىڭكىنى ئىزدەپ يۈرمىسەكمۇ ئۆزىمىزدىكى جەۋھەرلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالىساق بىزگە يىتىپ ئاشىدۇ ، دەپ قارايمەن .ئامېرىكا ، ياپونلاردىن ئۆگۈنۈشكە تىگىشلىك نۇقتىلىرىمىز پەقەتلا ئۇلارنىڭ پەرزەنىت تەربىيىسىنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى دەپ بىلىدىغان روھى ، پەرزەنىت تەربىيەسىگە بارلىغىنى بېغىشلىيالايدىغان مائارىپ ئېڭى ، بىزدەك توي-تۆكۈن، ئادەمگەرچىلىك ، چاي ، يىغىلىشلار نى پەرزەنتلىرىمىزنىڭ تەربىيلىنىشىدىن مۇھىم بىلمەيدىغان ئاڭ ساپاسى ،مائارىپ تۈزۈلمىسىدىكى بالىلارنى ئۆلۈك يادلىتىپ ، قېلىپقا قۇيۇپ چىقارماستىن ،  مۇستەقىل پىكىر قىلىشقا ، تەپەككۈر قىلىشقا ، قول سېلىپ ئىشلەشكە ، تەبىئەت بىلەن بىۋاستە ئۇچۇرشۇشقا يېتەكلەيدىغان ئىنچىكە نۇقتىلىرى دەپ قارايمەن ....
    ئۆتكەندە مائارىپ نازارىتىدىن كەلگەن قوش تىللىق ئوقۇتۇش تەتىقات ئىشخانىسى دىدىمۇ ياكى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخنىسىدا ئىشلەيمەن دىدىمۇ ئىشقىلىپ بىر ئىشخانىدا ئىشلەيدىغان (3-دەرىجىلىك پىسخىك مەسلىھەتچى ) خەنزۇ ئايال مۇئەللىم لېكسىيەسىنى سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن ئازىراق پاراڭلىشىپ قالدۇق.. .


n        سىزچە ھازىر يولغا قويۇلۋاتقان قوش تىللىق ئوقۇتۇش بالىلىرىمىزنىڭ تەپەككۈرى ، ئۆسۈپ يېتىلىشى قاتارلىق تەرەپلەرگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ ؟ قوش تىللىق ئوقۇتۇشتا مەسىلە بارمۇ ؟
n        - قوش تىللق ئوقۇتۇشتا راستىنلا مەسىللەر مەۋجۇت . بالىلارنىڭ تەپەككۈرىگە ، ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ........
n        مۇشۇنداق لېكسىيەلەرنى نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئاڭلاشقا ئامىراق . لېكىن نۇرغۇن ئاتا –ئانىلار دېھقان چارۋىچى ، خەنزۇتىلى سەۋىيەسى تۆۋەن .......
n        مېنىڭ ئاكام دېھقان ، خەنزۇتىلى سەۋىيەسى يوق دىيەرلىك . ئوغلى بىرىنچى يىللىقتا ئوقۇيدۇ .شۇنۇڭغىمۇ يېتەكچىلىك قىلالمايدۇ . ناۋادا ئۇيغۇرچە بولغان بولسا يېتەكچىلىك قىلالىغان بولاتتى .مائارىپ نازارىتى  دەرسلىكلەرنى مېنىڭچە ئىككى خىل تىلدا تۈزۈشنى ئويلىشىپ كۆرۈشى كېرەك ......
n        توغرا ، مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان . مەن بۇ پىكىرىڭىزنى رەھبەرلەرگە يەتكۈزۈپ باقاي ......


--ئوقۇتقۇچىلار دەرس سۆزلىگەندە بالىلارغا دەرسلىكتىكى مەزمۇننى چۈشەندۈرۈشنى مەقسەد قىلىشى بالىلار قايسى خىل تىلدا راھەت ھېس قىلىپ چۈشىنەلىسە شۇ خىل تىلنى ئاساس قىلىپ ئۆتۈشى كېرەك . ھەرگىزمۇ بالىلارغا مەلۇم تىلنى ئۆگۈتۈشنى ئاساسى ئورۇنغا قويۇۋالماسلىغى كېرەك . تىل ئۆگۈنۈش ھەم ئۆگۈتۈش ئۇ ئايرىم مەسىلە ، ئۇ مائارىپنىڭ ھەممىسى ئەمەس شۇنداقمۇ ؟


--- شۇنداق ، شۇنداق .....................(نۇرغۇن گەپلەر قىسقارتىلدى )


ئاخىرىدا تېلفۇن نومېرلار قالدۇرۇلدى ، كېيىن يەنە ئالاقىلىشىدىغان بولۇشۇپ خوشلاشتۇق .


( كېيىن ئىككى قېتىم مائارىپ نازارىتى قوش تىللىق ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىغا بېرىپ، مۇدىرغا بىر قىسىم تەكلىپ پىكىرلەر بېرىلدى )


ئەسلى  پاراڭ نەگە كەلگەنتى ....
    ھە ئاۋۇ پاراڭنىڭ كەينىنى قىلىۋېتەي . بالىنىڭ ساۋادى ئاساسەن چىقىپ بولغاندىن كېيىن يېزىشقا يېتەكلەپ باقتۇق . توردىن بىر دوسكا ئالغان ، بۇ دوسكا بالىنىڭ كۆزىگە كۆرۈنۈپلا تۇرىدىغان يەرگە قويۇلدى ، بالا بىلىپ بىلمەي بىر نەسىلەرنى جىجىلاپ باقتى . قارىسام بىر كۈنلەردە ھەرپلەرنى يېزىپ يۈرىدۇ شۇنىڭ بىلەن دەرھال ھەركەتكە ئۆتۈپ كەتتۇق . يەنە شۇ ئويۇن پەقەتلا ئويۇن ..بىر ھەرىپنى يازسا بىر خىل ئويۇن چىقىرىپ ، ماختاپ ئىلھاملاندۇرۇپ دىگەندەك  ...يېزىشنىمۇ ئاسانلا ئۆگۈنۈپ كەتتى  ، بەلكىم شۇ جەرياندا بالىنىڭ كۆزىگە سىڭىپ كەتكەن ئوخشايدۇ ...ھەرىپتىن ئاستا –ئاستا مەن –سەن – دادام – ئاچام –مەكتەپ –ئەسسالامۇئەلەيكۇم .......دىگەندەك سۆزلەرگە ئۆتتۇق .سۆزلەرنى بىمالال يېزىۋاتقانلىغىنى جەزىملەشتۈرگندىن كېيىن ئاددى جۈملىلەرگە ئاددى جۈملىلەردىن سەل مۇرەككەپىرەك جۈملىلەرگە دىگەندەك ...ئامال بار ئاڭلاپ يازغۇزدۇق .  بەزى بەزىدە كىتاپتىن كۆچۈرۈپ يازدى . تۆت ياشتىن ئاشقاندا ‹‹ كىرورانلىق بالىلار ›› دىگەن بالىلار رومانىنى ئوقۇپ باقتى . بۇ ۋاقىتتا بالا ئوقۇغان مەزمۇننى % 10 چۈشەنگەن بولىشى مۈمكىن . شۇڭا بالا ئوقۇپ بولىشىغا بىز يەنە قايتىدىن قىزقارلىق قىلىپ ئوقۇپ بەردۇق .شۇنداق قىلىپ 200 بەت ئوقۇغاندا بالا زېرىككەندەك بولدى.شۇنىڭ بىلەن ئوقۇشنى توختۇتۇپ ، قىسقا قىسقا يۇمۇر ، مەسەللەرنى ، بالىلار قوشاقلىرىنى ئوقۇپ تۇردى . بالا 5 ياشقا كىرگەندە قىزىقتۇرۇشنى ئەمەس بىر خىل تۈزۈمنى تۇرغازدۇق . يەنى كۈندە چوقۇم بىر بەت ئوقۇشى، بىر قۇر ياكى ئىككى قۇر خەت يېزىشى، ھېساپتىن دەسلەپ 10نى كېيىن 5نى ئىشلەشنى ، پىنيىندىن 5 نى يېزىشنى بېكىتتۇق . بۇ ئىشلار كېيىن ئادىتىگە ئايلاندى ، بەزىدە ئورۇنلاپ بولمىسا يول قويمىدۇق . بۇ جاھاندا ياشايمىز دەيدىكەنمىز ھەمىشە ئويۇن بىلەنلا بولساق بولمايدىغانلىقىنى ، بەزى ئىشلارنى خوش ياقمىسىمۇ ، قىلغۇمىز كەلمىسىمۇ چوققۇم قىلىشىمىز لازىملىغىنى ...بىر قاتار ئەمەلى مىساللارنى سۆزلەپ قايىل قىلقىشقا تىرىشتۇق .....كېيىن بالىنىڭ زېرىكىشلىك ھېس قىلىۋاتقانلىغىنى كۆزدە تۇتۇپ كۈندە بىر-ئىككى بەت كىتاپ ئوقۇش ، يېزىشنى ، ھېساپنى ھەپتىدە بىر قىلىشقا ئۆزگەرتۇق ( ئۇنتۇپ قالمىسىلا بولدى دىگەن مەقسەدتە ).....ھازىر  6 ياشتىن ئاشتى ، ئوقۇش يېزىش پەچەت .ھېساپتا 3-يىللىقلارنىڭ مەسىلەن 66×88-10001  دىگەندەك ھېساپلاشلارنى ، بەزى مەسىللەرنى بىمالال ئىشلەپ يۈرىدۇ .  ئەمدى گەپ ئاۋۇ كەرىلەرنى قانداق‹‹ ئوينىدۇق ›› دىگەن يەرلەرگە كەلگەندەك قىلامدۇ نىمە ؟ توۋۋا بۇ يەردىمۇ قىززىق ئويۇنلار ئوينالغان جۇمۇ راست . ئەمما ئۈنۈمى كارامەت بولغان . ...تاپانچا ، پىلىمۇت ، گىرانات ، سىنارەد ، ئۇر توقماق ، قالقان ....ۋاي –ۋۇي ئىشلىتىلگەن قوراللار ۋەھشى . بولدى دىسەممۇ زورلاپ ئويناپ، ئىدەمنى ھارغۇزۇپ ئاخىرىدا يەنە ئامالسىز ھالدا بىر مۇنچە نەسىلەرنى ئىشلەيدىغان بوپ كەتتى بۇ بالا ....بۇ جەھەتتىكى ‹‹ئويۇنلار ، تاماشىلار ›› دىن خەۋەردار بولۇشقا قىزىقساڭلار  تورداشلارنىڭمۇ پاراڭلىرىنى ئاڭلىغاچ ‹‹ پاراڭدىن پاراڭ چىقىپ..... ›› مۇشۇ يوسۇندا داۋاملاشتۇرۇپ كېتەمىز ............
    پاراڭلار سەل چېچىلاڭغۇ ، تاقا-تۇقا كەتكەندەك ھېس قىلۋاتىمەن . تورداشلارنىڭ  توغرا چۈشەنگەن ئاساستا پاراڭلىرىمىزغا پاراڭ قوشۇشلىرىنى سەمىمى ئۈمۈد قلىمەن !
   ھە راست ئۇيغۇرچە خەتلەرنى يېزىشنى ئۆگۈنۋاتقان چاغدا بىر كۈنى يەسلىدە ‹‹ ئايى ›› سى : سېنىڭ بالاڭ ھەر كۈنى بىر سائەت باشقا سىنىپقا چىقىپ ئۇيغۇرچە ئېلىپبە ئۆگۈنۋاتىدۇ ، ھازىر ئۆگەنمىسىمۇ بولىۋېرىدۇ ، خەنزۇچىنى ياخشى ئۆگەنسۇن . مانا باشقا بالىلار بىلىدىغان  نۇرغۇن خەتلەرنى تونىيالمىدى ( ئەمەليەتتە يالغان ) ....›› دەيدۇ . مەن چىرايلىقچە : ھازىرچە ئانا تىلى مۇھىم ، خەنزۇ تىلىنىمۇ ئۆگۈنىدۇ، ئانا تىلىنىمۇ ئۆگۈنىدۇ ........دىگەندەك گەپلەرنىلا قىلىپ، ئارتۇقچە دىيىشىشنى مۇۋاپىق كۆرمەي، كاللامدا شۇئان بىر ‹‹ ئويۇن ›› پەيدا بولدى . يەنى ئاشۇ دەۋاتقان خەنزۇچە خەتلەرنىمۇ بالىغا تونۇتىۋېتىپلا قوش ئۈنۈمگگ ئېرىشىش .بۇمۇ ئەمەليەتتە باش قاتىدىغان ئىشمۇ ئەمەس ئىدى .پەقەت ئويۇن، ئويۇن يەنە ئويناپ قويساقلا بولاتتى شۇ ھى ھى ......شۇنىڭ بىلەن يەنە ئويناپ قويدۇق :
    توردىن 40 نەچچە يۈئەنگە، ئۇچىغا يۇممىشاق ئوق سېلىپ ئاتىدىغان بىر ئويۇنچۇق تاپانچا  سېتىۋالدۇق .شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى خەنزۇچە خەتلەرنى پارچە-پارچە قاتتىق قەغەزگە ئوچۇق ، چىرايلىق قىلىپ يېزىۋېلىپ ، 2-3 مېتىر ئارلىققا تىزىپ قويۇپ، بىردەم تۈركىيە كوماندىسى ، بىردەم ياپونيە كوماندىسى بىردەم ئامېرىكا كوماندىسى بولۇپ ، مۇسابىقە قىلىشىپ ئاشۇ خەنزۇچە خەتلەرنى قارغا ئېلىپ  ئوينىدۇق . ھەر بىر خەتنى قارغا ئالغاندا ئۈنلۈك ئاۋازدا  شۇ خەتنى ئوقۇپ  ياكى قىزقارلىق گەپلەرنى ئارلاشتۇرۇپ تۇرۇپ ئاتتۇق ،.بۇ جەرياندىمۇ نۇرغۇن قىزقارلىق گەپ –سۆزلەر ،ھەزىل قىلىقلار چىققان   شۇنىڭ بىلەن 4-5 كۈندىلا 80-90 دەك خام خەتنى تونۇپ كەتتى .ئايىسىمۇ خوش بولدى....ھى ھى ھى قىززىق ئىشلار دە بۇ !     
    ئادەتتە ئاياللار ئۆي ئىچىنىڭ بولۇپمۇ مېھمانخانا ئۆينىڭ پاكىزە ،رەتلىك بولىشىنى، خۇددى ھازىرلا يوقۇردىن تەكشۈرۈشچى كېلىدىغان ئىشخانىدەك پەچەت تۇرۇشىنى ئارزۇ قىلىشىدۇ . بۇ ئەلۋەتتە ياخشى ئەھۋال . بىراق مېنىڭ ئازىراق پىكىرىم بار ھەي سۆيۈملۈك ئاياللار ! مېھمانخانا ئۆيدىمۇ قەغەز –قەلەملەر ، كىتاپ-ژورناللار دۆۋە-دۆۋە تۇرمىسىمۇ سىلەر ھېلىقى خىرۇستال قاچىلار بىلەن تاتلىق –تۈرۈملەرنى تىزىپ قويىدىغان شىرە ئۈستىدە ھېچ بولمىغاندا بىر ئىككى پارچىدىن كىتاپلار، ژورناللارغىمۇ ئازىراق ئورۇن قالسۇن .قەغەز قەلەملەرمۇ تۇرسۇن دىمەكچى .چۈنكى بۇنەرسىلەر كۆزگە ئەڭ ئاسان چېلىقىدىغان يەرلەردە تۇرسا ئۆزىمىزمۇ ئارام ئالغان چاغلادا بولامدۇ باشقا چاغلادا بولامدۇ ئىختىيارسىز قولۇمىزغا ئېلىپ ئانچە مۇنچە ۋاراقلاپ تۇرساق بالىلارمۇ تەبئى ھالدا ئاشۇ كىتاپ-ژورناللارنى ئېلىپ ۋاراقلايدىغان بولۇپ قېلىشى مۈمكىن . ناۋادا مېھمانخانا ئۆيىمىزگە كىچىك بىر دوسكا قويۇپ قويساق بۇنىڭ رولىنىمۇ ھەرگىز ھەرگىزمۇ سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ ..... ئالاھىدە ياساتقان ئايرىم كىتاپخانا ئۆيىمىزدە نەچچە مىڭلاپ كىتاپىمىز بولغىنى بىلەن  مېھمانخانا ئۆيىمىزدە ئۇيەر بۇيەردە تۇرغان كىتاپلارنىڭ رولىدىكى پەرق  خېلى بار، دىگەن بىۋاستە تۇيغۇ بار كاللامدا ! ئەمما زە ھەي... خوتۇن كىشىلەر... خوتۇن كىشىلەر...چېچەن پاكىزلىقىڭلار بەك ئېشىپ كەتمىسە ! بىردىن ئىككىدىن ئوماق باللىلىرىمىز خالىغانچە ئاز –تولا ئوينىيالمايدىغان ، ئويۇنچۇقلىرىنى ئانچە-مۇنچە چېچىپ ،ئېتىپ باشقۇرالمايدىغان ، ئانچە –مۇنچە كىتاپ –ژورناللار كۆزلەرگە چېلىقىپ تۇرالماي ، موزېيخانىدىكى قىممەتلىك ئاسارە-ئەتىقىدەك مەخسۇس ئۆيگىلا تىزىپ قويۇلدىغان بۇنداق ئۆيىمىزنى بىر چىرايلىق بېزەپ ،باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىشقا ،پاككككىزە ررەتتتتتتتتتلىك  قىلىپ قويۇپ قاراپ ئولتۇرۇشقا ئالغانمۇ ؟   
    بىر كۈنى مەن ، باللانىڭ ئاپىسى ،قىزىمىز ئۆچىمىز مەقسەتلىك ھالدا ھەر بىرىمىز مېھمانخانا ئۆيدىكى شىرەنىڭ ئۈستىدىن بىردىن كىتاپنى ئېلىپ جىمجىت ئولتۇرۇپلا ئوقۇشقا باشلىدۇق . بىر چاغدا ئۆز ئويۇنى بىلەن بولىۋاتقان ئاۋۇ ئوغۇلمۇ ئاستاغىنە كېلىپ ئۆزىنىڭ كىتاپىنى ئېلىپ شۇنداق تەبئى ھالدا ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتتى ....بۇنىڭدىن سىز نىمىنى ھېس قىلالىدىڭىز ؟  نىمىلەرنى خىيال قىلدىڭىز ؟   
    ئەمدى ئاۋۇ ھېساپلاشنى قانداق ‹‹ ئوينىدۇق ›› ؟ قوشۇش ئېلىشلارنى قانداق قىلدۇق ؟ بۇ يادىمغا كەلمەيۋاتىدۇ ....بولدى كۆپەيتىشنى قانداق ئوينىغىنىمىز يادىمغا كېلىۋالدى ، شۇنى دىگەچ تۇراي ...
    ئەڭ ئالدى بىلەن كۆپەيتىشنىڭ ماھىيىتىنى ئاز –تولا چۈشەندۈرۈپ قويدۇق . مەسىلەن 2×2=4  بولسا ئىككى ئىككى تۆت دەپ ياتلاتقۇزساق ئۆلۈك ھالدا يادلىۋېلىشى مۈمكىن . بۇنى ئاسانراق قىلىپ سەندە ئىككى ئالما ، مەندە ئىككى ئالما ، ئىككى يەردە ئىككىدىن ئالما دىگەن گەپنى ئەمەلى ئالمىنى ياكى كەمپۈتنى نەق كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ  ، قول بىلەن تۇتۇپ تۇرۇپ چۈشەندۈرۈپ قويساق بۇ چاغدا دەل ماھىيىتىنى ئاز تولا ھېس قىلىۋېلىشى مۈمكىن . بۇ كېيىنكى چۈشىنىشى ئۈچۈن پايدىلىق بولىشى مۈمكىن .
    بىز ئەڭ ئالدى بىلەن شۇنداق قىلدۇق . بىزنىڭ تامدىمۇ كۆپۈنچە ئۆيلەردىكىدەك كىتاپخانىلاردا سېتىلۋاتقان كەرە جەدىۋېلى ئېسىلغان .شۇنى يادلاپ باقتى ، ھېلىقى چاۋاك چېلىپ يادلايدىغان بىر ئۇسۇل باركەنغۇ ئۇنىمۇ قىلىپ باقتى ....ئەمما ئۈنۈمى بولمىدى . بالا پەقەت يادلىيالمىدى . بۇ مەجبۇرى بولىۋاتاتتى ، شۇڭا بالا بىزارلىق ھېس قىلۋاتاتتى . شۇنىڭ بىلەن  يەنىلا بالىنىڭ قىزىقىپ ئوينايدىغان ئويۇنىدىن يەنى  تاپانچا ، ئاپتومات ، گىراناتلاردىن باشلىدۇق . يەنى بىرنىڭ كەرىسىنى چىقىرۋېتىپ ئىككىنىڭ كەرىسىدىن باشلىدۇق . ھەربى –دۈشمەن بولۇپ ئېتىشتۇق ، ئازىراق ئېتىشقاندىن كېيىن ئوق تۈگەيدۇ ، ئوق تۈگىسە ئىككىنىڭ كەرىسىنى يادلىساق ئوق قاچىلىندۇ . دەماللىققا بىلەلمىسە يۈگۈرەپ بېرىپ ھېلىقى تامغا ئېسىپ قويغان ‹‹ زاپاس ئوقدان  ›› (كەرە جەدۋىلى) دىن قاچىللايمىز . بەزىدە ئىككىمىزنىڭ ئوقى تەڭلا تۈگەيدۇ ، بۇ چاغدا  كىم بالدۇر ئوق قاچىليالىسا شۇ قارشى تەرەپنى بالدۇر ئېتىۋېتىدۇ .شۇنىڭ ئۈچۈن بالا ئامال بار مەندىن بالدۇر‹‹ ئوق قاچىلاپ ›› مېنى ئېتىۋېتىشكە تىرىشىدۇ ....قالغانلارنىمۇ مۇشۇنۇڭدەك ئويۇنلار بىلەن ئېلىپ باردۇق . ئاخىرىدا ھەممىنى ئاساسەن بىرە قۇر ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن تېخىمۇ ۋەھشى ‹‹قوراللار›› نى كىرگۈزدۇق . يەنى مۇنداق ئورۇنلاشتۇردۇق :  ئىككىنىڭ كەرىسى ئوقيا  ، ئۈچنىڭ كەرىسى گىرانات ، تۆتنىڭ ئاپتومات ، بەشنىڭ ئۇر توقماق ، ئالتىنىڭ باشقۇرۇلدىغان بومبا ، يەتتىنىڭ باشقۇرۇلدىغان بومبىنى تۇسۇيدىغان قالقان ، سەككىزنىڭ تاپانچا ، توققۇزنىڭ  ئاۋازسىز تاپانچا دىگەندەك .... ئۇرۇش باشلىندۇ ، ئامال بار بالىغا يېڭىلىپ بېرىمىز . بالا ئاشۇ ۋەھشى قوراللارنى ئېلىش ئۈچۈن قاتتىق تىرىشىشدۇ يەنى قايسى قورالغا ئىگە بولماقچى بولسا ئالدى بىلەن شۇنىڭ كەرىسىنى يادلايدۇ دىگەن گەپ .مەسىلەن ئالتە سەككىز قىرىق سەككىز دىمەي خاتا ھالدا ئالتە سەككىز ئەللىك ئالتە دەپ قويسا  باشقۇرۇلدىغان بومبا نىشانغا تەگمەي قايتىپ كېلىپ ئۆزىنى پارتىلتىۋېتىدۇ . بىر قېتىم ئاشۇنداق بولغان ، بۇ بالا ھازىرغىچە ‹‹ ئىنتايى قىززىق پاراڭلىرى ›› قاتارىدا سەپ يۈرىدۇ . ھەمدە شۇنداق چىڭ ئېسىدە قاپتۇ ئاشۇ ‹‹ئۇرۇش›› تىكى ئىشلار . ئالتە سەككىز قانچە دىسەملا سۆزلەپ كېتىدۇ ،ھە ھېلىقى ئۆزەمنى پارتىلتىۋەتكەن دەپ .....قىززىق   ئەمما بۇ ئۇسۇل كارامەت ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بولدى ، نەچچە كۈندىلا كەرە پەرە دىگەننى تىتىتپ يىرتىپلىۋەتتى بۇ بالا ھى ھى ھى .....شۇنىڭ بىلەن ئاستا 15×3   23 ×2    36×5  دىگەنلەرگە ئۆتۈپلا كەتتۇق . بۇنى تەخمىنەن بىرە ئاي داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن  ئىككى خانلىققا ئىككى خانلىق سانلارنى كۆپەيتىشكە ئۆتتۇق . ئاندىن باشتىكى قوشۇش ئېلىشلارنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىغى ئۈچۈن85×48- 8000  ،       85×48+ 8000   دىگەندەك ھېساپلارنى ئورۇنلاشتۇردۇق . بۇ ھېساپلارنى ئىشلەش بىلەن بىرگە  بالىنىڭ تەپەككۈرىنى قوزغاشقا پايدىسى بولسۇن ئۈچۈن بالىنى ئويلاندۇردىغان ئاددى ئاددى مەسىلىلەرنى يېشىشكىمۇ ئاز-تولا يېتەكلەپ تۇردۇق  ... يەنە مەسىلەن  يەل ئۇرۇلغان 500تال ۋاسكىتبول بار ، بىز بۇ توپلارنى كىچىك كوزۇپلۇق ماشىنا بىلەن مەلۇم جايغا توشۇماقچى ، بىراق كوزۇپقا پاتمىدى ...قانداراق ئامال قىلساق پاتقۇزالايمىز ؟  ياكى بولمىسا ،پۈۋلەپ يوغان  قىلىنغان 5 تال شار بار ،سەن بۇ شارلارنى يانچۇقۇڭغا سېلىپ ئېلىپ كەل .....
    يەنە مەسىلەن ، تۇرنا بىلەن تۈلكىنىڭ بىر بىرسىنى مېھمان قىلىشىدىغان ھېلىقى مەسەلدىكى كوزىدىكى سۇنى سەن تۇرنا بولساڭ قانداق ئامال قىلىپ ئىچەلىشىڭ مۈمكىن ؟   يەنە مەسىلەن ، بىر ئېرىق بويىدا بىر توپ باللار پۇتبول ئويناۋاتقان ئىدى . پۇتبول ئېرىق ياقىسىدىكى 3-4 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى بىر ئورەككە چۈشۈپ كەتتى چۈشۈپ ئالاي دىسە شوتا يوق ياكى چۈشكىلى بولمايدۇ، قانداق ئامال بىلەن بۇ توپنى ئالالايمىز؟  ............................................................؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
  مانا مۇشۇنداق مەسىلىلەرنى ئامال بار بالىلار بىلەن تەڭ ئەمەلى ئويناپ بەرسەك بالىلارنىڭ مىڭڭىسىنىڭ تەرەققىياتى ، تەپەككۈرىنىڭ ئېچىلىشى ، مۇستەقىل پىكىر قىلىشى .....قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەرگە پايدىلىق بولۇپ ، نۆۋىتى كەلگەندە بالىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ھەتتا بىر دۆلەتنىڭ بىر مىللەتنىڭ كەلگۈسى بىلەن باغلىنىشلىق بولىشى مۈمكىن .......ئەمدى قالغان گەپلەر بولسا ئاستا- ئاستا دىيىشۋالامىز ......










يەنە بىر گەپلەر يادىمغا كېلىۋالدى يادىمدا بار چاغدا دەپلىۋېتەي، ھېلى باكا مىرتلا قىلىپ چىقىپ كەتمىسۇن  ....






ھېلقى ئەركىن ئابدۇللا ئېيتقان نىنونىنونى دىگەن ناخشىدىكى


مەن مەكتەپتىن قاچمايتتىم
كۆڭلۈم تورخانا تارتىدۇ ...

يەنە ئابلاجان ئاۋۇت ئېيتقان ، تېكىستى يادىمدا قالماپتۇ


،..............................
    بالىلارنىڭ تاپشۇرۇقلاردىن زارلاۋاتقان ، مەكتەپلەردىن زېركىۋاتقان ھالەتلىرىنى ئىپادىلەپ ، ئاتا-ئانىلارغا ، مەكتەپلەرگە چوقان كۆتۈرۋاتقان مەزمۇندىكى ناخشىلار .... گەرچە ناخشا ئېيتقۇچى توغرا مەقسەدتە ، بالىلار تەرەپتە تۇرۇپ بىر قىسىم مەسىلىلەرنى دەۋاتقاندەك قىلسىمۇ ئەمەلىيەتتە بالىلار نۇقتىسىدىن بولۇپمۇ بالىلارچە پىسخىك نۇقتىدىن تۇرۇپ ئويلانغاندا بۇ خىل ناخشىلارنىڭ كۆپىرەك ئېيتىلىپ قېلىشى بولۇپمۇ ئاڭلاشقا تىگىشلىك بولغان ئاتا –ئانىلار ، مائارىپ باشقۇرغۇچى كونكىرىت شەخسلەر ئاڭلىماستىن ياكى ئاڭلىسىمۇ دىققىتىنى ئاغدۇرماستىن ئەكسىچە ئاشۇ سەبى بالىلار كۆپىرەك ئاڭلاپ يۈرسە پىسخولۇگىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا بۇ زادى قانداق ئۈنۈم كۆرسىتىشى مۈمكىن ؟ زادى بۇ خىل مەسىلىلەرنى بالىلار ناخشىسى قىلىپ ، بالىلار نۇقتىسىدا بالىلار مەيدانىدا تۇرۇپ قاتتىق جار سېلىش كېرەكمۇ ياكى مائارىپ باشقۇرغۇچى تارماقلار بىلەن ، ئاتا-ئانىلار بىلەن ئىلمى سۆھبەت ، پىكىر-تەكلىپ يوسۇنىدا سۆزلىشىپ  جەمىيەت نۇقتىسىدىن بىر خىل مۇھىت يارىتىشنى ئويلىشىپ كۆرۈش كېرەكمۇ ؟
     يەنە بەزى ئېتۇت ، قىزىقچىلىقلاردا ئاشۇ ئەرتىسلەر قىزىقچىلىق قىلىۋاتىمەن دەپ مۇنداقلا دەپ قويىۋاتقان  ‹‹ مەن ماتېماتىكىدا قالغان ، ۋاي ماتېماتېكا دىسە بېشىم ئاغىرىيتتى ....دىگەندەك ‹‹ قىززىق ››  ئەمەلىيەتتە راست گەپلىرى زادى بالىلارنىڭ پىسخىك يېتىلىشىدە ئىجابى رول ئوينىيالامدۇ ؟ سەلبى رولمۇ ؟ ۋە ياكى ھېچقانداق رولى يوق ، باللارنى كۈلدۈرۈپلا ئۆتۈپ كېتەمۇ ؟


؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
……………………………………………………


قالغان پاراڭلار پاراڭلارغا قارتا داۋاملاشقۇسى.....

uyghuray

0

تېما

2

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1149
يازما سانى: 594
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2337
تۆھپە : 2445
توردىكى ۋاقتى: 615
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-29 18:39:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېلى بولىدىغان ئۇسۇلدەك قىلىدۇ، ئەممازە قېرىنداشلار، خەقنىڭ بالىسى بىلىپتۇ نېمىشقا سەن بىلمەيسەن، دەپ بالىلىرىڭىزلارنى سىلكىشلەپ يۈرمىڭىزلەر جۇمۇ.

0

تېما

9

دوست

4506

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   83.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35011
يازما سانى: 327
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1378
توردىكى ۋاقتى: 200
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-29 20:19:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەقلىڭزگە بارىكاللا...ھەقىقەتەن ئەتراپلىق ئويلىشىپسىز.....مەنمۇ توي قىلىپ بالام بولسا سىناپ باقسام بولغۇدەك مۇشۇ ئۇسۇلنى...

0

تېما

9

دوست

4506

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   83.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35011
يازما سانى: 327
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1378
توردىكى ۋاقتى: 200
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-29 20:19:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەقلىڭزگە بارىكاللا...ھەقىقەتەن ئەتراپلىق ئويلىشىپسىز.....مەنمۇ توي قىلىپ بالام بولسا سىناپ باقسام بولغۇدەك مۇشۇ ئۇسۇلنى...
uyghuray

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

13

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   37.61%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1956
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 6055
توردىكى ۋاقتى: 1615
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-29 21:25:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزگە مۇشۇنداق  ئۆزىمىزنىڭ تەجرىبە ساۋاقلىرى يەكۈنلەنگەن نەخ ئىشلار تەسۋىرلەنگەن يازمىلار زۆرۈر لازىم بۇلىۋاتىدۇ.

6

تېما

0

دوست

6219

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   24.38%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1153
يازما سانى: 246
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 736
تۆھپە : 1467
توردىكى ۋاقتى: 784
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-29 21:56:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باللارنى تەربىيلەش توغرىسىدىكى ياخشى پىكىرلەر ئىكەن، ئاپىرىن سىزگە

0

تېما

1

دوست

3372

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   45.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33176
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -2
تۆھپە : 1040
توردىكى ۋاقتى: 317
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-29 22:31:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   SARSAN_8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-29 22:32  

     باشقىلارمۇ سىناپ باقسا بولىدىغان ئۇسۇللار ئىكەن ، لېكىن بۇ ئۇسۇلنىڭ ھەممىلا بالىغا ماس كېلىشى ناتايىن .

0

تېما

3

دوست

747

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   49.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43047
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 232
توردىكى ۋاقتى: 174
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-29 23:40:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەتىلدە ئاكىللىرىمنىڭ پەرزەنىتلىرى بىلەن مۇشۇنداق ئويناپ ،پىراكتىكا قىلىپ قويسام بولغۇدەك. تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )