قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 3918|ئىنكاس: 13
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

رۇسسېل: مائارىپ دېگەن قانداق بولىدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

8

دوست

1802

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   80.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  48782
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 594
توردىكى ۋاقتى: 257
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-29 14:57:53 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
مائارىپ دېگەن قانداق بولىدۇ؟

رۇسسېل (ئەنگىلىيە)

2.jpg
ھېچقانداق سىياسىي نەزەرىيە ھەممە ئادەمگە ماس كېلىۋەرمەيدۇ، ئەگەر ئۇ چوڭلارغا ھەم ئۆسمۈرلەرگە ئوخشاشلا ماس كەلسە بۇ باشقا گەپ. مۇتەپەككۇرلارنىڭ كۆپلىرىنىڭ بالىلىرى يوق، بار بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بالىلىرىنىڭ ياشلىق قىزغىنلىقىنىڭ ئۆزىگە كەلتۈرىدىغان ئاۋارىچىلىقىدىن ئىمكانقەدەرئۆزلىرىنى قاچۇرۇشقان. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزىلىرى تەلىم-تەربىيەگەئالاقىدار كىتابلارنى يازدى، بىراق ئۇلار كىتاب يازغاندا ئۇلارنىڭ كاللىسىغا كەلگىنى ھەرگىزمۇ رېئال دۇنيادىكى ھەقىقىي ئۆسمۈر بالىلار ئەمەس. ئۆسمۈرلەرگەئالاقىدار بىلىملەردىن ئانچە-مۇنچە خەۋىرى بار ئاشۇ مائارىپ نەزىرىيەچىلىرى، مەسىلەن يەسلى ۋە مېنتىلسۇل تەربىيلەس ئۇسۇلىنىڭ ئىجادچىلىرى مائارىپنىڭ ئاداققى مەقسىتىنىڭ ئۆسمۈرلەرنى مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا ھەل قىلالايدىغان قىلىش ئىكەنلىكىنى يېتەرلىك دەرىجىدە تونۇپ يېتەلمىگەن. مېنىڭچە، ئۆسمۈرلەرگە دائىر بىلىم بولمايدىكەن، ئۇنداقتا مائارىپقا دائىر بىلىممۇ بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن باشقىلارنىڭ كىتابىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشقىمۇ ئامال بولمايدۇ. بىراق، بىرخىل تۈزۈم سۈپىتىدىكى مائارىپقا چېتىلىدىغان بەزى مەسىلىلەر،يەنى مائارىپ تۈزۈلمىسى بولسا جەمئىيەتنى قايتا قۇرۇپ چىقىشنىڭ پىلانى ئىچىگە سېڭىپ كەتكەن بولىدۇ، ھالبۇكى بۇ ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى مائارىپچى پېداگوگلارنىڭ ئەسەرلىرى ئويلىشىدىغان مەسىلە ئەمەس، مېنىڭ مۇھاكىمە قىلماقچى بولغىنىم دەل مۇشۇمەسىلىلەر.

كىشىلەرنىڭ ئادىمىي خاراكتېرى، دۇنيا قارىشى، كىشىلىك ھايات قارىشى، قىممەت قارىشى قاتارلىقلارنىڭ شەكىللىنىشىدە مائارىپ غايەت زور رول ئوينايدۇ، بۇنى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ. ئادەتتە بالىلىقىدا ئۇچراشقان پەن-مەدەنىيەتكە ۋەتەربىيىچىسىگە بولغان ساداقەتمەنلىك گەرچە ئوچۇق-ئاشكارە ئېيتىلمىسىمۇ، بىراق زوركۆپ ساندىكى ئۆسمۈرلەر ئۇنى تەبئىيلا بىلىدۇ. كېيىنكى ھايات مۇساپىسىدە ئۇلارئۆزىنىڭ بۇ ئېتقادىدىن ۋاقتىنچە قېيىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، بىراق بەزى نەرسىلەر يەنىلا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بولۇپ، جىددىي ياكى خەۋپلىك ئەھۋال ئاستىدا پارلاپ چىقىدۇ. ئادەتتە، مائارىپ ھازىر بار بولغان سىياسىي تۈزۈم بىلەن بىر تەرەپتە تۇرىدىغان ئەڭ زور كۈچ بولۇپ، ئۇ تۈپتىن ئۆزگىرىشكە قارشى تۇرىدۇ: ئاللىقاچان تەھدىتكە ئۇچرىغان سىياسىي تۈزۈم ئۆزىنىڭ كۈچى يېتىدىغان ۋاقتىدا ئۆزىگە تەۋە مائارىپ ئاپپاراتىغا تايىنىپ،ئۆزىنىڭ ئەۋزەل تەرەپلىرىنىڭ شەرتسىز ھۆرمەتلىنىشى كېرەكلىكىنى ياش –ئۆسمۈرلەرنىڭ يۇمراق قەلبىگە سىڭدۈرىۋىتىدۇ. ئىنقىلابچىلار كۈرەش ئارقىلىق رەقىبىنىڭ ئەۋزەل ئورنىنى تارتىۋېلىشى كېرەك. رەقىبلەشكەن بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ھېچقايسىسى ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆزىنى ئويلاشمايدۇ. ئۆسمۈرلەر پەقەتلا ماتېرىيال بولۇپ،ئۇلار بۇ تەرەپكە يەم بولمىسا بەرىبىر ئۇ تەرەپكە يەم بولىدۇ. ئەگەر ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆزىنى ئويلاشقاندا، تەلىم-تەربىيەئۇلارنى بۇ تەشكىلات ياكى ئۇ پارتىيەگە قوبۇل قىلىنىشنى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى مۇشۇ تەشكىلاتلار ئارىسىدا ئاقىلانە تاللاش ئېلىپ بارالايدىغان قىلىپ تەربىيلەپ چىقىشنى ئۆزىنىڭ نىشانى قىلىشى كېرەك ئىدى.مائارىپنىڭ مەقسىتى ئۆسمۈرلەرنى ئۆزى مۇستەقىل تەپەككۇر قىلالايدىغان قېلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشكى، ھەرگىزمۇ ئۇلارنى ئوقۇتقۇچىسى تەپەككۇر قىلغاننىلا تەپەككۇرقىلالايدىغان قېلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئەمەس. ئەگەر بىز ئۆسمۈرلەرنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىمىز دەيدىكەنمىز، ئۇنداقتا مائارىپنى سىياسەتنىڭ قورالى دەپ قارىماسلىقىمىز كېرەك. ئەگەر بىز ئۆسمۈرلەرنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلساق، ئۇنداقتا بىز ئۇلارغا مۇستەقىل كۆز قاراش يېتىلدۈرۈشتە كېرەك بولىدىغان بىلىم ۋە تەپەككۇر ئادىتىنى تەلىم-تەربىيە ئارقىلىق يەتكۈزىشىمىز كېرەك. بىراق، سىياسىي تۈزۈم شەكىلىدىكى مائارىپ ئامال-چارىلەرنى ئىشلىتىپ مەلۇم بىر خىل ئادەت يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق ھەقىقىي بىلىمنى چەكلەيدۇ، بۇ خىل ئۇسۇلغا تايىنىپ، سىياسەتچىلەرئۆسمۈرلەرنى خالىغانچە ئوينىتىپ ئۆزى خالىغان چۈشەنچىلەرنى ئۇلارنىڭ كاللىسىدا شەكىللەندۈرىدۇ.

ھەققانىيەت ۋە ئەركىنلىكتىن ئىبارەت بۇ ئىككى پرىنسىپ جەمئىيەتنى قايتا تۈزەشنىڭ نۇرغۇنلىغان زۆرۈر شەرتلىرىنى ئۆزىدە ھازىرلىغان، بىراق مائارىپقا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، ئۇ ئىككىسىگىلا تايانغان بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ. «ھەققانىيەت»نى سۆز مەنىسىدىن ئېيتقاندا باراۋەر ھوقۇق دېمەكتۇر، ئۆسمۈرلەرگە نىسبەتەن بۇ پۈتۈنلەي مۇمكىن ئەمەس، بۇنىسى ئېنىق. ئەركىنلىككە كەلسەك، ئۇنىڭ ماھىيىتى باشلىنىشىدىنلا بىر خىل پاسسىپ بولىدۇ: بۇ خىل ماھىيەت ئەركىنلىكنى بوغۇشنى ۋەئۇنىڭغا كاشىلا بولۇشنى ئەيىبلەيدۇ، بىراق ئەركىنلىك ئۆزى توغرىسىدا ئاكتىپ بولغان ئىجادىي پرىنسىپ ياكى ئېنىقلىما بىلەن تەمىن ئەتمەيدۇ. بىراق مائارىپ بولسا ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بىر خىل ئىجادىي قۇرۇلۇش، ئۇ كەلگۈسىدىكى گۈزەل ھاياتنى بەرپا قىلىشقا كېرەك بولىدىغان بەزىبىر ئاكتىپ ئۇقۇملارغا مۇھتاج. گەرچە مائارىپتا ئەركىنلىككە يول قويۇلسىمۇ، گەرچە تەلىم-تەربىيە بىلەن سىغىشالايدىغان ۋە مائارىپقا دەخلى قىلمايدىغان ئەركىنلىككە يول قويۇلسىمۇ، بىراق ئەقلى ئالاھىدە تەرەققىي قىلىپ كەتكەن شۇنداقلا باشقا ھەمراھلىرىدىن مۇئەييەن ئارىلىق ساقلايدىغان ئۆسمۈرلەردىن سىرت، ئەگەر ئۇلارغا بىرنېمە ئۆگىتىشكە توغرا كېلىدىكەن، ئۇنداقتا ئوقۇتۇشتا مۇتلەق ئەركىنلىكنى يولغا قويۇپ بولغىلى بولمايدۇ. مانا بۇ مۇئەللىمنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ تولىمۇ ئېغىرلىقىنىڭ سەۋەبى: ئۆسمۈرلەر چوڭلارنىڭ گېپىنى ئازدۇركۆپتۇر ئاڭلىشى كېرەك، ئۆسمۈرلەرنى ئۆز مەنپەتىنىڭ ئىگىسى قىلىپ قويۇشقا تېخى بالدۇرلۇق قىلىدۇ. مائارىپتا نوپۇزدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، تەربىيلىگۈچى ئەركىنلىك روھىغا ئاساسلانغان ھالدا نوپۇزنىڭ ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان بىر يولنى تېپىشى كېرەك .
   نوپۇزدىن ساقلانغىلى بولمايدىغان ئەھۋالدا كېرەك بولىدىغىنى ھۆرمەت. ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا ھەقىقىي ماھىر بولغان شۇنداقلا ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلشى ۋە تەرەققىياتىنى مۇكەممەللىككە ئىگە قىلىدىغان بىرمائارىپچى چوقۇم تەلتۆكۈس ھۆرمەت تۇيغۇسىغا تولغان بولۇشى كېرەك. ماشىنا ئىشلەپچىقارغاندائىشلىتىلىدىغان پولاتتەك تۈزۈمنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغان ئاشۇكىشىلەردە كەم بولىدىغىنى دەل مۇشۇ ھۆرمەت تۇيغۇسى: مىلىتارىزم ، كاپىتالىزم، فابىئان ئىلىم-پەن تەشكىلاتى ۋە ئەكسىيەتچىلىك، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ روھىنى قاماپ قويۇشقا ئۇرۇنىدىغان تۈرمە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق پولات تۈزۈم، ئۇلار ھۆرمەت دېگەننىڭ نېمىلىكىنى ئۇقمايدۇ. مائارىپتا، ھۆكۈمەت ئورگىنى چۈشۈرگەن قانۇن تۈزۈملەر بار؛ چوڭ بىر سىنىپ ، ئۆتىدىغان مۇقىم دەرس شۇنداقلا خىزمىتى نورمىدىن ئارتىپ كەتكەن ئوقۇتقۇچىلار بار؛ سەۋىيىسى ئوپمۇ-ئوخشاش بولغان چاكىنا ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدىغان قارارلار بار، بىراق ئۆسمۈرلەرگە بولغان ھۆرمەتسىزلىك ئومۇملىشىپ كەتكەن. ھۆرمەت قىلىش ئۈچۈن تەسەۋۋۇر كۈچى ۋە ھاياتنىڭ ئىللىقلىقى كېرەك بولىدۇ؛ يەنە كېلىپ ھېچقانداق ئەمەلىيى نەتىجىسى ياكى ھوقۇقى يوق كىشىلەر تەسەۋۇر كۈچىگە تېخىمۇ ئېھتىياجلىق. ئۆسمۈرلەر ئاجىز، شۇنداقلا قارىماققا تولىمۇ ھاماقەت، ئوقۇتقۇچى بولسا كۈچلۈك شۇنداقلا ئادەتتىكى مەنىدىن ئېيتقاندائۆسمۈرلەردىن ئەقىللىق. باشقىلارغا بولغان ھۆرمەت تۇيغۇسى كەمچىل بولغان ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئەمەلدارلار مۇشۇ يۈزەكى ئاجىزلىق سەۋەبىدىن ئۆسمۈرلەرنى ئاسانلا كۆزگەئىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە  ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى بولسا ئۆسمۈرلەرنى بىر قېلىپتا قۇيۇپ چىقىش: ئۆز خىيالىدا، ئۇلار ئۆزىنى ساپالچى، ئۆسمۈرلەرنى بولسا لاي دەپ قارايدۇ. شۇڭلاشقا ئۇ ئۆسمۈرلەرگە بىر خىل سۈنئىي شەكىلنى بېرىدۇ، بۇ شەكىل ئۆسمۈرنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ قاتىدۇ، بۇ ئۇنىڭدىكى جىددىيلىك ۋەروھىي جەھەتتىكى نارازىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭدىن يەنە رەھىمسىزلىك ۋە ھەسەتخورلۇق شۇنداقلا باشقىلار تەرىپىدىن زورلاپ تېڭىلىپ بۇرمىلانغان ئېتىقاد تۇغۇلىدۇ .

   ھۆرمەت تۇيغۇسىغا باي بىر كىشى ھەرگىزمۇئۆسمۈرلەرنى « ياساپ چىقىش » نى ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتى دەپ قارىمايدۇ، ئۇ شۇنى ھېس قىلىدۇكى، بارلىق ھاياتلىق ئىچىدە، بولۇپمۇ ئىنسانلار ئىچىدە، ئەڭ مۇھىم نەرسەئۆسمۈرلەردە بولىدۇ، ئۇلاردامەلۇم بىر مۇقەددەس، تەبىر بەرگىلى بولمايدىغان، چەكلىمىدىن خالىي بىر نەرسەبولىدۇ، ئۇ شەخسنىڭ مەلۇم بىر خىل پەۋقۇلئادە قىممەتلىك نەرسىسى، ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ پرىنسىپى، ئۈن-تىنسىز رىقابەتلىشىۋاتقان دۇنيانىڭ بىر ئۈزۈندە كارتىنىسى.ئۆسمۈرلەرنىڭ ئالدىدا، ئۇ چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغان بىر خىل كەمتەرلىكنى ھېس قىلىدۇ، بۇ خىل كەمتەرلىككە ھەرگىزمۇئەقىل-ئىدراك ئارقىلىق يەڭگىلتەكلەرچە چۈشەنچەبەرگىلى بولمايدۇ، بىراق نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ يۈزەكى مەغرۇرلىقىغا قارىغاندا، بۇ خىل كەمتەرلىك ئەقىل-پاراسەتكە تېخىمۇ يېقىنلاشقان. ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆرۈنۈشتىكى يار-يۆلەكسىز ھالىتى ۋە بىرەر تايانچقا بولغان ئېھتىياجى ئۇلارغا ئىشەنچنىڭ مەسئۇليىتىنى بىلدۈرىدۇ. مەيلى ئۇ ئۆسمۈر ياخشى بولسۇن ياكى يامان بولسۇن، مەيلى ئۇنىڭ غەيرەت-شىجائىتى قانداق داۋاملاشسۇن ياكى توسالغۇغائۇچرىسۇن، مەيلى ئۇنىڭ ئۈمىدى قانچىلىك خۇنۈك بولسۇن، مەيلى ئۇنىڭ ھاياتى قانچىلىك ئۈمىدسىز بولسۇن ۋە ياكى ئۇنىڭ ئۈمىدى قانچىلىك زەربىگە ئۇچرىمىسۇن----- شۇكىشىنىڭ تەسەۋۇرى ئۇنىڭغا بۇئۆسمۈرنىڭ قانداق ئادەم بولۇپ چوڭ بولۇشىنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدا ئۆزىنىڭ كۈرىشى جەريانىدا ئۆسمۈرلەرگە ياردەم بىرىش ئارزۇسىنى تۇغدۇرىدۇ، ئۇ ئۆسمۈرلەرنى قوراللاندۇرۇپ ئۇلارنى كۈچلەندۈرۈشنى ئويلايدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ قانداقتۇر دۆلەت ۋە ياكى ئىنسانيلىقنى تەرك ئەتكەن باشقائاللىقانداق نوپۇز كۆتۈرۈپ چىققان بىرە مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆسمۈرنىڭ ئۆزىنىڭ روھى بىلىنەر بىلىنمەس ھالدا ئىزدەۋاتقان نىشان ئۈچۈن. پەقەت مۇشۇ نۇقتىنى ھېس قىلىپ يەتكەن كىشىلا ئاندىن ئەركىنلىك پرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلمىغان ئاساستا تەربىيلىگۈچىنىڭ نوپۇزىنى تىكلىيەلەيدۇ .
    ھۆكۈمەت، چېركاۋ ۋە ئۇلار ئۈچۈن پالاقشىيدىغان غايەت زور ئورگانلارنىڭ يۈرگۈزگەن مائارىپى ھەرگىزمۇ ھۆرمەتلەش پرىنسىپىنى چىقىش قىلغان ئەمەس.تەلىم-تەربىيەدە ئالدى بىلەن ئويلىشىلغىنى ئەزەلدىن ئوغۇل بالىلار ۋە قىز بالىلار، يىگىتلەر ۋە قىزلار بولماستىن، بەلكى ھازىرقى تەرتىپنى قانداق ساقلاپ قىلىش بولدى. شەخسنى ئويلاشقاندا ، ھەممىسى دېگۈدەك كۈندىلىك ھاياتتىكى مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشنى ئويلاشتى، يەنى يا بولمىسا پۇل تېپىشنى، يا بولمىسا ئەمەلدار بولۇشنى ئويلاشتى.ياشلارنىڭ كاللىسىدىكى غايە بولسابىر ئاماللارنى قىلىپ ئەل قاتارى ئادەم بولۇپ،جاھاندارچىلىق ھۈنىرىنى ئىگىلەش بولدى، پەقەت ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئوقۇتقۇچىلاردىلا ئۆزى تۇرىۋاتقان تۈزۈمدىن بۆسۈپ چىقىشقا يەتكۈدەك قۇدرەتلىك ئەقىدە بار ئىدى. بارلىق تەلىم-تەربىيەنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك بىر سىياسىي مۇددىئاسى بولىدۇ: ئۇنىڭ مەقسىتى دۆلەتنى ياكى دىننى ۋە ياكى جەمئىيەتتىكى ئاللىقانداق تەشكىلاتلارنى كۈچلەندۈرۈپ، ئۆزىدىن باشقا تەشكىلاتلار بىلەن رىقابەتلىشىش.ئاساسلىقى مۇشۇ مۇددىئا  قايسى دەرىسلەرنى ئوقۇتۇشنى، قايسى بىلىملەرنى بېرىش قايسى بىلىملەرنى بەرمەسلىكنى ، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلاردا قايسى خىلدىكى تەپەككۇر ئادىتىنىڭ شەكىللىنى ئۈمىدقىلىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبى ۋەروھىي جەھەتتىكى ئىچكى ئېنىرگىيەسىنى كۈچەيتىشكە كەلگەندە بولسا، مائارىپچىلار ھېچ ئىش قىلمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، مەكتەپ تەربىيىسىنى ئەڭ كۆپ كۆرگەن ئاشۇ كىشىلەرنىڭ روھىيىتى يىگىلەپ كېتىدۇ،ئۇلاردا غەيرەت-شىجائەت كەمچىل بولۇپ ، مەلۇم خىل مېخانىكىلىق قابىلىيەتنى ئۆزتەپەككۇرىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىدۇ .

    ھەر قانداق مەدەنىي دۆلەتتە ، ھازىرنىڭ ئۆزىدە مائارىپ قولغا كەلتۈرگەن بەزى ئۇتۇقلار چوقۇم مائارىپ ئارقىلىق تاماملىنىشى كېرەك. بارلىق ئۆسمۈرلەرگەچوقۇم داۋاملىق ھالدا خەت ئوقۇشنى ۋە يېزىشنى ئۆگىتىش كېرەك، بەزى كىشىلەر بولسا چوقۇم داۋاملىق ھالدا ھەر قايسى كەسىپلەر ئېھتىياجلىق بولغان بىلىملەرنى ئۆگىنىشى كېرەك، مەسىلەن، تېبابەت، قانۇنچىلىق ۋە بىناكارلىق دېگەندەك. ئىلىم – پەن ۋەگۈزەل سەنئەتكە ئالاقىدار تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىدىكى مائارىپ بولسا شۇلارغا ماس كېلىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن زۆرۈر. ھازىرقى مائارىپ سىستېمىسى تارىخ ، دىن ۋەشۇنىڭغا ئوخشاش ساھەلەردىكى تەلىم-تەربىيەدىن باشقا پەنلەرگەماس كەلمەيدۇ خالاس،ئۇلارنىڭ زىيانلىق بولۇپ كېتىشى ناتايىن. مائارىپنى تېخىمۇ ئەركىن بولغان روھ ئارقىلىق ئېلىپ بېرىش مۇمكىن، ئۇنىڭ ئاداققى پايدىسىنى تېخىمۇكۆپلەپ كۆرسىتىپ چىقىش مۇمكىن؛ ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن نەرسىلەرئەنئەنىۋى شۇنداقلا ئۆلگەن نەرسىلەر. بىراق ، ئومۇمەن ئېيتقاندا ئۇلار زۆرۆر ،ھەمدە مائارىپ سىستېمىسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىشى كېرەك .

    ئەمما تارىخ ، دىن ۋە تالاش تارتىش باربولغان پەلسەپە دېگەندەك باشقا پەنلەردە، ھازىرقى مائارىپ سىستېمىسى ۋە تۈزۈلمىسى چوقۇم زىيانلىق. بۇ پەنلەرمەكتەپلەرنىڭ ساقلىنىپ قىلىشىغا ۋە ئۇلارنىڭ پايدامەنپەتىگە بىۋاستە چېتىلىدۇ؛ بۇپايدا – مەنپەئەتنىڭ مەكتەپنى ساقلاپ قىلىشىتىكى مەقسىتى بولسا ئاشۇ پەنلەرنىڭ بىرەر نۇقتىنەزىرىنى ئوقۇغۇچىلارغا سىڭدۈرۈشتىن ئىبارەت. ھەر بىر دۆلەتتە، تارىخ ئوقۇتۇشىنىڭ مەقسىتى شۇ دۆلەتنى پەردازلاش. ئۆسمۈربالىلار ئۆز دۆلىتىنىڭ ھەر ۋاقىت توغرا ئىكەنلىكىگە شۇنداقلا ھەر قېتىمدا دېگۈدەك يېڭىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرۈلىدۇ، بارلىق ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇنىڭ دۆلىتىدىن چىقىدۇ، يەنە كېلىپ بارلىق جەھەتتە باشقا ھەر قانداق دۆلەتتىن ئەۋزەل. بۇنداق ئەقىدىلەر مەدىھيە تۈسىنى ئالغان بولغاچقا، ئاسانلا ئۆسمۈرلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ، يەنە كېلىپ كېيىن ئۆگەنگەن بىلىملىرى سەۋەبلىك ئۆز تەبىئىيتىدىن يوقىلىپ كەتمەيدۇ .

    ئاددىي ھەم ئادەتتىكى مىسالدىن بىرنى ئالاي :ۋوتېرلۇ ئۇرۇشىغا دائىر تەپسىلاتلارنى ھەممىمىز ئېنىق بىلىمىز، ھەتتا ئىنتايىن ئىنچىكە ھالقىلىرىغىچەئوبدان بىلىمىز. بىراق باشلانغۇچ مەكتەپتە بۇنىڭغا دائىرئۆگىتىلگەن نەرسىلەر، يەنى تۈزۈلگەن دەرسلىكلەر ئەنگىلىيە، فرانسىيە ۋە گېرمانىيەئوتتۇرىسىدا بىر-بىرىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ . ئادەتتىكى بىر ئەنگىلىيىلىك ئوقۇغۇچى پرۇسسىيەلىكلەرنى تەلتۆكۈس يارىماس دەپ ئويلايدۇ، ئادەتتىكى بىر گېرمانىيەلىك ئوقۇغۇچى بولسا بلۇشېردىكى جەڭ خەۋپ-خەتەرنى ئاياغلاشتۇرغان ئاشۇ كۈنى، ۋېلىڭتون ئاللىقاچان مەغلۇپ بولغان دەپ قارايدۇ. ئەگەر بۇ ئىككى دۆلەتتە ، ئەمەلىيەتتە يۈزبەرگەن ئىش راستچىللىق بىلەن توغرا ئۆگىتىلگەن بولسا، ئۆز دۆلىتىگە بولغان ئەسەبىي ئىپتىخارلىق بۇ دەرىجىدە يېتىلدۈرۈلمىگەن بولسا، ئوقۇغۇچىلار ئۇرۇشنىڭ غەلبىسىگىمۇ بۇنچىلىك دەرىجىدە ئشىنىپ كەتمەيتتى، ئۇرۇش قىلىشقا بولغان قىزغىنلىقمۇ بوشراق بولاتتى. ئالدىنى ئېلىشقا تىگىشلىكى مانا مۇشۇنداق ئاقىۋەت. ھەر بىر دۆلەت ئۆزدۆلىتىنىڭ ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشنىلا كۆزلەيدۇ، شۇنداقلا بۇرمىلانغان تارىخ بولمىسا بۇ مەقسەتكە يەتكىلى بولمايدىغانلىقىنىمۇ كۆرۈپ يېتىدۇ. مۇداپىئە ئېڭى تۆۋەن بولغان ئۆسمۈرلەر بۇرمىلانغان، بوغۇلغان ۋە خۇنۈك ئۇسۇلداتەربىيلىنىدۇ. ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئۆتۈلىۋاتقان دۇنيا تارىخىغا دائىر خاتا ئۇچۇرلار بولساجەڭگە-جىدەلنى ئىلھاملاندۇرۇپ  جاھىل دۆلەتپەرەسلىك ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. دۆلەتلەر ئارا ئىناق مۇناسىۋەتنى ساقلاشنىڭ بىرىنچى قەدىمى بولسا بارلىق تارىخ ئوقۇتۇشىنى بىر خەلقئارلىق كومىتېتقا تاپشۇرۇپ، بۇكومتېت تەرىپىدىن ئادىل ۋە ئوبيېكتىپ تۈزۈلگەن تارىخ دەرسلىكىنى ئىشلىتىپ، ھازىرقى ھەممە يەرنى بىر ئالغان ئاتالمىش ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ بىر تەرەپلىمە قارىشىدىن قۇتۇلۇپ چىقىش .

    ئوخشاش گەپ دىنغىمۇ ماس كېلىدۇ. باشلانغۇچ مەكتەپلەر كۆپىنچە ھاللاردا مەلۇم بىر دىنىي تەشكىلاتنىڭ ياكى دىنغا نىسبەتەن مەلۇم بىر خىل كۆز قاراشتا بولىدىغان دۆلەتنىڭ ئالقىنىدا بولىدۇ. بىر دىنىي تەشكىلات ئۆز ئەزالىرىنىڭ ئېنىقسىز دىنىي بىلىملەرگەمۇتلەق ئېنىقلىق بىلەن ئەقىدە قىلىشىدىن ئىبارەت بۇ ئەمەلىيەتكە تايىنىپ ئاندىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ. دىنىي تەشكىلات باشقۇرغان مەكتەپلەر سوئال سوراشقائامراق كېلىدىغان ياشلارنىڭ بۇ ئېنىقسىز بىلىملەرگە قارشى چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئالمىسا بولمايدۇ، چۈنكى دىن توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىشقا سالاھىيىتى ئەڭ توشىدىغان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، دىننىڭ چىنلىقىنى جەزملەشتۈرەلەيدىغان ھەر قانداق ئىسپات يوق. دۆلەت ئۇرۇشخۇمارلىققا كۆنۈپ كەتكەندە، مەسىلەن فرانسىيەدە، دۆلەت باشقۇرغان مەكتەپلەر ئاللىقاچان چېركاۋ باشقۇرغان مەكتەپلەرگە ئوخشاشلا ئۆز بېشىمچى بولۇپ كەتتى ( بىلىشىمچە فرانسىيەدىكى مەكتەپلەردە «خۇدا» دېگەن سۆزنى تىلغا ئېلىشقا يول قويۇلمايدۇ ). بۇ مىساللاردا ئىشنىڭ ئاقىۋىتى ئوپمۇ-ئوخشاش:ئەركىن سوئال قويۇش توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ، بۇ دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم بەزى مەسىلىلەرگە قارىتا، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۇچراتقىنى ياكى قارىسىغا چىقىرىلغان ھۆكۈم، ياكى رەھىمسىز سۈكۈت بولىدۇ.

    بۇ خىل زىيانلىق تەرەپلەر باشلانغۇچ مائارىپىدىلا بار ئەمەس. تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىدىكى مائارىپتا ، ئۇلار تېخىمۇ ئۇستا شەكىلدە كىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنى تېخىمۇ زور تىرىشچانلىق بىلەن يېپىشقا توغرا كېلىدۇ. خۇددى چېركاۋغا ئوخشاش، ئىدىن ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى كىشى قەلبىدە مەلۇم خىل تەسىرقالدۇرىدۇ، ئىدىن ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىرەر ئاڭلىق مەقسىتى بار دېيىش تولىمۇ تەس، بىراق گەرچە سىستېمىلق تۈردە ئىپادىلەنمىسىمۇ،ئەمما ئۇلارنىڭ دەرۋەقە مەلۇم مەقسىتى بار يەنە كېلىپ، بۇمەقسەت شۇنداق قۇدرەتلىك ھەم ئۈنۈملۈك.

    بۇ مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ چىققان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك «ياخشى ئەدەپ-قائىدە » گە چوقۇنىدىغان بولۇپ چىقىدۇ، بۇ ئوتتۇرا ئەسىردىكى چېركاۋغائوخشاشلا تۇرمۇشتىكى تەپەككۇرغا زىيان سالىدۇ. «ياخشى ئەدەپ-قائىدە » بىلەن كۆرۈنۈشتىكى كەمتەرلىك بىللە كېلىدۇ، ئۇلار ھەممە ياقنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاشقا تەييارتۇرىدۇ، دۈشمەنگىمۇ خۇش خۇي ۋە قائىدىلىك مۇئامىلىدە بولىدۇ. بىراق ئۇلار ھەقىقىي كەمتەرلىك بىلەن پېتىشالمايدۇ، باشقىلارنىڭ پىكىرىنىمۇ چىن كۆڭلىدىن قوبۇل ئەتمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ماھىيىتى بولسامەلۇم خىل ھالەتتىكى يۈرۈش-تۇرۇشنى ئەڭ مۇھىم دەپ بىلىش بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۇ باراۋەر كىشىلەر ئارىسىدىكى سۈركىلىشنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرىدۇ، ئەمما ئۆزىدىن تۆۋەن دەپ قارالغان كىشىلەرگە ئۇستىلىق بىلەن شۇنداق بىرتۇيغۇ بىرىدۇكى، ئاشۇ «تۆۋەن» كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ يۈرۈش –تۇرۇشىنىڭ دەرۋەقە قوپال ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ قالىدۇ. يۇقىرىغا ھىجىيىپ تۆۋەنگە ھومىيىدىغان بىر دېموكراتىيەدە، پۇلدارلارنى قوغداشنىڭ سىياسىي قورالى سۈپىتىدە بۇ خىل ئىش ھەرىكەتكە يېتىدىغىنى يوق. پۇلى بار ئەمما مۇستەھكەم ئېتقادى يوق ئاشۇ كىشىلەرگەياكى شۇنداق بولۇشنى ئىنتايىن ئارزۇقىلىدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن، ئۇلارنى ئەدەپ-قائىدىلىك جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسىغائايلاندۇرىدىغان ۋاستە سۈپىتىدە، بۇ خىل ئىش ھەرىكەتنىڭ ئەۋزەللىكى بار. باشقا ھەرقايسى تەرەپلەردە ئۇ تولىمۇ يىرگىنىچلىك .

    ياخشى ئەدەپ-قائىدىنىڭ زىيېنى مۇنۇ ئىككى مەنبەدىن كېلىپ چىقىدۇ : بىرى ئۆزىنىڭ توغرىلىقىغا پۈتۈنلەي ئىشىنىپ قىلىش، يەنەبىرى ياخشى ئەدەپ-قائىدىنى ئەقىل-پاراسەت، سەنئەت ئىجادىيىتى، ھاياتىي كۈچ شۇنداقلا دۇنيادىكى باشقا ھەرقانداق ئىلگىرلەشنىڭ مەنبەسىدىنمۇ مۇھىم دەپ قاراش. بىر نەرسىگە پۈتۈنلەي ئىشىنىش مۇشۇ ئىشەنچگە ئىگە بولغان كىشىنىڭ تەپەككۇرىنى گۇمران قىلىدۇ. يەنە كېلىپ، ئەگەرئۇ بۈيۈك روھىي قۇدرەت بىلەن باغلانغان ئۆتكۈرلۈك ۋە جاھىل مۇغەمبەرلىك بىلەن بىرلەشسە،  ئۇنداقتا ئۇ ئۆزى بىلەن ئۇچراشقانلىكى كىشىلەرنىڭ ۋەيران بولۇشىنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالىدۇ.

    «ياخشى ئەدەپ-قائىدە » نىڭ ئۆزى ئۆلۈك، ئۇئۆسۈپ يېتىلمەيدۇ ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭ «ياخشى ئەدەپ-قائىدە » گە ئىگە بولمىغان كىشىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسى سەۋەبلىك، ئۆزىنىڭ ئۆلەمىجان كەيپىياتىنى ھاياتىي كۈچى ئەسلىدە ئۇرغۇپ تۇرۇشى مۇمكىن بولغان كىشىلەرگە يۇقتۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئەنگىلىيىلىك پۇلدارلارغا ۋەپۇلدارلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان كىشىلەرگە بولغان زىيېنىنى ھېسابلىغىلى بولمايدۇ.

    ئەگەر تەلىم-تەربىيەنىڭ مەقسىتى تەپەككۇر شەكىللەندۈرۈش ئەمەس بەلكى ئېتقاد شەكىللەندۈرۈشلا بولىدىكەن، ياش ئۆسمۈرلەرگەگۇمانلىق تەرەپلەرنى كۆرسىتىپ ئۇلارنى روھىي جەھەتتىن مۇستەقىل بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش ئەمەس بەلكى ئۇلارنى قىستاپ گۇمانلىق نەرسىلەرگە شەكسىز ئىشەندۈرۈشلا بولىدىكەن، ئۇنداقتا ئەركىن سوئال قويۇشنى توسۇش دېگەن تەبىئىيلا يۈز بېرىدۇ. مائارىپ ھەقىقەتكە بولغان ئىزدىنىش روھىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەككى، ھەرگىزمۇ مەلۇم بىر تۈرلۈك مەسلەكنىڭ ئۆزىنى ھەقىقەت دەپ ئۆگەتمەسلىكى كېرەك. بىراق ئۇرۇشتا ئاشۇنداق مەسلەك كىشىلەرنى بىرلەشتۈرىدۇ: كىشىلەر چېركاۋ، دۆلەت، پارتىيە بولۇپ ئۇيۇشىدۇ. كۈرەش جەريانىدا ، مەلۇم خىل مەسلەككە چەكسىز ئىشىنىشتىن ئۈنۈم ھاسىل بولىدۇ: ئاخىرقى غەلىبە ئەسلىدە گۇمانلىنىشقا تىگىشلىك نەرسىلەرگە چەكسىز ھەم مۇستەھكەم ئەقىدە باغلىغان ئاشۇكىشىلەرگە مەنسۇپ بولىدۇ. بۇنداق چەكسىز ئەقىدە ۋەئۇرۇشتىكى ئۈنۈمنى ھاسىل قىلىشئۈچۈن، ئۆسمۈرلەرنىڭ تەبىئىيىتى بۇرمىلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەركىن پەرۋازى بوغۇلىدۇ،چەكلەش ئارقىلىق يېڭى ئىدىيەلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى توسۇلىدۇ. بۇنىڭ كاللىسى قاتمال كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ھاسىل قىلغان ئۈنۈمى بولسا ھەممە ياقنى قاپلىغان بىرتەرەپلىمىلىك بولىدۇ، ئىدىيىسى بوغۇلمىغان ئاز بىر قىسىم كىشىلەر بولسا جاھاندىن تويۇشقا باشلايدۇ، ئىدراكنىڭ ئورنىنى زەھەرلىك مەسخىرەئېلىپ، ھايات ياشاۋاتقان بارلىق نەرسىلەرنى ھاماقەتكە چىقىرىدۇ، بۇنىڭلىق بىلەن، باشقىلاردا ئاللىقاچان ۋەيران قىلىنغان ئىجادكارلىق شىجائىتىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشقا ئامال بولمايدۇ .

    ئەركىن ئىدىيەنى بېسىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلگەن غەلىبە ئۇزاققابارمايدۇ، شۇنداقلا قىممىتىمۇ بولمايدۇ. ئۇزۇن مۇددەتتىن قارىغاندا، مۇۋەپپىقىيەت ۋە گۈزەل تۇرمۇشنى بەرپا قىلىشتا روھىي قىزغىنلىق ئوخشاشلا مۇھىم. مائارىپنى بىر خىل مەشىق شەكىلى، قۇللۇق ئارقىلىق بىردەكلىكنى يېتىشتۈرۈشنىڭ ۋاستىسى دەپ قاراش ئومۇملىشىپ كەتكەن، بۇ خىل تەپەككۇ ئۇسۇلى ئارقىلىق كۈرەشتە غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ، شۇڭا ئۇ كەچۈرۈلىدۇ. قەدىمىي ئوخشىتىشلارنى ياقتۇرىدىغان كىشىلەرسىپارتانىڭ جەڭدە ئافىنانى يەڭگەن ھېكايىسىنى سۆزلەش ئارقىلىق ئۆز ئەھكاملىرىنى مۇستەھكەملىشى مۇمكىن. بىراق، ئىنسانىيەتنىڭ ئىدىيىسى ۋە تەسەۋۇرىغا تەسىر كۆرسەتكىنى سىپارتا ئەمەس، بەلكى دەل ئافىنا. ئارىمىزدىكى ھەر قانداق ئادەم، ئەگەرئۆتمۈشتىكى بىرەر دەۋردە قايتا تۇغۇلۇش مۇمكىن بولسا ، ئافىنادا تۇغۇلۇشنى خالايدۇكى ، سىپارتادا تۇغۇلۇپ قىلىشنى خالىمايدۇ. ھازىرقى دەۋردە ، ئەمەلىي ئىشلاردىمۇ ئەقىل-ئىدراك بولمىسا بولمايدۇ ، ھەتتاسىرتتىن كەلگەن غەلىبىنىڭ ئەقلىي كۈچكە تايىنىپ ئېرىشىلگەن بولۇشىمۇ تامامەن مۇمكىن ، بۇ ھەرگىزمۇ مەشىق بىلەنكۆن دۈرۈش ئارقىلىق ئېرىشىلمىگەن . ئادەمنى يەڭگىلتەكلىك بىلەن ئىشىنىشكەزورلايدىغان مائارىپ ئۇزۇن ئۆتمەي روھنى چىرىتىدۇ ؛ ھاياتىي كۈچكە تولغان ئەركىن سوئال قويۇشنى ساقلاپ قالغاندىلا ئاندىن ئالغا بېسىشقا كېرەك بولىدىغان ئەقەللىي چەككە يەتكىلى بولىدۇ.

ئادەتتە ، تەپەككۇردىكى مەلۇم خىل ئادەت تەلىم-تەربىيە بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار تەرىپىدىن ئوقۇغۇچىلارغا سىڭدۈرىۋىتىلگەن : بويسۇنۇش ۋە ئىنتىزام،جاھاندارچىلىقنىڭ مۇۋەپپىقىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى رەھىمسىزلىك،ئوخشىمىغان پىكىردىكىلەرنى پەس كۆرۈش ۋە تەپەككۇردىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ يەڭگىلتەكلەرچەئىشىنىش، ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلگەنلىرىنى پاسسىپ ھالدا قوبۇل قىلىش . بارلىق بۇ ئادەت ھاياتلىققا خىلاپ . بويسۇنۇش ۋە ئىنتىزامنىڭ ئەكسىچە ، بىز ئۆز مۇستەقىللىقىمىزنى ۋە غەيرەت-شىجائىتىمىزنى تىرىشىپ ساقلاپ قىلىشىمىز كېرەك ؛ رەھىمسىزلىكنىڭ ئەكسىچە، مائارىپ ئوقۇغۇچىلاردا تەپەككۇردىكى ئادىللىقنى تىرىشىپ  يېتىلدۈرۈشى كېرەك ؛ پەس كۆرۈشنىڭ ئەكسىچە ، مائارىپ ئۆز ئارا ھۆرمەتلەشنى ، چۈشىنىشنى ئۆگىتىشى كېرەك ؛ باشقىلارنىڭ پىكىرىگە قارىتا ، ئۇنى چۈشىنىش كېرەك ، ئەمما بۇ ئۇنىڭغا چوقۇم بويسۇنۇش لازىم دېگەنلىك ئەمەس ، قارشى چىققاندا چوقۇم ئۇنىڭ سەۋەبىنى ئېنىق چۈشىنىپ يېتىش كېرەك ؛ يەڭگىلتەكلەرچەئىشەندۈرۈشنىڭ ئەكسىچە ، مائارىپنىڭ مەقسىتى ئىجابىي خاراكتېرلىك گۇماننى ئىلھاملاندۇرۇپ ، روھىي تەۋەككۈلچىلىككە بولغان قىزغىنلىق شۇنداقلا تەپەككۇردىكى ئالغا ئىنتىلىدىغان دادىللىق بىلەن جاھاننى بويسۇندۇرىدىغان بۇ خىل تۇيغۇنى يېتىلدۈرۈش بولۇشى كېرەك . ھازىرقى ئەھۋالدىن قانائەتلىنىش ، خاسلىققا ئىگە بولغان بىر ئوقۇغۇچىنى سىياسىينىڭ مەقسىتىگە بويسۇندۇرۇش ، ئىدىيەدىكى ئىشلارغا سوغۇق مۇئامىلىدە بولۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇ زىيانلارنىڭ بىۋاستە سەۋەبى ، بىراق بۇ سەۋەبلەرنىڭ ئاستىدا يەنە بىر تۈپكى سەۋەب بار ، ئەمەلىيەتتە مائارىپ ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەپ چوڭ قىلىشنىڭ ئەمەس ،بەلكى ئوقۇغۇچىلار ئۈستىدە ھوقۇق يۈرگۈزۈشنىڭ بىر ۋاستىسىگە ئايلانغان . بۇ يەردە ھۆرمەتنىڭ كەملىكى ئۆزىنى ئاشكارىلىدى ؛ پەقەت ھۆرمەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتكەندىلا ،تەلتۆكۈس ئىنقىلابنى ئاندىن ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ . سىنىپنىڭ  ئىنتىزامىنى ساقلاش ۋە ئوقۇتۇش ئېلىپ بىرىش ئۈچۈن ، بويسۇنۇش ۋەئىنتىزام كەم بولسا بولمايدۇ دەپ قارىلىدۇ . مەلۇم دەرىجىدىن ئېيتقانداھەقىقەتەنمۇ شۇنداق ، بىراق بۇنىڭ دەرىجىسى بويسۇنۇش ۋەئىنتىزامنىڭ ئۆزىنى چوقۇم زۆرۆر دەپ قارايدىغان دەرىجىدىن كۆپ تۆۋەن . بويسۇنۇش بولسا بىر كىشىنىڭ ئىرادىسىنى سىرتتىن كەلگەن قوماندانلىققا تاپشۇرۇش دېگەنلىك بولۇپ ، نوپۇز بىلەن قارىمۇ قارشى بىر نەرسە. بەزى ئالاھىدە ئەھۋاللاردا ، بۇ ئىككىلىسى كېرەك بولىدۇ . بوينى قاتتىق بالا ، نېرۋىسى ئادىشىپ قالغان ئادەم ۋەجىنايەتچىلەرگە نوپۇز بولمىسا بولمايدۇ ، شۇنداقلا مەجبۇرىي ھالدا بويسۇندۇرۇلۇشىمۇ مكىن . بىراق مۇشۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئۆزىنىڭ زۆرۆرىيەتكە ئايلىنىپ قىلىشى بىر بەختسىزلىك : ئەمەلىيەتتە كېرەك بولىدىغىنى چەكلەشنىڭ زۆرۆرىيىتى يوق نىشانلارنىڭئارىسىدىن ئەركىن تاللاش ئېلىپ بېرىش. مائارىپ ئىسلاھاتچىلىرى بۇ خىل ئېھتىماللىقنىڭ بىزنىڭ ئاتا بوۋىلىرىمىزنىڭ ۋاقتىدىكىگە قارىغاندا كۆپ زورئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.
1.jpg

بويسۇنۇشنى مەكتەپتىكى زۆرۆرىيەتكە ئايلاندۇرۇشنى خاتا ئىقتىسادشۇناسلىق تەلەپ قىلغان چوڭ سىنىپ ئوقۇتۇشى ۋە نورمىدىن ئارتۇق خىزمەت قىلىدىغانئوقۇتقۇچىلار كەلتۈرۈپ چىقارغان . ئوقۇتۇش تەجرىبىسى يوق ئاشۇ كىشىلەر ھەقىقىي جانلىق ئوقۇتۇشنىڭ قانچىلىك زېھنىي كۈچ تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ يېتەلمەيدۇ.ئۇلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت سائىتىنى بانكىدا ئىشلەيدىغانلارنىڭكى بىلەن ئوخشاش قىلسا بولىدۇ دەپ ئويلايدۇ . ئۇنىڭ ئاقىۋىتى بولسا زىيادە چارچاش ۋە ئاسان ھاياجانلىنىدىغان نېرۋا.

ئەگەر بىز مائارىپقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ ، ئۆسمۈرلەرنىڭ روھىي قىزغىنلىقىنى ساقلاپ قىلىشنى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش بىلەن ئوخشاش مۇھىم دەپ قارساق،ئۇنداقتا بىز مائارىپنى باشقىچە تۈردە ئىلىپ بېرىشىمىز كېرەك : ھازىرقىدىن نەچچەيۈز ھەسسە ئارتۇق خىراجەت كەتكەن تەقدىردىمۇ ، بىز مەقسەتكە يېتىشكە كاپالەتلىك قىلىشىمىز زۆرۆر. نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسبەتەن ، ئاز مىقداردا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش بىر خۇشاللىنارلىق ئىش ، شۇنداقلا يېڭىچە قىزغىنلىق ۋە روھىي ئۇرغۇنلۇق بىلەن بۇنى قىلالايدۇ ، بۇنىڭلىق بىلەن كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىساقلىنىپ ئىنتىزامنىڭ كېرىكى قالمايدۇ . ئاز ساندىكى ئۆگىنىشكە قىزىقمايدىغانبالىلارنى ئايرىپ چىقىپ  باشقىچە تەربىيلەش ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ.كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بىر ئوقۇتقۇچى بىر كۈندەقانچىلىك دەرس ئۆتەلىسە شۇنچىلىك ئۆتسەبولىدۇ ، بۇنداق بولغاندا خىزمەتتە خۇشال كەيپىياتنى ساقلىغىلى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭروھىي ئېھتىياجىنى ئىگەللىگىلى بولىدۇ .ئۇنىڭ نەتىجىسىدە ، شەكىللەنگىنى ئوقۇتقۇچى– ئوقۇغۇچى ئارىسىدىكى دۈشمەنلىك مۇناسىۋىتى ئەمەس ،  دوستلۇق مۇناسىۋىتى بولىدۇ ، كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار مائارىپنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغانلىقىنى ، ئۇنىڭ ھەرگىزمۇ پەقەتلا سىرتتىن كەلگەن سىڭدۈرۈش ئەمەسلىكىنى ، ئۆزىنىڭ ئويۇنلىرىغا دەخلى قىلمايدىغانلىقىنى شۇنداقلا سائەتلەپ جىم ئولتۇرغىلى سالمايدىغانلىقىنى  چۈشىنپ يېتىدۇ. بۇ نىشانغانىسبەتەن ، كېرەك بولىدىغىنى نۇرغۇن خىراجەت ، بۇ ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىنى تېخىمۇ كۆپ بىكار ۋاقىتقا ئېرىشتۈرۈپ ، ئوقۇتۇشنى چىن دىلىدىن سۆيىدىغان قىلغىلى بولىدۇ .

مەلۇم دەرىجىدىن ئېيتقاندا ، ئىنتىزام بىر يامان ئىش، ھازىرقى مەكتەپلەردەئەھۋال دەل مۇشۇنداق. بىر تۈرلۈك ئىنتىزام بارلىق ئۇتۇقلارنىڭ ھەممىسىگە نىسبەتەن دېگۈدەك زۆرۆر . بۇ خىل ئىنتىزامغا ئەنئەنىۋى ئۇسۇلنىڭ كۆرۈنۈشتىكى ئاددىي ئىنتىزاملىرىغا قارشى تۇرىدىغان كىشىلەر تېخى دېگۈدەك ئەھمىيەت بېرىپ بولالمىغان بولۇشى مۇمكىن . تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىدىغان بۇ خىل ئىنتىزام بىزنىڭ قەلبىمىزدىن كەلگەن، ئۇ ئاداققىي نىشاننى بوشاشماستىن قوغلىشىدىغان ئاشۇ كۈچ ئىچىدە بولىدۇ، ئۇنى قوغلىشىش جەريانىدا باشقا نۇرغۇن نەرسىلەردىن ۋاز كېچىشكەشۇنداقلا نۇرغۇن ئىشلاردا زىيان تارتىپ بۇرنىغا يېيىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ يەردە،شىجائەت باشقىلارنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇندۇرۇلىدۇ، بۈيۈك ئىجادىيەتنىڭ ئۇلۇغۋارغايىسى ھەرىكەتنى يېتەكلەيدۇ. ئەگەر بۇنداق ئىنتىزام بولمىسا، ئۇنداقتا ئەمەلگەئاشۇرىدىغان ھېچقانداق ھەقىقىي يۈكسەك ئىرادىمۇ بولمايدۇ، مەيلى بۇ ئىرادە ياخشى بولسۇن ياكى يامان بولسۇن، دائىما ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەيدىغان نىشانمۇ بولمايدۇ .بۇنداق ئىنتىزام تولمۇ زۆرۈر، بىراق بۇنداق ئىنتىزام ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا يەتكىلى بولمايدىغان نىشانغا بولغان كۈچلۈك ئىنتلىش تۈرتكىسىدە،  تەلىم-تەربىيەئاستىدىلا پەيدا بولالايدۇ، مائارىپ مۇشۇنداق نىشاننى يېتىلدۈرىدىغان بىر ئورگان بولغان ئەھۋالدىلا بۇ ئىشلار يۈز بېرىدۇ. بىراق ھازىرقى مائارىپنىڭ مەقسىتى بۇئەمەس. بۇ خىل ئىنتىزام بىر كىشىنىڭ ئىرادىسىدىن پەيدا بولىدۇكى، ھەرگىزمۇ سىرتقى نوپۇزدىن كەلمەيدۇ . ھازىرقى نۇرغۇن مەكتەپلەرنىڭ ئىزدەۋاتقىنى بۇنداق ئىنتىزام ئەمەس، ئەمما مەن قارىسام بۇ خىل ئىنتىزامنىڭ بولۇشى يامان ئىش ئەمەس.

گەرچە باشلانغۇچ مائارىپى پاسسىپ ھالدا بويسۇنۇش تەلەپ قىلىنىدىغان نامۇۋاپىق ئىنتىزاملارنى كۈچىنىڭ بارىچە رىغبەتلەندۈرسىمۇ، گەرچە ھازىرقى مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇزۇن مۇددەت بەرداشلىق بىرەلەيدىغان شۇنداقلائۆز-ئۆزىنى يېتەكلەيدىغان ئەخلاق پرىنسىپىنى ئىلھاملاندۇرمىسىمۇ، بىراق ساپ روھىي جەھەتتىكى ئىنتىزام ئەنئەنىۋى تەلىم-تەربىيەدىن كېلىپ چىقىدۇ. مەن دەۋاتقان بۇئىنتىزام بىرئادەمنىڭ زىھنىنى مەلۇم بىر ئىشقا مەركەزلەشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇئىش مەيلى ئۇنى بىئارام قىلسۇن ياكى ئۇنىڭ بېشىنى قاتۇرسۇن. گەرچە ئۇ ئىشنىڭ ئۆزىنىڭ قىممىتى بولمىسمۇ، بىراق بۇ خىل پەزىلەت مېڭىنىڭ قورال بولۇش سۈپىتىدىكى ئۈنۈمىنى كۆپ ئۆستۈرەلەيدۇ. دەل مۇشۇ پەزىلەت بولغانلىقتىن، بىر ئادۋوكات پاتېنت ھوقۇقىغا دائىر بىر دېلونىڭ بارلىق ئىنچىكە ھالقىلىرىنى تېپىپ چىقالايدۇ ، بىراق ھۆكۈم ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا ئۇلارنى پاك-پاكىز ئۇنتۇپ كېتىدۇ؛ ياكى ئۇ خىل پەزىلەت بىر مەمۇرنىڭ نۇرغۇنلىغان ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى تېز ھەم تەرتىپلىك ھالدا بىرتەرەپ قىلىشىغاياردەم بېرىدۇ؛ دەل مۇشۇ خىل پەزىلەت كىشىلەرنى خىزمەت ۋاقتىداشەخسىي ئىشلىرىنى ئۇنتۇيدىغان قىلىدۇ. مۇرەككەپلىككە تولغان بۇ جاھاندا ،دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدىغان ئاشۇ كىشىلەرگە نىسبەتەن بۇ خىل پەزىلەت كەم بولسا بولمايدۇ.

روھىي جەھەتتىكى ئىنتىزامنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش  بولسا ئەنئەنىۋى ئالىي مائارىپنىڭ ئاساسلىق تۆھپىسى. كىشىلەرنى بەلگىلەنگەن ۋەزىپىگە ئاكتىپ ھالدا نەزىرىنى ئاغدۇرۇشقا مەجبۇرلاش ياكى قايىل قىلىشتىن سىرت،يەنە باشقا ئۇسۇلنىڭ بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالىشىدىن مەن گۇمانلىنىمەن. ئاساسلىقى مۇشۇسەۋەپ تۈپەيلىدىن، مەن مېنتىسول خانىمنىڭ ئۇسۇلىنىڭ ئۆسمۈرلۈك يېشىدىن ھالقىپ كەتكەن كىشىلەرگە ماس كېلىدىغانلىقىدىن گۇمانلىنىمەن. ئۇنىڭ ئۇسۇلىنىڭ نىگىزى بولسا زور كۆپ ساندىكى بالىلار قىزىقىدىغان تاپشۇرۇقنى تاللاپ چىقىش، بۇ تاپشۇرۇقلارنىڭ ھەممىسىنىڭتەلىم-تەربىيە ئەھمىيىتى بار. بالىلارنىڭ دىققىتى پۈتۈنلەي ئۆزلۈكىدىن يىغىلىدىغانبولۇپ، خۇددى ئويۇن ئوينىغانغا ئوخشايدۇ؛ ئۇ مۇشۇخىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئېرىشكەن بىلىمنى ياقتۇرىدۇ، ھالبۇكى ئۇ ئۆزى ياقتۇرمىغان بىلىملەرگە ئېرىشەلمەيدۇ. مەن بۇنىڭ ئۆسمۈرلەرگە نىسبەتەن ئىنتايىن ياخشى بولغان تەربىيە ئۇسۇلى ئىكەنلىكىگە چوڭقۇر ئىشىنىمەن، ئەمەلىي ئۈنۈمىدىن قارىغاندىمۇ، باشقا ئۇسۇلنى ئويلاپ چىقىشمۇمكىن ئەمەستەكلا. بىراق، مەن بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئىرادىنى يىتەكلەش ئارقىلىق دىققەتنى كونترول قىلىشقا قانداق ئۆتىدىغانلىقىنى بىلمىدىم. جەزمەن تەپەككۇر قىلىش كېرەك بولغان نۇرغۇن ئىشلارنىڭ ئۇنچىۋالا قىزىققى يوق، دەسلەپتە قىزىق كۆرۈنگەن ئىشلارمۇ ئويلاپ تېگىگە يەتمەستىلا مەززىسى قالمايدۇ. ئۇزۇن مۇددەت مەركەزلەشتۈرۈلگەن دىققەت تولىمۇ مۇھىم، يەنە كېلىپ ، سىرتقى بېسىم بىلەن يېتەكلەش ئارقىلىق ئۇنى بىرخىل ئادەتكە ئايلاندۇرمىغاندا ، ئۇنىڭغا ئېرىشىش ئوڭاي ئەمەس. دەرۋەقە بەزى ئوغۇللارنىڭ ئەقىل-ئىدراكقا بولغان تەلىپى ئىنتايىن قىزغىن، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئالغائىنتىلىش روھىنىڭ ئەركىن ئىرادىسى بېشىغا كەلگەننى كۆرۈشكە تەييار تۇرىدۇ؛ بىراق باشقا كىشىلەرگە نىسبەتەن، ئەگەر ئۇلارنى بىرەرنەرسە ئۆگىنىۋالسۇن دېسەك، ئۇنداقتاسىرتتىن كەلگەن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئىنتايىن مۇھىم. مائارىپ ئىسلاھاتچىلىرىغايەت زور تىرىشچانلىقنى تەلەپ قىلىدىغان ئىشلاردىن قورقىدۇ، شۇنداقلا بۇجاھاندىكى كىشىلەرنىڭ ئاۋارىچىلىقنى خالايدىغان خاھىشى بارغانسىرى ئېغىرلاۋاتىدۇ.بۇ ئىككى خىل خاھىشنىڭ ياخشى تەرىپىمۇ، يامان تەرىپىمۇبار. بىر ئوغۇل بالىنىڭ ئەقىل - ئىدراك جەھەتتىكى قىزىقىشى ۋە غەيرەت-شىجائىتى تولۇقى بىلەن رىغبەتلەندۈرۈلگەن چاغدا، زىيانغا ئۇچرىغان روھىي ئىنتىزامنى پەند-نەسىھەت ئارقىلىق تولۇقلىۋالغىلى بولىدۇ، سىرتقى بېسىمنىڭ كېرىكى بولمايدۇ.بىر ياخشى ئوقۇتقۇچى روھىي جەھەتتە مۇۋەپپىقىيەت قازىنالايدىغان قابىلىيىتى بار بالا ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىپ بېرىشى كېرەك؛ نۇرغۇنلىغان باشقا كىشىلەرگە نىسبەتەن،ئەڭ ياخشى بولغىنى ھەرگىزمۇ ھازىرقى نوقۇل كىتابى بىلىملەر بولماسلىقى مۇمكىن. روھىي ئىنتىزامنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتسىلا ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى بىلىپ يېتىشكە ئىلھاملاندۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭغا يەتكىلى بولىدۇ. ئەگەر كىشىلەرئوقۇتقۇچىلاردىن ئۇلارنىڭ مۇشۇ يول بىلەن مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشنى كۈتمىسە،ئۇنداقتا ئۇئوقۇتقۇچىلار ئاسانلا سۆرەلمىلىك، گومۇشلۇق پاتقىقىغا پېتىپ كېتىدۇ ،ئۆزلىرى خاتالىق ئۆتكۈزسە دەردىنى ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئالىدۇ .
جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسى ئۆزگەرمەيلا تۇرىدىكەن، ئىقتىسادىي رىقابەتنىڭ رەھىمسىزلىكى مەكتەپتىمۇ ئۆگىتىلمەي قالمايدۇ. بولۇپمۇ بۇ خىل ئەھۋال ئوتتۇرھال بۇرژۇئازىيە مەكتەپلىرىدە كۆپ ئۇچرايدۇ، چۈنكى ئۇ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى سانى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان باھاسىغا باغلىق بولىدۇ، شۇڭلاشقا بۇمەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مۇۋەپپىقىيىتىنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىشنى كۆزلەيدۇ. بۇ نۇرغۇنلىغان يوللارنىڭ بىرى، بۇ يوللارنىڭ ئىچىدە دۆلەتنىڭ رىقابەت تەشكىلاتنىڭ زېيىنى چوڭ. پايدا-مەنپەئەتىنى كۆزلىمىگەن ھالدابىلىمگە ئۆزلۈكىدىن ئىنتىلىش ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا يوق ئەمەس، يوشۇرۇن غايىسى بارنۇرغۇن كىشىلەر ئارىسىدا بۇنى ئاسانلا بايقىغىلى بولىدۇ. بىراق بىلىمگەبولغان بۇخىل ئىنتىلىش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ رەھىمسىزلەرچە توسقۇنلۇقىغا ئۇچرايدۇ،ئۇلارنىڭ ئويلايدىغىنى ئىمتىھان، دىپلوم ۋە ئۇنۋان. ئىقتىدارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرقىلىدىغان شۇنداقلا ئەقىل-پاراسەت دۇنياسىغا چوڭقۇرلاپ چۆكىدىغانغا ۋاقىتى يوق،ئوقۇشقا كېرگەندىن تارتىپ ئوقۇشى پۈتكۈچە بۇنداق ۋاقىت يوق. باشتىن –ئاياغقىچەئۈزۈلمەس ئىمتىھاننىڭ ئالدىراشچىلىقى ۋە دەرسلىك كىتابتا سۆزلەنگەن ئىشلاردىن باشقا ھېچنېمە يوق. ئاخىرىغا كەلگەندە، ئەڭ مۇنەۋەر ئوقۇغۇچى ئۆگىنىشتىن يېرگىنىدۇ، ئۆگەنگەنلىرىنى تېزدىن ئۇنتۇپ كېتىپ  تۇرمۇشنىڭ ئەمەلىيىتىگەئاتلىنىشنىلا ئۈمىد قىلىدۇ، بىراق ئۇ يەردىمۇ  بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا  ئىقتىسادنىڭ ماشىنىلىرى ئۇلارنى ئۆز چاڭگىلىغا ئالىدۇ، شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ ئۆزلىكىدىن شەكىللەنگەن بارلىق غايە ، ئارزۇ-ئارمانلىرى زىيانغائۇچراپ سۇغا چىلىشىدۇ.
3.jpg

ئىمتىھان تۈزۈمى ۋە مائارىپ ئاساسلىقى جان بىقىشنى ئۆگىتىدىغان بىرمەشىق دەپ قارىلىدىغان بۇ ئەمەلىيەت، ياش ئۆسمۈرلەردە بىلىمنى نوقۇل پايدا-مەنپەئەت نۇقتىسىدىلا تۇرۇپ باھالايدىغان بىر خىل كۆز قاراشنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئۇلاربىلىمنى پۇل تېپىشنىڭ ۋاستىسى دەپلا قارايدۇكى، ھەرگىزمۇئۇنى ئەقىل-پاراسەتكەئېچىلغان ئىشىك دەپ قارىمايدۇ. ئەگەر بۇ ھەقىقىي ئەقىل-پاراسەتكە ئانچە قىزىقمايدىغان ئوقۇغۇچىلارغىلا تەسىر كۆرسەتكەن بولسا ئىدى،ئۇنچىۋالا مۇھىممۇ بولمىغان بولاتتى. بىراق ئەپسۇسلىنارلىقى، بۇ خىل مائارىپ تۈزۈلمىسى ھەقىقىي ئەقىل-پاراسەتكە ئەڭ قىزىقىدىغان ئاشۇ كىشىلەرگە چوڭقۇر تەسىر قىلدى، چۈنكى ئىمتىھاننىڭ بېسىمى ئۇلاردا ئەڭ ئېغىر. مائارىپ كىشىلەرنىڭ باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشۈشىدىكى بىر خىل ئۇسۇل بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇلارغا ئەڭ زورتەسىر كۆرسەتتى،باشقىلارغىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتتى، چۈنكى جەمئىيەتتىكى تەڭسىزلىكنىڭ رەھىمسىزلىكى ۋە ئۇنىڭ مۇبالىغىلەشتۈرىۋىتىلگەنلىكى سەۋەبلىك، ئۇ خىل ئىدىيە كەڭ تارقالدى . ھەر قانداق ئەركىن، پايدا-مەنپەئەتنى كۆزلىمىگەن تەپەككۇر شۇنى كۆرسەتتىكى، خىيالىي جەمئىيەتتە مەيلى يەنە قانداق تەڭسىزلىكلەر بولسۇن، ئەمەلىي جەمئىيەتتىكى تەڭسىزلىكنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ھەققانىيەتنىڭ پرىسىپىغا خىلاپ. بىراق بىزنىڭ مائارىپ سىستېمىمىز مەغلۇب بولغاننى ئاز دەپ، يەنە تېخى بۇنى يوشۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ، چۈنكى ئۇتۇق قازانغان ئاشۇ كىشىلەر تەڭسىز يوللار ئارقىلىق پايدامەنپەئەت يولىغا ئاللىقاچان ماڭدى، ھالبۇكى، ئۇلار دەل ئىلگىرى ئۆزلىرىنى تەربىيلىگەن ئۇستازلىرىدىن تەلىملەرنى ئېلىشقان .

نۇرغۇن بالىلارغا نىسبەتەن ، ئوقۇتقۇچىسى ئۆگەتكەننى پاسسىپ ھالدا قوبۇل قىلىش تولىمۇ ئاسان. بۇنداق قىلىش مۇستەقىل تەپەككۇرنىڭ تىرىشچانلىقىنى تەلەپ قىلمايدۇ، يەنە كىلىپ ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلىدىغىنى ئوقۇغۇچىدىن جىق بولغانلىقتىن، بۇمۇئەقىلگە ئۇيغۇندەك قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇنداق قىلغاندا ئوقۇتقۇچىنىڭ ماختىشىغاسازاۋەر بولغىلى بولىدۇ، ئوقۇتقۇچىسى باشقىلارغا ئوخشىماس بىر كىشى بولسائۇ باشقا گەپ. ۋاھالەنكى، پاسسىپ ئۆگىنىش ئادىتى كېيىنكى تۇرمۇشقا نىسبەتەن بىرئاپەت. بۇنىڭغا ئادەتلەنگەن كىشىلەر ھە دېسىلا ئۆزىگە بىر داھىي ئىزدەيدۇ،شۇنداقلا ئاللىقاچان ھاكىمىيەتنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ بولغان ھۆكۈمدارنى ئۆزىنىڭ داھىيىسى دەپ تونۇيدۇ. بۇنداق قىلىش چېركاۋ، ھۆكۈمەت، پارتىيە ئورگان ياكى باشقاتەشكىلاتلارنىڭ ھوقۇقىنى شەكىللەندۈرىدۇ، مانا بۇ كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ دۆلەتكەۋە ئۆزلىرىگە زىيانلىق بولغان كونا تۈزۈمنى قوللىشىغا سەۋەب بولىدۇ. مائارىپ پۈتۈنكۈچىنى چىقىرىپ قوللىغان تەقدىردىمۇ، مۇستەقىل تەپەككۇر ئۇنچىۋالا كۆپشەكىللەنمەسلىكى مۇمكىن، بىراق جەزمەن ھازىرقىدىن كۆپرەك بولىدۇ. ئەگەر مەقسەت ئوقۇغۇچىلارغا مەلۇم يەكۈننى تېڭىش ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى تەپەككۇر قىلدۇرۇش بولسا،ئۇنداقتا مائارىپنىڭ ئىجرا قىلىنىشى تۈپتىن ئۆزگىرىدۇ: تېز سۈرئەتلىك ئوقۇتۇش ئازلايدۇ، مۇھاكىمە كۆپىيىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز پىكىرىنى بايان قىلىدىغان پۇرسىتى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ، ئوقۇتۇشنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىغا ماسلىشىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپلىگەن سىناقلار ئېلىپ بېرىلىدۇ .

ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىي تەۋەكۈلچىلىككە بولغان قىزىقىشىنى يېتەكلەش ۋە ئويغىتىش. بىز ياشاۋاتقان دۇنيا كۆپ خىللىققا تولغان ھەم كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدىغان بىر دۇنيا: قارىماققا ئادەتتىكىدەك كۆرۈنگەن بەزى نەرسىلەرنى تەپەككۇر قىلغانسىرى مۇرەككەپلىشىدۇ؛ كىشىلەر تەرىپىدىن بايقاش مۇمكىن ئەمەس دەپ قارالغان بەزى نەرسىلەرنى يەنىلا تالانت ۋە تىرىشچانلىق بايقايدۇ. تەپەككۇرنىڭ قۇدرىتى، ئۇ ئىگە بولغان كەڭ ساھە شۇنداقلا ئۇ غۇۋا تەسەۋۇر قىلىپ يەتكەن تېخىمۇكەڭرى ساھە ... مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى روھىي دۇنياسى كۈندىلىك ئىشلاردىن ھالقىپ كەتكەن ئاشۇ ئادەملەرگە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە مول بايلىقلارنى ئاتاقىلىدۇ، ئۇلارنى كۈندىلىك ھاياتنىڭ ئۇشاق چۈششەك ئىشلىرى ۋەبىزارلىقىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ. شۇڭلاشقا ، ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ھاياتى قىزىقىشقا تولغان بولۇپ ،چاكىنىلىقنىڭ تۈرمىسى پاچاقلانغان. دەل مانا مۇشۇنداق تەۋەككۈلچىلىك روھى كىشىلەرنى جەنۇبى قۇتۇبقا ئاپاردى، دەل مۇشۇ كۈچكە بولغان ئىشەنچ تۈپەيلىدىن كىشىلەر جەڭگە قۇچاق ئاچتى. بۇ كىشىلەر ئىجادكار روھنىڭ ئىچىدە بىر يول تاپالايدۇ،بۇيول ئىسراپخورمۇ ئەمەس ، رەھىمسىزمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇ ئىنسان روھىنىڭ نامەلۇم دۇنيادىن ئېرىشكەن شان-شەرىپى بىلەن ھاياتلىقنى يۇغۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە غۇرۇرىنى كۈچەيتىدۇ. بۇ خىل خۇشاللىقىنى مۇشۇنداق قابىلىيىتى بار كىشىلەرگە ئازدۇر-كۆپتۇر ئاتا قىلىش بولسا مائارىپنىڭ ئاداققى نىشانى .

كىشىلەر روھىي تەۋەككۈلچىلىكنىڭ خۇشاللىقى چوقۇم ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ،ئۇنى بىلىدىغان ئادەم ساناقلىقلا، ئادەتتىكى مائارىپ بۇنداق ئىسىلزادىلەرچە تەربىيىنى بىرەلمەيدۇ دېيىشى مۇمكىن. مەن بۇنىڭغا ئىشەنمەيمەن. روھىي تەۋەككۈلچىلىكنىڭ خۇشاللىقى ياشلاردا چوڭلارغا قارىغاندا كۆپرەك ئۇچرايدۇ، بالىلاردا بولسا تېخىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ . بالىلار خىيالىي دۇنيا ۋە تەسەۋۇر ئىچىدە تەبىئىي ئۆسۈپ يېتىلىدۇ،كېيىنگە كەلگەنسىرى بۇنداق مۇستەقىل تەپەككۇرنىڭ ئازلاپ كېتىشنىڭ سەۋەبى شۇكى،مائارىپنىڭ قىلغان بارلىق ئىشى ئۇنى يوق قىلىش بولدى. چوڭلار تەپەككۇر-ئىدىيەدىن قورقۇپ خۇددى ئۇنى جاھاندىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق نەرسىدەك قىلىپ كېتىدۇ، ئۇنى ۋەيران بولۇشتىنمۇ، ھەتتا ئۆلۈمدىنمۇ قورقۇنچلۇق دەپ قارايدۇ. ئەركىن ئىدىيە ئاغدۇرمىچى،ئىنقىلابچى، بۇزغۇنچى شۇنداقلا قورقۇنچلۇق؛ ئەركىن ئىدىيە ھوقۇق، بېكىتىلگەن تۈزۈم شۇنداقلا راھەتلىك ئادەت دېگەنلەرگە قەتئىي يۈز خاتىرە قىلمايدۇ؛ ئەركىن ئىدىيەنىڭ ھۆكۈمىتى يوق، قانۇنى يوق، ئۇنىڭ نوپۇز بىلەن كارى يوق، ئەلمىساقتىن قىپقالغان تەجرىبىدىن ئۆتكەن پاراسەتلەر بىلەن كارى يوق؛ ئەركىن ئىدىيە ھەتتا دوزاخنىڭ زۇلمىتىنى كۆرسىمۇ قورقۇپ قالمايدۇ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئاجىز بىر چۈپرەندەئىكەنلىكىنى، تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان چەكسىز جىمجىتلىق تەرىپىدىن قورشالغانلىقىنى، بىراق ئۇلارنىڭنىڭ يەنىلا ھاكاۋۇر، ئۆزىنى بىلمەس ئىكەنلىكىنى،ئۆزىنى پۈتكۈل كائىناتنىڭ ئىگىسىدەك قىلىپ كېتىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. تەپەككۇرئۇلۇغ، ئۆتكۈر، ئەركىن بولۇپ، ئۇ كائىناتنىڭ نۇرى، ئىنسانلارنىڭ غورۇرى ۋە شان-شەرىپى، ئىززەت-ھۆرمىتى.

    بىراق ، ئەگەر ئىدىيە ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭ ئىمتىيازى بولماي، نۇرغۇن كۆپسانلىق كىشىلەر تەرىپىدىنمۇ ئىگىلەنسە، بىز چوقۇم قورقۇنچقا چۈشىمىز. بىزئۆزىمىز ئەتىۋارلىغان ئېتىقادنىڭ يالغان بولۇپ چىقىشىدىن، تايانغان تۈزۈمىمىزنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتلىنىپ چىقىشىدىن، ئۆزىمىز ئېرىشىشىنى خالايدىغان نەرسىگەئېرىشسەك بولمايدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتلىنىپ چىقىشىدىن قورقىمىز. قورقۇنچ ئىنسانلارنى چىكىندۈرىدۇ . «ئىشچىلار ئەركىن ھالدا مال-مۈلۈككە ئېرىشىشنى ئويلىسابولامدۇ ؟ ئۇنداقتا بىز پۇلدارلار نېمىگەئايلىنىپ قالىمىز ؟ ئوغۇل-قىزلار ئەركىن ھالدا ئىشقىي-مۇھەببەت مەسىلىلىرىنى تەپەككۇر قىلسا قانداق بولىدۇ ؟ ئۇنداقتا ئەخلاق نېمىگە ئايلىنىپ قالىدۇ؟ جەڭچى ئەركىن ھالدا ئۇرۇش توغرىسىدا تەپەككۇر قىلالامدۇ؟ ئۇنداقتا ھەربىي ئىنتىزام نېمىگە ئايلىنىپ قالىدۇ ؟ يوقال، تەپەككۇر،يوقال كۆزۈمدىن ! دەرھال ئۆلۈك دوگمىلارنىڭ قوينىغا كېرىۋال –دە، مال-مۈلۈك،ئەخلاق ۋە ئۇرۇشقا زىيان سالما! ئۇلارنى ئەركىن تەپەككۇر قىلىشقا يول قويغۇچە،نادانلىق، ھۇرۇنلۇق ۋە بۇرۇقتۇرمىلىقتا قالدۇرغان تۈزۈك. چۈنكى ئەگەر ئۇلارنىڭ تەپەككۇرى ئەركىنلىككە چىقسا، ئۇنداقتا ئۇلار باشقىچە ئويلارنى ئويلىشى مۇمكىن.شۇڭلاشقا ، مەيلى قانچىلىك بەدەل تۆلىنىشتىن قەتئىينەزەر بۇ ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش زۆرۈر» تەپەككۇرنىڭ دۈشمەنلىرى روھىنىڭ ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان قاراڭغۇ چوڭقۇرلۇقلىرىدا مانا مۇشۇگەپلەرنى دەيدۇ! شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ چېركاۋلىرى،مەكتەپلىرى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلىرى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ .

قورقۇنچتىن پەيدابولغان ھەر قانداق تۈزۈم ھاياتلىقنى ياخشىلىمايدۇ.ئىنسانلارنىڭ ئىجادكارلىق پرىنسىپى قورقۇنچ ئەمەس بەلكى ئۈمىد. ئىنسانلارنى ئۇلۇغ قىلىدىغان بارچە نەرسىلەر ساپ گۈزەللىككە بولغان  چەكسىز ئىنتىلىشنىڭ ئۇرۇنۇشى ئارقىسىدامەيدانغا كەلگەن، ھەرگىزمۇ رەزىل دەپ قارالغان نەرسىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ۋە ئۆچمەنلىك جەريانىدىكى كۈرەش داۋامىدا بارلىققا كەلمىگەن. ھازىرقى زامان مائارىپىدا يۈكسەك غايىنىڭ جاسارىتى كەمچىل بولغانلىقتىن، ئۇلۇغ ئۇتۇقلارغا ئاساسەن ئېرىشەلمەيدۇ. ياشلارنىڭ مائارىپىنى ئالقىنىدا ئوينىتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا تولۇپ كەتكىنى پارلاق كەلگۈسى يارىتىشقا بولغان ئىشەنچ بولماستىن، مۇستەبىت كونا تۈزۈمنى ساقلاپ قىلىشقا بولغان ئۈمىد. مائارىپ ئۆلۈك نەرسىلەرنى چۈشەندۈرۈشنى ئەمەس، بەلكى تىرىشچانلىق بىلەن يېڭى دۇنيا يارىتدىغان ھاياتى كۈچكەيۈزلىنىشنى ئۆزىنىڭ نىشانى قىلىشى كېرەك. ئۇ نىشان رىغبەتلەندۈرۈلۈشى، جەمئىيەتنىڭ پارلاق كېلەچىكىگە ئايلىنىشى، تەپەككۇرنىڭ كەلگۈسىدىكى غەلىبىسى بولۇشى ۋەئىنسانلارنىڭ كائىناتنى كۆزىتىشتىكى بارغانسىرى كېڭىيىۋاتقان نەزەر دائىرسىگەئايلىنىشى كېرەك. بىز ئەپسۇسلىنىش ھېسياتى بىلەن ئاللىقاچان يوقالغان قەدىمكى يۇنان مەدەنىيىتىنى ۋە قايتا گۈللىنىش زامانىسىدىكى ئاجايىباتلارنى ئەمدى قوغلىشىۋەرسەك بولمايدۇ. باشقىچە روھ بىلەن تەربىيەلەنگەن ئاشۇ كىشىلەر، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تاشقان ھالدا، ئۈمىد ۋە شادىمانلىق ئىلكىدە، ئۆز تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە تېخىمۇ نۇرلۇق بولغان پارلاق كەلگۈسىنى يارىتىدۇ، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ تىرىشچانلىقلىرى قولغاكەلتۈرگەن شان شەرەپلەرگە چىن كۆڭلىدىن ئەقىدەباغلايدۇ.

تەرجىمە قىلغۇچى: مەمتىمىن ئوبۇل

2014-يىلى4-ئايداتەرجىمە قىلىندى، 2015-يىلى 12-ئايدا تۈزىتىلدى.


ئىزاھات:

[1]بۇ ماقالەبېتراندرۇسسېلنىڭ 2007-يىلى 2-ئايدا نەشىر قىلىنغان «ھۆرلۈك توغرىسىدا» دېگەن كىتابىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى.
[2]بۇماقالىنىڭ ئاپتورى بېتراند رۇسسېل ئەنگىلىيىنىڭ 20-ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر ماتېماتىكى،پەيلاسوپى شۇنداقلا جەمئىيەت پائالىيەتچىسى. 1950-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ۋەكىللىك ئەسەلىرىدىن «غەرب پەلسەپە تارىخى»، «غەربنىڭ پاراسىتى»، «پەلسەپەمنىڭ تەرەققىياتى» ، «بەخت يولى»،  «ھۆرلۈك يولى»، «پەلسەپىنىڭ مەسىلىلىرى»،  «ماتېماتىكا پرىنسىپى»،  «لېيبنىز پەلسەپىسگەتەنقىدىي چۈشەنچە» دېگەن كىتابلىرى بار .
uyghuray

21

تېما

44

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   26.66%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 2032
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 47
تۆھپە : 6182
توردىكى ۋاقتى: 2535
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-29 19:58:15 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-29 20:07  

( بىلىشىمچە فرانسىيەدىكى مەكتەپلەردە «خۇدا» دېگەن سۆزنى تىلغا ئېلىشقا يول قويۇلمايدۇ ). بۇ مىساللاردا ئىشنىڭ ئاقىۋىتى ئوپمۇ-ئوخشاش:ئەركىن سوئال قويۇش توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ، بۇ دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم بەزى مەسىلىلەرگە قارىتا، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۇچراتقىنى ياكى قارىسىغا چىقىرىلغان ھۆكۈم، ياكى رەھىمسىز سۈكۈت بولىدۇ.
سۇئال-جاۋاپلېرى ئۆزىدىلا باركەن...
ئادەمنى يەڭگىلتەكلىك بىلەن ئىشىنىشكەزورلايدىغان مائارىپ ئۇزۇن ئۆتمەي روھنى چىرىتىدۇ ؛ ھاياتىي كۈچكە تولغان ئەركىن سوئال قويۇشنى ساقلاپ قالغاندىلا ئاندىن ئالغا بېسىشقا كېرەك بولىدىغان ئەقەللىي چەككە يەتكىلى بولىدۇ.

قاتتىق ھاياجان بىلەن ھەددىدىن زىيادە ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئۇقۇتقۇچىلار مەن قانچىلىك بىلىمدار؟ جان باقتىمۇ يا ئۇقۇتقۇچىمۇ؟ ئۇقۇغۇچىلېرىمنىڭ قانچە پىرسەنتى ياراملىق بۇپ چىقالايدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن نىمىلەرنى ئۈگىنىشىم كېرەك؟ دىگەنلەرنى ئويلىشى كېرەك. چۇنكى ئوخشاش بىر رايوندا 10 يىل ئۇقۇتقۇچىلىق قىلغان ئۇقۇتقۇچىنىڭ تەپەككۈرى يەنە بىر تۇلۇقسىز ئۇقۇغۇچىسىنىڭ تەپەككۈرىدىن ئاجىز بۇپ چىقىدىغان ئىشلار رىئاللىقتا مەۋجۈت...

قانداق ئورۇنلاردا ئىشلەپ قىلىش بولسا ئۇقۇغۇچى نىمە كەسىپتە ئۇقۇسۇن ئاتا-ئانىسىنىڭ مۇناسىۋەت دائىرىسى ئۇقۇغۇچىنىڭ خىزمەتكە چۈشىدىغان ئورنىنى بەلگىلەپ كەلگەن ، يەنى مەن كۆپرەك ئاپتۇنۇمدىكى باشلىقلار بىلەن ئىزدەشسەم بالام قانون ياكى باشقا بىر كەسىپنى پۈتتۈرگەن بولسا ئۇنى ئىشقا ئىلىشنى شۇ مۇناسىۋەتداشلېرىمغا زورلايمەن....
  يېزىدا بولسامچۇ؟ ئۇ چاغدا مۇناسىۋات چەمبىرىكىمدىكى ساقچى ياكى قانون مۇلازىمەت ئۇرنى ۋە ياكى ئۇقۇتقۇچى دىگەندەك...

1

تېما

2

دوست

1104

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   10.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  46447
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 314
توردىكى ۋاقتى: 27
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-20
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-29 22:22:00 |ئايرىم كۆرۈش
سامىرۇي ئۆزنىڭ قىنى  ياكى جىسمانى كۇچى ئارقىلىق رۇياپقا چىققۇسى
ئۇيغۇر ياشلىرمىزىغا مەيىلى ئائىلىدە ۋە مەيىلى جەمىيەتتە بۇلسۇن   سامىرۇيىچە رۇھىنى يەنى قەتىئى تىز پۇكمەسلىكىنى ئىيتىمەن...!
تاللاش .باشلاش ... خۇدىدى پەرىۋەنىدەك بۇلغانىدىلا يەتكۇلى بۇلمايىدىغان مەنىزىل يۇقتۇر ...

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

13

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   38.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1963
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 6209
توردىكى ۋاقتى: 1646
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-26
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-29 22:38:43 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازما ماڭا يارىدى.قېرىندىشىم سىزگە رەھمەت.
uyghuray

2

تېما

3

دوست

5859

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   17.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  38188
يازما سانى: 722
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1696
توردىكى ۋاقتى: 113
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-29 22:45:01 |ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت

12

تېما

2

دوست

5152

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   3.04%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34133
يازما سانى: 293
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 32
تۆھپە : 1614
توردىكى ۋاقتى: 424
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-25
6#
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-30 01:33:00 |ئايرىم كۆرۈش
يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، دۆلەت مائارىپى ھۆكۈمران تەبىقىنىڭ  سىياسى كۈچ يېتۈشتۈرىدىغان ئارقاسەپ بازىسىدۇر. قېرى پەيلاسوپ گەپنى بەك تەكرارلاپ كېتىپتۇ. بولۇپمۇ دېموكراتىيە يولغا قويۇلمايدىغان،  دىكتاتور دۆلەتلەردە، چوڭ ئەمەلدارلار ئۆزلىرى خالىغاندەك مائارىپ سىستېمى تۈزۈپ، پۈتۈن دۆلەت خەلقىنىڭ تەپەككۇرىگە ئەندىزە كېسىپ بېرىدۇ. بۇ ئەندىزە ئۆسمۈر بالىلاردىن باشلاپ تەدبىقلىنىدۇ. مانا بۇ دۆلەت مائارىپىنىڭ ماھىيىتى.

6

تېما

0

دوست

2813

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   27.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8691
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 206
تۆھپە : 749
توردىكى ۋاقتى: 169
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-15
7#
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-30 21:05:10 |ئايرىم كۆرۈش
روسېلنىڭ مائارىپ ئىدىيەسىدە نۇرغۇن يېڭى ئىدىيەلەر بارئىكەن بۇلۇپمۇ مائارىپ مەقسىتى،تەلىم-تەربىيە ئۇسسۇلى جەھەتلەردە ھەقىقەتەنمۇ بىزدىكى قاتمال مائارىپ ئىدىيسىگە زىت كىلدىغان ئېسىل ئىدىلەر بارئىكەن. مۇمكىن بولسا ئۇنىڭ كىتابى ئانا تىلمىزدا نەشىر قىلىنسا ،ئۇنىڭ ئىدىيسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش ئىمكانىيتىگە ئىگە بولساق ياخشى بۇلاتتى. ئۆتكەندە  بىر ئامېرىكىق (ئىسمى يادىمدا قالماپتۇ)نىڭ«دېمۇگىراتتىيە ۋە مائارىپ»دېگەن ئەسىرى ئانا تىلمىزدا نەشىر قىلىنغان ئىدى.

0

تېما

0

دوست

648

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   29.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35725
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 200
توردىكى ۋاقتى: 38
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-25
8#
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-31 00:50:46 |ئايرىم كۆرۈش
دۇنيادا ھەممىدىن بەك ئىشەنگىلى بولمايدىغىنى پەيلوسوپ، مۇتۇپەككۇر، تەتقىقاتچى دىگەنلەركەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ دىگىنىنىڭ بىرسىمۇ ئەمىلىيەتكە ماس كەلمەيدىكەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )