- تىزىملاتقان
- 2013-1-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-2-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2785
- نادىر
- 0
- يازما
- 86
ئۆسۈش
26.17%
|
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى قارار ماقۇللاپ ،ئەنگە ئالدۇرۇش تۈزىمىنى پاي بازىرىدا رەسمى يۇلغا قويدىغانلىنى بىلدۇردى،بۇنىڭ بىلەن جوڭگۇ كاپىتال بازىردا 20 يىلدىن بۇيان ئادىل بولماي كەلگەن يېڭى پاينى بازارغا سېلىش تۈزىمى رەسمى ئىسلاھات قىلىندى،خەۋەر قىلىنىشچە 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن رەسمى ئىجرا قىلىنىدىكەن،ئۇنداقتا ئەنگە ئېلىش تۈزىمى پاي بازىرىغا زادى قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟بۇنىڭغا تۆەندىكىدەك بىر نەچچە نۇقتىلار جاۋاپ بولىشى مۈمكىن.
1-يېڭى پاينى تاقىتىشنى باشقۇرۇش ئاكسيە كومىتىتى ئۆزى بىر قوللۇق مۇنۇپۇل قىلىدىغان دەۋر ئاياغلىشىدۇ،پەقەت پېيى بازارغا سېلىنىدىغان شېركەت ئاكسيە كومىتىتىغا ئەنگە ئالدۇرسا بولىدۇ،ئەنگە ئالدۇرۇش تۇزىمىنىڭ ماھىيەتلىك مەنىسى شۇكى ئۆلچەم تەلەپكە يەتكەن شېركەت ئاكسيە كومىتىتىغا پېينى بازارغا سېلىش ئىلتىماسىنى ئەنگە ئالدۇرىدۇ،يەنە بىرسى ھەرقانداق ئۇچۇر بەلگىلىمە خەۋەرنى ئۇچۇق ئاشكارە قانۇنى ئاساستا ئېلان قىلىدۇ،دىمەك ،پاي بازىرىنىڭ تەمىنلەش ئېھتىياج ئوتتۇرسىدا چوڭ ئۆزگىرىش يۇز بېرىپ،پاي بازىرىنىڭ ئىشىگى رەسمى ئېچىلىۋىتىدۇ،پايلار كىرسە بولىدۇ،بىراق نازارەت قاتتىق كۈچىيىپ،نۆۋەتتىكى بازار تەرىۋىنى ئۆزگەرتىدۇ.
2-پاي بازىرىنىڭ دەرۋازىسى ئېچىلىپ تەلەپكە ئۇيغۇن زۇر كۆلەمدىكى پايلار بازارغا كىرگەندىن كېيىن تىجارەتىنىڭ تايىنى يۇق،ئىزچىل زىيان ياكى بىر ئىزدا توختاپ تۇرغان شېركەتلەر ئەجەللىك زەربىگە ئۇچراش مۈمكىن، يەنە بىرىسى ئىلگىرىكى كۆلەم كىچىك پايلارنى ،س ت قالپىقى بار پايلارغا مەبلەغ سېلىش ،ئۇلارنىڭ قايتا تەشكىللىنىشىگە دو تىكىش قىلمىشى سۈسلايدۇ،چۈنكى ئىلگىرى ئاكسيە كومىتىتى ھەممە ھوقۇقنى ئۆزى تۇتۇپ،پايلارنىڭ بازارغا سېلىنىشىنى قاتتىق كونترۇل قىلىپ ،پېيى بازارغا سېلىنىدىغان كارخانلارنى ئۆچرەت قىلىۋەتكەچكە،پاي بازىرىدا بۇ خىلدىكى پايلار قىززىق نۇقتا بولۇپ كەلگەن،نۇرغۇن شېركەتلەر ئۆچرەتتە بازارغا چىقالماي ،ئاخىرى بازاردىكى زىيان تاتقان ياكى پاي كۆلەم كىچىك پايلار بىلەن قايتا تەشكىللىنىپ ياكى قېپىنى سېتىۋىلىپ پاي بازىرىغا چىقىش نىشانىغا يەتكەن،ئەمدى بۇنداق پۇرسەت يۇقىشى مۈمكىن.
3-پاينىڭ كۆپىيىشى،تاللاش ئوبىكتىنىڭ مول بولىشى سەۋەپلىك ھەقىقى قىممىتى بار كارخانىلار پاي بازىرىدا قىززىق نۇقتا بولىدىغان دەۋر كېلىشى مۈمكىن،ئەنگە ئالدۇرۇش تۈزىمى جۇڭگۇ پاي بازىرىنى خەلىقئارالىق پاي چېك بازىرى رېلىسىگە كىرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ،ئىلگىرىكى ئەخلەت پايلارنى سېتىۋىلىش تارىخقا ئايلىنىپ،قىممىتى پار پايلارنىڭ دەۋرى باشلىنىدۇ،پېيىنى بازارغا سالىدىغان شېركەتلەر قانۇنى ئاساستا بارلىق بازارغا سېلىنىش مالىيە دوكلادى ۋە تىجارەت دوكلادى بازارغا چىقىش پاي تاقىتىش دوكلادىنى ئۇچۇق ئاشكارە ئېلان قىلىدۇ،شۇ شېركەتنى بازارغا سېلىشقا قاتناشقان ئاكسيە شېركىتى،بوغالتىرىلىق ئۇرۇنلىرى،ئادۇۋكاتلار بارلىق مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ،ئەگەر يۇقارقىلاردا ساختىلىق كۆرۇلسا ئۇ ھالدا بارلىق پېينى بازارغا سېلىشقا قاتناشقان ۋاكالەتچىلەر،ئادۇۋكات ۋە ئاكسيە شېركەتلىرى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىپ بۇ شېركەت بازاردىن مەجبۇرى چېكىندۇرۇلدۇ،
دىمەك ،جۇڭگۇ پاي بازىرى پىشىپ يېتىلىدىغان،قانۇن تۇزۇم،ئۇيۇن تەرتىۋى مۇكەممەللىشىدىغان دەۋر رەسمى كېلىۋاتىدۇ،مەبلەغ سالغۇچىلار ئەمدى كارخانىنى ھەقىقى ئەمەلىيىتىگە قاراپ مەبلەغ سالدىغان دەۋرنى كۈتىۋالىدۇ،ئۇنداقتا پاي بازىرى ھايانكەشلەرگە پۇرسەت بېرىدىغان دەۋرگە خاتىمە بىرىپ ،تىرىشىپ كارخانىنى تەتقىق قىلىدىغان،مالىيە تىجارەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان تەھلىلنى ئاساسى ئۇرۇنغا قويىدىغان مەبلەغ سالغۇچىلارغا مەنپەت بېرىدىغان دەۋر باشلىنىشى مۈمكىن.
پاي بازىرى خەتەرلىك،دىققەت بىلەن مەبلەغ سېلىڭ
تەڭرىتاغ ئاكسيە تورىدىن :ئادىل بايقال(موللام)
|
|